جوڭگو  2020 – يىللىرى

قەغەز يولۋاس

كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەر جوڭگونى مەركەز قىلغان ھالدا باشلىنىشى كېرەك. چۈنكى دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى جوڭگودا ياشايدۇ ۋە جوڭگو كەلگۈسىنىڭ دۇنياۋى كۈچى بولىدۇ دەپ قارالماقتا ۋە بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. كېيىنكى ئوتتۇز يىلدا جوڭگو ئىقتىسادى ناھايىتى چوڭايدى ۋە خەلقئارادا مۇھىم بىر كۈچكە ئايلاندى. لېكىن، بۇ ئوتتۇز يىلدىكى ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئەبەدىي بۇ شەكىلدە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. يەنى جوڭگونىڭ بۇ تەرەققىيات نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلەيدۇ ۋە تەرەققىيات
نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىشىگە ئەگىشىپ دۆلەت ئىچىدە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. مەن جوڭگونىڭ كەلگۈسىدە چوڭ بىر دۇنياۋى كۈچ بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى كۆز قاراشقا قوشۇلمايمەن. بەلكىم، جوڭگو ئۆز پۈتۈنلىكىنى يوقۇتۇپ قويىشى مۇمكىن. « ئالدى بىلەن جوڭگونى مۇنازىرە قىلماي تۇرۇپ كەلگۈسى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارالمايمىز » دېگەن قاراشقىمۇ قوشۇلمايمەن.

جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتىن جوڭگو ئاكتىپ بىر چاك نوقتىسى بولىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس. بۇ رايوندا توقۇنۇش يۈز بەرسە، جوڭگو ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ بولۇشتىن زىيادە، ئۇنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلانغان باشقا كۈچلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. جوڭگو ئىقتىسادى سىرتتىن كۆرۈنگەندەك ئۇنداق كۈچلۈك ئەمەس. يۇقىرى نىسبەتتە تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادقا بېقىنغان سىياسىي مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ ئاجىز. شۇنداقتىمۇ جوڭگو باشقىلارنىڭ نەزىرىدە يەنىلا مۇھىم بىر دۆلەت ۋە يېقىن كېلەچەكتە دۇنياۋى رەقىبكە ئايلىنىدۇ. بىز بۇ يەردە يەنە جۇغراپىيۋى سىياسەتنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ تۇرۇپ ئانالىز قىلىشقا باشلايمىز.

جوڭگو بىر قۇرۇقلۇق مەملىكىتى بولۇپ، ئەتراپىدا دېڭىزلار يوق. ئۆتۈش ناھايىتى قېيىن بولغان، ناھايىتى كەڭ ۋە ئۇنى دۇنيانىڭ قالغان قىسمىدىن ئايرىپ تۇرغان تەبىئىي توساقلار بىلەن قورشالغان.

جوڭگونىڭ شىمالىدا ياشاش شارائىت قېيىن، نوپۇسى ناھايىتى ئاز ۋە ئۆتۈش قېيىن بولغان زېمىنلارغا ئىگە، يەنى  سىبىرىيە ۋە مۇڭغۇلىيە بار؛ غەربىي جەنۇپتا ئۆتكىلى بولمايدىغان ھىمالايا تاغلىرى بار. جەنۇب تەرپىدە بىرما، لائوس ۋە ۋېتنام چىگرىلىرى ( ئۆتۈش قېيىن بولغان تاغلار ۋە ئورمانلار)، شەرقتە ئوكيان بار. جوڭگونىڭ غەربىدىكى قازاقىستان تۇپراقلىرى يۈرۈش قىلىشقا ئوچۇق بولسىمۇ، ئۇ يەردىن ئۆتۈشمۇ ئاسان ئەمەس.

جوڭگو نوپۇسىنىڭ ئاساسىي قىسمى دېڭىز قىرغاقلىرىدىن مىڭ مىل يىراقلىقتىكى ئىچكى قىسىملارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ شەرقتىكى ئۈچتە بىر قىسمىدا ياشايدۇ ۋە پۈتۈن زېمىننىڭ ئۈچتە ئىككى قىسمىدا نوپۇس ناھايىتى شالاڭ.

جوڭگو، 12 – ئەسىردە موڭغۇللار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بولۇپ، تارىخىدا پەقەت بىر قېتىم ھازىرقى چىگرالىرىدىن ھالقىپ ئۆتەلىگەن. جوڭگو تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ تاجاۋۇزچى ئەمەس ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئانچە يېقىن ئۆتمەيدۇ. جوڭگو يېقىن زامانغىچە چەتئەل بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن تىجارەتكە ئەھمىيەت بەرمىگەنىدى. خەلقئارا تىجارەتتە ئوتتۇرا ئاسيادا يىپەك يولىغا ئوخشاش قۇرۇقلۇق يوللىرى ۋە ئۆزىنىڭ شەرقتىكى پرىستانلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. ياۋروپالىقلار 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دۇنيادىن ئايرىلىپ بېكىك ھالەتتىكى بىر جوڭگو بىلەن تونۇشتى. جوڭگودا بىرلىك بار، لېكىن خەلق ناھايىتى كەمبەغەل ئىدى. ياۋروپالىقلار جوڭگوغا كىردى ۋە دېڭىز بويىدىكى جايلىرىنى خەلقئارا تىجارەتكە ئېچىشقا مەجبۇرلىدى. شۇنىڭ بىلەن دېڭىز بويىدىكى جايلىرى تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى، باي بولدى. لېكىن، دېڭىز بويىدىن يىراق جايلىرىدا كەمبەغەللىك داۋام قىلدى. بۇ تەڭسىزلىك مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ دېڭىز بويىغا جايلاشقان رايونلاردىكى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇردى ۋە باشباشتاقلىق ۋەزىيىتى شەكىللىنىشكە باشلىدى.  دېڭىز بويىدىكى رايونلار ياۋروپالىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى.

باشباشتاقلىق ۋەزىيىتى 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 1949 – يىلى كوممۇنىزم ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگىچە داۋام قىلدى. ماۋ شاڭخەيگە ئوخشاش دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردە ئىنقىلاب قوزغاشقا ئۇرۇندى، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماي، ئىچكى رايونلارغا بېرىپ كەمبەغەللەردىن تەشكىل قىلىنغان بىر ئارمىيە بەرپا قىلدى ۋە ئىچكى ئۇرۇش ئارقىلىق دېڭىز بويىدىكى رايونلارنى كونتىرول قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن جوڭگونى ياۋروپالىقلار بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتۇردى ( چەتئەل بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزدى ). جوڭگو 1949 – يىلدىن ماۋنىڭ ئۆلىمىگىچە بىرلىك ئىچىدە، كۈچلۈك بىر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلدى، لېكىن بېكىنمىچىلىك ۋە كەمبەغەللىكتىن قۇتۇلالمىدى.