مائىدە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى 2

ئىلاھىي چەك – چېگرالار بەلگىلەنگەن ۋە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپلار بايان قىلىنغان بىرىنچى بۆلەكتىن كېيىن، بايان يەھۇدىيلىشىش ۋە خىرىستىيانلىشىش خەۋىپىگە يۆتكىلىپ، بەنى ئىسرائىل تارىخىدىن بىر قاتار يەھۇدىيلىشىش ئۆرنىكى بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسەۋى مۇئمىنلەرنىڭ خىرىستىيانلىشىش جەريانىنىڭ مەنتىقىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن داۋالىرىمۇ بايان قىلىنىدۇ. 12 – ئايەتتىن باشلانغان تېما 34 – ئايەتكىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ نوقتىدا بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋە ئىنسان ھاياتىنىڭ مۇقەددەسلىكىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى بولغان بۇ پرىنسىپنىڭ، ھەر دەۋرنىڭ مۇئمىنلىرى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە بىر تەلىمات ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكى بايانلاردىن مەلۇم بولماقتا:

مِنْ أَجْلِ ذَلِكَ كَتَبْنَا عَلَى بَنِي إِسْرَائِيلَ أَنَّهُ مَنْ قَتَلَ نَفْسًا بِغَيْرِ نَفْسٍ أَوْ فَسَادٍ فِي الْأَرْضِ فَكَأَنَّمَا قَتَلَ النَّاسَ جَمِيعًا وَمَنْ أَحْيَاهَا فَكَأَنَّمَا أَحْيَا النَّاسَ جَمِيعًا وَلَقَدْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُنَا بِالْبَيِّنَاتِ ثُمَّ إِنَّ كَثِيرًا مِنْهُمْ بَعْدَ ذَلِكَ فِي الْأَرْضِ لَمُسْرِفُونَ

« شۇ (يەنى قابىلنىڭ ھابىلنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى) سەۋەبتىن (تەۋراتتا) ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھۆكۈم قىلدۇقكى:

كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا)، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ.

رەسۇللىرىمىز بەنى ئىسرائىلغا راستلا (شانلىق) مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ) تولىسى (كۇفرىدا، ئادەم ئۆلتۈرۈشتە) زېمىندا ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولدى » ( 32 ).

ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى ھەققىدىكى قىسسىمۇ ئىنسان ھاياتىغا قەست قىلىشنىڭ يامان قىلمىش ئىكەنلىكى دائىرىسىدە بايان قىلىنىدۇ ( 27 – 31 ). ئەسلىدە، ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ قىسسىسى، ئادەم باللىرىنىڭ قىسسىسىدۇر. بۇ قىسسىدە جىنايەت بىلەن ئاخىرلاشقان دۈشمەنلىكنىڭ ئارقا پەردىسىدە « ھەسەت ۋە قىزغىنىش » ياتماقتا. ئۇنىڭ تەكتىدە دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش ياتىدۇ. ئەگەر قابىل دۇنيا مېلىغا رىشتە باغلىمىغان بولسا ئىدى، ئىلكىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى قۇربان قىلغان، قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغان بولاتتى. ئەگەر قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغان بولسا ئىدى، قىزغانچۇقلۇق قىلمىغان ۋە بۇ جىنايەتنى سادىر قىلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان باسقۇچقا كىرمىگەن بولاتتى. بۇ جەرياننىڭ ئەڭ بېشىدا دۇنيالىقلارغا بېرىلىپ كېتىش كەلمەكتە. دۇنيالىقلارغا بېرىلىپ كېتىش، يەھۇدىيلىشىش مايىللىقىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالامىتىدۇر. بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىمۇ يەھۇدىيلىشىپ كەتكەن بەنى ئىسرائىل ۋە خىرىستىيانلاشقان ئىسەۋىلەر ( ئىسا ئۈممىتى ) ھەققىدە بايانلار بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ۋەھىي بىلەن ھۆكۈم قىلمىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ ( 41 – 47 ).

بۇ ئارقىلىق بۇ ئىككى تائىپىنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكى تەكىتلەنگەن ۋە « ئۇلار مۇئمىنلەرنى ئۆزلىرىگە دەۋەت قىلىدۇ، لېكىن ئۆزلىرى ئۆزىگە بېرىلگەن كىتاپلارنىڭ ئەمرى بىلەن ئىش قىلمايدۇ. ئۇلار باشقىلارنى ئۆزىگە دەۋەت قىلىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ كىتاپلىرىغا ھۆرمەت قىلسۇن! » دېيىلمەكتە.

يەھۇدىيلىشىش ۋە خىرىستىيانلىشىش ئۆرنەكلىرى بايان قىلىنغاندىن كېيىن، مۇئمىنلەرگە « ئى ئىمان ئېيتقانلار! » دەپ خىتاپ قىلىش بىلەن بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ھالدا يەھۇدىيلىشىش ۋە خىرىستىيانلىشىشقا قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر كۆرسىتىپ ئۆتۈلىدۇ ( 51 – 69 ). ئاندىن سۆز يەنە يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلارغا قايتىدۇ. قۇرئاننىڭ قەيىرىدە سۆز يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلارغا كەلسە، ئۇ يەردە ياخشى – ياماننى ئايرىش ئۇسلۇبىنى كۆرىمىز. بۇ ئۇسلۇب بۇ يەردىمۇ ئورۇن ئالغان. قۇرئان مۇھاتابىدا تاللاپ ئايرىيالايدىغان بىر ئەقىل بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ھەرگىزمۇ ھەممىنى قارا قويۇق بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان مۇئامىلىگە يېشىل چىراق ياقمايدۇ. بۇ ئۇسلۇب مەزكۇر سۈرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. قۇرئان « بىز ناسارالاردىن » دېگۈچىلەرنى باشقىلاردىن مۇنداق ئايرىيدۇ:

لَتَجِدَنَّ أَشَدَّ النَّاسِ عَدَاوَةً لِلَّذِينَ آَمَنُوا الْيَهُودَ وَالَّذِينَ أَشْرَكُوا وَلَتَجِدَنَّ أَقْرَبَهُمْ مَوَدَّةً لِلَّذِينَ آَمَنُوا الَّذِينَ قَالُوا إِنَّا نَصَارَى ذَلِكَ بِأَنَّ مِنْهُمْ قِسِّيسِينَ وَرُهْبَانًا وَأَنَّهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ (82) وَإِذَا سَمِعُوا مَا أُنْزِلَ إِلَى الرَّسُولِ تَرَى أَعْيُنَهُمْ تَفِيضُ مِنَ الدَّمْعِ مِمَّا عَرَفُوا مِنَ الْحَقِّ يَقُولُونَ رَبَّنَا آَمَنَّا فَاكْتُبْنَا مَعَ الشَّاهِدِينَ (83) وَمَا لَنَا لَا نُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَمَا جَاءَنَا مِنَ الْحَقِّ وَنَطْمَعُ أَنْ يُدْخِلَنَا رَبُّنَا مَعَ الْقَوْمِ الصَّالِحِينَ (84)

پۈتۈن ئىنسانلار ئىچىدە، يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۇئمىنلەرگە ھەممىدىن قاتتىق دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن. يەنە ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە « بىز ناسارا » دېگەن كىشىلەرنىڭ دوستلۇق جەھەتتە مۇئمىنلەرگە ھەممىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بايقايسەن. بۇنىڭ سەۋەبى، ناسارالارنىڭ ئىچىدە (ھەقنى قوبۇل قىلىشتا) تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغان ئۆلىمالار ۋە راھىبلار بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

ئۇلار پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ھەقىقەتنى تونۇغانلىقلىرىدىن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قويۇلغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار ئېيتىدۇ:

« رەببىمىز، بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى (رەسۇلۇڭنى، كىتابىڭنى) ئېتىراپ قىلغۇچىلار قاتارىدا قىلغىن. بىز نېمىشقا اﷲ قا، بىزگە كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمەيلى؟ ھالبۇكى، بىز رەببىمىزنىڭ بىزنى ياخشى كىشىلەر قاتارىدا (جەننەتكە) كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز » ( 82 – 84 ).

قۇرئاننىڭ « بىز ناسارالاردىن » دېگۈچىلەرنى مۇشرىكلاردىن ۋە يەھۇدىيلەردىن ئايرىم تۇتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق. لېكىن بىزنىڭچە « بىز ناسارالاردىن » دېگۈچىلەر، باشقا ئايەتلەردە « ناسارا ۋە ناسرانىيۇن » دەپ تىلغا ئېلىنغان خىرىستىيانلاردىنمۇ پەرىقلىق بىر گۇرۇپتۇر. بۇلار « خىرىستىيان » ئەمەس، ئۇلارنى « ئىسەۋى » دەپ ئاتاش تېخىمۇ مۇۋاپىق. نەجاشى مانا بۇ ئىسەۋىلەردىن ئىدى. شۇڭا ھەم « بىز ناسارالاردىن » دېدى، ھەم ئاللاھ رەسۇلىغا ۋە قۇرئانغا ئىمان ئېيتتى. نەجاشىنىڭ ھەبەشىستان مۇھاجىرى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ قىلغان نامىزىنى قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ياكى بىلىدىغانلار چىقمىدى. نەجاشىنىڭ ئۆزىنى بۇرۇنقىدىن باشقىچە سۈپەتلىگەنلىكىگە شاھىت بولغانلارمۇ بولمىدى. بۇ كىملىكى بىلەن ئۇ « بىز ناسارالاردىن » دېگۈچىلەر قاتارىدىن ئىدى. بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى رىۋايەتلىرىدىن، « بىز ناسارالاردىن » دېگەن گۇرۇپپىنىڭ ھەبەشىستاندىن كەلگەن 12 كىشىلىك ئىسەۋى دىن ئۆلىمالىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. مەككىدە بۇ ئېتىقادقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۈچ كىشى بار ئىدى. ئۇلار ۋەرەقە بىن نەۋفەل، ئۇبەيدۇللاھ بىن جاھش ۋە ئوسمان بىن ھۇۋەيرىس. ئەبۇ سۇفياننىڭ قىزى ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ، رەسۇلۇللاھتىن بۇرۇنقى ئېرى بولغان ئۇبەيدۇللاھ بىن جاھشنىڭ ئاقىۋىتى، يۇقىرىدىكى ئىككى كىشىدىن پەرقلىق بولغان. بۇ زات ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلار ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىش شەرىپىگە نائىل بولغان. لېكىن ھەبەشىستاندا ھاراققا بېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، كېيىن تەسلىسچى خىرىستىيانلار ( ئۈچ ئىلاھ ئېتىقادىدىكى ) ئېتىقادىغا كىرىپ كەتكەن ۋە بۇ ئېتىقادى ئۈستىدە ئۆلگەن.

87 – ئايەتتە سۈرە ھالال غىزا مەسىلىسىگە قايتىدۇ ۋە ئارقىدىنلا كەلسە – كەلمەس قەسەملەرنىڭ كاپارىتىنى تىلغا ئالىدۇ ( 89 ). بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق ھەممىگە مەلۇم. غىزا بوغازدىن كىرىدۇ، سۆز ئېغىزدىن چىقىدۇ. شۇڭا ئىنسان مەيلى غىزا ياكى قەسەم بولسۇن، بۇلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ئاندىن ۋەھىي ھاراق، قىمار ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل لاتارىيە ئويۇنلىرى ۋە ئاللاھ تىن غەيرىگە قۇربان قىلىنغان قۇربالىقلار ئۈستىدە توختىلىدۇ ( 90 – 91 ). ئۇنىڭدىن كېيىن سۆز ھەج جەريانىدا ئوۋ ۋە ئوۋ ئوۋلاش ئۈستىدىن ھەج ئىبادىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ ( 94 – 97 ). بۇ بۆلۈمدە ساختا مۇقەددەسلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك جاھىلىيەت ئەنئەنىسى ئۈستىدە توختىلىدۇ.

سۈرىنىڭ 103 – ئايىتى، قەدىمدىن تارتىپ ئەنئەنە شەكلىدە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە گۆشى ھالال بولغان ھايۋانلارنى بەزى سەۋەپلەر بىلەن « ئاتاق » دەپ ئاتاپ، ئاندىن ئۇ ھايۋانلارنى يارىتىلىش مەقسىتىنىڭ سىرىتىغا چىقىرىۋېتىش ئەنئەنىسى ھەققىدە توختىلىدۇ. بۇ خىل ھايۋانلارنىڭ گۆشىدىن، سۈتىدىن، يۇڭىدىن، تېرىسىدىن، خۇلاسەكالام، ھېچنىمىسىدىن پايدىلانغىلى بولمايتتى. ھالبۇكى، بۇ ساختا مۇقەددەسلىك ئەسلىدە، ئاللاھ قويغان مەۋجۇدىيەت تەرتىۋى ( مەراتىبۇل ۋۇجۇد )گە خىلاپ ئىدى. مانا بۇ نوقتىدا قۇرئاننىڭ « كور ئەنئەنىچىلىككە » ۋە « تەقلىدچىلىككە » قارىشى تۇتقان پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرىدىغان ئايەت يەر ئالماقتا:

وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا إِلَى مَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَإِلَى الرَّسُولِ قَالُوا حَسْبُنَا مَا وَجَدْنَا عَلَيْهِ آَبَاءَنَا أَوَلَوْ كَانَ آَبَاؤُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ شَيْئًا وَلَا يَهْتَدُونَ

ئۇلارغا اﷲ نازىل قىلغان ۋە رەسۇل بايان قىلغان ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار:

« ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە » دەيدۇ.

ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ۋە توغرا يولدا بولمىغانلاردىن بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟ ( 104 ).

ۋەسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ مەقسىتى، ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئىگە – چاقىسىز قالماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر ( 106 – 108 ). چۈنكى مال – مۈلك ئىگە – چاقىسىز قالغاندا، گۇناھقا سەۋەپ بولۇپ قالماقتا. خاراكتېرى ئاجىز ۋە ھەقسىزلىككە مايىل ئىنسانلارنىڭ كۆزى ھەر دائىم ئىگىسى يوق مۈلككە تىكىلىدۇ. بۇ جىنايەت ۋە گۇناھقا تەرغىپنىڭ بىر تۈرىدۇ. قۇرئاننىڭ مىراس ۋە ۋەسىيەتكە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئارقا پەردىسىدە مانا بۇ ئامىل ياتماقتا.

ئاندىن سۆز مال – مۈلك ھەققىدىكى ۋەسىيەتتىن ھەقىقەتنىڭ ۋەسىيىتىگە، مال – مۈلك مىراسىدىن رىسالەت مىراسىغا يۆتكىلىدۇ. رىسالەت مىراسىغا خىيانەت قىلىپ، ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن رەسۇلنى ئىلاھلاشتۇرغان خىرىستىيانلار ئۈستىدىن ئۈممەتى مۇھەممەدكە « خىرىستىيانلىشىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار! » دەيدۇ ( 109 – 118 ). سۈرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇلغان ئايەتلەر بولغان 112 – 115 – ئايەتلەر بۇ ئاخىرقى بۆلەكتە يەر ئالىدۇ.

مانا بۇ نوقتىدا، ئاللاھ قۇرئاندا ھەزرىتى ئىسادىن بىر سوئال سورايدۇ ۋە ئارقىدىن مۇنداق جاۋاپ بېرىلىدۇ:

وَإِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ أَأَنْتَ قُلْتَ لِلنَّاسِ اتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَهَيْنِ مِنْ دُونِ اللَّهِ قَالَ سُبْحَانَكَ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أَقُولَ مَا لَيْسَ لِي بِحَقٍّ إِنْ كُنْتُ قُلْتُهُ فَقَدْ عَلِمْتَهُ تَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِي وَلَا أَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِكَ إِنَّكَ أَنْتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ (116) مَا قُلْتُ لَهُمْ إِلَّا مَا أَمَرْتَنِي بِهِ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ وَكُنْتُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَا دُمْتُ فِيهِمْ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنْتَ أَنْتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ وَأَنْتَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ (117) إِنْ تُعَذِّبْهُمْ فَإِنَّهُمْ عِبَادُكَ وَإِنْ تَغْفِرْ لَهُمْ فَإِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ (118)

مانا بۇ ۋاقىتتا اﷲ:

« ئى مەريەم ئوغلى ئىسا! سەن كىشىلەرگە، اﷲ نى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟ » دېدى. ئىسا ئېيتتى:

« ( رەببىم! ) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن، ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن.

مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى، مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە شاھىت بولغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن. ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن (ئىشىڭدا) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن » ( 116 – 118 ).

ئەسلىدە بۇ سوئال ھەزرىتى ئىسا ئۈستىدىن قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى مۇھاتابى بولغان رەسۇلۇللاھتىن سورالماقتا. رەسۇلۇللاھ بۇ يەردىكى ئاگاھلاندۇرۇشنى ھەقىقىتى بىلەن كۆرۈپ يەتكەن. بۇ سەۋەپتىن ئۈممىتىگە ۋەسىيەت سۈپتىدە مۇنداق دېگەن:

« مەريەم ئوغلىنى ھەددىدىن زىيادە كۆككە كۆتۈرۈگەندەك، سىلەرمۇ مېنى ھەددىدىن زىيادە كۆككە كۆتۈرمەڭلار! شۇنى بىلىڭلاركى مەن پەقەت بىر بەندە. مېنى » ئاللاھ نىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى / رەسۇلى » دەڭلار » ( بۇخارى ).

يۇقىرىدىكى بۆلەكنىڭ ئاخىرىدا يەر ئالغان ئايەت، رەسۇلۇللاھقا شۇنداق قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بىر قېتىملىق نامىزىدا كۆز ياشلىرى ئىچىدە بۇ ئايەتنى ئون نەچچە قېتىم قايتا – قايتا ئوقۇغان.

سۈرە ئاللاھ نىڭ ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن ئاخىرلاشقان:

لِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا فِيهِنَّ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

« ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا مەنسۇپتۇر، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر » ( 120 ).

بۇ ئايەتنىڭ، باشتىن ئاياغ كۈندىلىك ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇنداق:

ھەجىم ۋە ئۆمۈر نوقتىسىدىن ئىنسان بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە چوڭ ۋە ئۇزۇن ئۆمۈرلىك بولغان ئاسمانلار ۋە زېمىن ئۈچۈن، بەلگىلىك قانۇن – مىزانلار قويغان ئاللاھ، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئىنسان ئۈچۈن قانۇن قويماي، ئۇنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرەمدۇ؟ ئاسمانلار ۋە زېمىن مەنسۇپ بولغان قانۇنلار بولىدۇ – يۇ، ئىنسانلار بەلگىلىمىدىن خالىي ياشامدۇ؟

خۇلاسىلىگەندە، ئاللاھ قا بەرگەن ئەھدە بىلەن باشلانغان سۈرە، ئاللاھ نىڭ ئەزىمى بىلەن ئاخىرلاشقان.