bercesteayetler

سەر خىل ئايەتلەر

 

كىرىش سۆز

 

« دۇنيانىڭ ئەڭ قېيىن تاللاش نېمە؟ » دەپ سورىسىڭىز، ھېچ ئىككىلەنمەستىن « ئايەتلەر ئارىسىدىن ئايەتلەرنى تاللاش » دەپ جاۋاپ بېرىمەن. مانا بۇ كىتاپ، دۇنيانىڭ ئەڭ قېيىن تاللىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. يەنى « سەر خىل ئايەتلەر » بىر قۇرئان تاللانمىسى بولۇپ، بەزى ئۆلچەملەرگە ئاساسەن قۇرئاندىن تاللانغان ئايەتلەردىن تۈزۈلگەندۇر. بۇ ئۆلچەملەرنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

  1. قۇرئاندا ئاللاھ ۋە ئىنسانغا ئالاقىدار ئاساسلىق ئايەتلەر
  2. قۇرئانىي ئەخلاق ۋە ھايات شەكلىگە ئائىت ئاساسلىق ئايەتلەر
  3. قۇرئاندىكى ئىسلامغا دائىر ئاساسلىق ئايەتلەر
  4. قۇرئاندىكى ئەقىدىگە ئائىت ئاساسلىق ئايەتلەر
  5. دۇنيا ۋە كائىناتقا قۇرئانى نەزەر بىلەن قاراشقا دائىر ئاساسلىق ئايەتلەر
  6. قۇرئاندىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئائىت ئاساسلىق ئايەتلەر
  7. قۇرئانىي ئۆرنەكلىك ۋە يېتەكچىلىككە ئائىت ئاساسلىق ئايەتلەر

مەيلى قانداق بىر ئۆلچەمگە ئاساسلىنىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئايەتلەرنىڭ تاللىنىشىدا 100% ئوبىكتىپ بولالىشىڭىز ئىمكانسىزدۇر، بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. دېمىسمۇ مېنىڭ بۇ نوقتىدا ئوبىكتىپ بولدۇم دەيدىغان بىرەر داۋاممۇ يوق. بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن!…

ئۆمرىنى، ئايەتلەر ماكان تۇتقان چوققىلارغا يامىشىش ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن بۇ ئاجىز بەندە، ئۇ چوققىلاردا ئۇچراتقان بەزى ئايەتلەر بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى مۇناسىۋەت ئورناتقان بولدى. ئايلار، ھەتتا يىللارچە ئىزدەنگەن بىر سوئالنىڭ جاۋابىنى ئايەتنىڭ ئىچىدىن تاپتىم. بۇنداق ۋاقىتلاردا كوچىغا چىقىپ، ئارخىمىتقا ئوخشاش بار كۈچۈم بىلەن « ئېئورېكا! ئېئورېكا! ( تاپتىم! تاپتىم!) » دەپ ۋارقىراش كۆڭلۈمدىن ئۆتتى. ياكى ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، خۇددى مۇناردىن شەھەرگە نەزەر تاشلاۋاتقان بىر ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىمنىڭ نىداسىدەك « ئى ئىنسانلار! مەن كۆرگەنلەرنى سىلەرمۇ كۆرىۋاتامسىلەر؟ » دەپ ۋاقىرىغىم كېلىپ كېتەتتى.

بۇ سەۋەپتىن، كەمىنە بىلەن بەزى ئايەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە بىر مۇناسىۋەت شەكىللەنگەن، بەزىلىرىگە نىسبەتەن ئۆزىنى قەرزدار دەپ ھېس قىلغانىدى. پېقىرنىڭ ھايات ھېكايىسىدە، بۇلارنىڭ ئالاھىدە بىر ئورۇنغا ئىگە. ئايەتلەرنىڭ بەزىلىرى بىلەن مانا مۇشۇنداق سەرگۈزەشتىگە ئىگە بولغان بىر قۇرئان تالىبى، قۇرئان تاللانمىلىرىنى تاللاشتا قانداقمۇ سوبىكتىپ پوزىتسىيەدە بولمىغانلىقىنى داۋا قىلالىسۇن!

بىر « قۇرئان ئەقلى »دىن سۆز قىلغىلى بولىدۇ. بىزنىڭچە چوقۇم « قۇرئانىي ئەقىل» بار. مانا بۇ كىتاپتىكى ئايەتلەر، ئۇ ئەقىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۆرسەتكەن بىر يول خەرىتىسىدۇر. ھارىس ئەلمۇھاسىبى « ئەقىل قۇرئاندۇر، قۇرئان ئەقىلدۇر » دېگەندە، قۇرئان بەرپا قىلغان ئەقىلنى نەزەردە تۇتقانلىقىدا شۈبھە يوق. « سەر خىل ئايەتلەر »، پەقەت « قۇرئان ئەقلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش » ئۈچۈن ھازىرلانمىدى، ئەسلىدە « ئەقىلنى قۇرئاننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇش » ئۈچۈن تەييارلاندى. تەبىئىيكى، « ئەقىلنى قۇرئاننىڭ قولغا تۇتقۇزۇش » تىن مەقسەت، قۇرئاننىڭ ئۇ ئەقىلنى بەرپا قىلىشى ئىدى.

فۇدايل بىن ئىياز، « ئاللاھ قۇرئاننى، ئىنسانلار ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلسۇن دەپ ئەۋەتكەنىدى. ئەمما ئىنسانلار ئۇنى ئوقۇشنىلا ئەمەل قىلىۋېلىشتى » دېگەنىدى. بۇ، « شور پىشانە »لىكنى يېڭىشنىڭ ۋە ئېقىنىدىن چىقىپ كەتكەن سۇنى قايتىدىن ئەسلى ئېقىنىغا باشلاشنىڭ بىر يولى بولسا كېرەك. ئۇ يول قۇرئاننى چۈشۈنۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بېرۋانىڭ ئاللاھ نى قانچىلىك سۆيگەنلىكى، ئۇنىڭ كىتابۇللاھ قا قانداق مۇئامىلىدە بولغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ھەسەن ئەلبەسرى « ئەمەللىرىڭلارنى قۇرئانغا سېلىپ كۆرۈڭلار! » دەپ نىدا قىلغانىدى. قۇرئاننىڭ ئەبەدى ئۆلچەملىرىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئىنسانلار ئەمەللىرىنى قۇرئانغا قانداقمۇ سالالىسۇن؟ مانا بۇ « سەر خىل ئايەتلەر »، ئىنسانلارغا قۇرئاننىڭ ھاياتقا دائىر شەرتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلاندى.

بۇ ئىزاھاتلارغا قانائەت قىلماي، يەنە « نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر كىتاپقا ئىتىياج چۈشتى؟ » دېگەن سوئالنى قويغۇچىلارغا، دەماللىققا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سەۋەپنى كۆرسىتەلەيمىز:

  1. قۇرئان بىلەن ياشايدىغان، قۇرئان كۆرسەتكەن نوقتىدىن تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىدىغان، قۇرئان بىلەن سۆزلەيدىغان بىر « قۇرئان نەسلى » نىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ھەسسە قوشۇش.
  2. قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشنى خالىغان ھەر بىر قۇرئان تالىپىغا، قۇرئان ئەخلاقىنىڭ شىفرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر بىلەن يېتەكچىلىك قىلىش.
  3. ئېتىقادىدا سەمىمىي بولغانلارغا، دىننىڭ ئىككىنجى ئەمەس ئەسلى مەنبەسىنى كۆرسىتىش؛ ئۇنى ئېتىقادىنىڭ ئاللاھ نىڭ كىتابىدىكى پايدىلىنىش مەنبەلىرىگە، تەقلىدتىن تەھقىققا يۈزلەندۈرۈش.
  4. ئوقۇتقۇچى، ئىمام، ۋائىز، مۇفتى قاتارلىق ۋەزىپسى بار ۋەياكى ۋەزىپسى بولمىغان دىن ئۈچۈن خالس خىزمەت قىلغۇچىلارغا قارىتا، نېگىزلىك نوقتىلاردا ۋەھىيگە مۇراجىئەت قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان ئەسەر تەييارلاش.
  5. قۇرئاننىڭ ھەممىسىنى پۈتۈنلەي يادلاشقا قادىر بولالمىغان، « يا ھەممە ياكى ھېچنېمە » ئارىسىدا قالغان كۆپسانلىق مۇئمىنلەر ئۈچۈن بىر تاللاش ئىمكانى بىلەن تەمىنلەش.

بىزنىڭمۇ بېشىمىزغا كۆپ كەلدى: بەزىدە ئىنسان قۇرئاندىكى مەلۇم بىر ئايەتنى تاپالماي قالىدىغان، ئۇنتۇپ قالىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. ئىزدەپ تېپىشنى خالىسىمۇ تاپالماي قالىدۇ. تىلىنىڭ ئۇچىغا كېلىدۇ، ئەمما دېيەلمەي قالىدۇ. بەزىدە بىلىدۇ، ئەمما مۇئەييەنلەشتۈرەلمەي قالىدۇ. بەزىدە مەنبەسىنى ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن ئېسىگە كەلمەي قالىدۇ. بەزىدە ئېسىدە خاتا تۇتىۋالىدۇ، مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئېھتىياج تۇيۇپ قالىدۇ.

بەزىدە ئىنسان ھەرگىزمۇ ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسە بولمايدىغان ئايەتنى كۆرمەي قېلىشى مۇمكىن. بىر مۇئمىننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا، ھاياتلىق ئىھتىياجى سۈپتىدە قوللىنىشىغا تېگىشلىك بولغان ئايەتلەر بولىدۇ. بۇ ئايەتلەر خۇددى ئابىھاياتقا ئوخشاش، ھايات دېڭىزىدا چىققان بوران – چاپقۇلاردىن قۇتۇلۇشنڭ شىفرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بۇلارنى لازىم بولغاندا ئىزدەيدىغان گەپ. ئېسىدە بولسا قوللىنىدۇ، ئەمما بۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرمىلەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەستە تۇتالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ « سەر خىل ئايەتەر » مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا پايدىلىنىش ئۈچۈن تەييارلاندى.

كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇرئاننى پۈتۈنلەي يادا ئېلىشى ناتايىن. بۇ ھەر كىشى ئۈچۈن شەرت ئەمەس. ئەمما ھەر قانداق كىشى قۇرئاندىن بەلگىلىك تاللانمىلارنى يادىلىيالىشى مۇمكىن. مەسىلەن ئامانلىق ئاپپاراتلىرىدا خىزمەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن « سەر خىل ئايەتلەر » بىر « دىجورنىلىك ھەمراھى » بولالماسمۇ؟ « ھەر دىجورنىلىق نۆۋىتىدە بىر ئايەت » پىلانى بىلەن ھەرىكەت قىلسا، قۇرئاننىڭ بارلىق ئاساسلىق ئۇل ئايەتلىرىنى ھەم يادقا ئېلىۋالالايدۇ، ھەم چۈشۈنۈپ ئەقىل يۈرگۈزىدىغان قەلىبلىرىگە خاتىرىلىۋالالايدۇ.

مەسىلەن، زامانىۋى دۇنيانىڭ مۇسىبەتلىرىدىن بىرى بولغان قاتناش قىستاڭچىلىقى. كۈنىمىز ئىنسانلىرى چوڭ شەھەرلەرنىڭ قاتنىشى ئۈچۈن كۆپلەپ ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ. ئەمما بۇ مۇسىبەت بىر نېئمەتكە ئايلىنالىشى مۇمكىن. قۇرئان بىلەن بىرلىكتە بولۇپ، سەپىرىنى « يول مەدرىسىسى» گە ئايلاندۇرالىشى مۇمكىن. « سەر خىل ئايەتلەر » مانا بۇ ئېھتىياجنىمۇ قامداشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ھەر ئايەت، ئوقۇلغان ۋاقىت ۋە ماكاننىڭ شاھىتىدۇر. قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدا سەپەر قىلغاندا ئوقۇپ چۈشۈنۈلگەن ھەر بىر ئايەت، ئوقۇلغان زامان ۋە ماكانغا شاھىت بولىدۇ. قۇرۇقلۇقتا سەپەر قىلغاندا، ئىچىدىن ئۆتكەن بىر مەھەللىنى ۋەيا كەنتنى، ھاۋا سەپىرىدە ئىچىدىن ئۆتكەن بۇلۇتلارنى، دېڭىز سەپىرىدە يېرىپ ئۆتكەن دولقۇنلارنى ۋە بېلىقلارنى ۋەھىيگە شاھىت قىلىشنى خالىمامسىز؟

ھايات يول، ئىنسان مەڭگۈلۈك يولۇچى. يولۇچى يولىدىن ئېزىپ كەتمىسۇن دەپ ئاللاھ يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە بەلگىلەر قويغان. « سەرخىل ئايەتلەر » سىراتى مۇستەقىيمنىڭ ئىشارەت تاشلىرىدۇر. يولىڭىز ئوچۇق، مەنزىلىڭىز جەننەت بولسۇن!

 

مۇستافا ئىسلامئوغلى

ھىجرى 1453، رامىزاننىڭ 1- كۈنى ، ئىستانبۇل

( ئەسكەرتىش: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ئۇستاز مۇستافا ئىسلامئوغلى ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمە خىزمەتلىرى قولىمىزدىن كېلىشىچە ئىزچىل داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەلھەمدۇلىللاھ، تەرجىمە قىلىشنى پىلانلىغان ئەسەرلەردىن بىرقانچىسى سىزلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇغىنىڭلار ۋە بىزنى قوللاپ قۇۋەتلىگىنىلار ئۈچۈن رەھمەت.

ئۇستازنىڭ كۇللىياتلىرى يەنى بارلىق ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئۆمۈرلۈك غايىمىز بولسىۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئۆمۈرنىڭ يار بېرىش – بەرمەسلىكى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش. شۇنداقتىمۇ يېتىشكىنىمىزچە كىتاپ تەرجىمىلىرىنى داۋام قىلغاچ، يېتىشەممىگەن كىتاپلارنىڭ پەقەت كىرىش سۆز ۋە مۇندەرىجە قىسمىنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلاشقان ئىدۇق.

ھازىر كىرىش سۆزىنى ئوقۇۋاتقان « سەرخىل ئايەتلەر » كىتابى تەرجىمە قىلىنمىسا بولمايدىغان كىتاپلاردىن بىرى. ھەتتا ئۇستازنىڭ تەۋسىيەلىرى ئىچىدىكى ئالدىنقى 3 كىتاپنىڭ بىرى. شۇڭلاشقا قولىمىزدا تۇتۇش قىلغان باشقا كىتاپلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقان تەرجىمە خىزمەتلىرى بولغاچقا، ھازىرچە ئوقۇرمەنلەر ئىچىدىن ھەرقانداق بىر خالىس قېرىندىشىمىزنىڭ تور خاتېرىسى يەنى بىلوگ ھالىتىدە تەييارلانغان « سەرخىل ئايەتلەر » توركىتابىدىكى مەزمۇنلارنى  http://bercesteayetler.blogspot.com.tr/  تېمىلار بۇيۇنچە، ھەرئايەتنىڭ ئەرەپچە – تۈركچە تېكىستىنىڭ ئاستىغا قولىمىزدىكى مۇھەممەد سالىھ داموللام ۋە ئىسلام دىنى جەمىيىتى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان يېڭى تەرجىمىسىنى تەرتىپ بويۇنچە يېزىپ، قىستۇرۇپ تۈۋەندىكىدەك ھالەتتە ئوقۇغۇرمەنلەرگە سۇنۇشىمىزغا ياردەمدە بولۇشىڭلارنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىت قىلىمىز.

مەسىلەن:

http://bercesteayetler.blogspot.com.tr/2015/02/adalet-ve-itidal.html

Adalet ve İtidal

ئادالەت ۋە ئادىللىق ( ئۇيغۇنلۇق )

ئادالەت ھەققىدىكى بىرىنچى ئايەتكە

Hükmederken adil olun!
ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل بولۇڭ!
وَاِذَا حَكَمْتُمْ بَيْنَ النَّاسِ اَنْ تَحْكُمُوا بِالْعَدْلِ
Allah, insanlar arasında hükmederken adaletle
hükmetmenizi emrediyor.
(Nisâ 58)
شۈبھىسىزكى ئاللاھ، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.
ئاللاھ، ئىنسانلار ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.
وَاَوْفُوا الْكَيْلَ اِذَا كِلْتُمْ وَزِنُوا بِالْقِسْطَاسِ الْمُسْتَق۪يمِ
Ve ölçtüğünüz zaman ölçüyü tam tutun!
Tartıp değerlendirdiğinizde (ise) dosdoğru kıstas ile
tartıp değerlendirin!
(İsrâ 35)
سىلەر (باشقىلارغا ئاشلىق قاتارلىقلارنى) ئۆلچەپ بەرگەندە، تولۇق ئۆلچەڭلار ۋە تارازىدا تارتىپ بېرىڭلار.
سىلەر كەملەپ بەرگەندە، تولۇق كەملەڭلار ۋە توغرا تارازىدا تارتىپ بېرىڭلار.
وَلَ يجَْرِمَنكَّمُْ شَناَنُٰ قوَْمٍ عَلىٰۤ الََّ تعَْدِلوُا اِعْدِلوُا هُوَ اقَْرَبُ للِتقَّْوٰى
Bir topluluğa olan nefretiniz sizi adaletten sapmaya
sevk etmesin!
Adil olun: Bu, Allah’ın denetimi altına girmenin en
kestirme yoludur!
(Mâide 8)
بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر،
بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، بۇنداق قىلىشىڭلار تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر.
Adalet üç şeyle kadimdir: Kitap-Mizan-Demir
ئادالەت 3 نەرسە بىلەن تۇرغۇزىلىدۇ: كىتاپ – مىزان – تۆمۈر
لقََدْ اَرْسَلنَْا رُسُلنََا باِلْبَيِّنَاتِ وَاَنْزَلْنَا مَعَهُمُ الْكِتاَبَ وَالْم۪يزَانَ
ليِقَُوم الناَّسُ باِلقِْسْطِ وَانَزَْلنْاَ الحَْد۪يدَ ف۪يهِ باَسٌْ شَد۪يد وَمَناَفِعُ للِناَّسِ
Doğrusu Biz elçilerimizi hakikatin apaçık belgeleriyle
gönderdik; onlarla birlikte Kitab’ı ve insanlığı adaletle
ayakta tutsun diye mizanı indirdik; ve içinde hem
kahredici bir güç hem de insanlar için sayısız faydalar
bulunan demiri indirdik.
(Hadîd 25)
بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق. تۆمۈرنى ياراتتۇق، (تۆمۈردىن ئۇرۇش قوراللىرى ياسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن) تۆمۈر كۈچ – قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار.
بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى ياقلىسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق. تۆمۈرنى ياراتتۇق، بىز كۈچ – قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق بولغان تۆمۈرنى ياراتتۇق.
  يۇقۇرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىڭلاردەك، بۇ ئىشنى رۇياپقا چىقىرىش ئۈچۈن سەبىر ۋە ئىشتىياق بىلەن ئېغىر – بېسىقلىق تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەركۈنى ئەڭ ئاز بىر تېما مۇشۇنداق كىرىشتۈرۈلۈپ ماڭسا، بەلكى 120 تېما 3 ئايدا تۈگەپ قېلىشى مۇمكىن. سايىڭىزدە بىر كىتاپنىڭ تەرجىمىسى ئورتىغا چىققان ۋە ئۈزىڭىزمۇ نۇرغۇنلىغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ – ئۈگەنگەن، تۈركچە تەرجىمىسىنىمۇ كۆرۈپ، چەتئەل تىلى سەۋىيىڭىزنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە ئىمانىڭىزنىمۇ ئۆستۈرۈۋالغان بولاتتىڭىز. قېنى كىم بىزگە ياردەم قىلىپ بۇ كىتاپنى پۈتتۈرۈپ بېرىدۇ؟! پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭ!
  ئىش تەرتىپى:
1. ئالدى بىلەن تۈركچە « سەرخىل ئايەتلەر » تور كىتاپنى مۇنۇ ئادرېستىن ئاچىمىز.
http://bercesteayetler.blogspot.com.tr/
2. ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى Konular دېگەن يەردىن تەرتىپ بويۇنچە تېمىلارغا كىرىمىز. مەسىلەن بۈگۈن بىز
Adalet ve İtidal دېگەن تېمىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا چەكسەك تۈۋەندىكى بەتكە كىردۇق.
http://bercesteayetler.blogspot.com.tr/2015/02/adalet-ve-itidal.html
3. ئۇ بەتكە كىرگەندىن كېيىن بىسمىللاھ دەپ كىچىك تېما ۋە ئايەتلىرىنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ، مۇناسىپ ئايەتلەرنىڭ ئاستىغا مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ تەرجىمىسىنى http://tanzil.net/ قۇرئان توربېتىدىكى تەرجىمەدىن كېسىپ ياكى ئۆزىمىزگە ئەڭ قولاي بولغان مەنبەدىن كېسىپ ئېلىپ، ئەشۇ تۈركچە تەرجىمىنىڭ ئاستىغا يازىمىز ياكى چاپلايمىز.
  ئەگەر قولىڭىزدا 4 تىللىق قۇرئان دېتالى بولسا، ئىمكانىڭىز يار بەرسە ئىنگىلىزچە – خەنزۇچە تەرجىمىلىرىنىمۇ قوشۇپ قويسىڭىز، بۇ كىتاپنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ ئاز نەچچە يۈز ھەسسە ئاشقان بولاتتى.
4. ئاندىن يەنە قولىمىزدىكى ئىسلام دىنى جەمىيىتىنىڭ يېڭى تەرجىمىسىدىن نەخمۇ – نەخ ئايەتنى تېپىپ ئۇيغۇرچە تەرجىمىنىڭ ئاستىغا يازىمىز. ( ئىككى تەرجىمىدە چوڭ پەرق يوق، ئەمما يېڭى تەرجىمىدە نېمە يېزىلغان بولسا شۇنى 100% ئوخشاش قىلىپ يازىمىز. )
 5. ئاندىن پۈتكەن ھۆججەتنى ئىنكاس شەكلىدە بىزگە يوللايسىز، ياكى سىزگە مەخسۇس ماقالا يېزىپ يوللاپ، ئۈزىڭىزنىڭكىنى تەھرىرلىيەلايدىغان ئەزالىق ھېسابى ئېچىپ بېرىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇدۇللۇق تەرجىمىلىرىڭىزنى « سەرخىل ئايەتلەر » سەھىپىمىزگە يوللاپ ئېلان قىلىپ تۇرىسىز.
  بۇ خىزمەتنىڭ مەقسىدى، كىرىش سۆزدە ئېيتىلغاندەك ۋە بىزنىڭ ھايات كىتابى تورىنىڭ مەقسىدى بولسا، قۇرئاننىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قورال كىتاپلارنى ھۇزۇرىڭىزغا سۇنۇش بىلەن بىرلىكتە، ئەرەپچە قۇرئاننىڭ تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرى ئارىسىدىكى پەرىقنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى تەرجىمە ئارىسىدىكى تەرجىمە ماھارىتىدىن ھۇزۇر ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۈزىمىزنىڭ تەرجىمە قۇرئانلارغا بولغان كەڭ قورساقلىقىمىزنى ۋە نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
  ئەلبەتتە، يېڭى تەرجىمە ھەققىدە بولغان ئۇرۇنسىز تالاش – تارتىشقا ئىلمىي سورۇن ھازىرلىيالمىساقمۇ، ئىككى تەرجىمە ئارىسىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتقا يول ئېچىشقا خىزمەت قىلىشتۇر.
  قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر، ھايات كىتابىم تورىنىڭ « سەرخىل ئايەتلەر » توركىتاپ تۈرىنى مۇشۇنچىلىك تونۇشتۇرغان بولاي، قالدى خىزمەتلەرنى يەنە بار مەسلىھەت بىلەن ئېلىپ بارارمىز.
  بۇ توركىتاپنى ئىشلىگەن قېرىندىشىمىز مۇھەممەد يەنە بىر توركىتاپ « قۇرئانغا كۆرە ئىسلام نېمە؟ » ناملىق ئەسەرگە تۇتۇش قىلدى. ئۇ كىتاپنىڭمۇ ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ، ئەپكىتاپلىرىمۇ تەييار. ئىنشا ئاللاھ كېيىنچە تۈركچە – ئىنگىلىزچە – خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە 4 تىلدا سېلىشتۇرمىلىق توركىتاپ ھالىتىدە ئوقۇرمەنلىرىمىزگە يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە نېسىپ بولار…
  ئاللاھ ئىگەم قىسقىغىنا چەكلىك ئۆمرىمىزنى چەكسىز بولغان قۇرئان خىزمىتى ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلىپ بەرگەي!
  ھۆرمەت بىلەن
ھايات كىتابىم تورى
« سەرخىل ئايەتلەر » توركىتاپ تۈرى مەسئۇلى
ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق 05378112235
ئېلخەت: alnoor024@gmail.com
ئۈندىدار: alnoor024
  ئاللاھ مۇۋەپپەق ئەيلىسۇن! )