image

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
ھۆرمەتلىك ھايات كىتابىم تورى ئوقۇرمەنلىرى،
ھەممڭلارنىڭ خەبىرىدە بولغاندەك « پاسسىپ ياخشىدىن ئاكتىپ ياخشىغا » ناملىق تەرجىمە ئەسەر نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ھەرخىل بۇران – چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالدى.
بىز بۇ كىتاپنىڭ تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىشى ئۈچۈن خالىسانە ئەپكىتاپ ياساپ بېرىدىغان بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن ئەپكىتابىنى ياساتقان ئىدۇق.
ئاندىروئىد تېلىفۇنىدا راۋۇرۇس ئىشلەيدۇ.
قېرىنداشلارنىڭ ئەپكىتاپنى تۈۋەندە بېرىلگەن ئادرىستىن چۈشۈرۈپ ئوقۇپ چىقىشىنى ۋە دوست – يارەنلەرگە تەۋسىيە قىلىپ قويۇشلىرىنى چىن دىلىمىزدىن ئۆتۈنىمىز.
شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەپكىتاپچى قېرىندىشىمىزنىڭ خالىسانە ياردىمى ئۈچۈن چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز! ئاللاھ ئىگەم مۇرادىغا يەتكۈزسۇن! سالىھاتىنى ئارتتىرسۇن! مەڭگۈ ئاكتىپ ياخشىلاردىن بولۇشقا ھەممىمىزنى نېسىپ قىلسۇن!
ئەگەر كىتاپنى ئاۋازلىق قىلىپ ئوقاي ياكى ئوقۇتاي دەيدىغانلار بولسا، قىلماقچى بولغان خالىسانە ياردىمىڭىز ئۈچۈن ھازىردىن تارتىپلا رەھمەت ئېيتىمىز.
ئەگەر ئالما سېستىما ئۈچۈن خالىسانە ئەپكىتاپ ياساپ بېرىمەن دەيدىغانلار بولسا، گۈلقەقەلىرىمىز ئېچىلىپ كېتەتتى! ئاللاھ ئۇنىڭغىمۇ نېسىپ قىلۇر!
http://bilimilim.org/kaznak/passip.apk
سىزلەردىن خەبەر كۈتۈپ
قېرىندىشىڭلار
ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق
ئېلكىتابىنى ئوقۇماقچى بولغانلار بۇيەرگە مۇراجئەت قىلىڭ!

« پاسسىپ ياخشىدىن ئاكتىپ ياخشىغا » ئەلكىتابى


كۆرۈنمە يۈزلىرى:

image

image

image

image

image

image

image

image

image

image

image