ئەھقاف سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

سۈرە، 21 – ئايىتىگە ئاساسەن « قۇم تۆپىسى / بارخانلىرى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەھقاف ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بۇ كەلىمە قۇرئاندا پەقەت بۇ سۈرىدىلا تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەھقاف، جۇغراپىيلىك ئورۇن نوقتىسىدىن بۈگۈنكى يەمەن چېگرىسى ئىچىدىكى بىر رايوننى كۆرسىتىدۇ. سانا بىلەن ئۇممان ئارىسىغا جايلاشقان بۇ رايون، ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ خەتەرلىك چۆلى بولغان رۇبۇل ھالى ئاخىرلاشقان ئۇچىغا جايلاشقان. ھىندى ئوكيانۇس ساھىلى بىلەن پاراللىل سوزۇلغان بۇ رايون ھەدرامەۋت ( ئۆلۈك يېشىل ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەھقاف تۆپىلىرى، بىر زامانلاردا تىللارغا داستان ئېرەم باغلىرى جايلاشقان ئاد مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن رايون ئىدى. ھۇد پەيغەمبەر بۇ قەۋمگە ئەۋەتىلگەن، لېكىن قەۋمى ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغانىدى. ئىنكار قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى بولغان ئىجتىمائىي زاۋاللىق ۋە ئەخلاقى بۆھران مەزكۇر قەۋمنى ھەر تەرەپتە قورشىغان بولۇپ، ئاقىۋەت دەھشەتلىك بىر قۇم بورىنى بىلەن تارىختىن سەھنىسىدىن سۈپۈرۈپ تاشلانغانىدى.

سۈرىنىڭ ئىسمى بولغان ئەھقاف، قۇم بورىنى پەيدا قىلغان قۇم بارخانلىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. كۈنىمىزدە بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىزنالىرى، 12 – 18 مېتىر قېلىنلىقتىكى قۇم بارخانلىرىنىڭ ئاستىدىن قېزىپ چىقىرىلدى.

سۈرىنىڭ بارلىق ھەدىس ۋە قۇرئان ئەدەبىياتىدا تىلغا ئېلىنغان بىردىنبىر ئىسمى ئەھقافتۇر.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. بەزى ئايەتلىرىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنى ئەنئام سۈرىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆلچەملەر رەت قىلىدۇ.

سۈرىنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 12 – يىلىدا نازىل بولغان سۈرىلەر قاتارىغا تىزىشقا بولىدۇ. سۈرە مۇسھاف تىزىلىشى، نازىل بولۇش تەرتىۋى بىلەن بىردەك بولغان يەتتە سۈرىلىك « ھا، مىم » ئائىلىسىگە تەۋە سۈرىلەرنىڭ ئاخىرقى سۈرىسى بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تەرتىپلەردە جاسىيە – زارىيات سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. سۈرىنىڭ 29 – 32 – ئايەتلىرىدە جىنلار ھەققىدە توختالغان. بۇ ۋەقە تائىفتىن قايتىشتا يۈز بەرگەنىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ تائىفقا بارغان ۋاقتىنى، مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردە ھىجرەتتىن ئۈچ يىل بۇرۇن بولغان دەپ قەيت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا سۈرىنىڭ 15 – ئايىتىنى، ئىسرا 23 – 24؛ لوقمان 14 – 15 تە تىلغا ئېلىنغان ئاتا – ئانا ۋە پەرزەنت مۇناسىۋىتىگە دائىر تېمىنىڭ داۋامى دېسەكمۇ خاتالاشمايمىز. فەررا، 9 – ئايىتىنى قۇرەيشنىڭ سۈيقەستى پىلانى بىلەن باغلاپ تۇرۇپ چۈشەندۈرىدۇ. پۈتۈن بۇلار سۈرىنىڭ مەزكۇر ئائىلىگە تەۋە باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش پەيغەمبەرلىكنىڭ 12 – يىلىدا نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ.

سۈرە باشقا قېرىنداش سۈرىلەرگە ئوخشاش مەزمۇن جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. سۈرە ئىلاھىي تەربىيە لاھىيەسى بولغان ۋەھىينىڭ مەنبەسى، قىممىتى ۋە ئۇنىڭغا ئىمان تېمىسى ئۈستىدە توختىلىدۇ ۋە ۋەھىينى ئىنكار قىلغان ئەقىلنىڭ چۈشۈپ قالغان خار ھالىتى ھەققىدە ئۆرنەكلەر بېرىدۇ.

سۈرە مۇقاتتائا ھەرىپلىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ۋەھىي تەكىتلەنگەن ھالدا سۆز باشلايدۇ. سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىلا يارىتىلىش ئىگە بولغان مەنا ۋە مەقسەت تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەگەر يارىتىلىشنىڭ بىر مەقسەت ۋە مەنىسى بولمىسا، ھەرقانداق بىر قانۇن، بەلگىلىمە، تەرتىپ، سىرنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ئەخلاق، دىن، ئىمان ۋە قانۇن ( شەرىئەت )لارنىڭ مەۋجۇد بولىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى، مەۋجۇدىيەتنىڭ يارىتىلىشنىڭ تەقەززاسى بولغان مەنا ۋە مەقسەتتۇر:

مَا خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ وَأَجَلٍ مُسَمًّى وَالَّذِينَ كَفَرُوا عَمَّا أُنْذِرُوا مُعْرِضُونَ

« ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى پەقەت بىر مەنا ۋە مەقسەت بىلەن مۇئەييەن مۇددەتكىچە مەۋجۇت بولىدىغان قىلىپ ياراتتۇق. كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر » ( 3 ).

بۇ ئارقىلىق: « ئاسمانلار ۋە زېمىن ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلدى. ئىنسانلار ئۈچۈن

يارىتىلغان ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ بىر يارىتىلىش مەقسىتى بولىدۇ – يۇ، بۇلار بويسۇندۇرۇپ بېرىلگەن ئىنساننىڭ يارىتىلىش مەقسىتى بولمامدۇ؟ »دىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت تەكىتلەنگەن. ئەگەر بۇ سوئالغان بېرىدىغان جاۋابىڭىز « ئەلۋەتتە، بار » ياكى « بولىشى كېرەك » بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: « ئۇنداقتا، بۇ مەقسەتنى كىم بەلگىلەيدۇ؟ ». بارلىق دەۋر ۋە ماكانلاردا ياشىغان، ياشاۋاتقان ۋە ياشايدىغان ئىنسانىيەتنىڭ ھەممىسى ھەققىدە توختىلىۋاتىمىز. ئىنسانىيەتنىڭ ھەممىسى ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان بولساق، ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى مەنا ۋە مەقسىتىنى بەلگىلگۈچى، ئىنسانىيەت ئۈستىدە سۆز ھەققى بولغان بىر زات بولىشى كېرەك. پەقەت سۆز ھەققى بولغۇچى بولىشى يېتەرلىك ئەمەس، ئۇنىڭ ئىنساندا ھەقىقى ۋە ئەجرى بولىشى، بۇنىڭدىن بىر مەنپەئەتى بولماسلىقى كېرەك… ئەگەر بىر مەنپەئەتى بولىدىغان بولسا، مەنا ۋە مەقسەتنى بەلگىلىگەندە ئۆز مەنپەئەتىگە مايىل قىلىشى ئېھتىمالى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاجىزلىقى بولماسلىقى كېرەك… ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، مەنا ۋە مەقسەتنى بەلگىلىگەندە ئاجىزلىقىنى ئارلاشتۇرۇپ قويىشى مۇمكىن. بۇ ئالاھىدىلىك ئاللاھ تىن باشقا بىرسىدە بارمۇ؟ يوق. ئۇنداقتا ئىنساننىڭ مەنا ۋە مەقسىتىنى ئاللاھ تىن غەيرىنىڭ بەلگىلەشكە ئىنتىلىشى ھەددىدىن ئاشقانلىق بولىدۇ. ئىنساننىڭ مەنا ۋە مەقسەتسىز بولۇپ قېلىشى، ھېچنەرسە بولۇش ( نېگىلىزم – مەقسەتسىزلىك، يارىتىلىش قىممىتىنى ئىنكار قىلىش ) قا باشلايدۇ، ياشاشنىڭ مەنىسى، ئەخلاقى مۇئامىلىنىڭ مەقسىتى قالمايدۇ.

ئۇنداقتا، ئىنساننىڭ مەنا ۋە مەقسىتىنى ئاللاھ بەلگىلىگەنمۇ؟ شۇنداق، بەلگىلىگەن. قەيەردە دەپ سورىسىڭىز، مانا بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئاللاھ ۋەھىي دەپ كۆرسەتمەكتە. ۋەھىينىڭ مەقسىتىنى ئىنساننىڭ ھىدايىتى قىلىپ بەلگىلىگەن. ۋەھىي، ئاللاھ نىڭ يېتەكچىلىكى ۋە رەھبەرلىكىدۇر. ئەگەر بۇ يول كۆرسەتكۈچ بولمىسا، ئىنسان ئىنسانغا قۇل بولىدۇ، ئىنساننى قۇل قىلىدۇ، شەيئىلەرگە قۇل بولىدۇ، ئېلىپ – سېتىلىدۇ، ئىنساننى بىر تاۋارغا ئوخشاش ئېلىپ – ساتىدۇ. ئىنسان ئىنسانغا، نەپسى خاھىشىغا، غەزەپكە، قورقۇغا چوقۇنىدۇ. پۈتۈن بۇلار ۋەھىي تەرىپىدىن شېرىك دەپ ئاتىلىدۇ. سۈرىنىڭ بىرىنچى بۆلىكى مانا بۇ خەتەرگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ ( 4 – 7 ).

سۈرىدە ۋەھىيگە قارىتىلغان ئېتىرازلارغا جاۋاپ بېرىلىدۇ. ئالدى بىلەن « بۇ تەسىر كۈچى يۇقىرى سېھىردۇر » دېگەن ئېتىراز تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ( 7 )، بۇنداق دېگۈچىلەر ئەسلىدە ۋەھىينى ئېتىراپ قىلغانىدى. چۈنكى، ۋەھىي نازىل بولغان جەمىئىيەت سۆزنىڭ كۈچىنى ياخشى بىلەتتى ۋە ئېتىراپ قىلايتتى. ئۇ دەۋردە سۆز سەنئىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان، سۆز ماھىرلىرى باش تاجى قىلىنغان ۋە ئەڭ كۆپ نەپكە ئىگە بولىدىغانلار ئىدى. ۋەھىينى « سېھىر » دەپ تۆھمەت قىلغانلار، يەنە بىر رىئاللىقنى ئېتىراپ قىلغانىدى، يەنى ۋەھىينىڭ ئۆزلىرىنى ۋە باشقىلارنى جەلىپ قىلغانلىقى ھەقىقىتى ئىدى. لېكىن ئۇلار ۋەھىينىڭ تەسىر كۈچىنى ئىلاھىي مەنبەدىن كېلىۋاتىدۇ دەپ بىلىشنىڭ ئورنىغا، ۋەھىينىڭ لەبزىدىن دەپ قارىغانىدى. ئۇلار ۋەھىي ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنىڭ ئەبەدىيلىكىگە قاراشنىڭ ئورنىغا، ۋەھىي لەبزىنىڭ بەدىئىيلىكىگە قارىغانىدى. قىڭغىر قارىغۇچى نەزەر تاشلىغان نەرسىنى توغرا ھالدا كۆرەلمەيدۇ. ئۇلارمۇ قىڭغىر قارىغانلىقتىن توغرا كۆرەلمىگەنىدى.

« ئۇنى مۇھەممەد توقۇپ چىقتى » ( 8 ) دەپ تۆھمەت قىلغۇچىلارغا مۇنداق جاۋاپ بېرىلگەن:

أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ قُلْ إِنِ افْتَرَيْتُهُ فَلَا تَمْلِكُونَ لِي مِنَ اللَّهِ شَيْئًا هُوَ أَعْلَمُ بِمَا تُفِيضُونَ فِيهِ كَفَى بِهِ شَهِيدًا بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ وَهُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ

ياكى ئۇلار قۇرئاننى ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۆزى توقۇغان دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، « ئەگەر ئۇنى مەن توقۇغان بولسام، سىلەر مەندىن اﷲ نىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايسىلەر، سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدىكى تۆھمەتلىرىڭلارنى اﷲ ئوبدان بىلىدۇ، اﷲ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر (يەنى مېنىڭ راستچىللىقىمغا ۋە سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلارغا گۇۋاھ بولىدۇ)، اﷲ (تەۋبە قىلغۇچىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (مۆمىن بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر » ( 8 ).

بۇ ئايەتتىن كېيىن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېيىشكە بۇيرۇلىدۇ:

ئېيتقىنكى، « مەن (اﷲ ئىنسانلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسمەن، ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن، مەن پەقەت ماڭا ۋەھيى قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن، مەن پەقەت ۋەھىينى شۇ پېتى يەتكۈزگۈچى ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن » ( 9 ).

بۇ مۇشرىكلار « ماڭا ۋە سىلەرگە ئەتە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن » دېگەن بىرىسىنى پەيغەمبەر دەپ ئېتىراپ قىلمىغانىدى. ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرنى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كېلەچەكنى بىلىشى، غەيىبتىن خەۋەر بېرىشى، يۈتۈپ كەتكەن تۆگىسىنىڭ يېرىنى دەپ بېرىشى، كارامەت كۆرسىتىشى، بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئېيتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. ئۇنتۇماڭ، بۇلارنى تەلەپ قىلغانلار مۇئمىنلەر ئەمەس، مۇشرىكلار ئىدى. قۇرئان ئۇلارنىڭ بۇ تەمەلىرىنى نەزەرگە ئېلىپمۇ قويماستىن، دىققىتىنى ۋەھىيگە ئاغدۇرىدۇ ( 10 ). توغرا يول تۇتقانلارغا جەننەت بىلەن خوشخەۋەر بېرىدۇ ( 11 – 12 ).

شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرئان نازىل بولغان جەمىئىيەتتە ئاتا – ئانا ۋە پەرزەنت ئوتتۇرىسىدا، ئېتىقاد سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن بەزى مەسلىلەرنى قۇرئان بىزگە خەۋەردار قىلماقتا. ئۆزىگە ئىمان تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا – ئانىسىغا قوپاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان پەرزەنت بۇنىڭغا بىر مىسالىدۇر ( 15 – 20 ). بۇ بۆلەك كىشىگە، ئىنسانىيەتنى خۇددى بىر ئاتا مېھرى بىلەن ئىمانغا دەۋەت قىلىۋاتقان رەسۇلۇللاھنى رەت قىلىشنىڭ نېمىدېگەن چوڭ تۇزكورلۇق ئىكەنلىكى بايان قىلىنغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

ئەقىل بالىغ بولۇش يېشى ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇ ئىنساننىڭ تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تۇيغۇلىرىنىڭ بالىغ بولىشىنىڭمۇ مۇئەييەن يېشى بولۇپ، 40 ياش، ئىنساننىڭ ھېس – تۇيغۇ جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن قىران مەزگىلى ئىكەنلىكىنى بايان جۈملە، بۇ سۈرىنىڭ 15 – ئايىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ:

« تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە ».

سۈرىدە ھەددىدىن ئېشىشنىڭ قانداق قىلىپ ئۆزىنى يوقۇتۇشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىڭ ئۆرنەكلىرى، ھالاك قىلىنغان ئۆتمۈش قەۋملەر مىسال كەلتۈرلۈش ئارقىلىق بېرىلىدۇ. بىر ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتقانلار، نۇرغۇن ساختا ئىلاھلار ئىجاد قىلىدىغان خارلىققا قانداق قىلىپ مۇپتىلا بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ ( 21 – 28 ). بۇ سۈرىگە ئىسم قىلىپ قويۇلغان قىسسە بۇ بۆلەكتە بايان قىلىنىدۇ.

سۈرىدە يەنە ۋەھىگە قۇلاق سالغان ۋە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە ئاقىۋىتى بايان قىلىنىدۇ ( 29 – 34 ). ۋەھىيگە قۇلاق سالماي، ئۆمرىنى بىكار ئۆتكۈزىۋەتكەنلەر، ئۆز ئۆمرىنى ئۆز قولى بىلەن قانداق قىسقارتقانلىقىنى ( مەنا جەھەتتىن ) ئاخىرەتتە بىلىپ يېتىدۇ. ئۆز قولى بىلەن مەنسىز قىلىۋەتكەن ھايات بەرىكەتسىز بىر ھاياتتۇر. بۇ شۇنداق بىر ئەھۋالكى، ئاخىرەتتە پۈتۈن بىر ئۆمرىنى « پەقەت كۈندۈزدە بىردەم تۇرغاندەكلام » قىسقا ھېس قىلىدۇ ( 35 ). بۇ ئايەتنىڭ ئاخىرى، سۈرىنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى بولۇپ، سۈرە ھالاك قىلىنىشتا ئىلاھىي شەپقەتنىڭ بىر تەجەللىسى بولغان شۇ ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ:

« مانا بۇ ئاگاھلاندۇرشىمىزدۇر. ئۇنداقتا، مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان بىر قەۋمدىن باشقىلار ھالاك قىلىنامدۇ؟ » ( 35 ).