جاسىيە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
سۈرىگە 28 – ئايەتكە ئاساسەن « جاسىيە » دەپ ئىسىم قويۇلغان بولۇپ، كەلىمە ئىنساننىڭ ئىلاھىي مەھكىمىدە جاۋاپكارلىققا تارتىلىش جەريانىدىكى پەرىشان ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۈرە قۇرئاندىكى ئىلاھىي يارىلىش ۋە يوقۇلۇش ھەقىقىتنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىم ياكى سۈپەت بىلەن ئاتالغان 14 سۈرىدىن بىرى.
سۈرە 18 – ئايىتىگە ئاساسەن شەرىئەت سۈرىسى دەپمۇ ئاتالغان:
« سېنىمۇ بۇ مەسئۇلىيەتنى ( لايىقىدا ئادا قىلىدىغان ) بىر شەرىئەتكە ئىگە قىلدۇق » ( 18 ).
بەزىلەر بۇ سۈرىنىڭ « دەھر سۈرىسى » دەپمۇ ئاتالغانلىقىنى ئېيىتقان.
سۈرە « ھا، مىم » ئائىلىسىنىڭ 6 – سۈرىسى بولۇپ، مەككىدە نازىل بولغان. زامان ۋە مەزمۇن جەھەتتىن دۇخان سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغانلىقى مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.
دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرتىپلەردە بۇ سۈرە ئەھقاپ سۈرىسىنىڭ ئالدىغا تىزىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن سۈرىنىڭ پەيغەمبەرلىكنىڭ 12 – يىلىدا نازىل بولغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. 14 – ئايەتنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى ئىبن ئابباسقا نىسبەت قىلىنغان رىۋايەتنى سۈرىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى مۇناسىۋىتى رەت قىلىدۇ. بۇ رىۋايەت يەنە ئىبن ئابباستىن كەلگەن بىر سەھىھ رىۋايەتكە زىت كېلىدۇ. سۈرە مەزمۇن ۋە ئىچكى جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، بۇ ئامىلمۇ ئايەتنىڭ ئۆز دەۋرىدىن باشقا بىر دەۋردە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنى رەت قىلىدۇ.
سۈرە ئىلاھىي مەھكىمىدە جاۋاپكارلىققا تارتىلىدىغانلىققا ئىماننى، يەنى كىشىدە قىلمىشلىرىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇشتىن ئىبارەت بىر ئاڭنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
سۈرە، ئىلاھىي تەربىيە لاھىيەسى بولغان ۋەھىينى، ئۇنىڭ مەنبەسىنى ۋە دېمەكچى بولغان مەقسىتىنى تەكىتلەش بىلەن باشلىنىدۇ ( 1 – 11 ). بۇ بۆلەكتە سورالغان تۆۋەندىكى سوئال كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ:
« ئۇلار اﷲ نى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى قويۇپ قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ » ( 6 ).
مۇشۇنداق بىر ئىلاھى كايىشىتىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك بىر ئازارنىڭ كېلىشى شۈبھىسىز:
« ئۆزىنى ئالداپ گۇناھقا چۈمگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھالىغا ۋاي! » ( 7 ).
بۇ خىل كىشىلەر ئاللاھ نىڭ سۆزىنى پەقەت ئاڭلىغاندەك قىلىپ، قۇلاق سالماسلىق بىلەنلا قالماستىن، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ ( 8 – 9 ). بۇ بۆلەكنىڭ ئاخىرقى ئايىتىنى ئوقۇش شەرت. قېنى بىر ئوقۇپ باقايلى:
هَذَا هُدًى وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآَيَاتِ رَبِّهِمْ لَهُمْ عَذَابٌ مِنْ رِجْزٍ أَلِيمٌ
« بۇ (قۇرئان ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىگە كامىل) ھىدايەتتۇر، رەببىنىڭ ( كائىنات ۋە ۋەھىي قىلىنغان ) ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ » ( 11 ).
ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن بۆلەكتە، ئىنسانلار ھەرگىزمۇ ئۆتەپ بولالمايدىغان ئاللاھ نىڭ ئۆزلىرى ئۈستىدىكى ھەققى ئەسكەرتىلىدۇ. دېڭىزلاردىكى كېمىلەر ئاللاھ بەلگىلىگەن قانۇن دائىرىسىدە ئۈزىدۇ ( 12 ). ئاسمانلاردا ۋە يەردە يارىتىلغان ھەممە نەرسە ئىنسانلارنىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغان ( 13 ). بۇ نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىگە تۇزكورلۇق قىلىۋاتقانلارغا قارىتا، مۇئمىنلەردىن ئۇلارغا مېھرى – شەپقەت ۋە ئەپۇنى ئاساس قىلغان بىر ئۇسلۇب بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ تەلەپ قىلىنىشىنى، پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ نىڭ چەكسىز شەپقەت ۋە مەرھەمىتى بىلەن ئىزاھلىغىلى بولىدۇ ( 14 ). نېمە ئۈچۈن ياخشى مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ چۈنكى:
مَنْ عَمِلَ صَالِحًا فَلِنَفْسِهِ وَمَنْ أَسَاءَ فَعَلَيْهَا ثُمَّ إِلَى رَبِّكُمْ تُرْجَعُونَ
« كىمكى (دۇنيادا) ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قىلىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر (اﷲ ياخشىلىققا مۇكاپات، يامانلىققا جازا بېرىدۇ) » ( 15 ).
بۇ بۆلەكتىن كېيىن سۈرىدە بەنى ئىسرائىل قىسسىسى بايان قىلىنىدۇ ( 16 – 17 ) ۋە يەھۇدىيلىشىش جەريانى بىلەن ئاخىرەتكە ئىمان ئارىسىدىكى تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتكە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ. ئاندىن قۇرئان ۋەھىينىڭ مەقسىتى بايان قىلىنىدۇ: « بۇ ( ۋەھىي / قۇرئان ) ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىدراك مەنبەسىدۇر » ( 20 ). بۇ مەنبەدىن يىراق تۇرغۇچىنى كۈتۈپ تۇرغان خەتەرلىك ئاقىۋەت مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
أَفَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَهَهُ هَوَاهُ وَأَضَلَّهُ اللَّهُ عَلَى عِلْمٍ وَخَتَمَ عَلَى سَمْعِهِ وَقَلْبِهِ وَجَعَلَ عَلَى بَصَرِهِ غِشَاوَةً فَمَنْ يَهْدِيهِ مِنْ بَعْدِ اللَّهِ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
« ماڭا نەپسى خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان ۋە اﷲ ( كىشىنىڭ ئۆز تاللىشى بىلەن ) بەلگىلىك ھەقىقەتكە ئاساسەن ئازدۇرغان، قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرەلەمسەن؟ ئۇنى اﷲ تىن غەيرى كىم توغرا يولغا باشلىيالايدۇ؟ سىلەر (بۇلاردىن) ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟ » ( 23 ).
مۇشۇنداق بىر گۇمراھلىقنىڭ ئۇلىدا قىلمىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالماسلىق ۋە ھېساب بەرمەسلىكتىن ئىبارەت گۇمان ( زان ) ياتماقتا. يەنى « ئاخىرەت بولمىسا ھەر نەرسە مۇباھ » چۈشەنچىسى ھاكىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنداق بىر چۈشەنچىگە ئىگە بىر كىشى، ئەگەر قائىدە – يۇسۇنغا ( شەرىئەتكە ) ئاساسەن ياشىماسلىقنى ئۆزىگە مىزان قىلغان بولسا، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىشنىمۇ زېھنىگە يەرلەشتۈرگەن بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر زېھنىدىكى ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. قۇرئان مانا بۇ ئىپتىدائى ئاتىئېزم ۋە ماتېرىيالىزم بولغان « دەھرى دۇنيا قارىشى » نىڭ بۇ پەلسەپىسىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
ئۇلار (يەنى قىيامەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار): « ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلىمىز تۈگەيمىز، دۇنياغا پەقەت بىر قېتىملا كېلىمىز / تىرىلىمىز. پەقەت زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز » دەيدۇ ( 24 ).
بۇنداق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بىر كىشى قولىغا كەلگەن ھەر قانداق بىر پۇرسەتتە قىلمايدىغان گۇناھ، زۇلۇم، يېمەيدىغان ھەق قالامدۇ؟ سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن ئايەت، مانا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىدۇ:
وَتَرَى كُلَّ أُمَّةٍ جَاثِيَةً كُلُّ أُمَّةٍ تُدْعَى إِلَى كِتَابِهَا الْيَوْمَ تُجْزَوْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ (28) هَذَا كِتَابُنَا يَنْطِقُ عَلَيْكُمْ بِالْحَقِّ إِنَّا كُنَّا نَسْتَنْسِخُ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ (29)
ئۇ كۈندە ( قىيامەتتە ) ھەر ئۈممەتنى (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن، ھەر ئۈممەت ئۆزىنىڭ نامە ـ ئەمالىنى ( كۆرۈشكە ) چاقىرىلىدۇ، (ئۇلارغا) « بۈگۈن قىلمىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر ياكى جازاغا ئۇچرايسىلەر » (دېيىلىدۇ). بۇ بىزنىڭ كىتابىمىز (يەنى قىلمىشىڭلار يېزىلغان كىتاب) سىلەرگە ھەق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق (يەنى پەرىشتىلەرنى ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيتتۇق) ( 28-29 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە ئىلاھىي مەھكىمە، ئىلاھىي ئادالەتنىڭ تەقەززاسى بولغان مۇكاپات ۋە جازا ھەقىقىتى بايان قىلىنغان ( 30 – 35 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرىدە ئىنساننىڭ بارلىقىنىڭ ئەزىمەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن بەخش ئېتىلگەنلىكى، ئىنساننىڭ ئاللاھ قا قەرزدار ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئەستىن چىقارماسلىقى ئىما قىلىنغان:
فَلِلَّهِ الْحَمْدُ رَبِّ السَّمَاوَاتِ وَرَبِّ الْأَرْضِ رَبِّ الْعَالَمِينَ (36) وَلَهُ الْكِبْرِيَاءُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ (37)
« جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئالەملەرنىڭ رەببى اﷲ قا خاستۇر! ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق اﷲ قا خاستۇر، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر » ( 36 – 37 ).