IMG_3253.JPG

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز، ئاناتىل بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!

ھەممىڭلارنىڭ 21- فېۋرال خەلقئارا ئاناتىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارماقچى بولغان ئانا تىلىمىزنى قوغداش يولىدىكى ھەرخىل چوڭ – كىچىك پائالىيىتىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمىز.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكەن يىلى تەييارلىغان « ئانا تىلغا ئاتانغان يۈرەك » نامىدىكى قىسقىغىنە بىر ھۆسىنخەتلىك فىلىمنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەتە ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلىدىغان 5- قېتىملىق ئاناتىل ئىلمىي مۇھاكېمە يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى تىلەيمىز.

ئانا تىلىمىز ئارقىلىق خەلقىمىزگە قۇرئان ئىلمىگە ئائىت سەرخىل ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ سۇنۇۋاتقان ھايات كىتابىم تورىمىزنىڭ ئانا تىلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇشبۇ مېھنەتلىرىگە ئاللاھ ئىگىمىزدىن بەرىكەت ۋە ئەجىر تىلەيمىز.

بىز دۇنيادىكى بارلىق تىللارنى ئاللاھنىڭ بىر ئايىتى دەپ بىلىمىز، ھەرقانداق بىر تىلنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىرىنىڭ يوق قىلىنىشى تەرەپتارىدا بولغان ھەرقانداق ئىدىيىگە قارشى تۇرىمىز.

چۈنكى بىز ئوخشىماسلىقنى، ئۆز – ئارا پەرقنى نىمەت دەپ بىلىمىز. بىزنىڭ باشقا تىللارغا تۇتقان پوزىتسىيەمىز بىلەن باشقا دىنغا پوزىتسىيەمىز ئوخشاپ كېتىدۇ. خالىغانلار مۇنۇ يازمىغا دىققەت قىلسۇن!

ئىسلام باشقا دىنلارغا ۋە مەنسۇپلىرىغا قانداق قارايدۇ؟
ئىسلامنىڭ باشقا دىنلارغا بولغان مۇئامىلىسىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن رەڭدارلىققا / ئوخشاشماسلىققا قانداق قارايدۇ؟ بۇنى بىلىش لازىم. ئىسلامغا كۆرە، ئوخشاشماسلىق بايلىقتۇر. قۇرئان ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ، ئىنسانلارنىڭ تىل ۋە رەڭلىرىنىڭ پەرقلىق بولىشىنى « ئاللاھ نىڭ ئايىتى » دەپ ئاتايدۇ ( 30:22 ). قۇرئان فاتىر سۈرىسىدە، يارىتىلغانلار شۇنچە پەرقلىق بولسىمۇ، ئۇلار ئارىسىدىكى مىسلىسىز ماسلىشىش بايان قىلىنغان. مەزكۇر سۈرە بۇ ئوخشاشماسلىقنى بىر بايلىق سۈپتىدە بىزگە بايان قىلىدۇ. قۇرئانغا كۆرە، يەر يۈزىدىكى ھەر قانداق بىر ئىنسان ئېرقىنى، رەڭگىنى، تىلىنى نىشانغا ئېلىش، ئاللاھ نىڭ ئايىتىنى نىشانغا ئالغان بىلەن ئوخشاش.
قۇرئان ياراتقۇچىنىڭ بىر ئىكەنلىكى ھەققىدە قانچىلىك ئەستايىدىل بولغان بولسا، يارىتىلغانلارنىڭ كۆپ خىللىقى ھەققىدىمۇ شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن توختىلىدۇ. قۇرئان، بىر پۈتۈن گەۋدە ھالىتىدە مۇنداق دەيدۇ:
1. ياراتقۇچىنىڭ بىر ئىكەنلىكى پرىنسىپىغا ئىسيان قىلىش، ئاللاھ قا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن « ئەڭ چوڭ گۇناھ » بولغان شېرىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. يارىتىلغاننىڭ كۆپ خىل بولۇش پرىنسىپىغا قىلىنغان ئىسيان، ئىنسانغا قارىشى سادىر قىلىنغان ئەڭ چوڭ گۇناھ « زۇلۇم »نى پەيدا قىلىدۇ.
ئىسلام، دۇنيادىكى دىنىي ئوخشاشماسلىقلارنى، ياراتقۇچى ئىرادىسىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدۇ. چۈنكى ياراتقۇچى، مۇسۇلمانلاردىن ھەممە كىشى ئىمان ئېيتقان بىر دۇنيا بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. بۇنى قۇرئاندا ئوچۇق قىلىپ مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟ ( 10:99 ). قۇرئانغا كۆرە، ئېتىقاد ئوخشاشماسلىقى يوق بىر دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش، ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسىگە ئىسيان قىلغانلىق بولىدۇ.
ئاللاھ ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنى ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ قولى بىلەن مۇھاپىزەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان مۇنداق دەيدۇ:
ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر – بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھ نىڭ نامى كۆپ ياد قىلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى ( 22:40 ).

ئانا تىلغا ئاتانغان يۈرەك ھۇزۇرىڭىزدا بولسۇن: