ئىسرا سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « كېچە سەپىرى » دېگەن مەنىنى  بىلدۈرىدىغان « ئىسرا » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. سۈرىنىڭ ئىسرا ئىسمى كېيىنكى مەزگىلدە ئومۇمىيلاشقان بولسا كېرەك. چۈنكى فىرۇزئابادى « ئەل بەسائىر » ناملىق ئەسىرىدە مەزكۇر سۈرىنىڭ « سۇبھان » ۋە « ئىسرائىل » دىن ئىبارەت ئىككى ئىسمى بارلىقنى قەيت قىلغان بولۇپ، « ئىسرا » ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان.

سۈرە بەنى ئىسرائىل ئۈستىدە توختالغانلىقى ئۈچۈن « بەنى ئىسرائىل سۈرىسى » دەپمۇ ئاتالغان. لېكىن، قۇرئاندا بەنى ئىسرائىل ھەققىدە ئەڭ كۆپ توختالغان سۈرە بەقەرە سۈرىسىدۇر. ئەگەر بۇ ئۆلچەمگە ئاساسەن ئىسىم قويۇلىدىغان بولسا، بەقەرە سۈرىسى بۇ ئىسىمغا، يەنى بەنى ئىسرائىل سۈرىسى دەپ ئاتىلىشقا ھەممىدىن بەك لايىق.

بەسائىر مۇئەللىپى تىلغا ئالغان سۇبھان ئىسمى، سۈرىنىڭ بىرىنچى كەلىمىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، سۈرە بۇ كەلىمە بىلەن ئاتالغان بولىشىمۇ مۇمكىن.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، بۇ سۈرىنى قۇرەيش بويقۇتىدىن كېيىن نازىل بولغان، پەيغەمبەر قىسسەلىرى بايان قىلىنغان سۈرىلەر ئارىسىغا تىزىشقا بولىدۇ. سۈرىدە بايان قىلىنغان يەھۇدىيلارغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار، بۇ مەزگىلدە نازىل بولغان ئەنئام، ئەئراف، جىن، نەمل، شۇئەرا سۈرىلىرىنى ئەسلىتىدۇ. زۇھرى ( ۋاپات، 742 / 124 ) ئىسرا ۋەقەسىنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 5 – يىلىدا بولغان دەيدۇ ( نەۋەۋى، شەرھ، 2، 209 ). قۇرتۇبىمۇ بۇ قاراشنى توغرا دەيدۇ. 60 – ئايەت ساففات سۈرىسى 62 – ئايەتنى ئىما قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، سۈرىنىڭ ساففات سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغانلىقى ئېنىق. بۇ سۈرە دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرتىپلەردە قەسەس – يۇنۇس سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ رىسالەتنىڭ 10 – يىلىغا توغرا كەلمەكتە. سۈرە ئىسرا ئايىتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، بۇ ئايەت ھەم مەنا ھەم ئۇسلۇب نوقتىسىدىن سۈرىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىدىن ئايرىم بىر بۆلەكنى تەشكىل قىلىدۇ. چۈنكى، سۈرىدىكى بارلىق ئايەتلەر « ا ( ئەلىف ) » بىلەن ئاخىرلاشقان، پەقەت بۇ ئايەت « ر ( را ) » بىلەن ئاخىرلاشقان. ئىسرا ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ ئانا بېكەتلىرىدىن بىرى بولغان « ئەل مەسجىدۇل ئاقسا » بىلەن بەنى ئىسرائىل ئارىسىدا مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدىن مەلۇم بولماقتا.

ئىسرا سۈرىسى مەشھۇر ئىسرا ئايىتى بىلەن باشلانغان. بۇ قۇرئاندا ئىسرا ھەقىقىتىنى بايان قىلغان تەك ئايەت:

سُبْحَانَ الَّذِي أَسْرَى بِعَبْدِهِ لَيْلاً مِّنَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ إِلَى الْمَسْجِدِ الأَقْصَى الَّذِي بَارَكْنَا حَوْلَهُ لِنُرِيَهُ مِنْ آيَاتِنَا إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ البَصِيرُ

« ئاللاھ مەخلۇقلىرىغا ئوخشاپ قېلىشتىن پاكتۇر ( ھېچبىر مەخلۇق ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ )، ئۇ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر » ( 1 ).

ئايەتنىڭ مەنىسى ھەقىقەتەن چوڭقۇر بولۇپ، بۇ ئامىل ئايەتنى مۇستەقىل ھالدا شەرھىيلەشكە ئىمكان بەرمەكتە. تەپسىر تارىخىمىز بۇنىڭ جانلىق شاھىتى. ئىسرادىن ئىبارەت بىر تەرىپى روھانى، بىر تەرىپى مالائىكىلىق، بىر تەرىپى غىيابى بولغان شاھىتلىقنى، ئىمان بولماستىن چۈشەندۈرگىلى ۋە چۈشەنگىلى بولمايدۇ. بۇ « ئالاھىدە » ھادىسىنىڭ ھەر خىل شەرھىيلەرگە سەۋەپ بولغانلىقىنى، ئىسرا ۋە مىراج ھەققىدىكى رىۋايەتنىڭ موللىقىدىنمۇ كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئاللاھ ئىسرا ئايىتى شەرھىيلەش نوقتىسىدىن ئىشىكنى كەڭ ئېچىپ بېرىش بىلەن بىرگە بەلگىلىك رامكا سىزىپ بەرمەكتە. ئىسرا ئايىتى بۇ رامكا ئارقىلىق شەرھىيلىگۈچىگە مۇنداق بىر قانچە نوقتىنى ئەسكەرتىپ « قانداق شەرھىيلىسەڭ شەرھىيلە، ئەمما بەلگىلەنگەن رامكىدىن ھالقىپ كەتمە » دېمەكتە. مەزكۇر ئايەتنى چۈشىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ھەر مۇئمىن ئۈچۈن بەلگىلىگەن رامكا تۆۋەندىكىچە:

  1. سۇبھان. ئىسىمغا ئايلىنىپ كەتكەن بىر پېئىل بولغان بۇ كەلىمە « تەسەۋۋۇردىن ھالقىغاننى شۇ شەكىلدە بىلىش، ئۇلۇغ بولغاننىڭ ئۇلۇغلىقىنى تەقدىرلەش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق خىتاپ قىلىنغۇچىغا « ئى مۇئمىن! بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئوخشىتىشنى ھەر خىل مەنىدە چۈشەنسەڭ بولىدۇ. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئاللاھ نىڭ مۇتلەق ۋە ھېچقانداق بىر مەخلۇققا ئوخشىمايدىغان ھەقىقىتىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان بىر مەنا بولماسلىقى كېرەك » دېمەكتە.
  2. « لى نۇرىيەھۇ مىن ئايەتىنا – ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن … » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بۇ ئىبارە ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، ئىسرا ۋەقەسىدە ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس، بىر قىسىمنى كۆرسەتكەنلىكى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، رەسۇلۇللاھ ئاللاھ نىڭ ئۆزىنى ئەمەس، ئايەتلىرىدىن بىر قىسمىنى كۆرگەنلىكى بايان قىلىنغان.
  3. « ئىننەھۇ ھۇۋەس سەمىئۇل بەسىر – ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر »، يەنى ئايەتنىڭ ئاخىرى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ھەر نەرسىنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ تۇرۇشنىڭ پەقەت ئاللاھ قىلا خاس ئىكەنلىكى، ئاللاھ تىن غەيرىنىڭ بۇنداق قىلالمايدىغان بايان قىلىنغان. ھەتتا پەيغەمبەر بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. بۇ ئارقىلىق رەسۇلۇللاھنى ھەر نەرسىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى داۋا قىلىپ ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلماڭلار. بۇنداق بولغاندا ئاللاھ بەلگىلىگەن چەكتىن ئاشقان بولىسىلەر دېمەكتە.

ئىسرا ئايىتىدىن كېيىنلا تېما بەنى ئىسرائىلغا يۆتكەلگەن بولۇپ، بۇ قىسسەدە بايان قىلىنغان بەنى ئىسرائىل پىرئەۋن زۇلۇمى ئاستىدا ئىڭرىغان، ھەزرىتى مۇسانىڭ ئارقىسىدىن دېڭىزغا قاراپ ماڭغان، ئاسماندىن چۈشكەن نېمەتكە رازى بولماي چۆلدە 40 يىل چۆرگىلەپ يۈرگەن بەنى ئىسرائىل ئەمەس. بۇ قىسسەدىكى بەنى ئىسرائىل زالىم، بۇزغۇنچىلىق چىقىرىپ، ئەتراپىغا ئۇرۇش ئوتىنى تۇتاشتۇرغان بەنى ئىسرائىلدۇر. يەنى « يەھۇدىيلەشكەن » بەنى ئىسرائىلدۇر:

وَقَضَيْنَا إِلَى بَنِي إسْرائِيلَ فِي الْكِتَابِ لَتُفْسِدُنَّ فِي الْأَرْضِ مَرَّتَيْنِ وَلَتَعْلُنَّ عُلُوًّا كَبِيرًا (4) فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ أُولَاهُمَا بَعَثْنَا عَلَيْكُمْ عِبَادًا لَنَا أُولِي بَأْسٍ شَدِيدٍ فَجَاسُوا خِلَالَ الدِّيَارِ وَكَانَ وَعْدًا مَفْعُولًا (5) ثُمَّ رَدَدْنَا لَكُمُ الْكَرَّةَ عَلَيْهِمْ وَأَمْدَدْنَاكُمْ بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَجَعَلْنَاكُمْ أَكْثَرَ نَفِيرًا (6) إِنْ أَحْسَنْتُمْ أَحْسَنْتُمْ لِأَنْفُسِكُمْ وَإِنْ أَسَأْتُمْ فَلَهَا فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ الْآَخِرَةِ لِيَسُوءُوا وُجُوهَكُمْ وَلِيَدْخُلُوا الْمَسْجِدَ كَمَا دَخَلُوهُ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَلِيُتَبِّرُوا مَا عَلَوْا تَتْبِيرًا (7) عَسَى رَبُّكُمْ أَنْ يَرْحَمَكُمْ وَإِنْ عُدْتُمْ عُدْنَا وَجَعَلْنَا جَهَنَّمَ لِلْكَافِرِينَ حَصِيرًا (8)

« ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابتا (يەنى تەۋراتتا): «پەلەستىن زېمىنىدا چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە زۇلۇم قىلىش بىلەن، اﷲ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن تولىمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىسىلەر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق. بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقنىڭ (جازاسى) ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت كەلگەندە، (سىلەرنى جازالاش ئۈچۈن) سىلەرگە كۈچلۈك بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق، (ئۇلار سىلەرنى ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭ ـ تالاڭ قىلىش ئۈچۈن) ئۆيلەرنى ئاختۇردى. (سىلەرگە دۈشمەننى مۇسەللەت قىلىش) چوقۇم ئىشقا ئاشىدىغان ۋەدە ئىدى ( بۇ مۇشۇنداق ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى جازالاش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن قانۇننىڭ تەجەللىسى ئىدى ). ئاندىن (يەنى تەۋبە قىلغىنىڭلاردىن) كېيىن سىلەرنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۈنلۈكۈڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق (يەنى دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلدۇق، سىلەرنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدۇق)، سىلەرگە نۇرغۇن مال ۋە ئەۋلادلار ئاتا قىلدۇق، سانىڭلارنى كۆپ قىلدۇق. (ئى ئسرائىل ئەۋلادى!) ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار، ياخشىلىقىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، يامانلىق قىلساڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئىككىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىق (جازاسىنىڭ) ۋەدە قىلىنغان ۋاقتى كەلگەندە، (دۈشمەنلەرنىڭ خار قىلىشى بىلەن) يۈزۈڭلاردا قايغۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بەيتۇلمۇقەددەسكە دەسلەپكى قېتىمدا كىرگەندەك كىرىپ (ئۇنى خاراب قىلىشى) ئۈچۈن، ئىشغال قىلغانلىكى يەرنى ۋەيران قىلىشى ئۈچۈن (ئۇلارنى بىز ئەۋەتتۇق). (ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە رەھىم قىلىشى مۇھەققەق يېقىندۇر، ئەگەر سىلەر قايتساڭلار (يەنى قايتا بۇزغۇنچىلىق قىلساڭلار)، بىز قايتىمىز (يەنى بىز سىلەرنى قايتا جازالايمىز). جەھەننەمنى كاپىرلار / تۇزكورلار ئۈچۈن زىندان قىلدۇق » ( 4 – 8 ).

بۇ ئايەتتە يەھۇدىيلەشكەن بەنى ئىسرائىلنىڭ تارىخى ئەڭ ئىخچام شەكىلدە بايان قىلىنغان. مۆجىزىۋى بىر بىشارەت بولسا كېرەك، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان تارىخ پەقەت ئاسۇر ئىشغالىيىتىنى، بابىل سۈرگۈنىنى ۋە مىلادىدىن كېيىنكى 70 –  يىللىرىدا رىم ئىمپىراتورى تىتۇس دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئېرىقى قىرغىنچىلىقلارنىلا بايان قىلىپ قالماستىن، بۇ ئايەتلەر نازىل بولغان دەۋردىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسىرلەردە، ھەتتا مىڭ يىللاردا بەنى ئىسرائىلنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە بۇ سەۋەپتىن بېشىغا نېمىلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنىڭ قىسقىچە بايانى ئىدى. بۇنى ياشاۋاتقان دەۋرىمىزگە بىر نەزەر تاشلىساق تېخىمۇ ياخشى بىلەلەيمىز.

بەنى ئىسرائىلنىڭ بۇ ئىبرەتلىك تارىخىدىن كېيىن، سۆز قۇرئانغا كەلتۈرۈپ مۇنداق دېيىلگەن:

إِنَّ هَذَا الْقُرْآَنَ يَهْدِي لِلَّتِي هِيَ أَقْوَمُ وَيُبَشِّرُ الْمُؤْمِنِينَ الَّذِينَ يَعْمَلُونَ الصَّالِحَاتِ أَنَّ لَهُمْ أَجْرًا كَبِيرًا

« بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ » ( 9 ).

قۇرئان ھىدايەتكە چاقىرماقتا، بۇنىڭدا قىلچىمۇ شۈبھە يوق. لېكىن، قۇرئاننىڭ ھىدايەت چاقىرىقى خىتاپ قىلىنغۇچىدا بىر ئىرادىنىڭ بولىشىنى تەقەززا قىلماقتا. چۈنكى، ئاللاھ « بىز ئىنساننىڭ تەقدىرىنى تىرىشچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قىلدۇق » ( 13 ) دېمەكتە. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ھەر كىشىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنىڭ نامە – ئەمال دەپتىرىنى قويىدۇ ۋە: « نامە – ئەمالىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزەڭگە ئۆزەڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ كۇپايە » ( 14 ) دەيدۇ. ئىنساننىڭ تەقدىرىنىڭ ئۇنىڭغا تىرىشچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قىلىنىشى، بۇ ئايەتنىڭ ئالدىدىلا بايان قىلىنغان بەنى ئىسرائىل تارىخنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى، ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنىڭ « ئۇلارغا خاس تارىخ » ئەمەس ئىكەنلىكى، بۇنى بىر تەقدىر دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تەبىئىي نەتىجە ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن.

بۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن نۇھ قەۋمى ھالاكىتى شىپى كەلتۈرۈلگەن ئايەتتىمۇ بۇ ھەقىقەت تىلغا ئېلىنغان.

ئاندىن خىتاپ بىردىنلا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتىلىدۇ:

لَا تَجْعَلْ مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آَخَرَ فَتَقْعُدَ مَذْمُومًا مَخْذُولًا

« ( ئى ئىنسان! ) اﷲ قا باشقا مەبۇدنى (شېرىك) قىلمىغىن، (ئۇنداق قىلساڭ اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) ئەيىبلەنگەن، (اﷲ نىڭ ياردىمىدىن) مەھرۇم بولغان ھالدا (دوزاختا ھەمىشە) قالىسەن » ( 22 ).

قۇرئاندا ئاتا – ئانا ۋە ئەۋلاد مۇناسىۋىتى ھەققىدە نەسىھەتلەر ئۈچ جايدا تىلغا ئېلىنىدۇ:

  1. ئىسرا سۈرىسى 23 – 24 – ئايەتلىرىدە.
  2. لوقمان سۈرىسى 14 – 15 – ئايەتلىرىدە.
  3. ئەنكە بۇت سۈرىسى 8 – ئايەت.

بۇ سۈرىدە يەر ئالغان ئايەتلەر ئاتا – ئانىسى يېنىدا ياشىنىپ قالغان پەرزەنتنى ئۇلارغا « ئوھوي / ئۇف » دەپ سېلىشتىنمۇ توسىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ رىئال ھاياتتا ئەكس ئەتكەن نامايەندىسى بولغانلىقى ئېنىق. سەھىھ مەنبەلىرىمىزدە بۇ ھەقتە بىر مەلۇمات يوق. لېكىن، نازىل بولۇش مۇھىتىدا مۇشۇنداق بىر ۋەقەلەر بولغانىدى. مۇھەممەدى دەۋەتنىڭ ئاتا – ئانا ۋە پەرزەنتلەرنى بىر – بىرىدىن ئايرىغانلىقى قىل سىغمايدىغان بىر ھەقىقەت. مەككىدە ئېتىقاد نوقتىسىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن نۇرغۇن ئائىلە بار بولۇپ، مەككىنىڭ ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىگە مەنسۇپ بولغان بىر قانچە يىگىت، ئاتا – ئانىسىنىڭ توسىشىغا قارىماستىن مۇسۇلمان بولغانىدى. بەزى ئاتا – ئانىلار مۇسۇلمان بولغان ئوغۇللىرىنى قېيىن – قىستاققا ئېلىپ زۇلۇم قىلغان، بەزى ئانىلار ئۆلىۋېلىش تەھدىدى بىلەن ئوغۇللىرىغا بېسىم قىلغانىدى. مۇسئاب بىن ئۇمەيىر ۋە ساد بىن ئەبى ۋاققاسنىڭ ئائىلىسى بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ. ئېتىقادى جەھەتتىكى پەرق سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان چىقىشالماسلىقلار تۈپەيلىدىن، بەزى مۇئمىنلەر ئاتا – ئانىسىغا بولغان ئىنسانىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغانلىقتىن، مۇشۇنداق بىر تەلىماتنىڭ كېلىشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىغا ئايلانغان بولسا كېرەك. بۇ مەسىلىدە ئىككىنچى قېتىمدا نازىل بولغان لوقمان سۈرىسى 14 – 15 – ئايەتلەردە، يۇقىرىدىكى ئايەتتە تىلغا ئېلىنمىغان بىر نوقتا تەكىتلەنگەن. يەنى، ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرۈشكە پەرزەنتىنى مەجبۇرلىغان ئاتا – ئانىلارغا بۇ ھەقتە بويسۇنماسلىققا بۇيرۇلغان. بۇ ئەمىر ئۈچىنچى قېتىمدا نازىل بولغان ئەنكە بۇت سۈرىسى 8 – ئايەتتىمۇ تەكرار قەيت قىلىنغان. بۇ تەكىتلەرنىڭ، ئىسرا سۈرىسىدىكى تەلىماتنى سۈيئىستىمال قىلغان ئاتا – ئانىلارغا قارىتىلغانلىقى ئېنىق. يەنى، ئىسرا سۈرىسىدىكى ئايەت پەرزەنتلەرنىڭ دىن ئايرىمىنى باھانە قىلىپ، ئاتا – ئانىغا قارىتا ئىنسانى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالغان بولسا؛ لوقمان ۋە ئەنكە بۇت سۈرىلىرىدىكى ئايەتلەر، قۇرئاننىڭ ئىھسان بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئەمرىنى ئاتا – ئانىنىڭ سۈيئىستىمال قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا.

ئاتا – ئانىغا قارىتىلغان ئەخلاقى مەسئۇلىيەت بايان قىلىنغان ئايەتلەردىن كېيىن، بۇ قېتىم يوقسۇللارغا قارىتا ئادا قىلىش زۆرۈر بولغان ئەخلاقى مەسئۇلىيەتلەر تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەر كەلگەن ( 26 ). مال – مۈلۈك ئىنسانغا بېرىلگەن ئامانەت بولۇپ، مۈلكىيەت ئەمەس. مال – مۈلۈكنى ئامانەت دەپ چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىش، ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمان بولۇشتۇر. بۇ نوقتىدا قۇرئان ئوتتۇراھال بولۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ:

وَلَا تَجْعَلْ يَدَكَ مَغْلُولَةً إِلَى عُنُقِكَ وَلَا تَبْسُطْهَا كُلَّ الْبَسْطِ فَتَقْعُدَ مَلُومًا مَحْسُورًا

« قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن (يەنى بېخىللىق قىلمىغىن)، قولۇڭنى تولىمۇ ئېچىپمۇ ئەتمىگىن (يەنى ئىسراپ قىلمىغىن)، (ئۇنداق قىلساڭ مۇھتاجلىق ئىچىدە) مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن » ( 29 ).

سۈرىدە، ئىنسان – ئاللاھ ۋە ئىنسان – ئىنسان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەقىدىۋى ۋە ئەخلاقى پرىنسىپلار ئەسكەرتىلگەن. بولۇپمۇ 22 – 37 – ئايەتلەر ئارىسىدا تىلغا ئېلىنغان بەلگىلىملەر 101 – ئايەتتە ئېنىق مەلۇم بولغاندەك، شەنبە كۈنى چەكلىمىسىدىن باشقا تەۋراتتىكى ئون ئەمىردىن توققۇز ئەمىرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، ۋەھىيلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان قۇرئاننىڭ، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ۋەھىيلەرنىڭ روھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر.

بۇ بۆلەكتە شۇنداق ئەخلاقى پرىنسىپلار يەر ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىلا ھاياتقا تەدبىقلاش، ئىنسان نۇرغۇن خاتادىن ساقلاپ قالىدۇ:

وَلَا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولَئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْئُولًا

« بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ » ( 36 ).

ئاندىن سۈرە تەۋھىد بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىغا يۆتكىلىدۇ. پەرىشتىلەرنى ئاللاھ نىڭ قىزلىرى دەپ قارايدىغان مۇشرىك ئەقىلنى ئەيىپلەيدۇ ( 40 ). مەۋجۇدىيەتنىڭ تەسبىھىنى بايان قىلىدۇ ( 44 ) ۋە ئىنساننىڭ ئاللاھ قا قارشى گەدەنكەشلىكى ۋە تۇزكورلىقىغا تىلغا ئېلىنىپ، بۇنداق بىر ئەقىلنىڭ ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىشنىڭ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسلىكى ئىما قىلىنىدۇ. سۈرىدە سۆزمۇ بۇ نوقتىغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، « بىز توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، قايتىدىن تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ » دەپ تۇمشۇق ئۇچلاپ، قايتىدىن تىرىلىشتىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئۆزىچە ئىنكار قىلغان ئەقىلگە شۇنداق بىر جاۋاپ بېرىلگەن بولۇپ، كىشى ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپ قالىدۇ:

قُلْ كُونُوا حِجَارَةً أَوْ حَدِيدًا (50) أَوْ خَلْقًا مِمَّا يَكْبُرُ فِي صُدُورِكُمْ فَسَيَقُولُونَ مَنْ يُعِيدُنَا قُلِ الَّذِي فَطَرَكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ فَسَيُنْغِضُونَ إِلَيْكَ رُءُوسَهُمْ وَيَقُولُونَ مَتَى هُوَ قُلْ عَسَى أَنْ يَكُونَ قَرِيبًا (51)

سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (اﷲ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ) ئۇلار: ‹‹ بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟ » دەيدۇ. « سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ئاللاھ تىرىلىدۈرىدۇ » دېگىن. ئۇلار ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىپ: ‹‹ ئۇ قاچان بولىدۇ؟ ›› دېيىشىدۇ، ‹‹ ئۈمىدكى ، ئۇ يېقىندا بولىدۇ ›› دېگىن ( 50 – 51 ).

بۇ ئۇسلۇبنىڭ مەقسىتى، ئىنساننى قىلمىشلىرىنىڭ ئەخلاقى جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا دەۋەت قىلىش بولۇپ، قىلمىشلىرىنىڭ ئەخلاقى جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان ئىنسان، دېمىسىمۇ تاشتىن، توپىدىنمۇ ئىتىبارسىز بىر ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

ئىسرا سۈرىسىدىن ئىلگىرىكى سۈرىلەردىكىگە ئوخشاش ئىنكارچى قەۋمنىڭ مۆجىزە تەلەپلىرى تىلغا ئېلىنغان. رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغان مۆجىزە تەلەپلىرى ئاللاھ تەرىپىدىن نېمە ئۈچۈن جاۋاپقا ئېرىشەلمىگەنلىكى تۆۋەندىكى ئايەتتە ئوچۇق بايان قىلىنغان:

وَمَا مَنَعَنَا أَنْ نُرْسِلَ بِالْآَيَاتِ إِلَّا أَنْ كَذَّبَ بِهَا الْأَوَّلُونَ وَآَتَيْنَا ثَمُودَ النَّاقَةَ مُبْصِرَةً فَظَلَمُوا بِهَا وَمَا نُرْسِلُ بِالْآَيَاتِ إِلَّا تَخْوِيفًا

« مۆجىزىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەسلىكىمىز پەقەت بۇرۇنقىلار (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ) مۆجىزىلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈندۇر، بىز سەمۇدقا چىشى تۆگىنى روشەن (مۆجىزە) قىلىپ بەردۇق، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. بىز مۆجىزىلەرنى پەقەت (بەندىلەرنى) قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز » ( 59 ).

60 – ئايەتتە بىرىنچى ئايەتتىكى ئىسرا ۋەقەسى ئىما قىلىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، رەسۇلۇللاھقا كۆرسىتىلگەن ئىسرا ۋەقەسىنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن بىر ئېمتىھان ۋاستىسى ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق ھالدا بايان قىلىنغان.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلەكتە ئادەم – ئىبلىس قىسسەسى يەنە بىر قېتىم بايان قىلىنغان. ئۆز ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھ ئېرىشكەن بۇ ئۇلۇغ ماقامنى قىزغانغانلار بولغانىدى. ئۇلارغا ئىبلىسنى شەيتان قىلغان ئامىلنىڭ ئادەمگە بولغان ھەسىتى ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلىپ ئۆتۈلگەن ( 61 – 65 ).

ئادەم باللىرىغا ئاللاھ نىڭ قاتمۇ – قات نېمەت بەخش ئەتكەنلىكى بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان : « شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق » ( 70 ).

رەسۇلۇللاھ ئۈستىدىن بارلىق مۇئمىنلەرگە نامازدا ناھايىتى ئەستايىدىل بولىشى كېرەكلىكى تەكىتلىنىدۇ. بولۇپمۇ بامدات نامىزى تەكىتلىنىدۇ ( 78 ). ئۇنىڭدىن باشقا، رەسۇلۇللاھقا كېچىنىڭ بىر ۋاقتىدا ئويغۇنۇپ، ئۆزىگە خاس بىر نامازنىڭ سوغا قىلىنىشى، يەنى كېچە نامىزى ئوقۇشى ئەمىر قىلىنغان ( 79 ). شۇنىڭ بىلەن تەھەججۇد رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ۋاجىپقا ئايلىنىدۇ. « مەدھىيلەشكە لايىق بىر ماقام »غا ئېرىشىش ئاسان ئەمەس، ئۇخلاش بىلەن قولغا كەلمەيدۇ.

ئاندىن روھ ھەققىدە سوئال سورىغۇچىلارغا سۈرىدە مۇنداق جاۋاپ بېرىلىدۇ: « ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. ‹‹ روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ›› دېگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن » ( 85 ).

ئاندىن قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكىگە كىشىنىڭ دىققىتى ئاغدۇرۇلىدۇ ( 88 ). ئىلاھىي كالامنىڭ مۆجىزىسىنى كۆرەلمىگەن كور كۆزلەر مۆجىزە تەلەپ قىلىدۇ. سۈرىدە بۇ مۆجىزە تەلەپلىرى بىرمۇ – بىر تىلغا ئېلىنغان. يەنى، ئىنكارچىلار رەسۇلۇللاھتىن يەردىن بۇلاقنى ئېتىلدۇرۇپ چىقىرىش، جەننەتكە ئوخشاش ئىچىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر بېغى بولۇش تەلەپ قىلغان. بۇلارنى قىلالمىسا، ئاسماننى پارچە – پارچە قىلىپ ئۈستىگە چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغۇدەك دەرىجىدە مۆجىزە سارىڭى بولۇشقانىدى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي، يەنە : « اﷲ نى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا كەلتۈرگىن » ( 92 ) دېيىشكەنىدى. پۈتۈن بۇ تەلەپلەرگە قارىتا، ئاللاھ رەسۇلۇللاھنى مۇنداق دېيىشكە بۇيرىيدۇ: « اﷲ پاكتۇر، مەن پەقەت بىر پەيغەمبەر ئىنسانمەن (اﷲ نىڭ ئىزنى بولمىسا ھېچ ئادەم بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ) » ( 93 ).

سۈرە ئاخىرقى بۆلىكىدە ۋەھىي تىلغا ئېلىنغان ھالدا ئاخىرلىشىدۇ:

وَقُرْآَنًا فَرَقْنَاهُ لِتَقْرَأَهُ عَلَى النَّاسِ عَلَى مُكْثٍ وَنَزَّلْنَاهُ تَنْزِيلًا

« ئۇنى دائىم ئوقۇپ تۇرۇلىدىغان بىر قۇرئان قىلىش، كىشىلەرگە دانە ـ دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ئۇنى پارچە – پارچىغا ئايرىپ بايان قىلدۇق. چۈنكى، بىز ئۇنى ( ھاياتقا تەدبىقلانسۇن دەپ ) قۇرئاننى بۆلۈپ ـ بۆلۈپ، تەدرىجىي نازىل قىلدۇق » ( 106 ).

نۇبۇۋەت بىلەن باشلانغان سۈرە، سۆزنى مەنانىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان ئاللاھ قا كەلتۈرۈپ ئاخىرىلىشىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆمۈرلۈك سەپىرىدە پەيغەمبەرلىك يېتەكچىلىك بولۇپ، بۇ سەپەرنىڭ ئاخىرقى نوقتىسىدا ئاللاھ بار.

ۋەلھاسىلى كالام، ئىنسان ئاللاھ تىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ.