7 – ئايەتتە جانابى ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا « وَلِرَبِّكَ فَاصْبِرْ – پەقەت رەببىڭ ئۈچۈن سەبىر قىل » دېيىش ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا تەسەللىي ۋە ئلىھام بېرىش بىلەن بىرگە، رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىگە قارشى چىققۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرىۋاتىدۇ. يەنى، بۇ پەيغەمبەر ئىگە – چاقىسىز ئەمەس، ئۇنىڭ يۆلەنچۈكى رەببىڭلار بولغان ئاللاھتۇر دېيىش ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا ئۇنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ ۋە ۋەھىينىڭ چاقىرىقىغا قارشى چىقىشنىڭ ئەسلىدە كىمگە قارشى چىقىش ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىۋاتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئارقىلىق « ئەگەر سەن توغرا يولدا بولساڭ، توغرا ئىش قىلىۋاتقان بولساڭ، ساڭا ئەزىيەت يېتىدۇ، ھەر خىل قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىسەن » دېمەكتە ۋە خىتاپ قىلىنغۇچىنى ئىددىيە جەھەتتىن تەييارلىماقتا، بۇ يولدىكى ئەزىيەتلەرگە قارشى چىدامچان بولۇش ئېڭىنى شەكىللەندۈرمەكتە.

لوقمان سۈرىسى 17 – ئايەتتىن يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز:

يَا بُنَيَّ أَقِمِ الصَّلَاةَ وَأْمُرْ بِالْمَعْرُوفِ وَانْهَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَاصْبِرْ عَلَى مَا أَصَابَكَ إِنَّ ذَلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ

« ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى ( ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن ) ئوقۇغىن، ( كىشىلەرنى ) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن ( چۈنكى، ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ )، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر ».

بۇ ئارقىلىق ھەققە دەۋەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەزىيەتكە ئۇچرايدىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە. بۇ ئەزىيەتسىز، ھېچقانداق مەسىلىگە دۇچ كەلمەستىن ماڭغىلى بولىدىغان يول ئەمەس. سىزنىڭ سۆزىڭىز، ھەرىكىتىڭىز، مەيدانىڭىز چوقۇم بىر قىسىم كىشىلەرنى بىئارام قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، سۆز – ھەرىكىتىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ. بۇ سىزنىڭ سۆزىڭىز، ھەرىكىتىڭىزدە بىر مەسىلە بار دېگەنلىكتۇر. بەزىلەر بىئارام بولمىغان بولسا، سىز ھەقىقەتنى بۇرمىلاۋاتىسەن دېگەنلىكتۇر.

رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىدىن بىئارام بولغانلارغا قارىتا جانابى ئاللاھ قىيامەتنى تەكىتلەيدۇ. ھەم سەن ئۇلارنىڭ گەپ – سۆزلىرى، قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن دەۋىتىڭىدىن ۋازكېچىپ قالما، سەبرىڭىنىڭ مەقسىتى، ئاللاھ نىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش بولسۇن، دەپ رەسۇلۇللاھقا ئىلھام بېرىۋاتىدۇ. ئاندىن سۇر چېلىنغان ۋاقىت – يەنى قىيامەت ھەققىدە توختىلىدۇ.

فَإِذَا نُقِرَ فِي النَّاقُورِ – سۇر ( ناقۇر ) چېلىنىدۇ ( 8 ).

قۇرئاندا « ناقۇر » دىن باشقا يەنە « نۇفىقە فى ئەس سۇر » كەلىمىسى بىر قانچە يەردە ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئىككى كەلىمە ئارىسىدا چوڭ بولمىسىمۇ بىر ئاز پەرق بار.

نۇقىرە – ئۇرۇش، سىلكىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە دېيىلمەكچى بولغان نەرسە ئاخىرقى سائەتتىكى بۇزۇلۇش بولىشىمۇ مۇمكىن، ياكى يېڭىدىن شەكىللىنىش بولغان قىيامەت بولىشىمۇ مۇمكىن. بىز بۇ يەردە بۇنى ئىلاھىي بۇزۇلۇشنىڭ باشلىنىش دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. چۈنكى، مەككە مۇشرىكلىرى بۇنى قوبۇل قىلمايتتى، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارغا بۇ ھەقىقەتنى ئالدىن بايان قىلىپ ئاگاھلاندۇرماقتا. بۇ نوقتىدىن بۇ سۇر چېلىنغان ۋاقىت بىرىنچى قېتىملىق بولىشى مۇمكىن. داۋامدىكى ئايەتلەر بىلەن قوشۇپ چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا، ئىككىنچى قېتىملىق سۇرنىڭ چېلىنىشىنى كۆرسىتىۋاتقان بولىشىمۇ مۇمكىن. مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەرگە قارىغان ۋاقتىڭىزدا، ئاز سۆز بىلەن كۆپ مەنىنى بىلدۈرىدىغان بىر ئۇسلۇبنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز. مەن داۋامىدىكى ئايەتلەرگە ئاساسەن بۇ سۇر چېلىنغان ۋاقىتنىڭ مەھشەر بىلەن، يەنى قىيامەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. بىرىنچى قېتىملىق ئىلاھىي بۇزۇلۇشنىڭ باشلىنىشى دەپ قاراشمۇ توغرا.

فەھرەتتىن رازى ئۇستازىمىز، بۇ ئايەتتىكى « فە » قوشۇمچىسىنى سەۋەبكە باغلىغۇچى دەپ چۈشەندۈرگەنىكەن. يەنى ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا خىتاپ قىلىپ، « ئۇلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە سەبىر قىل. چۈنكى، ئۇ دەھشەتلىك كۈن مەيدانغا كېلىدۇ ۋە ئۇلار قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ » دەپ چۈشەندۈرگەن. بۇ يەردىن ئۇستازىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.

ئاللاھ ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن بىزنى ساقلىغاي. چۈنكى، بىرئازدىن كېيىن ئوقۇماقچى بولغان بىر قانچە ئايەتتىن بۇ كۈننىڭ دەھشىتى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر مەلۇماتقا ئىگە بولىمىز.

فَذَلِكَ يَوْمَئِذٍ يَوْمٌ عَسِيرٌ  –  ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر (9)

كىملەر ئۈچۈن؟

عَلَى الْكَافِرِينَ غَيْرُ يَسِيرٍ –  كاپىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر (10)، يەنى كاپىرلارغا ئاسانلىق يوق.

« ئۇ كۈن » قايسى كۈن؟ بۇ نوقتىدا مەھشەر كۈنى بولىشىمۇ مۇمكىن، قۇرئان ئىپادىسى بىلەن ئىلاھىي بۇزۇلۇش مەقسەت قىلىنغان ئاخىرقى سائەت، بىزنىڭ ئېڭىمىزدىكى قىيامەت بولىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، بېرىلمەكچى بولغان ئۇچۇر ھەممە كىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. 9 – ئايەت نەزەردە تۇتۇلغاندا، ئۇ كۈن ناھايىتى قىيىن كۈن بولىدۇ. بەزىلەر « ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن قانداق بولىدۇ؟ قىيامەت بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ » دەپ سورايدۇ. بۇ ھەقىتە قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق ئىككى ئايەت بار. نەمل 87 ۋە زۇمەر 68 – ئايەت.

وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَصَعِقَ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ إِلَّا مَنْ شَاءَ اللَّهُ ثُمَّ نُفِخَ فِيهِ أُخْرَى فَإِذَا هُمْ قِيَامٌ يَنْظُرُونَ

« سۇ چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ. ئاندىن ئىككىنچى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ ( نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا ) قاراپ تۇرىدۇ » ( 68 ).

وَيَوْمَ يُنْفَخُ فِي الصُّورِ فَفَزِعَ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ إِلَّا مَنْ شَاءَ اللَّهُ وَكُلٌّ أَتَوْهُ دَاخِرِينَ

« ئۇ كۈندە سۇر چېلىنىدۇ، ئاللاھ خالىغانلاردىن باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى قورقۇنچ باسىدۇ، ھەممە ئاللاھ قا بويسۇنغا ھالدا كېلىدۇ » ( 87 ).

بۇ كۈندىكى ئەھۋال بايان قىلىنىغان زۇمەر 68 – ئايەتتە « سائىقە » كەلىمىسى ئىشلىتىلگەن. يەنى ھاياتلارنىڭ ھەممىسى ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن ھۇشىدىن كېتىدۇ. بۇ غەلىتىلىك ھېس قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ئەمما، ئاسماندىكىلەرنىڭ ھالىچۇ؟

ئاسماندىكىلەردىن قەست، بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ روھلىرىدۇر. ئۇلارمۇ قورقىدۇ ( نەمل 87 ). ھەممە كىشى ئۇ كۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەمما، ھەر ئىككى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىككى مۇستەسنا جۈملىسى بار. يەنى « إِلَّا مَنْ شَاءَ اللَّهُ – ئاللاھ خالىغان كىشىلەر »، ئاللاھ خالىغان كىشىلەر بۇ قورقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

يا رەببى بىزنىمۇ بۇلاردەك قورقىدىن خالىي قىلغان بەندىلىرىڭ قاتارىدىن قىلغىن ( ئامىن ).

ئۆلدى، ھەممە ئىش تۈگىدى دەپ قالماڭ. « ئۆلۈپلا قۇتۇلغان بولسام » دەيدىغان گەپلەرنى كۆپ ئاڭلايمىز. ئۆلۈش قۇتۇلۇشنىڭ يولى ئەمەس، بۇنى بىلىپ قېلىڭ. قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىش توغرا ئەمەس. رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق بىر ھەدىسى بار:

« ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلماڭلار. پەقەت بولمىسا، يا رەببىم ھاياتىم مەن ئۈچۈن خەيرىلىك بولسا مېنى ياشاتقىن. ئۆلىمىم مەن ئۈچۈن خەيىرلىك بولسا، مېنى قەبزى روھ قىلغىن » دەيدىغان مۇشۇنداق بىر دۇئايىڭىز بولسۇن.

جان مېنىڭ، خالىسام ئۇنى ئۆلتۈرەلەيمەن، دېيىشىدۇ. ئۇنداق ئەمەس، جان سېنىڭ ئەمەس. جان ساڭا بېرىلگەن ئامانەت، سېنىڭ ئەمەس. شۇڭا، ئۆلىۋالغۇچىلارغا ھۆرمەت كۆرسەتكىلى بولمايدۇ. بىر قىسىم تۇيغۇلار سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش توغرا ئىش ئەمەس، قۇتۇلۇش يولى ئەمەس. بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش توغرا ئەمەس. بۇنىڭ بىر مۇستەسنا ھالى بار، يەنى ئۇرۇش. بۇ يەردىمۇ مېنى ئۆلتۈر دەپ قاپاقتەك ئوتتۇرىدا تۇرۇپ بەرسىڭىز بولمايدۇ. بۇنداق شاھادەت بولمايدۇ. قاتناشقان ئۇرۇشتا، ھايات قېلىش ئۈچۈن شېھىت بولىسز. ئۆلۈش ئۈچۈن ئەمەس، ھاياتنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن شېھىت بولىسىز. يەنى، ھاياتقا ۋە ھەقىقەتكە شاھىت بولىشىڭىز كېرەك.

شېھىت، پەقەت ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن دېيىلمەيدۇ. ھەمدە بۇ مەنىدە قۇرئاندا ھېچ تىلغا ئېلىنمايدۇ. قۇرئانغا كۆرە شېھىت، ھاياتىنى ئاللاھ قا ئاتاپ، ھاياتىنى ئىمانىغا، ئىمانىنى ھاياتىغا شاھىت قىلغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ نوقتىدىن، ھېچكىمنىڭ مەن ئۆلۈپلا قۇتۇلاي دېيىش ھەققى يوق.

ئەسلى تېمىغا قايتىپ كەلسەك، ئۇ كۈن ھەقىقەتەن ئېغىر كۈندۇر. ھەج سۈرىسىنىڭ 1 – 2 – ئايىتىنى ئوقۇغانلار بۇ كۈننىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىدۇ.

يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ إِنَّ زَلْزَلَةَ السَّاعَةِ شَيْءٌ عَظِيمٌ (1) يَوْمَ تَرَوْنَهَا تَذْهَلُ كُلُّ مُرْضِعَةٍ عَمَّا أَرْضَعَتْ وَتَضَعُ كُلُّ ذَاتِ حَمْلٍ حَمْلَهَا وَتَرَى النَّاسَ سُكَارَى وَمَا هُمْ بِسُكَارَى وَلَكِنَّ عَذَابَ اللَّهِ شَدِيدٌ (2)

« ئى ئىنسانلار! رەببىڭلاردىن ( يەنى ئازابىدىن ) قورقۇڭلار، قىيامەتنىۇ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن چوڭ ئىشتۇر. ئۇ كۈندە ھەر بىر سۈت ئېمىتىۋاتقان ئايال ( قاتتىق قورقۇنچتىن تېڭىرقاپ قېلىش بىلەن ) ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەر بىر ھامىلدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەس كۆرىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار ( ھەقىقەتتە ) مەس ئەمەس ( دېمەك، قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئۇلارنى ئەس – ھۇشىدىن كەتكۈزىۋەتكەن )، لېكىن ئاللاھ نىڭ ئازابى بۇنىڭدىنمۇ قاتتىقتۇر » ( 1 – 2 ).

مۇددەسسىر 9 – ئايەتتىكى « يَوْمٌ  – كۈن » كەلىمىسىنى ئاخىرەت كۈنى دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ. يەنى ئاخىرەتتىكى قىيىن كۈن دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا 9 – ۋە 10 – ئايەتنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا « ئۇ كۈن قىيىن كۈن بولىدۇ. كىمگە؟ كاپىرلارغا قىيىن كۈن بولىدۇ ». بىزنىڭ دۇئامىز بۇ كۈننىڭ مۇئمىنلەرگە قىيىن بولماسلىقى تەرەپتە.

نېمە ئۈچۈن؟

بۇنىڭغا بىر قانچە ئايەتلەر دەلىل بولالايدۇ. جانابى ئاللاھ بىزنى ئازابلىمايدۇ، ئىنشائاللاھ. چۈنكى، بىزنىڭ ئاللاھ قا قارىتا بىر دۈشمەنلىكىمىز يوق، ئۇنىڭ ئەمىرلىرىگە قارىتا بىر گەدەنكەشلىكىمىز، ئۇ ئەۋەتكەن قۇرئانغا قارىتا مەقسەتلىك ھالدا بىر ھۆرمەتسىزلىكىمىز بولمىدى، بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم، ھەممىمىزنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنچى كامىل. ئىنسانمىز، خاتالىشىپ قالىمىز، بۇ ئەھۋالدا مەغپىرەتى ئىلاھىغا سىغىنىمىز. بۇ ھەقتە قۇرئاندا ئەنبىيا سۈرىسى 98 – دىن 103 – ئايىتىگىچە بولغان بىر بۆلەك بار. ئايەتتە ئالدى بىلەن كاپىرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭدىن باشقا مەريەم سۈرىسى 71 – ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن:

وَإِنْ مِنْكُمْ إِلَّا وَارِدُهَا كَانَ عَلَى رَبِّكَ حَتْمًا مَقْضِيًّا

« سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ رەببىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر ».

مۇپەسسىرلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئايەتنى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى جەھەننەمگە بىر بېرىپ كېلىدۇ، دەپ تەپسىر قىلغان. ئەسلىدە بۇ ئايەتكە مۇناسىۋەتلىك بۆلەك مەزكۇر سۈرىنىڭ 66 – ئايىتىدىن باشلانغان بولۇپ كاپىرلارغا خىتاپ قىلىۋاتىدۇ. جەھەننەم بېرىپ كېلىدىغان يەر ئەمەس. ئۇنى خۇددى ئۆتەڭدەك ساناپ قالغانلار بار. ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يەرگە باردىڭمۇ، ئەبەدىي قالدىڭ دېگەن گەپ. بۇ چۈشەنچىنىڭ قۇرئاندا ھېچقانداق بىر ئاساسى يوق. جەھەننەمگە كىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنى كۆرمەسلىككە غەيرەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنى كۆرۈشنىڭ ئۆزىمۇ كىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئازاپ. بۇلار مېنىڭ چۈشەنچەم ئەمەس.

مەريەم سۈرىسى 71 – ئايەتنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن، ئەنبىيا سۈرىسى 98 – دىن 103 – ئايەتكىچە بولغان بۆلەكنى بىلىش لازىم.

إِنَّكُمْ وَمَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ حَصَبُ جَهَنَّمَ أَنْتُمْ لَهَا وَارِدُونَ (98) لَوْ كَانَ هَؤُلَاءِ آَلِهَةً مَا وَرَدُوهَا وَكُلٌّ فِيهَا خَالِدُونَ (99) لَهُمْ فِيهَا زَفِيرٌ وَهُمْ فِيهَا لَا يَسْمَعُونَ (100)

(ئى مۇشرىكلار!) ھەقىقەتەن سىلەر اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسەڭلار بىلەن دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر [98]. ئەگەر سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلار ئىلاھلار بولىدىغان بولسا، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى (ئىبادەت قىلغۇچى ۋە ئىبادەت قىلىنغۇچىلارنىڭ) ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ [99]. ئۇلار دوزاختا ھەمىشە پەرياد چېكىدۇ، (ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن) ئۇلار دوزاختا ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدۇ [100].

مانا بۇ ئايەتلەردە جەھەننەمگە كىرگۈچىلەر ۋە جەھەننەمدىكى ئەھۋالى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن داۋام قىلغان ئايەتلەر مۇنداق:

إِنَّ الَّذِينَ سَبَقَتْ لَهُمْ مِنَّا الْحُسْنَى أُولَئِكَ عَنْهَا مُبْعَدُونَ (101) لَا يَسْمَعُونَ حَسِيسَهَا وَهُمْ فِي مَا اشْتَهَتْ أَنْفُسُهُمْ خَالِدُونَ (102) لَا يَحْزُنُهُمُ الْفَزَعُ الْأَكْبَرُ وَتَتَلَقَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ هَذَا يَوْمُكُمُ الَّذِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ (103)

بىز بىر تەرەپتىن بېرىلگەن بەخت ـ سائادەتكە تېگىشلىك بولغانلار (يەنى تائەت ـ ئىبادەتكە تەۋپىق بېرىلىپ توغرا يولدا ئىبادەت قىلغان سائادەتمەن بەندىلەر) دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ [101]. ئۇلار دوزاخنىڭ شەپىسىنىڭ ئاڭلىمايدۇ، كۆڭلى تارتقان نازۇنېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ [102]. چوڭ قورقۇنچ (يەنى قىيامەتنىڭ دەھشىتى) ئۇلارنى قايغۇغا سالمايدۇ، پەرىشتىلەر: «اﷲ سىلەرگە ۋەدە قىلغان كۈن مۇشۇ» (دەپ)، ئۇلارنى (جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا) قارشى ئالىدۇ(103).

بۇ ئايەتلەرنى مۇددەسسىر 9 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « قىيىن كۈن »نىڭ كىملەر ئۈچۈن قىيىن كۈنى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئوقۇدۇم.

جانابى ئاللاھ بۇ ئايەت ئارقىلىق رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى ئىنكار قىلغان، پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان، تەكەببۇر مەككە مۇشرىكلىرىنى قىيامەت كۈنى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرىۋاتىدۇ. ئىنشائاللاھ بۇ قىيىن كۈندە مۇئمىنلەرگە قورقۇ بولمايدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: « قىيامەتنىڭ كاپىرلار ئۈچۈن قىيىن بولىشى، مۇئمىنلەر ئۈچۈن ئاسان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ».  فەھرەتتىن رازىنىڭ ئەسىرىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ سۆزىنى نەقىل قىلغانلىقىنى ئوقۇغانىدىم.

بۇ يەردە يەنە بىر كەلىمە ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي.

عَلَى الْكَافِرِينَ

كافىر، بىر ھەقىقەتنىڭ يوشۇرغان، ئۈسىتىنى يېپىپ قويغان كىشى دېگەنلىك بولىدۇ. تېخىمۇ ئاسان چۈشۈنۈش ئۈچۈن، فىترىنى باستۇرۇپ قويغان كىشىنى كافىر دەيمىز. ئاللاھ ھەممە كىشىنىڭ فىترىتىگە ئىماننى كىرگۈزگەن. ھەممە كىشىنىڭ فىترىتىدە ئىمان ئامىلى بار. كافىر ئۇ ئىمان ئامىلىنىڭ ئۈستىنى يېپىپ قويغان كىشى دېگەنلىكتۇر. مانا مۇشۇنداق كۇپۇردا چىڭ تۇرغان كىشىگە بۇ ئايەتتىكىدەك « ئەل كافىرىن » دەپ خىتاپ قىلىدۇ. بۇ كۇپۇر ۋۇجۇدىدا تەبىئىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن كىشى دېگەنلىك بولىدۇ. كۇپۇردىن ئايرىلمىغان، كۇپۇرلۇق قىلىشتىن باشقا ئىشى بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈن « ئەل كافىرىن » شەكلىدە كېلىدۇ. قىيامەت كۈنىنىڭ قىيىنلىقى مانا بۇ خىل كىشىلەر ئۈچۈندۇر.

داۋامى بار…