ھەسانات ۋە سالىھاتنىڭ پەرقى

پاسسىپ ياخشىلار، ئۆزىگە ياخشى بولغۇچىلار بولۇپ، ئاكتىپ ياخشىلار ھەم ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا ياخشى بولغان ياخشىلاردۇر. پاسسىپ ياخشىلارنىڭ ياخشىلىقى ئۆزىگە بولىدۇ. ئاكتىپ ياخشىلارنىڭ ياخشىلىقى ھەم ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا قارىتىلغان بولىدۇ.
قۇرئاندا « ھەسانات » ۋە « سالىھ ئەمەل »، يەنى ھەسانات ۋە سالىھاتتىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇم بار. بۇ ئىككى ئۇقۇم ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. بۇ پەرق نېمە؟
 ھەسانات، « ياخشىلىقلار » دېگەنلىك بولىدۇ. ھەساناتنىڭ بىرلىك شەكلى ھەسەنە بولۇپ، ھەسەن « گۈزەل ۋە ياخشى بولۇش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ تۈرلىنىپ چىققان سۆز يىلتىزى بولغان ھۇسن، « گۈزەللىك، خوشلۇق، ياخشىلىق » دېگەنلىك بولىدۇ. قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ھۇسنا، « گۈزەل ۋە ياخشى ئاقىۋەت » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھەساناتنىڭ قارمۇ – قارشى سۆزى سەييىئات بولۇپ، « يامانلىق » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
 سالىھات، « سالىھ ئەمەللەر »، « ئىسلاھ قىلغۇچى ياخشىلىقلار » دېگەنلىك بولۇپ، قۇرئانى بىر ئاتالغۇ ۋە قۇرئاندا ئۆز ئالدىغا سالىھات شەكلىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. سالىھات تۈرلىنىپ چىققان سۇلھ سۆز يىلتىزى، « بىردىن ئارتۇق تەرەپ ئارىسىدا تېنچلىق ھاسىل قىلىش » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى ئۈچىنچى شەخىسلەرگە قارىتىلغان ياخشىلىقنى بىلدۈرىدۇ.
ئىسلاھ، « تۈزىتىش، ياخشىلاش » دېگەنلىك بولۇپ، بۇمۇ ئۈچىنچى شەخسلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئەھۋال. سالىھ ئەمەل ( ئەمەلۇس سالىھ ) قۇرئاندا 6 قېتىم ئۆز ئالدىغا كېلىدۇ، 56 قېتىم ئىمان بىلەن بىرلىكتە كېلىدۇ.
 ھەسانات بىلەن سالىھات ئارىسىدىكى پەرق ئېنىق، ئالدىنقىسىنىڭ نەتىجىسى كىشىنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان ياخشىلىق بولۇپ، كېيىنكىسىنىڭ نەتىجىسى باشقىلارغا قارىتىلغان ياخشىلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئەسىر سۈرىسى، مۇئمىننى سالىھاتقا چاقىرغان بىر سۈرە : « ئەسىر بىلەن قەسەمكى، ئىنسانلار زىيان ئىچىدە! لېكىن، ئىمان ئېيتقان ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلار، ھەقنى ۋە سەبىرنى تەۋسىيە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا! ». ھەق ئۈستىدە بولۇش ۋە سەبىر قىلىش ھەسانات بولىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، ھەقنى ۋە سەبىرنى تەۋسىيە قىلىش ھەمدە كۆپەيتىش، سالىھات بولىدۇ. شۇڭا، سالىھ ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇلغاندىن كېيىن، « مەسىلەن، قانداق سالىھ ئەمەل؟ » دەپ سورىغانلارغا ئىككى ئۆرنەك كۆرسىتىلگەن: ھەق ۋە سەبىرنى تەۋسىيە قىلىش.
 ھەسانات، ئىنساننىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ياخشىلىقلاردىن باشقا كىشى مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ. پەقەت، كىشىنىڭ ئۆزى مەنپەئەتلىنىدۇ. مەسىلەن، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ھەجگە بېرىش دېگەندەك ئىبادەتلەر ھەسانات قاتارىدىن. بەقەرە سۈرىسى 277– ئايەتتە رەببىدىن مۇكاپات ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ 4 ئالاھىدىلىكى تىلغا ئېلىنغان:
1. ئىمان
2. سالىھات
3. ناماز
4. زاكات
ئەگەر « ناماز » ۋە « زاكات » سالىھات قاتارىدىن بولغان بولسا ئىدى، ئايرىم تىلغا ئېلىنمايتتى.
بۇنىڭغا مۇنداق ئىتىراز قىلىشىمىز مۇمكىن: ئايەتتىكى ناماز ۋەزاكات « ئومۇمىيدىن بىر پارچە »، يەنى « بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ بىر پارچىسى ». باش قىسمىدىكى « و ( ۋاۋ ) » ئۆزىدىن بۇرۇن كەلگەن ۋاۋلاردىن پەرقىلىق شەكىلىدە « مەسىلەن » دېگەن مەنا چىقىدۇ. 
بەقەرە 277 –ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق: « شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان، سالىھ ئەمەل قىلغان ( مەسىلەن: ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەنلەر ) … مانا بۇلار رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ساۋاپقا ئېرىشىدۇ…» بىز بۇ ئىتىرازغا بۇ جاۋاپنى بېرىمىز: « ئۇنداقتا ئەسىر سۈرىسىنى قانداق قىلىمىز؟ ». ئۇ يەردىمۇ تۆت نەرسە تىلغا ئېلىنغان:
1. ئىمان
2. سالىھات
3. ھەقنى تەۋسىيە
4. سەبىرنى تەۋسىيە
بەقەرە سۈرىسىدىكى ناماز ۋە زاكاتنىڭ يېرىنى ئەسىر سۈرىسىدىكى ھەقنى تەۋسىيە ۋە سەبىرنى تەۋسىيە قىلىش ئالغان. بۇ ئاخىرقى ئىككى تەۋسىيە، سالىھاتقا ماس كېلىدۇ. چۈنكى، ئۈچىنچى شەخسكە قارىتىلغان. بۇنداق بولغاندا، ئەسىر سۈرىسىنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: « ئەسىر بىلەن قەسەمكى، ئىنسان زىيان ئىچىدە. لېكىن، ئىمان ئېيتقان، سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلار، مەسىلەن: ھەقنى ۋە سەبىرنى تەۋسىيە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا! ».
باشقا بىر ئايەتتە جەننەتكە لايىق بولغان ئۈچ خىل سۈپەت تىلغا ئېلىنىدۇ:
1. ئىمان
2. سالىھات
3. رەببىگە چىن كۆڭۈلدىن ئىتائەت قىلغانلار
ئەڭ ئاخىرقىسىنىڭ باشقا شەخىسلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز، شەخسىنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. بۇنداق بولغاندا، رەببىگە چىن كۆڭۈلدىن ئىتائەت قىلىش، ئۇنىڭدىن بۇرۇن تىلغا ئېلىنغان سالىھاتنىڭ سىرتىدا ۋە ئۇنىڭدىن پەرقلىق بىر نەرسە.
ئۇنداقتا، بۇ بەقەرە سۈرىسى 277 – ئايەتتىكى ناماز ۋە زاكاتنى قانداق چۈشىنىمىز؟
بەقەرە 277 – ئايەتتىكى ناماز ۋە زاكات سالىھات ئەمەس، ھەسانات. لېكىن، كىشى ناماز، روزا، ھەج، زاكاتقا ئوخشاش كىشىگە خاس ئىبادەتلەرنىمۇ سالىھاتقا ئايلاندۇرالايدۇ.
– قانداق قىلىپ؟
– بۇ ئىبادەتلەرنى ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئۈچۈن بىر ۋاستە سۈپىتىدە ئىشلىتىش ئارقىلىق.
– ئۇنداقتا، شەخسنىڭ ئۆزىگە ئائىت ئىبادەتلەر، قانداق بولۇپ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا ئايلىنالايدۇ؟
– مائۇن سۈرىسى بۇنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. سۈرىدە، « شۇنداق ئىبادەت قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! » دەيدۇ. بۇ كىشىلەر، ئىبادەتنى شەخسىكە ئائىت بىر ياخشىلىق ئەمەلگە ئايلاندۇرۇپ، يېتىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىغان، مىسكىنلەرگە تاماق بەرمىگەن، ياردەم قىلىشقا توسالغۇ بولغان كىشىلەردۇر. ھالبۇكى، بۇ تىلغا ئېلىنغانلارنى قىلىش سالىھات بولىدۇ.
خۇلاسىلىگەندە، سالىھات، ئىگىسىنى ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ياخشىلاردىن قىلغان ياخشى ئەمەللەرنى بىلدۈرىدۇ. ھەسانات، نەتىجىسى پەقەت ئۇنى ئادا قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە بولغان ياخشى ئەمەلنى كۆرسىتىدۇ. سالىھات، شەخسىنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە باشقىلارنىمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش؛ ھەسانات پەقەت شەخسىنىڭ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشىنى بىلدۈرىدۇ.
سالىھات بىر ئىسلاھ ھەرىكىتى. ئىسلاھ ئۈچۈن تىرىشىش، ھەق تەلەپ قىلىشتىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى، ئىسلاھ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش جەمىئىيەت خاراكتېرلىق، ھەق تەلەپ قىلىش شەخىسنىڭ ئۆزىگە خاس بولىدۇ. ئىسلاھ خەيىر، ھەق پايدىدۇر. ئىسلاھ تىرىشچانلىقى ھەق تەلىپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، ھەق تەلىپى ئىسلاھ تىرىشچانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسىمۇ بولىدۇ. شەخسىي ھەق تەلىپى، پەقەت شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق بولىدۇ. ئەمما جەمىئىيەت خاراكتېرلىق بىر ئىسلاھ تىرىشچانلىقى، مەزكۇر شەخىس بىلەن بىرگە جەمىئىيەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سالىھات بىلەن ھەسانات ئارىسىدىكى پەرق پەقەت مەنا ۋە ماھىيەت جەھەتتىلا بولۇپ قالماستىن، بۇ ئىككىسىنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئەجىر – ساۋىپى جەھەتتىنمۇ پەرقلىنىدۇ.

ھەساناتقا بېرىلىدىغان ساۋاپ بىرگە ئون، سالىھاتقا بېرىلىدىغان ساۋاپ جەننەت

ھەساناتقا قۇرئاندا بىرگە ئون ۋەدە قىلىنىدۇ: « كىم بىر ھەسەنە بىلەن كەلسە، ئۇنىڭغا ئون ھەسسە ساۋاپ بار » ( 6:160 ). لېكىن، سالىھاتنىڭ مۇكاپاتى بىرگە ئون ئەمەس. سالىھاتنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتۇر: « ئەر – ئاياللاردىن مۇئمىن بولۇپ تۇرۇپ، سالىھات ( ياخشى ئىشلارنى ) قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ » ( 4:124 ).
ھەساناتنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن بەلگىلىك مىقدار بېكىتىلگەن، لېكىن سالىھاتنىڭ مۇكاپاتى چەكسىز: « سالىھات ( ياخشى ئىشلارنى ) قىلىدىغان مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى خوشخەۋرىنى بەر » ( 17:9 ).
باشقا ئايەتلەردىمۇ سالىھاتقا چەكسىز نېمەت ۋە جەننەت ۋەدە قىلىنماقتا ( 85:11؛ 95:6 ).
ھەسانات كۆپەيتىدۇ، سەييىئات ئازايتىدۇ. « شۈبھىسىزكى، ھەسانات سەييئاتنى ئازايتىدۇ ( ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ ) » ( 11:114 ). يەنى قۇرئان ھەساناتنىڭ سەييئاتنىڭ ئۈستىنى ياپىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
سالىھات ئىگىلىرى « مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى » ( 25:7؛ 98:7 ).
سالىھاتنى ھەساناتتىن ئايرىپ تۇرىدىغان نەرسە، پەقەت بېرىلىدىغان مۇكاپات ئەمەس. بۇ ئىككىسىنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان يەنە بىر ئامىل، « ئارقىدا قالدۇرۇپ كېتىدىغان نەرسىنىڭ نېمە؟ » ئىكەنلىكى سۇئالى بولۇپ، قۇرئاندا ئىنسان ۋاپاتىدىن كېيىن ھەساناتنىڭ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بىرمۇ ئايەت يوق. لېكىن، سالىھاتنىڭ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئايەتلەر بار:
« ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، باقىي قالىدىغان سالىھات ( ياخشى ئەمەللەر )نىڭ ساۋابى رەببىڭنىڭ نەزرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر، ئۈمىد تېخىمۇ چوڭدۇر » ( 18:46 ).
« باقىي قالىدىغان سالىھات ( ياخشى ئەمەللەر ) ساۋاپ جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ئارتۇقتۇر » ( 19:76 ).
« ماڭا ھەسانات يېتەرلىك بولىدۇ » دەپ سالىھات قىلىشقا تىرىشمىغان كىشى پاسسىپ ياخشىدۇر. ئىنسان ئاكتىپ ياخشى بولۇشنى خالىسا، ھەسانات بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، سالىھات قىلىشى كېرەك. بۇ، ئىنسان ھەساناتنى تاشلاپ قويۇپ، سالىھات قىلسۇن دېگەنلىك بولمايدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋال، خۇددى باشقىلارغا يورۇقلۇق بېرىمەن دەپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ تۈگەتكەن شامغا ئوخشايدۇ. ئىنساندىن ئۆزىنى كۆيدۈرۈش بەدىلىگە باشقىلارغا يورۇقلۇق بېرىش ئەمەس، ئەكسىچە، ئايغا ئوخشاش ئۆزىمۇ يورۇقلۇققا ئېرىشكەچ باشقىلارغىمۇ يورۇقلۇق بېرىش كۈتۈلمەكتە. مۇھاتابىنى « قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن نازىل بولغانلىقىنى » بايان قىلغان ۋەھىي، كۆيدۈرمەي تۇرۇپ نۇر بېرىدىغان، يورۇقلۇققا ئېرىشتۈرىدىغان بىر ئىلاھي مەشئەلدۇر، نۇردۇر.
ئىلاھىي نۇر، سىرىتتىن يورىتىدىغان يورۇقلۇق مەنبەسىگە ئوخشىمايدۇ. ئىلاھىي نۇر بىلەن يورۇقلۇققا ئېرىشىش سىرىتتىن يورۇقلۇققا ئېرىشىشكە ئوخشىمايدۇ. ئىلاھىي نۇر ئىچىدىن يورۇتقان بىر يورۇقلۇق مەنبەسىدۇر. ئىلاھىي نۇر بىلەن يورۇقلۇققا ئېرىشكۈچى ئىچىكى دۇنياسىدىن يورۇقلۇققا ئېرىشىدۇ. ئىچكى دۇنيادىن يورۇقلۇققا ئېرىشكۈچى شۇ ئۈچ ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىشى كېرەك: ئاشق، ئاتاش ( بېغىشلاش )، ئائىدىيەت( مەنسۇپ بولۇش ).
ئەي تالىپ! ئاكتىپ ياخشى بولۇش ئۈچۈن ئۈچ « ئا »غا مۇھتاجسەن: ئاشق، ئاتاش، ئائىدىيەت. ئاكتىپ ياخشى قىلىش ئۈچۈن ئۈچ « ئۇ »غا مۇھتاجسەن: ئۇمىت، ئۇيغۇنلىشىش (ماسلىشىش)، ئۇپۇق.

(null)