ikki_tesewwur_3_muhammad

ئىككى تەسەۋۋۇر، بىر ھەقىقەت

-ئۈچ مۇھەممەد

(مۇستافا ئىسلام ئوغلىنىڭ 1994-يىلى سۆزلىگەن شۇ ناملىق نوتۇقى)

گۈزەل ئۈلگە
مۇستافا ئىسلام ئوغلى

رەھمان (چەكسىز كۆيۈنگۈچى)، رەھىم (مېھرى – شەپقەتلىك)، قاھھار (غەزەپ قىلغۇچى، يوق قىلغۇچى)، غاپپار (كەچۈرگۈچى) بولغان، ساتتار (ئەيىپلەرنى يوشۇرغۇچى)بولغان، مۇئيىن ، مۇستەئان (ياردەم قىلغۇچى)، ۋەدۇد (ناھايىتى شەپقەتلىك) بولغان، جەلال (ئۇلۇغ)، جامال (ئىچكى – تاشقى گۈزەللىك ئاتا قىلغۇچى) بولغان، كامال (تولۇق يېتىشكەن) بولغان ۋە بارلىق كامال سۈپەتلىرى بىلەن مۇتتەسىپ بولغان، نۇقسان سۈپەتلەردىن خالىي بولغان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

ئۈشبۇ « ئۈچ مۇھەممەد لېكسىيەسىنىڭ ئېلكىتابلىرىنى تۈۋەندىكى ئۇلانمىدىن چۈشۈرۈڭ:

( WORD نۇسخىسىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ: ikki tesewwur bir hekikket – 3 muhammed

( PDF نۇسخىسىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ:  2Tesewwur1Hakikket3Muhammed )

ئۇ بىزنى توپا قىلىپ ياراتمىدى، بىزنى تاش قىلىپ ياراتمىدى. بىزنى يوقلۇق ئىچىدە قىلماي، مەۋجۇتلۇق ئىچىدە ياراتتى. مەۋجۇتلۇق ئىچىدىن تاللاپ ئىنسان بولۇش شەرىپىگە ئىگە قىلدى. ئىنسانلار ئىچىدىن تاللاپ ئىمان نېمىتىگە مۇيەسسەر قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەمدۇ-سانالار ۋە تەسبىھ ئېيتىمىز.

ئۇيغۇرچە خەتلىك MP4 نى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ:

سۈزۈك نۇسخىسى: http://bilimilim.org/kaznak/2Tesewwur1Hekiket3Muhemmed_Uyguhurqe.mp4

https://yuzlen.net/wp-content/uploads/2015/01/2Tesevvur1Hakikat3Muhammad.flv

تۈركچە MP3 تىڭشىغاچ ئوقۇڭ:

https://yuzlen.net/wp-content/uploads/2015/01/Ikki-tesewwur-bir-hekiket-3-Muhemmed-Mustafa-İslamoğlu-Uyguhurqe.mp3

ئۈچ مۇھەممەد لېكسىيەسىنڭ ئۈنكىتاپ نۇسخىسى:

https://yuzlen.net/wp-content/uploads/2015/01/2Tesevvur1Hakikat3Muhammad.mp3


ئۇنىڭ سۆيۈملۈك رەسۇلى، بىزنىڭ ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىمىز، بۈگۈن سىلەرگە ھاياتىدىن بەزى پارچىلارنى ئاڭلاتماقچى بولغان؛ ئەمما ھەقىقەتەن ئۇنى تونۇشتۇرۇپ-تونۇشتۇرالمايدىغانلىقىمدىن شۈبھە قلىۋاتقان، سۆزلىرىمنىڭ شۇ سالماقنى كۆتۈرۈپ–كۆتۈرەلمەيدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزۈم خاۋاتىرلىنىۋاتقان ئۇ سۆيۈملۈك يولباشچىمىزغا سالاتۇ-سالاملار بولسۇن!
سىلەرگە، سىلەر مۇسۇلمانلارغا، قېرىنداشلىرىمغا، ئۇنىڭ يولىدا ماڭغانلارغا، ئۇنى سۆيگەنلەرگە، ئۇنىڭ بىلەن خوشاللىققا چۆمگەنلەرگە ۋە ئۇنى ياخشى كۆرگۈزگەنلەرگە رەھمەت بولسۇن، بەرىكەت بولسۇن، سالامەتلىك، ھىدايەت ۋە ھۆرمەت بولسۇن، سۆيگۈ-مۇھەببەت بولسۇن.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سادى دەيدۇكى، گۈلستانىڭدا بىر ئۇچۇم توپا ئالدىم. توپا گۈل پۇرايتتى. سورىدىم:
– سېنىڭ ئەسلى ھىدىڭ بۇ ئەمەس، سەن بۇ پۇراقنى قەيەردىن ئالدىڭ؟ دېدىكى:
– مەن بىر تۈپ گۈلنىڭ توپىسى. گۈلنىڭ ئاستىدا بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ ھىدى ماڭا سىڭدى.
مەن توپىچىلىكمۇ بولالمايمەن، سۆزلىرىم توپىدىنمۇ تۆۋەن تۇرىدۇ. ئەمما، ئۇ سۆزلىرىمنى شۇ گۈلنىڭ ئاستىدا تۇرسا دەپ ئويلايمەن . بەلكىم ئۇ گۈلنىڭ پۇرىقى سۆزلىرىمگە سىڭىپ قالسا، سىلەرمۇ تۇپراقتىنمۇ تۆۋەن تۇرىدىغان سۆزلىرىمدىن ئۇنىڭ ھىدىنى تاپساڭلار، يۈرىكىڭلارنىڭ بۇرنىغا ئۇنىڭ ھىدى كېلىپ، بەلكىم بىر قېتىم سېغىنىش ئىچىدە «رەسۇلۇللاھ» دەپ قالساڭلار، مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئۆزۈمگە تېگىشلىك ھەسسەمنى ئالىمەن. سۆزلىرىمنىڭ ئىچىدە بىر گۆھەر ھېس قىلغان بولساڭلار، ئۇ بايلىقنى ئۇنىڭدا تاپىسىلەر.
سۆزلىرىم-قانىتى سۇنغان بىر قۇش. بۇ قۇشقا قانات بولىدۇ رەسۇلۇللاھ ۋە ئىنشائاللاھ بۇ قۇشنى سىلەرگە قارىتىپ ئۇچۇرىمەن، قانات قاققان ئاۋازىنى ھېس قىلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىمەن.
سۆھبىتىمنىڭ كىرىش سۆزىنى ياكى تېمىسىنى قېرىنداشلىرىم سورىغاندا، « گۈزەل ئۈلگە»، يەنى قۇرئاننى ئاساس قىلغان ھالدا بۇ تېمىنى قويدۇم. ئەگەر خاتا چۈشەنچە بەرمەيدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام، بۈگۈنكى لېكسىيەمنىڭ تېمىسىنى مۇنداق قوياتتىم، «ئۈچ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام»، سەۋەبىنى كېيىن چۈشۈنۈپ قالىسىلەر.
بۈگۈن بۇ تېما ھەققىدە سۆزلەيمەن.
بىز بىر دەپ بىلەتتۇق، ئەمدى ئۈچ دانە بولۇپ قالدىمۇ، ئۇستاز؟ دېيىشىڭلار مۇمكىن. ئىزاھلايمەن. سەۋىر قىلغايسىلەر.

ئۈچ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئۈچ ئايرىم پەيغەمبەر – رەسۇلۇللاھ بار بولۇپ، بىرسى مۇھەددىسلەر (ھەدىسشۇناسلار) تونۇشتۇرغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام؛ يەنە بىرسى سوپىلار تونۇشتۇرغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام؛ ئۈچىنچىسى قۇرئان، يەنى ئاللاھ تونۇشتۇرغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام.
قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۈچ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارىسىدىكى پەرقنى ئىزاھلاپ بولۇپ، ئاندىن رەببىمىز قۇرئاندا تونۇشتۇرغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۆتمەكچىمەن.

1.مۇھەددىسلەر تونۇشتۇرغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

بۈگۈنكى ئۈممەت كۆپىنچە ھالدا بىلىدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قانداق بىر پەيغەمبەر؟
مۇھەددىسلەر بىزگە «سۆز»ى ئاساس قىلىنغان بىر پەيغەمبەرنى تونۇشتۇردى. سۆزى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان، توختىماي سۆزلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز گەپ قىلىپ تۇرغان، ئەمىر قىلغان، نەھىي قىلغان، ھەر مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرغان، ھەر قانداق بىر مەسىلە ئۈچۈن چوقۇم بىر جۈملە سۆز قىلغان بىر پەيغەمبەر. سۆزى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇلغان بىر پەيغەمبەر. چۈنكى «ھەدىس» مۇ سۆز ئەمەسمۇ؟ لېكىن، مۇھەددىسلەر بىزگە ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ رىۋايەتلەردىن ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پەيغەمبىرىمىز بۇ سۆزنى قەيەردە قىلدى؟ نېمە سەۋەپتىن قىلدى؟ تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا قىلدىمۇ؟ سەۋەبسىزلا قىلدىمۇ؟ كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇ ئارقا كۆرنۈشلەرنى تىلغا ئالمىدى.
بىزمۇ شۇنداق ئويلىدۇقكى، رەسۇلۇللاھ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈردى، ئاندىن مۇشۇنداق بىر سۆزنى قىلدى. شۇنداق ئويلىدۇق. بىزمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا ھېچقانداق بىر ئىش قىلمىدى، پەقەت گەپلا قىلدى دەپ ئويلاپ قالدۇق. ئەگەر گەپ قىلمىغان بولسا، بۈگۈن بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ھەدىسنىڭ بارلىقىنى قانداق چۈشەندۈرەتتۇق؟ پەقەت گەپلا قىلدى، ھېچقانداق بىر ئىش قىلمىدى.
مۇھەددىسلەر بىزگە تونۇشتۇرغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مانا مۇشۇنداق سۆزى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئىدى.
بۈگۈنكى كۈنىمىزنىڭ يولباشچىلىرىمۇ ئۆزلىرى تونىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك بولۇشقا ئىنتىلدى. ئالدى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنى خاتا تونۇدى، خاتا تونۇپ قالغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تەقلىت قىلىشقا باشلىدى. توختىماي گەپ قىلدى، پەقەت بۇيرىدى، نەھىي قىلدى، ئەمىر قىلىدى، نەھىيى قىلدى، ئېلىپ كەل ئوغلۇم، ئاپارغىن ئوغلۇم… ئولتۇرغان يېرىدە توختىماي ھەر مەسىلىگە ئارىلىشىپ ئىنكاس قايتۇردى. چۈنكى، خاتا تونۇۋالغان بىر پەيغەمبەر بار ئىدى. ئۇلار مۇھەددىسلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامىنى تەقلىد قىلدى. بۇ سەۋەپتىن، ئۇلار بۇ خاتانى تەقلىدى قىلىشتەك خاتالىق ئىچىگە چۈشۈپ قالدى. سۆزلەشتى ۋەزىپە قىلىدۇ، باشقىلار ئەمەل قىلىدۇ.
خۇددى مەشھۇر فرانسىيەلىك يازغۇچى ۋە شائىر مالارمەنىغا ئوخشاش.
بىر كۈنى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
-سىز ناھايىتى ياخىشى يېزىۋاتىسىز، لېكىن، بۇ يازغانلىرىڭىزنى كىم ئىجرا قىلىدۇ؟
ئۇ جاۋاپ بېرىپتۇ:
-بىز تەپەككۇر قىلىمىز، توختىماي تەپەككۇر قىلىمىز، ئۈزلۈكسىز تەپەككۇر قىلىمىز. ئىجرا قىلىشمۇ؟ قۇللىرىمىز نېمە ئىش قىلىدۇ؟
ۋاي، ۋاي!!!
ئەگەر بىز تەپەككۇر قىلىپ، قۇللىرىمىز ئىجرا قىلىدىغان بولسا؛ چوڭلىرىمىز تەپەككۇر قىلىپ، كىچىكلىرىمىز ئىجرا قىلىدىغان بولساق؛ زاغرا تىلىمىز بويىچە ئېيتساق، ئۇستازلىرىمىز تەپەككۇر قىلىپ، ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئىجرا قىلسا؛ ئۇستازلىرىمىز يازسا، ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئىجرا قىلسا؛ ۋاي، ئۇ دىننىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنگە، ئۇ دىن خىرىستىيانلاشقان بولىدۇ. ئۇ دىن، پەيغەمبەرنىڭ دىنى بولۇشتىن يىراقلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.
ئەگەر نەسرىدىن خوجىنىڭ مەسەلىگە ئايلىنىپ قالغان بولسا؛ بۇ تەپەككۇر قىلىدۇ، بۇ سۆزلەيدۇ، بۇ يازىدۇ…
ئۇنىڭ قۇشلىرى ئارىسىدا يازغۇچى يوقتى، ئەمما ھازىرقى قۇشلار ئارىسىدا بار. بۇ تەپەككۇر قىلىدۇ، بۇ يازىدۇ، بۇ قىلىدۇ، بۇ ئىجرا قىلىدۇ، بۇ قاشلايدۇ…
بۇنداق بولامدۇ؟ پەيغەمبەر مۇشۇنداقمىتى؟ ئۈلگىمىز مۇشۇنداقمىتى؟
پەقەت سوئالنى سوراۋاتىمەن.

2. ئەمدى ئىككىنچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (س ئە ۋ)غا ئۆتىمەن.
ئۇ بولسىمۇ، سوپىلار تونۇشتۇرغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام. بۇنىڭ بىلەن ھېسسىيات ۋە نەرسە – كېرەكلىرى ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن بىر پەيغەمبەر تىپى شەكىللەندۈرۈلدى.
شۇنداق بىر پەيغەمبەركى، پەيغەمبەر ھاياتىنىڭ مۇتەشابىھاتى (ئېنىق بولمىغان قىسمى) تونۇشتۇرۇلدى. سۆزلىرىنىڭ مۇتەشابىھاتى، ھەدىسلىرىنىڭ مۇتەشابىھاتى تونۇشتۇرۇلدى ۋە ئۇلار شەرھىيلەندى.
شۇنداق بىر پەيغەمبەر تىپىكى، تىزلىنىپ ئولتۇرغان، كۆزلىرى ئاسمانغا قارىغان، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر نەرسىگە قارىمىغان، ھېچقانداق نەرسە بىلەن كارى بولمىغان، دۇنيانى ئارقىسىغا چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن، دۇنيا بىلەن ھېچقانداق بىر مۇناسىۋىتى بولمىغان، پەقەت قولىنى ئازراق يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەنلا ئالەمنى باشقۇرۇۋاتقان بىر پەيغەمبەر ئىدى. قولى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندە، يەر يۈزى تەۋرەپ كەتكەن پەيغەمبەر تىپى.
شۇنداق بىر پەيغەمبەركى، ھاياتىدىن تاللانغان مىساللار، قىسقۇچ بىلەن تاللاپ ئېلىنغان. مەسىلەن: ھىجرەتتە، غاردا ھەزرىتى ئەبۇبەكىر رەزىيەللاھۇئەن ئۈچۈن بايان قىلىنغان يىلان ھېكايىسىغا ئوخشاش قىسقۇچ بىلەن تاللاپ ئالغان ھېكايىلەر تونۇشتۇرۇلدى ۋە بىزگە پەيغەمبەر ھىجرىتىنىڭ نېمە سەۋەپتىن بولغانلىقىنى، ھىجرەتنىڭ بىر دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن بېسىلغان قەدەم ئىكەنلىكىنى ئەمەس، ھىجرەت خۇددى يىلان تۆشىكىنى ئېتىش ئۈچۈن بولغاندەك؛ ھىجرەت خۇددى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ كۆزلىرىدىن تامچىلىغان ياشنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ مەڭزىگە چۈشۈشى بىلەن، ئۇ يەردە تىزىڭنى تىزىمغا تەككۈز، كۆڭلۈمدىكىنى كۆڭلۈڭدىكىگە قوشتۇم دېيىشى ئۈچۈن بولغاندەك ھېكايىلەر تونۇشتۇرۇلىدۇ.
شۇنداق بىر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تىپى تونۇشتۇرۇلدىكى. ھاياتىدىن قىسقۇچ بىلەن تاللاپ ئېلىنغان بەزى ۋەقەلەرنىڭ؛ ھەتتا نۇرغۇنلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك ئەمەسلىكى، ئىشەنچىلىك مەنبەلەرگە ئىگە بولمىغان بەزى ۋەقەلەر كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇلدى.
شۇنداق بىر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامكى، قاراڭلار، بۇنى «ئەل ھاسانى سۇن كۇبر»دىن نەقىل كەلتۈرىۋاتىمەن، بۇلارنى كىتابلىرىمىدىمۇ يازدىم .
بويى ھەممىدىن ئۇزۇن، ئاۋازى ھەممىدىن چىڭ چىقىدىغان؛ ئەپۇ قىلىڭلار، جىنسى كۈچ – قۇۋۋىتى قىرىق ئەرنىڭ كۈچىگە تەڭ بولغان، چوڭ تەرىتى پاكىز بولغان، تەرى مىسكى ئەنبەر پۇرايدىغان… بۇلارنىڭ ھەممىسى بولىشى مۇمكىن.
لېكىن، مەن تەقلىد قىلىدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇمۇ، دەپ سورىمامدۇ كىشى؟
ئاللاھ ماڭا ئۆرنەك كۆرسىتىۋاتىدۇ، ئۆرنەك دوراش ئۈچۈندۇر. ئۇنداقتا، گەپ قىلغاندا ئاۋازىم ھەممىدىن چىڭ چىقىشى كېرەك؛ ئۈلگە بولالىشى ئۈچۈن دورىغىلى بولۇشى كېرەك. كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تۇرغان ۋاقتىمدا بويۇم ھەممىدىن ئېگىز بولۇشى كېرەك. تەرىم مىسكى ئەنبەر پۇرىشى كېرەك. ئەپۇ قىلىڭلار… داۋاملاشتۇرالمايمەن، غەلىتە نەرسىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ قالىدۇ.
مۇشۇنداق ئۈلگە ئالامدۇق؟!
بۇ ئۈلگىنى تونۇشتۇرۇش ئەمەس، پەرىشتىلەرنى تونۇشتۇرۇشتۇر. كىشىلەر پەقەت ” ۋۇجۇن! “ دەيدۇ، خالاس.
تونۇشتۇرغۇچىلارنىڭ دەيدىغان سۆزى «ئۇلار مۇشۇنداق ئىدى» ۋە داۋامىنى دېمەيدۇ.
بىز ئۇنىڭغا ئوخشىمايمىز، بىزنى ھازىرقى ھالىتىمىزدە قوبۇل قىل. بۇ ئۇلاردىكى مەنتىق. لېكىن، ئاللاھ بۇنداق دېمەيدۇ (ئاللاھ تونۇشتۇرغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىرئازدىن كېيىن كېلىمىز).
بۇ تونۇشتۇرۇشتا، ئەپسانىۋىي تونۇشتۇرۇشتا ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (س ئە ۋ) نەرسىلىرى بىلەن كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. يەنى كۆينىكى بىلەن، ساقىلى بىلەن، ئايىغى بىلەن، ئاياق ئىزى رەسىمى بىلەن…
ئالدىڭىزغا جىھادى بىلەن چىقمايدۇ، شىجائىتى بىلەن چىقمايدۇ. ئەبۇ جەھىلنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، بارمىقىنى كۆزىگە تىقىدىغاندەك چەنلەپ تۇرۇپ:«مەن ساڭا ئوخشاشلارنى قەھرى قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم» دېگەن بىر پەيغەمبەر تونۇشتۇرۇلمايدۇ. ئۆمرىنىڭ قىرىق كۈنىگە بىر ئۇرۇش توغرا كەلگەن، قىرىق كۈنىگە بىر جىھاد توغرا كەلگەن بىر پەيغەمبەرنى تاپالمايسىز ئۇ يەردە،
ئۇ باياندا.
«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، تاغا سەن نېمە دەۋاتىسەن؟ سەن ماڭا نېمىنى تەكىلىپ قىلىۋاتىسەن؟ قۇياشنى ئوڭ قولۇمغا، ئاينى سول قولۇمغا بەرسە ۋە ماڭا بۇ ئىشنى تەرك ئەت دېسە، ئاللاھتىن بۇيرۇق كەلمىگىچە قانداق تەرك قىلىمەن تاغا؟ مېنى قېيناۋاتىسىلەر…» دېگەن بۇ پەيغەمبەرنى تاپالمايسىلەر. بۇ باشقا بىر پەيغەمبەر.
مانا بۈگۈنگىچە بۇ ئىككى پەيغەمبەر تونۇشتۇرۇلۇپ كەلدى.
دائىم يىغلىغان، ھېچ خاپا بولمىغان؛ دائىم ئەركىلەتكەن، ھېچ ئاگاھلاندۇرمىغان؛ دائىم سۆيگەن، ھېچ نەپرەت قىلمىغان پەيغەمبەر تىپى؛ بىنورمال پەيغەمبەر تىپى.
تونۇشتۇرۇشلاردا پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىنى تاپالمايسىلەر، جىھادىنى تاپالمايسىلەر، جالالىتىنى تاپالمايسىلەر. شىجائىتىنى تاپالمايسىز، تاپالمايسىز، ھەرگىز تاپالمايسىز…

3. ئەمىسە قۇرئاندىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كېلىمىز.
قۇرئان تونۇشتۇرغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام كىم ئىدى؟
ئەمدى، قۇرئاندىن سورايلى:
-ئىھ قۇرئان، رەسۇلۇللاھنى ماڭا تونۇشتۇر. كىم مېنىڭ پەيغەمبىرىم؟
دەيسىزكى، «بىز سېنى، ئەي مۇھەممەد، سېنى باشقا بىر ئىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق».
بۇنى تەكىتلەيمەن، سىز قۇرئاندىن بۇ بىر جۈملىنى كۆپ ئاڭلىغان. گەرچە كۆپ ئاڭلىغان بولساقمۇ، ھېېچ تۈكلىرىمىزنى تىكەن قىلمىغان، ئىچىمىزنى كىر سىققاندەك سىقمىغان بىر جۈملە. بۇ سۆزنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئېزىلىشىمىز كېرەك ئىدى. ئاللاھ بىزگە بىرىنى «رەھمەت» دەپ تونۇتۇۋاتىدۇ. «رەھمەت» دەپ تونۇتۇۋاتىدۇ، ئەمما بىز «رەھمەت» دەپ تۇنۇشتۇرغانلىقىدىن بىخەۋەر، بەئەينى غەزىنىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئاچلىقتىن ئۆلگەن ئەخمەققە ئوخشايمىز. بىر رەھمەتنى بىرىپتۇ بىزگە، «مۇھەممەد» تىن ئىبارەت بىر رەھمەت بۇلىقىنى بېرىپتۇ، بىز ئۇ بۇلاقنىڭ يېنىدا ئۇسسۇزلىقتىن ئۆلۈۋاتىمىز، ئۆلۈۋاتىمىز.
بۇمۇ رەھمەت ۋەسلىگە يېتىش؟ بۇمۇ رەھمەتنىڭ يېنىدا تۇرۇش؟ بۇمۇ رەھمەتنىڭ ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن كىشىلىرى بولۇش؟ بۇمۇ ئامانەتكە لايىق بولۇش؟ بۇمۇ ئامانەتكە ئىگە چىقىش؟
ئېزىز دوستلار، «ئامانەت» دېدىم، دىققەت قىلىڭلار!
پەيغەمبەر بىر ئامانەتتۇر. رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەتكە بەرگەن ئەڭ چوڭ ئامانىتىدۇر.
ئۇستازىم، بۇ ئامانەتكە خىيانەت بولامدۇ؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن.
خىيانەت قىلدۇق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىيانەت قىلدۇق.
قانداق قىلىپ خىيانەت قىلدۇق؟
ئۇنى خاتا تونۇشتۇرۇش بىلەن، ئۇنى تونۇماي ھاياتىمىزدىن چىقىرىپ تاشلاش بىلەن، ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنى ئىنسانلار ئىچىدىن چىقىرالماسلىق بىلەن بۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلدۇق.
«قوزام، پالانچىغا ئوخشاش بولىسەن».
«چوڭ بولغاندا، پالانچىغا ئوخشاش بولىمەن» دېگەن بالىلاردىن بىرسىگە:
«قوزام، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بول» دېيەلمىدۇق، دېگۈزەلمىدۇق.
ئاللاھ ئۈلگە قىلىپ تونۇشتۇرغان بولسىمۇ، بىز ئۆرنەكلىكتىن چىقىرىپ تاشلىدۇق. ئۇنى ئېرىشكىلى بولمايدىغان، قاراپ، قاراپ يىغلايدىغان بىر يەرلەرگە چىقاردۇق.
بەزىلىرىمىز ئۇنى ئاسارە – ئەتىقە ساندۇقىغا تاشلاپ قويدۇق. خۇددى دادىسىدىن، مەرھۇم بوۋىسىدىن تەۋەرۈك قالغان كۆمۈش يانچۇق سائەتكە ئوخشاش؛ قاراپ – قاراپ، رەھمەتلىك دادام دەپ يىغلاشقا ئوخشىتىپ قالغان ئوخشايدۇ بەزىلەر، شۇڭا ئوخشاش يىلدا بىر قېتىم پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساقىلىنى كۆرۈشكە بېرىپ يىغلاش ئۈچۈن ئۇنى ئۆزىمىزگە ۋاستە قىلىۋالدۇق؛ ھېس – تۇيغۇمىزغا ۋاستە قىلدۇق؛ ھىسسىياتىمىزغا ۋاستە قىلدۇق؛ جىسىمنى ئۇلۇغلىشىمىزغا ۋاستە قىلدۇق؛ تاشقى ئاجىزلىقىمىزغا ۋاستە قىلدۇق؛ ئەمما، رەسۇلۇللاھنى دوراشتىن باشقا ھەر ئىشقا ۋاستە قىلىۋالدۇق.
ساڭا نېمىلەر قىلمىدۇقكى، ئى رەسۇلۇللاھ؟! مۇزىيغا قويدۇق سېنى، قاراپ – قاراپ قويۇپ يىغلىدۇق؛ ئاسمانغا كۆتۈردۇق سېنى، قاراپ – قاراپ قويۇپ يىغلىدۇق؛ سېنى قەبرىگە قويدۇق، قاماپ قويدۇق، يەنە خىجىل بولماي، يۈزىمىز قىزارماي سېنى زىيارەت قىلغىلى كەلدۇق؛ سېنى بوغدۇق، ئاۋۋال ئۆلتۈردۇق، ئاندىن قەبرەڭ بېشىدا يىغلىدۇق، يا رەسۇلۇللاھ. سېنى دورايدىغان يىگىتلەر يېتىشتۈرەلمىدۇق.
ماڭا شۇ كىشى مۇھەممەد (س ئە ۋ)نى ئەسلىتىۋاتىدۇ، ماڭا شۇ زات پەيغەمبەرنى ئەسلىتىۋاتىدۇ، دېگۈدەك كىشىلەرنى ئاراڭلاردا يېتىشتۈرۈپ چىقىرالمىغان مۇددەتكىچە خىيانەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىسىز.
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدا سىلەر ئۈچۈن، ئاللاھنى ئارزۇ قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن.
دىققەت قىلىڭلار، قۇرئان ئاللاھتا ئۆرنەك باردۇر، دېمەيدۇ. ئاللاھنى دورىيالمايسىز. ئۈلگە قىلىشىڭىز ئۈچۈن سىزنىڭ جىنسىڭىزدىن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئۆرنەك قىلىش دېگەنلىك، تەقلىد قىلغىلى بولىدىغان دېگەنلىكتۇر. تەقلىد قىلغىلى بولمايدىغان نەرسىنى قانداق قىلىپ ئۈلگە قىلىسىز؟ شۇنداق ئەمەسمۇ؟
ئويلاپ بېقىڭ، بۇ تام ئۇ تامنىڭ مىسالىدۇر، بۇ توغرا مىسال. مەنتىق جەھەتتىنمۇ توغرا. ئەمما، بۇ تام قېرىندىشىمىزنىڭ ئوخشىشىدۇر، بۇ خاتا مىسالدۇر. تام باشقا، ئىنسان باشقا. سېلىشتۇرۇلغان نەرسە بىلەن سېلىشتۇرۇلغۇچى نەرسە ئارىسىدا قىلچىلىك ئوخشاشلىق يوق. شۇڭا سېلىشتۇرما خاتا.
شۇڭا، قۇرئان ئاللاھنى ئۈلگە قىلىڭ دېمەيۋاتىدۇ. قاراڭلار، ئاللاھنى ئارزۇ قىلىغان كىشى كىمنى ئۈلگە قىلسۇن؟
مۇھەممەد ( س ئە ۋ )نى ئۈلگە قىلسۇن!
دىققىتىڭلارنى تارتىمەن، بۇنى ئاللاھ دەۋاتىدۇ.
تېخىمۇ ئوچۇق قىلساق، نېمە دېمىگەنلىكىنى چىقىش نوقتىسى قىلساق، نېمە دېگەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنەلەيمىز. قۇرئان بىزگە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى بىزگە ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتكەندە، ئۆزىنى ئۆلگە قىلىپ كۆرسەتمەيدۇ. شۇنداق بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. «ئى مۆئمىنلەر! كىتاپتا سىلەر ئۈچۈن گۈزەل ئۈلگە بار» دېگەندەك بىر ئايەت بولۇشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن، قۇرئاندا بۇنداق بىر ئايەت يوق. ئاللاھ تەقلىد قىلغىلى بولمىغانغا ئوخشاش، ئىنسان كىتابنىمۇ تەقلىد قىلالمايدۇ . چۈنكى، ئۇنىڭمۇ جىنسى ئوخشاشمايدۇ.
كىتاپنىڭ يۈرىكى يوق، بېشى يوق. قايغۇرمايدۇ، سۆيمەيدۇ، سېغىنمايدۇ، نەپرەتلەنمەيدۇ…
ئەمما بىزگە تەقلىد قىلالىشىمىز ئۈچۈن قايغۇرىدىغان، سۆيىدىغان، ئەپۇ قىلىدىغان، جەڭ قىلىدىغان ئىنسان كېرەك. ئىنسان لازىم.
شۇڭا قۇرئان، سىزگە ئاللاھنى تەقلىد قىلىڭ دېمىدى، ياكى ئۆزىنى تەقلىد قىلىڭ دېمىدى. پەقەت بىر نەرسىنى دېدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تەقلىد قىلىڭ دېدى.
كېلىڭ، ئۇ تەقلىد قىلىشىمىز بۇيرۇلغان ئۇلفىي روھ ئۈچۈن بىر قېتىم سالاۋات ئوقۇيلى.
ئاللاھۇممە سەللى ئەلا سەييىدىنا مۇھەممەد

سۆيۈملۈك دوستلار!
سىلەر ئۈچۈن ئاللاھ رەسۇلىدا گۈزەل ئۈلگە باردۇر؛ سىلەر ئۈچۈن ۋە ئاللاھنى ئارزۇ قىلغانلار ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچىنچى سۈپىتى بولغانلار ئۈچۈن، ئاللاھنى كۆپ ياد قىلغانلار ئۈچۈن، كۆپ ياد ئەتكەنلەر ئۈچۈن ئاللاھ رەسۇلىدا گۈزەل ئۈلگە باردۇر.
مېنىڭ لوغىتىمدە، زىكىر نېمە؟ بىلەمسىز؟
زىكىر (قۇرئاننى كۆپ تەتقىق قىلدىم، ئەڭ ئاخىرىدا زىكىرنىڭ شۇ مەنىدە كەلگەنلىكىنى بىلدىم)، زىكىر – قايغۇدۇر، غەمدۇر.
غېمى ئاللاھ بولغانلار مۇھەممەد (س ئە ۋ)نى تەقلىد قىلسۇن! دەردى ئاللاھ بولغان مۇھەممد (س ئە ۋ)نى ئۈلگە قىلسۇن، دەردى دۇنيا بولغان باشقىلارنى تەقلىد قىلسۇن.
دەردى باشقا نەرسىلەر بولغانلار باشقىلارنى تەقلىد قىلسۇن، دەردى ئاللاھ بولسا ئەگەر، مۇھەممەد ( س ئە ۋ )نى تەقلىد قىلسۇن، دەيدۇ قۇرئان.
شۇڭا زىكىر – غەمدۇر.
سىلەرنىڭ غېمىڭلار نېمە دوستلار؟
غېمىڭىز نېمە بولسا، زىكىرىڭىزمۇ شۇدۇر، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى زىكرىڭىزمۇ شۇدۇر.
ھەركىمنىڭ زىكرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ غەم – قايغۇسىنى بىلىڭ.
بۇ ئېنىقلىمىلارغا ئاساسەن ئايەتكە قايتىدىن مەنا ئېيتاي:
سىز ئۈچۈن، ئاللاھنى سېغىنغانلار ئۈچۈن، ئۇ ھىجراننىڭ ئۇپقۇدا تۇرغان كائىناتنىڭ خالىقىنى، سۆيگۈنىڭ خالىقىنى، سۆيگەن ۋە خوشال قىلغاننى، سۆيگەن ۋە سۆيگۈزگۈچىنى سېغىنغانلار ئۈچۈن، ئاللاھنى تىلىگەنلەر ئۈچۈن…
تۈركچىگە بىرمۇ بىر تەرجىمە قىلايلى.«ئاللاھنى تىلىگەنلەر ئۈچۈن»،ئاللاھنى تىلەش دېگەن نېمە؟
ئەگەر« يا رەببى، مەن سېنى ئىستەيمەن» دېسەڭ پەيغەمبەرنى تەقلىد قىل، دەيدۇ.
ۋە ئاللاھ… غېمى ئاللاھ بولغان كىشى ئۈچۈن كىمدە ئۈلگە بار؟
– مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدا بار.
مانا مۇشۇنداق، ئايەت مۇشۇنداق دەيدۇ ئېزىز دوستلار.
«ئاللاھنى تىلىگەن كىشى ئۈچۈن، قايغۇسى ئاللاھ بولغان كىشى ئۈچۈن، ئاللاھنى سېغىنغان كىشى ئۈچۈن…» دەڭ.
«ئەگەر ئاللاھنى ياخشى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئەگىشىڭلار!»
«ئەگەر ئاللاھنى ياخشى كۆرسەڭلار مېنى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) تەقلىد قىلىڭلار! ماڭا ئەگىشىڭلار! ئەگەر ماڭا ئەگەشمىسەڭلار، ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن بولمايسىلەر!» بۇ ئايەتتە بۇيرىقىنى ئوچۇق كۆرىمەن.
«ماڭا ئەگىشىڭ»
-نېمە ئىش قىلىڭ؟
-ماڭا ئەگىشىڭ.
ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ بىر بەدىلى بار. سۆيگۈنىڭ بىر بەدىلى بار. بەدەلسىز سۆيگۈ بولمايدۇ. ئۇنىڭغا پۇل ئۆتمەيدۇ. بەدىلى تۆلەنمىگەن سۆيگۈ، ھەققى بېرىلمىگەن مۇھەببەت ساختا سۆيگىدۇر.
ساقىڭىزنى، ئىككى ياشلىق قوزىڭىزنى كەل، سېنى بىر سۆيىۋالاي قوزام دەپ چاقىرغاندا، قولىڭىزدا بىر تال كەمپۈت بولۇشى كېرەك. ئۇ سىزدىن بىر تال كەمپۈت تاما قىلىدۇ. بىر بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. ئوخشاتقاندەك بولۇپ قالمىسۇن.
ئۇنداقتا، رەببىڭىزگە سۆيگىڭىزنى قانداق ئىسپاتلىدىڭىز؟ ئاللاھ ئىسپاتلاش شەكلىنىمۇ دەپ بېرىۋاتىدۇ.
ئىسپاتلاڭلار، پەيغەمبەرگە ئەگىشىڭ! سۆيگىڭىزنىڭ بەدىلى بولسۇن، بەدىلىنى تۆلەڭ.
ئۇنداقتا، سىز سۆيگىڭىزنىڭ بەدىلىنى تۆلىسىڭىز، ئاللاھمۇ سۆيگىسىنىڭ بەدىلىنى تۆلەمدۇ؟
تۆلىمەي قالارمۇ سىزچە؟ ئاللاھمۇ سىزنى ياخشى كۆرسۇن ۋە بەدىلىنى تۆلىسۇن ۋە سىزنىڭ گۇناھلىرىڭىزنى مەغپىرەت قىلسۇن. سىزنىڭ گۇناھلىرىڭىزنى مەغپىرەت قىلىش ئارقىلىق ئۇمۇ سۆيگۈسىنىڭ بەدىلىنى تۆلىسۇن.
قاراڭلار، ئاللاھمۇ سۆيگىسىنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ – يۇ، سىز قانداقلارچە، «سۆيىمەن» دەپ قويۇپ سۆيگىڭىزنىڭ بەدىلىنى تۆلىمەيسىز؟
سۆيگۈڭىزنىڭ بەدىلىنى تۆلىمەكچى بولسىڭىز، پەيغەمبەرنى تەقلىد قىلىڭ.
دوستلار، پەيغەمبەرلىك ماقامى ئۈلگىلىك ماقامىدۇر. شۇڭا، تارىخ بويىچە يەر يۈزىگە كىتاپسىز پەيغەمبەرلەر كەلگەن؛ ئەمما، پەيغەمبەرسىز بىر تال كىتابنى ئۇچرىتالمايسىز، ئۈلگىسىز بولمايدىغان بولغاچقا شۇڭا شۇنداق بولغان.

«ئۇستازىم، ئۇنىمۇ كۆردۇق» دېيىشىڭىز مۇمكىن.
قانداق قىلىپ؟
«ھازىرقى كۈنىمىزدە كۆردۇق، پەيغەمبەرسىز كىتاب ئىگىلىرى بار» دەيسىز.
توغرا. ئەپسۇس، ئۇنىمۇ بۇ دەۋردە كۆردۇق. پەيغەمبەرنى تاشلاپ قويۇپ كىتاپنى ئالماقچى بولغانلار، پەيغەمبەرنى كىتاپتىن ئايرىپ تاشلىغانلارنى كۆردۇق.
پەيغەمبەرنى، ئايرىلمايدىغان بىر گەۋدىنى، پەيغەمبەرنى قوشۇپ تىلغا ئالغان رەببىمىزنىڭ كىتابىدىن ئايرىپ، كۆرۈنۈشتە كىتابنى ئالغاندەك قىلىپ، پەيغەمبەرنى بىر چەتكە تاشلىۋەتكەنلەرنى كۆردۇق. (تەۋبە!) پەيغەمبەرنى شۆپىكىنى ئېلىپ تاشلىغاندەك سويىۋېتىپ، جەۋھىرىنى كىتابنى ئالدۇق دەپ ئويلاپ قالغانلارنى كۆردۇق.
پەيغەمبەر كىتابنىڭ جىلىتىمۇ؟
سىزنىڭ دەپتىرىڭىزدە شۇنداقمۇ؟
ئۇنداق بولسا كېلىڭ، قۇرئاندىن سوراپ باقايلى.
-پەيغەمبەر كىتابنىڭ نېمىسى؟
-پەيغەمبەر كىتابنىڭ ئىككى پۇتلاپ ئۆرە تۇرغان ھالىتىدۇر.
ئائىشە رەزىيەللاھۇئەن ئانىمىزدىن سورىغان ۋاقتىمىزدا جاۋابى بۇ:
– نەبىينىڭ ئەخلاقى نېمە ئىدى؟
– ئۇنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى. قۇرئان ئىدى.
يەنى مۇنداق دەي، بىر گۈل چېڭى ھەرىدە ھەسەلگە ئايلىنىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بىر سامان، شۇ بىز كۆزگە ئىلمايدىغان سامان، قويدا سۈتكە ئايلىنىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇ دان توخۇدا تۇخۇمغا ئايلىنىدۇ شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بۇ مىساللارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈشىڭلار ئۈچۈن بېرىۋاتىمەن.
ئايەتنى قولىڭىزغا ئېلىڭ، قۇرئاننى قولىڭىزغا ئېلىڭ، پەيغەمبەر ماشىنىسىغا سېلىڭ، جانلانسۇن، ئىنسانغا ئايلانسۇن.
پەيغەمبەر دېگەنلىك نېمە، بىلەمسىز؟
قۇرئاننىڭ ئىنسانغا ئايلىنىشى. قۇرئاننىڭ ئىنسانغا ئايلىنىشىنى پەيغەمبەر دەيمىز. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىككى پۇتلاپ ئۆرە تۇرغان قۇرئان ئىدى، شۇڭا ئۈلگە ئىدى. بۇ تەرىپى بىلەن ئۈلگە ئىدى. بۈگۈن ئىنساننىڭ قۇرئانغا ئايلىنىشى ۋە قۇرئاننىڭ ئىنسانغا ئايلىنىشى ئۈچۈن بۇ جەمئىيەتنىڭ، پەيغەمبەرسىز قالغان بۇ جەمئىيەتنىڭ قايتىدىن پەيغەمبەرگە ئىگە بولىشى كېرەك.
«بولىدۇ ئۇستاز، ئىككى يالغان پەيغەمبەر چىقىرىمىز» دېيىشىڭىز مۇمكىن.
ياق، ئۇنى دېمىدىم.
ئۇلار، پەيغەمبەرسىز قالغان ۋاقتىمىزدا چىقىدۇ، مۇسەيىمەلەر. ساختا پەيغەمبەرلەر، پەيغەمبەرسىز قالغان جەمىئىيەتتە پەيدا بولىدىغان بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن چىقىدۇ. بۇ جەمىئىيەت، ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامسىز قالمىغان بولسا ئىدى، ساختىپەز پەيغەمبەرلەر چىقمايتتى. ئاخىرى بۇ جەمىئىيەتتىنمۇ چىقتى. ئىراندىن چىقتى، يۈز ئەللىك يىل بۇرۇن، باھاۋۇللاھ؛ پاكىستاندىن چىقتى يۈز يىل بۇرۇن-ئەھمەد قادىيانى؛ ئون – ئون بەش يىل بۇرۇن ئامېرىكىدىن چىقتى-رىشات خەلىفە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مەملىكەت (تۈركىيە)تىن چىقتى-ئىسكەندەر ئەل ئەكبەرمىش.
شۇنداق، بىر جەمئىيەتتە ساختىپەز پەيغەمبەر چىققان بولسا، بۇ ھەقىقىي پەيغەمبىرىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقتىن بولىدۇ.
شۇڭا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قانداق تىرىلدۈرىسىز؟ قانداق قىلىپ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرغۇزىسىز؟
ئۇنى تونۇش ئارقىلىق دوستلار، ئۇنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى تونۇش ئارقىلىق ئورنىدىن تۇرغۇزىسىز. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە، بىرسى ئۆزىنى سىزگە پەيغەمبەر دەپ تونۇشتۇرىدۇ. سىز بۇ ئالدامخالتىغا چۈشۈپ كېتىسىز، ئاللاھ ساقلىسۇن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، ئاقىۋىتىڭىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى قۇرئاندىن ئۆگىنىۋېلىڭ.
ئۇ كۈن (مەھشەر كۈنى)، ئۇ ساختىپەزلەرنى ئۈلگە دەپ ئەگەشكەن كىشىلەر، بۇ ساختىپەزلەر بىزنى قۇتقۇزىدۇ، دەپ ئەگەشكەن كىشىلەر، ئازغانلىقىنى قىيامەتتە بىلىدۇ. ھەممە نەرسە ئايدىڭلىشىدۇ. ئۇ ساختىپەزلەرنىڭ ئۆزلىرىنىمۇ قۇتقۇزۇپ قالالمىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ.
بۇتلارنىڭ تومۇرلىرىدىن ئېرىگەن ئۇ كۈندە، ئىنسانلار، ئۇ ئالدانغان كىشىلەر دېيىشىدۇكى:«كاشكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يولىنى تۇتقان بولساقتۇق، ئۇنى دورىغان بولسام، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغان بولسام، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان بولسام ۋە كاشكى پالانچى ئادەمنى پەيغەمبەر بار يەردە ئۇنىڭغا ئەگەشمىگەن بولسام بولۇپتىكەن؛ پالانچى كىشىنى ئۈلگە ئېلىشقا تېگىشلىك كىشى دەپ قارىمىغان بولسامكەن، دەپ ئوتتا كۆيىدۇ، كۆيدۈرۈلىدۇ. پۇرسەت قولدىن كېتىپ قالغان بولىدۇ».
ئەمدى، ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىم؟
ئۈلگە قىلىدىغان نەرسىڭىزنى ياخشى بىلىشىڭىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا ئۇنى ئۈلگە قىلالايسىز. ئەمدى كەلدۇق ئۇ سۇئالغا.
ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىم؟
ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن بۇ نەبى ھەققىدىكى بۇ سوئالغان قۇرئان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى ئارقىلىق جاۋاپ بەرمەكچىمەن.
قەدىرلىك دوستلار، ئالدى بىلەن ئۇ ئۇلۋى شەخسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇ زاتنىڭ ھاياتىغا قاراڭلار.
ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قانداق تەربىيلىدى؟
جانابى ئاللاھ بىر ئىنساننى تەربىيلىسە، ئۇ قانداق ئادەم بولۇپ چىقىدۇ؟
بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى بىلمەكچى بولغان كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارىسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە قارىسۇن. مانا بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئۇنىڭدىن تاپالايدۇ.
ئالدى بىلەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنى رەببىمىزنىڭ، ئۇنىڭ ئىچ دۇنياسىنى تونۇش ئۈچۈن بىر غارغا كىرگۈزگەنلىكىنى كۆرىمىز. ھىرادا بىر قۇياش تۇغۇلىدۇ. ھىرادا بۇ قوياش ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇيدۇ. بىر سەپەرگە ئاتلىنىدۇ، قەلب سەپىرىگە. قەلب سەپىرىدە ئىچىدىكى ئىقلىملارنى كېزىدۇ، ئىچىدىكى دۇنيالارنى بايقايدۇ. مەن كىم؟ دېگەن سوئالنى سورايدۇ. مەن نېمە؟ قەيەردىن كەلدىم؟ قەيەرگە كېتىپ بارىمەن؟…
بۇلار مەۋجۇدىيەتنىڭ ئاساسلىق سوئالىدۇر. چۈنكى يارىتىلىش تولغىقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتاتتى. يارىتىلىش سوئالىنى سوراۋاتقان ۋە يارىتىلىش سوئالىغا جاۋابنى بەرگەننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.
ئاللاھ جاۋاپ بېرىدۇ.
بەش ئايەتتە داۋام قىلىدۇ. بەش ئايەتتە بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بېرىدۇ.
ئوقۇ!
مەن كىم دەپ سوراۋاتامسەن؟
قەيەردىن كەلدىم دەۋاتامسەن؟
قەيەرگە كېتىپ بارىمەن، دەۋاتامسەن؟
ئۇنداقتا ئال، جاۋاپلىرىنى.
سەن رەببىڭ تەرىپىدىن يارىتىلدىڭ ئاللاھ تەرەپتىن كەلدىڭ، بۇنى بىلگىن. قەيەرگە كېتىدىغانلىقىڭنىڭمۇ ئادىرىسى ئېنىق، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر. قانداق يارىتىلغانلىقىڭنى سورىۋاتقان بولساڭ، ئوبدان بىلىپ قالغىنكى، ئاللاھ سېنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە، قەدەممۇ قەدەم شەكىل بېرىپ، سۈرەت بېرىپ، تەرتىپكە سېلىپ ياراتتى.
ئەگەر مېنى ياراتقۇچىنىڭ سۈپىتى كىم؟ دەپ سورىساڭ، مېنى كىم پەرۋىش قىلدى؟ دەپ سورىساڭ، ئۇنداقتا شۇنى ئوبدان بىلگىنكى پەرۋەردىگار بولغان ئاللاھ پەرۋىش قىلدى.
ئۇ، رەب سۈپتىنىڭ ئىچىدە ھەم يارىتىش بار، ھەم پەرۋىش قىلىش بار، ھەم بېقىپ چوڭ قىلىش بار، ھەم كۆرۈپ، ئاسراش بار، ھەم تاكاممۇللاشتۇرۇش بار، ھەم كامالەتكە يەتكۈزۈش بار. مانا بۇ، ئۇ «رەب»تە يوشۇرۇنغان سىرلار. شۇڭا مېنى ياراتقۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلەي دېسەڭ، ئەي مۇھەممەد، شۇنى ياخشى ئاڭلا، سېنى ياراتقۇچىنىڭ بىرىنچى سۈپىتى «رەب» تۇر، پەرۋەردىگارلىقتۇر. رەب بولغان ئاللاھ ياراتتى.
بولمىسا، پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسالاتۇ ۋەسسالام «ئاللاھ» نى بىلەتتى، مۇشرىكلەرمۇ بىلەتتى. ئۇ دەۋردە ئۇلار ئاللاھ قا ئىبادەت قىلاتتى. ئەمما، بۇتلارغىمۇ ئىبادەت قىلاتتى. بۇ بۇتلارغا نېمىشقا ئىبادەت قىلىسىلەر؟ دەپ سورىغاندا:
-بىزنى ئاللاھ قا يېقىنلاشتۇرسۇن دەپ قىلىمىز،-دەپ جاۋاپ بېرەتتى.
قاراڭلار، جاۋاپلىرىمۇ تەييار ۋە ئۇلاردىن سورىغان ۋاقتىڭدا. ئاسماندىن يامغۇرنى كىم ياغدۇرىدۇ؟ دەپ ئۇلاردىن سورىغىن دەيدۇ قۇرئان.
ئۇلار دەيدۇكى، ئاللاھ ياغدۇرىدۇ، دەيدۇ. مۇشرىكلەر دەيدۇ بۇنى، كۆردۈڭلارمۇ؟
ئۇنداقتا، مۇشرىكلەر نەزەردىن ساقىت قىلغان بىر خۇسۇس بار، نېمە ئىدى ئۇ؟
ئاللاھ نىڭ «رەب» بولغانلىقى ئىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزىز دوستلار، سىلەرگە بىر تەتقىقات نەتىجەمنى بېرەي، قۇرئاندا دەسلەپ نازىل بولغان ئوتتۇز سۈرىدە، «ئاللاھ» لەۋزى پەقەت يىگىرمە قېتىم، «رەب» لەۋزى سەكسەن قېتىم تىلغا ئېلىنغان. ھالبۇكى، قۇرئاننىڭ پۈتۈن قىسمىدا، «رەب» لەۋزى يەتتە يۈز نەچچە قېتىم، «ئاللاھ» سۆزى 2700 نەچچە قېتىم تىلغا ئېلىنغان. شۇنداق بولسىمۇ، دەسلەپكى ئوتتۇز سۈرىدە نېمە سەۋەپتىن « رەب » سۆزى « ئاللاھ » لەۋزىنىڭ تۆت ھەسسىگە تەڭ كېلىدۇ؟
چۈنكى، كەمتۈكلىك بار ئىدى. ئاللاھنى «رەب» دەپ تونۇمايتتى. ئاللاھنى ھاياتنى شەكىللەندۈرگەن، ھاياتنىڭ ئىچىگە كىرگەن، ھاياتنى ئىلىكىگە ئالغان، قۇدرىتى ۋە قۇۋۋىتى بىلەن ئىنساننىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى تەسەررۇپ قىلغۇچى دەپ قارىمايتتى. ئۇلارغا كۆرە، «ئاللاھ» ئاسمانلارنىڭ «ئاللاھ» ى، يەرنىڭكى بولسا ئۆزلىرى، بۇتلىرى، شۇلار – بۇلار ئىدى. تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزلىرى بەلگىلەيتتى.
فىرئەۋىننىڭ مەنتىقىسىمۇ مۇشۇنداق ئىدى. تارىخلارنىڭ نەقىل قىلىشىچە، فىرئەۋىنمۇ ئاللاھنى ئىنكار قىلمايتتى. شۇڭا، مەن سىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ رەببىڭلار، دېدى. ئۇنىڭ، مەن سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ياكى «ئاللاھ» ىڭلار، دەيدىغان داۋاسى يوقتى. ئەمما، «رەب» لىك داۋاسى قىلاتتى. ئىنسانلار ئۈستىدىكى تەسەررۇپىنى داۋا قىلاتتى، ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى داۋا قىلاتتى. ئاساسلىق ئازغۇنلۇق مۇشۇ نوقتىدا ئىدى.
شۇڭا، پەيغەمبىرىمىزگە ھىرادا مۇشۇنداق ئىچكى دۇنيا سەپىرى قىلدۇرۇلدى. ئىچكى دۇنياسىنى بايقىدى. ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇدى، ئۇنىڭدىن كېيىن رەببىنى تونۇدى.
بۇ ھىرا سەپىرىنى قانداق تەقلىد قىلىمىز؟ دەپ سوراۋاتامسىلەر؟
سوراڭلار، تارتىنماڭلار، مەن دەپ بېرەي.
ئەلۋەتتە، بىر غار تېپىپ ئىچىگە كىرىڭ دېمەيمەن. لېكىن، ھەر كېچىڭىز بىر «ھىرا»دۇر ۋە ياشىغان مۇددەتچە مىڭلىغان كېچىنى ئۆتكۈزدىڭىز، بىرسىنى ھىرا قىلالىدىڭىزمۇ؟ مەن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە كېتىپ بارىمەن؟ ئاقىۋىتىم قانداق بولىدۇ؟ ئۆزۈمنى تونۇيالىدىممۇ؟ ئىچكى دۇنيارىمنى بايقىيالىدىممۇ؟ مەن ئۆزۈم بىلەن تونۇشتۇممۇ؟ مەن رەببىم بىلەن تونۇشتۇممۇ؟ دەپ سوراپ باقتىڭىزمۇ؟
بىر كېچىڭىزنى «ھىرا» قىلالىدىڭىزمۇ؟
قىلالىغان كىشىگە ھەر كېچە «ھىرا»دۇر. ھەر كېچە يوتقىنىڭىز غارىڭىزدۇر. ئۇ غارغا كىرگەندە، ھېچ ئۆزىڭىزنى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىپ باقتىڭىزمۇ ياكى خورۇلداپ ئۇخلىدىڭىزمۇ؟
ئۇنىڭدىن باشقا، پەيغەمبىرىمىز ھىرا تەجرىبىسىنى ئۈممەتكە بىر ئۆمۈر بېشىدىن ئۆتكۈزسۇن دەپ (ئۆزىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزدى) ئىتىكاپ ئىسمى بىلەن بۇ ئۈممەتكە سۈننەتى مۇئەككەلە قىلىپ مىراس قالدۇردى. ھەر يىل ھىرا تەجرىبىسىنى مۇتلەق ئون كۈن بېشىدىن ئۆتكۈزەتتى. ئۆمرىدە بىر قېتىم قىلالماي قالدى، ئۇنىمۇ قازا قىلدى.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ باشقا بىر سۈننەت ئۈچۈن بۇنداق مۇئامىلە قىلغانلىقى رىۋايەتلەردە يوق. ئۆمرىدە بىر قېتىم قىلغان سۈننەتلەرنى بىر ئۆمۈر ھەر كۈنى قىلىسىز، بىر ئۆمۈر قىلغان سۈننەتلەرنى ئۆمرىڭىزدە ھېچ قىلمايسىز، بىز مانا مۇشۇنداق، مانا بۇ بىز. بىز مۇشۇنداق ئەگىشىمىز، دىننى ئىككى پۈتلاپ ئەمەس باشچىلاپ ئۆرە تۇرغۇزىمىز. يەنى تەتۈر تۇرغۇزۇش ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىلگىرلىيەلمىدۇق دەپ ئاغرىنىمىز. ئىلگىرلىيەلمەيسىز. چۈنكى، ھەر نەرسىنى تەتۈر قىلدۇق. پەيغەمبەرنىڭ ئۆمرى بويىچە قىلغان سۈننىتىنى پەقەت قىلمايسىز، ئۆمرىدە پەقەت بىر قېتىم قىلغان سۈننىتىنى ئۆمرىڭىزدە ھەر كۈن قىلىسىز. مانا بۇ بىزنىڭ خالتا كوچىمىز. پەيغەمبەرنى ھېچ تونۇمىغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى.

شۇنداق، ئېزىز دوستلار، ھىرادا ئۇ ئۆزىنى تونۇدى ئۇ ئۇلۇغ ئىنسان. ئالدى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزى بىلەن تونۇشتى، رەببى بىلەن تونۇشتى. نەپسى ۋە رەببى بىلەن تونۇشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا قېتىلدى. چىقا–چىقماي مەكتىپىنى قۇردى. رەببى بىلەن تونۇشلىقىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن دارۇلئەركام مەكتىپىنى قۇردى.
ۋەزىپە ئىنسان تەربىيلەشكە كەلگەنىدى. ئىنسان تەربىيلەش. بۇ دەرەخ ياكى گۈل پەرۋىش قىلىشقا ئوخشىمايدۇ. بۇ (ئەپۇ قىلىڭلار) ئات تەربىيلەشكە ئىت تەربىيلەشكە ئوخشىمايدۇ، بۇئىنسان.
شائىر دەيدىغۇ :«كائىناتنىڭ كۆز قارچۇغى ئىنسان» دەپ.
پەيغەمبەرنىڭ خېمىرىنى ئۆز قولى بىلەن يۇغۇرغان كىشىلەر، دۇنيانى مۈرىلىرى بىلەن كۆتۈردى، كۆرمىدىڭلارمۇ؟ دارۇلئەركام مەكتىپىدىن تەربىيلەپ چىققان كىشىلەر يەر يۈزىنى مۈرىسى بىلەن كۆتۈردى.
ئۇ مەكتەپتە تەربىيلەپ چىققان كىشىلەرنىڭ خىسلىتىگە بىر قاراپ بېقىڭ. ئۇ مەكتەپكە شەقىي ھالدا كېلىپ ۋەلى بولۇپ چىقاتتى. ئەبۇ زەرنىڭ كەسپىنى بىلىدىغانلار بارمۇ ئىچىڭلاردا؟ يانچۇقچىلىق ئىدى. چۈنكى، غىفار قەبىلىسى چوڭ – كىچىك ھەممىسى شۇنداق ئىدى. بىرلا كەسپىي بار ئىدى- يانچۇقچىلىق.
ئەبۇ زەر، غىفارىلەرنىڭ ئىچىدىن قېرىندىشى بىلەن چىقىپ، مەككىدە تۇغۇلغان قۇياشقا يېقىن بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قەبىلىسىنى تەرك ئىتىپ، بىر مەككە يېزىسىغا كېلىپ ماكانلىشىدۇ ۋە قېرىندىشىغا:
– بېرىپ كۆرۈپ كەلگىن. بىر قۇياش تۇغۇلۇپتۇ، ئۇ ھەقتە خەۋەر ئېلىپ كەلگىن، دەيدۇ.
قېرىندىشى مەككىگە بارىدۇ ۋە قايتىپ كېلىپ:
-شۇنداق ئىكەن، ئۇ قوياش تۇغۇلۇپتۇ،-دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ زەر:
-ئۇنداق بولسا مەن كەتتىم.
ئەبۇ زەر مەككىگە كېلىدۇ، بىر ئاي كۈتىدۇ، ھېچكىمدىن سورىيالمايدۇ.
دىققەت قىلغايسىلەر، تەخمىنەن پەيغەمبەرلىكنىڭ ئۈچىنچى ۋە بەشىنچى يىللىرى ئارىسىدا ياكى ئۈچىنچ–يەتتىنچى يىللىرى ئارىسىدا بولغان بىر ۋەقە. بۇ مەزگىلدە ئونلىغان مۇسۇلمان بار، 150 بىلەن 220 ئارىسىدا مۇسۇلمان بار مەككىدە. ئەمما، ئەبۇ زەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرىشىمەن دەپ چىققان بولسىمۇ، ئون مىڭ كىشىلىك بىر يېزىدا پەيغەمبەرنى سورىغىدەك بىر كىشىنى تاپالمايدۇ.
«ئىنتىزام» دەپ بۇنىڭغا دەيمەن مەن. تەشكىلات مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. مانا بۇ يولباشچىلىق، مانا بۇ تەربىيە، مانا بۇ سىر تۇتۇش.
بىر ئاي ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىر كېچىسى، بىر ئەركىشىنى كۆرىدۇ، ئارقىسىدىن ئىككى ئايال كېلىۋاتقان. ئاياللارنىڭ پارىڭىغا بىر ئەركىشى ئارىلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەر كىشىنىڭ سۆزلىرى ئۇنى جەلىپ قىلىدۇ. ناھايىتى تېزلىك بىلەن ماڭىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتىشىپ:
-سەن كىم؟ سەن كىمنى ئىزدەۋاتىسەن؟-دەپ سورايدۇ ئۇ كىشى.
-مەن، تۇغۇلغان قوياشنى ئىزدەۋاتىمەن، مۇھەممەدنى ئىزدەۋاتىمەن، دەيدۇ ئەبۇ زەر.
-مەن شۇ،-دەيدۇ ھېلىقى كىشى.
-مەن سېنى بىر ئايدىن بېرى بۇ يەردە ساقلاۋاتىمەن.
-ئۇنداقتا بىر ئايدا ھېچبىر نەرسە يېمىدىڭمۇ؟
-پەقەت زەمزەم ئىچتىم، ھېچبىر نەرسە يېمىدىم.
-ئۇنداقتا كۈتكىن، سېنى كېلىپ ئالىدۇ،-دەپ ئايرىلىدۇ رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ يېنىدىن.
ئەبۇ زەرنى ئالغىلى كەلگىنى توققۇز ياشلىق (تەبىئىي رەقەملەر كۆپىنچە شۈبھىلىك. چۈنكى، ئېنىق ئەمەس. لېكىن يېقىن رەقەمنى دەيمەن)،يەنى توققۇز – ئون بىر ياشلار ئارىسىدىكى بىر بالا – ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى. توققۇز ياشلىق بىر بالىنىڭ ۋەزىپىسىگە قاراڭ. ئەبۇ زەرنى ئالغىلى كېلىدۇ.
مەككە جەمىئىيىتى مۇسۇلمانلارغا دۈشمەن ۋەزىيەتتە بۇ مەزگىللەردە. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇ زەرگە مۇنداق دەيدۇ:
-تاغا، ئاۋۋال ماڭا مانچە قەدەم ئارقامدىن ئەگىشىپ ماڭىسەن. ئاندىن مەن كىرگەن مەھەللىلەرگە مەن چىققاندىن كېيىن كىرىسەن. مەن بىر ئىشىكنىڭ ئالدىدا پۇتۇم ئايىغىمدىن چىقىپ كەتكەندەك قىلىپ ئېڭىشىمەن، سەن ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ كېتىسەن، مەن يولۇمنى داۋاملاشتۇرىمەن.
توققۇز – ئون بىر ياشلار ئارىسىدىكى بىر بالىنىڭ ئىنتىزامچانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟
پەيغەمبەرنىڭ قولىدا تەربىيلىنىپ چىقسا، مانا مۇشۇنداق تەربىيلىنىپ چىقىدۇ. بۇ دارۇلئەركام مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى-تالىپى . ئۇلارنى مۇشۇنداق تەربىيلىدى.
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇئەن شەقىي ھالىتىدە كىرگەن ئىشىكتىن ۋەلى بولۇپ چىقتى، شۇنداق بىر تەربىيە كۆردى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قوللىرىدا ئۇنىڭ خېمىرى يۇغۇرۇلدى. شۇنداق بىر تەربىيە ئىدىكى، كېيىنكى مەزگىللەردە ئەبۇ زەرنىڭ بۇ ئۈممەت ئىچىدە قىلغان خىزمىتىنى ئاراڭلاردىكى بەزى قېرىنداشلار بىلىدۇ. ئۈممەتتىكى بەزى قېيىپ كېتىشلەرگە، بېشىدىلا ئەبۇ زەر قولىدىكى ھاسىسى بىلەن قارشى چىقاتتى، قېيىپ كەتكۈچىلەرنىڭ باشلىرىنى ياراتتى. سىلەر ئاللاھ نىڭ دىنىدىن قىلچىلىك ئايرىلساڭلار، ھاسامنى بېشىڭلاردا كۆرىسىلەر، دەيتتى.
ئۇنى نېمە شۇنداق تەربىيلەپ چىقتى، دەپ ئويلايسىلەر؟ كىم تەربىيلىدى؟
يەنە بىر مىسال، دارۇلئەركام مەكتىپىگە بىر مىسال.
پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسەللەم يوشۇرنۇپ يۈرگەن مەزگىل. ئۇ مەزگىلدە مۇشرىكلارنىڭ بېسىمى ناھايىتى ئېغىر ئىدى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر كەبىنىڭ يېنىدا ناماز قىلىۋاتقاندا كالتەكلەنگەن بولۇپ، بىھۇش بولۇپ يېتىپ قالغانىدى. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ھۇشىغا كەلگەنىدى. ھۇشىغا كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ قەيەردە دەپ سورىغانىدى.
-سۆيگىنىم قەيەردە؟-دېگەنىدى ئۇ.
-سۆيگىنىم قەيەردە؟-دەل مۇشۇنداق دېگەن. ئانىسى:
-بىلمەيمەن ئوغلۇم.
ئانىسى مۇشرىك بىر ئايال ئىدى. دادىسىمۇ شۇنداق ئىدى. ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇئەنھۇ:
-ئۆمەرنىڭ ھەمشىرىسى پاتىمەدىن سوراپ باققىن. پاتىمە بىنتى خاتتابدىن سورىغىن،-دەيدۇ.
ئانىسى پاتىمەنىڭ يېنىغا كېلىدۇ:
-ئوغلۇم ئېغىر يارىدار، ھازىر ھۇشىغا كەلدى. بىر قانچە كۈندىن بېرى بىھۇش ياتقانىدى. سەندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سوراۋاتىدۇ، قەيەردە؟
-مەن نېمە بىلەي،-دەپ جاۋاپ بېرىدۇ پاتىمە.
-ئەبۇ بەكىردىن ھال سورىغىلى بارسام بولامدۇ؟-دەيدۇ پاتىمە.
-قېنى، كەلگىن.
بىرلىكتە بارىدۇ. ئەبۇ بەكىرنىڭ ئانىسى دوستىخان تەييارلاش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەندە، پاتىمە:
-ئاناڭنىڭ يېنىدا، گەپ قىلسام بولامدۇ؟ چاتاق يوقتۇ؟
-يوق، گەپ قىلىۋەرگىن.
بۇ بىر ئايال كىشى، بۇمۇ دارۇلئەركام مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. بۇ مىسالنى بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئىنتىزامچانلىقى بىلەن ئۇ دەۋر كىشىلىرىنى ئىنتىزامچانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ دەپ دەپ بېرىۋاتىمەن.
شۇنداق، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈلگىلىك يېرى ئالدى بىلەن بۇ ئىدى. كىشىلەرگە ئۈلگە بولغان بىر ماكاندا كىشىلەرنى تەربىيلەيتتى. ئۇ دارۇلئەركام مەكتىپىنىڭ پەقەت ئوقۇتقۇچىسىلا ئەمەستى، تەربىيچىسى ئىدى، مۇرەببىسى ئىدى.
ئۆزىمۇ شۇنداق دېگەنىدى «مەن ” مۇئەللىم “ قىلىپ ئەۋەتىلدىم» دەپ.
مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتىلگەنىدى.
ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ مۇئەللىمى ئىدى. ئىنسانىيەتكە ئىنسان بولۇشنى ئۆگەتكەن بىر مۇئەللىم ئىدى.
قارىسىڭىز بۇ مۇئەللىم شۇنداق بىر تەڭپۇڭلۇق قىلغانىدىكى، يۈرەك ئىقلىمىنى توختىماي سۇغۇرۇپ تۇراتتى.
ھەزرىتى ئائىشە ئېيتقان، سەھىھ بىر سەنەت بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بىر ۋەقەنى سىزگە نەقىل قىلىمەن.
بىر كېچىسى رەسۇلۇللاھ كېلىپ يېنىمدا ياتتى. بىر مۇددەتتىن كېيىن مەندىن ئىجازەت سوراپ:
-ئائىشە، ماڭا ئىجازەت قىلامسەن؟ رەببىم بىلەن ئۇچراشقۇم بار،-دېدى.
-ئىجازەت سېنىڭ يا روسۇلۇللاھ،-دېدىم.
ئورنىدىن تۇردى، تاھارەت ئالدى ئاندىن نامازغا تۇردى ۋە بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى. مەن ئۇخلىيالمايتتىم. شۇنداق بۇقۇلداپ يىغلاۋاتاتتىكى، كۆز ياشلىرى كارۋىتىمنىڭ ئاستىغا ئېقىپ كەلدى. مەن ئۇخلىيالمىدىم، ياتقان يېرىمدىن ئۇنىڭغا قارايتتىم. كېچىنىڭ ئۈچتەن بىرى ئۆتۈپ كەتتى، تېخىچە يىغلاۋاتاتتى، ئۈچتەن ئىككىسى ئۆتتى يەنە يىغلاۋاتاتتى، تا بىلال كەلدى. بامداتقا ئويغۇتۇش ئۈچۈن ئىشكنى قاقتى. تېخىچە يىغلاۋاتاتتى. چىدىيالمىدىم ۋە ئورنۇمدىن تۇردۇم:
-ئى رەسۇلۇللاھ، ئاللاھ سېنىڭ ئۆتكەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پۈتۈن گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلغانلىقىنى دەۋاتىدۇ. بۇ غەم نېمە ئۈچۈن، ئى رەسۇلۇللاھ؟ بۇ ئەندىشە نېمە ئۈچۈن؟ نېمىشقا ئۆزەڭنى خاراپ قىلىسەن؟ – دېدىم. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
-بۇ سەۋەپتىن مەن كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى بىر بەندە بولمايمەنمۇ، ئائىشە؟ مەن شۈكۈر قىلغۇچى بىر بەندە بولمامدىم، ئائىشە؟…
ماڭا مۇشۇنداق دېدى.
رەسۇلۇللاھ كېچىنىڭ يىگىتى ئىدى. كۈندۈزى قانداق ئىدى، بىلەمسىلەر؟
كېچىنىڭ يىگىتى، كۈندۈزنىڭ شاھىدى ۋە شېھىتى ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كېچىنىڭ يىگىتى، كۈندۈزنىڭ مۇجاھىدى ئىدى. كېچىسى شۇنداق ئۆتەتتى. كۈندۈزىگە قارىغان ۋاقتىڭىزدا، قىرىق كۈنىگە بىر ئۇرۇش توغرا كېلەتتى. جىھادنى ئىنساننىڭ پايدىسىغا قىلاتتى. پەيغەمبەر قىلغان جىھادتا ئۇرۇشقانلار غەلىبە قىلمايتتى، ئۇرۇش ئېلان قىلىنغان نەرسىلە غەلىبە قىلاتتى. ئەگەر جىھاد ئۇرۇش قىلغانلار قازانغان، جەڭ قىلغانلارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ھالغا كەلسە، ئۇ جىھاد، جىھاد خۇسۇسىيىتىنى يوقۇتۇپ، غەنىيمەت، مال – دۇنيا ئىشىغا ئايلانغان بولىدۇ. ئىسلامدا جىھادنىڭ جىھاد بولۇشى ئۈچۈن، جەڭ ئېلان قىلىنغانلارنىڭ مەنپەئەتى نەزەرگە ئېلىنغان بولۇشى كېرەك.
قانداق پايدا ئۇ؟
ئىمان پايدىسى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى:
(بىر ئۇرۇشتا چۈشكەن ئەسىرلەر باغلانغان ھالدا، ئېلىپ كېتىلىۋاتقانىدى) يېنىدىكى ساھابىگە مۇنداق دېدى:
-ئاللاھ ھازىر بۇلارغا كۈلىۋاتىدۇ، تەبەسسۇم قىلىۋاتىدۇ. نېمە سەۋەپتىن كۈلىدۇ، بىلەمسەن؟ باغلانغان ھالدا، جەننەتكە ئېلىپ كېتىلىۋاتىدۇ.
جەننەتكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىنسان باغلىنامدۇ؟
شۇنداق، جەننەتكە ئاپىرىش ئۈچۈن جەڭ قىلىش جىھاددۇر، ئەكسىچە جىھاد غەنىيمەتنىڭ ئىسمى ئەمەس.
جىھاد زېمىن ئىشغالىيىتىنىڭ ئىسمى ئەمەس، جىھاد زېمىن پەتىھ قىلىش ئەمەس. شۇڭا، ئىران پەتىھ قىلىنغاندا ھەزرەتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ «ئاپلا!» دېدى.
-ئاپلا ، ئاپلا…
بىر دۆلەت رەئىسىنىڭ باشقا بىر ئەل پەتىھ قىلىنغاندا «ئاپلا» دېگىنىنى ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ سىز؟
ئەمما، ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ دېدى.
ئامىر ئىبنى ئاس، مىسىرغا ئىجازەتسىز كىرگەنىدى. ئۇ، ئەگەر ئىجازەت سورىغان بولسام، ئۆمەر ئىجازەت بەرمەيتتى، ئۆمەر ماڭا ئىجازەت قىلمايتتى، دەيدۇ.
نېمىشقا بەرمەيتتى؟
ئۆمەر ئالدى بىلەن قەلبلەرنى پەتىھ قىلاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن زېمىننى پەتىھ قىلاتتى. ئەمما بىز زېمىنلارنىلا پەتىھ قىلدۇق.
بىز ھازىر زېمىن پەتىھ قىلالمايمىز بۇ ئايرىم بىر مەسىلە. بىز پەقەت بىر نەرسىنى پەتىھ قىلدۇق، ئۇ بولسىمۇ نەپسىمىزنى، ئۆزىمىزنى. ئۈستىدە ئولتۇرغان جايلارنى، ھەردائىم بىزگە تەۋە بولغان نەرسىلەرنى پەتىھ قىلدۇق، ھەممىسى بىزگە ئائىت نەرسىلە. بىزگە تەۋە بولمىغان ھېچقانداق بىر نەرسىنى پەتىھ قىلالمىدۇق. قايتا – قايتا ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان نەرسىلەرنى پەتىھ قىلدۇق.

شۇنداق، دوستلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيەسىدىن سۆزلەۋاتقانىدىم. ئۇنىڭ كېچىسى باياتىن تىلغا ئالغاندەك ئىدى. ئۇنداقتا كۈندۈزى قانداق ئىدى؟
قارىسىڭىز، ئۇ جۈمە نامىزى ئۆتەش ئالدىدا ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قارىسا ئابدۇراھمان بىن ئەۋف ئارقىسىدا ئولتۇرغان.
-ئابدۇراھمان سەن، قوشۇن بىلەن بىللە ماڭمىدىڭمۇ؟
-ئى رەسۇلۇللاھ، ئېتىم ناھايىتى كۈچلۈك بىلىسەن. قوشۇننى ئەۋەتىۋەتتىم، ئارقاڭدا تۇرۇپ بىر جۈمە نامىزى ئوقۇش شەرىپىگە نائىل بولاي. ئۇزۇندىن بېرى سەپەردە بولدۇم، بىر جۈمەنى ئارقاڭدا تۇرۇپ ئوقۇۋالاي، ناھايىتى تېز مېڭىپ ئۇلارغا يېتىشىۋالىمەن،-دېدى.
-ئابدۇراھمان، ئابدۇراھمان! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، پەيغەمبەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ قىلغان مىڭ جۈمەدىن، ئاللاھ يولىدا باسقان بىر قەدىمىڭ ئەۋزەلدۇر،-دېدى رەسۇلۇللاھ.
ئوتتۇرا يولنى قانداق تۇتىۋاتىدۇ، كۆردىڭىزمۇ؟
قارىسىڭىز، يەنە بىر تەرەپتىن بىر ساھابە كېلىدۇ. ئاتا – ئانىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس. چۈنكى، ئاتا – ئانىسى بەك ھاجەتمەن بولۇپ، ئۇنىڭغا بەكمۇ مۇھتاج ئىدى. ياشىنىپ قالغان، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان باشقا كىشى يوق ئىدى. ساھابە غەنىيمەتنىڭ مول بولغانلىقى مەلۇم بولغان ئۇرۇشقا بېرىش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى. چۈنكى، بۇ ئۇرۇشتا غەنىمەت بار ئىدى. ساھابە:
-ئى رەسۇلۇللاھ، ئۆتۈنۈپ قالاي ئىجازەت بەرگىن مەنمۇ باراي،-دېدى. رەسۇلۇللاھ:
-قايتىپ بېرىپ ئاتا – ئاناڭنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغىن، خىزمىتىنى قىلغىن،-دېدى.
تۇتقان يولىغا قاراڭ، كىم نېمىدىن قاچسا، ئۇنى شۇ ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.
سىلەر ئۈچۈن «جىھادى ئەكبەر» نېمە بىلەمسىلەر؟
نېمىدىن ئۆزىڭزىنى تارتسىڭىز، ئۇ سىز ئۈچۈن «جىھادى ئەكبەر»دۇر. قايسى ئىش سىزگە ئېغىر كەلگەن بولسا، ئۇ سىز ئۈچۈن «جىھادى ئەكبەر»دۇر. ئەگەر ھازىر بوسناغا ماڭايلى دېسە يۈگەرسىڭىز، بامدات نامىزىغا ماڭايلى دېسە «ئۇف!… » دېسىڭىز، بۇ ئەھۋالدا بامدات نامىزى سىز ئۈچۈن «جىھادى ئەكبەر»دۇر.
كېچە تاڭ ئاتقۇچە ئىنج ( قىز ئىسمى ) يىغلاۋاتىدۇ. ئاللاھ دۈشمەنلىرى مۇسۇلمان قىزلارنىڭ ياغلىقىغا يەنە تىل تەككۈزۈپتۇ. ئاللاھ ئۈچۈن قېنى ئەمسە مۇسۇلمانلار كوچىغا چىقىڭلار، ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويايلى، دېگەن ۋاقىتتا ئېغىر كەلسە، ئۇ «جىھادى ئەكبەر»دۇر. سەن ئۈچۈن نېمە ئېغىر كەلگەن بولسا، نەفسىڭ كۆتۈرەلمىگەن نەرسە «جىھادى ئەكبەر»دۇر.
شۇنداق، «پەيغەمبەر ئوتتۇرا يولنىڭ ئىنسانى ئىدى» دېدىم. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ يۈرىكىنى كۆز يېشى بىلەن پاكلايتتى، بەدىنىنى سۇ بىلەن پاكلايتتى.
قاراڭلار، يەر يۈزىنىڭ سۇ ئىشلەتكەن، تازلىق ئۈچۈن ئەڭ ئاز سۇ ئىشلەتكەن، قالاق ئىنسانلار جەمىئىيىتىنى يەر يۈزىنىڭ تازلىق ئۈچۈن، ئەڭ كۆپ سۇ ئىشلىتىدىغان ئىنسانلار جەمىئىيىتى ھالىتىگە كەلتۈردى. بۇ بىر ئىسلاھات ئەمەسمۇ سىزنىڭچە؟ بۇ بىر ئىسلاھات ئەمەسمۇ؟
يەر يۈزىدە چىش ئاغرىقى كېسىلى، بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ئامېرىكىدا 55% دەيدۇ. پەيغەمبەر باشقۇرغان ئەلدە، چىش ئاغرىقى يوق ئىدى، بىلەمسىز؟ ھازىرغىچە يېتىشەلمىدى ھوشۇقىغا تەڭ كېلەلمىدى.
تەڭپۇڭلىقنى قانداق ساقلاپ تۇرغانلىقىغا قاراڭ، پەيغەمبەرنىڭ تىلىدا كوچىغا تۈكۈرۈش ئىماننى زىدىلىگەن بىر ئىش دەپ قارالغانىدى. پەيغەمبەرنىڭ تىلىدا يولدىكى ئەزىيەتنى ئېلىۋېتىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ئىدى. بۇ گۈزەل ئەخلاقنى ئىمان قاتارىغا كىرگۈزگەنىدى. قاراڭلار، ھايانى ئىماندىن دېگەنىدى. ئەدەبنى ئىماندىن دېگەنىدى.
قاراڭ، پەيغەمبىرىمىنىڭ تەلىملىرىنىڭ دائىرىسىنىڭ كەڭرىلىكىگە قاراڭ. ئىنسان ئۈچۈن پايدىلىق نېمە بولسا پەيغەمبىرىمىز ئۇنى تەۋسىيە قىلاتتى؛ ھاياتىنى گۈزەل قىلاتتى؛ ماماتىنى گۈزەل قىلاتتى؛ دۇنياسىنى گۈزەل قىلاتتى؛ ئاخىرىتىنى گۈزەل قىلاتتى.
بىر قېتىم رەسۇلۇللاھنى كەبە مۇئەززەمدە ناماز قىلىۋاتقان ھالدا كۆرىمىز. ئەبۇ جەھىل قالايمىقان گەپ قىلىشقا باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغانىدى، رەسۇلۇللاھ گەپ قىلمىدى. بىر يەردە ئاللاھ قا ھاقارەت قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا، ئۇ خۇشخۇي، قوزىدەك مۇلايىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىردىنلا يولۋاستەك ئورنىدىن تۇردى ۋە بارمىقىنى ئەبۇ جەھىلنىڭ كۆزىگە چەنلەپ تۇرۇپ، ئاستا – ئاستا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشكە باشلىدى:
-ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھەي كاپىر! سېنى قەھ قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم،-دېدى.
ئەبۇ جەھىل ئارقىغا داجىشقا باشلىدى، زۇۋانى تۇتۇلغان بولۇپ كىكەچلەپ:
-مە… مە، مە… مەن، مۇھەممەد، سېنى رەنجىتكەن بولسام ئەپۇ قىلغىن، مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەستىم،-دېدى.
ئۇ ئەبۇ جەھىل توخۇدەك ئۇركۈپ كەتكەن بولۇپ، مۇشۇ ھالدا ئېغىزىدىن بىر جۈملە گەپ چىقىرالماي، ئەڭ ئاخىرىدا ئېغىزىدىن بۇ بىر جۈملە سۆز چىققان. بىزگە نەقىل قىلىنغان رىۋايەت مۇشۇ شەكىلدە.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مانا بۇ ھالەتتە كۆردۇق.
يەنە بىر قېتىم، رەببىگە ھاقارەت قىلىنغاندا ئۇنى مۇشۇ ھالەتتە كۆردۇق.
بىر قېتىم ئابدۇللاھ بىن سۇرا ئىسىملىك يەھۇدىي بىر ھاھام (يەھۇدىي ئۆلىماسى) رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلدى.
كۆپ مۇنازىرە قىلىشاتتى، كېلىپ سوئال سورايتتى. رەسۇلۇللاھمۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا باراتتى، ئۇلارنىڭ دىنى مەركىزى بولغان بەيتۇل مىھراسقا باراتتى. ئەسرى سائادەتتە، مەدىنىدە دىنىي ئەركىنلىك شۇنداق ئىدى .
بىر قېتىم مۇشۇنداق مۇنازىرە قىلىشىۋاتقاندا، يەھۇدىيلاردىن بىرسى، ئابدۇللاھ بىن سۇرا ئاتكاچىلىق قىلىپ:
-بىر سۇئالىم بار، دېدى. روسۇلۇللاھ:
-سورىغىن.
-ھەر نەرسىنى ئاللاھ ياراتتى، توغرىمۇ؟
-توغرا.
-ئۇنداقتا، ئاللاھ نى كىم ياراتتى؟
بۇ يەھۇدىي سۇئالىدۇر مانا، قاراڭلار ئۇلارنىڭ ئاللاھ قا ھۆرمىتى يوقتى. مەن بۇنىڭغا ئوخشاش سۇئاللارغا « يەھۇدىيلىشىش» دەيمەن.
ئۇ ۋاقىتتا( ئىشەنچلىك بىر رىۋايەت بىلەن ئەنەس بىن مالىك رىۋايەت قىلىدۇ) رەسۇلۇللاھ نىڭ چىرايى ئۆزگۈرۈپ كەتتى، ئورنىدىن تۇردى. بىز ئۇنى بوغىدىغان بولدى دەپ ئويلىدۇق. جىبرىئىل كەلدى:
«ئېيتقىنكى، ئۇ – ئاللاھ بىردۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ئۇ ھېچنەرسىگە مۇھتاج ئەمەس. ھەممە ئاللاھ قا مۇھتاجدۇر».
بۇ سۈرە نازىل بولدى ۋە جىبرىئىل رەسۇلۇللاھقا:
-ئۆزەڭنى بېسىۋال، ئى مۇھەممەد. سالماق بول، ئى مۇھەممەد! ئېغىر بېسىق بول، ئى مۇھەممەد،-دەپ ئۇنى پەيلىدىن ياندۇرۇپ تۇراتتى.
كۆردۈڭلارمۇ؟
ئۆزىگە، شەخسىيىتىگە ھاقارەت قىلىنغاندا ئاغزىنى ئاچمىغان، بوينىغا تۆگىنىڭ ئۈچەي – باغرى ئارتىپ قويۇلغاندا، بىر ئېغىز گەپ قىلمىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، رەببىگە تۆھمەت چاپلانغاندا يولۋاسقا ئايلىناتتى. تەڭپۇڭلۇق بۇدۇر.
بىزگە كەلگەندە قانداق بولۇپ قالدى بۇ؟
شەخسىيىتىڭىزگە ھاقارەت قىلىنغاندا يولۋاسقا ئايلىنىسىز، رەببىڭىزگە ھاقارەت قىلىنغاندا توخۇدەك تۈگۈلۈپ قالىسىز. پەيغەمبىرىڭىزگە ھاقارەت قىلىنغاندا بېشىڭىزنى ئىچىڭىزگە تىقىۋالىسىز. قۇلۇلە بولدۇق ھەممىمىز. بېشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىۋالىمىز، كۆرمەيۋاتامسىز؟
مانا بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇھۇدتا كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ.
نېمە ئىش قىلدى؟
چىشى سۇنۇپ كەتكەن، بېشى يېرىلغان، قان ئېقىۋاتقان، ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن بىر پەيغەمبەر.
قاراڭلار، ئادەتتىكى بىر ئادەم ئەمەس. ئۇ ئىنسان، لېكىن خۇددى ئالماس ئادەتتىكى تاش بولمىغاندەك، ئۇمۇ ئىنسان. لېكىن باشقا تاشلارغا نىسبەتەن ئالماسقا ئوخشايدۇ.
يېنىدىكى بىر قانچە كىشى قولتۇقىدىن يۆلىگەنىدى. دەل ۋاقتى دېيىشىدۇ ساھابىلەر بىر بىرىگە، دەل ۋاقتى، ئەمدى ھالاك بولدى ئۇلار، مۇشرىكلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتۇلدۇق ئەمدى، دېيىشىدۇ.
-ئى رەسۇلۇللاھ، بەد دۇئا قىلغىن.
بىر ساھابە كېلىدۇ:
-ئى رەسۇلۇللاھ، بەد دۇئا قىلغىن (سائىت ئىبنى ۋەققەس ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن).
يەنە بىر ساھابە كېلىپ:
-ئى رەسۇلۇللاھ، ئۆتۈنۈپ قالاي، بەد دۇئا قىلغىن. بۇلاردىن ئۆمۈر بوي قۇتۇلايلى.
روسۇلۇللاھ قولىنى ئاچىدۇ. ساھابىلەر، ھە ئەمدى، مۇشرىكلار بېشىنى يەيدىغان بولدى، دېيىشىدۇ.
-ئى رەببىم، ئۇلارنى ھىدايەت قىلغىن، ئۇلار بىلمەيدۇ.
پەيغەمبەر شەپقىتى مانا بۇدۇر.
ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىر پەيغەمبەر كەلدىكى، ئۇ سىلەرگە بەكمۇ مېھرىبان، بەكمۇ كۆيۈمچان. بېشىڭلارغا كەلگەن كۈلپەتلەر ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدىغان نەبى ئۇ.
ھالبۇكى، رائوف (كۆيۈمچان) ۋە رەھىم (مېھرىبان) ئىسمىنى ئاللاھ ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بۇ ئايەتتە پەيغەمبەر ئۈچۈن ئىشلەتكەن.
شۇنداق شەپقەتلىك ئىدىكى، ئۇنىڭ بىلەن قىلغان كېڭىشىڭلار نەتىجىسىدە ئوھۇتتا ئۇنىڭ بىلەن قىلغان مەسلىھەتىڭلارغا رىئايەت قىلمايسىلەر.
ئۇ مەدىنىدە تۇرۇپ، دۈشمەننى كۈتەيلى دەيدۇ، سىلەر ياشلار مەدىنە سىرتىغا چىقايلى دەيسىلەر ۋە سىلەرنىڭ مەسلىھەتىڭلارنى قوبۇل قىلىدۇ. يولغا چىققاندا، پىكرىڭلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىلەر ۋە دەيسىلەركى:«ئى رەسۇلۇللاھ ،بىز ۋاز كەچتۇق، سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمىز». «بىر پەيغەمبەر كەيگەن ساۋۇتنى قايتا سالمايدۇ» دەيدۇ ئۇ ۋە ئوھۇدقا بارىسىلەر. ئەمما، غەنىمەتنى كۆرۈش بىلەن توپلىشىسىلەر غەنىمەتنىڭ ئەتراپىغا ۋە يەنە يېرىم يولدا تاشلاپ قويىسىلەر. ھەتتا غەنىمەتتىن كېيىن، خالىدنىڭ قوشۇنى تاغنى ئارقىدىن قورشاپ باستۇرۇپ كەلگەندە قېچىپ كېتىسىلەر. پەيغەمبەرنىڭ ئەتراپىدا بىر قولۇمنىڭ بارماقلىرىچىلىك ئادەم قالىدۇ ۋە ھەممىڭلار قېچىپ كېتىسىلەر (ئۈچ كۈنلۈك مۇساپىگىچە قاچقانىدى، بۇنى ئۆزلىرى دەۋاتىدۇ). ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر قانداق قىلىدۇ؟
پەيغەمبەر سىلەر قايتىپ كەلگەندە سىلەر ئۈچۈن ئىستىغفار ئېيتىدۇ، ئەپۇ قىلىدۇ.
ئاللاھ ئۇنى ئوچۇق ماختىغان ئايەتنى نازىل قىلىدۇ:
ئاللاھ نىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ. ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن (ئالئىمران، 159 – ئايەت ).
سىلەر بىلەن كېڭەشكەن ئىشتا بېشىمىزغا مىڭ بالا كېلىدۇ، سىلەر بىلەن ھەرگىز كېڭەشمەيمەن، دېمىگىن. ئۇلار بىلەن يەنە كېڭەش. ئوھۇدتا مەغلۇپ بولىشىڭغا سەۋەب بولغان بولسىمۇ، يەنە ئۇلار بىلەن كېڭەش، ئۇلارغا ئەپۇچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىل، ئۇلار ئۈچۈن ئىستىغفار ئېيت، ئۇلارنى ئەپۇ قىل.
ئەمىرنى كۆرىۋاتامسىلەر؟
بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرىسىلەر.
بىر يەردە، مەن سېنى قەھ قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم دېگەن پەيغەمبەر، يەنە بىر يەردە مۇلايىم، كۆيۈمچان بىر پەيغەمبەر.
ئۇنى يەنە مەككىدە كۆرىسىلەر.
ئەلى ئۇنىڭ مۈرىسىدە ئىدى. نېمە ئىش قىلغانىدى؟
كەبىنىڭ ئىچىدە، ئالەملەرنىڭ يولباشچىسى بىر كېچىسى بۇت چېقىۋاتاتتى (رىۋايەت تارىخىي بىر رىۋايەت ئەگەر توغرا بولسا ). ھەزرىتى ئەلىنى مۈرىسىگە مېنگۈزۈپ، رەسۇلۇللاھ كەبىنىڭ ئىچىدە بۇت چاقتۇرغانىدى. بۇ پەيغەمبەرنى كۆرىسىلەر.
بۇ رەسۇلۇللاھنى مەدىنىدىمۇ كۆرىسىلەر.
سۇمامە بىن مۇسا (يەمامەنىڭ ئىككى پادىشاھىدىن بىرسى، ئىبنى ھىشام دەيدۇ) ھەجگە كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدا بىر مۇنچە مۇھاپىزەتچىلىرى، كاتىپلىرى بار ئىدى، چۈنكى ئۇ پادىشاھ ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھقا شۇنداق بىر ھاقارەت قىلىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:
-بۇنىڭدىن كېيىن ئالدىمغا كېلىپ مېنى بىر نەرسىگە دەۋەت قىلساڭ، سېنى ئۆلتۈرىمەن.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەدىنىدە ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلىدۇ. سۇمامە شامدىن مەملىكىتىگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا ئىسلام ئەسكەرلىرىگە ئەسىرگە چۈشىدۇ ۋە مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن بىرگە مەدىنىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. ھېچكىم ئۇنىڭ سۇمامە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھوزۇرىغا ئېلىپ كىرگەندە، پەيغەمبىرىمىز ئۇنى تونۇپ قالىدۇ.
-سەن كەلدىڭمۇ سۇمامە؟ مەسچىتنىڭ ئوتتۇرىغا باغلاڭلار، ئادەملىرىنى قويۇپ بېرىڭلار، يېمەك – ئىچمەك بېرىڭلار، ئۆزىگىمۇ تاماق بېرىڭلار،-دەيدۇ رەسۇلۇللاھ.
سىزگە رىۋايەتنى سۆزلەپ بېرىۋاتىمەن. رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ دېيىشىچە، سۇمامە كالىدەك كىشى ئىدى (ئەپۇ قىلىڭلار). بىز بىر ھەپتىدە يېگەن تاماقنى بىر كۈنىدە يەپ بولاتتى، ئالدىغا نېمە قويساق، پاك – پاكىز يەپ تۈگىتەتتى. بىز ئوزۇق – تۈلۈكلىرىمىزنى ۋە كېيىن ئىشلىتىمىز دەپ ئايرىپ قويغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىشكە باشلىدۇق.
پەيغەمبىرىمىز مۇنداق قىلاتتى، سۇمامە ئۇ يەردە باغلاقلىق تۇرغان ۋاقتىدا كېلەتتى ۋە ئەھۋال سورايتتى. ئىسلامنى چۈشەندۈرەتتى ۋە تەكلىپ قىلاتتى.
لېكىن، سۇمامە ھەممە ئىشنى ئۇ يەردە كۆرۈپ تۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيى مەسچىتكە قارايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىسىگە ۋە كۈندۈزىگە شاھىت بولاتتى. ساھابىلىرىمۇ كۆرۈشىشىگە، كىشىلەرگە قىلغان مۇئامىلىسىگە شاھىت بولاتتى، ئۇ يەردە كۆرۈپ تۇراتتى. ياتالايدىغان بىر شەكىلدە تۈرۈككە باغلانغانىدى. تامىقى ئالدىغا كېلەتتى ۋە جاپا تارتىپ قالمايتتى.
ئۈچىنچى كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدىن كېيىن يېنىغا كەلدى:
– يېشىۋېتىڭلار،-دېدى ۋە:
– مېنى تۇتۇۋالغان بولساڭ، قانداق قىلاتتىڭ سۇمامە؟
– ئۆلتۈرەتتىم.
– ئۇنداقتا، مەن ساڭا نېمە قىلاي؟
– مەن، ئۇ سىز ئاڭلىغان ۋەقەنى مەن قىلمىدىم، ئەگەر مېنى ئۆلتۈرسىڭىز ئۇۋال قىلغان بولىسىز،-دېدى (دېمەككى، بۇرۇن بىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن، سۆزىدىن ئۇ مەنىنى بىلىۋالالايمىز ).
– قويۇپ بېرىڭلار، كەتسۇن،-دېدى رەسۇلۇللاھ.
سۇمامە كەتتى، يېرىم سائەتتىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز مەسچىتنىڭ ھويلىسىدا ساھابىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقاندا قايتىپ كەلدى. كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئېقىۋاتاتتى. قوللىرىدىن سۇ تامچىلاۋاتقان بولۇپ، غۇسلى قىلغانلىقى مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. رەسۇلۇللاھ:
– نېمىشقا كەلدىڭ سۇمامە؟
– ئى رەسۇلۇللاھ، سېنى قۇچاقلىغىنى كەلدىم، ساڭا تابىئىي بولغىلى كەلدىم. ئاللاھ نىڭ مېنى مەغپىرەت قىلغانلىقىنى ئاغزىڭدىن ئاڭلىغىلى كەلدىم.
– سۇمامە، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۆمرۈمدە كۆزۈمگە كۆرۈنگەن يەر يۈزىدىكى ئەڭ سەت ئادەم ئىدىڭ، ئەمدى ئەڭ چىرايلىق ئادەم بولدۇڭ.
سۇمامە شۇنىڭدىن كېيىن مەدىنىدە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا تۇردى. مەسچىتتىن ئايرىلمايتتى. ساھابىلەر ئۆيىگە ئېلىپ كەتمەكچى بولۇشتى، سۇمامە باغلانغان تۈرۈكنىڭ يېنىدا ئولتۇردى ئۇ يەردىن ئايرىلمىدى. ھېچ ئايرىلمىدى، دەيدۇ.
تاماق ئۈچۈنمۇ؟
ئاللاھ بىلەن قەسەم دەيدۇ رىۋايەت قىلغۇچى، ئۇ كالىدەك بىزنىڭ بىر ھەپتىدە يېگىنىمىزنى بىر كۈندە يېگەن ئادەمنى، ئۇ يەردىن ئايرىلغىچە سۇدىن باشقا بىر نەرسە يېگىنىنى كۆرمىدىم. ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن تاماقلىرىمىزنى تارقىتىۋېتەتتى ، ئېغىزىغا بىر لوقما سالمايتتى ۋە شۇنى دەيتتى:
– ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن تويدۇم.
سۇمامە مۇشۇنداق بولغانىدى.
سۇمامەنى بۇ ھالغا كەلتۈرگەن نېمە ئىدى؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن.
– رەسۇلۇللاھ بىزگە ئوخشاش پەقەت قۇرۇق گەپ بىلەنلا ئىسلامغا دەۋەت قىلدىمۇ؟
-ياق.
پەقەت يېنىغا كەلگەندە سالام بېرەتتى:
– ئاللاھ قا تەسلىم بول، ئى سۇمامە،-دەيتتى، كېتەتتى.
ئەمما، سۇمامە رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىنى كۆرۈپ تۇراتتى. ئۇ يەردە رەسۇلۇللاھ نىڭ ھاياتى تەبلىغ بولغانىدى. پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى ئۇنىڭغا تەبلىغ قىلاتتى. سۇمامە سۆزگە تەسىرلەنمىگەنىدى. سۇمامە ئەمەلىي ھەرىكەتكە تەسىرلەنگەنىدى. سۇمامە سۆزگە قايىل بولمىغانىدى، ئەمەلگە قايىل بولغانىدى. سۇمامە پەيغەمبەر ھاياتىغا قايىل بولغانىدى.
مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن مەككىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن مەككىلىكلەر ئۇنى مۇسۇلمان بولدى، دەپ باغلىدى ۋە قىيىن – قىستاققا ئېلىشقا باشلىدى. ئۇلاردىن ئەقىللىق بىرى مۇنداق دېدى:
– ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەككىنىڭ پۈتۈن ئاشلىق–دانلىرى يەمامەدىن كېلىدۇ. ئەگەر بۇ كىشىگە زىيان يەتكۈزسەڭلار، قەبىلىسى سىلەرگە بىر نان ياققىدەك ئاشلىق ئەۋەتمەيدۇ،-دېدى.
شۇنىڭ بىلەن سۇمامەنى قويۇپ بەردى. سۇمامە ئۇلارغا تەھدىد قىلىپ مۇنداق دېدى:
– رەسۇلۇللاھنىڭ ئىجازەتى بولماي تۇرۇپ، سىلەرگە بىر تال تېرىقمۇ بەرمەيمەن.
ھەقىقەتەن، سۇمامە مەملىكىتىگە قايتىپ بارغاندا، مەككىگە بىر نان ياپقۇدەك بۇغداينىڭ ئۆتىشىگىمۇ رۇخسەت قىلمىدى. مەككىلىكلەر ئەڭ ئاخىر رەسۇلۇللاھتىن ئۆتۈنگىلى كەلدى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ رۇخسەت قىلىشى بىلەن سۇمامە بۇغداي ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلدى.
قاراڭلار، بۇ يەردە سىزگە چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىم شۇ، رەسۇلۇللاھ كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغاندا، ھاياتى بىلەن دەۋەت قىلدى.
ئەگەر سىز گەپ ۋە گەپدانلىق بىلەن دەۋەت قىلغان بولسىڭىز، شۇ سەۋەپتىن تەسىر قىلمايدۇ، دەيمەن. ئەگەر ئەتراپىڭىزدىكى سۇمامەلەر بۇرۇنقى ھالىتىدە تۇرىدۇ؟ دەپ سورىسىڭىز، سىز ئۇ سۇمامەلەرنى قانداق دەۋەت قىلىۋاتىسىز؟ قانداق ياشاۋاتىسىز؟ ھاياتىڭىزغا بىر قاراپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مانا بۇ نوقتىدا قەدىرلىك دوستلار، رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىدىكى بۇ مىزاننى قانداق شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، يەنى بىلەك، يۈرەك ۋە مىڭە، ھەرىكەت، تۇيغۇ ۋە تەپەككۇر تەڭپۇڭلىقىنى قانداق ئۇسۇلدا بىر يەرگە جەم قىلىپ، تەك ۋۇجۇت ئىنسان بولغانلىقىنى ئىخچاملاشقا تىرىشتىم.
بۈگۈن، ئەگەر ئاراڭلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىۋەسسالاتۇ سالامنى ئەسلىتىدىغان ئىككى پۇتلاپ ئۆرە تۇرغان قۇرئانلارنى چىقىرالمىغىچە، ئۇلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىرالمىغىچە جەمىئىيىتىڭلاردا ئۆزگۈرۈش مەيدانغا كەلمەيدۇ. ئاللاھ بۇ جەمىئىيەتنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.
چۈنكى، ئاللاھ:« سىلەر بىر قەۋم، بىر مىللەت ئۆز ھاياتى (ئەھۋالى)نى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، ئاللاھ مۇ ئۇ كىشىلەرنىڭ، ئۇ جەمىئىيەتنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ».
ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتەمسىز؟ نېمە بىلەن ئۆزگەرتىسىز؟
پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى بىلەن ئۆزگەرتەمسىز؟ ياكى ئۆزىڭىز بىلگەنچە ياشامسىز؟ كۆڭۈل بۆلمەي ياشاۋىرەمسىز؟ سىز كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز، ئاللاھ نېمىشقا جەمىئىيىتىڭىزنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتسۇن؟
ئەگەر مەن قەلب جەھەتتىن مۇسۇلمان، زېھىن تەرەپتىن ئىلمانىي؛ بىلەك جەھەتتىن دۇنيانىڭ ئارقىسىدىن يۈگرەيمەن، كۆڭلۈمنى ئاخىرەتكە بەردىم، ۋۇجۇدۇمنى دۇنياغا بەردىم دېسىڭىز؛
ئەگەرمەن ناماز قىلغاندا، گۆشۈمنى، سۆڭىكىمنى (ۋۇجۇدۇمنى) قويۇپ بېرىمەن، ناماز قىلغاچ ھېسسىي دۇنيارىمدا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلىرىمنى ئىزدەيمەن دېسىڭىز؛
دەيمەنكى، ھۇشىڭىزنى تېپىڭ.
دەيمەنكى، پارچىلىۋەتكەن ئۆزلىكىڭىزنى قايتىدىن پۈتۈن قىلىۋېلىڭ. بۇ تەۋھىد دېيىلىدۇ. بۇ ئىنسان «مۇۋاھىت» ئىنسان دېيىلىدۇ.
مۇۋاھىت ئىنسان بولۇڭكى، جەمىئىيىتىڭلاردا تەۋھىد ئومۇمىيلاشسۇن. جەمىئىيىتىڭلاردا ۋاھدەت (بىرلىك) ئومۇمىيلاشسۇن.
سىز مۇۋاھىت بولماي تۇرۇپ، جەمىئىيىتىڭىزدە ۋاھدەت قانداق ئومۇمىيلىشىدۇ؟ مۇسۇلمانلارنىڭ ۋاھدەتى، ئۈممەتنىڭ ۋاھدەتى قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟
بۇ يەردە قايتىدىن باشقا قايتىمەن ۋە دەيمەنكى، ئەمدى سوپىلار تونۇشتۇرغان ھېسسىيات تولۇپ – تاشقان، پەقەت «قەلب»تىنلا تەركىپ تاپقان ھەزرىتى مۇھەممەدنى ئەمەس؛ سەلەفىيلەر تونۇشتۇرغان پەقەت «سۆز»لا بولغان، پەقەت «زېھىن (چۈشەنچە) » بولغان ھەزرىتى مۇھەممەدنى ئەمەس، قۇرئان تونۇشتۇرغان ھەم قەلب ھەم ئەقىل، ھەم بىلەك بولغان، ھەم ھېسسىيات ھەم تەپەككۇر، ھەم ئەمەلىي ھەرىكەت بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تونۇڭ.
كېچىڭىز ئىبادەت بىلەن، كۈندۈزىڭىز ھېكمەت ۋە جىھاد بىلەن؛ ئاخشىمىڭىز تەپەككۇر ۋە كىتاپ بىلەن ئۆتسۇن.
كىتابنى، تەسبىھنى ۋە قورالنى بىر بەدەندە ئۇچراشتۇرۇڭ. بۇلارنى بىر بىرىگە قارشى سوقۇشتۇرماڭ. تەك ۋۇجۇت ئىنساننى بۆلمەڭ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۆلگەنلەرنى تىڭشىماڭلار. ئاللاھ سىزگە تونۇشتۇرغان رەسۇل ئەكرەمنى قايتىدىن تونۇڭ ۋە ھاياتىڭىزدا بىر پۈتۈن ھالدا يېڭىدىن ياشاڭ.
كۆرىسىز، ئەگەر ھاياتىڭىزنى بىر پۈتۈن ھالدا ئۇنىڭ ھاياتىغا قانچىلىك يېقىنلاشتۇرالىسىڭىز، «مۇسۇلمان بولدۇم» دېيىش، سىز ئۈچۈن «خوشال بولدۇم» دېگەن مەنىگە كېلىدۇ.
ھەممىڭلارنى شادلىققا چۈمگەن ئىنسانلار ھالىتىدە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن. مۇشۇنداق، بىر نېمەتنى رەببىمىزنىڭ سىلەرگە ۋە بىزگە ئارتۇق كۆرمەسلىكىنى تىلەيمەن.
سەبىر بىلەن ئاڭلىغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن.
ئى رەسۇلۇللاھ بۇ يەردە سېنى ئەسلىدۇق، سېنى تونۇتۇشقا تىرىشتىم. بىزگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئادا قىلالمايدىغان بىر ئىشنى قىلدۇردى. خۇددى ئوكيانۇسنى چاي قوشقى بىلەن بوشاتقىلى بولىدىغاندەك؛ خۇددى دەريالارنى ئۈزۈپ ئۆتكىلى بولىدىغاندەك؛ خۇددى مەندەك بىر چۈمۈلە چەكسىز بىر سەپەرنى ئاخىرلاشتۇرالايدىغاندەك ماڭا بۇ يۈكنى بەردى.
سېنىڭ ھاياتىڭنى ئاڭلىتىش قۇرۇق گەپتۇر. سەن ئاڭلىتىپلا قويغىدەك بىر ئىنسان ئەمەس، ئۈلگە قىلىنىدىغان بىر ئىنسانسەن.
ئى رەسۇلۇللاھ، سۆز ئاخىرىلاشقان يەردە سەن باشلايسەن، گەپ تۈگىگەن يەردە سەن باشلايسەن رەسۇلۇللاھ…
بىر كۈن بىزنىمۇ سۆز تۈگەپ، سەن باشلىغان يەرگە كېلىشكە نېسىپ قىلغىن ۋە قىلدۇرغىن. رەببىمىزدىن ئۇ كۈنلەرنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تىلەيمەن. بۇ ۋەسىلە بىلەن پەيغەمبەرگە لايىق بولغان بىر ئۈممەت قىلىشىنى رەببىمىزدىن تىلەيمەن.
ھەممىڭلارنى سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت بىلەن سالاملايمەن.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم

مۇستاپا ئىسلامئوغلى
1994 – يىلى ئەنقەرە
تەرجىمە – قاراخانلې

بۇ لېكسىيەنىڭ خەتلىكىنى Youtube دىن كۆرۈۋېلىڭ!