مۇرسەلات سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ئەۋەتىلگەنلەر » مەنىسىدىكى « مۇرسەلات » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« ئارقا – ئارقىدىن ئەۋەتىلگەن ( بۇ ۋەھىيلەر ) بىلەن قەسەمكى » ( 1 ).

مەزكۇر سۈرە ئادىيات، زارىيات، نازىئات ۋە ساففات سۈرىلىرى بىلەن ئىسىم ۋە باشلىنىش جەھەتتىن ئوخشاشلىققا ئىگە. ئىبن مەسئۇد ۋە ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن رىۋايەتلەردە سۈرە « ۋەل مۇرسەلاتى ئۇرفەن » دەپ ئاتالغان ( بۇخارى ۋە مۇسلىم ). ئىبن ئابباس بۇ سۈرىنى ئوقۇغاندا « ناماز شامدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئاغزىدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاڭلىغان سۈرە بۇ ئىدى » دەپ كۆز يېشى قىلغان. يەنە ئىبن مەسئۇد رەسۇلۇللاھنىڭ نامازلاردا سۈرىلەرنى بىللە ئوقۇغانلىقىنى، بەزىدە بىر رەكەتتە رەھمان بىلەن نەجم سۈرىسىنى، ئىككىنجى رەكەتتە ئىقتەرابە ( ئەنبىيا ) بىلەن ھاققا سۈرىسىنى، بەزىدە ئەمما يەتەسائولۇن ( نەبە ) بىلەن مۇرسەلات سۈرىسىنى بىرگە ئوقۇغانلىقىنى ئېيتقان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، سۈرىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسلۇبدىن بۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئىبن مەسئۇدتىن كەلگەن رىۋايەت بىزگە سۈرىنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى ھەققىدە يىپ ئۇچى بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن:

« بىز مىنادىكى بىر غاردا ( مەخپىي ھالدا ) رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇچرىشاتتۇق، بۇ سۈرە نازىل بولدى » ( بۇخارى ).

بۇ رىۋايەتتىن بۇ ۋاقىتنىڭ دەۋەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىل  پەيغەمبەرلىكنىڭ 5 – يىلىغا توغرا كەلمەكتە. بۇ سۈرە دەسلەپكى مەزگىللەردە تىزىلغان قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىۋىدە ھۇمەزە – قاف سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان.

مەزكۇر سۈرىدە ۋەھىي ۋە قايتىدىن تېرىلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان. ۋەھىي ئەقىلنىڭ روھى، ئاخىرەت دۇنيانىڭ روھىدۇر. سۈرە بۇ ئىككى ئامىلغا جان بەرگەن ئايەتلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئاخىرقى سائەت، قىيامەت، قايتىدىن تېرىلىش، ھېساپ كۈنى، مۇكاپات ۋە جازا قاتارلىق تەپسىلاتلار بىلەن ئىنساننىڭ ئەبەدىي ئىستىقبالى ھەققىدە توختالغان.

سۈرە  ئادىيات، نازىئات، زارىئات ۋە ساففات سۈرىلىرىگە ئوخشاش ئېنىقلىغۇچىسىز سۈپەتلەر بىلەن باشلىنىدۇ:

« ئارقا – ئارقىدىن ئەۋەتىلگەن ( بۇ ۋەھىيلەر ) بىلەن قەسەمكى! ئاندىن بىر بورانغا ئوخشاش ھەممىنى ئۇچۇرغانلار ( ئورنىدىن قوزغىۋەتكەن، جەمىئىيەتتە چالقىلىنىش پەيدا قىلغانلار )! ۋە ( ئىلاھىي ۋەھىي )نى پۈتۈن كۈچى بىلەن تارقاتقۇچىلار! ئاندىن ( ھەق بىلەن باتىلنى ) تاللاپ ئايرىغۇچىلار! ( ئىنساننى ) تەرىپلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدىغان ( بىباھا ) بىر نەسىھەت بىلەن ئۇچراشتۇرغۇچىلار!  ( ئۇ نەسىھەت بىلەن ) ئىمانغا يۈزلەنگۈچىنى مەغپىرەتكە لايىق قىلغان ۋە تەۋبە قىلغۇچىغا مەغپىرەت قىلىنغانلىقى خوشخەۋرىنى بەرگۈچىلەر » ( 1 – 6 ).

سۈرىدە قىيامەت ۋە ئاخىرەت قايتا – قايتا تەكرارلانغان بولۇپ، تۆۋەندىكى ئايەت مەزكۇر سۈرىدە دەل ئون قېتىم تەكرارلىنىپ، ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن بايانلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ:

« بۇ كۈندە ( ئۇ كۈننى / ھەقىقەتنى ) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! » ( 15 ).

سۈرىدە  ئاخىرقى سائەتتە مەيدانغا كېلىدىغان ئىلاھىي بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى جانلىق تەسۋىرلەنگەن ( 7 – 10 ).

ئاندىن كېلىشى مۇتلەق بولغان ھۆكۈم كۈنى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئېغىر كۈننىڭ قاتتىقلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، ئىلگىرىكى ئىنكار قىلغۇچى قەۋملەرنىڭ ئاقىۋىتى، ئىنساننىڭ ئەسلى، قايتىدىن تېرىلىش، بېرىلگەن نېمەتلەر تىلغا ئېلىنىپ، ئاللاھتىن كەلگەن ھەقىقەت ( ۋەھىي )نى ئىنكار قىلغۇچىلارنى ئاخىرەتتە كۈتۈپ تۇرغان ئازاپ جانلىق تەسۋىرلەر بىلەن بايان قىلىنىش ئارقىلىق ئىنكارچىلار ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارغا ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان مۇكاپاتتىن خوش بىشارەت بېرىلگەن ( 11 – 49 ).

ۋاستىلىق ھالدا ۋەھىينى ئىما قىلىپ باشلىغان سۈرە، يەنە ۋەھىي ئىما قىلىنغان ھالدا ئاخىرىلىشىدۇ:

« ئۇلار بۇ سۆزلەرگە ( ۋەھىيگە ) ئىشەنمىگەن بولسا، ئۇنىڭدىن باشقا قايسى سۆزلەرگە ئىشىنىدۇ؟ » ( 50 ).

 

« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى