image

قۇرئانغا ئاساسلانغاندا ئىنسان كىم؟
ھەر نەرسىنىڭ بىر رۇھى بولىدۇ. دۇنيانىڭ رۇھى ئىنسان بولۇپ، ئىنسانسىز بىر دۇنيا، رۇھسىز بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ.
ئىنسان ئاللاھ ئاچقان بىر تۈر بولۇپ، ياراتقۇچى يەر يۈزىنى بۇ تۈرگە مۇۋاپىق قىلىپ ياراتقان.
ئىنسان ئاللاھ نىڭ ئۈمىدى بولۇپ، ئەگەر ئىنسان بۇ ئۈمىدنى يەردە قويسا، ئاللاھ ئىنساننى باشقا بىر تۈر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا قادىر ( 14:19 ).
قۇرئانغا كۆرە ئىنسان ئەڭ گۈزەل شەكىلدە يارىتىلىپ، يارىتىلىشتىكى بۇ گۈزەللىككە / ھېكمەتكە ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە ئىرادىسى بىلەن ئېرىشسۇن دەپ، باشلانغۇچ نوقتىدا قويۇپ قويۇلغان مەخلۇق ( 94:4،5 ).
ئىنسان « يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈش » ( خەلىپە ) ۋەزىپىسى بېرىلگەن ئۇستا بولۇپ، « ئۆزىگە خاس پىكىر بايان قىلالايدىغان » مەسئۇلىيەتچان مەخلۇق ( 75:14 ).
ئىنسان ئاسمان، يەر ۋە تاغلار ئۈستىگە ئېلىشقا پېتىنالمىغان ئىرادە – ئەقىل – ۋىجداندىن ئىبارەت ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغان يىگانە مەخلۇق ( 33:72 ).
ئىنسان قىممەت قاراشقا ئىگە بولمىغان، ئۆزىنى ئۆزىگە يەتكۈچى دەپ قارىغان ۋە مەلۇم دائىرە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ ھەددىدىن ئاشقاندا ئازىدۇ ( 96:6،7 ). ئىنسان ئالدىراڭغۇ ( 17:11 )، شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىگە مەرھەمەت قىلغۇچى پەرۋەردىگارىغا ئاسىيلىق قىلغۇچىدۇر ( 82:6 ). ئىنسان قاچان قىممەت – قاراشقا ئىگە بولسا ۋە ئىچكى دۇنياسىنى « ئىمان » بىلەن بىزىسە، قۇرئان « سالىھ ئەمەل »  دەپ كۆرسەتكەن ئاكتىپ ياخشىلىقنى ئۆزىگە ھايات شەكلى قىلىسا، مانا بۇ ۋاقىتتا بۇ ۋە ئۇ دۇنيادا مۇكاپاتقا لايىق بولىدۇ (95:4،5 ).