ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھۇ ۋە بەرەكەتەھۇ،

بۇ ئۈن كىتابنى تەدبىرياي تور رادىئومىزدىنمۇ تىڭشىيالايسىز: https://Anchor.fm/tedbiryay

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز، زېمىستان قىشنىڭ سوغۇقلىرىدا بەلكىم قەلبىڭىزگە ئۈششۈك تېگىپ قالغاندۇ،

مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە سوغۇقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىسسىق ئائىلىڭز ۋەيا ئۈيىڭىزنىڭ بىر بولۇڭىدا، مەشكە قولىڭىزنى تەڭلەپ ئولتاغاچ، ئۈزىڭىز ۋە كەچمىشىڭىز ۋە گۈزەل كېلەچىڭىز ھەققىدە تاتلىق – ئاچچىق تۇيغۇلار قاينىمىغا شۇڭغۇپ، بېرەر نەسىھەتلىك سۆزلەرگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان بولىشىمىز مۇمكىن…

مانا شۇ دەقىقىلەردە ئەجدادىمىزنىڭ نەسىھەتلەر غەزىنىسى – « قۇتادغۇبىلىك » نى ئاڭلاپ چىقسىڭىز بەلكىم، ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئان ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ زاغرا تىلدا بىزگە يەتكۈزىلىشى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

نەسىھەت بابىدا قۇرئانغا يېتىدىغىنى يوق، ئەمما ئۇنى ئەجدادلىرىمىز قانداق چۈشۈنۈپتىكەن، بىز ھازىر قانداق چۈشۈنۈۋېپتىمىز، بۇ توغرۇلۇق ئويلۇنۇپ، ئىزدىنىپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ئەسلىدە يەريۈزىدىكى بارلىق كىتاپلار شۇ ئىچىدە ھېچقانداق شەك يوق بولغان نىجاتلىق يولىمىز قۇرئاننى شەرھىلەش ئۈچۈن يېزىلسا كېرەك. بىز يەنىلام ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن ئۇستازلارنىڭ نەسىھەت غەزىنىلىرىگە بىر قولاق سېلىپ باقايلى.

قۇتادغۇبىلىك يەنى بەخىت كەلتۈرگۈچى بىلىم ھەققىدىكى داستاننىڭ ئاۋازلىقىنى تۈۋەندىكى ئۇلانمىلاردىن چۈشۈرۈپ تىڭشىسىڭىز بولىدۇ.

qutadghu-bilik-un-305