مۇستافا ئىسلام ئوغلى كىم؟

Kurangha_Beghishlanghan_1Omur

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
مۇستافا ئىسلام ئوغلى
1960- يىلى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى تۈركىيەنىڭ قەيسىرى ۋىلايىتىنىڭ دەۋەلى رايۇنىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتىدا پۈتتۈرگەن. ئۇ بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇش بىلەن بىرگە دادىسىدىن قەدىمقى مەدرىسە ئۇسۇلىدا ئەرەپچىدىن سەرف ۋە نەھۋە (مورفولۇگىيە ۋە سىنتاكىس) دەرسلىرىنى ئۆگەنگەن. يۇقىرى ئىسلام ئىنىستوتىدا باشلىغان ئىلىمىنى بولسا ئەزھەر ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ ئىسلام شەرىئىتى فاكۇلتىسىدە داۋام قىلغان. ئەدەبىي ئەسەرلىرى ماۋارە ژورنىلى (1980)، ئايلىق ژورنال (1982- 1983) ۋە دەرگاھى ژورناللىرىدا ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان. ئالىي مەكتەپلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان شېئىر مۇسابىقىسىدە 1- ۋە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن تۇنجى كىتابى« خىيالان»ئايلىق ژورنال نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987 – يىلى نەشىر قىلىندى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىسلامى ھەرىكەت رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى 1989- يىلى ئەكسەن نەشرىياتى تەرىپىدىن « يىتەكچىلەر بىلەن سۆھبەت» ئىسمى بىلەن كىتاپلاشتۇرۇلۇپ نەشىر قىلىندى.
قاھىرەدە ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شوغۇللانغان يىللىرىدا بولسا بىر تەرەپتىن ئىسلامىي تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلەر بىلەن شوغۇللانسا يەنە بىر تەرەپتىن دەرس بېرىش بىلەن شوغۇللاندى. ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتىنىڭ تۇنجى ئەسىرى بولغان «ئىماملار ۋە پادىشاھلار »ئىسمىدىكى كىتابىنى دەل بۇ مەزگىلدە يەنى 1990- يىلى يېزىشقا باشلىغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۇنجى سىناق ئەسىرى بولغان «يۈرەك دۆلىتى» ئىسمىدىكى ئەسىرىمۇ دەل بۇ مەزگىلدە نەشىر قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 1990- يىلى سافىناز كازىمىنىڭ؛ « فى مەسىلەتىس سۇفۇر ۋەلىلھىجاب» ئىسمىدىكى ئەسىرىنى « ئايالنىڭ ھۆرلىكى» ئىسمى بىلەن تۈرۈكچىگە تەرجىمە قىلدى. بىرىنچى قىسمىنى قاھىرەدە يېزىشقا باشلاپ قالغان قىسىملىرىنى تۈركىيەگە قايتقاندىن كېيىن يېزىشنى داۋام قىلغان ئانادولىنىڭ ئىسلامىي ھەرىكەتلىرى (ھازىرقى ئىسمى« ئىسلامىي ھەرىكەتلەر ۋە ئاياقتا تۇرغانلار تارىخى» ) ئىسمىدىكى چاتما كىتاپلىرىنى 1991 دىن 1993- يىللىرىدا ئارقا- ئارقىدىن نەشىر قىلدۇردى ھەمدە بۇ چاتما ئەسىرىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ھەسەن ئەل بەيۇمىي بىلەن بىرلىكتە ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدى. بۇ تەرجىمە ئەسەر دارۇل زاھرا تەرىپىدىن «جۇزۇرۇل ھەرىكەتىل ئىسلامىيە فى تۈركىيە» ئىسمى بىلەن 1994- يىلى قاھىرەدە نەشىر قىلىندى.
تەتقىقات ئەسىرى بولغان«يەھۇدىلىشىش مايىللىقى» ئىسىملىق ئەسىرى 1994- يىلى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچراشتى. بەرگەن لېكسىيەلەردىن رەتلەنگەن « تەۋسىيلەر» 1- ۋە 2- ئەسىرى 1995- ۋە 1998- يىللار ئارىسىدا نەشىر قىلىندى.
قاھىرە بىلەن مەككە ئارىلىقىدىكى سەپىرىدە يازغان شېئىرلىرى « ياسىن» ئىسمى بىلەن 1991- يىلى نەشىر قىلىندى. ئۇنىڭدىن كېيىن بارلىق شېئىرلىرى « دىۋان» ئىسمىدىكى كىتابىغا توپلاپ 1996- يىلى نەشىر قىلدۇرۇلدى. قاھىرەدىكى ۋاقتىدا بەرگەن تەپسىر دەرسلىرى بىر تېما ئاستىدىكى تەپسىر دەرسلىرى ئۈلگە نۇسخىسى بولغان«ئاتاش رىسالىسى» ئىسىملىك ئەسىرىگە رەتلەپ كىرگۈزۈلۈپ 1992- يىلى نەشىر قىلدۇرۇلغان ئىدى.
1992- يىلى 10- ئايدا قاھىرەدىن قايتقاندا باشلىغان تەپسىر دەرسى تاكى 1997- يىلىغىچە داۋام قىلىپ 30 پارىنىڭ ھەممىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. بۇ دەرسلەر داۋام قىلغان جەرياندا
http://www.tefsirdersi.com/ تور ئادرىسى ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلىپ ماڭدى. ۋە 1998- يىلى «تەپسىرۇل قۇرئان تەۋىلۇل فۇرقان» ئىسمى بىلەن كۆرۈنىشلىك ۋە ئاۋازلىق (DVD,Video,Audio ) پىلانى بويىچە 200 دەرسلىك پۈتۈن بىر تەپسىر بولۇپ تاماملاندى.
كۆرۈنىشلىك تەپسىر دەرسى بىلەن بىر ۋاقىتتا باشلانغان « كېرەك بولغان ئوچۇقلاش» مەنىسىدە ئېلىپ بېرىلغان قۇرئاننىڭ تۈرۈكچە تەرجىمە خىزمىتى تەپسىر بىلەن بىر ۋاقىتتا تاماملاندى. ئۇستازنىڭ ھازىرغىچە يېزىشنى داۋام قىلىۋاتقان يېڭى شەپەق، ئانادولىدا ۋاقىت، ئاقىت، سەلام، ئايلىق ژونال ۋە رىبات، مەيدان قاتارلىق گېزىتلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنى« ماقالىلار» ئىسمىدىكى كىتاپقا، شەپەق خاتىرلىرى، ھوسۇل، يوقلىغىڭدا يېزىلغان خەتچۈكلەر، ئۇرۇشمۇ توختىتالمىغان سۆزلەر، سۆزنىڭ كۈچىمۇ ياكى كۈچنىڭ سۆزىمۇ؟ ئورۇنلۇقلار ۋە ئورۇنسىزلار قاتارلىق ماقالىلىرى « ئايەتلەرنىڭ نۇرىدا» ئىسمىدىكى كىتاپقا كىرگۈزۈپ نەشىر قىلىندى. يازارنىڭ ئۆزى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر خاتىرسى بولسا «سۆھبەتلەر 1» ۋە «بىر يارىدىن ئوق چىقارتىلغاندەك» ئىسمىدا كىتاپلاشتۇرۇپ نەشىر قىلىندى.
مەھبۇسلۇق ھاياتىنى كەچۈرگەن گۆلجۈك ۋە ئەنقەرە تۈرمىلىرىدە ئىنتايىن قېيىن شەرتلەردىمۇ ئەسلى يەھۇدىي بولغان شەرقشۇناس ئىلداز گولىزېھىرنىڭ ئىسلام ۋە قۇرئان مەزمۇنىدىكى ئەسىرىنى ئەرەبچىدىن تۈرۈكچىگە تەرجىمە قىلدى. يازار 1997- يىلى ئىنسان ھوقۇقىغا ئائىت « ھەلمەن ھەممەت»نامىدىكى مۇكاپاتقا نائىل بولدى.
2. قېتىملىق خەلقئارالىق فەتىھ ئىلمى دوكلات يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقى« يۈرەكلەرنىڭ فەتھى» ئىسمىدا كىتاپلاشتۇرۇلدى. 2000- يىلى 11- ئايدا دىنىي ساھەدە غۇلغۇلا قوزغىغان «ئۈچ مۇھەممەد» ئاتلىق ئەسىرى نەشىر قىلىندى. ئامېرىكا ۋە ئاتلانتىدا سۆزلىگەن لېكسىيەلىرى 2001- يىلى « ھاياتنىڭ قايتىدىن ئېھياسى» ئىسمىدىكى كىتاپ شەكلىدە نەشىر قىلىندى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ « نېمە قىلىش كېرەك- قانداق قىلىش كېرەك- كىم بىلەن قىلىش كېرەك؟» ئىسمىدىكى كىتابى 2002- يىلى نەشىردىن چىقتى. يازغۇچىنىڭ 1983- يىلى يېزىشقا تۇتۇش قىلغان «جاھان كېزەر» ئىسمىدىكى تۇنجى ئەدەبىي كىتابى 2002- يىلى نەشىر قىلىندى.« ئاللاھنى تونۇش، بىلىش، چۈشۈنىش» ئىسمىدىكى كىتابى يازغۇچىنىڭ يۇقىرقى ئەسەرلىرىنىڭ ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا يازغۇچىنىڭ دوكلات، لېكسىيە، سۆھبەت خاتىرلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئونلارچە كۆرۈنۈشلىك ئەسەرلىرى بار. يازغۇچىنىڭ كىتاپلىرىنىڭ بەزىلىرى ھازىرغىچە ئەرەبچە، گىرمانچە، ئىنگىلىزچە، كۈرتچە، رومانچە، بولغارچە، ئالبانچە تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. يازغۇچىنىڭ ئىللىق بىر ئائىلىسى ۋە بەش پەرزەنتى بار.

مەنبە: مۇستافا ئىسلامئوغلى تور بېتى

http://www.mustafaislamoglu.com/

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر ئۇيغۇرچىلاشتۇردى
مىسرانىم توربېتىدىن ئېلىندى
http://bbs.misranim.com/thread-56524-1-1.html

ئالاقىدار ئۇيغۇرچە توربەتلەر:

www.facebook.com/HayatKitabiQuran/

ئىنكاس قالدۇرۇڭ