ئەلا سۈرىسى

مەزكۇر سۈرە 1 – ئايەت ئىسمى سۈپەت بولۇپ كەلگەن « مۇتلەق ئۈستۈن، ئۇلۇغلۇقتا تەڭدىشى يوق» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئەئلا » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.

مەزكۇر سۈرە نازىل بولۇش تەرتىۋىدە ئىبن ئابباس، ئىكرىمە رەزىياللاھۇئەنھۇ ۋە ھەسەن ئەلبەسىرىدىن كەلگەن رىۋايەتلەردە 7 –  قېتىمدا نازىل بولغان. جابىر ب. زەيىد تەرتىپىدە  8 – قېتىمدا ئورۇن ئالغان.  بىزنىڭچە  بۇ سۈرە تەكۋىر سۈرىسى بىلەن لەيل سۈرىسى ئارىسىدا يەنى 9 – قېتىمغا توغرا كېلىدۇ. مەزكۇر سۈرە دەسلەپكى مەزگىللەردە نازىل بولغان سۈرىلەردىن بىرى.

مەزكۇر سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى، ئىنسان ئۈچۈن ھەم نېمەت ھەم ئاجىزلىق بولغان ئەستە تۇتۇش ۋە ئۇنتۇش ھەققىدە بولۇپ، سۈرە ھەجىم جەھەتتىن كىچىك بولسىمۇ، قۇرئاننىڭ ئانا تېمىسى بولغان ئاللاھ – كائىنات – ئىنسان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئېغىپ كەتمەسلىكىدە ۋەھىينىڭ ئوينايدىغان رولى تەكىتلەنگەن.

ھەر نامازدا سەجدىدە تەكرارلانغان تەسبىھات، مەزكۇر سۈرە 1 – ئايىتىدە بېرىلگەن ئەمىرنىڭ پەيغەمبەر تىلى ۋە سۈننىتىدىكى جانلىق ئۆرنىكى.

2 –  5 – ئايەتلەردە ئاللاھ نىڭ مەخلۇقاتنى يارىتىپلا قالماستىن، ئۇنى يارىتىلىش مەقسىتىگە يۈزلەندۈرگەنلىكى ۋە ئۆگەتكەنلىكى بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، يارىتىلىش ۋە ئاخىرلىشىشتىن ئىبارەت ئىلاھىي قانۇنىيەت ( سۈننەتۇللاھ ) ئەسكەرتىلىپ، ئۆسۈملۈكلەر مىسال قىلىنىش ئارقىلىق ئىنساننىڭمۇ بىر كۈنى بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدىغانلىقى ئىما قىلىنغان.

6 – 10 – ئايەتلەردە، رەسۇلۇللاھقا ئىلھام بېرىلگەن بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ نىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن، ئاللاھ نىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، كىشىلەر تەسەۋۋۇرىدىكى خاتا بولغان ئاللاھ چۈشەنچىسىگە رەددىيەت بېرىلگەن. ھەقىقەتكە قۇلاق سالغۇچىلارغا قۇرئان ئارقىلىق ۋەز – نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇلغان.

11 – 13 – ئايەتلەردە قۇرئاندىن يۈز ئۆرىگۈچىلەرنىڭ سۈپىتى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى سەۋەپلىك ئاخىرەتتە دۇچار بولىدىغان ئاقىۋىتى بايان قىلىنغان.

14 – 15 – ئايەتلەردە ئاخىرەتلىك مەقسىتىگە يەتكۈچىلەرنىڭ سۈپىتى بايان قىلىنغان.

16 – 17 – ئايەتتە ئىنساننىڭ دۇنيالىق نەرسىلەرگە بېرىلىپ كېتىدىغان ئاجىزلىقى تىلغا ئېلىنىپ، دۇنيالىق نەرسىلەرنىڭ ئىنسانغا ئېمتىھان قىلىپ بېرىلگەنلىكى، ئۇنىڭغا قۇل بولۇپ قالماسلىق تەۋسىيە قىلىنىش بىلەن بىرگە، مۇئمىننىڭ ئۇپۇقىدا ھەر دائىم باقىي بولغان ئاخىرەت بولىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.

18 – 19 – ئايەتلەردە قۇرئاندىكى ۋەز – نەسىھەتلەرنىڭ قۇرئاندىن بۇرۇنقى ئىلاھىي كىتاپلاردىمۇ بارلىقى، يەنى ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە مۇسانىڭ دىنى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنىڭ بىر ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى » ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى.