image

يەھۇدىلەشمە: دىننىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىگە ئېسىلىۋېلىش. خىرىستىيانلىشىش: دىننىڭ ۋۇجۇدىنى ئۆلتۈرۈپ روھىغا ئېسىلىۋېلىش.
يەھۇدىلىشىش: پەيغەمبەرنى ئۆلتۈرۈش.
خىرىستىيانلىشىش: پەيغەمبەرنى ھەددىدىن زىيادە ئۇلۇغلاش.
يەھۇدىلىشىش: دۇنياۋىلىشىش / ماددىلىشىش.
خىرىستىيانلىشىش: روھانىلىشىش.
سۈرە فاتىھە، بۇ ئىككى تۈر ئېزىشقا قارشى مۆئمىنلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.
ئۇلارنىڭ يولىغا كىرىش ئۈچۈن يەھۇدىي ۋەيا خىرىستىيان بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. قۇرئانغا كۆرە يەھۇدىلەر ۋە خىرىستىيانلارمۇ ھەزرىتى مۇسا ۋە ھەزرىتى ئەيساغا باغلانغان ۋە ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمانلار ئىدى. ھەزرىتى مۇسا ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ مۆئمىن ۋە مۇسۇلمانلىرى قانداق يەھۇدىلەشكەن ۋە خىرىستىيانلاشقان بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى – بىزمۇ شۇنداق يەھۇدىلىشىشىمىز ۋە خىرىستىيانلىشىشىمىز مۇمكىن.
  سۈرە فاتىھە ھەر مۆئمىننى ھەر رەكەت نامىزىدا بۇ خەتەرگە قارشى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ!
– مۇستافا ئىسلامئوغلى
« قۇرئاندىكى سۈرىلەرنىڭ كىملىكى » كىتابىدىن ئېلىندى.