فېقىھ

By

دېكابىر 30, 2014

 فېقىھ

 

  1. فېقىھ، فېقىھ ئوقۇش ئەمەس فېقھ قىلىش، يەنى تەپەككۇر قىلىش، ئەقىل يۈرگۈزۈشنى بىلدۈرىدۇ. فېقھنى ئەقىل يۈرگۈزۈشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇڭ. فېقىھ ئوقۇش ئارقىلىق سىزدىن بۇرۇنقىلارنىڭ، دىننىڭ ئاساسلىق تېكىستى ئۈستىدە قانچىلىك چوڭقۇرلۇقتا باش قاتۇرغانلىقىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئۆگىنەلەيسىز.
  2. فېقىھلىق شەكىلدە ياشاڭ. فېقىھلىق ياشاش شەرىئەتلىك ( قانۇن ئىچىدە ) ياشاش بولىدۇ. شەرىئەتسىزلىك مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان فېقىھسىزلىق باشباشتاقلىق بولىدۇ. ئەڭ ئۇلۇغ نىزامغا ئاشق بولغان بىرسىنىڭ ھاياتىدا، نىزامسىزلىققا ۋە ئىنتىزامسىزلىققا ئورۇن بولمايدۇ.
  3. قىلغان ھەر ئىشىڭىزنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئورنىنى ئۆگىنىشنى ئۆزىڭىزگە بىر شۇئار قىلىڭ. بۇ مۇسۇلمانلىقىڭىزنىڭ بولمىسا بولمايدىغان بىر پارچىسى بولسۇن. چۈنكى، سىز كىتابسىز ئەمەس، بەلكى كىتاب ( قۇرئان )ى بار بىر دىننىڭ مەنىسۇبى. ھاياتىڭىزدا « كىتاپسىز ئىش » بولمىسۇن.
  4. ئىبادەت فېقىھىنى بىلگەندەك، كەسىپ ۋە ئىش فېقىھىنى بىلىشنىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ بىلىڭ. ھەر كىشىنىڭ كەسپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك فېقىھلەرنى ( قائىدە – پرىنسىپلارنى ) بىلىشى زۆرۈر. بۇ شۇ كىشى ئۈچۈن پەرزئەيىن. بۇ خۇددى كۈندىلىك ھاياتىڭىزدىكى مەسلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك فېقىھنى بىلىشكە ئوخشايدۇ. ئىبادەتلىرىڭىزنى ئاتا – بوۋىڭىزدىن كۆرگەن شەكىلدە ئەمەس، پەيغەمبەرنىڭ قىلغىنىدەك ئادا قىلىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىبادەت فېقىھىنى ياخشى ئۆگىنىڭ. ئەگەر قىلالىسىڭىز ئىبادەتلىرىڭىزنىڭ دەلىللىرىنىمۇ ئۆگىنىڭ. شۇڭا، بۇ « مۇقەللىد » دەپ بۇنى دەيدۇ.
  5. تەقلىد ئەمەس، تەھقىق ئەھلى بولۇشقا تىرىشىڭ. تەقلىد ئەرەپچىدە « تۆگە يۈگىنى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « گىلادە » كەلىمىسىدىن تۈرلىنىپ چىققان. ئەلۋەتتە، تەقلىد « يۈگەن » سېلىش ئەمەس. « گىلادە » كەلىمىسىنىڭ بىر مەنىسى « مارجان، بويۇنتۇرۇق » دېگەنلىك بولىدۇ.
  6. ئەگەشكىنىڭىزنىڭ تەقلىدچىسى بولۇشنىڭ ئورنىغا، تەھقىقچىسى بولۇڭ. كۆلەڭگۈسى بولۇشنىڭ ئورنىغا « شەخسىيەت ( ئۆرنەك ) » بولۇڭ. ئەلۋەتتە بۇ كەڭ دۆۋىلەر ئىچىدە مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر چوقۇم تەقلىد قىلىمە دېسىڭىز، ئۇنداقتا ياخشىنى ئۆزىڭىزگە ئۆرنەك قىلىڭ. ئاللاھ سىزگە ئۆرنەك قىلىپ كۆرسەتكەننى تەقلىد قىلىڭ. ئارقاننى خاتا يولباشلىغۇچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇشنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقۇش كېرەك. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، شەرتسىز تەقلىد قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بىردىنبىر بەشەر ( ئىنسان ) « ئاللاھ نىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىق بولغان » نەبىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە كامىلى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.