ج****ىھاد

By

دېكابىر 28, 2014

ج****ىھاد

لوغەتتە « غەيرەت قىلىش، بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانلىرىنى سەپەرۋەر قىلىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ج****ىھاد » ئاتالغۇسى، قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە، ئاللاھ يولىدا جەڭ قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، دىننى ئۆگىنىش، دىننىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش، ھارام ۋە گۇناھلارغا قارشى نەپسى بىلەن جەڭ قىلىش، ئىسلامنىڭ تارقىلىشى، تونۇلىشى، ھاياتنىڭ ئىچىگە كىرىشى ۋە ئۈستۈن بولىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىمۇ بىلدۈرىدۇ.

« ج****ىھاد » ئاتالغۇسى، مەككىدىكى مەزگىلدە ئىسلامنىڭ تەبلىغ قىلىنىشى ۋە دىننىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنى ئادا قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرگەن. مەدىنىدىكى مەزگىلدە مۇشرىكلارنىڭ مەدىنىدىكى ئىسلام جامائىتىگە قارشى ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بىلە « قىتال ( ئۇرۇش ) » مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشقا باشلىغان. بۇنى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە كۆرمەكتىمىز.

« ج****ىھاد » ئۇقۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇز بىر ئايەتنىڭ ئون يەتتىسىدە جەڭ مەنىسىدە كەلگەن بولۇپ، ئەنفال ۋە تەۋبە سۈرىلىرىدە رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ غازاتلىرى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا بەقەرە، ئالئىمران، نىسا، مۇھەممەد، مۇمتەھىنە سۈرىلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان ۋە ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ج****ىھاد قىلغانلار ماختالماقتا، ئۇلارغا ئاللاھ نىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتى، مۇكاپاتى ۋە جەننىتى ۋەدە قىلىنماقتا. ئىمانى ئۈچۈن ھىجرەت قىلغانلار ۋە بۇلارغا ياردەم قىلغانلار ھەقىقەتەن مۇئمىنلەر دەپ تەرىپلەنمەكتە ( بەقەرە، 218؛ نىسا، 95 -96؛ ئەنفال، 74 ). تەۋبە سۈرىسىنىڭ 20 – ئايىتىنىڭ مەنىسىنى مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىپ ئۆتەيلى:

« ئىمان ئېيتقانلارنىڭ، ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ۋە ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن ئاللاھ نىڭ يولىدا ج****ىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر؛ ئەنە شۇلار ( ساۋاپ تېپىش بىلەن ) مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر » .

قالغان ئون تۆت ئايەتنىڭ ئىككىسىدە سۆزلىك مەنىسىدە ( ئەنكەبۇت، 8؛ لوقمان، 15 )، ئون ئايەتتە ( مائىدە، 35، 69؛ ھەج، 78؛ نەھل، 110 … ) مۇتلەق مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن. بولۇپمۇ مەككىدە نازىل بولغان ئايەتلەردە، ئىسلامنىڭ تونۇلىشى، بىلىنىشى، يېيىلىشى، ھاياتنىڭ ئىچىگە كىرىشى ۋە ئۈستۈن بولىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى بىلدۈرىدۇ.

« ئى پەيغەمبەر! كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قارشى ج****ىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قارشى قاتتىق قول بول… » ( تەۋبە، 73؛ تەھرىم، 9 ) مەنىسىدىكى ئىككى ئايەتتە پەيغەمبەرگە بۇيرۇلغان مۇناپىقلار بىلەن جەڭ قىل، « قىتال » مەنىسىدىكى جەڭنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ سەۋەپتىن ج****ىھاد ئۇقۇمى، مۇناپىقلار بىلەن ھەق يولىدا تىل ئارقىلىق كۆرەش قىلىش، ئىسلام ھەقىقىتىنى مۇناسىۋەتلىك دەلىللەر بىلەن چۈشەندۈرۈش، پىتنە – پاساتلارنى توسۇش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

مەككىدە ۋە قوراللىق ئۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمىغان بىر مەزگىلدە نازىل بولغان فۇرقان سۈرىسىنىڭ « كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، بۇ قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ج****ىھاد قىلغىن » مەنىسىدىكى 52 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « كاپىرلارغا قارشى قۇرئان ئارقىلىق پۈتۈن كۈچ بىلەن ج****ىھاد »، جەڭ مەيدانىدا رەسمىي ئۇرۇش قىلىشنى ئەمەس، ئۇلارغا قارشى قۇرئانى دەلىللەر بىلەن كۆرەش قىلىشنى، ئۇلارغا بويۇن ئەگمەسلىكنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسلام دۈشمەنلىرى بىلەن ئەمەلىي قوراللىق ئۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىشتىن بۇرۇن نازىل بولغان « بىز ئۈچۈن ج****ىھاد قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر » ( ئەنكەبۇت، 69 ) مەنىسىدىكى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ئاللاھ يولىدىكى ج****ىھاد؛ دۈشمەنلەر بىلەن قوراللىق جەڭنى ئەمەس، ئاللاھ نىڭ دىنىغا ياردەم قىلىشنى، ئىسلامغا قارشى چىققانلار بىلەن ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە كۆرەش قىلىشنى، زۇلۇمنى توسۇشنى، ئەمربىلمەئرۇف ۋە نەھيى ئەنىل مۇنكەر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى ۋە ئاللاھ قا ئىتائەت  قىلىش ئۈچۈن نەپسى بىلەن كۆرەش قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ ئايەتلەر، ج****ىھادنىڭ ئىسلامنىڭ تۇغۇلىشىدىن تارتىپ بار ئىكەنلىكىنى ۋە پەقەت جەڭ مەيدانىدىكى ئۇرۇشنىلا كۆرسەتمەيدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. مەدىنە دەۋرىدە مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشى بىلەن، قوراللىق ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىشى ۋە جەڭ قىلىش ئۈچۈن « ج****ىھاد » ئۇقۇمىغا بېرىلگەن « قوراللىق جەڭ » مەنىسى ئېغىر سالماقنى ئېلىشقا ۋە بۇ مەنىدە چۈشۈنۈلىشكە باشلانغان.

مائىدە سۈرىسى 54 – ئايەت، ھۇجرات سۈرىسى 15 ۋە ساف سۈرىسى 11 – ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان « ئاللاھ يولىدا ج****ىھاد »، ئاللاھ نىڭ ياخشى كۆرىشىگە لايىق بولغان، نىجادلىققا ئېرىشكەن، گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكىتىدە راستچىل بولغان مۇئمىنلەرنىڭ سۈپىتى شەكلىدە تىلغا ئېلىنغان. ئاللاھ ماختىغان بۇ كىشىلەر، پەقەت ئاللاھ يولىدا قوراللىق ئۇرۇش قىلغانلار ئەمەس، ئىسلامنىڭ تونۇلىشى، تارقىلىشى، ئۈستۈن بولىشى ۋە ئەمىر – پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن غەيرەت قىلغان ھەر مۇسۇلماننى كۆرسىتىدۇ.

« ئاللاھ يولىدا تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ج****ىھاد قىلىڭلار … »( ھەج، 78 – ئايەت ) مەنىسىدىكى ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان « ئاللاھ يولىدا ج****ىھاد » ئەمرى، ھەم دۈشمەن بىلەن قوراللىق جەڭ قىلىشنى ھەم ئىسلامنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىغا بويسۇنۇشنى، نەپسىنى يامانلىقلاردىن، ھاراملاردىن يىراق تۇتۇش ھەم ئىسلامنىڭ تارقىلىشى، ئۈستۈن بولىشى ۋە ھاكىم بولىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئاغزاكى، ئىقتىسادىي ۋە ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىدۇ.

ھەدىس كىتاپلىرىدىكى « ج****ىھاد » بۆلۈملىرىگە قارىغان ۋاقتىمىزدا، بۇ بۆلۈملەردە ھەم قوراللىق جەڭ قىلىش، ھەم قورال – ياراق تەييارلاش ( تىرمىزى، 6 ، 4، 168 )، ئاللاھ يولىدا ئىنفاق قىلىش ( تىرمىزى، فەدائى لۇل جىھاد، 4، 4، 167، 1625 – نۇمۇر ) ۋە ئۇرۇش قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغان ۋە بىۋاستە قوراللىق ئۇرۇش بىلەن باغلىنىشلىق بولمىغان نەپىس بىلەن كۆرەش قىلىشنى، ئىسلامنىڭ تارقىلىشى، ئۈستۈن بولىشى، ئەمىر – پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسلەردە يەر ئالغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ « ج****ىھاد » ئۇقۇمىنىڭ « جەڭ، غەزەپ ۋە قىتال » ئۇقۇمى بىلەن ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ۋە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرمەكتىمىز. مەسىلەن:

« ئاللاھ نى ئىنكار قىلغانلار بىلەن ج****ىھاد قىلىڭلار » ( ئىبن ماجە، جىھاد، 38، 2، 953 ).

« كىمكى ئاللاھ نىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ج****ىھاد قىلسا، ئۇ ئاللاھ يولىدا بولغان بولىدۇ » ( بۇخارى، جىھاد، 15، 3، 206 ).

« ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشى شېھىتتۇر » ( ئىبن ماجە، جىھاد، 17، 2، 937 – 938 ) مەنىسىدىكى جەڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر ج****ىھاد بابىدا يەر ئالماقتا.

« مۇجاھىد، نەپسى بىلەن ج****ىھاد قىلغان كىشىدۇر » ( تىرمىزى، جىھاد، 2، 4، 165 ) مەنىسىدىكى ھەدىس ئاللاھ قا ئىتائەت نوقتىسىدا، كىشىنىڭ ئۆز نەپسى بىلەن كۆرەش قىلىشىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىسلامنى غەيرى مۇسۇلمانلارغا تەبلىغ قىلىشنى بىلدۈرىدىغان « مۇشرىكلەر بىلەن مېلىڭلار، جېنىڭلار ۋە تىلىڭلار بىلەن ج****ىھاد قىلىڭلار » ( ئەبۇ داۋۇت، جىھاد، 17، 3، 22 ) مەنىسىدىكى ھەدىس؛ روزا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان « كىمكى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن بىر كۈن روزا تۇتسا، ئاللاھ ئۇنى جەھەننەمدىن مىڭ ( يىللىق ) بىر مۇساپە يىراق قىلىدۇ » ( بۇخارى، ج****ىھاد، 36، 3، 213 ) مەنىسىدىكى ھەدىس ج****ىھاد بابىدا بايان قىلىنغان.

ئاتا – ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشمۇ ج****ىھاد قاتارىدىن سانالغان. ئابدۇللاھ ئىبن ئامر مۇنداق دېگەن: بىر ساھابە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن ج****ىھاد ( جەڭگە ) قا چىقىش ئۈچۈن ئىجازەت سورىدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: « ئاتا – ئاناڭ بارمۇ؟ » دەپ سورىدى، ئۇ كىشى « ھەئە، بار » دەپ جاۋاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن، « سەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بىلەن ج****ىھاد قىلغىن » دېدى ( مۇسلىم، بىرر، 5، 3، 1975 ).

ئادالەتسىزلىك ۋە ھەقسىزلىك ( زۇلۇم ) ئالدىدا سۈكۈت قىلماي ھەقنى ئېيتىشمۇ ج****ىھاد قاتارىدىن سانالغان ( تىرمىزى، فىتنە، 13، 4، 471 ).

يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلغان ۋاقتىمىزدا، ج****ىھادنى ئىمان ئېيتىپ سالىھ ئەمەل قىلىش، ھەق دىن ئۈستىدە چىڭ تۇرۇش، يامانلىقلاردىن ۋە ھاراملاردىن يىراق تۇرۇش، ئىسلامنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش، ئىسلامنىڭ تارقىلىشى، تونۇلىشى، ئۈستۈن بولىشى، ئەمىر – پەرمانلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، مۇسۇلمانلارنى ھەر خىل خەۋپ ۋە ھۇجۇملارغا قارشى مۇداپىئە قىلىش، پىتنە – پاساتلارنى توسۇش، بىخەتەرلىكى ۋە خاتىرجەملىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ۋە شۇنىڭدەك ئىسلام جەمىئىيتىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن شەخسىي ۋە جامائەت شەكىلدە ئاغزاكى، يازما، تاراتقۇ، ئىلمىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش؛ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ھەر خىل تىرىشچانلىق، زۆرۈر تېپىلغاندا دۈشمەن بىلەن جېنى ۋە مېلى بىلەن جەڭ قىلىش، جەڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش ۋە تەييارلاشقا ياردەم قىلىش شەكلىدە چۈشەنسەك بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن ج****ىھادنى، ئۈچ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:

  1. ئىسلامنى تونۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنى ھاياتىدا ئەكىس ئەتتۇرۇپ تەبلىغ قىلىش، دۈشمەن تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋە ئۇرۇش ئېلان قىلىنغان ۋاقىتلاردا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەزىيەت تەققەزاسىغا قاراپ قىلىش ( بۇخارى، رىقاق، 34، 7، 188؛ ج****ىھاد، 2، 3، 201 ).
  2. ئاللاھ قا ئىتائەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ۋە قەتئىي بولۇش، نەپسى بىلەن كۆرەش قىلىش.
  3. شەيتاننىڭ ھىلە ۋە تۇزاقلىرىغا قارشى تۇرۇش ( بەقەرە، 44، 285؛ ئالئىمران، 173؛ مائىدە، 67؛ يۈسۈپ، 108؛ نەھل، 125؛ ئەنكەبۇت، 46؛ سەبە، 46 ).                                                                                                                 « دىنى ئاتالغۇلار لوغىتى » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى ( تۈرك دىيانەت ئىشلىرى نەشرىياتى )