islam Cihad ve Şiddet Uygurca Tercümesi ve Türkçe MP3 MP4

ئىسلام، جى ***ھاد، زوراۋانلىق

MP3 چۈشۈرۈش: https://yuzlen.net/wp-content/uploads/2014/12/İslam_Cihad_ve_Şiddet-Mustafa_İslamolu-_Cuma_Hutbesi_27-09-13.mp3

MP4 چۈشۈرۈش:

 http://bilimilim.org/kaznak/Islam_Cihad_ve_Siddet-Mustafa_Islamoglu_Cuma_Hutbesi_27-09-13.mp4

« كىمكى ناھەق ھالدا، ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە پىتنە –  پاسات چىقارمىغان ( بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان ) بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ،… » ( مائىدە، 32 ).

قىممەتلىك مۇئمىنلەر، ياخشى كىشلەر، بۈگۈن ھىجرى 1434 – يىلى 21 – زۇلقائىدە، جۈمە كۈنى. جۈمە كۈنىڭىز مۇبارەك بولسۇن. دېك، قۇربان ھېيىتقا ئاز قاپتۇ، تەخمىنەت 20 كۈن بار. بۇ ئارلىقتا ھاجى نامزاتلار ئاستا – ئاستا مەككىگە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەممىمىزگە ۋاكالەتەن ھەجگە كېتىۋاتىدۇ. ھەج قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمغا بۇ يەردىن « ئاللاھ مۇبارەك قىلسۇن » دەيمەن. رەببىم قوبۇل قىلسۇن. ھەج ئىبادىتىڭىز مەقبۇل بولسۇن.
خۇتبىنىڭ يۇتىيۇبتىكى كۆرۈش ئادرىسى: http://youtu.be/kz5OcGzHHgY

ھايات كىتابىم تورىدىن كۆرۈش: http://bilimilim.org/kaznak/Islam_Cihad_ve_Siddet-Mustafa_Islamoglu_Cuma_Hutbesi_27-09-13.mp4

ئېزىز قېرىنداشلىرىم! بۈگۈنكى خۇتبەمنىڭ تېمىسى « ئىسلام، جى ***ھاد ۋە زوراۋانلىق » ھەققىدە بولىدۇ. ئەپسۇس، جى ***ھاد ئەڭ كۆپ ئۇپرىتىلغان ئۇقۇملاردىن بىرسى. ئۇقۇملارنى ئەسلى مەنىسىدىن يىراقلاشتۇرۋەتكەنلەر مۇسۇلمانلاردۇر. شۇڭا، چوقۇم ئۇقۇملار ئاللاھ قويغان يەرگە قويىلىشى كېرەك. ئۇقۇملارنى ئەسلى مەنىسىدىن يىراقلاشتۇرۋېتىش ئىللىتى ئەسلىدە يەھۇدىيلەشكەن ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ بىر ئىللىتى ئىدى. « يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَن مَّوَاضِعِهِ  – سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېىتىدۇ »  ( نىسا، 46 ) دەيدۇ قۇرئان. دېمەك، سۆزلەرنى ئۆزگەرتىۋېتىش بىر ئىللەت، بىر يەھۇدىيلىشىش ئىللىتى، بىر يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى. كەلىمىلەرنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى نەزەردە تۇتىدىغان بولىسىز. بىر كەلىمە بىلەن سۆز قىلىسىز، ئەمما، باشقا مەنىدە چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنىسىز. بۇ ئۇنى چۈشۈنۈش ئەمەس. بۇ ئەھۋالدا بىر نەرسىنى ئەسلى ھالىتىدە چۈشەندۈرەلمەيسىز. رەببىمىز قۇرئاندىكى ئۇقۇملارنىڭ ئېنىقلىمىسىنى ئۆزى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن زاتتۇر. ئۇ ئۇقۇملارنى ئاللاھ ئۆزى ئىزاھلاپ بەرگەن. ئاللاھ ئىزاھلاپ بەرگەن ئۇقۇملارنىڭ ئىچىنى قۇرۇغداپ، ئاندىن ئۇنى سىز تولدۇرۇشقا ئۇرۇنغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ ئۇقۇم ئاللاھ دېمەكچى بولغان نەرسە بولۇشتىن ئۆزگۈرۈپ، باشقا نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.  رەببىمىز، « ئىمان » دېگەن ۋاقىتتا بىر نەرسىنى نەزەردە تۇتىدۇ، ئەنئەنە « ئىمان » دېگەندە باشقا بىر نەرسىنى نەزەردە تۇتىدۇ. ھەتتا، ئەنئەنە « ئىمان » دېگەن نەرسىنى، ئاللاھ « ئىنكار قىل » دەيدۇ. چۈنكى، مۇشرىكلارمۇ بۇتلىرىغا ئىمان ئېيتاتتى ۋە ئۇنى ئىمان دەپ ئاتايتتى. ئەمما، ئاللاھ ئۇنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرىغانىدى. بۇ سەۋەپتىن، ئۇقۇملارنى ئۆز جايىغا قويۇش ( ئەسلى پېتى چۈشۈنۈش ) ناھايىتى مۇھىم. ئۇقۇملارنىڭ ئورنى قەيەر؟ ئورنى، ئاللاھ قويغان جايدۇر. رەببىمىز شەيئىلەرگە ئۆزىگە لايىق بىر يەر بەلگىلىگەندەك، ئىسىملارغا، ئەسماغا ۋە ئۇقۇملارغىمۇ ئۆزىگە لايىق بىر يەر بەلگىلىگەن. مانا بۇ « تالىمۇل ئەسما – ئىسىمنى ئۆگەتتۇق » دۇر « وَعَلَّمَ آدَمَ الأَسْمَاء كُلَّهَا – ئادەمگە پۈتۈن ئىسىملارنى ئۆگەتتۇق » ( بەقەرە، 31 )،  بۇ ئەسلىدە ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى مەن ئىزاھلايمەن دېگەنلىك بولىدۇ. يەنى، ئەگەر رەببىمىز بىر ئۇقۇمنىڭ ئىزاھاتىنى بەلگىلىگەن ۋە بۇنى بۇ مەنىدە ئىشلىتىڭلار دېگەن بولسا، بىز مۇسۇلمانلار بۇ مەسىلىدە ئۇنىڭغا تەسلىم بولىشىمىز كېرەك. « يا رەببى! سەن قويغان يەرگە رازىمەن، ئۇقۇمنى قويغان يېرىڭگە ( ئىزاھاتىڭغا ) رازىمەن، سېنىڭ چۈشەندۈرشىڭگە رازىمەن. ئۇ مەنا بېشىمنىڭ تاجىدۇر » دېيىشى لازىم.

جى ***ھاد، ئەسلىدە كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. جەھت، غەيرەت قىلىش، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. جى ***ھاد مەككىدە پەرز بولغان. لېكىن، « قىتال » مەدىنىدە بۇيرۇلغان. قاراڭ، بۇ ئىككىسى ئوخشاش نەرسە ئەمەس. بىز جى ***ھادنى قىتالنىڭ ئورنىغا قويدۇق. « قىتال » بۇيرۇلغان تۇنجى ئايەت « سىلەرگە قىتال پەرز قىلىندى. ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر،… » ( بەقەرە، 216 ). بۇ قىتال ئايرىم نەرسە، ( جەڭ مەيدانىدىكى ) ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. جى ***ھاد، ۋەھىينىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن تارتىپ مۇئمىنلەرگە بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇنداقتا، مەككىدە مۇئمىنلەرجى ***ھادنى تەرك قىلدىمۇ؟ سىز مەككىدە، مۇئمىنلەر تەرىپىدىن بىر تال ئوق ئېتىلغانلىقىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ بىر قىلىچنىڭ شىلتىلغانلىقىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟  مەككىدە مۇئمىنلەر ئاجىزمىتى؟ بۇنى قىلالمامتى؟ ئىچىدە باتۇر يىگىتلەر يوقمىتى؟ ھەمزە ئۇلارنىڭ قاتارىدا ئەمەسمىتى؟ ئۆمەر ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمەسمىتى؟ سائاد ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمەسمىتى؟ جافەر ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمەسمىتى؟ ھەممىسىدىن باشقا ئەلى ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمەسمىتى؟ سىز باشقا گەپلەرنى بىر تەرەپكە قويۇپ تۇرۇڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىلغان زوراۋانلىقلارغا قارىتا بىر ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ھەققىدە سىيەردە ( رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى ) بىر قۇر مەلۇمات ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا، مەككىدە بۇيرۇلغان جى ***ھاد نېمىدۇ؟ جى ***ھاد، باشقا بىر نەرسە. جى ***ھاد ھەر ۋاقىت ۋە ھەر شارائىتتا بولىدۇ. جى ***ھاد ئاللاھ يولىدا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش دېگەنلىكتۇر. غەيرەت قىلىش، تىرىشىشتۇر. جى ***ھاد تەك تەرەپلىك بولمايدۇ. ئەقىل ( تەپەككۇر ) بىلەن قىلىنغان جى ***ھاد ئىجتىھاد دەپ ئاتىلىدۇ. ئەخلاق بىلەن، قەلب بىلەن قىلىنغان جى ***ھاد مۇجاھەدە دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن قىلىنغان جى ***ھاد غەيرەت دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا، مۇجتەھىد ئەقىل بىلەن جى ***ھاد قىلغان كىشىدۇر. ئىجتىھاد ئەقىل بىلەن قىلىنغان جى ***ھادتۇر. ھەقىقەتلەردىن ئۆز دەۋرىنىڭ مەسلىلىرىگە ھەل قىلىش چارىسى، چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلغان بولسا، بۇنى ئىجتىھاد دەپ ئاتايمىز. مانا بۇ ئۇنىڭ جى ***ھادىدرۇ. ئىلىم بىلەن قىلىنىدىغان، قەلەم بىلەن قىلىنىدىغان جى ***ھاد بار. پۇل بىلەن قىلىدىغان جى ***ھاد بار، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قىلىدىغان جى ***ھاد بار. كەسىپ بىلەن قىلىدىغان جى ***ھاد بار، بىلىم بىلەن قىلىنىدىغان جى ***ھاد بار.

جى ***ھادنىڭ پەقەت بىرلا تۈرى يوق، ئۇ ھەر ساھەدە بار. ئىچىدە مىسسيون بولغان، روھ بولغان، ئىبادەت مەقسىتى بىلەن قىلغان بولسىڭىز، بۇ ھەر ساھەدە قىلغان جى ***ھادىڭىزدۇر. جى ***ھادنى پەقەت قىتالدىن ئىبارەت تار مەنىدە چۈشۈنىۋېلىشقا بولمايدۇ. قوراللىق ئۇرۇش پەقەت ۋەزىيەت تەقەززاسى ۋە زۆرۈرىيەت ئاستىدا ئېلىپ بېرىش شەرت قىلىنغان نەرسە. ئۇرۇشتىن ئۆزىنى تارتىش مۇمكىن بولمايدىغان، ۋەزىيەت شۇنى تەقەززا قىلغان، ئۆزىنى قوغداش زۆرۈر ھالغا كەلگەندە  ( جىھاد – قىتال ) پەرز بولىدۇ.

قاراپ بېقىڭلار، بەدىردە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن تەرەپ كىملەر ئىدى؟ مۇشرىكلار ئىدى. ئۇھۇد غازىتىدا ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ كىم ئىدى؟ مۇشرىكلار ئىدى. خەندەكتە ھۇجۇم قىلغۇچىلار كىم ئىدى؟ خەندەك ئۇرۇشى مەدىنىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى. تا 450 – 500 كلومېتىر يولنى بېسىپ كەلگەنلەر كىملەر بولغان بولسا، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپمۇ شۇلار ئىدى. بۇ سەۋەپتىن رەسۇلۇللاھنىڭ بارلىق ئۇرۇشلىرىدا بۇ رىئاللىقنى كۆرىسىز.

ئۇنداقتا، خەيبەر ۋە ھۇنەيىننى قانداق چۈشەندۈرىسەن؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن. خەيبەرمۇ بىر مۇداپىئە ئۇرۇشى ئىدى. شۇنداق، ئىسلام قوشۇنى خەيبەرگە باردى. ئەمما، خەيبەرلىكلەر مۇشرىك مەككىلىكلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئەگەر بىزگە ھۇجۇم قىلىپ كەلسە، سىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقا تەرىپىدىن؛ ئەگەر سىلەر تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ كەلسە، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىمىز، دەپ كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى. بۇ بىر مۇداپىئە ئۇرۇشى ئىدى.

ئۇنداقتا، ھۇنەيىنچۇ؟ ھۇنەيىندە ھاۋازىن بارلىق مۇخالىپ قەبىلىلەر بىرلىشىپ، ئەڭ ئاخىرقى پۈتۈن كۈچىنى بىر يەرگە يىغقان، ئىسلامنى بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنىدى. بۇ سەۋەپتىن، رەسۇلۇللاھنىڭ قىلغان ئۇرۇشى ئەسلىدە ئۆزىنى قوغداش ئۇرۇشى ئىدى ۋە بۇ سەۋەپتىن ئاللاھ رەسۇلى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلاردىكى چىقىم ( ئۆلۈم ) قانچىلىك؟ ئەقلىڭىزدىن نېمە ئۆتىۋاتىدۇ؟ مەسىلەن، ئەقلىڭىزدىن ھەر ئىككى تەرەپتىن ئەڭ ئاز مىڭلارچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئۆتىۋاتىدۇ، بەلكىم. بۇ مەسىلىدە ئەڭ چوڭ مەلۇمات ئىگىسى بولغان مەرھۇم مۇھەممەد ھامىدۇللاھ ئۇستازنىڭ ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا زايات 300 كىشىدىن ئاشمايدۇ. ئاجايىپ بىر ئىش. سىزگىمۇ غەلىتە تۇيۇلمىدىمۇ؟ بۇ مۇئمىنلەر ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىن بولغان چىقىمنىڭ يىغىندىسى. رىئاللىق مانا مۇشۇنداق. بۇ سەۋەپتىن جىھاد باشقا بىر نەرسە. لېكىن، ئۇقۇملار ئۆز ئورنىدىن قوزغىۋېتىلگەندە، جىھاد سۈيئىستىمال قىلىنغاندا، ئوتتۇرىغا باشقا بىر نەرسە چىقتى. بۇنى شېھىتلىكنىڭ سۈيئىستىمال قىلىنىشىدىمۇ كۆرىمىز. شېھىت ئىسمى قۇرئاندا رەببىمىز تەرىپىدىن ئاللاھ رەسۇلىغا بېرىلىدۇ. ئاللاھ رەسۇلى قۇرئانغا ئاساسلانغاندا شېىھتتۇر ( بەقەرە، 143 ). رەسۇل سىلەرگە شېھىتتۇر. دېمەككى، رەسۇلۇللاھ شېىھت. لېكىن، رەسۇلۇللاھ كۆرپىسى ئۈستىدە ۋاپات بولدى. كۆرپىسىدە ۋاپات بولدى، بۇ قانداق شېھىت بولغانلىق بولىدۇ؟ دېمەككى، ئەنئەنىۋىي ئۇسلۇبتا « شېھىت » كە بەرگەن مەنا قۇرئاندىن پەرقلىق. بىز شېھىتلىكنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولىنى ئۆلۈش دەپ قارايمىز. ھالبۇكى، قۇرئاندا شېىھتلىكنىڭ يولى ئاللاھ يولىدا ياشاش. دېمەك، كۆرپىسى ئۈستىدە ئۆلسىمۇ، ئاللاھ يولىدا ياشىغان بولسا شېھىت بولالايدىكەن. بۇ ئەھۋالدا باشقا شەكىلدىكىسى، مەيلى ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆلسۇن، ئاللاھ يولىدا بولمىسا شېھىت بولالماسلىقى مۇمكىن. بۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئۇقۇملار ئەسلىدىكى ئورنىدىن قوزغىۋېتىلگەندە، ئۇنىڭ قانداق سۈيئىستىمال قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككى مىسالى، بۇنىڭغا يەنە باشقا مىساللارنى كەلتۈرەلەيمىز.

بۈگۈن ئىچىمىز قان يىغلىغان ھالدا كۆرىۋاتقان مەنزىرە ھەقىقەتەن كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. يېقىندا كېنيەدە يۈز بەرگەن ۋەقە. يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلىمى بىلەن نەتىجىلەنگەن كېنيەدىكى تاللا بازرىغا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمغا مۇسۇلمان ئىمزاسىنىڭ قويۇلىشى. ئۇنىڭ ئالدىدا پاكىستاندا يەنە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا بىر چېركاۋدا 80 كىشىنىڭ ئۆلتۈرلىشى، قەتلى قىلىنىشى. بۇلاردىن باشقا، سۈرىيە، مىسىر، ئىراقتىكى ۋەقەلەر. ئىراقتا، ھەر ئاي بىز سانىنى يازمايدىغان بولۇپ كەتتۇق. مۇسۇلمانلار ئىككى مەزھەپ، شىئەلەر ۋە سۈننىلەر بىر –  بىرىگە قارشى ئۆزئارا بىر –  بىرىنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەر ئىككى تەرەپ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ ئىككى تەرەپ بىر –  بىرىنى ئۆلتۈرگەندە. ئاللاھ ئۈچۈن ئۆلتۈرىۋاتىمەن دەپ قارايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆلگەندىمۇ شېھىت بولدۇم دەپ قارايدۇ. ئەھۋال شۇنداق.

بۇ نېمە ئىش مۇسۇلمانلار؟ بۇ بىزمۇ؟ باياتىن ئوقۇغان ئايەتنى ئاڭلىدىڭلار شۇنداقمۇ؟ « بىگۇناھ بىر جاننى ناھەق ئۆلتۈرگۈچى، پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ » دېگەن قۇرئان قولىمىزدا. لېكىن، يەنە بىر تەرەپتە گۇناھكار ياكى بىگۇناھ دەپ ئايرىماي، ئىنسانىيەتنىڭ جان، مال، دىن ئامانىتىگە ئىگە چىقىشىمىز كېرەك تۇرۇپ، ئار –  نۇمۇس، ئەقىل بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك بولغان ئۈممەت، ھەم ئۆز ئارا ھەم ياتلارنىڭ خۇنىنى تۆكۈشتە كۆزىنى مىت قىلىپمۇ قويمايدىغان كىشىلەرنى تەربىيلەپ چىقىۋاتىدۇ.

بۇ قانداق ئىش؟ بۇ يەردە شۇ سۇئال ئەقلىڭىزگە كېلىشى مۇمكىن. يەنى « پىتنە تۈگىگەن، دىن پۈتۈنلەي ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار » ( ئەنفال، 39 ) دېگەن بىر ئايەت بار. بۇنى سىلەر ئىستانبۇلدا ئولتۇرغانلارغا بۇ سۇئالنى سوراشنى ھېچكىم ئەقلىگە كەلتۈرمىگەن بولىشى مۇمكىن. ئەمما، لوندوندا ياشايدىغانلارغا، ۋاشىنگىتوندا ياشايدىغانلارغا، موسكىۋادا ياشايدىغانلارغا بۇ سۇئالنى كۆپ سورايدۇ. بۇ ئايەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نېمە دېگەنلىك دەپ. سىز بۇ ئايەتنىڭ يېنىغا يۇنۇس سۈرىسى 99 – ئايەتنى قويالمىسىڭىز، سىز بۇ كىتابتىن بىخەەر دېگەنلىك بولىدۇ. يۇنۇس 99 – ئايەتتە نېمە دەيدۇ؟ « ئەگەر رەببىڭ خالىغان بولسا يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. سەن ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشقا مەجبۇرلامسەن؟ » دەيدۇ. قۇرئاندا بىر –  بىرى بىلەن زىت ئايەت يوق. بىز بۇنىڭغا ئىمان ئېيتىمىز، قۇرئان مۇشۇنداق دەيدۇ. « ئەگەر ئاللاھ تىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى » ( نىسا، 82 ). ئۇنداقتا، ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىگە ئىمان ئېيتتۇق. قۇرئاندا زىددىيەتلەرنىڭ يوقلىقىغا ئىمان ئېيتتۇق. ئۇنداقتا، بۇ ئايەت بىلەن ئۇ ئايەتنى بىر –  بىرىگە زىت ھالدا چۈشەنمەيدىغانلىقىمىزغا قارىغاندا، ئۇ ئايەتنى بۇ ئايەت ئاساسىدا چۈشۈنۈشىمىز كېرەك. يەنى، كىشىلەرنى قېنى يولغا چىقىڭلار، قولۇڭلارغا قورال ئېلىڭلار، كىشىنىڭ مېڭىسىغا تەڭلەپ « ئىمان ئېيت ئەبلەخ! »، بۇ ئەھۋالدا سىيلىق – سىپايە گەپ قىلغۇدەك ھالى يوق. قولىغا قورال ئالغان ئادەم « ئەبلەخ! » دەيدۇ، ئەلۋەتتە. « ئىمان ئېيتمىسام، قانداق قىلىسەن؟ »، « ئۆلتۈرىمەن! ».

بۇ ئاللاھ مەنئى قىلغان ئىش. ئاللاھ پەيغەمبەرنى مەنئى قىلغان، قولىغا قورال ئېلىپ مەجبۇرلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، « ھازىر ئىمان ئېيتمىدى دەپ، كىشىلەرنى مەجبۇرلامسەن؟ سەن پەقەت تەبلىغ قىل. سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئۇلارنىڭ بېشىدا ژاندارما ئەمەس. سەن ئۇلارغا كۆزەتچى ئەمەس، ھامىي ئەمەس. ھامىي مەن، سەن ھامىي ئەمەس » دەۋاتىدۇ ئاللاھ. پەيغەمبەرگە بۇ ھوقوقنى، ھەقنى بەرمىدى ئاللاھ. بۇ سەۋەپتىن، بىزنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىمان ئېيتقۇزۇش، بولۇپمۇ مەجبۇرلاش ۋەزىپىمىز يوق. بۇ ئاللاھ نىڭ مۇرادى ئەمەس. ئۇنداقتا ئۇ نېمە؟ ئايەتتە نېمە دەيدۇ؟ « يەر يۈزىدە پىتنە قالمىغۇچە قەدەر ئۇرۇشۇڭلار » دەيدۇ. پىتنە نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟ پىتنە – « ئېتىقادقا بېسىم قىلىش. زوراۋانلىق ۋە قېيىن – قىستاق » دېگەنلىك بولىدۇ. مەسىلە يېشىلىشدى. يەنى، ئېتىقاد ئەركىنلىكى، مۇتلەق بىر ئېتىقاد ھۆرىيىتى. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئايەت ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان بىر ئايەت. كۆرۈپ تۇرۇپسىز، قەيەردىن قەيەرگە كەلدۇق. ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىغا بىر قاراپ بېقىڭلار مۇسۇلمانلار. ئىنسانىيەتنىڭ بەش قىممەت قارىشىنىڭ مۇھاپىزى بولىشى كېرەك بولغان، ئۆزلىرى ھىمايە قىلىشى كېرەك بولغان قىممەت – قاراشلارنى ئۆزلىرى دەپسەندە قىلسا، بۇ دىننىڭ يۈزىنىڭ ئاق بولىشى نەردە قالىدۇ؟

ئوغرىنىڭ ھېچقانداق گۇناھى يوقمۇ؟ دېيىشىڭلار مۇمكىن. ئوغرىنىڭ گۇناھى بار. قاراڭلار، ئوغرى نېمە قىلدى؟ يېقىندا مىسىردا ئىخۋانى مۇسلىم ( مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى )نى چەكلىدى. بىر ئىجتىمائىي ئورنى بار، 86 يىللىق بىر ھەرىكەت چەكلىنىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇنداق بولمايدۇ. ئىجتىمائىي تەرەپتىن مۇمكىن ئەمەس، چۈشەندىڭلارمۇ؟ مەن سېنى چەكلىدىم ( دېيىش بىلەن بار نەرسە يوق بولۇپ قالمايدۇ ). ئەمما مەن بار، مەن ھىلىمۇ مەۋجۇت قانداق چەكلەيسەن؟ قانداق قىلىسەن؟ نېمە قىلماقچى؟ ئىجتىمائى جەمىئىيەتنىڭ ئىچىگە سېڭىپ كىرگەن بىر ھەرىكەتنى قانداق چەكلەيسەن؟

سىلەر مىسىر مۇستەبىتلىرىنىڭ دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ ياردىمىسىز ھاجەتخانىغا بارالايدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىلەر؟  ئىشەنمەيسىلەر، بىزمۇ ئىشەنمەيمىز. دۇنياۋى كۈچلەر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمىسا، ھەتتا بۇ ھەقتە پەرمان چۈشۈرمىسە، ئۇلار ئىخۋاننى چەكلىيەلمەيدۇ، چەكلىيەلمەيتتى. بۇ ئەھۋالدا شۇنى كۆرىمىز، دۇنياۋى كۈچلەر بىزنىڭ قورال ئىشلىتىدىغانلىرىمىزنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈشەندىڭلارمۇ؟ مۇسۇلمانلار ئىچىدە زوراۋانلىققا مايىل بولغانلارنى دۇنياۋى كۈچلەر ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى، زوراۋان كۈچ ئىشلىتىشكە مايىل بولغانلاردىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىدۇ. چۈنكى، زوراۋان كۈچ ئىشلىتىشكە مايىل بولغانلاردىن پايدىلىنىشقا بەكمۇ ماھىر، بۇ ھەقتە قاقۋاش بولۇپ كەتتى. زوراۋان كۈچ ئىشلىتىشكە مايىل بولغان ۋاقىتتا، ئەقلىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز ئارىسىدا كۆرۈنمەس تام پەيدا قىلىسىز. بۇ ۋاقىتتا، مەن بۇ قورالنى ئىشلىتىۋاتىمەن، مېنى كىم ئىشلىتىۋاتىدۇ؟ دەپ سورىمايسىز. مېنىڭ قولۇمغا بۇ « ئاپەت »نى كىم تۇتقۇزدى دەپ سورىمايسىز. قۇلىقىمغا كىم پىچىرلاۋاتىدۇ، دەپ سورىمايسىز. بۇ يەردە ئوتنى كىم قويۇپ بەردى؟ دېمەيسىز. مېنىڭ ئالدىمدىكى بۇ يوللارنى كىم ئاچتى؟ يەنى باشقا ۋاقىتلاردا بۇ كىشىلەر ئالەم بوشلىقىدىن ( سۈنئىي ھەمراھتىن ) ماشىنامنىڭ پلاكا نۇمۇرىنى ئوقۇيالىغان بۇ كىشىلەر، ئەمدى نېمە بولدى، بىردىنلا كۆزى كۆرمەس، قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ، زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالدى؟ ئالدىمىزدىكى يول ئېچىلىپ، ئۆزىمىزنى قوشكېزەك بىنالار ئىچىدە كۆردۇق. بىز نېمە دېگەن يامان كىشىلەر – ھە؟ دەپ سوراپ باقمىسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى ئىشىكلەرنىڭ ھەممىنى ئېچىپ، يولنى بوشۇتۇپ بېرىدۇ. ئالدىڭىزدىكى يولىڭىزىنى ئاچقان ۋاقىتتا مىڭ قېتىم ئويلىنىڭ، ئېتىپ قويغان ۋاقىتتا بىر قېتىم ئويلانسىڭىز كۇپايە. ئەمما، ئىشىڭىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەندە مىڭ قېتىم ئويلىنىڭ، نېمە بولاپ بۇنداق قىلدى، باشقا ۋاقىتتا ھەجەپ بۇنداق قىلمايتتى، ئەمدى نېمە سەۋەپتىن بۇنداق قىلىدۇ؟ بۇرۇن نېمىشقا بۇنداق قىلمىدى؟

شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، سىز « لەنەت بولسۇن ئىران! » دەپ ئىسرائىلنى ئۇنتۇپ قالغان ۋاقتىڭىزدا، شۇنى بىلىڭكى، ئىسرائىل سىزنى ئۇنتۇمايدۇ. چۈشەندىڭلارمۇ؟ ئىسرائىل سىزنى ئۇنتۇمايدۇ، بىر چەتتە تۇرۇپ ئىچ – ئىچىدىن پىخىلداپ كۈلىدۇ. نەچچە ئاي، نەچچە يىلدىن بۇيان ئىران بىلەن تۈركىيە ئىككىسى بىر يەرگە كېلىپ، سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلمىسا، بۇ مەسىلە ھەل بولمايدۇ دەپ ئىككى يىلدىن بېرى لەۋلىرىمنىڭ تىرىسى تۆكۈلدى. تۈركىيە، ئىرانغا سېنىڭ بۇ رايوندىكى نوپۇزىڭنى ئىتىراپ قىلىمىز، سېنىڭ سۈرىيەدىكى ئۈستۈنلىكىڭنى قوبۇل قىلىمىز، سۈرىيە سېنىڭ دېيىشى كېرەك. لېكىن، بىر شەرتنى قويىشى لازىم. يەنى، بۇ بالا چىراي قاتىل ( بەشەر ئەساد ) ۋە بۇ قاتىلنىڭ ئىدىئولوگىيسى بولغان بائاس ئىدىئولوگىيسىدىن ئىبارەت بۇ نىجاسەتتىن سۈرىيەنى خالىي قىلىسەن، شۇ نىجاسەتنى سۈرىيەدىن تازلا. سېنىڭ نوپۇز دائىرەڭگە مەن ئارىلاشمايمەن، ئەمما بۇ مەسىلىدە كېلىشەيلى، شۇ نىجاسەتنى، بۇ بالا چىراي قاتىل ( بەشەر ئەساد ) ۋە بۇ قاتىلنىڭ ئىدىئولوگىيسى بولغان بائاس ئىدىئولوگىيسىنى سۈرىيەدىن تازلا. بۇ ھەق ( سۈرىيەدىكى نوپۇزىڭ ) ئۈچۈن، بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭگە ئالىسەن، دېسە، ئىشىنىمەنكى، بۇ مەسىلىنى بۈگۈنكى ھالغا كەلمەستىن ھەل قىلىغىلى بولاتتى. مەن ئۇزۇن زاماندىن بۇيان بۇنى ياقىلىدىم. چۈشەندىڭلارمۇ؟

ئەمدى نېمە بولدى؟ قايسى نوقتىغا كەلدۇق؟ مەن دېگەن يەرگە كەلدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەلبېشى بۇ نوقتىنى تەكىتلەۋاتىدۇ، ئۇمۇ بۇنى ئىتىراپ قىلىشتىن باشقا چىقىش يولىنى تاپالمايۋاتىدۇ. چۈنكى سىياسەت ئاق –  قارا رەڭ ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلمايدۇ، كۈل رەڭ ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇشۇنداق بولىدۇ. ئامېرىكا كەل، بىزنىڭ بېشىمىزنى سىلا دېيەلمەيسىز. ئۇ ئىسرائىل ئۈچۈن بېشىڭىزنى سىلايدۇ، چۈشەندىڭلارمۇ؟ قاچان ئۇلارنىڭ بىزگە بىر ياخشىلىقى يەتتى، قەيەردە بىزگە ياخشىلىق قىلدى. قەيەردە كېلىپ بىزنىڭ پايدىمىزغا بىر ئىش قىلدى بۈگۈنگىچە. ھالا يەتمىدىمۇ بۇنچە ئالدىنىش؟ ئەسلى مەسىلە ئۇ ئەمەس. ئەسلى مەسىلە بىز قانداق بولۇپ بۇ ھالغا كېلىپ قالدۇق، زوراۋان كۈچ ئىشلىتىشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ قالغانلىقىمىز.

شۇنىڭغا بىر قاراپ بېقىڭلار، رەسۇلۇللاھتىن ئىبارەت ئالدىمىزدا تۇرغان بىر ئۆرنەك شەخس، ئالدىدىن بىر يەھۇدىينىڭ جىنازىسى ئۆتكەندە ئورنىدىن تۇرۇدۇ. يېنىدىكىلەر: « يا رەسۇلۇللاھ، ئۇ يەھۇدىينىڭ جىنازىسى، نېمىشقا ئورنىڭىزدىن تۇرىسىز؟ » دېگەندە، « ئىنسان ئەمەسمۇ؟ » دەپ جاۋاپ بەرگەن بىر پەيغەمبىرىمىز بار.

پاكىستاندا چېركاۋغا كىرىپ 80 – 100 ئەتراپىدا كىشىنى ئۆلتۈرىسىز. كىتابىمىزدا « ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر – بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھ نىڭ نامى كۆپ ياد قىلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى » ( ھەج، 22 )  دېگەن بىر ئايەت بار. ئەمما، سىز ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ بومبا پارتىلتىسىز. ئۇنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى بارمۇ، سۈننىلەر شىئەلەرنىڭ، شىئەلەر سۈننىلەرنىڭ مەسجىتلىرىگە كىرىپ پارتىلتىۋاتمامدۇ؟ خىرىستىيانلارنىڭ چېركاۋلىرىغا كىرىپ پارتىلاتسا، غەلىتە تۇيۇلغۇدەك نېمىسى بار؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداق، ئىش ئۇ يەردىن باشلىسا، بۇ نوقتىغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ يول قويماسلىق، ئەسلىدە ئاللاھ تونىيالمىغانلىقىمىز، ئىسلامنى چۈشىنەلمىگەنلىكىمىز، ھاياتنى چۈشىنەلمىگەنلىكىمىزدىن كېلىپ چىقماقتا. ئەگەر تەۋھىدنى، باشقا نەرسىنى قويۇپ پەقەت تەۋھىدنى چۈشەنگەن بولساق، تەۋھىدنىڭ مۇنداق مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەتتۇق:

ئاللاھ تەكتۇر، مەخلۇق كۆپتۇر. ئاللاھ نى ئىككى دەپ بىلىش نېمىدىن دىرەك بەرسە، مەخلۇقنى بىر ھالغا كەلتۈرۈشمۇ شۇنىڭدىن دىرەك بېرىدۇ. ئاھ، بۇنى بىر چۈشەنگەن بولساق. ئۇ ۋاقىتتا پەقەت بىر خىلغا ئايلىنىشتىن، بىر رەڭگە ئايلاندۇرۇش ئارزۇسىدىن، ھەممە كىشىنى بىر دىن، بىر مەزھەب، بىر قاراش، بىر سىياسەت، بىر پارتىيە، بىر مىللەت، تەك ئېرق… قاراڭ، ئېرقچىلىق نەردىن چىقىۋاتىدۇ؟ ئېرىقچىلىقنىڭ ھەممىسى قەيەردىن چىقىدۇ؟ بۇنىڭدىن چىقىدۇ. پەقەت مېنىڭ ئېرقىم، قالغانلار ئىككىنجى سىنىپ. يەھۇدىيلار نېمە سەۋەپتىن يەھۇدىي بولدى؟ مانا بۇ مەنتىقتىن. پىرئەۋن نېمە ئۈچۈن پىرئەۋن بولدى؟ « مەن سىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ رەببىڭلار! » دېگەنلىكى ئۈچۈن. ھالبۇكى، ئىنسان كۆپ، ساڭا ( پىرئەۋن ) ئوخشايدىغانلاردىن دۇنيادا نۇرغۇنى بار. ئەگەر بۇنى ئىتىراپ قىلساڭ، ئۇ ۋاقىتتا پىرئەۋن بولمايسەن. لېكىن، پەقەت بىر بولۇشقا ئۇرۇنغاندا، قاراڭلار، پەقەت بىر بولۇشقا ئۇرۇنغان ھەر كىم مۇستەبىت بولىدۇ. پىكىردە مۇستەبىت بولىدۇ. ئەڭ بىغۇبار پىكىر – چۈشەنچىلەر « تەك » لىك داۋاسىغا ئايلانغاندا چۈشەنچىدە مۇستەبىتلىككە ئايلىنىدۇ.

شۇڭا ئېزىز قېرىنداشلىرىم، بىزگە نېمە بولدى؟ توغرا، ئوغرىنىڭ گۇناھى بار دېدىم، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ئىخۋانى مۇسلىمنى چەكلىدى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ قورال ئىشىلىتىدىغانلىرىغا ئامراق. ئۇلار مۇسۇلماننىڭ ئۆلتۈرىدىغانلىرىغا ئامراق. زوراۋانلىق قىلغۇچىلىرىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. مۇسۇلماننىڭ بومبا پارتىلىتىدىغانلىرىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى، ئۇلارغا پايدىلىق. ئۇلارنى ئۆرنەك كۆرسىتىدۇ. قاراڭلار، ئىسلام = تېرور، مۇسۇلمان = تېرورسىت دېيەلىشى ئۈچۈن سەۋەپ لازىم. شۇڭا، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارغا بۇ ھەقتە ئۆزلىرىگە كوزىر بېرىشىنى خالايدۇ. بۇ كوزىرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى بۇنىڭغا مەجبۇرلايدۇ. مىسىردا، غەززەدە، چىچەنىستاندا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى دەل بۇ ماھىيەتتە. قەدەم باسقان يەرلىرىنى زىندانغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ نوقتىدا قىلغانلىرى پەرقلىق ئەمەس، سەئۇدىدا قىلغانلىرىمۇ شۇنداق. سەئۇدىيدا سەلەفىي نىقابى ئاستىدا قىلغانلىرىنى چىچەنىستاندا سوپى نىقابى ئاستىدا قىلىۋاتىدۇ. قادىروۋنىڭ بىر شەيخنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ شۇنداق، شۇ بىزنىڭ قادىروۋمىز بىر تەسەۋۋۇپ شەيخى. ئاتا – بوۋىسى، ئەجدادىمۇ شۇنداق. ۋە نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟  ھەر قانداق بىر گورۇپپىنى بۇ خىل سەلبىي ۋە رەزىل ئورنەكلەرگە قاراپ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەش ئادىللىق بولمايدۇ. ئەگەر ئادىل بولسۇن دېسەك، ھەممە كىشىگە ئادىل بولايلى، ئادىل مۇئامىلە قىلايلى. سەئۇدىيلىقلارغا قاراپ سەلەفىيلىكنى، قادىروۋغا قاراپ سوپىلىقنى ۋەياكى باشقا بىر يەرگە قاراپ سىياسىي ئىسلامنى ياكى ئىسلامچىلىقنى مەھكۇم قىلىش توغرا بولمايدۇ. لېكىن، ئادىل بولىشىمىز كېرەك. « بىر قەۋمگە بولغان ئۆچمەلىكىڭلار ( ئۇلارغا ) ئادىل بولالماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن » ( مائىدە، 8 ). مېنىڭ بۇ نوقتىدا دېمەكچى بولغان نەرسەم شۇ، بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىمىز، دۇنيادا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ تېرورغا مايىللىق نوقتىسىدا ناھايىتى ئوچۇق ۋە تەييار ھالغا كېلىپ قالغانلىقىمىز. بۇ بىر خەتەر، بىر بالادۇر. ئەگەر سىز تېرورغا قانچىلىك مايىل بولسىڭىز، سىزنى تېرورغا كۈشكۈرتىدىغانلار چىقىدۇ. شۇڭا دەيمەنكى، بىز ھەزرىتى يۇنۇسقا ئوخشاش بىر تەۋبە قىلىشىمىز لازىم. شۇڭا، دىن تىلىنى يېڭىلاش لازىم. زېھنىيەتنى يېڭىلىشىمىز لازىم. نېمە بىلەن يېڭىلىشىمىز كېرەك؟ قۇرئان بىلەن، ۋەھىي بىلەن يېڭىلىشىمىز لازىم. باشقا ئۇسلۇبتا بۇ مۇمكىن بولمايدۇ.

كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز، ئەنئەنە دەۋر تەرەققىياتىغا ۋە يېڭىلىقلارغا ئاسانلا يېڭىلىپ قېلىۋاتىدۇ. يېڭىلىدۇ، باشقا چارىسى يوق. ئەنئەنە بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. ئەنئەنە بىلەن بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولىدىغان بولسا ئىدى، خىرىستىيانلىق بۇ ھالغا كېلىپ قالمايتتى. خىرىستىيانلىقنىڭ ئۆزى بىر ئەنئەنە. ئەنئەنە بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان بولسا، ئەنئەنىنى دىن ھالىتىگە ئايلاندۇرغان جوڭگو ۋە ياپۇنىيە بۇ ھالغا كەلمەيتتى. ياپۇنىيە ئەنئەنىنى  دىن سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان، ياپۇن دىنى ئەنئەنىدۇر. ھىندى دىنى ئەنئەنىدۇر. ئەنئەنىنى دىن سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى كىشىنىڭ ئىچىنى سىرىيدۇ. بۇ جەمىئىيەتلەرنىڭ ئۇست قۇرۇلمىسى قالمىدى. ياپۇن مەدەنىيىتى دەيدىغان بىر نەرسە قالمىدى. بىر ياپۇن دادىنىڭ ئىككى ئۆيى بولسا، ئوغلى ئۆي – ئوچاقلىق بولغاندا ئۇنىڭغا بىر ئۆيىنى ئىجارىگە بېرىدۇ. ئىجارىگە بەرگەنلەرنى ئالقىشلايدۇ. چۈنكى، كۆپىنچىسى يېنىغا يۇلاتمايدىكەن. باشقا شەكىلدىكىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، ئەقلىنىڭ ئۇچىدىنمۇ ئۆتمەيدۇ. بىر ياپۇن دادىنى قەھرىمان دەپ ئېلان قىلىپتۇ، بۇنى بىلەمسىلەر؟ ئوغلىغا ئىجارىگە بەرگەن بىر ئۆيىنىڭ ئىجارە ھەققىنى، ئوغلىنىڭ ئىسىمىغا بىر ھېساپ ئاچقۇزۇپ ئۇ ھېساپقا ياتقۇزۇپتۇ، بۇ ئىش سەۋەبىدىن ئۇنى قەھرىمان دەپ ئېلان قىلىپتۇ. شۇڭا، بۈگۈن ئەنئەنىنى ئاساس قىلغان جەمىئىيەتلەر تۈگەشتى.

ئۇنداقتا، مۇسۇلمانلار بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقىدۇ دېسىڭىز، ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمانلارنى ئۇلاردىن پەرقلىق قىلغان بىر نەرسە بار، قولىدا مەنبە بار. بۇزۇلمىغان بىر مەنبە بار. يەنى، مۇسۇلمانلار مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەنئەنىگە مۇھتاج ئەمەس. چۈنكى، قۇرئانى بار. شۇڭا، قۇرئانلىرىغا چىڭ يېپىشسا، ئاللاھ نىڭ كالامىغا، ئاللاھ نىڭ يىپىغا چىڭ ئېسىلسا ۋە ھەممە بىرلىكتە چىڭ تۇتسا، شەرتى بىرلىكتە چىڭ تۇتۇش. بىرلىكتە چىڭ تۇتۇسا نىجادلىققا ئېرىشىدۇ. رەببىم بۇ ئۈممەتكە كالامۇللاھقا ھەممە بىرلىكتە چىڭ يېپىشىدىغان لاياقەتنى نىسىپ قىلسۇن. رەببىم، بۇ ئۈممەتنىڭ ئۈستىدىن ئويۇن ئوينالماقچى بولغانلارغا پۇرسەت بەرمىگەي. رەببىم بىزلەرگە ئەقىل، پىكىر، توغرا يول ئېھسان قىلغاي! ئامىن.

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋە پەرىشتىلىرى پەيغەمبەرگە ياردەم قىلىدۇ، يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ – سىلەر ئى ئىمان ئېيتقانلار، سىلەرمۇ پەيغەمبەرگە ياردەم قىلىڭلار! وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا – ئۇنىڭغا چىن دىلىڭلاردىن بىر سالام ئەۋەتىڭلار.

ئېزىز قېرىنداشلىرىم! ئارىمىزدا ھەجگە بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بار. ھەج تۆت سىمۋول خاراكتېرلىق مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇلۇغ ئىبادەت. بىرىنچى سىمۋوللۇق مەنىسى، ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ئۆيى بولىشى. ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ئۆيىگە، ئىنسانىيەتكە يەر يۈزىدە باغرىنى ئاچقان تۇنجى جۇغراپىيىگە ۋە ئىنسانىيەتنىڭ يەر يۈزىدە تۇنجى كۆرۈلگەن ماكانغا ئېلىپ بېرىلغان بىر زىيارەتتۇر ھەج. يەنى رەببىمىزنىڭ ئىنساننى ياراتقانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان بۇلۇش سەۋەبى بىلەن ئۇنىڭغا ئېيتىلغان بىر رەھمەت ئىبادىتىدۇر. چۈنكى، قۇرئاندا بارلىق ئىنسان بۇ ئىبادەتكە دەۋەت قىلىنىدۇ. بەيتۇللاھنى ھەج قىلىش ئاللاھ نىڭ ئىنسانىيەت ئۈستىدىكى ھەققىدۇر دەيدۇ. پەقەت مۇئمىنلەرنىلا چاقىرمايدۇ. رەببىمىز، ھەزرىتى ئىبراھىمغا « ئىنسانلارنى ھەجگە چاقىر! » ( ھەج، 27 )  دەيدۇ. شۇڭا ھەج ئەمرى ئىنسانلار نەزەردە تۇتۇلغان ئاساستا بېرىلگەن. بۇ باشقا ئەمىرلەردىن پەرقلىق بولغان بىر مەنىسى.

ئىككىنجى مەنىسى، ھەجنىڭ ئىجتىمائىي تەرىپى بولۇپ، ئىجتىمائىي نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەج مۇئمىنلەرنىڭ خەلقئارالىق قۇرۇلتىيىدۇر. شۇنداقلا، يەر شارى مىقياسىدىكى ئىمان جامائىتىنىڭ، ئىسلام جامائىتىنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىش ۋاقتىدۇر. سىز ئۇ يەردە جەم بولۇپ، جامائەت شەكلىدە ۋەدىڭىزنى يېڭىلايسىز. ئۆزىڭىز تەۋە بولغان بىر جامائەتنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپتىڭىز بىلەن تەۋە بولغان بۇ چوڭ ئائىلىگە ۋە ساداقەتكە خىيانەت قىلمايدىغانلىقىڭىزغا دائىر بىر مەنىۋىي ئەھدىنى ئىمزالايسىز.

ئۈچىنچىسى، دىنى ئېتىقاد جەھەتتىكى مەنىسى. ( بەيتۇللاھ ) ئاللاھ نىڭ ئۆيىدۇر. زىيارەت قىلىندىغان سىمۋول خاراكتېرلىق بىر ئۆي. ئەسلىدە سىز ئاللاھ نىڭ ئۆيىنى زىيارەتكە ماڭغاندا، قەلبىڭىزنى زىيارەت قىلىسىز. يەنى، بەيتۇللاھ ئاللاھ ئىچىدە ئولتۇرىدىغان ئۆي ئەمەس. لېكىن، رەببىمىز بىلەن ئەھدە تۈزۈش ئۈچۈن بەدەن بىلەن قول قويۇشقا بارىسىز. شۇڭا، ھەج مەۋجۇدلىقىڭىز نامىدىن بەدىنىڭىز بىلەن قويغان ئىمزايىڭىزدۇر. مانا بۇ تاۋاپ.

تۆتىنجىسى، ئالەمگە مۇناسىۋەتلىك مەنىسى. بۇ نوقتىدىن ئەي ئىنسان سەنمۇ ئاڭلىق ۋە ئىدراك قىلغان ھالدا كائىنات سىمفونىيسىگە قوشۇل دېيىلمەكتە. ئاتوملار تاۋاپ قىلىدۇ. ئاي ھاجى دۇنيانى تاۋاپ قىلىدۇ. قان ھاجى قەلبنى تاۋاپ قىلىدۇ. يەر شارى ھاجى قوياشنى تاۋاپ قىلىدۇ. قوياش ھاجى سامان يولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىنى تاۋاپ قىلىدۇ، 250 مىليۇن يىلدا بىر ئايلىنىدۇ. ۋە بىر تەۋە بولغان سىستېما بىزگە نامەلۇم بولغان بىر مەركەزنى تاۋاپ قىلىدۇ. كىم بىلىدۇ بۇ كائىنات قەيەرنى تاۋاپ قىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، بۇ كائىناتتا تاۋاپ قىلمايدىغان ھېچقانداق بىر نەرسە يوق. شۇڭا، ئەقىللىق ۋە ئىرادىلىك مەۋجۇدىيەت بولغان ئى ئىنسان، سەن نېمىنى تاۋاپ قىلىۋاتىسەن؟ سەنمۇ بۇ ئىلاھ سىمفونىيگە قوشۇلغىن ۋە بىللە تاۋاپ قىل، بۇ ئىلاھىي ئوركىستىرادا بۇزۇق ئاۋاز چىقارما، دەيدۇ.

رەببىمىز مۇبارەك قىلسۇن، قوبۇل قىلسۇن، ياخشى نىيەتلەرنىڭ ھەججى بولسۇن ئاللاھ خالىسا.

دۇئا تەلىپى بار. قېرىندىشىمىز جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئىكەن، سىلەردىن دۇئا تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، رەببىم شىپا بەرگەي، سەۋەپلەر قىلسۇن، بەندەنلەرنىڭ كېسەللىكى روھلارنىڭ شىپاسىدۇر.

« ئاللاھ قا دەۋەت » ( فۇسسىلەت 33 )، بۇ ئايەت شۇنداق مۇبارەككى بىر ئايەت بولۇپ، كەچ بولغىچە ئوقۇسا قانمايدۇ ئىنسان. چۈنكى، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق دەردلىرىنى بىر ئايەت بىلەن ئىخچاملا دېسە، بۇ ئايەت بولىشى مۇمكىن. چۈنكى، دەردىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئاللاھ تىن غەيرىگە دەۋەت قىلىش ياتماقتا. بەزىلەر جامائىتىگە دەۋەت قىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر تەرىقىتىگە دەۋەت قىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر مەزھىبىگە دەۋەت قىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر ئېرقغا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر مەكتىۋىگە دەۋەت قىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر كەسپىگە دەۋەت قىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر چۈشەنچىسىگە – ئىدىئولوگىيسىگە دەۋەت قىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر پارتىيسىگە دەۋەت قىلىۋاتىدۇ. لېكىن، رەببىمىز « ئاللاھ قا دەۋەت قىل » دەۋاتىدۇ.  بۇ دەۋەتنىڭ خىتاپ قىلىنغۇچىسى ئىنسان، لېكىن، ئىنسان مەنزىل بولالمايدۇ. ئىنسانغا دەۋەت قىلالمايسىز. ئىنسان دەۋەت قىلىنىدۇ، ئەمما ئىنسانغا چاقىرالمايدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئۆلۈملىكتۇر، ئىنسان ئەبەدىي بولغۇچىغا دەۋەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ قا دەۋەت قىلىنىدۇ. شۇڭا « ئاللاھ قا دەۋەت قىلغان كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك كىشى بارمۇ؟ » ( فۇسسىلەت، 33 ) دەيدۇ قۇرئان. قۇرئان ۋە سالىھ ئەمەل قىلغان، سالىھ ئەمەل ئىسلاھ قىلغۇچى ئەمەل، سۈلھىگە ( تىنچلىققا )، خاتىرجەملىككە، ھوزۇرغا پايدىسى بولغان ئەمەلدۇر. مانا قاراڭ، باياتىندىن بىرى قىلغان خۇتبىمىزنىڭ بارلىق تېمىسىنى بۇ ئايەت خۇلاسىلىدى. سالىھ ئەمەل، ھەسەنات بىلەن سالىھات ئارىسىدىكى پەرقنى ھەر دائىم تەكرارلايمەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ھەسەنات كىشىنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان ئەمەللىرىنىڭ، ياخشىلىقلىرىنى؛ سالىھات بولسا ئۈچىنچى شەخسلەرگە قارىتىلغان ياخشىلىقنى كۆپىيىشىنى كۆرسىتىدۇ. بىرسى قىسىر ياخشىلىق، يەنە بىرسى تۇغۇمچان ياخشىلىق. بىرسى پاسسىپ ياخشىلىق، يەنە بىرى ئاكتىپ ياخشىلىق.

« مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن، دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟ » ( فۇسسىلەت، 33 )، « مۇسۇلمانلاردىنمەن » يەتمەيدۇ كىشىلەرگە ھازىر. بىرى چوقۇم مەن شىئەلەردىن، يەنە بىرسى مەن سۈننىلەردىن، يەنە بىرسى مەن شۇ تەرىقەتتىن، يەنە بىرسى مەن پالانى پارتىيدىن، يەنە بىرسى مەن پالانچى جامائەتتىن دەيدۇ. بىزگە مۇسۇلمان بولۇش كۇپايە قىلمامدۇ؟ « مۇسۇلمان » ئىسمى ئاللاھ بىز ئۈچۈن يېتەرلىك كۆرگەن ئىسىم، ئەلھەمدۇلىللاھ دېيىش كېرەك ئەمەسمۇ؟ يا رەببى، سەن بىزگە بۇنى ياقتۇرۇپسەن، بېشىمىنىڭ ئۈستىدە يېرى بار دېيىش كېرەك ئەمەسمۇ؟ سەن ئۆزەڭنى نېمە دەپ تونۇشتۇرىسەن؟ سەن كىم؟ مۇسۇلمانمۇ؟ شۇنداق، بۇنى دېيىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، ئەگەر مۇسۇلمانلار بۇ ئايەتكە ئەمەل قىلغان بولسا، نۇرغۇن مەسىلىلەر يىلتىزىدىن قۇرۇپ ھەل بولاتتى. سەداقۇللاھۇل ئەزىم.

مۇستاپا ئىسلامئوغلى