سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەسەرلىرىمىز » « بىز كىم؟ » – جۈمە خۇتبىسى ( مۇستافا ئىسلامئوغلى MP3 )

« بىز كىم؟ » – جۈمە خۇتبىسى ( مۇستافا ئىسلامئوغلى MP3 )

biz kimiz

« ئىچىڭلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلغان يەنى ياخشىلىققا چاقىرغان، توغرا يولغا چاقىرغان بىر جامائەت بولسۇن، دائىم بولسۇن »


بۇ بىر بۇيرىق، ئىلاھىي بۇيرۇق. چوقۇم بولسۇن دېگەن بولسا، بۇ يەردە بىر پەرز كۇپايە بار، ئەگەر ھېچ بولمىغان بولسا، بۇ ھەر مۇسۇلمانغا گەدىنىگە پەرز ئەين بولىدۇ، ھەممەيلەن گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىمىز. ئەگەر مەلۇم كىشىلەر « بولسۇن » بۇيرىقىغا ئەمەل قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭ بوينىدىن بۇ پەرز ساقىت بولىدۇ. مەئرۇفقا بۇيرىغان ئىنسانىيەت ئورتاق قوبۇل كۆرگەن ياخشىلىق، گۈزەللىكلىرىگە تەرغىپ قىلغۇچى، ئۇنىڭغا دەۋەت قىلغۇچى ۋە « ئىنسانىيەت ئورتاق قوبۇل قىلغان خاتالىقلار »دىن نەھىي قىلغان، يىراق تۇرغان ۋە يىراق تۇرۇشقا سەۋەپ بولغان بىر جامائەت بولسۇن.

نىجاتلىققا ئېرىشكەنلەر كىملەر بىلەمسىلەر؟ مانا بۇلار نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر، سائادەتكە ئېرىشكۈچىلەر بۇلار.

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن…

« بىز كىم؟ » خۇتبىسىنى چۈشۈرۈش:  ۋورد نۇسقىسى biz kim  ئېلكىتاپ نۇسقىسى biz kim

« مانا بىز سىلەرنى خەيرىلىك ئۈممەت قىلدۇق، ئوتتۇرا يولنى تۇتۇپ ماڭىدىغان، ئوتتۇرا يولنى تۇتۇپ ماڭغۇچى بىر ئۈممەت قىلدۇق. سىلەرنى ئىنسانىيەتكە شاھىت بولسۇن، ئۆرنەك بولسۇن، ئۆلگە بولسۇن، دېدۇق. قانداق بولىمىز دېسەڭلار، پەيغەمبەر سىلەرگە ئۆرنەك بولغاندەك، ئۆلگە بولغاندەك سىلەرمۇ ئىنسانىيەتكە شاھىت، شېھىت بولغايسىلەر. مانا بۇ شېھىت بولۇشتۇر. قۇرئانغا كۆرە شېھىت بولۇش، ئۆلگە بولۇشتۇر. يا رەببىم بۇ مېنى ئىمانىغا شاھىت قىلدى، دېيىش شېھىت بولۇشتۇر. مەن بۇنىڭ ئىمانىغا شاھىت بولىمەن، دېگۈزگەن شېھىتتۇر ».

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن…

 

« ئى ئىمان ئېيتقانلار، ئىماننى داۋا قىلغانلار! ئەگەر بۇنى ئىسپاتلىماقچى بولساڭلار سەبىر قىلىڭلار، بەرداشلىق بېرىڭلارئۈمىدۋار بولۇڭلار ، بىر بىرىڭلارغا يېقىن بولۇڭلار، ئۇپۇقۇڭلار كەڭ بولسۇن ۋە بۇلارنى بىر – بىرىڭلارغا تەۋسىيە قىلىڭلار، ئەسلىتىڭلار، تەڭ بەھرىمان بولۇڭلار، ھەقتە چىڭ تۇرۇشتا بىر گەۋدە بولۇڭلار ۋە ئىستىھكامنى ھەرگىز تاشلاپ كېتىپ قالماڭلار. ھەر دائىم ھۇشيار تۇرۇڭلار. سىلەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىغا ئوخشايسىلەر. ئەگەر سىلەر ئۇخلاپ قالساڭلار، سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن بېشىغا مۇسىبەت يەتكەن كىشىلەر ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ. ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئۇنۇتماڭلار. مانا بۇ ۋاقىتتا نىجاتلىقتىن ئۈمىد كۈتسەڭلار بولىدۇ. پەقەت مانا مۇشۇنداق ھالەتتە بولغان ۋاقتىڭلاردا نىجاتلىقتىن ئۈمىد كۈتۈڭلار ».

 

ئېزىز قېرىنداشلىرىم!

بۈگۈن جۈمە، جۈمە كۈنىڭىز مۇبارەك بولسۇن. بۈگۈنىمىز، تۈنۈگۈنىمىز ۋە بىزگە نامەلۇم بولغان ئاقىۋىتىمىز مۇبارەك بولسۇن. رەببىم بىزنى بۇ ماكاندا جەم قىلغاندەك، جەننەتتىمۇ جەم قىلغاي، ئىنشاللاھ. ( خانىم – قىز قېرىنداشلىرىم يەردە ئولتۇرغان بولساڭلار ).

 

بىز كىم؟

 

بىز داۋاسى ۋە غايىسى بولغان، تولغىقى ۋە ئاغرىقى بولغانلارمىز.  داۋامىز قۇرئاننىڭ داۋاسى، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغ قىلىش داۋاسىدۇر. غايىمىز ۋەھىي بىلەن ھاياتنى بەرپا قىلىش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھاياتىمىزنى ۋەھىي بىلەن بەرپا قىلىشتۇر. ۋەھىي بىلەن بەرپا قىلىنغان بىر ئىنسانىيەت ئۇستازى بولۇش بىزنىڭ غايىمىزدۇر. بىز ھاياتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ھاياتنىڭ مەركىزىگە ۋەھىينى قويغانلاردىنمىز. ۋەھىينىڭ ئەتراپىدا تالىپ بولغان، ۋەھىينىڭ ئۇستازلىقىغا شەرتسىز بويۇن ئەگكەنلەردىن ۋە ھەر ئىشىمىزدا پالانچى – پوكۇنچى نېمە دەپ قالار دېمەستىن، ھەممىدىن بۇرۇن ئاللاھ نېمە دەيدۇ دەپ سورىغانلاردىنمىز. بىز بىر مەكتەپ، بىز بىر بەندە، بىر ئېقىم.  بىزنىڭ مېتودىمىز، بىر تىلىمىز، بىر ۋەزىپىمىز، بىر نىشانىمىز بار ۋە بىز ئوتتۇرا يول مەكتىپىمىز. ھەر تەرەپتە بىر تەرەپلىمىلىك ھۆكۈم سۈرگەن بۇ دۇنيادا، ئىنسانلارنى ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئوتتۇرا يولغا چاقىرغۇچىلاردىنمىز. خىرىستىيانلارغا ئوخشاش پەيغەمبەرلىرىنى ئىلاھلاشتۇرۇش ئازغۇنلىقىغا ۋەياكى يەھۇدىيلارغا ئوخشاش پەيغەمبەرلىرىنى چالما – كېسەك قىلىشتەك ئاشقۇنلۇقتىن، پەيغەمبىرىنى بىر بەندە ۋە رەسۇل ( ئەلچى ) دەپ بىلگەن ئوتتۇرا يولغا چاقىرغۇچىلاردىنمىز. بىز پەقەت ئاشق دېگەنلەر ياكى غەرب ئەللىرىگە ئوخشاش پەقەت ئەقىل دەپلا تۇرۋالغانلاردىن ئەمەس، ئەكسىچە ئاشق ۋە ئەقىلنى ئوتتۇرا يولغا چاقىرغۇچىلاردىنمىز. بىز پەقەت ھەرىكەتسىزلىك دېگەن شەرق ياكى پەقەت ھەرىكەت دەپلا تۇرىۋالغان غەرب ئەمەس، ئۆزىنى تۇتىۋېلىش بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى بىر ۋۇجۇتتا جەم قىلغانلاردىنمىز. بىز يوقسۇللۇقنى تەرغىپ قىلىپ، كەمبەغەللىك سائادەتتۇر دېگەن شەرق ياكى پەقەت بايلىق، باي بولۇش دېگەن غەرب ئەمەس، بەلكى يوقسۇللۇق بىلەن بايلىقنى بىر كۆزدە ئۇچراشتۇرۇپ، ھەسەل ھاسىل قىلغانلاردىنمىز.  بىز پەقەت قەلىپ ياكى پەقەت ئەقىل دەپ تۇرۋالغانلاردىن ئەمەسمىز. بىز ياراق قۇربانلىرى، تەسبىھ قۇربانلىرى باش كۆتۈرگەن بىر دۇنيادا ئوتتۇرا يولغا چاقىرغانلاردىنمىز. قۇربان بولماڭلار دېگۈچىلەرمىز. ئەگەر قۇربان بولماقچى بولساڭلار، پەقەت ئاللاھقا قۇربان بولۇڭلار دېگەنلەردىنمىز.

بىزنىڭ بىر نىشانىمىز بار ئىدى. ھاياتنى ۋەھىي بىلەن قايتىدىن بەرپا قىلىش. بۇنىڭ ئۈچۈن ھايات ساھەلىرى قايتىدىن بەرپا قىلىنىشى لازىم ئىدى. بىز بۇ ساھەلەرنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئەقىل، ئاندىن ۋىجدان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىرادە بەرپا قىلىنىشى كېرەك دېگۈچىلەردىنمىز. ئەقىل، ۋىجدان، ئىرادە بەرپا قىلىنماي تۇرۇپ، ئىنساننى بەرپا قىلغىلى بولمايدىغانلىقىغا ئىشەنگۈچىلەردىنمىز ۋە بۇنىڭ ئالدىدىكى تارىخى، مەدەنىيەت، ئەنئەنە، زامانىۋىيلىق… ھەر تۈرلۈك توساقلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بېرىچە تىرىشقانلاردىنمىز.

بىز ئىسلام بىناسىغا ئاللاھ ئاچقان ئىشىكتىن كىرگۈچىلەرمىز. ئۇ ئىشىك ۋەھىي ئىشكىدۇر. ئاللاھ رەسۇلى، ساھابە ئىكرام ئۇ ئىشىكتىن كىرگەنىدى ئىسلام بىناسىغا. ساھابىنى قاراقچىدىن ئەۋلىياغا ئۆزگەرتكەن نېمە ئىدى؟ دەپ سوراپ بېقىڭ. بۇنىڭ سىرىنى سوراڭ، ئۇ يەردە قۇرئاننى كۆرىسىز. تارىختا ئىسلام بىناسىغا باشقا ئوغرى ئىشىكلار ئېچىلىدى. بىر فېقىھ ئىشكى ئېچىلدى، تەيبىن ئەسىرى بولغان ھىجرى ئىككىنجى ئەسىردە. يەنە بىر كالام ئىشكى ئېچىلغان ئوخشاش دەۋردە.  بىر ھەدىس ئىشكى ئېچىلىغان يەنە ھىجرى ئىككىنجى ئەسىردە. ھەتتا ئاستىدىن لەخمە كۆلاپ بىر تەسەۋۋۇپ ئىشكى ئېچىلىغان ئىسلام بىناسىغا. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئېچىلغان بىر ئىشىك بۇ بىنانى ئاجىزلاشتۇرغان، ئۇلىنى بوشىتىپ، لېڭشىتىپ قويغان. ئاللاھ ئېچىپ بەرگەن ئىشىككە رازى بولمىغانلار، ئۆزلىرىگە خاس باشقا ئىشىكلەر ئېچىشقا ئۇرۇنغان. ھەتتا بەزىلىرى ھەددىدىن ئېشىپ، ئۆزى ئاچقان ئىشىكلەرگە باشلاش ئۈچۈن ئاللاھ ئاچقان ئىشىكنى ئەتمەكچى بولغان. ھېچكىمنىڭ ۋەھىي ئىشكىدىن كىرىشىنى خالىمىغان. شۇڭا ئاللاھنىڭ كىتابىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ دېگەن. قۇرئان ئۆزىنى « مۇبىين » دەۋاتسا، ئۇلار قۇرئاننى « لا مۇبىين » دېگەن ۋە بۇ جىنايەتنى سادىر قىلالىغانىدى.

بىز ئىسلام بىناسىغا ئاللاھ ئاچقان « ۋەھىي ئىشكى »دىن كىرىڭلار دەپ چاقىرغانلاردىنمىز. ئۇ ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىن تاللىسۇن، ئۆزىگە ماس بىر ھۇجرا تاپسۇن، بىر جايىدا ئولتۇرسۇن. ئۇ بىنانىڭ ئىچىدە فېقھ ھۇجرىسى، كالام ھۇجرىسى، ھەدىس ھۇجرىسى، تەسەۋۋۇپ ھۇجرىسى، پەلسەپە ھۇجرىسى… بار. ھەممىسى بار. ئۇ بىنانىڭ ئىچىدە ھەر ھۇجرا بار. شۇڭا بۇ بىنانىڭ ئىچىگە ئاللاھ ئېچىپ بەرگەن ئىشىكتىن كىرسۇن، ئۆزىنى يېڭىلىسۇن، ئىلاھى يېڭىلىنىشتىن ئۆتسۇن، زېھنى، ئەقىل، ئىرادىسى. ئىھتىياجىغا كۆرە، مىزاجى قايسى ھۇجرىنى خالىسا، شۇ تەرەپكە بارسۇن. بىز بۇنى ياقىلىغۇچىلاردىنمىز.

 

 

بىز تەقلىد ئەمەس، تەتقىق ئەھلىدىنمىز.تەقلىد بويۇنتۇرۇقتۇر. گلادە سۆزىدىن كېلىدۇ. گلادە بويۇنتۇرۇقتۇر. بىز بوينىمىزغا بويۇنتۇرۇقنى تاقاپ ئۇنى مارجان دەپ كۆرسەتمىگەنلەردىنمىز. بىز قولىمىزغا كىشەن سېلىپ ئۇنى بىلەيزۈك دەپ كۆرسەتمىگەنلەردىنمىز. بىز پۇتىغا كىشەن سېلىپ، ئۇنى « قارا، ھىلەھىلەم ( پۇتقا سېلىنغان  ھالقا ) چىرايلىق يارىشىپتىمۇ » دەپ كىشىلەرنى ئالدىمىغانلاردىنمىز. بىز تەقلىدنى پەقەت زۆرۈر بولغاندا ۋاقىتلىق پايدىلىنىدىغان ئۇنسۇر دەپ قارايمىز ۋە تەتقىق ئەھلى ئىكەنلىكىمىزنى بايان قىلىمىز. شۇڭا بىز « نېمە ئۈچۈن » نى « قانداق »نىڭ ئالدىغا ئالغانلاردىنمىز. ئالدى بىلەن « نېمە ئۈچۈن » دەپ سورايمىز. چۈنكى، ئىللىتىنى، ھېكمىتىنى، سەۋەبىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز. بىزگەبىرسى بىر نەرسە دېگەن بولسا ياكى بىزنى بىر ئىشقا دەۋەت قىلغان بولسا، ئالدى بىلەن « نېمە سەۋەپتىن » دەپ سورايمىز، ئاندىن « قانداق »  سۇئالىنى سورايمىز. سەۋەبىگە قايىل بولساق، « قانداق »لىقىنى ئىزدەپ تاپىمىز ۋە شۇ بويىچە قىلىمىز ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن.

بىز تەجدىد ( يېڭىلىغۇچى ) ئەھلىمىز.  بىلىمىز ۋە ئىمان ئېيتىمىزكى، ئاللاھ بىزگە نېمىتىنى تاماملىغان ۋە دىنىمىزنى پۈتۈن قىلىپ بەرگەن.

بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، نېمىتىمنى تاماملىدىم ( مائىدە، 3 – ئايەت ).

بىر نەرسىنىڭ تاماملىنىشى، جەۋھەرنىڭ ۋە ساھەنىڭ پۈتۈپ، جەرياننىڭ ئاخىرىلىشىشى بولۇپ، بىر نەرسىنىڭ پۈتۈن بولىشى، ئۇنىڭ پۈتۈن قىلىنمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. نېمەت پۈتۈنلەنمىگەن پەقەت تاماملانغان. جەۋھەر تاماملانغان، ئەمما ساھە تېخى تولۇق تەييار بولمىغان. نېمە ئۈچۈن ئاللاھ دىننى پۈتۈن قىلىغاندا، نېمەتنى پۈتۈن قىلمىغان؟ دىننىڭ ئۈستىگە بۇ « دىن » دەپ ئويدۇرۇپ بىر نەرسىلەرنى قوشۇپ قويمىسۇن دەپ پۈتۈن قىلغان. لېكىن، يەنە بىر تەرەپتىن نېمەتنىڭ پۈتۈنلىشىشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئەقلىڭنى ئىشلىتەلمەيسەن ۋە ئەقلىڭنى بۇ ئىشقا ئارىلاشتۇرالمايسەن، ئىجتىھاد ئىشكى تاقالغان، بولدى قىل، نېمە ئۈچۈن؟ نېمىشقا دەپ سورىيالمايسەن دېگەنلەرگە:

– ياق، نېمەت تاماملانغان، پۈتۈن قىلىنمىغان. قىيامەتكىچە كېلىدىغان مۆئمىنلەر پۈتۈن قىلىدۇ، دېيىش ئۈچۈن بۇ ئايەت نازىل بولغان.  بىز مانا بۇنى دېگۈچىلەردىنمىز. شۇڭا يېڭىلىنىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈچىلەردىنمىز. ئاللاھ رەسۇلى ئېيتقاندەك:

« ھەر ئەسىردە ئاللاھ بىر مۇتەھىد ئەۋەتىدۇ » دېگەن ھەدىسىدىكىدەك، ھەر ئەسىردە ساپلىقىنى يوقاتقان ۋە بۇزۇلغان بىر نەرسىلەر بولغاچقا ۋە بولىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئاللاھ ھەر ئەسىردە بىر ئىسلاھ قىلغۇچى ئەۋەتىدۇ.

بىرنەرسىنىڭ ئەۋەتىلىشى ئۈچۈن، ئۇ نەرسىگە ئىھتىياج بولىشى كېرەك. ئىسلاھ قىلغۇچىغا ئىھتىياجلىق بولۇش ئۈچۈن بىر نەرسە كونىرىشى ياكى بۇزۇلىشى لازىم. شۇڭا تەجدد ئەھلىدىنمىز. يېڭىلىنىشى، ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك بولغان نەرسىلەرنىڭ يېڭىلىنىشى ئۈچۈن بېشىمىز يېرىلىشقا توغرا كەلسە، يارغۇزىمىز. بەزىلەر تاش ئېتىپ قاچۇرىمىز دەپ ئويلاپ قالغان بولسا، خاتالىشىپ قاپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرى قاچقانلىقتىن باشقىلارنىمۇ شۇنداق دەپ ئويلايدۇ. بىز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشنى ئاللاھ بەرگەن ۋەزىپە دەپ قارايمىز. چۈنكى ھاياتنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى ئۆزگۈرۈشتۇر. چۈنكى ئاللاھ « خەللاق » تۇر، ئۈزلۈكسىز يارىتىپ تۇرىدۇ.

خەلقى جەدىد  – ھەر يېڭى ۋاقىت يېڭى يارىتىلغاندۇر ۋە ئىككى يارىتىلىش ئارىسىدىكى پەرق پايدىمىزغا بولسۇن دېسەك، ئاللاھ نىڭ يېڭى يارىتىشى ئۈچۈن بىز رەببىمىزگە سەۋەب ئەۋەتىمىز. بىز تاللىشىمىزنى سىستېمىنىڭ ئىچىدە يازىمىز. ئاللاھمۇ يېڭى يارىتىشىنى يازغان تاللىشىمىزغا كۆرە يارىتىدۇ. بىز تاللايمىز، رەببىمىز ئىختىيارىمىزنى تاللايدۇ. بىز ئۈچۈن ئىختىيارىمىزنى تاللىغاندا، ئۇ بىزگە قەدەر بولىدۇ. لېكىن بىز تاللايمىز. شۇڭا « ئۇلار ھىدايەتنى تاللىدى، ئاللاھمۇ ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى كۈچەيتتى ».

تاللايمىز، تاللىشىمىزنى تەقدىرىمىز قىلىدۇ. شۇڭا ئىشىنىمىزكى، قۇرئاننىڭ بۇ ھۆكمى، بىز ئۈچۈن ۋاز كېچىلمەس بىر ئېتىقاتتۇر « بىز ھەر ئىنساننىڭ تەقدىرىنى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىدۇق ». بىز بۇ ئايەتكە ئىمان ئېيتىمىز، ئىنكار قىلمايمىز.

بىز ئەجدادلىرىغا سادىق بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئوچاقلىرىدىن كۈلنى ئەمەس، چوغنى ئالىمىز. ئەجدادىغا سادىق بولىمەن دەپ چوغنى ئەمەس، كۈلنى ئېلىپ كەلگەنلەرگە:

– نېمە ئۈچۈن بۈگۈنگە كۈلنى ئېلىپ كەلدىڭلار؟ بۈگۈن كۈل يوق بولۇپ قېلىپ، ئۆتمۈشتىن كۈل ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟ – دەپ سورىغاندا: « ئەجدادىمىزنىڭ تۇتقان يولى بۇ» دېگۈچىلەرگە:

– ئەجدادىڭىزنىڭ … دەيمىز.

چۈنكى بۇ ئەجدادلارغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر. سەن بېرىپ ئالىدىغان باشقا نەرسە تاپالماي كۈل تاپتىڭمۇ؟ كۈل دېگەن ھامىنى كۈل، ھەر قانچە ئەجدادلىرىڭنىڭ ئىزىدىن تاپقان بولساڭمۇ. قۇرئان شۇنداق دەۋاتىدۇ.

ناۋادا ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىر نەرسە بىلمىگەن ۋە ھىدايەت ئۈستىدە بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭامدۇ؟

ئاتا – بوۋىلىرى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىەەن ۋە توغرا يولدا بولمىغان تۇرسا، يەنە ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟ ( بەقەرە، 170 – ئايەت ).

شۇڭا بىز ئاتا – بوۋىلارنىڭ ئوچاقلىرىدىن كۆلنى ئەمەس، چوغنى ئالغۇچىلارمىز.

بىز دىن تىلى چوقۇم ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك دېگۈچىلەردىنمىز. دىن كونىرىمايدۇ، ئەمما تىل كونىرايدۇ. چۈنكى تىل ئىنسان مەھسۇلاتىدۇر. تىل بىر ئىنساننىڭ ھەقىقەتتىن بىلگەنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ۋاستە. ۋاستە مۇقەددەس دەپ قارالغان ۋاقىتتا، مەقسەت ۋاستە بولىدۇ. ۋاستە مەقسەتكە ئايلىنىپ قالغان ۋاقىتتا، مەقسەت ۋاستە بولۇپ قالىدۇ.  مانا بۇ جىنايەتتۇر. تىل بىر ۋاستىدۇر.  تىلنىڭ دىننىڭ ئورنىغا قويۇلىشى، ۋاستىنىڭ مەقسەتكە ئايلاندۇرۇلغان ھالىتىدۇر. دىن تىلى زامانغا مۇناسىپ ھالدا يېڭىلىنىدۇ. شۇڭا رەببىمىز بىر پەيغەمبەر بىلەنلا كۇپاينلىنىپ قالماستىن، مىڭلىغان پەيغەمبەر؛ بىر كىتاپنىڭ ئورنىغا يۈزلىگەن كىتاپ ئەۋەتكەن. شۇڭا بۇ دەۋرنىڭ تىلى بۇ دەۋرگە ماس بولىشى كېرەك. دىن تىلى شۇنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەككى، بوۋىلارنى قايىل قىلغان تىل، نەۋرىلەرنى قايىل قىلالمايدۇ. بوۋىلارنى قايىل قىلغان سۆز، نەۋرىلەرنى قايىل قىلالمايدۇ.

دىن تىلىنى ئىسلاھ قىلايلى تەكلىپىنى، « قارا، دىنىمىزنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ » دەپ ئۆزگەرتىپ، ئەخلاقسىزلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش، ۋاستە بىلەن مۇددانى قەستەن ئارىلاشتۇرۋېتىش ئارقىلىق دىنغا قىلغان ئەڭ چوڭ زۇلۇمدۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن دەۋر ئىھتىياجىنى قامدىيالمىغان دىن تىلىنى، « دىن كونىرىدى » دەپ دىندىن يىراق تۇرغانلارنىڭ ۋابالى تىلنى دىن دەپ بىلىپ قالغان بۇ جاھىل دىندارلارنىڭ گەنىدە بولىدۇ.

بىز « نېمە ئۈچۈن » نى « قانداق» نىڭ ئالدىغا ئالغۇچىلارمىز. بىز قۇرئاننى مۇسھاف ( قۇرئان تېكىستى )نىڭ ئالدىغا ئالغۇچىلارمىز. مەنانى لەۋىزنىڭ ئالدىغان، تەرتىل ( چۈشۈنۈپ ئوقۇش )نى تەجۋىدنىڭ ئالدىغا قويغۇچىلارمىز. قۇرئان بىزدىن مۇشۇنداق قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ئەرشتىن چۈشكەن، يەردە پەيدا بولغاندىن ئۈستۈندۇر. ئەرشتىن چۈشكەن قۇرئان، يەردە پەيدا بولغان مۇسھاف سەھىپىلىرىدۇر. ئاسماندىن چۈشكەن مەنا، يەر ئەھلىنىڭ تىلى لەۋىزدۇر. ئەرشتىن نازىل بولغان تەرتىل، يەر ئەھلى پەيدا قىلغان زىننەت تەجۋىدۇر.  شۇڭا ھەر نەرسىنىڭ ھەققىنى بېرىپ، ھەر نەرسىنى ئۆز جايىغا قويۇشنى ئارزۇ قىلغۇچىلاردىنمىز. بىز ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۈستىگە ھېچقانداق بىر كىتابنى قويمىغۇچىلاردىنمىز. بىز قۇرئاننىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولىشنى، قۇرئاننىڭ ھاپىزى بولۇشنىڭ ئالدىدا تۇتقۇچىلاردىنمىز. ئەگەر قۇرئاننىڭ مۇھاپىزى بولمىساق، ئوپتىك دىسكىت ( س د )لەرنىڭ ھەممىدىن بەكرەك خاتاسىز، كەمتۈكسىز ھالدا قۇرئاننىڭ ھاپىزى بولالايدىغانلىقىنى بىلىدىغانلاردىنمىز.

 

بىز بىرلىكنى پەرز، تەپرىقىنى ھارام دەيدىغانلاردىنمىز. چۈنكى، ئاللاھ مۇشۇنداق ئېلان قىلغان. تەپرىقىچىلىقنى نەھىي قىلغۇچى قۇرئاندۇر. ۋەھدەتكە چاقىرغۇچىمۇ ئاللاھتۇر، كىتابى كەرىمىمىزدۇر. شۇڭا بۆلۈنۈشتىن يىراق تۇردۇق. بۆلۈنۈشنى، تەپرىقىنى ئۈچ تالاق قىلدۇق. شۇڭا كىمكى ئايرىيدىكەن، بىزدىن ئەمەستۇر. كىمكى بىرلەشتۈرىدىكەن، بىز ئۇلاردىن ئۇلاردىنمىز. مەيلى ئىسمىنى، سانىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولايلى. ئۇ بىزنىڭ جېىنىمىز، جىگەرىمىز، قېرىندىشىمىزدۇر، قولىنى، پۇتىنى سۆيىمىز. لېكىن، كىمكى بىزنى بۆلۈپ، تەپرىقىغە چۈشۈرسە، ئۇ بىزنىڭ گادامىزى ئالسۇن. بىرلەشتۈرگۈچىنىڭ گاداسىنى بىز ئالايلى، ئايرىغۇچىمۇ بىزنىڭ گادامىزنى ئالسۇن.

 

بىز ئەخلاقنى ئەقىدىنىڭ ئۇلى قىلغۇچىلارمىز. ئەخلاق بولمىسا ئەقىدىمۇ يوق دېگۈچىلەردىنمىز. ۋىجدان يوقنىڭ ئىمانى يوق دېگۈچىلەرمىز. شۇڭا قۇرئاننىڭ ئەخلاق پرىنسىپلىرىنى نېمە ئۈچۈن ئىبادەتنىڭ ئالدىغا ئالغانلىقىنى ياخشى بىلگۈچىلەرمىز، ئەلھەمدۇلىللاھ. بۇ مەنىدە ئەخلاق، تۆت قەۋەتلىك دىن بىناسىنىڭ ئۇلى دېگۈچىلەرمىز. بىز « ھۇدەللىل مۇتتەقىين » نى « تەقۋان لىل مۇھتەدىن » دەپ چۈشەنمىگەنلەردىنمىز. يەنى، بۇ كىتاپ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ھەرىكەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن بىر ھىدايەتتۇر دەپ چۈشىنىمىز. ئەمما، ھىدايەتكە ئېرىشكەنلەر تەقۋادۇر دەپ چۈشەنمەيمىز. يەنى مەسئۇلىيەت ئەخلاقىنى، ھىدايەتنىڭ ئاستىغا، ئۇلىغا، قۇرئان قويغان جايغا قويغۇچىلارمىز. مەسئۇلىيەتسىز كىشى ھىدايەتكە ئېرىشسە قانداق بولىدۇ؟ ھىدايەتكە ئېرىشكەن بولسا، مەسئۇلىيەتچان بولىدۇ. شۇڭا بىز قۇرئان نەزەر سال دېگەن، ئاللاھ قارىغىن دېگەن نوقتىدىن قاراپ، ئاللاھ كۆرسەتكەننى كۆرۈش ئۈچۈن بارلىقى بىلەن تىرىشقۇچىلاردىنمىز. بىز تەقۋا مەسئۇلىيەت ئەخلاقىدۇر دېگۈچىلەردىنمىز ۋە تەقۋانى مەسئۇلىيەت دەپ چۈشىنىمىز. مەسئۇلىيەتسىزلەر مۇتتەقى بولالمايدۇ دېگۈچىلەردىنمىز، مۇشۇنداق چۈشىنىمىز. شۇڭا مەسئۇلىيەت بىزنى تىترىتىدۇ. شۇڭا ئامانەت بىزنى تىترىتىدۇ. ئەقىل ئىگىسى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن تىترەيمىز. ۋىجدان ئىگىسى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن تىترەيمىز. ئىرادە ئىگىسى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن تىترەيمىز.

 

بىز مەزھىبى، مەشرىپى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرغۇچىلاردىن ئەمەس. سىلەر كىم؟ دېسە، مەزھىبىنى دېمىگەنلەردىنمىز. ئۇ سىلەرنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىدى دېگەن ئاللاھ بەرگەن ئىسىمگە لەببەيكى ۋە ساغدەيك دەپ بويۇن ئەگگۈچىلەردىنمىز.

بىز پاسسىپ ئەمەس، ئاكتىپ ياخشىلارىدىن بولۇشنى غايە قىلغۇچىلارىدىنمىز. شۇڭا ھەر ساھەدە قانداق قىلسام ئاكتىپ ياخشىلارىدىن بولىمەن دەپ ئىزتىراپ چىكىۋاتقانلاردىنمىز. بىز ئۈمىت كارۋانى. بىراۋنىڭ ئۈمىدىنى ئۈزۈشىگە يول قويمىغىنىمىزدەك، بىراۋنىڭ ئۈمىدىمىزنى يوققا چىقىرىشىغا يول قويمىغۇچىلاردىنمىز.

 

بىز قەلب دۆلىتى دېگۈچىلەردىنمىز.  زېمىندىكى بارلىق دۆلەتلەرنى سىلەرگە بەردۇق دەپ خوش خەۋەر ئېلىپ كەلسە، ئۇ دۆلەت سېنىڭ بولسۇن، ماڭا قەلبلەرنى بەر دېگۈچىلەردىنمىز. چۈنكى، بىز زېمىندىكى ئەڭ ئۇزۇن مەزگىل ياشىغان دۆلەتنىڭ قەلبتە قۇرۇلغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز. ئېمپىرىيلەر گۇمران بولىدۇ، جاھان سورىغان دۆلەتلەر زاۋال تاپىدۇ، ئەمما قەلبتىكى دۆلەت باقىي بولىدۇ. شۇڭا بىز كۆڭۈللەردە دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن يولغا چىققان بىر ئىمان كارۋانى. بىز بىر كۆڭۈل پەتھىنى ياقىلىغۇچىلاردىنمىز. بىر ئادەم بىر ئالەم دېگۈچىلەرمىز. پەتىھ دېيىلگەندە، ئەقلىمىزگە كېلىدىغان جۇغراپىيەلەر ( مەلۇم زېمىن )نىڭ قورال كۈچى بىلەن تارتىۋېلىش كەلمەيدۇ، ئىشغال كەلمەيدۇ. پەتىھ دېيىلگەندە، ئەقلىمىزگە كۆڭۈل پەتىھى كېلىدۇ. قانچە كىشىنىڭ كۆڭۈلىنى پەتىھ قىلغان بولسىڭىز، شۇنچىلىك فاتىھ بولىسىز. كۆڭلى پەتىھ قىلىنغان كىشىنىڭ بارلىقى سېنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.

 

بىز سۇلتانلار تەرەپتە ئەمەس، ئىماملار تەرەپتە سەپتە تۇتقۇچىلارىدىنمىز. چۈنكى تارىخى بۇ ئىككى سىزىق بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. بىرى ئىماملار، يەنە بىرى سۇلتانلار. ئىماملار نۈبۈۋەت سىزىقى، سۇلتانلار زۇلۇم سىزىقىدۇر. ئىماملار ئادالەت، سۇلتانلار زۇلۇم سىزىقىدۇر. بىز زۇلۇم سىزىقىنىڭ قارىشىسىغا تىكىلگەن ئادالەت سىزىقىنىڭ ئارقىسىدا تۇرغۇچىلارمىز. مەيلى بىزدىن بولسۇن ياكى باشقىسى بولسۇن، زۇلۇمنى ھەرگىز قوللىمايمىز. زالىم دادىمىز بولغان تەقدىردىمۇ، بىز ئۇنىڭغا قارشى سەپتە تۇرىمىز. مەزلۇم كىم بولىشىدىن قەتىئىينەزەر بىز ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىمىز، كىملىكىنى سورىمايمىز. بىز پرامىتنى ئەمەس، سەپ سىياسىتىنى ياقىلىغۇچىلارمىز. سەپ سىياسىتى خۇددى نامازدىكى سەپلەرگە ئوخشاش، بىراۋ يۈكسىلىش ئۈچۈن باشقا بىرىگە زۇلۇم قىلمىغان تۇرۇشتۇر. پرامىت سىياسىتى بولسا، يۇقىرى ئۆسۈش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بېشىغا دەسىشى كېرەك بولغان بىر زۇلۇم سىياسىتىدۇر.

 

بىز يەھۇدىيلاردىن ئەمەس، يەھۇدىيلىشىپ كېتىشتىن قورقىمىز. چۈنكى، يەھۇدىيلىشىش مۇسا ئۈممىتگە خاس بىر ئازغۇنلۇق ئەمەس. قۇرئاندا بۇ ئەھۋال ئۈممەتكە 800 ئايەت بىلەن بايان قىلىنغان بولسا، بۇ ئايەتلەرنىڭ خىتاپ قىلىنغۇچىسىنىڭ بىز ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئۇ بىزگە خىتاپ قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز يەھۇدىيلاردىن ئەمەس، يەھۇدىيلىشىپ قېلىشتىن قورقىمىز.

 

بىز سالاۋات، مۇئمىننىڭ سالاۋاتى ئاللاھ رەسۇلىغا قىلغان ياردىمى دېگۈچىلەردىنمىز.  ئاللاھ رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە ياردەم قىلماي، ئۇنى ياشاتماي، ئۇنى دەۋرىمىزگە ئېلىپ كەلمەي، ھەتتا قىلچە خىجىل بولماستىن، ئۇنى پارغا ئايلاندۇرۇپ، نۇرلاشتۇرۇپ، نۇرى مۇھەممەد دېگەندەك پۈچەك سۆزلەر بىلەن ئۇنى ھاياتىمىزدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئاندىن ئۇنىڭغا سالاۋاتنى تىلغا مەھكۇم قىلىپ قويۇپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدىم دەپ ئويلاپ قالغانلارغا، سىز ئاللاھ رەسۇلىغا قارشى پارا بېرىۋاتسىلەر دېگۈچىلەردىنمىز.

 

بىز كارامەت ئىستىقامەت دېگۈچىلەردىنمىز. سىلەرنىڭ نېمە كارامىتىڭلار بار دېگۈچىلەرگە، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىزنىڭ ئىستىقامىتىمىزدىن باشقا كارامىتىمىز يوق دېگەنلەردىنمىز. نېمەڭلار بىلەن ماختىنىۋاتسىلەر؟ دېگۈچىلەرگە، ئاللاھقا بەندە بولۇشىمىز بىلەن ئىپتىخارمىز دېگۈچىلەردىنمىز. باشقا بىر سۈپەت تەلەپ قىلمايمىز دېگۈچىلەردىنمىز.

 

بىز شەخىسكە قارىتا خاراكتېرنى ياقىلىغۇچىلاردىنمىز. چوقۇم خاراكتېر دېگۈچىلەرمىز. بولۇپمۇ بۈگۈنكى شەخس ئۇلۇغلىنىپ، ئۆزىنىڭ كېمىسىنى قۇتقۇزىۋالغۇچى كاپتان تەقدىرلەنگەن، ھەر كىم نەفسىم دەپ جار سالغان، باشقىلارنىڭ بېشىغا دەسسەپ ئۆرلىگەن، ئۆز بەختىنى باشقىلارنىڭ پالاكىتى ئۈستىگە بەرپا قىلغان بىر دۇنيادا، بىز ھەرگىزمۇ بۇنداق قىلىشنى خالىمغانلاردىنمىز.  بىز ئىنسان ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ پىلانى دېگۈچىلەرمىز. رەببىم سەن بىزنى بۇ ئۇلۇغ پىلانىڭدا ئىشلەتكىن دېگۈچىلەرمىز. ئەگەر ئىنسانىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىلاھى پىلان تاماملانسا، ئاللاھ نىڭ ئىككىنجى پىلانى بولغان كائىنات پىلانىدىمۇ بىزنى ئىشلىتىشىنى ئارزۇ قىلغۇچىلاردىنمىز.  يا رەببى كائىنات پىلانىڭدا بىزنىمۇ ئىشلەتكىن دەپ دۇئا قىلغۇچىلاردىنمىز.

 

بىز ئىنسانىيەت دىژورنىلىقىدا تۇرغۇچىلارمىز. بۇ يەر رىبات ( تەييار تۇرۇش )، بىز بولساق مۇرابىتمىز ( تەييار تۇرغۇچى ). بۇ رىبات، ئاللاھ قا ۋەدە بېرىمىز، ئاخىرقى نەپىسىمىزگىچە داۋام قىلىدۇ. پەرۋەردىگارىمىزغا ۋەدە بېرىمىز: پوستا ئۇخلاپ قالغۇچىلاردىن بولۇپ قالمايمىز. ۋەزىپىمىزگە خىيانەت قىلغۇچى، يولدا ياتقانلاردىن بولمايمىز. زېمىندا نۇتۇق سۆزلەپ، يولدا كېتىۋاتقانلارنى پۇتلايدىغانلاردىن بولمايمىز. بىز يولۇچى بولىمىز. بۇ دۇنيادا غېرىپ بىر يولۇچىغا ئوخشاش بول دېگەن رەسۇلۇللاھقا لەببەيك دېگۈچىلەردىن بولىمىز. بىز قۇربان بولۇشنى، دۇنياغا سۇلتان بولۇشتىن ئەلا بىلگۈچىلەردىنمىز. بىز سېنى دۇنياغا سۇلتان قىلدىم دېسە، زەررە قەدەر خوش بولمايمىز. ئەمما، سەن قۇرئانغا قۇربان بولىسەن دېسە، دۇنيانى بىزگە بەرگەندىنمۇ بەكرەك خۇشال بولىمىز.

 

بىز نەتىجە ئۈچۈن ئەمەس، ئەجىر ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغۇچىلارمىز. ئاخىرىدا ئالقىنىمىزغا نېمىنىڭ تۆكۈلىدىغانلىقىغا قارىمايمىز. شۇنىڭ كەپسىز بالىلاردەك مېۋىگە تاش ئاتمايمىز. سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزگە قارايمىز، قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈردۇق دەپ سورايمىز. شۇڭا ئەجىر يىغىمىز. ئەسقاتقۇدەك تەر تۆكىمىز. يۈركىمىزنىڭ، زېھنىمىزنىڭ تەرلىرىنى يىغىمىز. ئاللاھتىن ئېلىشىمىز بولسا، ئاللاھ ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلايلى، ئۇ بىزگە ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ دەپ ئىمان ئېيتىمىز. بىز ئاللاھقا بەندە بولۇشنى ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋان دەپ بىلگۈچىلەرمىز. شۇڭا « بەندەم » دېسۇن، باشقا بىر نەرسە تەلەپ قىلمايمىز، « بەندەم » دېسۇن بىزگە شۇ كۇپايە. پەرۋەردىگارىمىز بىزنى دېگىنىمىزدەك قىلغاي. تىلىمىزدىكىنى كۆڭلىمىزگە، كۆڭلىمىزدىكىنى ھالىمىزغا، ھالىمىزدىكىنى پۈتۈن ھاياتىمىزدا ئەكس ئەتتۈرسۇن، ئىنشائاللاھ. « مەيلى يالغۇز مەيلى باشقىلار بىلەن بىرگە بولۇڭ، ئاللاھ ھوزۇرىدا ئىكەنلىكىڭلاردىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئۇنۇتۇپ قالماڭلار. ئاللاھ ئالدىدا ھۆرمەتتە تۇرۇشىڭىلارنى بۇزماڭلار. سەداقەللاھۇل ئەزىم ».

 

شۈبھىسىزكى ئاللاھ ۋە پەرىشتىلەر پەيغەمبەرگە ياردەم قىلىدۇ. ئى مۇئمىنلەر! سىلەرمۇ ئاللاھ ۋە پەرىشىتىلەرگە ئوخشاش پەيغەمبەرگە ياردەم قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئارقىلىق سىلەرگە ئەۋەتكىنىگە پۈتۈنلەي بويسۇنۇڭلار ( ئەھزاپ 56 – ئايەت ).

ئاللاھ قا دەۋەت قىلغان، بۇ دەۋىتىنى سالىھ ئەمەللەرنى قىلغان ۋە مەن شەرتسىز ھالدا ئاللاھ قا تەسلىم بولدۇم دېگۈچىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟ ( فۇسسىلەت 33 – ئايەت )

ياخشىلىق بىلەن يامانلىق باراۋەر بولمايدۇ. گۈزەللىك بىلەن ئەسكىلىك تەڭ بولمايدۇ. گۇناھ بىلەن ساۋاپ بىر بولمايدۇ، شۇڭا ئاقىۋىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، پرىنسىپىدا چىڭ تۇر. بىر داۋاغا نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر زىياننى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ئەمەس، بەلكى ياخشى مۇداپىئە قىلمىغانلار سالىدۇ.  داۋايىڭىزنى توغرا ۋە گۈزەل ئۇسلۇپتا ياقىلاڭ، ئۆز قولىڭىز بىلەن زىيان يەتكۈزمەڭ.

سەن بىلەن خىتاپ قىلغۇچىڭ ئارىسىدا دۈشمەنلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئەگەر داۋاڭنى توغرا ئۇسلۇپتا مۇداپىئە قىلساڭ، يېقىن دوستقا ئىگە بولىسەن. بۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ئۇنىڭ مۇنداق ئىككى شەرتى بار:

بىرى كەسبى ( كېيىن قولغا كەلتۈرگەن )، يەنە بىرى ۋەھبىي . يەنى ئەجىر سىڭدۈرۈش بىلەن قولغا كەلتۈرۈلىدىغان؛ يەنە بىرسى تىرىشچانلىقىڭغا قارىتا ئاللاھ بېرىدىغان دوستلۇق. بىرى سەبىر يەنى بەرداشلىق بېرىش، يەنى سەن سەبىر قىلىشىڭ كېرەك. يەنى ئۈمىت قىلىسەن، ماسلاشقان بولىسەن، ئۇپۇقىڭ بولىدۇ. ئىككىنجىسى، بۇنى قىلساڭ ئاللاھ ساڭا بىر ھەسسە بېرىدۇ، ناھايىتى چوڭ بىر ھەسسە بېرىدۇ. ئەمما سەن بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تەقدىردىمۇ شەيتان سېنى بوش قويىۋەتمەيدۇ. « شەيتان ساڭا جەڭ ئېلان قىلىپ، سېنىڭ ئىچىڭنى ئىلەشتۈرمەكچى، ۋەسۋەسە قىلماقچى، قىتىغۇرلۇق قىلماقچى بولسا، دەرھال ئاللاھ قا سېغىنىپ پاناھ تىلە ». ئىتنى ئىگىسىگە باغلات. ئى پەرۋەردىگارىم، ئىتىڭنى باغلىغىن ئۆتىۋالاي دېگىن، ئاللاھ باغلايدۇ، سەن ئۆتۈپ كېتىسەن. ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسلۇب بۇ. بەزى ئىتلار ناھايىتى كۈچلۈك. بەزى نەپىسلەر ناھايىتى كۈچلۈك. شۇڭا ئەڭ توغرىسى بۇ ئىتلارنى ئاللاھقا باغلىتىش. چۈنكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. سېنىڭ تا قەلبىڭدىن كەلگەن نەرسىنى، چۇقانلارنىمۇ ئىشتىدۇ. سېنىڭ ئەھۋالىڭنى ئەڭ ياخشى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاجىزسەن، يەنى نەپىسڭىگە، شەيتانغا قارىتا ئاجىزسەن. ئىرادەڭ بار، ئەمما ئىشلىتەلمىگەن ۋاقتىڭدا ئاجىز بولىسەن. ۋىجدانىڭ بار، ئەمما، ئىشقا سالالمىغان ۋاقتىڭدا ئاجىزسەن. ئەقلىڭ بار ئەمما، ئىشلىتەلمىسەڭ ئاجىزسەن. ئەمما بۇلارنى ئىشلەتسەڭ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سېنى يەر يۈزىدە يېڭىدىغان بىر كۈچ چىقمايدۇ.  چۈنكى، ئاللاھنىڭ پۈتۈن غايىسى، ۋەھىي بىلەن، پەيغەمبەرلەر بىلەن، سېنى ئىرادەڭنى، ئەقلىڭنى ۋە ۋىجدانىڭنى تولۇق ئىشلىتىشىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈشتۇر. رەببىم بىزگە كارغا كېلىدىغان بىر ئىرادە، ئىشلەيدىغان بىر ئەقىل ۋە ئاكتىپ بىر ۋىجدان ئاتا قىلغاي، ئامىن!

 

يازغۇچى ھەققىدە

ھايات كىتابىم

ماقالە سانى : 553

ئىنكاس يوللاش

© 2011 Powered By Wordpress, Goodnews Theme By Momizat Team

ئۈستىگە قايتىش