awwalnime

دەرۋەقە، ھاياتتا ئىنسانلار مەيلى قانداق ئىش قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ھامان پائالىيەت ئىچىدە ياشايدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە پەقەت ئىش قىلىشلا ئەمەس، بەلكى قايسى ئىشنى قىلىش، قانداق قىلىش، قاچان قىلىش مەسىلىسىدۇر. نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىش؛ قىلماقچى بولغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىنى بىلىش قىلغۇچىدىكى سالاھىيەتنىڭ بىۋاستە ئىپادىلەنمىسىدۇر. مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشتا يېتەرلىك سەۋىيە ۋە شۇنىڭغا سوڭدىشىپ كەلگەن سالاھىيەت شۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدىكى مۇھىم بىر شەرتتۇر.
دۇرۇس، «ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك»لىك مەسىلىسى ھازىر دۇنياۋىي بىر مەسىلىگە ئايلاندى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «ئاۋۋال نېمە قىلىش، ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ھاياتتىن قانداق پايدىلىنىش» توغرىسىدا نۇرغۇن ئەسەرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان ئېتىقاد ۋە ئوخشىمىغان قىممەتقاراش مەپكۇرىلىرى ئاساسىدا بۇ سوئاللارغا جاۋاپ بەرگەنمۇ بولدى. مۇئەللىپ بۇ كىتابتا «ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك»لىك مەسىلىسىگە قۇرئان، ھەدىس ۋە ئىلمىي پاكىتلار ئاساسىدا جاۋاب بەرگەن بولۇپ، بۇ جاۋابلار بىزگە ئۇزاقتىن بۇيان دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى قىيناپ كېلىۋاتقان، چارىسىز تاشلىنىپ قېلىۋاتقان، ھەل قىلىش ياكى توغرا ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە كاللا قاتۇرۇلمىغان بىر تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ؛ كاللىمىزدا ئېنىق نىشان تۇرغۇزۇشىمىزغا ۋە ئىزچىل تۈردە نىشانىمىزغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ؛ يېتىلەش خاراكتېرلىك يېتەكچىلىك رولىنى ئوينايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك گوڭگا ھاياتى ۋە ئېسەنكىرەشلىرىگە خاتىمە بېرىشىگە ھەسسە قوشىدۇ.
ناۋادا بىر خەلق ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئەۋزەللىكلىرىنى توغرا بايقاپ، يېتەرسىزلىكلىرىنى تونۇپ، كەلگۈسى ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قارىيالايدىغانلا بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەھۋاللىرىنى ئۆزگەرتىشىگە زور دەرىجىدە ياردەم بېرىدۇ. بۇ كىتابتا مۇئەللىپ ئەنە شۇنداق ئەۋزەللىك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ كۆرسەتمىلەردە بىزنىڭ «ھازىر نېمە قىلىشىمىز كېرەك»لىك مەسىلىمىزگە بىر قەدەر مۇھىم يورۇتۇشلار بېرىلگەن.
ئۆزى ئۈمىد قىلغان ھاياتقا ئىرىشىش ئۈچۈن خىيال قىلىش، ھەۋەس قىلىش ياكى بىر قانچە ئادەمنىڭ تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغىنىدا بۇ ھەقتىكى گۈزەل تەسەۋۋۇرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. بۇنداق گۈزەل تەسەۋۋۇرلاردىن پەقەت خىيالىي دۇنيالا ھاسىل بولىدۇ، ئىنسان ھامان خىيالدا ئەمەس رېئاللىقتا ياشايدۇ، رېئاللىق خىيالىي دۇنيادىكى گۈزەل تەسەۋۋۇرلارغا قەتئىي ئوخشىمايدۇ. ئۇممەتنىڭ ئومۇمىي مەسىلىسى شەخسىي مەسىلىنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈلمىگىچە؛ ئۇممەت مەسىلىسىگە ئىچ پۇشۇقى ئورنىدا مۇئامىلە قىلىدىغانلار بۇ مەسىلىنى ھايات-ماماتلىق مەسىلىسى دەپ قارىمىغىچە؛ قولى ئىشتىن بوشىغاندا يېنىچە يېتىۋېلىپ ئۇممەتنىڭ غېمىنى يەيدىغانلار تىك تۇرۇشنى ئۆگەنمىگىچە پارلاق كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن بۇ كىتاب دىيارىمىزدىكى مۇسۇلمان ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى، ئەمدىكى مەسىلە كىتابنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىپ، ئۇنى مۇلاھىزە قىلايلى، باشقىلارغا يەتكۈزەيلى، قولىمىزدىكى بۇ كومپاسنىڭ سېتىرىلكىسىغا قاراپ يۈزلىنىشلىرىمىزنى توغرىلايلى.
ئوقۇرمەنلەردىكى ئوقۇش ئېغىزنىڭ ھەرىكىتىلا بولۇپ قالسا، ئېغىز ھەرىكەتلىرىگە يۈرەك سوقۇشلىرى ماس ھالدا تەڭكەش قىلمىسا، يۈرەك سوقۇشلىرىغا پۈتۈن ئەزالىرى ئاۋاز قوشمىسا… دېمەك، بۇ ئەھۋالدا كىتاب قىيامەت كۈنى يەنىلا ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھ بولىدۇ.
بەرھەق، «ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك» مەسىلىسى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ھەر بىر كىشىگە ناھايىتى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. خۇسۇسەن مۇسۇلمان ئۇممىتى بۈگۈنكىدەك قەدرسىز، چېچىلاڭغۇ ھالەتتە تۇرۇۋاتقان؛ يۈزلىنىشلىرىدە، ھەرىكەت- پائالىيەتلىرىدە قالايمىقانچىلىق، ئىختىلاپ ئېغىرلاشقان بىر شارائىتتا «ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك» ساداسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى پارتلاش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز قۇرئان ۋە ھەدىسلەر نۇرى ۋە بۇ توغرا چۈشەنچىلەر يېتەكچىلىكىدە ئۆزىمىزدىكى ئەۋزەللىكلەرنى توغرا بايقاپ ۋە ئۇ تەرەپلەرنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ؛ يېتەرسىز تەرەپلىرىمىزنى ھېس قىلىپ ۋە كۈنسېرى تولۇقلاپ، دىننى ئاللاھ نازىل قىلغان ئەسلىي مۇددىئا بويىچە چۈشىنىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇشنى ئاللاھدىن سورايمىز.
(تەرجىمە قىلغۇچى تەرىپىدىن يېزىلغان كىرىش سۆز)

بىرىنچى باب ئىسلام ئۇممىتى ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشكە مۇھتاج
ئۆلچەمنىڭ بۇزۇلغانلىقى
تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە نەزەر ئاغدۇرغان كىشى تۇرمۇشىمىزنىڭ ماددىي، مەنىۋى، ئىدىيىۋى، ئىجتىمائى، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە باشقا تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەمەللەرنىڭ رەت-تەرتىپ ئۆلچىمىنىڭ پۈتۈنلەي بۇزۇلغانلىقىنى بايقايدۇ.
ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەمەللەرنىڭ رەت-تەرتىپ ئۆلچىمى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن. مەسىلەن: سەنئەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئىشلىرى دائىم مائارىپنىڭ ۋە ئىلىم-پەننىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالغان. خۇددى ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش دېگەنلىك پەقەت ئۇلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغىلا كۆڭۈل بۆلۈش دېگەنلىك بولىدىغاندەكلا، ياشلار پائالىيىتىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەقىلنى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالغان. ئادەم جىسمانىيىتى بىلەنلا ياكى ئەقلى ۋە روھىيتى بىلەنلا ئادەم بولالايتتىمۇ! بىز ئەبۇل پەتھىل بۇستىينىڭ مەشھۇر قەسىدىسىدىكى مۇنۇ بېيىتلەرنى خېلى زامانلاردىن بېرى يادىلاپ كېلىۋاتىمىز:

قاچانغىچە ياشايسەن جىسمىڭ ئۈچۈن جاھاندا،
مىغ-مىغ زىيان ئىچىدىن تاپالامسەن بىر پايدا،
كېرەك سېنىڭ تاپمىقىڭ خىسلەت بىلەن روھىڭنى،
روھسىز جەسەت ئادەم دەپ ئاتالغىنى بار قايدا؟!

بۇستىيدىن بۇرۇن ئۆتكەن شائىر زۇھەير ئىبنى ئەبىي سەلمانىڭ مۇئەللەقېسىدىكى  مۇنۇ بېيتنىمۇ يادىلىغانتۇق:
ئادەم ئۇ ھاۋالە تىل ۋە يۈرەككە،
ئۇنىڭسىز قامەتلەر كەلمەس كېرەككە.
لېكىن ھازىر ئادەم پەقەت ئۆزىنىڭ جىسمانىيىتى بىلەنلا ئادەم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىل  يازدا «بازارغا سېلىنغان» بىر تەنھەرىكەتچىنىڭ داۋرىڭى پۈتۈن مىسىرنى بىر ئالدى. مۇسابىقە كۇلۇبلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باھا تالىشىشتا بۇ تەنھەرىكەتچىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ چارەك كەم بىر مىلىيۇن جۇنەيھكە چىقتىغۇ! ئۇلار تەنھەرىكەتنىڭ ھەممە تۈرىگە، بولۇپمۇ ئاۋام خەلق كۈندىلىك تۇرمۇشىدا نەپ ئالىدىغان تۈرلەرگە كۆڭۈل بۆلسىغۇ مەيلى ئىدى، بىراق ئۇلار پەقەت بىر قانچە ئادەم ئوينىسا، قالغانلار تاماشا كۆرىدىغان مۇسابىقە تەنھەرىكىتىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ئالىملار، ئەدىبلەر، مۇتەپەككۇرلار، دەۋەتچىلەر جەمئىيەتتە ئالقىشلانمايۋاتىدۇ، ئۇلارغا چولپان دېگەندەك شەرەپلىك ناملارمۇ نىسىپ بولمايۋاتىدۇ. ئەمما ئاتالمىش سەنئەتچى، پۇتبولچى دېگەندەكلەر چولپان ئاتىلىپ شۆھرەت قازانماقتا. گېزىت-ژۇرناللاردىمۇ، رادىئو-تېلېۋىزورلاردىمۇ پەقەت شۇلارنىڭلا داۋرىڭى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتالمىش قەھرىمانلىقلىرى ۋە تەۋەككۇلچىلىقلىرى كۆككە كۆتۈرۈلمەكتە، پارچە-پۇرات ئىشلىرىمۇ خەۋەر قىلىنماقتا. ئەمما باشقىلار بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا بويۇن قىسىپ قالماقتا، بەلكى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلماقتا. بىرەر سەنئەتچى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا لەرزىگە كەلمەكتە، گېزىت بەتلىرى بۇ توغرىدىكى خەۋەرلەر بىلەن توشۇپ كەتمەكتە. ئەمما بىرەر ئالىم ياكى ئەدىب ۋە ياكى چوڭ ئۇستازلار ۋاپات بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى ئۈن-تىنسىز ئۇزىتىلماقتا!
ئېقتىسادىي جەھەتتىكى ئىشلارغا كەلسەك: تەنتەربىيەگە، سەنئەتكە، تەشۋىقاتقا، نامدا «دۆلەت بىخەتەرلىكى»گە، ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمدارلار بىخەتەرلىكىگە ناھايتى كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىلماقتا، ھىچكىم بۇنىڭغا قارشى تۇرالمىدى ياكى «نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ» دەپ ئېتىراز بىلدۈرەلمىدى. مائارىپ، سەھىيە، دىن ۋە ئۇل-مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرى مەبلەغ قىسىنچىلىقىدىن قاقشىماقتا، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ دەۋر قەدىمىگە ماسلىشىشقا پۇل تاپالمايۋاتقانلىقىدىن زارلانماقتا. «كېيگەنلەر قوش پايپاق، كېيمىگەنلەر قوڭالتاق» دېگەندەك بىر ئىش بولماقتا. ئىبنى مۇقەففەئ قەدىم زاماندا ئېيتقان مۇنۇ سۆزنىڭ ھەقىقىي رېئال كۆرۈنۈشى كۆز ئوڭىمىزدا ئايان بولماقتا: «قەيەردە ئىسراپخورلۇق بولىدىكەن شۇ يەردە كىشى ھەققىنىڭ زايا بولغانلىقىنى كۆردۈم.»
ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشتە زامانىمىزدىكى دىيانەتلىكلەرمۇ خاتالاشتى
زامانىمىزدا ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشتە پەقەت ئادەتتىكى مۇسۇلمان ئاممىسى ياكى ئازغان مۇسۇلمانلارلا خاتالىشىپ قالماستىن، بەلكى دىيانەتلىكلەرمۇ خاتالاشماقتا. بۇنىڭغا توغرا چۈشەنچە ۋە ھەقىقىي ئىلىمنىڭ يوقلۇقى سەۋەب بولماقتا.
ھەقىقى ئىلىم بولغاندىلا، ساۋابى چوڭ ئەمەلنى ساۋابى كىچىك ئەمەلدىن، پەزىلەتلىك ئەمەلنى پەزىلەتسىىز ئەمەلدىن، توغرىنى خاتادىن، سۈننەتنى بىدئەتتىن، قوبۇل بولىدىغان ئەمەلنى قوبۇل بولمايدىغان ئەمەلدىن ئايرىغىلى بولىدۇ، ھەرقانداق ئەمەلنىڭ شەرىئەت ئۆلچىمىدىكى قىممىتىنى ۋە دەرىجىسىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ئىلىمنىڭ نۇرىدىن ۋە توغرا چۈشەنچىدىن مەھرۇم بولغان كىشىلەر كۆپ ھاللاردا ئەمەللەرنىڭ چەك-چىگرىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئايرىيالمايدۇ ياكى ئەمەللەرگە شەرىئەت ھۆكمى بويىچە ھۆكۈم قىلالمايدۇ-دە، ئوڭچىللىق ياكى سولچىللىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دىن دىندا چەكتىن ئاشۇرىۋەتكۈچىلەر ۋە ئۆلچەمگە يەتمىگۈچىلەر قولىدا نابۇت بولىدۇ. بۇنداقلار گەرچە دىنغا ئىخلاس قىلسىمۇ، ساۋابى كىچىك ئىشنى قىلىمەن دەپ ساۋابى چوڭ ئىشنى تاشلاپ قويىدۇ-دە، تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالىدۇ.
مەلۇم بىر ۋاقىتتا ساۋابى چوڭ بولغان بىر ئەمەلنىڭ يەنە بىر ۋاقىتقا كەلگەندە ساۋابى كىچىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن بىلىمى ئاز، چۈشەنچىسى تۆۋەن كىشىلەر ئىككى ۋاقىتنى پەرىقلەندۈرەلمەيدۇ، ئىككى ھالەتنى ئايرىيالمايدۇ.
قارىسام، ياخشى نىيەتلىك بەزى مۇسۇلمانلار مەسجىد شۇنچە تولا يەرلەرگە يەنە مەسجىد سالغىلى تۇرۇپتۇ، بەزى مەسجىدلەرگە مىليۇنلاپ پۇل خەجلەۋېتىپتۇ. مۇشۇ پۇللارنى ياكى ئۇنىڭ يېرىمىنى ۋە ياكى ئازغىنە بىر قىسمىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرىغا ياكى دىنسىزلىققا قارشى تۇرۇشقا ياكى دىنىي خىزمەتلەرنى كۈچەيتىشكە ياكى ئادەم كۈچى تاپالىسىمۇ، ئەمما ئقتىساد تاپالمايدىغان ئۇلۇغۋار ئىشلارغا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە ھېچكىم بۇنىڭغا ئۇنىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ماددىي قۇرۇلۇشنىڭ ئۈنۈمىگە ئىشەنچ قىلغان بىلەن مەنىۋىي قۇرۇلۇشنىڭ ئۈنۈمىگە ئىشەنچ قىلمايدۇ.
قارىسام، ھەر يىلى ھەج مەۋسۇمىدا كۆپلىگەن مۇسۇلمان بايلار نەپلى ھەجگە بېرىشقا ناھايىتى ئامراق ئىكەن، ئۇلار تېخى كۆپىنچە ھاللاردا نەپلە ھەج بىلەن قوشۇپ رامىزاندا ئۆمرىمۇ قىلىشىدىكەن، بۇنىڭغا پۇلنى ئايىماي خەجلەيدىكەن. گاھىدا تېخى ئاللاھھەج ۋە ئۆمرىگە تەكلىپ قىلمىغان كەمبەغەللەرنىمۇ ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ بىللە ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ چىقىمىنىمۇ قىلىپ بېرىدىكەن. ئەمدى سىز ئۇلاردىن مۇشۇ بىر يىللىق نەپلە ھەج چىقىملىرىنى پەلەستىندىكى يەھۇدىيلارغا، بوسنىيە گرىتسىيگوۋىنادىكى سىرىبلارغا قارشى تۇرۇشقا؛ ياكى ھىندىنوزىيىدىكى، بىنگالدىكى ۋە ياكى باشقا ئەللەردىكى ناسارالاشتۇرۇشنى توسۇشقا؛ ياكى دەۋەت مەركىزى قۇرۇشقا؛ ياكى مەخسۇس دەۋەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى جابدۇشقا؛ ياكى پايدىلىق ئىسلامىي كىتابلارنى تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، تارقىتىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلسىڭىز ئۇلار بۇنىڭغا ھەرگىز ئۇنىمايدۇ، چوڭچىلىق قىلىپ بۇ تەلىپىڭىزنى قوبۇل قىلمايدۇ. ھالبۇكى، قۇرئان كەرىمدە كۆرەش تۈرىدىكى ئەمەللەرنىڭ ھەج تۈرىدىكى ئەمەللەردىن ئەۋزەل ئىكەنلىكى ناھايىتى روشەن بايان قىلىنغان: «سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى، مەسجىدى ھەرامنى ئاۋات قىلىشنى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھ يولىدا كۆرەش قىلغانلارنىڭ (ئىمانىغا) ئوخشاش ھىسابلامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوخشاش ئەمەس. ئاللاھزالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. ئىمان ئېيتقانلارنىڭ، ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ۋە ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا كۆرەش قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر؛ ئەنە شۇلار (ساۋاب تېپىش بىلەن) مەقسىدىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر. پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننەتلىرى بىلەن خۇش-خەۋەر بېرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك نىئمەتكە ئېرىشىدۇ.»
ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ھەج ۋە ئۆمرىلىرى نەپلە ئەمەللەر جۈملىسىدىندۇر. ئەمما كاپىرلىققا، دىنسىزلىققا، ئەخلاقسىزلىققا، سكولارىزمغا ۋە بۇلارنى يۆلەۋاتقان ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش كىچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان جىددىي پەرزدۇر.ئىككى يىل ئىلگىرى ھەج مەۋسۇمى يېتپ كېلىش ئالدىدا مەشھۇر مۇسۇلمان يازغۇچى، قەدىرلىك ئۇستاز فەھمىي ھۇۋەيدا سەيشەنبە نەشىردىن چىقىدىغان ھەپتىلىك ماقالىسىدە مۇسۇلمانلارغا ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دەپتۇ: «بوسنىيەنى قۇتقۇزۇۋېلىش ھەج پەرزىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.»
بۇ ماقالىنى ئوقۇغان نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن: بۇ سۆز شەرىئەت ۋە فىقھى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قانچىلىك توغرا؟ دەپ سوراشتى. مەن ئۇلارغا شۇ چاغدا مۇنداق دېدىم: «يازغۇچىنىڭ بۇ سۆزى فىقھى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يوللۇق، توغرا ئېيتىلغان سۆز. چۈنكى، شەرىئەتتە مۇنداق قائىدە بار: ‹دەرھال ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك پەرزلەر كىچىكىپ ئىجرا قىلسىمۇ بولىدىغان پەرزلەرنىڭ ئالدىدا ئىجرا قىلىنىدۇ. ھەج پەرزىنى بەزى ئىماملارنىڭ قارىشىچە كىچىكىپ ئىجرا قىلسىمۇ بولىدۇ.› ئەمما، بوسنىيەلىكلەرنى ئاچارچىلىقتىن، سوغۇقتىن، كېسەللىكتىن، كوللېكتىپ قىرغىن قىلىنىشتىن قۇتقۇزۇۋېلىش دەرھال ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك، كىچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان پەرزدۇر، پۈتۈن ئىسلامىي ئۇممەتنىڭ نۆۋەتتىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتىدۇر.»
ھەج پائالىيتى ئۆتكۈزۈش، ھەج مەۋسۇمىنى بىكار ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ھەم پەرزدۇر، بۇنىڭدا تالاش-تارتىش يوق. لېكىن بۇ پەرز ئىككى ھەرەمدىكىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كۆپ چىقىم تارتماي ھەج قىلالايدىغانلار بىلەنمۇ ئورۇندىلىدۇ.
مېنىڭچە، ئۇستاز فەھمى ھۇۋەيدانىڭ تەشەببۇسىنى ئورۇنداشتا بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا ھاجەت چۈشمەيدۇ. چۈنكى، ھەج مەۋسۇمىدا قىستاڭچىلىق پەيدا قىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇن ھەج قىلىپ بولغانلار، ھەج پەرزى گەدىنىدىن ساقىت بولغانلاردۇر. بۇرۇن ھەج قىلمىغانلار ئومۇمى ھاجىلارنىڭ %15 نىمۇ تەشكىل قىلالمايدۇ، تەخمىنەن ئىككى مىليون ئادەم ھەجگە بارغان بولسا، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى قېتىم ھەجگە كەلگەنلەر ئۈچيۈز مىڭدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
ئاتالمىش مەدەنىيەتلىك دۇنيا مۇسۇلمانلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ مىت قىلىپ قويمايۋاتىدۇ. چۈنكى، ھازىر ھەقىقەتچىلەرنىڭ ھەققانىيلىقى ئەمەس، بەلكى كۈچلۈكلەرنىڭ كۈچى غالىب ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ھاجىلارنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگەللىگەن شۇ نەپلە ھەج قىلغۇچىلار، يىل بويى، بولۇپمۇ رامىزاندا ئۆمرى قىلغۇچىلار ھەج ۋە ئۆمرىلىرىدىن ۋاز كېچىپ، بۇنىڭ چىقىمىنى ئاللاھ يولىدا بەرسىچۇ؟! ماددىي ۋە مەنىۋىي ھالاكەتكە دۇچار بولۇۋاتقان، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقان، ئىززەت-ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇۋالسىچۇ؟!
مىسىر، قاتار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئارال دۆلەتلىرىدە بەزى ياخشى نىيەتلىك، دىيانەتلىك مۇسۇلمانلارنى تونۇيمەن، ئۇلار ھەر يىلى ھەج پائالىيتىگە قاتنىشىشقا ناھايىتىمۇ ھىرىسمەن، ئۇلارنىڭ گاھىلىرى قىرىق يىلدىن بېرى ئۇدا ھەر يىلى ھەج قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۇرۇق-تۇققانلار، دوست-بۇرادەرلەر، ھەم شىرىكلەر توپلىشىپ بارىدۇ، ئۇلار بەزىدە بىرە يۈز ئادەم بولۇپ كېتىدۇ. مەن بىر يىلى بۇ ياخشى نىيەتلىك قېرىنداشلىرىمغا: ھىندونوزىيەنىڭ لىتىۋا دېگەن يېرىگە بارغانلىقىمنى، ئۇ يەردە ناسارالاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ مائارىپ، مىدىتسىنا، ئىجتىمائىي ئىشلار… قاتارلىق جەھەتلەردە ناسارالاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرىغا ناھايىتى ئىھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ مۇنداق دېدىم : «بۇ يىل ھەج قىلىش نىيىتىڭلاردىن يېنىپ، ھەجنىڭ چىقىمىنى ناسارالاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇشقا سەرپ ئەتسەڭلار قانداق ! يۈز ئادەمنىڭ ھەر بىرىڭلار 10مىڭ جۇنەيھدىن چىقىم قىلساڭلار، بىر مىليون جۇنەيھ پۇل بولىدىكەن، بۇ پۇل چوڭ بىر ئىشنىڭ يادروسى بولالايدۇ، بىز بۇ ئىشنى باشلىساق، ئۇنى باشقىلارغا بىلدۈرسەك، باشقىلار بىزگە ئەگىشىشى مۇمكىن، بىزمۇ ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجرىگە ئىرىشىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس.» ئەپسۇس، قېرىنداشلار مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى ھەج ئېيى يېتىپ كەلسە، ھەجنى سېغىنىپ تۇرالماي قالىدىكەنمىز، روھىمىز ھەرەمگە قاراپ پەرۋاز قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ، ھەجگە قاتناشساق، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بەخت تۇيغۇسىغا چۆمىمىز.» بۇنى ئاڭلاپ يىراق ئۆتمۈشتە بىر كىشىنىڭ بىشرى ھافىيغا دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ قالدىم.
ناۋادا بۇ ھاجىلىرىمىزنىڭ چۈشەنچىسى توغرا بولغان بولسا، ئىماندا راستچىل بولغان بولسا، ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن بولسا ئىدى، ئۇلار ھەج چىقىملىرىنى ئىسلامنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتەلەيتتى؛ يىتىم–يىسىرلارنى باقىدىغان، ئاچ قالغانلارغا تائام بېرىدىغان، ئۆي-ماكانسىزلارنى ماكانلاشتۇرىدىغان، كېسەللەرنى داۋالايدىغان، بىلىمسىزلەرگە بىلىم بېرىدىغان، ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلالايتتى؛ شۇنداق قىلغانسېرى ھەج قىلىشتا ھېس قىلغاندىن بەكرەك بەخت تۇيغۇسىغا چۆمەتتى، روھىيىتى تېخىمۇ كۈچىيەتتى.
قارىسام، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مېدىتسىنا، گېئومېتىرىيە، ئاگرونومېيە، تىل-ئەدەبىيات قاتارلىق نەزەرىۋىي ۋە ئەمەلىي فاكولتىتلىرىدا لاياقەتلىك، ئەلاچى ئوقۇۋاتقان دىيانەتلىك ياشلار پۈتۈن كۈن دەۋەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى باھانە قىلىپ ئوقۇشنى تاشلاپتۇ، ئۇلار مەكتەپتىن ئايرىلغىنىغا قىلچىمۇ ئۆكۈنمەيدىكەن. ۋەھالەنكى ئۇلارنىڭ ئۆز ساھەسىدە ئوقۇپ مۇتەخەسسىسلىشىشى پەرز كۇپايىلەر جۈملىسىدىن ئىدى، بۇ پەرز كۇپايىلەرنى قىلىشقا ئادەم چىقمىسا، پۈتۈن ئۇممەت گۇناھكار بولاتتى. ئۇلار ئۆز ئىشىنى دۇرۇس نىيەت بىلەن پۇختا ئادا قىلغان بولسا، ئاللاھنىڭ ھۇدۇدىدىن ھالقىپ كەتمىگەن بولسا، شۇ ئىشلىرىنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرالايتتى ئەمەسمۇ ! ناۋادا ھەممە مۇسۇلمان كەسىپنى تاشلىۋەتسە، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئىتىنى كىم قوغدايدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىمۇ ساھابىلەر ھەرخىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىناتتى، رەسۇلۇللاھ ھېچكىمدىن پۈتۈن كۈن دەۋەت بىلەن شۇغۇللىنىش باھانىسى بىلەن كەسىپنى تاشلاشنى تەلەپ قىلمىغان ئىدى، ھەممە ئادەم ئۆز كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋەرگەن ئىدى، ھىجرەتتىن بۇرۇنمۇ، كېيىنمۇ ئەھۋال شۇنداق بولغان ئىدى، كۆرەشكە چاقىرىلغاندا، كۆرەشكە چىقىشقا سەپەرۋەر قىلىنغاندا بولسا، ئۇلار ئۇلۇغ-ئۇششاق ھەممىسى مال-جانلىرىنى ئاللاھ يولىغا پىدا قىلىپ كۆرەشكە چىقاتتى.
ئىمام غەزالىي ئۆز زامانىسىدە مۇسۇلمانلار يۇرتىدا يەھۇدىي ۋە ناسارا تېۋىپتىن باشقا تېۋىپ بولمىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ داۋالىنىشى كاپىر تېۋىپنىڭ قولىغا قالغان، مۇسۇلمانلارنىڭ جانلىرى ۋە جان يەرلىرى كاپىر تېۋىپلانىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇلغان، روزىدار ئىپتار قىلغۇدەك كېسەلمۇ، يارىدارنىڭ يارىسى تەيەممۇم قىلغۇدەك ئېغىرمۇ دېگەندەك شەرىئەت ھۆكۈملىرىدە كاپىر تېۋىپنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئىش قىلىدىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ كۆپچىلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىقھى ئۈگىنىشكىلا يۈزلەنگەنلىكىنى توغرا تاپمىغان ئىدى !
قارىسام يەنە بىر مۇنچە ياشلار كۈندە دېگۈدەك پۇرۇئات مەسىلىلەر ياكى ئىختىلاپى مەسىلىلەردە جاڭجاللىشىپ جاھاننى بېشىغا كېيىدىكەن؛ ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلدىغان، ئىسلامنى ئۆچ كۆرىدىغان، ئىسلامدىن ئەنسىرەپ، ئىسلامغا توزاق قۇرۇپ ئىسلامنى يوقىتىش تەمەسىدە بولۇۋاتقان دىن دۈشمەنلىرى بىلەن زادىلا كارى بولمايدىكەن. تېخى ئامېرىكا، كانادا، ياۋرۇپا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدە پاناھلىنىۋاتقان ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار ئىچىدىمۇ سائەتنى ئوڭ قولىغا سېلىش كېرەكمۇ ياكى سول قولىغىمۇ؟ كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيگەننىڭ ئورنىغا ئۇزۇن ئاق كۆينەك كىيىش سۈننەتمۇ ياكى ۋاجىبمۇ؟ ئاياللارنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟ شىرەدە تاماق يېيىش، تاماق يېگەندە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇش، قوشۇق، ۋىلكىلارنى ئىشلىتىش كاپىرلارغا ئۆزىنى ئوخشاتقانلىق بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ دېگەندىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ئادەملەرمۇ بار ئىكەن.
مانا بۇنىڭدەك مەسىلىلەر ۋاقىتنى نابۇت قىلىدۇ، بىرلىكنى بۇزىدۇ، سۈركىلىش پەيدا قىلىدۇ، تىرىشچانلىقنى ۋە كۆرەشنى زايا قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى، بۇ مەسىلىلەرگە كۈچ سەرپ قىلغانلىق ھاۋاغا مۇشت ئاتقانلىقتۇر، ئۆز قۇيرۇقى بىلەن ئۆزى تالاشقانلىقتۇر.
قارىسام، ئىبادەتگۇي، پەرھىزكار يىگىتلەر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ، قېرىنداشلىرى ۋە ھەمشىرىلىرىنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىنى ياكى دىندىن چەتنىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارغا يىرىك مۇئامىلە قىلىدىكەن، قوپال مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ گەرچە ئاتا-ئانا مۇشرىكلىققا ئۈندىسىمۇ، بار كۈچى بىلەن ئىسلام دىنىدىن ئازدۇرۋېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بالىنى ئاتا-ئانىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرىغانلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ: «ئەگەر ئاتا-ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن.»  ئاللاھ مانا بۇ ئايەتتە ئاتا-ئانا بالا-ۋاقىنى دىنسىزلىققا زورلىغان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرىدى، چۈنكى، ئاتا-ئانىنىڭ ھەققى ئاللاھنىڭ ھەققىدىن باشقا ھەرقانداق ھەقنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، شۇڭا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «(ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر.»
ئاتا-ئانا دىنسىزلىققا بۇيرىسا، ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلماسلىققا ھەرگىز بولمايدۇ، بۇنىڭغا ھەرقانداق باھانە-سەۋەب كۆرسەتكەن بىلەن ئاقمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇرۇق-تۇققانلارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.»
مۇسۇلمانلار چۈشكۈنلىشىش دەۋرلىرىدە بىر مۇنچە پىشكەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاسارىتى ھېلىھەم مەۋجۇد. تۆۋەندە ئۇنىڭ بەزىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز:
1- ئىلم-پەندە، سانائەتتە، ھەربىي ھازىرلىقتا يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇش پەرز كۇپايە ئىدى، بۇ پەرز كۇپايە ئۇممەتنى قەغەز يۈزىدە ئەمەس، ئېغىزدا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتتە ئۆز-ئۆزىگە خوجا قىلالايتتى. فىقھى ھۆكۈملەرنى ئىجتىھاد بىلەن خۇلاسىلەپ چىقىش، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش، تولۇق ئەركىنلىك بىلەن سايلام ئېلىپ بېرىپ كېڭەش بىلەن ھاكىمىيەت قۇرۇش، دىندىن چەتنىگەن زالىم پادىشاھلارغا قارشىلىق كۆرسىتىش قاتارلىقلار پەرز كۇپايە ئىدى. دىننى دۈشمەن تۇتقان پادىشاھقا قارشى چىقىش تېخىمۇ پەرز ئىدى. مۇسۇلمانلار پۈتۈن ئۇممەتنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بۇ پەرز كۇپايىلەرگە ناھايىتى زور دەرىجىدە سەل قارىدى.
2-مۇسۇلمانلار بەزى پەرز ئەينلەرگىمۇ سەل قارىدى ياكى پەرز ئەيننىڭ قىممىتىنى تۆۋەن چاغلىدى. مەسىلەن: ياخشىغا بۇيرۇش، ياماندىن توسۇش پەرز ئەين ئىدى، قۇرئاننىڭ ئىمانى جەمئىيەت تونۇشتۇرۇلغان ئايىتىدە بۇ پەرز ئەين نامازنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئىدى: «مۇئمىن ئەرلەر، مۇئمىن ئاياللار بىر-بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ…»
ياخشىغا بۇيرۇش، ياماندىن توسۇش ئۇممىتى مۇھەممەدىيىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇممەت بولىشىدىكى بىرىنچى سەۋەپ ئىدى: «(ئى مۇھەممەد ئۇممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇممەتسىلەر.»
ياخشىغا بۇيرۇشقا، ياماندىن توسۇشقا سەل قاراش بەنى ئىسرائىلنى ئاللاھنىڭ لەنىتىگە دۇچار قىلغان ئىدى: «بەنى ئىسرائىلدىن كاپىر بولغانلار داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىسانىڭ تىلى بىلەن (يەنى زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) لەنەت قىلىندى. بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىشى) ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرىدىن بولدى. ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر-بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدىگەن يامان!»
3- مۇسۇلمانلار بەزى رۇكىنلارغا دەرىجىدىن تاشقىرى ئەھمىيەت بېرىپ كەتتى. مەسىلەن: روزىغا نامازدىن بەكرەك ئەھمىيەت بەردى، رامىزاندا روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلمان يوق دىيەرلىك، بولۇپمۇ، يېزا-قىشلاقلاردا شۇنداق، لېكىن نامازغا كەلگەندە ھورۇنلۇق قىلىدىغان مۇسۇلمانلار (بولۇپمۇ ئاياللار) خېلى كۆپ، ئۆمرىدە ئاللاھقا رۇكۇ-سەجدە قىلىپ باقمايدىغانلارمۇ بار تېخى. شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە نامازغا زاكاتتىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋەھالەنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كىتابىدا يىگىرمە سەككىز جايدا ناماز بىلەن زاكاتنى تەڭ ئورۇنغا قويغان ئىدى. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىز ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇلدۇق، زاكات بەرمىگەن كىشىنىڭ نامىزى ناماز بولمايدۇ» دېگەن. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ناماز بىلەن زاكاتنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتكەن كىشىگە قارشى ئۇرۇش قىلىمەن» دېگەن. ساھابىلەر زاكات بەرگىلى ئۇنىمىغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا پىكىر بىرلىككە كەلگەن. ئۇلار بۇ ئۇرۇشنى پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلغانلارغا ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن مۇرتەدلەرگە قارشى ئۇرۇش بىلەن ئوخشاش دەپ قارىغان. ئىسلام دۆلىتى تارىختا كەمبەغەللەرنىڭ ھوقوق-مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالغان.
4- مۇسۇلمانلار بەزى نەپلە ئەمەللەرگە پەرز، ۋاجىبقا ئەھمىيەت بەرگەندىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتتى. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، كۆپلىگەن دىيانەتلىك كىشىلەر زىكرى-تەسبىھنى كۆپ ئېيتىدۇ، ۋىردى-ۋەزائىپلەرنى جىق ئوقۇيدۇ، ئەمما ئۇلار نۇرغۇن پەرزلەرگە، بولۇپمۇ، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، سىلە رەھىم قىلىش، خوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش، ناتىۋانلارغا شەپقەت قىلىش، يېتىم-مىسكىنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، يامانلىقنى توسۇش، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي زوراۋانلىقلارغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئىجتىمائىي پەرزلەرگە ئۇنچىلا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ.
5- مۇسۇلمانلار ناماز ئۆتەش، زىكرى ئېيتىشقا ئوخشاش شەخسى ئىبادەتلەرگە باشقىلارغا پايدىسى تېگىدىغان كۆرەش، فىقھى، كىشىلەرنى ياراشتۇرۇش، ياخشى ئىشلاردا ھەمكارلىشىش، سەۋرچان ۋە مېھرىبان بولۇشقا تەۋسىيە قىلىش، ئادىللىقنى ۋە كېڭەشنى تەشەببۇس قىلىش، ئادەملەرنىڭ، بولۇپمۇ، ئاجىز ئادەملەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىبادەتلەرگە كۆڭۈل بۆلگەندىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتتى.
6- كۆپلىگەن كىشىلەر شاخچە ئەمەللەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، يىلتىز ئەمەللەرگە سەل قارىدى، ۋەھالەنكى، كونىلار: «يىلتىزنى بۇزغانلار شېخىدىنمۇ مەھرۇم بولىدۇ» دېگەن ئىدى، ئۇلار ئۇلغا سەل قارىدى، يەنى ئېتىقاد، ئىمان، تەۋھىد، ئىخلاسنى چىڭ تۇتمىدى.
7- كۆپلىگەن كىشىلەر ھاراملارغا قارشى تۇرغاندىن بەكرەك مەكرۇھقا ياكى شۈبھىلەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولدى. كەسكىن ھارامغا قارشى تۇرغاندىن بەكرەك ھالال-ھاراملىقىدا ئىختىلاپ بولغان نەرسىلەرگە قارشى تۇردى. رەسىمگە چۈشۈش، ناخشا-مۇزىكا، يۈزىنى يۆگەش دېگەندەك ئىختىلاپىي مەسىلىلەرگە ئاشنا بولغان ئادەملەرمۇ باركى، ئۇلار باشقا ئىشى يوقتەك شۇنداق مەسىلىلەر توغرىسىدا جەڭگە-جىدەل قوزغاپلا يۈرۈيدۇ، ھەممە ئادەمنى ئۆزىنىڭ قارىشىغا مەجبۇرىي كۆندۈرمەكچى بولىشىدۇ. ۋەھالەنكى ئۇلار ئۇممەتنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلىلەرنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. جۈملىدىن نۇرغۇن كىشىلەر گۇناھى سەغىرىگە قارشى تۇرىدۇ-يۇ، گۇناھى كەبىرە بىلەن كارى يوق. رەمباللىق، سىھرىگەرلىك، كاھىنلىق، قەبرىلەرگە باش ئۇرۇش، ئۆلگەنلەردىن ياردەم سوراش، ئۆلۈكلەرنىڭ نامى بىلەن زەبى قىلىش، ھاجەتلەرنىڭ راۋا بولۇشىنى، قېيىنچىلىقنىڭ ھەل بولۇشىنى ئۆلۈكلەردىن تىلەش دېگەندەك سۈزۈك تەۋھىد ئېتىقادىنى دۇغلاشتۇرىدىغان گۇناھى كەبىرىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كارى يوق. كېڭەش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، ئەركىنلىكنى بوغۇش، خەلق ھوقۇقىنى ۋە ئىنسانىي ھۆرمەتنى دەپسەندە قىلىش، ناباپ ئادەملەرگە ھوقۇق تۇتقۇزۇش، سايلامدا كۆز بويامچىلىق قىلىش، ئۇممەتنىڭ بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىش، ئائىلىۋىي ۋە سىنىپىي ئىمتىيازلارنى پەش قىلىش، ئىسراپخورلۇق ۋە بۇزۇپ-چېچىش قاتارلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي گۇناھى كەبىرىلەر ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ.
زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئۆلچەملىرى ئەنە شۇنداق قاتتىق بۇزۇلغان، چوڭىنى كىچىك بىلىدىغان، كىچىكنى چوڭ بىلىدىغان، ئاددىينى ئۇلۇغلاپ، ئۇلۇغنى خارلايدىغان، ئاۋۋالقىسىنى كېيىن، كېيىنكىسىنى ئاۋۋال قىلىدىغان، پەرز بىلەن كارى يوق نەپلىگە يامىشىدىغان، چوڭىنى تاشلاپ كىچىكىگە ئېسىلىدىغان، ئىختىلاپىي مەسىلىگە جان-جەھلى بىلەن بېرىلىپ، ئىختىلاپ يوق مەسىلە بىلەن كارى بولمايدىغان بولۇپ قالغان… مانا بۇ ئەھۋال زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشكە ناھايىتى ئىھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى بەلكى ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشنىڭ ئۇلارغا ئىنتايىن زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. زامانىمىز كىشىلىرى بۇ مەسىلىدە قايتا-قايتا ئويلىنىپ، بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ، بار كۈچى بىلەن ئىزدىنىپ، قانائەتلىنەرلىك بىر خۇلاسىگە كېلىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا يۈزلىنىشى كېرەك.

ئۇستاز، دوكتۇر يۈسۈف قەرەداۋىينىڭ «فىقھۇل ئەۋلەۋىيات» دېگەن  كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن ئېلىندى.

ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك؟ (1)
http://www.tepekkur.net/forum.php?mod=viewthread&tid=178&fromuid=61
ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك؟ (مەنبەسى: تەپەككۇر تورى)

كىتاپ دىيارى تورىدىن چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.kitabdiyari.com/kitab/uy/awalnime.pdf

ئىدىقۇت ئەپكۈتۈپخانىسى ئاندىروئىد ئېپىنى بەكتۇردىن چۈشۈرۈش: reader.zip (2.66 MB
« ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك؟» ئېلكىتابىنى بەكتۇردىن چۈشۈرۈش ئادرىسى: awalnime.pdf (2.88 MB

ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك؟ – در. يۈسۈپ ئەلقەرزاۋى ( ئېلكىتاب )
http://bektur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2676&fromuid=2435

مەنبە: ھايات كىتابىم تورى
https://yuzlen.net/?p=609