Tavsiyeler1

  1. مۇۋاھھىد مۇسۇلمان، ئاللاھ دوستلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ياخشى كۆرگەنلىرىگە مىسالى جەننەت بولغان؛ ئاللاھ دۈشمەنلىرىگە نەپرەت قىلىدىغان، ئۇلارغا مىسالى جەھەننەم بولىدىغان كىشىلەردۇر.
  2. مۇۋاھھىد مۇسۇلمان، ئۆزىگە يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھەر سىكۇنت ئېسىدىن چىقارمىغان؛ رەب سۈپتىدە پەقەت ئاللاھ نىلا قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنى ھېچقانداق بىر مەخلۇققا بەرمىگەن كىشىدۇر.
  3. مۇۋاھھىد مۇسۇلمان، شەرتسىز ئاللاھ قا تەسلىم بولغان ۋە « مەن ئالەملەرنىڭ رەببىگە ئىتائەت قىلدىم » دېگۈچىدۇر.
  4. مۇۋاھھىد مۇسۇلمان، قەلبى، قەۋلى ( يوشۇرۇن )، ئەمەلىم پىكرى، ئەخلاقى ھەر تۈرلۈك شېرىكتىن يىراق تۇرغۇچىدۇر.
  5. مۇۋاھھىد مۇسۇلمان، زەرىچىدىن ئالەمگە، تېرىقتىن قۇببىگە، تامچىدىن ئوكيانۇسقا، ئاتۇمدىن كائىناتقا قارىغان ۋاقتىدا، كۆرگەن ھەر نەرسىدە ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى، ۋاھدانىيىتىنى ( بىرلىكىنى )، ئادالىتىنى ۋە ھېكمىتىنى بىلىپ يەتكەن كىشىدۇر.
  6. بەدەن مەملىكىتىنىڭ پايتەختى بولغان يۈرىكىڭىزدە ئىماننى سۇلتان قىلىڭ. يۈرىكىڭىزنى دارۇل – ئىسلامغا ئايلاندۇرۇڭ. شۇنى ئۇنۇتماڭكى، يۈرىكىنى دارۇل – ئىسلامغا ئايلاندۇرالمىغانلار، ئۆيىنى ۋە ۋەتىنىنى دارۇل – ئىسلامغا ئايلاندۇرالمايدۇ.
  7. ئىمان سۇلتان بولمىغان بىر يۈرەكتە، شەيتان ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرىدۇ. بۇ ھاكىمىيەتنىڭ تىكلىنىشىگە پۇت – قول، كۆز – قۇلاق، تىلغا ئوخشاش ئورگانلار ياردەم قىلىدۇ. بۇ ئورگانلار شەيتاننىڭ ھاكىمىيەت كۆرىشىدە پايدىلىنىدىغان ۋاستىلىرى بولۇپ، گۇناھلاردىن ئۆزىگە ئوق ياسايدۇ. ئەگەر بۇ ئورگانلار ئىماننىڭ ھاكىمىيىتىنى تىكلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، يۈرەك مەملىكىتىنىڭ پايتەختىدىكى ھاكىمىيەت كۆرىشىدە ئىمان زەپەر قازىنىدۇ.
  8. « ئىچكى ئۇرۇش » تاكى ۋاپات بولغىچە داۋاملىشىدۇ. شەيتان بىلەن بولغان ئۇرۇشنى ھېچبىر ۋاقىت توختاتماڭ. « شەيتان سىلەرنىڭ ئوچۇق دۈشمىنىڭلاردۇر ». نەپسىڭىزنىڭ / ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقتىن خالىي ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنماڭ، « شۈبھىسىزكى نەپىس يامان ئىشقا ئۈندەيدۇ ». يۈرەك مەملىكىتىڭىزدە ئىمان بىلەن شەيتاننىڭ ئەبەدىي ئۇرىشىدا، ئىماننى سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق كۈچلەندۈرۈڭ. شۇنى ئۇنۇتماڭكى، « جەننەت، ئىنسان نەپسى ئېغىر كۆرىدىغان نەرسىلەر بىلەن ئورالغان ».
  9. « كۆڭلۈم تارتتى » دېگەن نەرسىڭىزنى، نەپسىڭىز تارتىۋاتامدۇ ياكى ئىمانىڭىز تارتىۋاتامدۇ؟ بۇنى ئوبدان دەڭسەپ كۆرۈڭ. بەندەن مەملىكىتىڭىزدە ئىماننى سۇلتان قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ( ئىمان )غا ياردەم قىلىڭ. ئەگەر بەندەن مەملىكىتىڭىزنىڭ پايتەختى قولدىن كېتىپ قالسا، قول – پۇت، كۆز – قۇلاق، تىل ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان كۈچنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭغا گەپ ئاڭلىتالمايسىز.
  10. قەلبىڭىز ئىمانىڭىزنىڭ مازىرى ئەمەس، سارىيى بولسۇن. ئىمانىڭىزنى كۈچسىز قالدۇرماڭ. يۈرەك زىدان بولغان، بۇ زىنداندا مەھكۇم بولغان بىر ئىمان قانداقمۇ كارغا كېلىدۇ؟