تەۋھىد 2

By

دېكابىر 25, 2014

Tavsiyeler1

  1. ئاللاھ قا يۆلىنىڭ ۋە پەقەت ئۇنىڭدىنلا ياردەم تىلەڭ. « ھەسبۇناللاھۇ ۋە نېمەل ۋەكىل – ئاللاھ بىزگە يېتىدۇ / كۇپايە، ئۇ نېمىدىگەن ياخشى ۋەكىل » سۆزى سىزنىڭ شۇئارىڭىز بولسۇن. بۇ ئۈمىدتە تەۋھىدتۇر. ئاللاھ تىن تىلەش ئۆز ئالدىغا بىر دۇئادۇر. بەندىنى يۆلەنچۈك قىلغانلار ئاسانلا يىقىلىپ چۈشىدۇ.
  2. مۈلۈكنىڭ ھەقىقىي ساھىبىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى ھېچ ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. بۇ مۈلۈكتە تەۋھىدتۇر. ئىنسانلارنىڭ مۈلۈك ئۈستىدە ھەق – تەلەپ داۋاسى بىر خىل دورامچىلىقتۇر. مۈلۈكنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ئاللاھ بولۇپ، ئۇلارنى ئىنسانلارغا ئامانەت قىلغان. ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلار، خائىنلارغا بېرىلگەن جازاغا دۇچار بولىدۇ.
  3. ھۆكۈمنى پەقەت ئاللاھ قا خاس قىلىڭ. بۇ ھۆكۈمدە تەۋھىدتۇر. مۇتلەق ھاكىمىيەت شەرتسىز ئاللاھ قا خاستۇر. مۇتلەق ھۆكۈم ئىگىسى ئاللاھ تۇر. ئۇنىڭ مۇتلەق ھۆكۈم چىقارغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلار، ئاللاھ نى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. ئۇ ھاكىمىيىتىنى، ئۆزىگە ئورۇن باسار ( خەلىپە ) قىلغان ئىنسانلار ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئاسمانلاردىمۇ ۋە زېمىندىمۇ ئوخشاش. ئۇ نازىل قىلغان بىلەن ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر، زالىملارنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
  4. ئۆلۈم ۋە ھايات ئۇنىڭ ئىلكىدە. ئۆلتۈرگۈچىمۇ، ياشاتقۇچىمۇ ئاللاھ تۇر. بۇمۇ تەۋھىدنىڭ بىر پارچىسى. بۇ ئېتىقاد ئىنسانلارنى ئۆلۈم دەھشىتىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىدۇ.
  5. مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھ تىن كېلىدۇ. ئۇتۇقنى مۇتلەق مەنىدە سان ئۈستۈنلىكى ۋە ماددىي كۈچكە باغلاپ، ئاللاھ نى ئۇنتۇش بىر ئەقىدە كەمتۈكلىكىدۇر. ئاللاھ زەپەر ئۈچۈن قويغان سۈننەتلەرگە ئەمەل قىلماستىن غەلىبە تاماسىدا بولۇش، ئاللاھ نى ھەقىقىي مەنىدە تونۇمىغانلىق بولىدۇ. ئاللاھ، ئۇتۇق ئۈچۈن قويغان قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلغان ھەر قانداق كىشىگە نەتىجىنى ئىھسان قىلىدۇ.
  6. رىزىق ئاللاھ تىن كېلىدۇ. ئاللاھ رىزىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى بەلگىلىك قانۇنىيەت ( سۈننەت )كە مەنسۇپ قىلغان. ئاچلىق قورقۇسى، ئاچلىقتىن مىڭ ھەسسە خەتەرلىك ۋە قورقۇنچلىق. ئاللاھ بەلگىلىگەن ئومۇمىي قانۇنىيەت ( سۈننەتۇللاھ )كە چىڭ يېپىشقان ھەر كىشى قىلغان ئەجرىگە يارىشا نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. بۇ نەتىجە بېرىلگەندە، ئۇنىڭ ئېتىقاد مۇھىم ئەمەس، ئەكسىچە شۇنىڭغا لايىق ئەجىر قىلىپ – قىلمىغانلىقى ئاساس قىلىنىدۇ. ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىش بىلەن مال – مۈلۈك ئازىيىپ كېتىدۇ دەپ قاراش، رىزىقتا تەۋھىدنىڭ يوقلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
  7. « ئۈممىتىڭىز تەك بىر ئۈممەتتۇر ». بۇ بىر گەۋدە بولغان ئۈممەتنى پارچىلايدىغان ئىش – ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇڭ. تەپرىقە پەيدا قىلىش، شېرىكنىڭ ئىجتىمائىي تۈرىدىن بىرى. تەۋھىدنىڭ ئىجتىمائىي شەكلى ۋەھدەت ( ئىتتىپاقلىق، بىرلىك ) دەپ ئاتىلىدۇ. ۋەھدەتنى، پەقەت مۇۋاھھىد خىسلىتىگە ئىگە بولغان مۇسۇلمانلار شەكىللەندۈرەلەيدۇ.
  8. ئىنساننىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەرىپى بولغان ھېس – تۇيغۇ، تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت تەڭپۇڭلىقىنى ئادىل شەكىلدە بەرپا قىلىڭ. مۇۋازىنەت، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇئامىلىسى، پرىنسىپى بولىشى كېرەك. قورقۇ – ئەندىشە، دۇنيا – ئاخىرەت، زاھىرى – باتىنى تەڭپۇڭلۇق، رايون خاراكتېرلىق – يەرشارىۋىي خاراكتېرلىق تەڭپۇڭلىقى، ئەقىل – ئىمان، بىلىم – دىن تەڭپۇڭلىقى، شەخس – جامائەت تەڭپۇڭلىقى، مۇھەببەت – نەپرەت تەڭپۇڭلىقى بۇلاردىن بىر قانچىسى.
  9. قۇرئان بۇ ئۈممەتنى « مۆتىدىل » بولۇشقا تەرغىپ قىلىدۇ. پىكىر، ئەقىدە، ئەخلاق، ئەمەل مۇۋازىنىتىنى ئۆز شەخسىيتىدە شەكىللەندۈرەلمىگەنلەر، بۇ تەڭپۇڭلۇقنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان ئىسلامنى ئىنسانىيەتكە قانداقمۇ يەتكۈزەلىسۇن؟
  10. مۇۋاھھىد مۇسۇلمان، لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېگەن ۋە بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەشكە تەييار تۇرغان كىشىدۇر.