سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » جۈمە خۇتبىسى » قۇرئان پەنجىرىسىدىن ۋەقەلەرگە نەزەر

قۇرئان پەنجىرىسىدىن ۋەقەلەرگە نەزەر

قۇرئان بۈگۈنگە نېمە دەيدۇ؟

 

قۇرئان بۈگۈنگە نېمە دەيدۇ؟

www.youtube.com/watch?v=Ha6riJCVXkg

قۇرئان بۈگۈنگە نېمە دەيدۇ؟

قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېزىز دوستلىرىم

فەتىھ سۈرىسى 29 – ئايەتتە رەببىمىز بىزگە:

” مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر ۋە ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغانلار ھەقنى ئىنكار قىلغانلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، بىر – بىرىگە كۆيۈنۈشنى ئۆزىگە پەزىلەت قىلغانلاردۇر. ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىدىن نىشانلىرى بار “ دەيدۇ.

ئېزىز دوستلىرىم، بىز بارلىق مۇناسىۋەتلەردە ئاساس قىلىدىغان بىردىنبىر مەنبە مۇقەددەس قۇرئاندۇر. ھەر قانداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەندە، ” قۇرئان بۇ ھەقتە نېمە دەيدۇ “ دەپ ئۇنىڭغا بىر قاراپ بېقىشىمىز كېرەك. ھەرقانداق بىر ۋەقە – ھادىسىگە دۇچ كەلگەن ۋاقتىمىزدا، ” قۇرئان بىزگە نېمە دەيدۇ، نېمە دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئاللاھ نېمە دەيدۇ “ دەپ قۇرئانغا مۇراجەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ سەۋەپتىن قۇرئان بىزنىڭ ئۇچرىشىش نوقتىمىزدۇر، بىزنى بىرلەشتۈرىدىغان نوقتىدۇر. قۇرئان بىزنىڭ يول كۆرسەتكۈچىمىزدۇر. بىزنىڭ پاناھگاھىمىز، ئىستىھكامىمىزدۇر. يۆلەنگەن بىردىنبىر يۆلەنچۈكىمىزدۇر. شۇڭا قۇرئان ۋە ھالى قۇرئاننىڭ جانلىق شەكلى، رىئال تۇرمۇشتىكى ھالىتى، ئىككى پۇتلاپ ئۆرە تۇرغان قۇرئان بولغان مۇھەممەد ( س ئە ۋ ) ۋە ئۇنىڭ پاك سۈننىتى بىز قوبۇل قىلىدىغان ۋە ئاساس قىلىدىغان مەنبەيىمىز بولىشى كېرەك. شۇڭا قۇرئانغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرگە ئەھمىيەت بېرىمەن. قۇرئان ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇش، قۇرئان ئۈچۈن ئۇچرىشىش، قۇرئان ئۈچۈن بىر كېچىمىزنى قۇربان قىلىش، ھېچ بولمىغاندا بىر ھەپتىدە بىر قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇش، قۇرئان ھالقىلىرى شەكىللەندۈرۈش، قۇرئان ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش، قۇرئان ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىش، قۇرئاندىن ھەمبەھىرلىنىش، چوڭقۇر تەپەككۇر بىلەن ھاسىل بولغان چۈشەنچىلىرىمىزنى ئورتاقلىشىش ۋە قۇرئان ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بارلىق ۋاقىتلار ئاللاھ ئۈچۈن قىممەتلىكتۇر. بىزلەر ئۈچۈن سالىھ ئەمەللەردۇر. شۇڭا ئاز بولسىمۇ دائىم بولغان ئەمەللەر مەقبۇلدۇر. بىزنىڭ پات – پات ئۇچرىشىپ تۇرىشىمىز، ھەپتىدە بىر قېتىم بىر يەرگە جەم بولىشىمىز، بىرلىكتە قۇرئاننى قىرائەت قىلىشىمىز، تەپەككۇر قىلىشىمىز، بىرلىكتە قۇرئاننى چۈشۈنۈشىمىز، قەلبتىن قەلبكە تۇتاشقان يولنى قۇرئان بىلەن يېڭىلاپ تۇرىشىمىز، قۇرئان بىلەن ياخشىلاپ تۇرىشىمىز، بىزەپ تۇرىشىمىز مەقبۇلدۇر، مۇھىم ۋە ئەۋزەلدۇر. بۇ ئىزچىل بولۇپ تۇرىشى كېرەك.

ناھايىتى ئېغىر بىر مەزگىلنى باشتىن ئۆتكۈزىۋاتىمىز، ئېغىر، مۇشەققەتلىك بىر جەرياننى، ئىمتىھاننى باشتىن ئۆتكۈزىۋاتىمىز، يالغۇز قالغان ۋە ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىمىزنى ھەممىمىز كۆرىۋاتىمىز ۋە شاھىت بولىۋاتىمىز. بىز ھەر مەسىلىنى قۇرئانغا مۇراجەت قىلغىنىمىزدەك، بۇ مەسىلىنىمۇ قۇرئاندىن سورىشىمىز كېرەك. ھەر كىم مۇنداق مۇھىم ئىككى سۇئالنى ئالدىغا قويسۇن، بۇ ئىككى سۇئال ھەققىدە مۇلاھىزە قىلسۇن.

  1. تۈركىيەدە يۈزبەرگەن بۇ ۋەقەلەر كىمنى خوشال قىلىدۇ؟ بۇ ۋەقەلەردىن كىملەر رازى بولىدۇ، پايدا ئالىدۇ؟ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئوبدان ئويلىنىپ كۆرەيلى. بۇ ۋەقەلەرنى چۈشۈنۈشىمىزدە بىزگە پايدىسى بولىدۇ.
  2. دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ، غەرب ئەللىرىنىڭ، تاشقىي كۈچلەرنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ قايسى تەلەپلىرى بىردەكلىككە ئىگە؟ كىمنىڭ تەلەپلىرى غەرب ئەللىرىنىڭ تەلەپلىرى بىلەن ئوخشاش؟ مەسلەن: تۈركىيەدە بىر كىشى مەلۇم بىر ئورۇنغا باشلىق قىلىپ تەيىنلەندى. بۇ كىشىنىڭ بۇ ئورۇنغا كېلىشىنى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىل خالىمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا مەملىكىتىمىزدە ئۇلارغا ئوخشاش بۇ كىشىنى خالىمايدىغان بىرسى بارمۇ؟ يەنى ئۇلار ( ئامېرىكا ۋە ئىسرائىل ) بىلەن تۇتقان يولى ۋە سىياسىتى ئوخشىشىپ قالىدىغان بىرسى بارمۇ؟ دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى تەلەپلىر بىلەن بەزىلەرنىڭ تەلەپلىرى بىردەكلىككە ئىگىمۇ – ئەمەسمۇ؟ پاراللىلمۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇلار خۇددى بىر مەركەزدىن ئېلىنغان قاراردەك، ئۇنداق دېمەيلى، بۇ گۇمان بولۇپ قالىدۇ، لېكىن نەتىجىدە بىر –بىرىگە ماس كەلگەن، بىردەكلىككە ئىگە بولغان يوللاردىن سۆز قىلىش مۇمكىنمۇ؟ بۇنىڭغا قاراپ باقايلى. ئەگەر پاراسەت بىلەن بۇ ئىككى سۇئالنىڭ جاۋابىنى تاپالىساق، يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە قارىتا ئۆزىمىزنى تولۇق تەييارلىغان، ئېنىق سەپ تۇتقان بولىمىز. بۇ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئاللاھ بىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ مەسلىلەرنى قۇرئاندىن سوراپ باقايلى، قۇرئان بىزگە قانداق يول كۆرسىتىدۇ؟ قۇرئان بىزگە نېمە دەيدۇ؟

قۇرئان دەيدۇكى: ” ئۇلارنى ئۆزەڭلارغا دوست ۋە سىرداش قىلىۋالماڭلار! “، ” مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر ۋە كاپىرلارغا قاتتىقتۇر، ئۇلارنى ئىشىغا قول تىققۇزمايدۇ “. مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ 8 ۋە 9 –ئايىتىنى ئەسلەيلى. ” ئۇلار بىزنى يۇرتىمىزدىن ھەيدەپ چىقارمىغان، جېنىمىزغا قەست قىلمىغان، ھاياتىمىزنى قېيىن ۋە مۇشكۈل ھالغا كەلتۈرمىگەن مۇددەتچە ئۇلار بىلەن نورمال مۇناسىۋەت ئورناتساق بولىدۇ. مۇشېرىكلار بىلەن، ئەھلى كىتاپلار بىلەن، ئاتائىستلار بىلەن… ھەر كىم ئۇلار بىلەن نورمال مۇناسىۋەت ئورناتسا بولىدۇ، قۇرئان بۇنى چەكلىمەيدۇ. لېكىن، قۇرئان بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ ” ئۇلارنى ئىشلىرىڭلارغا ئارىلاشتۇرماڭلار، قارار بېرىدىغان ئىشلاردا ئۇلارنى يېقىن كەلتۈرمەڭلار، كۆڭلىدىكى ئىشلارنى سىلەرگە قىلدۇرىشىغا يول قويماڭلار، دوست، سىرداش، يولداش، قېرىنداش قىلىۋالماڭلار “ دەيدۇ. بىزگە بىر دۈشمەنلىك قىلمىغان بولسا، نورمال مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن توسمايدۇ. لېكىن، فەتىھ سۈرىسىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا كۆيۈمچان، مېھرىبان، غەيرى مۇسۇلمانلارغا قارىتا قاتتىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

تارىختا يېقىن جۇغراپىيىمىز بەك كۆپ ئۆزگۈرۈشكە شاھىت بولغان. چۈنكى ئوتتۇرا شەرق ۋەھىينىڭ مەركىزى، ۋەھىينىڭ نازىل بولۇش مەركىزى بولغان بىر ماكان. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا بۇ ماكان ئەڭ چوڭ ھىيلە – مىكىر ۋە غەربلىك ئىستىراتېگىيىشۇناسلارنىڭ ھەر خىل ئويۇنلىرىغا سەھنە بولغان. بۇ رايونغا قارىتا غەرب ئەللىرىنىڭ ئىستىراتىگىيە چۈشەنچە تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە جەمىئىيەتشۇناس خادىملىرى مەزكۇر رايونغا قارىتا ناھايىتى چوڭ ئويۇنلارنى پىلانلىماقتا ۋە بۇ رايوننى پارچىلاش، پارچە – پارچە قىلىۋېتىش، يوق قىلىش ئۈچۈن ئوسمانلى ئېمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ ھەر تۈرلۈك ھېيلە – مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن. بۇ رايوندا ناھايىتى چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەردى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىمۇ دارۇل نەدۋە دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەر بار ئىدى. ئىسلام دۈشمەنلىرى ئۇ يەردە جەم بولۇپ مۇسۇلمانلارنى يوقۇتۇش، پەيغەمبەر ئۈستىدىن ھىيلە ۋە تۇزاقلار قۇرۇش ئۈچۈن پىلان تۈزەتتى. ئۇلار ئەبۇ جەھىل، ئۇتبە، ۋەلىد بىن مۇغىرە، شەيبە ۋە ئۇ دەۋرنىڭ ئەڭ چوڭ زالىملىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ مۇسۇلمانلارنى يوقۇتۇش ھەققىدە پىلانلار تۈزەتتى. بۈگۈنمۇ يەنە شۇ ئويۇننى پىلانلىغانلار، دارۇل نەدۋە ئەھلى غەرب ئەللىرى سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقاماقتا. پەيغەمبەر ئۇ دەۋردە قانداق سەگەك بولۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان بولسا؛ مۆئمىن يىلان چىققان كامارغا قولىنى ئىككىنجى قېتىم تىقمايدۇ دېگەن بولسا؛ تارىخقا قاراش بۈگۈنكى ۋەزىيەتنى چۈشۈنۈشنىڭ تەقەززاسى بولغان بولسا؛ ئاللاھ ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن قۇرئاننىڭ ئۈچتەن ئىككىسىنى تارىخ سۈپتىدە ئوتتۇرىغا قويغان بولسا؛ ئىنساننىڭ مەغلۇبىيىتى، خاتالىقلىرى بىلەن بىزنى ئاگاھلاندۇرغان بولسا، سەگەك بولىشىمىز، پاراسەتلىك بولىشىمىز ۋە بىزنىڭ تەقدىرىمىز ھەققىدە ئېلىنغان قارارلارنى بىچىت قىلىشىمىز ھەمدە ھەق تەرەپتە سەپ تۇتۇشىمىز ھەققىدە بىزنى سەگەك بىر زېھنى بولسۇن، كۆزى رۇشەن بولسۇن دەپ دېگەن ۋە بىزنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئېسىڭلاردا بولسا، بۇنىڭدىن 3- 4 يىل مۇقەددەم بۇ مېھراپتا ئوقۇغان بىر خۇتبىدە سىلەرگە يەتكۈزگەنىدىم. يەنى ئىمپاكت ئىسىملىك بىر ژورنال بار. بۇ ژورنالدا غەربلىك ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسىسلىرى ئوتتۇرىغا قويغان قارارلارنى سىلەرگە ئۈچ تېما سۈپتىدە سىلەرگە يەتكۈزگەنىدىم. ئۇلار مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناسىۋەت قۇرغاندا شۇ ئۈچ نوقتىنى ئاساس قىلىڭلار دەيدۇ:

  1. مۇسۇلمانلارنى مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇرلاڭ، مۆتىدىل، يۇمشاق، سىز خالىغان تەرەپكە تارتالايدىغان ئىسلاتىك ھالەتكە كەلتۈرۈڭ. ئۇلار بىلەن مۇرەسسە قىلىڭ. دېگەنلىرىڭىزنى قوللايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قىزىقىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈڭ. ئۇلارنىڭ سىزگە قارشى چىقىشىنى، رەت قىلىشىنى توسۇڭ. ئۇلارنى مۇرەسسە قىلىدىغان كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇڭ.
  2. ئەگەر بۇنى قوبۇل قىلمىسا، مۇرەسسە قىلمىسا، ئۇلار سىز ئۈچۈن خەتەرلىكتۇر. ئۇلارنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى يوق قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچ تۇيغۇسىنى يوقىتىدىغان نەرسىلەرنى تېپىڭ ۋە پەيدا قىلىڭ. بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى يوقۇتۇڭ. ئۇلارنىڭ ئىتىبارىنى خۇنۈكلەشتۈرۈڭ، كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ھىمايىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇڭ.
  3. ئەگەر بۇنىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا يوقۇتۇڭ.

ئۇلار بىلەن مۇرەسسە قىلىڭ، مۇرەسسە قىلالمىسىڭىز ئىناۋىتىنى تۆكۈ، ئۇنىمۇ قىلالمىسىڭىز ئۇلارنى كۆزدىن يوقۇتۇڭ، چۈنكى ئۇلار سىز ئۈچۈن خەتەرلىكتۇر.

دىققەت بىلەن قارىساڭلار، ئادنان مەندەرەس ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندا، ئۇنىڭ يېنىدىكى مىنىستىرلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماڭ. مىنىستىرلارنىڭ بانكىدا مۇنچىلىك پۇلى بار، شۇ يەردە بىر نەرسىسى بار دەپ ئۇلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆككەنىدى. بۈگۈن تىرناق ئاتالمىش ” ئەڭ چوڭ گېزىت “نى تەخمىن قىلالايسىلەر. ئۇ گېزىتنىڭ شۇ كۈنلەردىكى سانلىرىنى بىر كونۇپكا بىلەن بېسىپ ئېچىپ قارىسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىناۋىتىنىڭ قانداق تۆكۈلگەنلىكىنى، ئىتىۋارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ۋە ئۆلتۈرگەنلىكىنى، خەلقنىڭ نارازلىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن قانداق ئويۇنلار ئوينىغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

بىز تارىختىن ساۋاق ئالغان بىر مىللەت بولىشىمىز كېرەك، ئاللاھ قۇرئاننىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسمىنى بىكاردىن تارىخ سۈپتىدە ئالدىمىزغا قويمىدى. ئاللاھ بىزنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئالدىمىزغا تارىخى تەجرىبىنى بىكاردىن بىكارغا ئالدىمىزغا قويمىدى. ئاللاھ بىزدىن بۇلاردىن ساۋاق ئېلىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇلارنى نەزەرگە ئالغان ھالدا ئۆزىمىزگە بىر نىشان بەلگىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئاللاھ بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماسلىقىمىزنى، ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئويۇنچاق بولۇپ قالماسلىقىمىزنى، ئۇلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا ئىزلمەسلىكىمىزنى، شەرەپلىك ھالدا قەددىمىز رۇس ھالدا تۇرىشىمىزنى ۋە ئۆزئارا ئارىمىزدىكى بېغىمىزنى كۈچەيتىشىمىزنى، مۇستەھكەم قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ” ئۇلارنىڭ چويۈندەك بىر – بىرى بىلەن زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم بولىشىدىن خوشال بولىدۇ، مەمنۇن بولىدۇ، ماختايدۇ “. ئاللاھ بىزنىڭ ھەمكارلىق، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنى، قېرىنداشلىق رىشتىمىزنى، ئىتتىپاقلىقىمىزنى، ۋەھدەتىمىزنى مۇشۇنداق مۇھىم بىلىدۇ. ئايرىمچىلىقنىڭ بىزنى قانداق ھالغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئوقۇغان خۇتبەمدە ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن تەكرارلىنىش بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئايەتلەرنى دېمەيمەن. ئاللاھ بىزدىن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئاساسىدا ھۇشيار بولىشىمىزدىن تەلەپ قىلىدۇ.

بۇنىڭدىن 15 ياكى 16 يىل مۇقەددەم، ۋاندىن ئەنقەرەگە ياكى ئىستانبۇلغا ئايرۇپىلان بىلەن قايتىۋاتقان ۋاقتىمدا، يېنىمدا ئىككى كىشى ئولتۇرغانىدى. بىرسى ئەجنەبىي بولۇپ، يەنە بىرسى تەتقىقاتچى ئىدى، خاتالاشمىغان بولسام.  ئۆز ئارا بىر نېمىلەرنى دېيىشتى، ماتېرىياللارنى چىقىرىپ ئۇ ھەقتە پاراڭلاشتى، يات تىلدا سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن نېمە دېيىشكەنلىكىنى ئۇقالمىدىم. ئايروپىلاندىن چۈشۈپ، ئاپتۇۋۇزغا چىققاي دەپ تۇرسام ھېلىقى تەتقىقاتچى ماڭا ئاجايىپ مەلۇماتلارنى دەپ بەردى. ۋاندىن كەلدۇق، يېنىمدىكى كىشى غەربتىكى بىر دۆلەتتىن كەلگەن بولۇپ، قولىدا ۋانغا مۇناسىۋەتلىك تولۇق مەلۇمات بار. قايسى قەبىلىلەر بار، دىنى قارىشى قانداق، قايسى شىۋىدە سۆزلىشىدۇ، كىمنىڭ كىم بىلەن زىددىيىتى بار، كىمنىڭ نازۇك تەرىپى قايسى دېگەندەك مەلۇماتلار. ۋانغا مۇناسىۋەتلىك بۇنداق بىر مەلۇماتنىڭ بىزدە بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن. بىزنىڭ رەسمىي دۆلەت ئورگانلىرىمىزدىمۇ بۇنداق تەپسىلىي مەلۇمات يوق، دەپ قارايمەن دېدى.

ئۇنداقتا بۇ ئامېرىكىلىقنىڭ ياكى ئىنگىلىزنىڭ ۋاندا نېمە ئىشى بار؟ بىزنىڭ بۇنداق ئاجىز نوقتىمىزنى، نازۇك تەرىپىمىزنى، قەبىلىلىرىمىزنى، رايوننىڭ قۇرۇلمىسى، ئېتنىك مەنبەسى، دىنى ئۆزگىچىلىكى، بىر – بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ھەتتا تىل ۋە شىۋە پەرقلىرىنى نېمە ئۈچۈن تەتقىق قىلىدۇ؟ نېمىشقا بۇ ئىشقا كۈنلەپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ تەييارلاپ ئېلىپ كېتىدۇ؟ بۇلار بۇ مەلۇماتلارنى سىتىراتىگىيە چۈشەنچە تەتقىقات مەركەزلىرىگە بىزنى يوقۇتۇش پىلانى تۈزۈش ئۈچۈن تەييارلاپ بېرىدۇ. ئۇلار سىتىراتېگىيە مۇتەخەسىسلىرىنى مۇشۇنداق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇلار ئارقىلىق بىزنى قانداق بۆلۈپ پارچىلاش، ئارىمىزدىكى ئوخشىماسلىقلارنى نېمە؟ قايسى تەرەپنى ئالدىغا چىقارساق بولىدۇ؟ بىز بۇ رايۇننى قانداق قىلساق پارچىلاپ بۆلىمىز؟ بۇ كىشىلەرنى قانداق قىلىپ بىر – بىرىگە دۈشمەن ھالغا كەلتۈرىمىز دېگەن مەقسەتتە پىلان تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ مەلۇماتلارنى بېرىدۇ. بۇلارنىڭ بىزنىڭ ياخشىلىقىمىزنى ئويلىمايدىغانلىقىنى، قېرىنداشلىقىمىزنى شەكىللەندۈرۈشكە ياردەم قىلمايدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز.

ئاللاھ دەيدۇكى: ئۇلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار، ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار بىلەن سىرداشماڭلار، ئۇلار بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلماڭلار، ھەل قىلغۇچ مەسلىلەرگە ئۇلارنى قول تىققۇزماڭلار، ئاراڭلارغا مۇساپە قويۇڭلار، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار مۆئمىنلەردۇر. ھەمكارلىشىڭلار، بىرلىشىڭلار، ئىتتىپاقلىشىڭلار. ئاللاھ بۇ ھەقتە بىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. رەببىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ، بىزنىڭ بۇ مەسىلىدە خاتالىقىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئوسمانلىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، پارچىلىنىش جەريانىدا، ئوسمانلى بىر تەرەپتىن روسلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى، يەنە بىر تەرەپتە ئىنگىلىزلەر بىلەن ئۇرۇشتى، يەنە بىر تەرەپتە ۋىنگىرلار بىلەن ئۇرۇشتى، باشقا بىر سەپتە كۆرگىنىمىز، ئەرەپلەر بىر – بىرىدىن ئايرىلىپ قايتىدىن بىرلىك بولالمىدى. ئۆز ئارا بىر پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلالمىدى. چوڭ بىر يېرىم ئارالدا ھەممىسى ئەرەپ، ھەممىسى مۇسۇلمان تۇرۇقلۇق بىر يەرگە كېلەلمەيدۇ ۋە بىر پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلىش ئىمكانىيەتلىرىمۇ يوق. كىچىك دۆلەتلەر ھالىغا كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ نىگزىدە ئىنگىلىز سىتىراتېگىيسى ياتماقتا. ھەممىسى ئۇنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىدى. ئايرىلغان ھەر بىر ئەرەپ قەبىلىسىنى بىر دۆلەت ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، بېشىغا ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى قويغان ۋە تاشقىرىدىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن باشقۇرغان. چۈنكى، ئۇلار 1 – ۋە 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوبدان دەرس ئالدى. يۈز يىللىق ئۇرۇشتا كۆپ ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، بۇ ئۇرۇشنى باشلىغان ئىنگىلىزلەر قاتتىق تاياق يېدى، ئېغىر زەربە يەپ، ياۋروپانىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى يوق بولدى. بۇنىمۇ بۇ جايدا سىلەرگە سۆزلىگەنىدىم. ئاخىرى ئۇلار ئۆزىنىڭ بىۋاستە ئارلىشىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ قولى بىلەن ئۆزىمىزنى پارچىلىدى، بۆلۈپ يوقاتتى. ئاخىرىدا بىر – بىرىمىزگە دۈشمەن قىلدى. ئاللاھ شۇڭا بىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، سەگەك بولىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئارىمىزغا باشقىلارنىڭ نىفاق سېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. سەگەك بولىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا پاسسىپ ئەمەس ئاكتىپ بولىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. تارىخ < توختا مېنى تىڭشا > دەيدۇ. بىرلىكنى بەرپا قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ بىزدىن ھەمكارلىق ئىچىدە بولىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. قاراپ بېقىڭلار: پارچە – پارچە بولۇپ كەتتى بىزنىڭ ئەرەپ مۇسۇلمان ئەللەر، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى ئىراق. باشقىلىرىغا قارىساڭلار، بەھرەيىننىڭ نۇپۇسى بىر مىليۇن، بىر مىليۇن ئۈچ يۈزمىڭ، بىر مىليۇندىنمۇ ئاز دەيدىغانلار بار، بەھرەيىن باشقا ئەللەردىن توپ – توپ خىزمەتچى ئېلىپ كېلىدۇ، گانادىن، بولۇپمۇ يىراق شەرقتە مۆتىدىل بىر ئىنسانلار بار، ئۇلارنى ئېلىپ كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىشىغا سالىدۇ ۋە نوپۇسىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.  قاتارغا قاراڭلار، نوپۇسى 2 مىليۇن بولۇپ، پۈتۈن نوپۇسى 2 مىليۇن ئەللىك مىڭ. يەنى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغسا، 2 – 3 دۆلەتنى جەم قىلسا بىر ئىستانبۇلغا تەڭ كەلمەيدۇ. نېمىشقا بۇلار ئۆز ئىچىدە، بىر يېرىم ئارالدا ئۆز ئالدىغا دۆلەت بولۇپ تۇرىدۇ، بىر پۈتۈن گەۋدە ھاسىل قىلالمايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈكلىرىدىن بولغان ئەرەپ خەلىپىلىكى، نېمە بار نېمە يوق ھېچكىمنىڭ خەۋىرى يوق. ئۇلارنىڭ نوپۇسى 9 مىليۇن، بۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ساناپ ئۆتەلەيمىز، مىساللارنى كۆپەيتەلەيمىز. بۇ پارچىلىنىشنىڭ مەنتىقىسىنىمۇ ھېچقاچان كۆرسىتىپ بېرەلمەيمىز. ئەمما ھەر بىرسىنىڭ بېشىدا بىر قەبىلە رەئىسى بار. قەبىلە رەئىسى ئۇلارنى خالىغانچە ئويناتماقتا، ئۇلارنى خالىغان تەرەپكە يۈزلەندۈرمەكتە.

ئاللاھ رەببۇل ئالەمىندۇر، پەقەت رەببۇل مۇسلىمىن ئەمەس، پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭلا رەببى ئەمەس. ئاللاھ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر. ئۇنداق بۇ دۇنيادا تىرىشقان، غەيرەت قىلغان كىم بولسا، نەتىجىسىنى بېرىدۇ. كېچە – كۈندۈز تىرىشقان، تا دۇنيانىڭ يەنە بىر ئۇچىدا ئىسمىنى تەلەپپۇز قىلىشتا قىينالغان بىر يەرگە، ۋانغا بېرىپ ئۇنىڭ توپوگرافىيسىنى تەييارلىغان بولسا، نوپۇس خەرىتىسىنى سىزىپ چىقسا، ئۇنىڭ فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكى، ئىنسانلىرىنىڭ سۆزلىشىش شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن نەرسىلەرنى يىغىپ، ئاندىن ستىراتېگىيە بەلگىلىسە؛ بىز مۇشۇنداق ياتساق، ئۇلار نېمىشقا مۇۋەپپەقەيەت قازاندى، بىز قازىنالمىدۇق دېيىشكە ھەققىمىز يوق. ئاللاھ رەببۇل ئالەمىندۇر، تىرىشقان كىم بولسا ئۇنىڭغا نەتىجىسىنى بېرىدۇ. ئۇ دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئاللاھ كەرىمدۇر. بىز ئۆزئارا كۆيۈمچانلىقنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك. خاتالىقلار ئۈستىدە قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ھېچكىم خاتالىقىنى ھەقلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماي تۇرالمايدۇ، خاتالىقىنى توغرا قىلىپ كۆرسەتمەي تۇرالمايدۇ. شۇڭا بىر ئوغرىدىن نېمىشقا ئوغرىلىق قىلدىڭ دەپ سورىساڭلار، ئۇ سىزگە بىر سەۋەپ كۆرسىتەلەيدۇ. ئەگەر ئىنسان ئەقلىنى ئىشلەتمىسە، ئۆزى ئۈچۈن بىر سەۋەپ تاپالمىسا، ئىنسان خاتالىقلىرى سەۋەبىدىن ساراڭ بولۇپ قالىدۇ، ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلالمايدۇ.  شۇڭا سىز بۈگۈن غەربتىن: سىلەرنىڭ ئىراقتا نېمە ئىشىڭلار بار؟ دەپ سورىساڭلار، بېرىدىغان جاۋابى ناھايىتى ئېنىق، بىز ئۇ يەرگە ھۆرلۈك ئېلىپ كەلدۇق دەيدۇ. ھالبۇكى ئۇلار بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ دەل ئۆزى، بەقەرە سۈرىسىدە رەببىمىز شۇنداق دەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە، بۇ ئىككى سۇئالنى قايتىدىن ئالدىمىزغا قويۇپ خۇتبەمنى ئاخىرىلاشتۇراي. بۇ ۋەقەلەر ھەممىدىن بەك كىمگە پايدىلىق. ئىككىنجىسى، بۇ ۋەقەلەردە كىملەرنىڭ تەلەپلىرى بىردەكلىككە ئىگە؟ كىملەر ئوخشاش نەرسىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ؟ نېمىشقا بۇ مەملىكەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنى ئوڭلىشى، قەددىنى رۇسلىشى، تىرىلىشى، جانلىنىشى، چوڭىيىشى، گۈللىنىشى، رايوننىڭ باش رولچىسى بولىشى، ئافرىقىغا بېرىشى كىملەرنى بىئارام قىلىدۇ؟ ئىسرائىل نېمىشقا بۇ مەسلىلەردە بىئارام بولىدۇ؟ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىل < چېگراڭغا قايت، ئۇنىڭدىن بېشىڭنى سىرىتقا چىقارما > دەپ ھەيۋە قىلىدۇ؟ نېمىشقا تۈركىيەنىڭ ئۆز چېگراسى ئىچىدە قامىلىپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئافرىقىدا نېمە ئىشىڭ بار؟ سۇمالىغا نېمىشقا بارىسەن؟ سۇدان بىلەن ئېلىپ – بېرەلمەي قالغان نېمەڭ بار؟ باشقا يەرگە بارمايسەن، چېگراڭدىن ھالقىما دەپ ھەيۋە قىلىدۇ؟ تەھدىد قىلىدۇ؟

ئۇيقىدىكى دىۋە دەيدۇ، ھەقىقەتەن بىر قېتىم بىر ئەجنەبىي ژورنالنىڭ تاش قىسمىدا ئوقۇغانىدىم، ئۇخلاۋاتقان دىۋە دەيدۇ، ئەگەر بۇلار ئويغانسا؛ شۇڭا تۈركىيەمۇ بۇنى تىلغا ئالىدۇ. مەن دۇنيانىڭ تەقدىرى ھەققىدە بەش كىشى قارار چىقىرالمايد دەپ، ب د ت غا خىرىس قىلدى. بەش كىشى دۇنيانىڭ تەقدىرى ھەققىدە قارار چىقىرالمايدۇ. بۇنىڭدىن بىئارام بولغانلار يوقمۇ؟ كېچىلىرى ئۇخلىيالمايۋاتقانلار، تاڭ ئاتقىچە سىتراتېگىيە مۇتەخەسسىلىرىنىڭ پىلانلار تۈزۈپ چىققانلىقىنى ھەممىمىز ناھايىتى ئوبدان بىلىمىز. بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشكىنى بۇ ۋەقەلەرنى ياخشى ئانالىز قىلىش، بۇنىڭغا قارشى سەگەك بولۇش، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىش، قېرىنداشلىق رىشتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، قېرىنداشلىقىمىزنى يېڭىدىن بەرپا قىلىش، قۇرئان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىش، ئۇنىڭدىن كەلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارغا نىسبەتەن سەگەك بولۇشتۇر.

رەببىمدىن شۇنى تىلەيمەن. بۇ مىللەتنىڭ يىللارچە ئۆتكۈزگەن خاتالىقى، يىقىلغان، ئەۋلادلىرى يوقاپ كەتكەن، ئائىلىسى ۋەيران بولغان بۇ ئۈممەتكە، بىر تىرىلىش نىسىپ قىلىپتۇ، تىرىلىش پۇرسىتى بېرىپتۇ، بۇ چىراقنىڭ ئۆچۈپ قېلىشىغا يول قويمىسۇن. بىزنى ھەر خىل تىرىشچانلىقىمىز بىلەن تارىخ ئىچىدە تارىخنىڭ يازغۇچىسى بولۇشقا بىزنى نىسىپ قىلغاي. مۇسۇلمانلار بولۇش سۈپتىمىز بىلەن قۇرئان بىلەن بولغان رىشتىمىزنى كۈچلەندۈرسۇن، ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتسۇن. ھەمكارلىقىمىزنى ئاشۇرسۇن ۋە ھەر مەسىلىدە قۇرئانغا مۇراجەت قىلىدىغان زېھنى ئوچۇق، سەگەك، ئاللاھ ياخشى كۆرگەن بەندىلىرى قاتارىدىن قىلسۇن. لىۋائۇل – ھەمد بايرىقى ئاستىدا بىزنى ھەشرۇ – جەم قىلغاي، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ، < بۇلارمۇ مېنىڭ ئۈممىتىم يا رەببى > دەيدىغان، ئۇ باغرىغا باسىدىغان، ئاللاھ ئالاھىدە ئىكرام قىلىدىغان، < سالام سىزگە نېمىدىگەن ياخشى ئىش قىلىدىڭلار، نېمە دېگەن ياخشى ئەمەللەر قىلىدىڭلار > دەپ ئىلتىپات ۋە ئىكرام قىلىدىغان جەننەتكە كىرگۈزىدىغانلار قاتارىدىن قىلسۇن، ئاللاھ خالىسا.

ھۇد سۈرىسى 113 – ئايەتتە < زۇلۇمغا مايىل بولماڭلار، ئەگەر زۇلۇمغا تەرەپ بولساڭلار، يانتاياق بولىسىلەر، مايىل بولساڭلار دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر >. بۇ ئاللاھنىڭ ئاگاھلاندۇرىشى، < زۇلۇمغا مايىل بولماڭلار، زالىملارنىڭ يېنىدا بولماڭلار، ئۇلارغا يانتاياق بولماڭلار >؛ ئىككىنجى ئاگاھلاندۇرۇش، < ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئۇلارنى دوست ۋە سىرداش قىلىۋالماڭلار، ئۇلارنى دوست قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە يامانلىق قىلىشتا ۋە زىيان يەتكۈزۈشتە خاتالىق قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ نەپرىتى پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قاپلىغان. قەلبىدە سىلەرگە تۇتقان دۈشمەنلىك تېخىمۇ چوڭ >. ئاللاھ بۇنىڭدىن باشقا يەنە نېمە دېسۇن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە نېمە دېسۇن؟ < ئۇلار سىلەرگە زۇلۇم قىلىشتا، زەرەر بېرىشتە كەمتۈكلۈك قىلمايدۇ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدۇ، سىلەرگە بولغان نەپرىتى ئېغىزىدىن چىقىپ تۇرىدۇ؛ نەپرىتى، دۈشمەنلىكى، قەلبىدىكى ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتمەكتە >. پۈتۈن غەرب ئەللىرىنىڭ ھەر بىر يېرىدە، مۇسۇلمانلارغا بولغان چۈشەنچىسى، ئويۇنى، نەيرىڭى، بۇلاڭ – تالاڭ ئاغلىرىنى، ئۇ جاھانگىرلىك تۈسىنى ئالغان ئۆزگۈرۈشلەرنى ئوبدان كۆزىتىڭلار؛ ئاللاھنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئۆز ۋاقتىدىن تارتىپ بىزگە غەمخورلۇق قىلىپ، بىزنى بۇ مەسلىلەردە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ يېتىمىز.

< فەسەدەكنا يە رەببىل ئالەمىن، شۈبھىسىز سەن ئەڭ توغرىسىنى دەيسەن يا رەببى. بىز بېرمىغا قارىغاندا، ئازاپلىق تارىخىمىزغا قارىغان ۋاقتىمىزدا، بالىلارنى ئىنسان قاتارىدا كۆرمىگەنلەرنىڭ بىر چىۋىنگە ئوخشاش ئۆلتۈرگەنلىكىنى؛ ئۆيلەرنىڭ ئائىلە بىلەن بىرگە كۆيدۈرۋېتىلگەنلىكىنى كۆرگەندە < فەسەدەكنا يا رەببەل ئالەمىن >. بىزنىڭ يېنىمىزدا، زامانىۋىي دەۋرىمىزدە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى بۇ دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بىر يەردە، پەلەستىندە ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغان بىر دۆلەتنىڭ بارلىقىنى ئەقلىمىز قوبۇل قىلمايتتى، ئەمما بۈگۈن بىز بۇنىڭغا شاھىت بولىۋاتىمىز < فەسەدەكنا يا رەببەل ئالەمىن > دەيمىز. بىز دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە يەر ئاستى – يەر ئۈستى بايلىقلارنىڭ قانداق بۇزۇپ – چېچىلىۋاتقانلىقىنى، ئافرىقىدا بىر لوقما نان تاپالمىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا ئەڭ ئىلغار قوراللارنى كىملەرنىڭ بەرگەنلىكىنى ئويلىغاندا، < فەسەدەكنا يا رەببەل ئالەمىن > دەيمىز. شۈبھىسىز سەن ئەڭ توغرىسىنى دەيسەن يا رەببى. نان تاپالمىغان، بىر تال بۇغداي ئۈچۈن بىر جانغا زامىن بولغان بۇ كىشىلەر، ھاياتنى، پۈتۈن دەسمايىسىنى، قەبىلىسىنى بەرسىمۇ ئىگە بولالمايدىغان بۇ قوراللارنى قەيەردىن تاپىدۇ؟ ئۇ چوڭ تىپتىكى بومبىلارنى نەردىن تاپىدۇ؟ بۇنى ئويلىغانسىرى، < فەسەدەكنا يا رەببەل ئالەمىن > دەيمىز. شۈبھىسىز سەن ئەڭ توغرىسىنى دەيسەن يا رەببى. سەن بىزنى ئاگاھلاندۇردۇڭ، لېكىن بىز كۆزىمىزنى يۇمۇۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن بىز مەغلۇپ بولدۇق. بىز بۇ مەسىلىدە زالىملارنىڭ ئايىقى ئاستىدا ئېزىلگەن ھالىتىمىزدە، بىر جەھەتتىن ئۆزىمىز بۇنىڭغا لايىق بولدۇق، سەن بىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە سەگەكلىك ئاتا قىلغىن، بىزگە نۇسرىتىڭ بىلەن ياردەم قىلغىن ۋە بىزگە بۇ جەھەتتە يېڭىدىن تىرىلىش ھەرىكىتى سۈپتىدە، قايتىدىن جانلىنىش ھەرىكىتى سۈپتىدە، يېڭىدىن تارىخ يازغانلاردىن بولۇش سۈپتىدە، يېڭىدىن تارىخنى شەكىللەندۈرگۈچىلەر سۈپتىدە بىزگە ياردىمىڭنى نىسىپ قىلغىن ۋە بىزنى ئەزىمىڭگە لايىق بەندىلىك قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغىن ئىنشائاللاھۇ تائالا.

ئەدنان ئىنانچ

يازغۇچى ھەققىدە

ھايات كىتابىم

ماقالە سانى : 553

ئىنكاس يوللاش

© 2011 Powered By Wordpress, Goodnews Theme By Momizat Team

ئۈستىگە قايتىش