قۇرئاننىڭ ئىسىملىرىدىن بىرسى نۇر بولۇپ، نۇر – يورۇقلۇق دېگەنلىكتۇر، يورۇقلۇق.

بۇ سۆز قۇرئاندا 43 يەردە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۆتكەن ھەر يەردە قۇرئان، ۋەھىي مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ. يەتتە ئايەتتە قۇرئان، ۋەھىي مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن. بىر تانە مىسال كەلتۈرەي، ئاندىن نېمە ئۈچۈن قۇرئانغا نۇر دېيىلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىمەن.

” ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن سىلەرگە بىر بۇرھان، بىر دەلىل كەلدى، رۇشەن بىر ھەقىقەت كەلدى. بىز سىلەرگە رۇشەن بىر نۇر نازىل قىلدۇق “.

شۇرا سۈرىسى 52 – ئايەتتىمۇ ئۆتىدۇ، ” بىز ئۇ ۋەھىينى نۇر قىلدۇق، ئايدىڭلاتقۇچى قىلدۇق “.

مەسىلەن: بۇ لامپۇچكىنىڭ يورىشى ئۈچۈن، بىر ئىش قىلىش كېرەك.

نېمە قىلىش كېرەك؟

بۇنىڭ ئۈز- چاتنى بېىش كېرەك. ئۆز – چاتنى باسمىسىڭىز لامپا يورىمايدۇ.

قۇرئانمۇ نۇردۇر، يورىتىشى خالىسىڭىز، ئۇنى ئېچىشىڭىز كېرەك. يېپىق ھالىتىدە يورۇتمايدۇ، نۇر بەرمەيدۇ. ئېچىڭكى ئۇ يورۇتسۇن، نۇر بەرسۇن.

بەزىدە، لامپىنىڭ ئۈز – چاتنى باسسىڭىزمۇ يورىمايدۇ. قۇرئاننى بەزىدە ئاچقان ھالدىمۇ يەنە يورۇتمايدۇ، نۇر بەرمەيدۇ.

لامپا نېمىشقا يورىمايدۇ؟ ئۈز – چاتنى باسساقمۇ؟

چۈنكى، توك يوق. توك بولمىسا، ئېچىش ھالەتنى ئۆزگەرتمەيدۇ.

ئۇنداقتا، كىشى قۇرئاننى ئېچىپمۇ نېمىشقا يورۇقلۇققا ئېرىشەلمەيدۇ؟ زەرىتىنى يوقتۇپ قويغان. زەرىتى يوق. چۈنكى،  قۇرئاننى نېمە ئۈچۈن ئاچقانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن نېمە كۈتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. قۇرئاندىن يورۇقلۇق ئالامدۇ ياكى ئۆزى ئۇنىڭغا نۇر بېرەمدۇ؟ زېھنى ئوچۇق ئەمەس.

سۈنئىي ھەمرا دولقۇنى قوبۇل قىلغۇچ بارغۇ، دولقۇن قوبۇل قىلغۇچنى قايسى سۈنئىي ھەمرا تارقاتقان دولقۇننى ئالماقچى بولسىڭىز، شۇنىڭغا توغرىلايسىز.

توغرىلىدىڭىز، لېكىن، ئىكراندا ھېچنەرسە چىقمىدى.

نېمىشقا؟

چاستوت توغرا ئەمەس. چاستوتىسىنى توغرىلىمىسىڭىز، دولقۇن قوبۇل قىلغۇچنى سۈنئىي ھەمراغا قاراتقىنىڭنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. چاستوتىنى توغرىلىشىڭىز كېرك.

چاستوت، قۇرئان بىلەن قۇرغان مەنىۋىي باغنىڭ ئىسمىدۇر. يەنى قۇرئان مېنىڭ نېمەم؟ دېگەن سۇئالغا زېرەكلىك بىلەن، ساغلام جاۋاپ بەرسىڭىز، چاستوتىنى توغرىلىغان بولىسىز.

بۇ كىتاپنى ئېچىشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە؟

ھەقىقەتنى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش بولغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا چاستوتىڭىزنى توغرىلىدىڭىز دېگەنلىكتۇر. بولمىسا، پەقەت كىتاپنى ئېچىشنىڭ ئۆزى نۇر بېرىشى ئۈچۈن يېتەرلىك بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن ئارزۇ قىلغان نۇرنى ئالالمايسىز.

ھازىر ئۈممەتنىڭ ئەھۋالى، پەقەت قۇرئاننى ئاچىدۇ ئەمما ئۇنىڭدىن نۇر ئالالمىغان ھالەتتە.

چۈنكى ئۇنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇنى ئوقۇمايدۇ. ئوقۇيالمايدۇ، چۈشەنمەيدۇ، چۈشىنەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھاياتىغا تەدبىقلىمايدۇ. نۇر ئۆز جايىدا تۇرىدۇ ئۇنىڭ ھاياتىغا نۇر بەرمەيدۇ.

ئاي بىلەن قوياشنىڭ مۇناسىۋىتىنى سۆزلىگەندىم بۇ يەردە بىر دەرستە. يەنى قوياش نۇرنىڭ مەنبەسىدۇر، ئاي نۇرنى قايتۇرغۇچىدۇر.  ئەمما، ئاي بىلەن قوياشنىڭ مۇناسىۋىنىتى بايان قىلغاندا جانابى ئاللاھ:

ئاي قوياشنى تىلاۋەت قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

” قوياشنى تىلاۋەت قىلغاندا، ئايغا قەسەم بولسۇن …“

قوياشنى تىلاۋەت قىلىش دېگەنلىك، نۇرىنى قوياشتىن ئېلىش دېگەنلىكتۇر.

بىر مۇسۇلمان، قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىدىغان بولسا، نۇرىنى قۇرئاندىن ئالىدۇ دېگەنلىكتۇر.  يەنى ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىدۇ، ئۇ كۆرسەتكەن يولدا ماڭىدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇكى، ئۇنىڭدىن ھاياتىغا نۇر ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولسۇن. بولمىسا قۇرئان، بىكاردىن بىكارغا ھېچكىمگە نۇر بەرمەيدۇ.

دېمىسىمۇ ئۆيلىرىمىزدىكى قۇرئان نۇر  بەرمەيدۇ. يېپىق چۈنكى، ئاچمايمىز.

بىزنىڭ تەمەل ئىمام بولۇپتۇ، بىر ئاز پۇل يىغىپتۇ. جامائەت ئۇنىڭ دەپتۇ:

– ئاخۇنۇم، بۇنچە كۆپ پۇلنى قەيەردە ساقلاۋاتىسەن؟ تەمەل:

– دەپ بەرمەيمەن ئۇنى.

– نېمىشقا؟

– ئوغرىلىۋالىسىلەر پۇلنى.

– ياق، ئوغرىلىمايمىز، دە.

– ھېچكىم تاپالمايدىغان بىر يەرگە قويىمەن ئۇنى، دەپتۇ. جامائەت:

– قەيەرگە؟

– قۇرئاننىڭ ئىچىگە قويىمەن، دەپتۇ تەمەل. جامائەت:

– نېمىشقا؟

–  ھېچكىم ئاچمايدۇ ئۇنى، ئوغرىنىڭمۇ دىققىنى تارتمايدۇ. قويىسەن قۇرئاننىڭ ئىچىگە، يېپىپ قويىسەن ھېچكىم ئاچمايدۇ

دەپتۇ تەمەل.

يىگىرمە يىلدىن كېيىنمۇ پۇلىڭنى ساق – سالامەت ئالىسەن. ئوغرى ھېچ سىنتىغىمۇ قول تەككۈزمەيدۇ.

نېمىشقا؟ بىز قۇرئاننى قانداق چۈشەندۈردۇق؟

ئۇرىدىغان كىتاپ.

بولۇپمۇ ئوغرىنى بەك قاتتىق ئۇرىدۇ.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، قۇرئان ئۇرمايدۇ. قۇرئان ئۇرىدىغان بىر كىتاپ ئەمەس. قۇرئان خاتالارنى تۈزىتىدىغان كىتاپتۇر.

ئەمما، قۇرئاننىڭ ئىچىگە پۇلنى قويغان بولساڭ، دېمەككى ھېچ ئاچمايدۇ.

ئۆيلىرىمىزدە يېپ – يېڭى قۇرئانلار بار، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ كىشىلەر شۇنداق دەيدۇ:

– ئاخۇنۇم، بىزنىڭ ئۆيدە بۇ قۇرئانلار يېپ – يېڭى تۇرىدۇ.

يېپ – يېڭى نېمە دېگەنلىك؟ ئۇنى  ھېچ ئېچىپ باقمىدىڭ دېگەن گەپ. ھېچ ئېچىلىپ باقمىغان كىتاپ بىلەن ماختىنىدۇ ئۈممەت. ئاجايىپ غەلىتە ئىش بۇ.

ئالتۇن ھەل بېرىلگەن بېزەكلىرى بار، نېمە قىلىمىز؟

سەن نېمە ھەددىڭ بىلەن، قۇرئانى كەرىمنى مۇشۇنداق زىننەتلەشكە ئىھتىياجى بار كۆزى بىلەن قاراپ بېزەيسەن؟

ئۇ قىممىتىنى مەنبەسى ( ئاللاھ )دىن ئالىدۇ. سەن قايسى جۈرئەت بىلەن، ئۇنىڭغا بىر نەرسە قوشىسەن؟

ئۇ ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر، قىممىتى، زىننىتى ئۇنىڭ ئىگىسىدىن كېلىدۇ.  ئۇنىڭ سېنىڭ ئىززەتلىك قىلىشىڭغا قۇرئاننىڭ ئىھتىياجى يوق. سېنىڭ،  ئۇنىڭ بىلەن ئىززەتلىك بولۇشقا ئىھتىياجىڭ بار. ئۇ سېنى ھۆرمەتلىك بولسۇن دەپ كەلدى. سەن ئۇنى ئۇلۇغ قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولما. ئۇنىڭغا كۈچىڭ يەتمەيدۇ.

ئەمما رىۋايەتلەر بار، بىلىسىلەر، ” قۇرئاننى ئاۋازىڭلار بىلەن بېزەڭلار “. بۇ ھەدسىنىڭ دەل ئەكسىچە بولغىنىمۇ بار. يەنى ” سىلەر ئاۋازىڭلارنى قۇرئان بىلەن بېزەڭلار “.

ئاۋازنىڭ زىننەتكە ئىھتىياجى بار، قۇرئاننىڭ زىننەتكە يوق. گەپنى تەتۈر ئۆرۈشنىڭ بىر مەنىسى يوق.

شۇڭا قۇرئان ئىنسالارغا نۇر بەرگۈچى كىتاپتۇر.

پروفېسسور دوكتۇر مەھمەت ئوقۇيان

تۈركىيە 19 مايس ئۇنۋېرسىتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى

تەرجىمە – باتۇر قاراخانلې