Tavsiyeler1

قۇرئان ئوقۇش

  1. ۋەھىينى ھاياتىڭىزنىڭ مەركىزىگە قويۇڭ. چۈنكى، قۇرئانسىز بىر ھايات، ئاللاھ سىز بىر ھايات دېگەنلىك بولىدۇ. ئاللاھ ۋە ئۆزى بىلەن تونۇشماقچى بولغان بىر كىشى قۇرئان ئوقۇسۇن. ئوقۇش چۈشۈنۈش ۋە ئۇنى ھاياتىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىشنى، يەنى تەدبىقلاشنى تەقەززا قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ بىلەن تونۇشماقچى بولغانلار قۇرئان ئوقۇسۇن. خالىق – مەخلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئاللاھ ۋە نەبى ( رەسۇلۇللاھ ) ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۆزىدە كۆرمەكچى بولغانلار قۇرئان ئوقۇسۇن.
  2. قۇرئان ئوقۇشتىن بۇرۇن ئەقلىڭىزنى ۋە قەلبىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈڭ، قۇرئان ئوقۇغىدەك ھالى بارمۇ – يوق؟ بۇنى بىر يوقلاپ بېقىڭ. يەنى ئەقلىڭىز، قەلبىڭىز ساغلاممۇ – يوق؟ ئەگەر تۇيغۇ ۋە تەپەككۇر ماكانىڭىز كالام سۇلتانىنى كۈتىۋېلىشقا تەييار بولمىسا، ئۇ يەرلەر خانىۋەيران بولغان بولسا، زېھىن ۋە يۈرىكىڭىز پارچە – پارچە بولۇپ كەتكەن بولسا، بۇلارنى يىغىپ قۇرئانغا لايىق بىر ماكانغا ئايلاندۇرۇڭ ( كاللىڭىزدىن كېرەكسىز ئوي – پىكىر، غەم – قايغۇنى چىقىرىپ تاشلاڭ ).
  3. قۇرئاننىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندا، ئاللاھ نىڭ مەنىۋىي ھوزۇرىدا تىزلىنىپ ئولتۇرغاندەك ھېس – تۇيغۇدا بولۇڭ. خۇددى ئۆزىڭىزنى رەببىڭىز سىز بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندەك، سىز بىر ھەرىپنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشنى خالىمىغانلىقتىن پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئاڭلاۋاتقاندەك ھېس قىلىڭ.
  4. قۇرئاننى ئۆزىڭىزگە نازىل بولىۋاتقاندەك تۇيغۇ ئىچىدە ئوقۇڭ. ئۇنىڭدىكى ھەر خىتابنى ماڭا دەۋاتىدۇ دەپ بىلىڭ. ھەر قىسسەدە تىلغا ئېلىنغان قەھرىماننىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنى قويۇپ تۇرۇپ ئوقۇڭ.
  5. قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا قەلبىڭىزنىڭ قىبلىسى ھەر دائىم ئاللاھ قا يۈزلەنگەن بولسۇن ۋە بۇ دۇئانى ئوقۇڭ: ئاللاھىم مېنى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنى ماڭا ئاچقىن.
  6. قۇرئاندىن ئەڭ باشتا مۇھكەم ئايەتلىرىنى ئوقۇڭ. ئۇلار « كىتاپنىڭ ئانىسى ». مۇتەشابىھلەر بىلەن دەسلەپتە ھەپىلىشىپ ئۆزىڭىزنى ئاۋارە قىلماڭ.
  7. مۇتەشابىھ ئايەتلەر ئۈستىدە توختىلىشنىڭ ئىككى شەرتى بار. يەنى ئىمان ئېيتىش ۋە مۇھاكىمە ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە بىلىمگە ئىگە بولۇش. پەقەت بۇ شەرتلەرنى ئورۇندىغاندىن كېيىن مۇتاشابىھ ( ئوخشىتىش ) ئايەتلىرى ئۈستىدە توختىلىڭ. لېكىن، سىز ياكى باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىنى ئىمان ئېيتىش كېرەك بولغان چۈشەنچە دەپ قارىماڭ ۋە تاڭماڭ. شۇنى ئۇنۇتماڭكى، مۇتەشابىھلەر، قۇرئاننىڭ دېنامىك ۋە مەنىسى چوڭقۇر ئايەتلىرى بولۇپ، مۇتەشابىھلەرنىڭ تېكىستلىرى بىر، مەنىسى مىڭ قېتىم نازىل بولىدۇ. مەزكۇر ئايەتلەر، ئۆزى ھەققىدە تەپەككۇر قىلغان ھەر مۇئمىن ۋە چوڭقۇر بىلىم ئىگىلىرىگە سىرىنى يېڭىدىن ئاچىدۇ، خۇددى ئىلھام بىلەن يېڭىدىن نازىل بولىدۇ.
  8. قۇرئان ئوقۇغاندا، ئەگەر ئەرەپچىنى بىلمىسىڭىز، كۈندىلىك نامازدا ئوقۇيدىغان قىسقا سۈرىلەرنىڭ مەنىسىنى ياد ئېلىڭ. مۇشۇنداق بولغاندا، نامازدا سۈرىنى ئوقۇغان ۋاقتىڭىزدا يادا ئالغان مەنىسىمۇ زېھنىڭىزدىن بىر قېتىم ئۆتىدۇ. يەنى، خەتلىك فىلىمگە ئايلىنىپ ھەم كۆرنىشى ھەم خېتى بىرلىكتە ئوتىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
  9. ئەتراپىڭىزدا قۇرئاننى ھەقىقىي مەنىدە ئوقۇشنى بىلىدىغان بىر « ئۆرە تۇغان ( جانلىق ) قۇرئان » بولسا، قۇرئاننى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىڭ. بۇ، قۇرئانى ئۆگىنىشتىكى پەيغەمبەر ئۇسلۇبى. ئاللاھ رەسۇلىنىڭ قۇرئان ئۇستازى جىبرىئىل ئىدى. قىرائەت ئىستىقرا ( ئۈستىدە توختۇلۇپ ئوبدان چۈشىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش )نى، ئىستىقرا ئەمەل قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.
  10. قۇرئانغا ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزدا پەيدا بولغان مۇلاھىزىڭىزنىڭ تاڭماڭ. قۇرئاننىڭ ساپ، سۈزۈك ئېقىنىنى، كۈلتېرلەرنىڭ قاتار زىناسىنىڭ مەھسۇلى بولغان زېھىن ئەخلەتلىرى بىلەن بۇلغىماڭ. بىر ئايەتنى توغرا چۈشۈنۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا دىققەت قىلىڭ:

1) قۇرئاندا ئۇ ئايەتنى تەپسىر قىلغان ياكى تاماملىغان باشقا بىر ئايەت بارمۇ؟

2) ئۇ ئايەتنى پەيغەمبىرىمىز قانداق چۈشەندى، قانداق چۈشەندۈردى ۋە تەدبىقلىدى؟

3) ئۇ ئايەتنى ساھابىلەرنىڭ فېقىھلىرى قانداق چۈشەندى ۋە تەدبىقلىدى؟

  1. شۇنى ئوبدان بىلىڭكى، قۇرئان خەتەرلىك تەرىپى بولغان بىر قورالغا ئوخشايدۇ. قۇرئاننىڭ ئۆزىنىڭ ئىپادىسى بىلەن ئېيتقاندا، « مۇئمىننىڭ ئىمانىنى، زالىمنىڭ، كاپىرنىڭ گۇمراھلىقىنى ئاشۇرىدۇ ».
  2. ھەر كۈنى، بولسا ئائىلىڭىز، خانە كىشىلىرىڭىز بىلەن بىرگە قۇرئاندىن بىر بۆلۈمنى چۈشەنگەن ھالدا ئوقۇشنى ئۆزىڭىزنىڭ شۇئارىغا ئايلاندۇرۇڭ. ئۇلارنىمۇ ۋەھىي بىلەن تونۇشتۇرۇڭ. بۇ خىل كۈنلىك ئوقۇشلار سىزدە بىر رېفلىكىس ھالىتىگە ئايلانسۇن. تاماق يېيىش ئۈچۈن بىرسىنىڭ سىزگە ئەسكەرتىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغاندەك، باشقىلارنىڭ تەشۋىق ۋە تەشەببۇسىغا مۇھتاج بولمايدىغان ھالغا كېلىڭ. شۇنى ئوبدان بىلىڭكى، قەلىب ۋە مېڭە ئاچلىقى، ئاشقازاننىڭ ئاچلىقىدىن بەتەر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەقىلنىڭ غىزاسى توغرا بىلىم، روھنىڭ غىزاسى بۇ بىلىمنى ئىمانغا ئايلاندۇرۇشتۇر. تولۇق ھالدا ئىمانغا ئايلىنىدىغان بىلىمنىڭ مەنبەسى ۋەھىيدۇر. توغرا، ئىشەنچلىك بولمىغان بىر بىلىمنى ئىمانغا ئايلاندۇرۇش، زەھەرلىك غىزادىن ئوزۇقلۇق ماددا ئالغاندەك بىر ئىش. تۇيغۇ ۋە زېھىن زەھەرلەنسە، ئاقىۋىتى غىزا بىلەن زەھەرلىنىشتىن نەچچە ھەسسە قورقۇنچلۇق بولىدۇ.
  3. پەرزەنتىڭىزگە مەسەلنىڭ ئورنىغا قۇرئان قەھرىمانلىرىنى؛ ھەزرىتى ئىبراھىم، ھەزرىتى ئىسمائىل، ھەزرىتى مۇسا، ھەزرىتى يۈسۈپ، ھەزرىتى ئىسانىڭ قىسسەلىرىنى ئېيتىپ بېرىڭ. ئۇلارنىڭ خىيال دۇنياسىدا كۈنىمىز دۇنياسىنىڭ يالغان مەدەنىيتى، يالغان پۇتبۇل ئىلاھلىرىنى ۋە ناخشىچى چولپانلارنى كىرگۈزمەي، قۇرئان قەھرىمانلىرىنى كىرگۈزۈڭ.
  4. قۇرئاننى، ئۇ نازىل بولغان ئىنسانلارنى ۋە دەۋر مۇھىتىنى، ۋەھىيگە مۇھاتاپ ( خىتابنى قوبۇل قىلغۇچى قارشى تەرەپ ) بولغان دەسلەپكى توپلۇم ۋە ۋەھىينىڭ ئەڭ چوڭ مۇھاتابى نەبى ئەلەيھىسسالامنى تونۇشنى خالىسىڭىز، سەھىھ سۈننەتنىڭ مەنبەسى بولغان ھەدىس، سىيەر ( پەيغەمبەر ھاياتى )، پەيغەمبەر جىھادى چۈشەندۈرۈلگەن كىتاپلارنى ۋە ساھابىلەرنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرغان كىتابلارنى ئوقۇڭ. شۇنى ئۇنۇتماڭكى، بۇ قۇرئاننى ئەڭ ياخشى چۈشۈنۈشنىڭ ئۇسلۇبى. ۋەھىينىڭ روھىنى ۋە ئۆزىنى پەقەت بۇ شەكىلدە چۈشۈنۈپ يېتەلەيسىز.

41. ھاپىزە ( ئەستە تۇتۇش )ڭىزنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ، قۇرئان ۋە سەھىھ سۈننەتتىن ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى يادا ئېلىڭ. سەۋىيىڭىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ۋە بىلىم دائىرىڭىز كېڭىيىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى نامازلارنى بىر ئۆمۈر « ئەلەمتەرەكەيفەدىن » ئۆتمىگەن ھالدا ئادا قىلىشتىن قۇتۇلۇپ قالىسىز. بۇ بىر مەھرۇمىيەتتۇر. قۇرئان جۇغراپىيسىنىڭ پەرقلىق ئېقلىملىرى بولغان پەرقلىق سۈرىلەردىن پەقەت بولمىغاندا، كىچىك – كىچىك پارچىلارنى يادا ئېلىۋېلىڭ. مەنىسىنى بىلگەن ئاساستا نامىزىڭىزدا ئوقۇڭ. مانا شۇ ۋاقىتتا نامىزىڭىزدىن باشقىچە بىر ھوزۇر، زوق ئېلىشقا باشلىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىشقا باشلايسىز.