Tavsiyeler1

  1. قۇلاق بىلەن ئوقۇغاندا، ( يەنى ئاڭلاشنىڭ ئۆزىمۇ قۇلاق بىلەن ئوقۇشتۇر ) مۈرىڭىز ئارقىلىق ئاڭلىماڭ. دېيىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭ. ئاڭلىغانلىرىڭىزدىن دېيىلمەكچى بولغان مەقسەتنى چۈشۈنۈپ – چۈشەنمىگەنلىكىڭىزنى بىلىپ يەتمەي تۇرۇپ، ئىتىراز قىلماڭ.
  2. مەيلى كۆز، مەيلى قۇلاق، مەيلى زېھىن بولسۇن، قايسى ئورگانلىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئوقۇشىڭىزدىن قەتىئىينەزەر، قەلىب ئىلگىكىڭىزدە تاسقاڭ. ھاسىل قىلغان مەلۇماتنى، ئىمانىڭىزنىڭ « تەستىقى »نى ئالماستىن، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرماڭ.
  3. توغرا شەكىلدە ئوقۇڭ. بۇنىڭ مەنىسى « خاتا ئۆگەنمەڭ » ئەمەس. ئوقۇش ئۈچۈن تاللىغان ئۇسلۇبىڭىز توغرا بولىشى كېرەك. بۇ يەردە ھازىرمۇ بىلىمنىڭ ئەڭ سادىق ئاقتارغۇچىسى بولغان كىتاپ ئالدىمىزدا تۇرماقتا. توغرا تاللانمىغان بىر كىتاپ، بىر ئەمەس، بىر قانچە نوقتىدىن ئىسراپچىلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ. يەنى، ئەجىر، ئىقتىساد، ۋاقىت ۋە زېھىننى… ئىسراپ قىلىدۇ. بۇ خىل ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاڭلىق ھالدا تاللاش كېرەك. يۈز گرام شېكەر يېيىش ئۈچۈن، 100 كىلو شېكەر قۇمۇشى يېيىش ئەقىلى بار كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.
  4. شۇنى ئۇنۇتماڭكى، ۋەھىيدىن باشقا بارلىق كىتاپلار بىر « ئەجىبا؟ » بىلەن باشلايدۇ، بىر « ئەجىبا؟ » بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، بەلكىم بىر « ئەجىبا؟ » ئۈچۈن يېزىلىدۇ.
  5. كىتاپلارنىڭ دىلىنى رەنجىتمەڭ. ئۇلارنىڭمۇ قەلبى بار، ئۇلارنى كوچا ئاياللىرىنى دەپسەندە قىلغاندەك خورلىماڭ. كىتاپنى ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ دۇنيالىق نەرسىلەرگە ئېرىشىدىغان پايانداز سۈپىتىدە كۆرۈش، كىتاپنىڭ ئىپپىتىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق بولىدۇ.
  6. ئاللاھ نىڭ كىتابىدىن باشقا ھېچقانداق بىر كىتاپ « لا رەيبە فىھى – بۇ كىتاپتا ھېچ شەك يوق » ئەمەس. بۇ تەرەپتىن، ئىنسان ئەسەرى بولغان كىتاپلار تاۋۇزغا ئوخشايدۇ. ئېتىنى يەپ، شاپىقىنى تاشلىۋېتىڭ. ئېتى ياخشى ئىكەن دەپ شاپىقىنىمۇ قوشۇپ يېيىش ياكى شاپىقى بار ئىكەن دەپ ئېتىنىمۇ قوشۇپ تاشلىۋېتىش ھاماقەتلىك ۋە ئاشقۇنلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئىمام شافى، ئەل – ئۇمم ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى ئاڭلاپ يېزىش مەشقى قىلدۇرغاندا تالىپىغا « ئوغلۇم، ئوقۇپ باق » دەيدۇ، تالىپ ئوقۇپ بېرىدۇ. ئىمام « بۇ يەرنى ئۆچۈرۋېتىپ مۇنداق ياز، بۇ يەرنى ئۆچۈرۋېتىپ مۇنداق ياز » دەپ يازدۇرا – يازدۇرا كارغا كەلمەس بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئىككىنجى قېتىم « مانا ئەمدى بولدى » دەپ ئوقۇتىدۇ. لېكىن، بۇ قېتىممۇ ئالدىنقى قېتىمقىدەك ئۆچۈرگۈزۈپ، يازغۇزۇپ دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئەسلىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. « ھە، ئەمدى بولدى » دېگەن ئۈچىنچى قېتىمدىمۇ يەنە بىرمۇنچە ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك يەرلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆز – ئۆزىگە ۋەدە بېرىپ : « بۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ نىڭ كىتابىدىن باشقا ھېچقانداق بىر كىتاپنى مۇكەممەل دېمەيمەن » دەيدۇ. ئۇنۇتماڭكى، بىر كىتاپتىن باشقا ھېچقانداق بىر كىتاپ باشتىن ئاخىرىغىچە توغرا ۋە خاتالىقتىن خالىي ئەمەس.

  1. كىتاپنى توغرا تاللاش، ئالدى بىلەن يازغۇچىنى توغرا تاللاش بىلەن باشلىنىدۇ. بولۇپمۇ تەپەككۇر خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەر ئاپتۇرنىڭ چۈشەنچىسىدىن خالىي ئەمەس. مۇئەللىپنىڭ ئاجىزلىقلىرى، خاتالىقلىرى ئەسىرىدە ئەكس ئېتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىنسانغا ئائىت ھېچقانداق بىر ئەسەرنى، مۇئەللىپنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىغان، ياقتۇرىدىغان بولسىڭىزمۇ، ئاللاھ نىڭ ئەسىرىگە تۇتقان پوزىتسىيە بىلەن ئوقۇماڭ. ئۆزى مۇكەممەل بولمىغان ئىنسان، قانداقمۇ مۇكەممەل بىر ئەسەر مەيدانغا كەلتۈرەلىسۇن؟ بۇ نوقتىدىن مۇكەممەل بولغان ئاللاھ تۇر ۋە ئىچىدە ھېچقانداق شۈبھە بولمىغان بىردىنبىر كىتاپ، ئۇنىڭ كىتابىدۇر.
  2. ئاللاھ نىڭ كەۋنى ( كائىنات ) ئايەتلىرىنى ( سۈننەتۇللاھ ) ۋە سەنئىتىنى نامايەن قىلغان مۇسبەت بىلىملەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر، بۇ نوقتىدىن بەكرەك ئىشىنىشكە لايىق.
  3. كىتاپلارنى ئۈچ كاتىگورىيگە ئايرىڭ. 1. ئاساسلىق ئەسەرلەر. 2. مۇراجەت ( پايدىلىنىش ) ئەسەرلىرى. 3. ئومۇمىي كۈلتېر ئەسەرلىرى. ئاساسلىق ئەسەرلەر بىر قېتىم ئوقۇش بىلەن بولدى قىلىدىغان ئەسەرلەر ئەمەس، ئۇلار قايتا – قايتا ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلەر بولۇپ، بۇنداق ئەسەرلەر ناھايىتى ئاز. بۇلار خۇددى ئوزۇقلۇققا ئوخشاش بولۇپ، ئوقۇلمىسا بولمايدۇ. قۇرئان بۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. غىزاسى قۇرئان بولغۇچىنىڭ ۋۇجۇدى كائىنات بولىدۇ. مۇراجەت ئەسەرلىرى، سۆزلۈك، ئۇقۇم – ئاتالغۇ كىتاپلىرى، ئانسكلوپىدى قاتارلىق ژانىردىكى ئەسەرلەر بۇ كاتىگورىيىگە كىرىدۇ. بۇلار دورىغا ئوخشايدۇ، لازىم بولغاندا ئىشلىتىلىدۇ. ئومۇمىي كۈلتېر ئەسەرلىرى، تاللىغاندا ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
  4. ئوقۇش ئۇسلۇبى ھەر خىل بولۇپ، بۇلارنى يىغىنچاقلىغاندا، مۇنداق ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ: 1. ئاستىغا سىزىپ قويۇش ۋە ئىشارەت بەلگىسى قويۇش ئۇسلۇبى. 2. ئايرىپ خاتىرىلەپ مېڭىش ئۇسلۇبى. 3. باغاقچىگە يېزىپ قالدۇرۇش ئۇسلۇبى. ئوقۇشتىن مەقسەت بىلىمگە ئىگە بولۇش بولۇپ، ئىنساننى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بەزىدە خاتالاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر ئوقۇغان ئەسەرلىرىڭىزدە دائىم ئىشلىتىدىغان مەلۇماتلارنى ئۇچراتقان بولسىڭىز، بۇلارنى ساقىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنى پەقەت بۇ ئۇسلۇبلاردىن بىرسىدىن پايدىلىنىپ قىلالايسىز.
  5. ئەگەر مەلۇماتلارنى باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان بىرى بولسىڭىز، يەنە ئىشلىتىشى ئېھتىمالى بولغان بارلىق مەلۇماتلارنى يېزىپ ماڭغان / يىغىدىغان ئۇچۇر بانكىڭىز ( مەلۇمات ئامبىرىڭىز ) بولسۇن. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى « ئىنسان مېڭىسى ئۇنتۇغاق كېلىدۇ ».
  6. قۇلاق بىلەن ئوقۇشتا مۇھىم دەپ قارىغان ئۇچۇرلارنى چوقۇم خاتىرلىۋېلىڭ. كىچىك خاتىرە دەپتىرىسىز يۈرمەسلىكنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ. شائىرنىڭ نەسىھىيىتىگە قۇلاق سېلىڭ:

قەلەم ئالتۇن، كالام ئۈنچە – مەرۋايىت تىزىق – تىزىق،

تارازىغا قويۇپ ساتما، پۇرسىتى كەلگەندە خىراجەت قىل.