image
« قۇرئانغا كۆرە ئىسلام نېمە؟ » ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: «قۇرئانغا كۆرە ئىسلام نېمە؟» 

https://yuzlen.net/wp-content/uploads/2014/12/islam-nedir-toluk.doc

ئەپكىتاپ – « قۇرئانغا كۆرە ئىسلام نېمە؟ »

https://yuzlen.net/?p=2754

« قۇرئانغا كۆرە ئىسلام نېمە؟ » ئەپكىتاپنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
ئەپكىتاپ – « قۇرئانغا كۆرە ئىسلام نېمە؟ »

كىرىش سۆز

كىتاپ توغرۇلۇق قىسقىچە خۇتبە:
ئىسلام نېمە ۋە مۇسۇلمان كىم؟ ئاللاھ كىم؟ يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان ئىلاھ چۈشەنچىسى بىلەن قۇرئاندىكى ئىلاھ چۈشەنچىسى ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟ تەۋھىد ئېتىقادى بىلەن خىرىستىيانلىقتىكى تەسلىس ( ئىنسانلاشقان ئىلاھ ) چۈشەنچىسى ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟ ئىسلامغا كۆرە شەيتان كىم؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىم؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ئەنئەنە ياكى سۈننەت ئىكەنلىكىنى قانداق ئايرىيمىز؟ قۇرئاندا مەۋجۇدىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى قانداق چۈشەندۈرۈلىدۇ؟ قۇرئاندا تۇنجى گۇناھ چۈشەنچىسى بارمۇ؟ ئىسلامدىكى قەدەر چۈشەنچىسى قانداق؟ ئىسلامدا رۇھبان سىنىپى بارمۇ؟ ئاساسلىق ئىبادەتلەر قايسى؟ ھەمجىنىسلىق ھەققىدە قۇرئان نېمە دەيدۇ؟ قۇرئان ئايال كىشىنى ئۇرۇشقا بۇيرۇمدۇ؟ ئايال كىشى نېمە ئۈچۈن ھىجاپلىنىدۇ؟ پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن كۆپ خوتۇنلۇق؟
قولىڭىزدىكى بۇ كىتاپ، بۇنىڭغا ئوخشاش 200 گە يېقىن سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. بۇ جاۋاپلار قۇرئاننى ئاساس قىلغان ھالدا بېرىلگەن. شۇڭا بۇ كىتاپقا « قۇرئانغا كۆرە ئىسلام نېمە؟ » دەپ ئىسمى بېرىلدى. چۈنكى، قۇرئان ئىسلامنىڭ شۈبھىسىز بىرىنچى مەنبەسى. ھەر مۇسۇلمان، قۇرئان مەنبەسىنىڭ ئىلاھىي ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ شۈبھىسىز بىر ئىلاھىي ۋەھىينى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. قۇرئان ھەزرىتى مۇھەممەدكە: « سەن ( ۋەھىيدىن ئىلگىرى ) قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ » ( 42:52 ) دەيدۇ. ھەزرىتى مۇھەممەدمۇ دىننى ۋە ئىماننى قۇرئاندىن ئۆگەنگەن. ئىسلام ھەققىدە بۈگۈنگىچە سورالغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن سورىلىدىغان جىمى سۇئاللارغا بېرىلىدىغان بىۋاستە ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك جاۋاپ، قۇرئاننى ئاساس قىلغان ھالدا بېرىلىدىغان جاۋاپلاردۇر.
ئەگەر « ئىسلام نېمە؟ » سۇئالى « قۇرئانغا كۆرە نېمە؟ » دېيىلمەستىن، « مۇسۇلمانلارغا كۆرە نېمە؟ » دېگەن ئاساستا جاۋاپ بېرىلگەن بولسا ئىدى، تەپسىلاتلارغا كىرگەنسىرى پارچىلىنىپ ئوخشاشماسلىقلار ئوتتۇرىغا چىقاتتى ۋە بۇ ئوخشاشماسلىقلاردىنمۇ ھالقىپ تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئىنچىكە بۆلۈنۈشلەرگىچە داۋام قىلاتتى. ئەسلى مەنبەدىن يىراقلاشقانسىرى چۈشۈنۈشتىكى ئوخشاشماسلىقلار ئوتتۇرىغا چىقاتتى.
« ئىسلام نېمە؟ » سۇئالىنى سوراۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى كۈنسىرى ئاشماقتا. « ئىسلام نېمە؟ » سۇئالىنىڭ جاۋابى دەۋرىمىز ئىنسانلىرى ئېرىشمەكچى بولغان جاۋاپلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا كەلمەكتە. بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى كۈنىمىزدە يەرشارى خاراكېترلىق بىر تەلەپ ھالىغا كەلدى. ناۋادا بۇ تەلەپكە توغرا شەكىلدە جاۋاپ بېرىلمىگەن تەقدىردە، ئوتتۇرىغا يالغان تەلەپلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەپسۇس، بۇنىڭ ئىشارەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئىسلام قورقۇسى ( ئىسلام ئوفوبىيا ) غەربتە باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. ئىسلام قورقۇسىنىڭ باش كۆرۈشىدە مۇنداق ئىككى سەۋەپ بار:
1. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلىم ۋە چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان خاتا ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئىسلامغا خاتا ۋەكىللىك قىلىشىدىن كېلىپ چىققان مەسلىلەر.
2. غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام ھەققىدە توغرا مەلۇماتقا ئىگە بولالماسلىقى ياكى ئىگە بولۇشقا قىزىقماسلىقىدىن كېلىپ چىققان مەسلىلەر.
« نېمە ئۈچۈن ئىسلام ھەققىدە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولىشىمىز كېرەك؟ » سۇئالىنىڭ جاۋابلىرىدىن بىر قانچىسى تۆۋەندىكىچە:
1. ئىسلام، دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتتەنبىرىنىڭ دىنى. كىشىلەر بارغانسىرى ئۆزىگە « يات »لار بىلەن مەيلى خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن يېقىنلاشماقتا. بۇ ئەسىرىمىز قاينىشىش / ئۇچرىشىش ئەسىرى. مۇسۇلمان ئەمەسلەر، ئاز سانلىق ياكى كۆپ سانلىق، دوست ياكى ئۇرۇق – تۇققان، خىرىدار ياكى شېرىك، خوشنا ياكى ئىتتىپاقداش، كۆچمەن ياكى ساياھەتچى سۈپتىدە مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇچراشماقتا. كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ كەلگۈسىدە يېڭى توقۇنۇش ساھەلىرى پەيدا قىلىش – قىلماسلىقى، ئوخشاش بولمىغان ئىككى تەرەپنىڭ بىر – بىرىنى تونۇش – تونۇماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
2. ئىسلام مۇسۇلمانلار سەۋەپ بولغان ( مەيلى قىلغان ياكى قۇربانى بولۇپ قالغان ) نۇرغۇن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن، دۇنيا كۈنتەرتىپىدە مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئىسلامنى ئۆگىنىش، ئۇچۇر – ئالاقە تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى دۇنيادا، مەيلى خالايلى ياكى خالىمايلى، مەيلى ياقتۇرايلى ياكى ياقتۇرمايلى، مەيلى مۇسۇلمان بولايلى ياكى بولمايلى، ھەممىمىزنىڭ ئىلىم ئىھتىياجى ۋە دۇنيا ۋەتەنداشلىقىنىڭ تەقەززاسى. ئىسلام ھەققىدە خاتا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالغان بەزى كىشلەر، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەپلەردىن كېلىپ چىققان توقۇنۇشلارنى غەنىمەت بىلىپ، خاتا چۈشەنچىلىرىنى ھەر خىل تاراتقۇ ۋاستىلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە تارقاتماقتا ۋە بۇ خاتا چۈشەنچىنىڭ يەرشارىلىشىشىدىن ئىبارەت مەسىلىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. تۆۋەندىكى سۇئالنىڭ جاۋابى، يەر يۈزىدىن ئىبارەت بۇ مېھمانخانىدا ياشاۋاتقان بىز ئىنسانلىق ئائىلىسىنىڭ تاللىشىغا مۇناسىۋەتلىك:
يەر شارىۋىيلىشىش چۈشەنچىسى، ئوخشاش بولمىغان كۇلتېر ۋە مەدەنىيەت ھاۋازىلىرىنىڭ بىر – بىرىنى چەتكە قېقىش ئىللىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتەمدۇ ياكى ساقايتامدۇ؟
بۇ كىتاپ يۇقىرىدىكى سۇئالنىڭ جاۋابىنىڭ ئىككىنجى تاللاش بولىشىغا ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە قەلەمگە ئېلىندى.
3. بىلمەسلىك، ياخشى بىلمەسلىك ناھايىتى خەتەرلىك. كىشى ئۆزى بىلمىگەننىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالىدۇ. قۇرئانغا كۆرە ئىسلام، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئورتاق ھەقىقەتلەرگە بېرىلگەن ئىسىم. يەنى، ئىسلام ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتلىرىنىڭ يەنە بىر ئىسمى. ياراتقۇچى « ئەي ئادەم بالىلىرى » ۋە « ئەي ئىنسانىيەت ئائىلىسى » خىتاپلىرى بىلەن، بارلىق ئىنسانلارغا خىتاپ قىلىدۇ. ئوخشاش مەنبەگە كۆرە « تەسلىمىيەت يولى » بولغان ئىسلام، پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى. بۇ ئىسلامنىڭ تارىخىي ئېنىقلىمىسى. ئۇنىڭدىن باشقا تارىخىي بىر رىئاللىق بار. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ئىنسانىيەت تارىخىدا نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان بىر پارچە. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ بىر پارچىسىنى تەشكىل قىلغان ئىسلام چۈشەنچىسىنى، توغرا شەكىلدە ۋە ئەسلى مەنبەدىن ئۆگىنىش زۆرۈر.
بۇ كىتاپتا « نېمە ئۈچۈن ۋە نېمىشقا »لار « قانداق »لارنىڭ ئالدىغا ئېلىندى. بەزى ئاز ساندىكى مۇستەسنالاردىن باشقا، قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئەمىر ۋە چەكلىمىلەرنىڭ سەۋەبلىرى ئاساسەن چۈشەندۈرۈلدى. قۇرئان باشتىن ئاياغ سەۋەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار ۋە جۈملىلەر بىلەن تولۇپ تاشقان. بۇ باشقا دىنىي تېكىستلەردە ئانچە ئۇچراپ كەتمەيدىغان بىر ئەھۋال. بىز قۇرئاننىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىپ، ھەر سۇئالغا « نېمىشقا » ۋە « نېمە ئۈچۈن » ئۈستىدىن جاۋاپ بېرىشكە تىرىشتۇق.
كىتاپنىڭ يېزىلىش باسقۇچى، تەتقىقات خىزمىتنىڭ ئاخىرقى ھالقسى ئىدى. بۇ باسقۇچتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر كىتاپنى يېزىشىمغا ئوخشاش جاپالىق ئىدى. ئالدى بىلەن ھەر قايسى قىتئەلەردە ياشاۋاتقانلاردىن بىر ھەيىئەت تەشكىل قىلىندى. بۇ ھەيىئەت سۇئاللارنى ئايرىپ تەييار قىلدى. تەييارلىق باسقۇچى ئۈچ يىل داۋاملاشتى. بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا ئامېرىكادىن ياپۇنىيىگىچە، ياۋروپادىن ھىندىستانغىچە پۈتۈن دۇنيادىن غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى سۇئاللىرى يىغىلدى، تاللاندى ۋە رەتلەندى. مانا بۇ « ئىسلام نېمە؟ » پىلانىنىڭ تۇنجى كىتابى، مۇشۇنداق جاپالىق خىزمەتنىڭ نەتىجىسىدە روياپقا چىقتى.
مۇشۇنداق جاپالىق بىر تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە روياپقا چىققان بۇ خىزمەتتە، رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالالمىساقمۇ، بەزى ئىسىملارنى تىلغا ئېلىشنى بۇرچىمىز دەپ قارايمەن. ئا ق ش دىلېۋېر ئۇنىۋېرسىتىدىن دوكتۇر شاكىر يۈجەل، بىلگىن ئەردوغان، قادىر گۈندۈز، دوكتۇر مۇرات گۈزەل، دوكتۇر ئوكتاي ئالتۇن ۋە پەنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتىدىن پروفېسسور دوكتۇر فاتىھ ئايدوغانغا… ياۋروپا قىتئەسىدىن، ۋىيانا ئۇنىۋېرسىتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر ئەدنان ئارسلانغا… ئەنگىلىيىدىن دوكتۇر نۇردان ئۆزيېلماز ۋە « ئىسلام نېمە » پىلانىنىڭ تور بەت لاھىيىسىگە ياردەم قىلغان مۇھەممەد ئۆزيېلمازغا… يەنە تەرجىمە گورۇپپىسىدىن دوكتۇر پەرۋىز ئاسارىيا خانىمغا… تۈركىيەدىن ئەقەبە ۋەقفى تەتقىقات ۋە لاھىيە بۆلىمىگە … ئاخىرىدا بۇ ئەسەرنى بەزى دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىش ۋە تارقىتىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بارلىق خەلقئارا ياردەم تەشكىلاتى ياردەم ئەلى ( ياردەم قولى ) جەمىئىيتىگە ۋە نۇرغۇنلىغان « ئىسىمسىز ياخشىلارغا » قىلغان ۋە قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇ، خالىس نىيەت ۋە خالىس نىيەتلىكلەر ئاساسىدىكى بىر پىلان. شۈبھىسىزكى، « ئىسلام نېمە؟ » پىلانىغا بۇنىڭدىن كېيىن ياردەم قىلىدىغان نۇرغۇن خالىس نىيەتلىك كىشى، جەمىئىيەت ۋە ئورگانلارنىڭ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
مەقسىتىمىز، ئەقىل ۋە قەلىبنىڭ كۆزىنى كور قىلغان جاھالەت زۇلمىتىنى يورۇتۇش. چۈنكى زۇلمەت، يامانلىق ئېلىپ كېلىدىغان نەرسىلەرنى پىلانلىغۇچىلار ئۈچۈن، ئۆزىنى دالدىغا ئالىدىغان تېپىلغۇسىز غەنىمەت، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. بۇ، ياشىنىپ قالغان دۇنيامىزدا ياخشىلىقنىڭ ھەيۋىتىنى ئازايتىدۇ. بۇ ۋەزىيەت ئەقىل، ئىرادە ۋە ۋىجدان ئىگىلىرىنىڭ كۆڭلىنى پەرىشان قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.
قۇرئان مۇنداق دەيدۇ:
ھالاك بولغۇچىلار روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ھالاك بولسۇن، ياشايدىغانلارمۇ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ياشىسۇن! ( 8:42 ).
قۇرئان يەنە مۇنداق دەيدۇ:
ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟ ( 10:99 ).
ئىنسانىيەت، تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئالغا ئىلگىرىلەش، جەمىئىيەت خاراكتېرلىق ئۆزگۈرۈش ۋە ئەڭ قىزىقارلىق شەكىلدە يېڭىدىن شەكىللىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. ئىسلامنىڭ يەر يۈزىدە دۈشمىنى يوق، ئىسلامنى بىلمەيدىغانلار بار. دۈشمەنلەرچە مۇئامىلە قىلغانلار، ئىسلامنىڭ ئەمەس، مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى. بۇنىڭ سەۋەبى يەنىلا مۇسۇلمانلار. چۈنكى ئۇلار ئېتىقادىغا ياخشى شەكىلدە ۋەكىللىك قىلالمىدى. شۇڭا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە، غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمان بولىشى ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمانلاردىن بولىشى.
مۇسۇلمانلار بىلەن ئىسلام ئوخشاش ئەمەس . چۈنكى، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىسلامىي ئەنئەنە بىلەن ئىسلام ئوخشاش ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسلام بىلەن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئىنسان قولى بىلەن يارىتىلغان ئىسلام مەدەنىيىتى ئوخشاش نەرسە ئەمەس. مانا بۇ قولىڭىزدىكى كىتاپ، « ئىسلام نېمە؟ » سۇئالىغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ بەرگەن.
ئىسلامغا تەرەپتار بولغۇچى روشەن بىر دەلىل بىلەن تەرەپتار بولسۇن، ئىسلامغا قارشى تۇرغۇچىمۇ روشەن بىر دەلىل بىلەن قارشى تۇرسۇن. ئىنسان قايسى پوزىتسىيەدە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بىلگەن ئاساستا مەيدانىنى بەلگىلىسۇن. بۇ پىلان ئارقىلىق ئىسلامنى بىلمەيدىغانلارغا ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز. چۈنكى ئىنسان، بىلمىگەن نەرسىسىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
دۇنياۋى تىنچلىق ھۆكۈم سۈرگەن، ئوخشاشماسلىقلار بايلىق دەپ قارالغان، ئوخشىمىغان ئېتىقاد ھاۋزىلىرى ۋە مەدەنىيەت لاگىرلىرى بىر – بىرىنى چەتكە قاقمىغان ۋە شەيتانلاشتۇرمىغان بىر دۇنيادا ياشاش ئارزۇسى بىلەن.

مۇستاپا ئىسلامئوغلى
مارت 2014 ، ئىستانبۇل