ھەرىلەر ۋە چىۋىنلەر

ھەرىلەر بىلگىنىڭىزدەك زەر قاناتلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. چىۋىنلەر بولسا قىسقا ئانتېنلىق ئىككى قاناتلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. جېنىم ھەر ئىككىلىسى قۇرۇت، ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ، ئىككىلىسىنىڭ ئىككى قانىتى، ئالتە پۇتى بار، ئىككىلىسى ئۇچىدۇ. ئۇنداقتا نېمە پەرقى بار دېمەڭ ھەرگىز.

بەكمۇ چوڭ پەرقى بار، پەرقى بەك چوڭ!

بىرىنچىسى ھەرىلەر ئىشلەپ چىقىرىدۇ. مەھسۇلاتلىرىدىن ھەم ئۆزلىرى ھەم باشقىلار پايدىلىنىدۇ. ئۆمۈرلىرىنى مەنپەئەتلىك خىزمەت ئۈچۈن ئاتايدۇ. باشقىلارنىڭ ئەمگىگى بىلەن ئەمەس، ئۆز ئەمگىگى بىلەن ياشايدۇ. كۆرۈش ئىقتىدارى بەك تەرەققىي قىلغان. بۇ ئەزالىرىنى كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان، پىس ۋە پاسكىنا نەرسىلەرگە قونۇش ئۈچۈن ئەمەس، گۈللەرنى ۋە ئۇنىڭ غۇنچىلىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قونۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. گۈل-چىچەكلەرنى سۆيىدۇ، ئەمما بۇ سۆيگۈ تۈگەشتۈرىۋېتىدىغان ئەمەس، ھۇسۇل بىرىدىغان سۆيگۈدۇر. شۇڭلاشقىمۇ سۆيگەن گۈل-چىچەكلىرىنى ھەسەلگە ئايلاندۇرىدۇ.

چىۋىنلارغا كەلسەك، ئۇلار پەقەتلا ئاقنانچىلاردۇر. باشقىلارنىڭ ئەمگەكلىرى ئۈستىگە قونۇش، تەييارغا ھەييار بولۇش ئۈچۈن ياشايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ، پۇراش سېزىملىرى قاتتىق تەرەققىي قىلغان. ئەمما، ئۇ بۇ ئەزالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئەمەس، ئىستىمال قىلىش (تۈگىتىش) ئۈچۈن قوللىنىدۇ. چىۋىنلارنىڭ پۇراش سېزىمىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ياخشى پۇراق بىلەن يامان پۇراقلارنى سېزىپ پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەمەستۇر. شۇڭلاشقا ھەسەلگىمۇ، گەندىگىمۇ ئايرىماستىن قونىۋىرىدۇ. ھالال-ھارام دېمەستىن، پۇرىغانلىكى لەش ۋە تەييار نەرسىلەرنى تېپىۋالسا ئۆزىنى ئاتىدۇ. ياخشى كۆرىدۇ، سۆيگىلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى ئەمەس، نابۇت قىلغۇچى سۆيگۈدۇر.

ئۆزى ياخشى كۆرگەن ھەر نەرسىدىن ھەقسىز پايدىلىنىشنىڭ كويىدا بولۇپ، ئېلىپ يۈرگەن مىكروپلىرىنىمۇ ئۇلارغا يۇقتۇرىدۇ.

ھەرىلەر ئىشچاندۇر. خالىغانچە ئەمەس، سىستېمىلىق شەكىلدە ئىشلەيدۇ. ئۇلار ئىشلىرىنى ئارىلىرىدا مەسلىھەتلىشىپ قىلىدۇ. (ئەسلىدە شۇرا (مەسلىھەت) ئەرەپچىدە ھەسەل ھەرىسىنىڭ گۈل-چىچەكلەرنى كېزىپ ھەسەل جەۋھەرلىرىنى توپلىشىغا ئېيتىلىدۇ ) ئۆز-ئارا ئىش بۆلۈشۈپ قىلىدۇ. ھەركىم ئىشىنى-ئورنىنى بىلىدۇ. ئىشچى ھەرىنىڭ ئۆمرى ئەركەك ھەرىنىڭكىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئىشلىشىنىڭ بەرىكىتى تۈپەيلىدۇر. ئىشچى ھەرىلەر ھەددىنى (چەك-چېگرا) بىلىدۇ. قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ ئانا ھەرىگە ئاقساقاللىق قىلىپ ئىشىغا ئارلىشىۋالمايدۇ. ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەينىگە قاراپمۇ قويمايدۇ. باشقىلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىدىن بەكرەك، ئۆزى قىلىۋاتقان ئشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ نەتىجىسىدە ھەم ئۆزى ھەم باشقىلار پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئۇ ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ ئۆزى ئۈچۈنلا ئىشلىسىمۇ، باشقىلار يەنىلا ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلەش ئىشتىياقى، شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئەمەس، غەيرەتنىڭ، تىرىشچانلىقنىڭ مەھسۇلىدۇر.

چىۋىنلەر ھۇرۇن بولۇپلا قالماستىن، يەنە تەييار تاپتۇر. ئىشلىمىگەچكە، بىرەر قىممەت ياراتمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشقا ھاجىتى چۈشمەيدۇ، ھەمكارلىق ھىس – تۇيغۇسىدىن مەھرۇم. جامائەت ھالىتىدە ئەمەس، توپ-توپ/بىر ئۇچۇم بولۇپ ياشايدۇ. ئىشى بولمىغاچقا ئۆز-ئارا ئىش تەخسىم قىلىشمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشى-كۈچى (ئەسيادى) باشقىلار تەرك تۆكۈپ ياراتقان قىممەتكە، بالغا قونۇش ۋە ھەتتا ئۇنىڭغا مىكروپ يۇقتۇرۇشتۇر. ئۇلار پويىزغا سەپ-سېلىپ قاراۋاتقان ياۋاش كالىلار ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا تاش ئېتىۋاتقان كەپسىز بالىلارغا ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۇ يا پاراۋۇز ياكى ۋاگون بولالمىدى. يا رېلىس ياكى رېلىس ئارىسىدىكى بالداق بولالمىدى.

 

چىۋىنلەر ھەمىشە باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرلىغان نەرسىلىرى بىلەن بۇلغاش بىلەن ئاۋارە. پاكىز بىلەن مەينەتنى بىر-بىرى بىلەن ئايرىيالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن، دائىما نىجاسەتنى پاكىزغا، ساۋاپنى گۇناھقا، گۈرۈچنى تاشقا ئارىلاشتۇرۇشتىن باشقىنى ئۇقمايدۇ.

ھەرىلەر ماڭا ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ « ئاچچىغى يوق ئادەمنىڭ ئىشەكتىن نېمە پەرقى بار؟» دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىدۇ. زىيانداش ئەمەس، لېكىن ئۆزلىرىگە زىيان سېلىنغان ۋاقىتتا ئاچچىقلىنىدۇ ۋە جېنىنى قولىغا ئېلىپ قويۇپ ئېلىشىدۇ. چۈنكى ئۇلار بەك غۇرۇرلۇق. بىكاردىن بىكارغا بىرەر كىشىگە چېقىلمايدۇ ۋە ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ. ئەگەر ئاچچىغى كەلسە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ كۆزىنى قىرپماستىن ئاتلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ غۇرۇرلۇق ھاياتىنى مەغرۇرلارچە ئاخىرلاشتۇرىشىغا سىز ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى دەيسىز، مەن بولسام ئۇنىڭغا شاھادەت شەربىتىنى ئىچتى دەيمەن. ئائىلىسىنى بۇزغانلارغا، مەھرەملىرىگە چېقىلىش ئۈچۈن قول ئۇزاتقانلارغا، ھەسىلىنى ياۋۇزلارچە بولغىماقچى بولغانلارغا گوياكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ شېھىتلىك ھەرىكەتلىرىدە ھاياتىنى پىدا قىلغان ئەزىز بالىلارغا ئوخشاش دەر-غەزەپتۇر.

چىۋىنلەر زىيانداشلاردىن. سىزگە غەلىتە تۇيۇلسىمۇ، ئۇلارنىڭ نەشتەرلىرى بولمىغاچقا قانچىلىك قوغلىسىڭىز قوغلاڭ، ئەمما ھېچ ئاچچىغى كەلمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ زىيانلىقتۇر. خۇددى ئارپا چىۋىنى، باغ چىۋىنى، ئىشەك چىۋىنى، كۆك مۇچ چىۋىنى، بۇغداي چىۋىنى، كۆكتات ۋە مېۋە چىۋىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان چىۋىنلاردەك مۇسەللەت بولغان نېمەتلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىدۇ، ئەمما ئۇلارنى نابۇت قىلىدۇ.

نېمە دەيسىزكى، چىۋىنلەر ئەجىبا غۇرۇرىغا تەككىنىڭىزدە غەزەپلىنىدىغان، ئاچچىغى كەلگەندە چاقىدىغان ۋە چاققاندىن كېيىن ئۆلىدىغان ھەسەل ھەرىلىرىگە تېرورىست، ئىشچى ھەرىلىرىگە بوزەكلەر دەپ قارامدىغاندۇ؟

مەن چىۋىنلەرنىڭ تىلىدىن ھېچنىمە چۈشەنمەيمەن.

 

مۇستاپا ئىسلامئوغلى

 

شەپەق يازمىلىرى

چۈشەن نەشىرىياتى