ئىلىم

By

دېكابىر 18, 2014

Tavsiyeler1

  1. غايىسىز بولماڭ. غايىسىز بولۇش ئىنسانىيەت ئىچىدە « كېرەكسىز / ئارتۇقچە » بولۇشقا نامزات بولۇش دېگەنلىك بولىدۇ. يارىتىلىش مەقسىتىڭىز ئۈستىدە ئىزدىنىڭ. كائىنات ئىچىدە ئىنسانىيەتنىڭ، ئىنسانىيەت ئىچىدە مەنسۇپ بولغان ئۈممەتنىڭ، ئۈممەت ئىچىدە ئۆزىڭىزگە چۈشكەن ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەت ھەققىدە ئويلىنىڭ. رولىڭىزنى ياخشى ئوينىشىڭىز ئۈچۈن، ئۇ رولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىشىڭىز كېرەك.
  2. سىز « ھەزرىتى ئىنسان ». ئۆزىڭىزنى تونۇڭ. ھەر ئىش سىزدىن باشلىنىدۇ. مەخلۇقاتنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنۇتماڭ. ئىنسان ھەم يول ھەم يولۇچى. يولۇچى يولنى تونۇماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇشى كېرەك. ئەۋزەللىكىنى، ئارتۇقچىلىقىنى، ئاجىزلىقىنى، مەسئۇلىيىتىنى، ھەقلىرىنى… بىلىشى كېرەك.
  3. ئىنساننى تونۇماقچى بولغانلار، ئۆگىنىش قابىلىيىتىنىڭ ئىنساننى ئىنسان قىلغان ئاساسلىق ئالاھىدىلىك ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. باشقا ئارتۇقچىلىقلارنىڭ « بىلىش » بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىچىدە ھېس قىلىدۇ.
  4. جاھالەتتىن ۋابادىن قاچقاندەك قېچىڭ. ئىلىم، ھەقىقىي ئارتۇقچىلىقتۇر. ئىمانمۇ بىلىم بىلەن باشلىنىدۇ: مەرىپەتۇللاھ. سىزنى ھەقىقەتكە يەتكۈزىدىغان مەنبەلەرنى بايقاشقا تىرىشىڭ. بۇ بايقاشنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان ئىسمى « ئوقۇش ». « ئوقۇ » ئەمرى، بىر مۆجىزە ئەسرى سۈپتىدە قۇرئاندا نازىل بولغان ئايەتنىڭ تۇنجى كەلىمىسى. پەقەت كۆزلا ئوقۇمايدۇ. قۇلاق، بۇرۇن، تىل، زېھىن، قەلىب، روھ، ئەقىل، تەسەۋۋۇر ئوقۇيدىغان بىرەر ۋاستە. لېكىن، ئوقۇش شەكلى پەرقلىق بولىدۇ.
  5. بىلىمگە ئىگە بولۇش دۇنيادا ئىگە بولالايدىغان دۇنيالىقلار ئىچىدىكى ئەڭ خەيىرلىك نەرسىدۇر. چۈنكى، بىلىم ھەقىقىي سۇلتانلىقتۇر.
  6. بىلىم ئېلىش جەريانىدا زۆرۈر بولغانلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇڭ. شۇڭا، ئوقۇش ئۈچۈن يۈزلەنگەن ھەر نەرسىگە « ھازىر بۇ بىلىمگە مەن ئىھتىياجلىقمۇ؟ » دېگەن سۇئالنى قويىشىڭىز لازىم.
  7. ئىلىمنى، دىنى ۋە دۇنياۋى دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىش توغرا بولمىسا كېرەك. بىر مۇئمىننىڭ دۇنياسى دىنىدىن، دىنى دۇنياسىدىن ئايرىم ئەمەس. كەسپىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك بىلىم، سىزنىڭ بىلىشكە تىگىشلىك زۆرۈر بىلىملەردۇر. بۇ خۇددى ئاخىرىتىڭىزنىڭ بىلىمىدەك زۆرۈر ۋە پايدىلىقتۇر.
  8. بىلىم ھامماللىقىدىن جاھالەتتىن قاچقاندەك قېچىڭ. ئاللاھ رەسۇلىنىڭ پايدىسىز ئىلىمدىن ئاللاھ سىغىنىپ پاناھ تىلىگەنلىكىنى ئۇنۇتماڭ. پايدىسىز ئىلىم زېھىندا پەيدا بولغان تاش بولۇپ، ئۇ چۈشۈرۋېتىلىشى كېرەك. زېھىندا پەيدا بولغان تاش، بۆرەكتە پەيدا بولغان تاشتىنمۇ خەتەرلىك ۋە داۋاسى قېيىندۇر. بۆرەكتىكى تاشنى لازىر نۇرى بىلەن پارچىلىۋېتىش مۇمكىن، لېكىن زېھىندىكى تاشنى پارچىلاش بەسىي مۈشكۈل. مەلۇماتپۇرۇش بىلەن ئالىمنى، مەلۇماتپۇرۇشلۇق بىلەن ئىلىم تالىپلىقىنى ئارىلاشتۇرۋېتىش، ئالىمنىڭ كىم، نېمىنىڭ ئىلىم ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىك بولىدۇ. ئىلىم ۋە ئالىمنىڭ تەرىپىنى « بەندىلەر ئىچىدە ئاللاھ تىن پەقەت ئالىملارلا ھەقىقىي شەكىلدە قورقىدۇ » دېگەن ئايەتنى ئاساس قىلغان ھالدا تاپالايسىز.