سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئىمان - ئىنساننىڭ بەختى » ئەقىدىدە بىپەرۋالىق

ئەقىدىدە بىپەرۋالىق

ئەقىدىدە بىپەرۋالىق

كېچىكتۈرۈش، كەينىگە سوزۇش، ئارقىدا قالدۇرۇش، ھاۋالە قىلىش دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان « ئىرجا »[1] كەلىمىسى، پەقەت سۇلتانلار مەزھىپى دەپ قارالغان مۇرجىئەگە خاس بولغان « چۈشەنچە شەكلى » ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىرجا، ئېنىقلىمىسى بېرىلگەن، دائىرىسى بەلگىلەنگەن، بەلگىلىك بىر مەزھەپكە خاس بولغان يۈزلىنىشنى كۆرسەتمەيدۇ.

ئىرجا، ئىزاھلىنىپ ئىچى تولدۇرۇلغان بىر ئۇقۇم ئەمەس. بۇ سەۋەپتىن ھەر كالامى ئېقىمنىڭ ئۆزىگە خاس « ئىرجا » چۈشەنچىسى بار. بۇ ئىچى بوش ئۇقۇمنى ھەر مەزھەپ ئېلىپ، ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىگە ماس ھالدا شەرھىيلىگەن[2]. شۇڭا مەزكۇر مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك كىتاپلاردا « قەدەرى، جەبرى، مۇتەزىلە، سۈننى ھەتتا خاۋارىجى مۇرجىئەلەر » ھەققىدە توختىلىدۇ. مەسىلەن، ئەشئەرى بىر مۇتەزىلى ۋە قەدەرى بولغان غەيلان ئەد دەمەشقى بىلەن ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفىنى ئوخشاش بىر تېمىدا مۇرجىئە دەپ تونۇشتۇرغان[3]، زاھىرى ئىبن ھەزممۇ ئەشئەرىنى مۇرجىئە قاتارىدىن دەپ تىلغا ئالغان[4].

بىز بۇ يەردە ئەسلى مۇرجى مۇرجىئە، يەنى ئەمەۋى ھاكىمىيىتىگە يۆلىنىپ، ھۆكۈمدارلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن زۇلۇم، فىسقى – فۇجۇر، نىفاق، ھەتتا كۇپۇر ۋە شېرىكنى يوللۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان رەسمىي مەزھەپ بولغان مۇرجىئە ھەققىدە توختىلىمىز.

بۇ مۇرجىئەنىڭ ئالاھىدىلىكى پۇرسەتپەرەس، سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش قىلىدىغان، ئاغمىچى، تەخسىكەشلىكتۇر. دەسلەپتە خاۋارىچلارنىڭ ئاشقۇنلىقىغا قارشى ئوتتۇرىغا چىققان مۇرجىئەلەر قىسقا مۇددەت ئىچىدە « دۆلەت مەزھىپى »گە ئايلانغانىدى[5]. چۈنكى رەسمىي مۇرجىئەنىڭ « ئىرجا » چۈشەنچىسى، ھۆكۈمدارلارنىڭ زۇلۇمنى يوللۇق قىلىش ئۈچۈن پىچىلغان تون ئىدى. ھاكىمىيەتنى بەيئەتسىز ۋە شۇراسىز ھالدا تارتىۋالغان، خەلققە زۇلۇم قىلغان، ھەر خىل گۇناھ ۋە ئەخلاقسىزلىقنى سادىر قىلغان ھۆكۈمرانلار، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلىش، ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختالماسلىق، ئۇنىڭ ھەققىدە ھۆكۈم بەرمەسلىك پىكرى بىلەن يوللۇق قىلغان مۇرجىئە، بۇ ھەقتىكى ئاساسلىق چۈشەنچىسىنى قىسقىچە مۇنداق بايان قىلغانىدى: « كاپىرغا ئىتائىتى پايدا بەرمىگەندەك، مۇئمىنگىمۇ ئىسيان ۋە گۇناھى ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەيدۇ ».

مۇرجىئە، چوڭ گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى سادىر قىلغۇچىنىڭ ئىمانىنىڭ جىبرىئىلنىڭ ئىمانىغا تەڭ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەرنى ئاقىۋىتىدىن خاتىرجەم بولۇشقا چاقىراتتى[6].

ئىماننىڭ ئىزاھاتى ھەققىدە ئون ئىككى ئېقىمغا ئايرىلغان مۇرجىئەدىن بەزى ئېقىملار، ئىماننى پەقەت « بىلىش ( مەرىپەت ) » ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى[7]. بۇ ئەھۋالدا بارلىق مۇشرىكلار، يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلار، ھەتتا شەيتانمۇ مۇئمىن ۋە مۇسۇلمان ئىدى. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى.

مۇرجىئەدىن بەزى ئېقىملار، ئىماننىڭ پەقەت « ئىقرار » ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلارنىڭچە ئەسرى سائادەتتىكى ئىنىق مۇناپىقلاردىن تارتىپ بارلىق مۇناپىقلار مۇئمىن ئىدى[8].

بۇ ئېقىم كۇپۇرنى « ئاللاھنى بىلمەسلىك » دەپ ئىزاھلايتتى. بۇلار يەنە: « رەسۇلۇللاھ خەيبەردە ئۇرۇش قىلغان يەھۇدىيلار ئاللاھنىڭ نەزرىدە مۇسۇلمان ئىدى. ئاللاھنىڭ دوستلىرى ۋە جەننەت ئەھلىدىن ئىدى » دەيتتى[9]. يەنە بەزىلىرى نامازنىڭ ئىبادەت ئەمەسلىكىنى، ئىبادەتنىڭ پەقەت « ئىمان » ئىكەنلىكىنى داۋا قىلغانىدى[10].

قۇددۇس ۋە خۇراسان ئەتراپىغا ماكانلاشقان بىر گۇرۇپ مۇرجىئە « كىشى تىلى ئارقىلىق ئىشەنگەنلىكىنى، يەنى ئىمان ئېيتقانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن چىن قەلبىدىن ئىشەنمىسىمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ دوستى، جەننەت ئەھلى بىر مۇئمىندۇر » دەيتتى. ئۇلاردىن « ئىمان، قەلىپ بىلەن قىلىنغان ئەھدىدۇر » دېگۈچىلەر، تەقىييە ( قورقۇش ) بولمىسىمۇ، بىر كىشى ئاغزاكى ھالدا مەيلى كۇپۇرلۇقىنى ئېلان قىلسۇن، بۇتلارغا چوقۇنسۇن ياكى ئىسلام تۇپرىقىدا يەھۇدىي، خىرىستىيان بولسۇن ۋەياكى كىرىستقا ۋە تەسلىس ( تەڭرى، ئىسا ۋە مەريەمدىن ئىبارەت ئۈچ ئىلاھ )قا ئېتىقاد قىلسۇن ۋە ئۇ ئەقىدە بىلەن ئۆلسۇن، ئۇ يەنىلا مۇئمىندۇر ۋە ئاللاھنىڭ نەزرىدە ئىمانى كامىلدۇر، دەيتتى[11].

ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، مۇرجىئە بۇ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا قۇرئانغا مۇراجەت قىلىشنى يا زۆرۈر دەپ قارىمىدى ياكى ناھايىتى ئاز سالماقتا قۇرئانغا مۇراجەت قىلدى. ئەگەر بۇ قاراشلىرىنى قۇرئان ئۆلچىمىگە سېلىپ باققان بولسا، ئىلگىرى سۈرگەن قاراشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇرئانغا زىت ئىكەنلىكىنى كۆرەتتى.

قۇرئان، مۇناپىقلارنىڭ نىفاقىدا ئىككىلىنىپ قالغانلارنى « ئى مۇئمىنلەر! سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمىشقا مۇناپىقلار ھەققىدە ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىسىلەر؟ ھالبۇكى ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلى خار قىلدى. ئاللاھ ئازدۇرغاننى سىلەر توغرا ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ كىمنىكى ئاللاھ گۇمراھ قىلىدىكەن، سىلەر ئۇنىڭغا ھەرگىز توغرا يول تېپىپ بېرەلمەيسىلەر » ( نىسا، 88 ) دەپ ئازارلىماقتا ئىدى. لېكىن مۇرجىئە مۇناپىقلارنىڭ نىفاقى، كاپىرلارنىڭ كۇپرى، مۇشرىكلارنىڭ شېرىك قىلمىشلىرىغا بىر يول تېپىشقا تىرىشقانىدى.

ئايەتتە بايان قىلىنغان ( قىلمىشى تۈپەيلىدىن ) ئاللاھ ئازدۇرغاننى توغرا يولدا دەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇرجىئەنىڭ قىلمىغان قىلىقى قالمىغانىدى. ئاللاھ كۆرسەتكەن كۇپۇر، شېرىك، نىفاق ۋە زۇلۇم چېگرالىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇلارنى ئىمان، تەۋھىد، تەقۋا ۋە ئادالەت بىلەن ئارلاشتۇرىۋەتكەنىدى. يەنى، ئۇلار قۇرئاننىڭ بايانى بىلەن « ھەقنى باتىل بىلەن ئارلاشتۇرۇپ، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرۇش »تىن ئىبارەت بىر ئازغۇن يولنى تۇتتى.

تارىخىي مۇرجىئەنىڭ ئەڭ چوڭ جىنايىتى، مۇسۇلماننى كۇپۇر ۋە نىفاق، شېرىك ۋە زۇلۇمغا قارىتا بىخۇدلاشتۇرۇشى، ئىنكاسسىز ۋە بىپەرۋا قىلىپ قويغانلىقى ئىدى.

ئۇنىڭ داۋامى بولغان « كۈنىمىز مۇرجىئە »سىمۇ ئوخشاش مەقسەتتە مۇسۇلماننىڭ كۇپۇر ۋە كاپىرغا، زلۇم ۋە زالىمغا قارشى ئىمانىدىن ئېتىلىپ چىققان نارازىلىق ۋە نەپرىتىنى يوق قىلىپ، ئۇنى كىملىكسىز ۋە شەخسىيەتسىز بىر ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇش، پۇرسەتپەرەست ۋە ئېتىقادىدا بىپەرۋا قىلىپ قويۇشقا ئۇرۇنماقتا. « مۇسۇلماننى سىياسەتتىن يىراق تۇتۇش »، تارىخىي ۋە كۈنىمىز مۇرجىئەسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق نوقتىسىدۇر. كۈنىمىز مۇرجىئەسىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ دىنغا بولغان سەزگۈرلىكى ئاجىزلاپ، ئىمان ۋە كۇپۇر، تەۋھىد ۋە شېرىك، ئادالەت ۋە زۇلۇم، تەقۋا ۋە نىفاق ئارىسىدىكى چېگرالار بىرمۇ – بىر بۇزۇپ تاشلىنىپ، ھەق بىلەن باتىل بىر – بىرىگە زىچ گىرەلەشتۈرۋېتىلدى.

ھەر خىل ئىسىملار بىلەن كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن مۇرجىئە زېھنىيىتى نەتىجىسىدە، بۈگۈن ئىسلام ئۈممىتىدە ناھايىتى ئېغىر ھالدا « ئەقىدە ۋە ئەمەل مالىمانچىلىقى » كۆرۈلمەكتە.

مۇسۇلمان بولۇش ھۆسۈن تۈزەشتىنمۇ ناھايىتى ئوڭاي ھالغا كەلتۈرۈلدى. مۇسۇلمان بولۇش ئاسانلاشتى دەپ ھېچكىم بۇرۇنقى ئەقىدىسىنى تاشلاپ مۇسۇلمان بولمىدى، ئەلۋەتتە. دەل ئەكسىچە، مۇسۇلمانلار دىنى، ئىمانى بىلەن بىخۇد بولدى ۋە ئىلمانىيلاشتى. بۇ نىفاقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالى ئىدى. بۇ ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىلمىنىڭ ئىززىتىنى سېتىپ جان باقىدىغان، ئاتالمىش « ئۆلىمالىق ۋە ئاكادېمىك » سالاھىيەتكە ئىگە قىلىش شۇئارى ئاستىدا كۆندۈرۈلگەن ئىلاھىيەتچىلەرنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، تارىخىي مۇرجىئەمۇ خاۋارىچلارغا ئوخشاش « ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر » ئايىتىنى ئۆزىگە شۇئار قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققانىدى. لېكىن ئۇلار بۇ ئايەتنى خاۋارىچلاردىنمۇ بەتەر ھالدا شەرھىيلەپ « ھۆكۈمدارغا قەتئىي بويسۇنۇش ۋاجىپتۇر، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى، خالىشى ۋە تەقدىرى بىلەن ھۆكۈمرا بولغان » دەپ تەئۋىل قىلغانىدى.

خاۋارىچلار بىلەن مۇرجىئە زېھنىيىتىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرغان ۋاقتىمىزدا، خاۋارىچلارنىڭ كىشىلەرنى قورقۇتۇپ جەھەننەمنى مۇئمىنلەر بىلەن توشقازغانلىقىنى؛ مۇرجىئەنىڭ دائىم خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىپ، كاپىر ۋە ئېنىق مۇناپىقلارنىمۇ جەننەتكە كىرگۈزگەنلىكىنى بايقايمىز.

خاۋارىچ زېھنىيىتى « تەكفىر » قورالىنى مۇسۇلمانغا قاراتقان، مۇرجىئە زېھنىيىتى « جەننەت » مۇكاپاتىنى كاپىرنىڭ بوغىزىدىن ئۆتكۈزۈشتىن تەپ تارتمىغانىدى.

خاۋارىچ زېھنىيىتى « ئىمان »نى ئەمەلنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرغان، مۇرجىئە زېھنىيىتى « ئىمان»نى ئەمەلگە قالقان قىلغانىدى. خاۋارىچلار، ئاللاھ قويمىغان ئەقىدىۋى ئۆلچەملەرنى قويدى؛ مۇرجىئە، ئاللاھ بەلگىلىگەن چەك – چېگرانى بۇزۇپ تاشلاپ « ئىماننى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان » ئىدى.

يىغىنچاقلىغاندا، بۇ ئىككى خىل زېھنىيەت چەكتىن ئاشقان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئېيتقاندەك « چەكتىن ئاشقانلار ھالاك بولدى ».

[1]  شەھرىستانى، « ئەل مىلەل »، I/139.

[2]  ئەبۇ ھەنىفىنىڭ « ئىرجا » چۈشەنچىسىنى بۇ رىۋايەت ناھايىتى يارقىن ئىپادىلەپ بېرىدۇ: « ئەبۇ ھەنىفىدىن چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋالى سورالغاندا، ئۇنىڭ ئاللاھقا ھاۋالە ( ئىرجا ) قىلىنىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ خالىسا ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى، خالىسا جازالايدىغانلىقى »نى ئېيتقان ( ماتۇرىدى، تەۋھىد، 382 – بەت ).

[3]  ئەشئەرى، « ماقالات »، 137 – بەت. ھالبۇكى ئەبۇ ھەنىفىگە نىسبەت قىلىنغان « ئەل ئالىم ۋەل مۇتەئالىم » ناملىق ئەسەردە ئىمام مۇرجىئەنى، شىئە ۋە خاۋارىچلار بىلەن بىر قاتارغا قويغان. بەش ئەسەرى، 14 – بەت.

[4]  شەھرىستانى مۇرجىئەنى خارۋارچ مۇرجىئە، قەدەرى مۇرجىئە، جەبرى مۇرجىئە، مۇرجىئەتۇل – ھاسسا ( سۈننى مۇرجىئە ) دەپ تۆت تۈرگە ئايرىغان. بۇ پىرقىلەرنىڭ بەزىدە بىر – بىرىنى تەكفىر قىلغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. ( « ئەل – مىلەل »، I/139؛ « ئەل فاسىل »، V/76-96 ).

[5]  ئەھمەد ئەمىن، « فەجرۇل ئىسلام »، 417 – بەت.

[6]  ماتۇرىدى ۋە ئەشئەرىنىڭچە كىشىنىڭ « ئەمىن » ھالى كۇپۇر بولۇپ، توغرا بولغان پوزىتسىيە ئەندىشە ۋە ئۈمىد ئارىسىدا بولۇش ئىدى.

[7]  ئەشئەرى، ماقالات، 133 – بەت.

[8]  ئەشئەرى، ماقالات، 131 – بەت؛ ئىبن ھەزم، « ئەل – فاسل »، V/74.

[9]  ئىبن ھەزم، « ئەل – فاسل »، V/75.

[10]  ئەشئەرى، ماقالات، 133 – بەت.

[11]  ئىبن ھەزم، « ئەل – فاسل »، V/73.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 12

ئىنكاس يوللاش

© 2011 Powered By Wordpress, Goodnews Theme By Momizat Team

ئۈستىگە قايتىش