ئىمان – ئىنساننىڭ بەخت – سائادىتى  

كىرش سۆز

قۇماندان، ئومۇمىييۈزلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرگەن قوشۇننى كۆزدىن كەچۈرىۋاتاتتى. بۇ جەرياندا كارغا كەلمەيدىغان بىر زەمبىرەكنىڭ ئالدىدا توختاپ ھۆرمەتتە تۇرغان ئوفېتسىردىن:

  • بۇ زەمبىرەكنىڭ نېمىسى كەم؟ – دەپ سورايدۇ.
  • بەش نەرسىسى كام قۇماندىنىم!
  • قېنى ساناپ باق.
  • بىرىنچىسى، بارۇت، قۇماندىنىم!
  • بولدى قىل،…

ئىماندىن ئىبارەت مۇھىم بىر تېما ئۈستىدە توختالغان بىر كىتاپنىڭ كىرىش سۆزىنى، بىر ئەسكەر ھېكايىسى بىلەن باشلاش بەزىلەرگە غەلىتە تۇيۇلىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىزنى بۇ ھېكايە ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپ بەرمەكتە.

ئىمان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان يەردە باشقا نەرسىلەرنى تىلغا ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ بىلمىدىم.

ئىمان، ئەتراپىدا ئىنسانىيەت تارىخى ئايلىنىدىغان ئوق بولۇپ، بىر مۇئمىننىڭ ھاياتى ۋە ئىش – ھەرىكىتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىدۇر. بۇ سەۋەپتىن ئىماننىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، دىنىنىڭ ۋەيران بولىشىدۇر. چۈنكى « دىن » ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلغان ۋە ئۇلارغا ئەبەدى بەخت – سائادەت يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر ئىلاھى مۇئەسسەسەدۇر. بۇ مۇئەسسەسە پەقەت ئىمان بىلەنلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ.

ئىماننىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، كىملىك كىرىزىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۈممەتنى تەشكىل قىلغان شەخسلەر دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر مەسىلە، شەخسىيەت، يەنى كىشىلىك مەسىلىسىدۇر. بۇ ئىمان ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىقماقتا.

ئىمان ئاجىزلىشىشى بىلەن تەڭ كىشىلىكمۇ ئاجىزلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەق – باتىل، ئىمان – كۇپۇر، مۇئمىن – كاپىر ئايرىلىش، ئىمان ئېيتقانلىقىنى داۋا قىلغان ئىنسانلارنىڭ نەزىدە ئېنىقلىغۇچى ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەخسلەر مۇسۇلمان بولغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، كۇپۇرغا ھەۋەس قىلىشقا، ھەتتا مەستانىسى بولۇشقا باشلايدۇ.

كىملىك كىرىزىسى دەپ ئاتالغان ئۆزلىكنى يوقۇتۇش، كۇففارنىڭ ئىسلام ئۈممىتى ئۈستىدىكى ھاكىمىيەت ۋە سەلتەنىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لېكىن قۇرئان كاپىرلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ۋە ھاكىمىيىتىنى شىددەت بىلەن رەت قىلىدۇ.

كۇپۇرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشىغان مۇسۇلمان شەخسلەر ھەر خىل ئەقىدىۋى ئىللەتلەرگە مۇپتىلا بولاتتى، دېمىسىمۇ شۇنداق بولدى. بۇ ئىللەتلەر ئەقىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشقا باشلىغان ھىجرى 1 – ئەسىردىن ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچە مەۋجۇت بولغان ئەقىدىۋى ئىللەتلەرىدىن پەرقلىق ئىدى.

كۈنىمىزدە، كىلاسسىك ئەقىدىۋى تۈرلەرنىڭ ھېچبىرسىگە چۈشمەيدىغان، ئۆزى بىلەنلا كۇپايىلىنىدىغان مۇسۇلمان ئوبرازلىرى ۋە مۇسۇلماندارچىلىقلار پەيدا بولدى. ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ھەنىف دىنىنى بۇرمىلىۋەتكەن مۇشرىكلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىبراھىمغا؛ ھەزرىتى مۇسا ۋە ھەزرىتى ئىسانىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلەرنىڭ، ئۆزلىرىنى ھەزرىتى مۇسا ۋە ئىساغا نىسبەت بەرگىنىگە ئوخشاش، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ دىنىنى بۇرمىلىۋەتكەن ئىنسانلارمۇ ئۆزلىرىنى ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىشكە باشلىغان ئىدى.

مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى داۋا قىلغان ئىنسانلار ئارىسىدا مۇشرىكلىشىش، يەھۇدىلىشىش ۋە خىرىستىيانلىشىش مايىللىقى باش كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى. ئىنسانلاردىن بەزىلىرى مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى قانداق ياشىغان، قانداق ئاڭلاپ چۈشەنگەن، ھەتتا قانداق ئېتىقاد قىلغان بولسا، ئەنە شۇنداق ياشايدۇ، ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ، ئىمان ئېيتىدۇ ياكى ئەقىدە قىلىدۇ ۋە بۇ ھالىتى بىلەن مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ.

بۇ ئۆزگىچە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قانداق كىشىلەر يوق دەيسىز؟ ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئىنكار قىلىپ، ئىسلام شەرىئىتىنى رەت قىلىپ، ھەتتا ئۆزىگە دىنسىزلىق ( لائىسىزم )نى بىر خىل دىن قىلىۋېلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە مۇسۇلمانلىق داۋاسى قىلغانلار؛ دىنسىزلىق بىلەن ئىسلامنى، كۇپۇر بىلەن ئىماننى مۇرەسسە قىلىشقا تىرىشقان ھەق – باتىل شىركەتلىرىنىڭ يۇمىلاق تاۋۇز چاپارمەنلىرى… بار.

بىر تەرەپتىن ئاللاھقىمۇ ئىشىنىمەن، يۇلتۇزغا قاراپ پال ئاچىدىغانلارغىمۇ ئىشىنىمەن، ھەجگىمۇ بارىمەن، ۋاتىكانغىمۇ بارىمەن؛ نامىزىمنىمۇ ئوقۇيمەن، ھاراقنىمۇ ئىچىۋېرىمەن؛ ئىلمانىي ياكى كامالىسىتمۇ بولىمەن، مۇسۇلمانلىقىمغىمۇ تىل تەككۈزمەيمەن؛ ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، مۇئمىنمۇ بولىمەن كاپىرمۇ بولىمەن دەيدىغان تېتىقسىزلار ۋە بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىمانسىز مۇسۇلمان، ئېتىقادلىق كاپىر، ئىلمانىي مۇئمىن، كامالىست ۋەلى ۋە مۇسۇلمانچاقلار ( مۇسەيلىمە ) دەپ ئاتىساقمۇ بولىدىغان ئىمان يوقسۇلى كىشىلەرنى كۆرىسىز …

بۇ كۈنلەرگە ئۆزلىكىدىن كېلىپ قالمىدۇق، ئەلۋەتتە. ئەقىدە مەسىلىسىنىڭ مەركىزىدە ئەنئەنە ياتماقتا. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، تارىخ ئېقىنىدا ئاققان بۇ بۇلغانغان ئەنئەنىلەر سۈزۈلدۈرۈلۈپ، ئەسلى ھالىغا قايتۇرۇلماي تۇرۇپ، يىلتىزىدىن يېڭىلانغان ئىماننىڭ روياپقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس.

ھەقىقەتتە قۇرئانغا تايانغان ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ھىجرى 1 -ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىلا باشلانغان ئىدى. سىياسىي ساھەدە مەيدانغا چىققان تۇنجى ئىختىلاپلار كۆپ ئۆتمەستىنلا ھۆكۈمرانلارنىڭ خىيانىتى، ئاۋامنىڭ جاھالىتى تۈپەيلى ئەقىدىۋى ئىختىلاپلارغا ئايلىنىپ كەتتى. باشتا ئەقىدە ئەسلى ماھىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ كالاملاشتى. بۇ دەۋردە ھەممە نەرسە دەتالاش قىلىناتتى. تېخىمۇ قورقۇنچلىق بولغىنى، بۇ خىل قارىغۇلارچە مۇنازىرىلەر ( كالام ) ئەقىدىگە ئايلاندۇرۇلدى ۋە ئىمان ئېيتىشقا تېگىشلىك بولغان ئاساسلار دەپ ئۈممەتنىڭ ئالدىغا قويۇلدى.

ئۇ دەۋىرنىڭ ئەقىدە يازغۇچىلىرى سەھىھ ئەقىدىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا، ئۆزلىرى تەۋە بولغان ھىزىپ ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ياقىلاشنى مۇۋاپىق كۆردى. پىرقىلەر ئوخشاش قاراشتا بولغان نوقتىلار نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، ئىختىلاپ قىلىشقان نوقتىلار ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ گەۋدىلەندۈرۈلدى. بۇ سەۋەپتىن « ئەل فەرق بەينەل فىراق – پىرقىلەر ئارىسىدىكى پەرقلەر » ناملىق كىتاپلار يېزىلدى. شۇنىڭ بىلەن پىرقىلار ئارىسىدىكى پەرقلەر تېخىمۇ چوڭايتىلىپ، بۆلۈنۈشلەر تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈلدى، چېگرالار سىزىلدى، ئىش ھەقىقەتنى تېپىش رىقابىتى ۋە « دىن » داۋاسى بولۇشنىڭ ئورنىغا قان داۋالىرىغا ئايلاندۇرۇلدى.

بۇ دەۋىردە، ھۆكۈمدارلارنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن، ئەڭ باشتا تەقدىردىن باشلانغان نۇرغۇنلىغان مەسىللەر قۇرئان مەركىزىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ بۇرمىلاندى. ئۇلۇھىييەت، نۇبۇۋۋەت ۋە مەئاد ( ئاخىرەت )تىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي تېمىغا مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدىغان ئىمان ئاساسلىرىمۇ بۇ بۇزغۇنچىلىقتىن خالىي بولالمىدى.

قۇرئان بەلگىلەپ بەرگەن رەھمان ۋە رەھىم بولغان ئاللاھ ئېتىقادىنىڭ ئورنىنى، كالامچىلار بۈيۈك زوق ۋە ئىشتىياق بىلەن ئوبرازلاشتۇرغان جاببار ( زورلىغۇچى ) ۋە قاھھار ( غەزەپ قىلغۇچى ) ئاللاھ ئوبرازى ئالدى. ئىلاھى ئىرادىنى پاكلاش پەردىسى ئارقىسىدا، ئىنسان ئىرادىسى رەت قىلىندى ۋە بۇ ئارقىلىق سەلتەنەتلەرمۇ پاكلانغان بولدى. ئىرادە ۋە تاللاشنى ئىنساننىڭ تەقدىرى قىلغان ئاللاھنىڭ مۇتلەق ئىرادىسى، بەندىنىڭ شەرتلىك ئىرادىسىنىڭ رەقىبىدەك چۈشۈنۈلۈپ، ئىنساننىڭ ئىرادە ۋە تاللاش ئەركىنلىكىگە قارشى « جىھادى ئەكبەر » ھەرىكىتى قوزغىتىلدى.

مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش جەريانى، ئىمان ئاساسلىرىدىن بولغان نۇبۇۋۋەتتىمۇ يۈز بەردى. ئاۋامغا ئۆرنەك بولالايدىغان ئىنسان ئەلچىنىڭ ئورنىغا، ئۆزلىرىگە ئېيتىپ بېرىلگەن ۋاقىتتا ھەيرانلىق ئىلكىدە ھاياجاندىن ئىسقۇرتقۇزىدىغان بىر پەرىشتە سۈپەت ئەلچى تونۇشتۇرۇلدى.

بۇ ئەقىدىۋى بۇزغۇنچىلىقنىڭ نەتىجىسى ھەر ساھەدە قورقۇنچلىق بولدى. ھورۇنلۇق، جاھالەت ۋە نامراتلىق زۇلمەتلىرى ئىچىدە ياشىغان ئۈممەتكە، پۈتۈن بۇلار تەقدىر پىشانە سۈپىتىدە تېڭىلدى. چۈنكى بۇ، ھۆكۈمرانلىق ماقامىدىكى سىياسىي، دىنىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئىدى.

20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكى ئاخىرلاشقاندا، بۇ تۇپراقلاردا دىنغا قارىتا قاتتىق دۈشمەنلىك بورىنى چىقىشقا باشلىدى. شەرقنىڭ كېيىنرەك بايقالغان قۇتقازغۇچى دېكتاتۇرلىرى دىنسىزلىق مودىسىغا قاتتىق مەستانە بولۇشقان ئىدى. دەھرىلەشكەن بۇ ئاتىلار ۋە ئاتېئىستلەر دىنغا دۈشمەنلىك مودىسىنى خەلىققە مەجبۇرى تاڭدى. ئۇلار دىنىي بولغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ دۈشمىنى، دىنغا قارشى بولغان ھەممە نەرسىنىڭ مەستانىسى بولدى. مەقسەتلىرى ئىماننى يەنە بىر قېتىم ئەبەدىي ھۆكۈمران قىلماسلىق ئىدى. شۇڭا شەيتاننىڭ ھاكىمىيىتىنى كۈچلەندۈردى. ئىنسانلارنىڭ قولىدىن ئالدى بىلەن ئىلاھىنى، كىتابىنى ۋە رەسۇلىنى تارتىۋالدى؛ ئارقىدىنلا ئىلاھسىز، كىتاپسىز، رەسۇلسىز قالغان ئاۋامغا ئۆزلىرىنى ئىلاھ ۋە رەسۇل دەپ تېڭىشتى. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى بۇتچىلىق يەنە بىر قېتىم باش كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى.

مىللىتارىست ئاتېئىزمنىڭ بۇ تۇپراقلاردىكى قولچوماقچىلىقىنى رەسمىي ھالدا ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇ ئىدىئولوگىيە، ئىماننى ئۆزىگە نىشان تاختىسى قىلغان ئىدى. بۇ نوقتىدا قارىغۇلارچە غەرپ تەقلىتچىلىكى ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى. ئۇ شۇنداق غەرىپكى، تارىخىدا ئىلىم بىلەن ئىماننى، ئەقىل بىلەن دىننى بىر – بىرىنىڭ دۈشمىنى دەپ جاكارلىغان؛ ئىلمنى، ئادەمنى جەننەتتىن قوغلىنىشقا سەۋەپ بولغان چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مېۋىسى دەپ ئاتىغان ئىدى. ئەقىلنى ئىماننىڭ قارشى قوتۇپىغا قويغان غەرپ، تارىخ بويىنچە ئىمانغا ئېسىلغانسىرى ئىلىمسىز، ئىلىمگە ئېسىلغانسىرى ئىمانسىز بولۇپ كەلدى. شۇڭا غەرپ، ئوتتۇرا ئەسىردە ئەقىلسىز ئىماننىڭ، كۈنىمىزدە بولسا ئىمانسىز ئەقىلنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدا دەلدەڭشىپ يۈرمەكتە.

ئىسلام بولسا ئىلىمنى ئىماننىڭ، ئەقىلنى دىننىڭ كەم بولسا بولمايدىغان شەرتى قىلىپ، ئەڭ چوڭ ئىمانسىزلىقنى جاھالەت ۋە جاھىلىيەت، ئەڭ ئەشەددىي ئازغۇن كاپىرنى ئەبۇ جاھىل ( جاھالەتنىڭ ئاتىسى ) دەپ ئاتاپ، ئىلىمنى ئىمان بىلەن، جاھالەتنى ئىمانسىزلىق بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويغان.

ئەقىدىدە، كىلاسسىك تۈرگە ئايرىشلار ۋە ئۆتمۈشتە يېزىلغان ئەسەرلەر بۈگۈنكى دەۋرگە ماس كەلمەي قېلىۋاتىدۇ. بۇندىن 1400 يىل بۇرۇنقى ئەقىدىۋى تۈرگە ئايرىشلار بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپالمايۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ ئەقىدىۋى ئېقىملار ئوتتۇرىغا چىققان دەۋردە مەۋجۇت بولغان پىرقىلەرنىڭ ھېچقايسىسى، بۈگۈن ئەسلى ھالىتى بىلەن مەۋجۇت ئەمەس.

ئەگەر باتىل ئەقىدە پىرقىلىرى ۋە بىدئەت ئەھلى، ئازغۇن مەزھەپ ۋە تەرىقەتلەر ھەققىدە توختىلىدىغان بولساق، بۈگۈن ئىزناسى قالمىغان خاۋارىچلار، مۇتەزىلە، جەبرىييە ھەققىدە ئەمەس، بەلكى لائىسىزم، لېبىرالىزم، كامالىزم، كاپىتالىزم، ئېتىقادى پۇرسەتپەرەسلىك، ماسونلۇق ۋە كۇلۇپلىشىش، بۇلارنىڭ ئەقىدىۋى ھۆكۈملىرى ھەققىدە توختىلىش كېرەك. بىر دىن ۋەياكى مەزھەپ ھالىغا كەلگەن بۇ خىل ئېقىملارغا مەنسۇپ بولغان كىشىلەرنىڭ، ئىسلام ئەقىدىسىگە ئاساسەن ئەھۋالى تەتقىق قىلىنىپ، ئەقىدىدىكى ئورنى بېكىتىلىشى ۋە ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك.

ھەممىسى تارىختا ئۆتكەنلەردىنمۇ بەكرەك قورقۇنۇچلۇق بولغان بىرەر ئەقىدىۋى ئازغۇنلۇقنى تەمسىل قىلغان بۇ يۈزلىنىشلەر، زامانىۋى دىن دۈشمەنلىكىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. ئەھلى سۈننەت ۋە ئەھلى بىدئەت ئۇقۇملىرىنى، بۈگۈن ۋاقتى ئۆتكەن كىلاسسىك ئېنىقلىمىسىدىن ئايرىپ چىقىپ، كۈنىمىزدىكى زامانىۋى ئازغۇنلۇقلارنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا ئىزاھلاش ۋە بۇ ئارقىلىق ھەم ئۈممەتنىڭ بىرلىكىگە تۆھپە قوشۇش ھەمدە زامانىمىز ئازغۇنلۇقلىرىغا قارشى تۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرۇش دەۋرنىڭ تەقەززاسىدۇر.

بۇ ئەسەرنىڭ مەقسىدى، بۇنچە ۋەيرانچىلىقتىن كېيىن بارلىق شەخسى ۋە ئىجتىمائى ساھەلەردە شەيتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ، ئىماننىڭ ھاكىمىيىتىگە قايتىدىن ئېرىشىش ئۈچۈن شەرت بولغان ئىماننى يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈش ۋە تۈزىتىش سەپەرۋەرلىكىگە ھەسسە قوشۇش، ئۇنىڭ پرىنسىپ ۋە مېتودلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغا ياردەم قىلىشتۇر.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىماننىڭ بۇرمىلىنىشى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى توختايدۇ، كىشىلەر ھازىرقى كۈنلەردە شىددەت بىلەن چىقىۋاتقان ئىلمانىيلىق بوران – چاپقۇنىدىن ئەڭ ئاز زىيان بىلەن قۇتۇلالايدۇ.

ھۆكۈمرانلىق كۈچى بولمىغان ئىمانلار، مۇئمىن يۈرەكلەردە مەھكۈم بولغان بىر دەۋردە ھۆر ئىمانغا ئىگە بولۇش، ئاللاھ رەسۇلىنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ چاقىرىقنى تەكرارلايمىز:

ئىمانىڭلارنى يېڭىلاڭلار!

مۇستافا ئىسلامئوغلى

كىچىككۆي، ئىستانبۇل، 1993 – يىلى يانىۋار