image

ھەج ۋە ئۇمەرە نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

ھەج، كەبىنى زىيارەت قىلىش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان، يىلنىڭ مەلۇم كۈنلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئىلاھى سىمۋوللار ( شەئائىرىللاھ )دىن تەركىپ تاپقان بىر ئىبادەت بولۇپ، قۇربى يەتكەن ھەر مۇئمىنگە پەرز.
ھەجنىڭ كىچىكىگە، ھاياتنى « بەرپا ۋە تىك » لىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇمرە دېيىلىدۇ. ئۇمرە / ئۆمرە خالس نىيەت بىلەن قىلىنغان ھەجگە قارىغاندا تار دائىرىدە بولۇپ، يىلنىڭ بەلگىلىك بىر ۋاقتىدا ئادا قىلىش شەرتى بولمىغان بىر ئىبادەت.
ھەج ۋە ئۇمرە ئىبادىتى سىمۋوللاردىن تەركىپ تاپىدۇ. ھەر سىمۋول بىر كۆرسەتكۈچ بولۇپ، ھەر كۆرسەتكۈچتە بىر ھەقىقەت بار. سىمۋوللار قىممىتىنى / مەنىسىنى ئۆزى سىمۋول قىلغان ھەقىقەتتىن ئالىدۇ.  ھەجنى تەشكىل قىلغان سىمۋول ۋە بۇ سىمۋوللار ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىنى تۆۋەندىكى شەكىلدە بايان قىلىش مۇمكىن:
ئىھرام – ھاجىنىڭ ئورنى ۋە دەرىجىسىنى كۆرسىتىدىغان بارلىق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، ۋۇجۇدىنى يۆگىگەن ئىككى پارچە تىكىلمىگەن، كەشتە ئىشلەنمىگەن ئاددى رەختنى كۆرسىتىدۇ. ھاجى ئىھرام ئىچىدىكى ۋاقىتتا، نۇرمال تۇرمۇشتا قىلسا بولىدىغان نۇرغۇن ئىشنى قىلسا بولمايدۇ. مەسىلەن: ھالال جۇپتى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولالمايدۇ. ئۆزى ھەقلىق بولغان تەقدىردىمۇ مۇئمىن قېرىندىشى بىلەن دەتالاش قىلالمايدۇ، رۇھى بار / ساق تۇرۇپ، ئۆلۈملىك بەدىنىنى خۇش قىلىدىغان ئەتىرگە ئوخشاش خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتەلمەيدۇ. چۈنكى ھەج مەھشەرنىڭ تەييارلىقىنى / مەشقىنى قىلىش بولۇپ، ئىنسان كېپەنىنى كەيگەن ھالدا، ھېساپ بېرىش ئۈچۈن ئاللاھ ھوزۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۆزىدىن ھېساپ ئېلىش مەقسىتىدە، ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى مەبەدىگە بارىدۇ. 
ئىھرام تۆۋەندىكىدەك تۆت نەرسىنى سىمۋول قىلىدۇ:
1. دۇنيانى ۋە دۇنيالىق مەرتىۋىسىنى ئارقىغا چۆرۈپ تاشلىغانلىقنى.
2. ئۆلگەن ھەر مۇئمىن يۆگەلگەن كېپەننى.
3. ئىنساننىڭ ئىززەت ۋە ھۆرمىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى.
4. ئىلاھىي كۆرسەتمىلەرگە ئىنساننىڭ رىئايە قىلىشىنى.
تەلبىيە – ھاجى نامزاتى ئىھرامغا كىرگەندىن كېيىن، ھەر پۇرسەتتە تەكرارلاپ تۇرغان تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى كۆرسىتىدۇ:
لەببەيكە ئاللاھۇممە لەببەيك، لەببەيكە لا شەرىكە لەكە لەببەيك. ئىننەل – ھەمدە ۋە نېمەتە لەكە ۋەل – مۈلك، لا شەرىكە لەك
ئەمرىڭگە مەن تەييار يا رەببىم، ئەمىر قىل! سېنىڭ شېرىكىڭ يوق، رەببىم. ھەمدۇ سانالار ساڭا خاستۇر، نېمەتلەر سەندىن، مۈلۈك سېنىڭ. سېنىڭ ھېچقانداق شېرىكىڭ يوقتۇر!
تەلبىيە ئىلاھىي چاقىرىققا ئاۋاز قوشقانلىقنىڭ سىمۋولى.
ئارافات ۋەقفەسى – ھەجنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرسى ( 2:198 ).  ئارافات ۋەقفەسى، ھەج ماكانلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۆرسىتىدىغان مەككە ئەتراپىدىكى ئارافات رايۇنىدا، زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9 – كۈنى ئاللاھ ئۈچۈن ھۆرمەتتە تۇرۇپ، كۈندۈزنى ئاللاھ قا شاھىت قىلىشتۇر. ئارافات كەلىمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشدىن مەلۇم بولغىنىدەك، « قەلىبتىن ھېس قىلغان ھالدا بىلىش ( مارىفە ) » نى بىلدۈرىدۇ. ئارافات، ھەر چىققان كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيىدىغان كىرئالغۇ ئەمەس. ئارافات، خاتالىقىدا چىڭ تۇرغان ئىبلىسنىڭ ئارقىسىدىن ئەمەس، خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىشنى تىلەپ، خاتالىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلغان ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشتۇر. 
مەشئار ۋەقفەسى – مۇزدەلىفە دەپ ئاتىلىدىغان ۋە ھاجىلار ئارافاتتىن قايتقاندا چۈشۈپ، كېچىنى ئاللاھ قا شاھىت قىلىش ئۈچۈن قونۇش بولۇپ ( 2:198 )، ئارافاتنىڭ مەنىۋىي ئىپادىسى « ھېس قىلىپ بىلىش » ( مارىفە )، مەشئارنىڭ مەنىۋىي ئىپادىسى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئايرىش ۋە بايقاپ تۇرۇشنى بىلدۈرىدىغان « ئىدراك » ( شۇۇر ).
جەمەرات – شەيتان سىمۋول خاراكتېرلىك شەكىلدە تاشلانغان باسقۇچنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ، شەيتان ۋە ئۇنىڭ كەينىگە كىرگەن نەپىس بىلەن كۆرەش قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ. مۇئمىن شەيتان تاشلىغاندا، ھەر تاشنى بىر يامان خۇيىغا ئاتىدۇ ياكى يامان خۇي / ئادىتىنى، سەلبىي تەرىپىنى « ئال! بۇ ماڭا ئەمەس، ساڭا يارىشىدۇ » دەپ شەيتانغا ئاتىدۇ.
قۇربانلىق قىلىش – بەلگىلىك شەرتلەرگە مۇۋاپىق بولغان بەلگىلىك ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يوقسۇللار بىلەن بىرگە بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن، ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەپ بەلگىلىك ھايۋاننى ئۆلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. قۇربان، قۇربىييەتنى ۋە شەرتسىز تەسلىم بولۇشنى ئىپادىلەيدۇ. « ھەج قۇربانلىقى» ھەدي دەپ ئاتىلىدۇ ( 2:196 ). ھەج قۇربانلىقى، قۇربان ئىبادىتىنىڭ مەركىزىدە ئورۇن ئالغان. ھەجگە بارالمىغان مۇئمىنلەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشى، ھاجىلارنىڭ ئىبادىتىگە، ئۆزى تۇرىۋاتقان جايدىن ئاۋاز قوشۇش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى:
ئاللاھ قا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ. ئاللاھ قا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ / مۇئمىنلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ( تەقۋادارلىقى )دۇر ( 22:37 ).
تاۋاپ – كەبىنىڭ ئەتراپىدا يەتتە قېتىم ئايلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. تاۋاپ، ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋۇجۇت تىلى بىلەن قويغان ئىمزاسى. يەرشارىۋى ئوركىستىرا ئىجراسىدىكى ئىلاھى مەدھىيەگە چىن قەلبىدىن ئىختىيارى ھالدا قاتناشقانلىقىنىڭ سىمۋولى.  زەررىدىن تارتىپ پۈتۈن مەخلۇق تاۋاپ ھالىتىدە بولىدۇ.
ئېلېكترون ئاتۇم يادروسى ئەتراپىدا تاۋاپ قىلىشنى توختاتسا، ماددىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىرلىشىش بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ماددا ئەسلىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ / ئۆلىدۇ.
قان تاۋاپ قىلىۋاتقان ھاجىغا، يۈرەك تاۋاپ قىلىنىۋاتقان كەبىگە ئوخشايدۇ. قان يۈرەكنى تاۋاپ قىلىشنى توختاتسا، ھايات ئاخىرلىشىدۇ.
ھاجى مىسالى ئاي، دۇنيا كەبىسىنى تاۋاپ قىلىشنى توختاتسا، كېچىنىڭ قەندىل ( شام )ى ئۆچىدۇ.
يەر شارى ھاجىسى، قوياش كەبىسىنى تاۋاپ قىلىشنى توختاتسا، قىيامەت بولىدۇ.
تاۋاپ، بىر يىلنىڭ ھەر كۈنى، ھەر پەسلى، يەتتە كۈن 24 سائەت شەكىلدە 1400 يىلدىن بۇيان توختىماي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئىبادەت شەكىلىدە ئادا قىلىنىۋاتىدۇ.
ساي  – ھەزرىتى ھاجەرنىڭ ئوغلى ئىسمائىلغا سۇ تېپىش ئۈچۈن، سەفا ۋە مەرۋە تېغى ئارىسىدا يۈگۈرگەن يەتتە قېتىملىق بېرىپ كېلىشتىن شەكىللەنگەن ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ.
ساي، ھاياتنى ئەبەدىي بىر ھىجرەت ۋە ئۆزىنى مۇئەببەت ( مۇددەتسىز ) مۇھاجىر دەپ بىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ساي، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئېلىپ بارغان جەۋىرنىڭ سىمۋولى.
ھەج ئىبادىتىگە خاس بولغان بۇ يەتتە ئاساس، ئاللاھ قوبۇل قىلغان بىر ھاياتنىڭ شىفرىسى بولۇپ، ھەجگە بارغانلار ھاياتىغا تەدبىقلىشى كېرەك بولغان ياشاش شەكلىنىڭ شىفرىسىنى ئالغىلى بارىدۇ. ھەر بارغان كىشى، بارالمىغانلارغا ۋاكالەتەن بارىدۇ.
ھەج، كائىنات ئاللاھ قا ئېيتقان تەسبىھگە قوشۇلغانلىق بولىدۇ.
ھەج، ئىنساننى يەر يۈزىدە كۈتىۋالغان تۇنجى ماكانغا بىلدۈرۈلگەن مىننەتدارلىقتۇر.
ھەج ماكانغا، روزا زامانغا ۋاپا قىلغانلىقتۇر.
ھەجنىڭ مەقسىتى، ھايات سەپىرىدىكى ئىنسانغا يولنىڭ ئاخىرىنى ئۇنۇتتۇرماسلىق بولۇپ، سەپەرنىڭ ئاخىرىدا سەپەرنىڭ ھېسابىنى بېرىدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىدۇ. ھەجگە بارغان كىشى، بەئەينى ھاياتىنى ئالقىنىغا ئېلىپ مەھشەردە ھازىر بولغان كىشىگە ئوخشايدۇ. خۇددى ھېساپ كۈنى مەھكىمىدە ھازىر بولغاندەك، ئۆمرىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ. مانا بۇ سەۋەپتىن، ھەج مەھشەرنىڭ بىر پراكتىسى.
ئۇمرە « ئىنشا / بەرپا قىلىش » سۆزىدىن تۈرلىنىپ چىققان بولۇپ، كەبىنىڭ مەۋجۇتلىقى، ئۇنى زىيارەت قىلىش بىلەن بولىدۇ. بىر مەبەدنىڭ مەبەد بولىشى، ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىش بىلەن بولىدۇ. بىر قەلبنى تىرىك تۇتۇش، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەتنى بەرپا قىلىش بىلەن بولىدۇ. بىر شەھەرنى شەھەر قىلغان، ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ھاياتلىقتۇر.
ئۇمرە كىچىك ھەج بولۇپ، ھەجنىڭ پراكتىكىسى. رەسۇلۇللاھ ئايرىم ئۇمرە قىلغاندىن باشقا، ھەج ئىبادىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇمرە قىلغان. ئۇمرىدە ھەج ئىبادىتىدىكى ئارافات ۋە مەشئار ۋەقفەسى، قۇربان ۋە شەيتان تاشلاش ئىبادىتى يوق. ھەج بەلگىلىك كۈنلەردە ئادا قىلىنىدۇ، ئۇمرىنى ھەر ۋاقىت ئادا قىلسا بولىدۇ. ھەجنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئىسلام ئۈممىتىنىڭ جەم بولىشى، ئۇمرەدە يوق. ئۆز ئالدىغا ۋە يالغۇز شەكىلدە ھەج قىلغىلى بولمايدۇ، ئۆمرە قىلغىلى بولىدۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەج قىلدىمۇ؟ قانداق قىلغان؟
تارىختىن مەلۇم بولغىنىدەك، رەسۇلۇللاھ ھىجرەتنىڭ 9 – يىلىغىچە ھەج قىلمىغان، 10 – يىلى ھەجگە بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەج ئىبادىتى تارىختا « ۋىدا ھەج »ى دەپ ئاتالغان. بۇ ھەج جەريانىدا مۇئمىنلەرگە « ھەجنى مەندىن ئۆگىنىڭلار » دېگەن. چۈنكى، ھەج ئىبادىتى ھەزرىتى ئىبراھىمدىن قالغان بىر ئەنئەنە سۈپتىدە جاھىلىيەت مەزگىلىدىمۇ ئادا قىلىنىۋاتقانىدى. لېكىن مەقسىتى ۋە شەكلى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئۆزگەرتىۋېتىلگەنىدى. رەسۇلۇللاھ جاھىلىيەت ئىنسانلىرىدىكى ئەسلىدىن يىراق بولغان ھەج ئىبادىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلدى.
رەسۇلۇللاھ تۇنجى ۋە ھاياتىدىكى تەك ھەج ئىبادىتىدە، ئارافاتتا بۈگۈنكى نەمىرە مەسجىدىنىڭ ئورنىدا ئىنسانىيەتكە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېگەن:
ئەي خالايىق!
قېنىڭلار، مېلىڭلار ۋە ئىززەت ھۆرمىتىڭلار خۇددى بۇ ئارافات كۈنىدەك، بۇ ئايدەك، بۇ جايدەك مۇقەددەس ۋە دەخلى تەرۇزسىز.
شۇنى بىلىڭلاركى، جاھىلىيەتكە تەۋە ھەر قانداق نەرسە ئەمەلدىن قالدى.
جاھلىيەتتىن قالغان قان داۋاسى بىكار قىلىندى. بۇنى ئۇرۇق – تۇققانلىرىمدىن ئىبن رەبىيا بىن ھارىسنىڭ قان داۋاسىنى بىكار قىلىش بىلەن باشلايمەن.
جاھىلىيەتتىن قالغان بارلىق ئۆسۈملەر بىكار قىلىندى. بۇنى ئۇرۇق – تۇققانلىرىمدىن ئابباس بىن ئابدۇلمۇتەللىپكە تەۋە ئۆسۈمنى بىكار قىلىش بىلەن باشلايمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆسۈمنىڭ ھەر خىلى بىكار قىلىندى.
ئاياللىرىڭلارنىڭ ھەققىدە ئاللاھ تىن قورقۇڭلار. ئۇلارنى ئاللاھ نىڭ ئامانىتى سۈپتىدە ئالدىڭلار. ئۇلارنى ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن ئۆزەڭلارغا ھالال جۇپ قىلدىڭلار. سىلەر خالىمايدىغان كىشىلەرنى ئۆيۈڭلارغا ئالماسلىق، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار ئۈستىدىكى ھەققىڭلار. ئۇلارنىڭمۇ ئۈستۈڭلاردا ( ئۆز ئارا ھەق ۋە مەسئۇلىيەت ) ھەققى بار. نەپىقە، كىيىم – كىچەك بىلەن تەمىنلىشىڭلار بۇلاردىن بىر قانچىسى.
سىلەرگە قالدۇرغان نەرسىگە چىڭ ئېسىلساڭلار خاتالاشمايسىلەر. بۇ ئاللاھ نىڭ كىتابى قۇرئان – مېنىڭ يولۇمدۇر. ئاخىرەتتە سىلەردىن مېنى سورىغاندا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىسىلەر؟
ھەممە بىردەك « رىسالەتنى تەبلىغ قىلدىڭ، ۋەزىپەڭنى ئادا قىلدىڭ ۋە بىزگە ياخشى نەسىھەت بەردىڭ، بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز! » دېدى.
شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئىشارەت بارمىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:
ئى ئاللاھ گۇۋاھچى بولغىن!
ئى ئاللاھ گۇۋاھچى بولغىن! 
ئى ئاللاھ گۇۋاھچى بولغىن! 

كەبىنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى قەيەردىن كېلىدۇ؟

كەبە دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمان ناماز قىلغاندا يۈزلىنىدىغان قىبلە ( 2:144 ) بولۇپ، مۇسۇلمان تەسەۋۋۇرىدىكى يۆنىلىش ۋە ماكان ئېڭىنى ئىپادىلەيدۇ.
كەبە، قۇرئانغا كۆرە ئادەم بالىلىرى يەر يۈزىدە سالغان « تۇنجى ئۆي ( ئەۋۋەلە بەيتىن )» ( 3:96 ) بولۇپ، ئاللاھ ئىنسان يەر يۈزىدە بەرپا قىلغان تۇنجى مېمارلىق سەنئىتىنى ياقتۇرغان ۋە ئىنسان بىنا قىلغان تۇنجى ئۆيگە « بەيتۇللاھ ( ئاللاھ نىڭ ئۆيى)» ئىسمىنى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئادەم بالىلىرى بىنا قىلغان تۇنجى ئۆينى، مېنىڭ ئۆيۈم دەپ ئۇنى تەقدىرلىگەن.  بۇ سەۋەپتىن، ھەجگە بېرىش مۇساپىر بولۇش ئەمەس، ئىنسانىيەتنىڭ ئاتا يۇرتىغا بېرىشتۇر.  
كەبىنىڭ، مېمارلىق جەھەتتىن يەر يۈزىدىكى ئەڭ ئاددىي – ساددا بىر يادىكار ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شۈبھە يوق. كەبە كۆركەملىكنى داۋا قىلمايدۇ. كەبىنىڭ بۇ ئۆزگىچىلىكى، نەمرۇتلارنىڭ، پىرئەۋىنلەرنىڭ ۋە تىرانلارنىڭ « ئەڭ ھەشەمەت ۋە ئەڭ ئېگىز » بولۇش ھەۋىسى بىلەن بىنا قىلدۇرغان پرامىتلار، زىگۇراتلار بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا ناھايىتى رۇشەن ھالدا مەلۇم بولىدۇ.
پەيغەمبەرلەرنىڭ بوۋىسى ھەزرىتى ئىبراھىم ئوغلى ئىسمائىل بىلەن بىرلىكتە، كونا ئۇلىنى ئاساس قىلغان ھالدا يېڭىدىن بىنا قىلغان كەبە، ئىنسانىيەتكە مۇنداق دەيدۇ: ئادەم بالىلىرى ھەر قانچە قىلسىمۇ، ئاللاھ قا تولۇق ئىبادەت قىلالمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىنسان ئاللاھ قا ئىبادەتتە ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.
كەبە تارىختا بىر قانچە قېتىم ئوخشاش بولمىغان سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە قايتىدىن سېلىنغان.  ھەزرىتى ئىبراھىم بىنا قىلغان كەبىدىن بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسلى پارچىلار ئىچىدە، تاۋاپنىڭ باشلىنىش نوقتىسى ھېسابلىنىدىغان كەبە تېمىغا كۆمۈۋېتىلگەن « قارا تاش ( ئەل – ھاجەرۇل ئەسۋەد)» ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. مېنىڭچە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ تاشقا سالام بېرىپ سۆيىشى، ئىمان پىشىۋاسى ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ قولىنى سۆيىشى ۋە ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىشى دەپ قارىلىشى كېرەك.
كەبە بۇ رايۇننىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنىغا ئەمەس، ئەكسىچە ئەڭ ئويمان يېرىگە تاش ۋە ياغاچ ماتېرىيالدىن ئاددى – ساددا قىلىپ سېلىنغان بىر ئىمارەت بولۇپ، دەسلەپتە ئىچى ئاللاھ ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن، كېيىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن سىرتىدا ئىبادەت قىلىندىغان بولغان.
كەبە، قەلبنىڭ تاشقا ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، تاشنىڭ قەلبكە ئايلىنىشى بولۇپ، مېمارلىق نوقتىسىدىن يۈرەك شەكلىنى ئەسلىتىدۇ. كەبىنىڭ گېئومېترىك شەكلى تۇنجى قارىغان ۋاقتىڭىزدىكىدەك كۇپ شەكلىدە ئەمەس. ھەزرىتى ئىبراھىم دەۋرىدە كەبىگە تەۋە بولغان، لېكىن رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇن، كەبىنى يېڭىلاش جەريانىدا ماتېرىيال يەتمەي سىرىتتا قالدۇرۇلغان ۋە بۈگۈن ھىلال شەكلىدىكى يېرىم تام ( خاتىم ) قىسم بىلەن، كەبىنىڭ ئىچىگە ئېلىنغان قىسىم بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا دىققەت بىلەن كۆزىتىلسە، كەبىنىڭ گېئومېترىك شەكلى يۈرەككە ئوخشاپ قالىدۇ. 
كەبە يەر يۈزىنىڭ قەلبى، قەلب ئىنساننىڭ كەبىسى. تاۋاپ ئارقىلىق، ھەر ئىنسان ئۆزىدىكى كەبە ھېسابلانغان قەلبىنى ۋە باشقىلارنىڭ قەلبىنى سۆيگۈ، ئەجىر، غەيرەت، شەپقەت، مەرھەمەت، گۈزەل نەسىھەت ۋە دەۋەت بىلەن دائىم تاۋاپ قىلىشى كېرەك، دېيىلمەكتە. 
كەبە، ئاللاھ ئالدىدا بەندىنىڭ ھېچقانداق چوڭچىلىق قىلمايدىغانلىقىنى شاھانە نامايەندىسىدۇر.
كەبە جايلاشقان ئورۇن، مۇسۇلمان مەدەنىيىتىدە « يەر يۈزىنىڭ كېندىكى» دەپ قارىلىدۇ ۋە يەر يۈزىنىڭ مەنىۋى ئوزۇقلۇقنى بۇ يەردىن ئالىدىغانلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ.

كەبىگە كىملەر دەۋەت قىلىنغان؟

كەبىگە بارلىق ئىنسانلار دەۋەت قىلىنغان:
ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم شۇلارنىڭ بىرى، بەيتۇللاغا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ  ( ئەن – ناس ) ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى ( 3: 97 ).
ھەزرىتى ئىبراھىمغا بېرىلگەن ئەمىر مۇنداق:
كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ( ئۇلارنى ) ھەجىگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن،… ( 22:27 ).
ھەجگە چاقىرىق، ئاللاھ قا شەرتسىز تەسلىم بولۇشقا چاقىرىقنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ چاقىرىقنى چىن كۆڭۈلدىن قوبۇل قىلىپ ئاللاھۇممە لەببەيك ( ئەمىر قىل ئەي رەببىم! ) دەپ يېتىپ كەلگۈچى، « مۇسۇلمان » نامىنى ئېلىشقا لايىق بولىدۇ.