بىرىنچى باب

ئىماننىڭ تارىخى

  1. ئىنسان ۋە ئامانەت

 

ئىماننىڭ تارىخى، ئىنساننىڭ تارىخىدۇر

مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرسەك، ئىت نەسلىنىڭ تارىخى مەۋجۇت بولغان بولسا، بۇ تارىخنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى « سۆكەڭ جىدىلى » بولغان بولاتتى. ئىنسان شەرەپلىك بىر مەۋجۇدىيەت، بولۇپمۇ مەخلۇقات ئىچىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك بولغان مەخلۇق. بۇ سەۋەپتىن ئادەم ئەۋلادى تارىخىنىڭ ئۇمۇرتقىسىنى « نان جىدىلى » تەشكىل قىلمايدۇ. ئەگەر ئىنسانىيەت تارىخى ئايلىنىپ تۇرغان بىر مەركەز بار دېسەك، بۇ مەركەز « ئىمان »دۇر ۋە بۇ كۆرەشنىڭ ئىسمى « ئىمان كۆرىشى »دۇر.

بۇ قارىشىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە دەلىل سۈپىتىدە، بىزگە مەلۇم بولغان ئىنسانىيەت تارىخىغا بىر نەزەر سېلىپ باقايلى:

ئىنسانىيەت تارىخىنى قەلەمگە ئالغۇچىلار مۇراجەت قىلىدىغان ئەڭ ئىشەنچلىك مەلۇماتلار، مەزكۇر تارىخنى ياراتقۇچى تەمىنلىگەن ياقىنى ( ئىشەنچلىك ) مەلۇماتلاردۇر. دېمىسىمۇ، تارىختىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە ئائىت مەلۇماتلارنى ۋەھىيدىن باشقا مەنبەلەردىن بىلەلمەيمىز.

ۋەھىي، ناھايىتى ئۇزۇن بىر زامان ئىچىدە روياپقا چىققان مەۋجۇدىيەت جەريانىنىڭ ئىنساندىن بۇرۇنقى مەزگىلى ھەققىدە ناھايىتى ئاز مەلۇمات بېرىدۇ. بۇ ئۇزۇن باسقۇچنىڭ ئاخىرقى ھالقىسىنى تەشكىل قىلغان ئىنسانلىشش ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنگىچە بولغان تارىخى، روياپقا چىقىش جەريانى ئىچىدە قىسقا، ناھايىتى قىسقا بىر دەۋرنى تەشكىل قىلىدۇ. يەنى كائىناتنىڭ يېشىغا نىسبەتەن ناھايىتى قىسقا بىر دەۋردۇر. ئۇنداق بولمىسا، تۇپراقتىن باشلىنىپ ئەڭ مۇكەممەل قۇرۇلمىسى بىلەن، يەنى « ئىنسان »لىشىش بىلەن نەتىجىلەنگەن يارىتىلىش باسقۇچىمۇ، ئۆز ئىچىدە ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىلىدە روياپقا چىققان بولسا كېرەك[1].

مانا بۇ، ۋەھىي مەركىزى ئورۇنغا قويغان ۋە ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان زامان تىلىمى، يارىتىلىش باسقۇچى ئىچىدە ناھايىتى كىچىك بىر پارچىنى تەشكىل قىلغان « ئىنسانىيەت تارىخى »غا ئائىت زامان تىلىمىدۇر. بۇ، ۋەھىينىڭ ۋە مەخلۇقاتنىڭ مەركىزىدە ئىنسان بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە ئۇزۇن داۋاملاشقان مەۋجۇدىيەت تارىخى ئىچىدە قىسقا بىر باسقۇچ بولغان ئاخىرقى ھالقىنىڭ قىممىتىمۇ، ئۇنىڭ باش قەھرىمانى بولغان ئىنساندىن كېلىپ چىقماقتا.

بۇلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، يارىتىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى « ئىنسان »، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى « ئىمان »دۇر. ئىنسان ئىككى قىيامەت ئارىسىدا، ئىماننىڭ ئېمتىھانىنى بېرىش ۋە ئىلاھىي سىنارىيىدىكى رولىنى ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ئويناش ئۈچۈن تارىخ سەھنىسىگە چىقىرىلغان باش قەھرىماندۇر.

« شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى تارتتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى. ( لېكىن ئامانەتكە دائىم خىيانەت قىلدى )، چۈنكى ئۇ ناھايىتى زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ھەقىقەتەن ناداندۇر » ( ئەھزاب، 72 ).

ئامانەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ئۈستىدە توختالمايمىز. بۇنى « ئىرادە »، « ئەقىل ۋە تاللاش ئەركىنلىكى » ياكى « دىن » دېسەكمۇ بولىدۇ. لېكىن قۇرئاننى يەنە ئۆزىگە تەپسىر قىلغۇزساق، مەزكۇر ئامانەتنىڭ « ئاللاھ نىڭ يەر يۈزىدىكى خىلاپىتى ( ئورۇنباسار ) » ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. دېمىسىمۇ ئەقىل، تاللاش ئەركىنلىكى ۋە ئىرادىنىڭ ھاكىمىيىتى خەلىپىلىك بولۇپ، بۇلار ئامانەتتۇر. ئاللاھ نىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇ ئامانەتنى ئۈستىگە ئالغان مەۋجۇدىيەت، بۇ سەۋەپتىن تەبىئىي ھالدا مەخلۇقاتلار ئىچىدە يەر يۈزىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر مەۋجۇدىيەت بولۇش ھەققىگە ئىگە بولغان. چۈنكى مەۋجۇدىيەتنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى بولغان ئاللاھ نىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىلىمۇ مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى بولىدۇ.

يەنى، شەيئىلەرنىڭ يارىتىلىش مەقىسىتى ئىنسان ئۈچۈن، ئىنساننىڭ يارىتىلىش مەقسىتى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. شەيئىلەر ئىنساننىڭ پايدىلىنىشىغا تاپشۇرۇلغان[2]، ئىنسان ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان… تاللانغان ئىنسان، شەرىپىنى، ئۆزىنى خەلىپە قىلىپ تاللىغان ئاللاھ تىن ئالغان. چۈنكى ئىنساننى زېمىننىڭ خەلىپىسى قىلىپ تاللىغۇچى دەل ئاللاھ ئىدى[3].

بۇ تاللاشنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئىنسان بەلگىلىك رول ئوينىغان بولۇپ، سۈننەتۇللاھنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن، بۇ تاللاشقا لايىق بولغۇدەك بىر ئىش بولىشى كېرەك ئىدى. خىلاپەت بىر مۇكاپاتتۇر. ھەر قانداق بىر مۇكاپات سەۋەپسىز بېرىلمەيدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتتىن بۇ مۇكاپاتنىڭ سەۋەبىنى بىلەلەيمىز:

ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ قىيامەت كۈنى: « بىز بۇنىڭدىن بىخەۋەر ئىدۇق » دېمەسلىكى ئۈچۈن، ئادەم بالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پۇشتىدىن سۆز ئالغان، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھچى قىلىپ: « مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟ » دېگەن ۋاقىتتا، ئۇلار: « ھەئە، سەن بىزنىڭ رەببىمىزسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق! » دېدى. ( ئەئراف، 172 ).

ئىنسان تۈرىنىڭ تارىخى، ئۆمرى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، بۇ بىر ھەقىقەت. ئىنسان پەقەت بەشەر بولغان بولسا ئىدى، بەلكىم بۇ تارىخى ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئۆمرى بىلەن چەكلىنىپ قالاتتى. لېكىن ئىنساننىڭ دۇنيادىن ئىلگىرىكى ھاياتى ( مازى – ئۆتمۈشى )، دۇنيا ھاياتى ( ھازىرقى ) ۋە بۇ دۇنيا ھاياتىدىن كېيىنكى ھايات ( ئىستىقبال )ى بار. يەنى، ئىنسان ئۈچ پەرقلىق ئالەمنىڭ ئەبەدى يولۇچىسى… روھلار ئالەمى، پانى ئالەم ۋە باقىي ئالەم.

ھېچكىمنىڭ قولىدا دۇنيادىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇماتى يوق. بۇ، پەقەت ۋەھىي بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. مانا بۇ ئايەت ئىنسان تارىخىغا، يەنى ئىنساننى ئۆلۈمسىز قىلغان ئىلاھى ئۆز بولغان روھنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سىرنى بايان قىلماقتا: « روھىمىدىن پۈۋلىدىم » ( ھىجر 29 ).

رەب سۈپىتىدە بىر ئاللاھ نى قوبۇل قىلىپ، تۇنجى مىساق ( ئەھدىلىشىش )تا[4] ئىلاھىي ئەھدىنامىغا قول قويغان ئىنسان، يەر يۈزىدە خەلىپىلىك ۋەزىپىسى بىلەن مۇكاپاتلانغانىدى. ئاللاھ ئىنساننى پەقەت خەلىپە قىلىپ تاللاپلا قالماستىن، بۇ ۋەزىپىنى لايىقىدا ئادا قىلالىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھاياتى ئىھتىياجلىرىنى قامدايدىغان ئىمكانلارنىمۇ بەخش ئەتكەن[5].

مانا مۇشۇنداق شەرەپلىك بىر ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان ئىنسان، ئۆزىگە ئامانەت قىلىنغان يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈشى كېرەك ئىدى[6]. چۈنكى ئۇلار يەر يۈزىدىكى ھاكىمىيەتنى ئاللاھ قا ۋاكالەتەن تاپشۇرۋالغان تاللانغان ئۈممەت ئىدى. مەشرۇئىيىتى ( بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان، يوللۇق / توغرا )نى ئاللاھ تەرىپىدىن ئالغان بىر ھاكىمىيەت غەيرى مەشرۇ بىر ئىشنى قىلسا، خىلاپەت ئامانىتىگە خيانەت قىلغان بولاتتى. بۇنداق ئەھۋالدا ئاللاھ ئۇلاردىن ئامانىتىنى قايتۇرۇۋېلىپ، خىيانەت قىلمايدىغان بىرىگە بېرەتتى[7].

خەلىپىلىك ئامانىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار يەر يۈزىدە پەقەت ماددىي گۇللىنىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىن باشقا، شەخس، كوللىكتىپ، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھەلەردىمۇ مەنىۋى گۈللىنىشنى بەرپا قىلىشقا مەسئۇل ئىدى.

« ئۇلار شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، … » ( ھەج، 41 ).

ئاللاھ يەر يۈزىدە تاللىغان خەلىپە، ئۈممەتتۇر[8]. بۇ سەۋەپتىن ئۈممەتنى باشقۇرىدىغان كىشىلەرنى ئۈممەت ئۆز ئىچىدىن سايلايدۇ، سايلانغان شەخىسلەر ئۈممەتنىڭ خەلىپىسى بولىدۇ. ئاللاھ خەلىپە قىلغان ئۈممەت:

« رەببىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىشى، زېمىندا ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشى، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇھەققەقتۇر » ( ئەئراف، 129 ).

ئەگەر بۈگۈن ئۈممەت ئىلاھى ئادالەتنى يەر يۈزىدە ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسا، بۇنى تېخنىكا ۋە ماددىي ساھەدىكى ئۈستۈنلىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى دەۋرىمىز مەدەنىيىتى ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالغان ئىمان ۋە ئەخلاقنى قايتىدىن ھاكىمىيەت تەختىگە ئولتۇرغۇزۇش ئارقىلىق بۇ غايىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرالايدۇ.

ئاللاھ ئىنساننى زېمىندا خەلىپە قىلىپ تاللىغاندا، ئۇنىڭ بۇ ئورۇنغا لايىق بولىشىنى بىر قانچە شەرتكە باغلىغان. يەنى، ئۆزىگە ( ئاللاھ قا ) شېرىك كەلتۈرمەسلىك[9]، ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلماسلىق[10]، ئۇ كۆرسەتكەن يولدا مېڭىش ۋە ئۇ يولدىن قايتماسلىق[11] بۇ شەرتلەردىن بىر قانچىسى. ئەگەر بۇ خەلىپىلىك ئامانىتىنى ۋاكالەتەن ئۈستىگە ئالغان ئىنسان، ئۆزىنىڭ بىر ۋەكىل ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنى ۋاكالەتچى ئەمەس، دەل « ئۆز » سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشقا باشلىسا، ھەددىدىن ئاشقان، ئامانەتكە خىيانەت قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ بارلىقى، ئۆزىنى خەلىپە قىلىپ تاللىغان ئاللاھ تىن كەلگەن بولۇپ، بۇ بىر قەرزدۇر.

رەببىم، ھەر شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر[12]، زېمىننىڭ، ئاسماننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ تەسەررۇپى ئۇنىڭغا ئائىتتۇر[13]، ئۇ ھاكىمىيەت ( ھۆكۈم ) نوقتىسىدا ئۆزىگە شېرىك قوبۇل قىلمايدۇ[14]. ئىنساننى خەلىپە قىلىپ تاللىغۇچىمۇ، خەلىپىلىك ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلالىشى ئۈچۈن، ئىنسان مۇھتاج بولغان شارائىتنى يارىتىپ ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى ئىنساننىڭ ئەمرىگە تاپشۇرۇپ بەرگۈچىمۇ يەنىلا ئاللاھ تۇر[15]. ئىنسان ھايات قېلىش ئۈچۈن مۇھتاج بولغان ۋە ئېرىشىشى زۆرۈر بولغان رىزىقنىمۇ ئاللاھ بەرگەندۇر[16].

ئاللاھ، مۈلكىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ[17]. بۇ سەۋەپتىن خەلىپىلىك ۋەزىپىسى، ئېرقىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى داۋا قىلغان شەيتانغا، ئىنسان ئىلگىرى ئۆتكۈزۈپ قالدۇرغان سەلبىي تەسىرى سەۋەبىدىن ئېتىراز قىلغان پەرىشتىلەرگە[18] بېرىلمەستىن ئىنسانغا بېرىلگەن ئىدى.

ئىنسان، ئاللاھ تەرىپىدىن يەر يۈزىگە خەلىپە قىلىپ تەيىنلەنگەن كۈنى ئۇنىڭ دۈشمىنى، يەنى شەيتان[19] پەيدا بولغانىدى.

ئاللاھ ئىنساننىڭ يېڭى ۋەزىپىسى سەۋەپلىك پەرىشتىلەرنى ئۇنىڭ ۋەكىلى بولغان ئادەمگە ھۆرمەت كۆرسىتىشكە ۋە تازىم قىلىشقا بۇيرىغاندا، ئىبلىس ئاللاھ قا ۋە ئۇنىڭ ئىززىتىگە ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ[20]، ھۆكمىگە بويسۇنمىدى:

ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: « ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار » دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى ( بەقەرە، 34 ).

ئاللاھ، ئەمەلىيەتتە پەرىشتىلەرنى ئىبلىس ئويلىغاندەك ئىنساننىڭ تۇپراقتىن يارىتىلغان ۋۇجۇدىغا سەجدە قىلدۇرمىغانىدى. ئەكسىچە پەرىشتىلەر سەجدە قىلغان نەرسە، ئىنساننى بەشەرى ھالدىن ئىنسان ھالىغا كەلتۈرگەن، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانغا پۈۋلەنگەن « ئاللاھ نىڭ ئەمرىدە بولغان » روھ ئىدى.

ئىنسان بىلەن شەيتان ئارىسىدىكى جەڭ ئەنە شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ باشلاندى. بۇ، كائىنات تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن داۋام قىلغان ھاكىمىيەت كۆرىشى ئىدى. بۇ كۆرەشتە سەپ تۇتقۇچىلار ئىمان ۋە شەيتان، كۆرەش مەيدان بولسا ئىنساندىكى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ئىنساندۇر.

********************************

[1]  بۇ يارىتىلىش باسقۇچىنى ئىنفىتار سۈرىسى 7 – ئايەت ناھايىتى يارقىن ئىپادىلەپ بېرىدۇ: « ئۇ سېنى تەرتىپ بىلەن ( قەدەممۇ – قەدەم باسقۇچلار ئارقىلىق )، بەلگىلىك بىر شەكىلدە ياراتتى ».

[2]  ئىبراھىم، 32 – 33؛ نەھل، 11.

[3]  « سىلەرنى يەر يۈزىنىڭ خەلىپىسى قىلغۇچى ئاللاھ تۇر ». ئەنئام، 165

[4]  تۇنجى مىساق ھەققىدە مۇتتەسىل ( يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ رىۋايەت قىلغان ) سەنەت بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، ئاللاھ ئىنسانغا ئەقىل ۋە ھايات بەرگەندىن كېيىن، مەزكۇر ئەھدىلىشىشنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى، لېكىن ئاللاھ نىڭ سوئالىغا « شۇنداق، سەن بىزنىڭ رەببىمىز » دېگۈچىلەرنىڭ بىر قىسمى ئىمان ئېيتىپ، يەنە بىر قىسمىنىڭ ئىشەنمىسىمۇ مەجبۇرىي « شۇنداق، … » دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان. ئىبن ھەنبەل، مۇسنەد، I/272, V/239.

[5]  ھۇد، 60.

[6]  ھۇد، 60.

[7]  ھۇد، 57.

[8]  قۇرئاندىكى « خىلاپەت » ئۇقۇمى ھەقىقەتەن ئابستىراكىت ئۇقۇم. ھېچكىمگە ئېنىقلىغۇچى قىلىنمىغان. بۇ ئۇقۇمنى ئاللاھ قا ئېنىقلىغۇچى قىلىپ « ئاللاھ نىڭ خەلىپىسى » شەكلىدە ئىشلىتىشى پەقەت بىر ئىزاھاتتۇر. توغرا بولۇش ئېھتىمالى بولغاندەك، خاتا بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار. قۇرئاندا پەقەت بىر يەردە بىرلىك شەكلىدە ھەزرىتى داۋۇد ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ( ساد، 26 ). ئادەتتە قەۋملەر، جامائەتلەر ۋە ئۈممەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. راشىد خەلىپىلەر ئۆزىنى ئاللاھ نىڭ خەلىپىسى سۈپىتىدە ئاتىمىغان. تۇنجى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئاللاھ نىڭ خەلىپىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقۇچىلار، خەلىپىلىكنى سەلتەنەتكە ئايلاندۇرغان ئەمەۋى خانىدانى ئىدى.

[9]  زۇمەر، 65؛ مۇھەممەد، 9.

[10]  ئەئراف، 147.

[11]  بەقەرە، 217.

[12]  ئەنئام، 102.

[13]  مائىدە، 17، 120.

[14]  ئىسرا، 111.

[15]  لوقمان، 20؛ جاسىيە، 13.

[16]  سەبەئ، 24؛ فاتىر، 3.

[17]  بەقەرە، 247.

[18]  پەرىشتىلەر: «  يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان بىرسىنى خەلىپە قىلامسەن؟ … » دېدى ( بەقەرە، 30 ).

[19]  « شەيتانغا ئەگەشمەڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر » ( بەقەرە، 168، 208؛ ئەنئام، 142 ). « شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار » ( فاتىر، 6 ). « شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، … » ( ياسىن، 60 ).

[20]  ئەئراف، 16.