wpid-mmexport1417289848122.jpg

نوپۇز ۋە ھاكىمىيەت

 

« مەندىن كېيىن، پاسىق / ئەسكى كىشىلەر دەۋر سۈرىدۇ. ئېيتقانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ، قىلمىغانلىرىنى قىلدۇق دەيدۇ. قىلىشقا بۇيرۇلمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. كىم ئۇلارغا قارشى قولى بىلەن ئۇرۇش قىلسا، ئۇ مۇئمىندۇر. تىلى بىلەن ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلسا، ئۇمۇ مۇئمىندۇر. قەلبى بىلەن ئۇلارغا قارشى نارازى بولسا، ئۇ كىشىمۇ مۇئمىندۇر. بۇنىڭدىن باشقىلاردا تىرىقچىلىقمۇ ئىمان يوقتۇر ».

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

 

ئالدىنقى تېمىدىكى ئايەتلەردىن مەلۇم بولغاندەك، ئىسلام سىياسىتىدە مۇتلەق ھاكىمىيەت، مۇتلەق كۈچ ۋە مۇتلەق قانۇن – مىزان بەلگىلىگۈچى ئاللاھ تۇر. ئاللاھ، قانۇن – پىرىنسىپلىرىنى كىتابى ( قۇرئان )دا بايان قىلغان بولۇپ، ئۇنى ئۆزىگە ۋاكالەتەن ئىجرا قىلغۇچى ( خىلاپەت ) ئەلچىسى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقارغان.

بۇنىڭ روياپقا چىقىشىنىڭ بىرىنچى شەرتى، بۇ ئىلاھى قانۇن تەدبىقلىنىدىغان قەۋمنىڭ ئاللاھ نىڭ ھاكىمىيىتىنى، نوپۇزىنى قوبۇل قىلىشى بولۇپ، ئىسلام سىياسىتىدە بىر شەخس، ئائىلە، سىنىپ ياكى تەبىقە ئاللاھ نىڭ ھاكىمىيىتىگە شېرىك بولالمايدۇ. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام تېئوكراتىيە ئەمەس. تېئوكراتىيە، دىن نامىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر گۇرۇھ / تەبىقىنىڭ ھاكىمىيىتى بولۇپ، ئىسلامدا بۇنداق بىر گۇرۇھ / تەبىقە يوق. چۈنكى ئاللاھ نى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ يىگانە ھاكىمى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان، ھاكىمىيەتنى شەرتسىز ئۇنىڭغا خاس قىلغان بىر سىياسەتتە « دىنىي – دىنىي ئەمەس » دەپ ئايرىش مەۋجۇت ئەمەس.

ئاللاھ بەلگىلىگەن قانۇن ئالدىدا، قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ماقامىدىكىلەردىن تارتىپ يارىتىلغان ھەر كىم باراۋەردۇر. ئىسلام سىياسىتىنىڭ ئۇلى، قانۇننىڭ مۇتلەق ئۈستۈن بولىشى پىرىنسىپى ئۈستىگە بىنا قىلىنغان.

ئىسلامى سىياسەتتە « دۆلەت »، بۈگۈنكى دۇنيادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان دۆلەت چۈشەنچىسىىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئىسلام سىرتىدىكى زامانىۋى ياكى قەدىمى بولغان بارلىق دۆلەت چۈشەنچىسى ۋە ئۆرنەكلىرى ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە باشقا ساھەلەردە « گۇرۇھلىشىش »نى ئاساس قىلغان بولسا، ئىسلامى دۆلەت چۈشەنچىسى ئوچۇق – يورۇق بولۇشچانلىقى بىلەن پەزىلەتنى ئاساس قىلىدۇ. ئىسلامى بولمىغان سىياسەتلەردە « دۆلەت »، خەلققە قارىماستىن، مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ قالالىغۇدەك دەرىجىدە گۇرۇھلىشىپ، ئىلىكىدىكى قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ۋە ئىجرا قىلىش ماقاملىرىنى، بىر « شەخسى مۈلك » ھالىغا كېلىپ قالغان « دۆلەت » ئىسىملىك « تەشكىلات »نىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئىسلامى سىياسەتتە خەلقتىن ئايرىلغان ۋە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل « دۆلەت » ئىسىملىك شەخسى مۈلك مەۋجۇد ئەمەس. چۈنكى بۇ سىياسەتتە خەلق « ئىيالۇللاھ ( ئىنسان ) »تۇر، دۆلەت بولسا ئاللاھ نىڭ ئادالىتىنى نامايەن قىلغۇچى ۋە خەلقنىڭ چاكىرىدۇر.

« مۇقەددەس تەشكىلات » چۈشەنچىسى ئاساسىدا ئەمەس، پەزىلەت ۋە ئادالەت چۈشەنچىسى ئاساسىدا بىنا قىلىنغان ئىسلامى ھاكىمىيەت مېخاينىزىمى، جەمىئىيەتتە ئادالەتنى ھاكىم قىلىشنىڭ ئىسمىدۇر ( شۇرا، 15 ).

ئىسلام قانۇنى، ئېمتىياز مەۋجۇت بولمىغان بىر قانۇندۇر. ئۇنىڭ ئالدىدا قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن تارتىپ، ئىجرا قىلىشقا باشلامچىلىق قىلغۇچى ( خەلىپە ) ھەممە بىردەك باراۋەردۇر.

ئىسلامى سىياسەتتە، باشقۇرغۇچىلار بىلەن باشقۇرۇلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، بىر – بىرىنى نازارەتكە تايىنىدۇ. « ئاللاھ قا ئىتائەت قىلمىغۇچىلارغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ » پىرىنسىپى، ئىسلامى سىياسەتنىڭ ئاساسىدۇر. زالىم ھۆكۈمدارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئەڭ چوڭ جىھاد دەپ ھېسابلىنىدۇ.

شۇرانى ئاساس قىلغان ئىسلامى سىياسەت، سەلتەنەتنى ئاساس قىلغان بارلىق ئىجرائاتلارنى شىددەت بىلەن رەت قىلىدۇ. باشقۇرغۇچى – باشقۇرۇلغۇچى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بايان قىلىنغان تۆۋەندىكى ھەدىسلەر، ئىسلامى سىياسەتنىڭ مەنتىقىسنى بىزگە بايان قىلىپ بېرىدۇ:

« مەندىن كېيىن، پاسىق / ئەسكى كىشىلەر دەۋر سۈرىدۇ. ئېيتقانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ، قىلمىغانلىرىنى قىلدۇق دەيدۇ. قىلىشقا بۇيرۇلمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. كىم ئۇلارغا قارشى قولى بىلەن ئۇرۇش قىلسا، ئۇ مۇئمىندۇر. تىلى بىلەن ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلسا، ئۇمۇ مۇئمىندۇر. قەلبى بىلەن ئۇلارغا قارشى نارازى بولسا، ئۇ كىشىمۇ مۇئمىندۇر. بۇنىڭدىن باشقىلاردا تىرىقچىلىقمۇ ئىمان يوقتۇر ».

« جىھادنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك بولغىنى، زالىم ھۆكۈمدارنىڭ ئالدىدا ھەقنى جاكارلاشتۇر ».

« خەلق ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان زالىمنىڭ زۇلۇمىغا قارشى چىقمىسا، ئاللاھ ئۇلارغا بىر بالا ئەۋەتىدۇ. مەندىن كېيىن بەزى كىشىلەر سىلەرگە ھۆكۈمران بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يالغانلىرىنى توغرا دېگۈچىلەر، ئۇلارنىڭ زۇلۇمىغا ياردەم قىلغۇچىلاردۇر. ئەنە شۇلار مەندىن ئەمەس، مەنمۇ ئۇلاردىن ئەمەس ».

« ئۇزۇن ئۆتمەستىن سىلەرگە شۇنداق بىر كىشىلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇكى، رىزىقلىرىڭلارنى تارتىۋالىدۇ ( شۈمۈرىدۇ ). نېمە دېسەڭلار يالغان، نېمە ئىش قىلساڭلار يامان ئىش دەپ قارىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى توغرا دېمىگۈچە سىلەردىن رازى بولمايدۇ. مانا بۇ ۋاقىتتا سىلەر، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئۇلارغا ھەقنى جاكارلاڭلار. ئەگەر ئۇلار ئازغۇنلۇق قىلىپ ھەددىدىن ئاشسا ۋە بېراۋ ئۇلارغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسە، ئەلۋەتتە ئۇ شېھىتتۇر ».

« كىمكى ھاكىمىيەتنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ رازى بولمايدىغان شەكىلدە سۆز قىلسا، ئاللاھ نىڭ دىنىدىن چىققان بولىدۇ ».