ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ھايات كىتابىم تورى ئوقۇرمەنلىرى،
« ھەج رىسالىسى » ناملىق ئەسەرنىڭ ئاندىروئىد تېلىفۇنلار ئۈچۈن ئاۋازلىق ئەپكىتاپ نۇسخسى، ھايات كىتابىم تورى ئارقىلىق بارلىق ھاجى نامزاتلىرىغا 2015 – يىللىق ھەج مۇناسىۋىتى بىلەن سوۋغا قىلىندى.

بۇ ئەپكىتاپ، كەمىنە ئابدۇلئەزىز بەشتوغراقنىڭ 2012 – يىلى مەككە مىسفىلىدىكى 3 ئايلىق ئىستىقامىتى جەريانىدا، 40 كۈن تۈجۈبىلەپ تەرجىمە قىلىشى نەتىجىسىدە روياپقا چىققان بولۇپ، 2013-يىلى ئۇستاز مۇستافا ئىسلامئوغلىنىڭ رۇخسىتى ۋە ياردەم ئەلى جەمئىيىتىنىڭ ياردىمى بىلەن 1000 تانە بېسىپ نەشىر قىلىنغان. ئېلكىتاپ نۇسخىسى ۋە ئاۋازلىق نۇسخسى 2014 – يىلى شۇ كىتاپ ئاساسىدا، مۇھاجىرەتتە چاقنىغان يۇلتۇزىمىز ئاۋاز ئارتىسى سىراجىدىن كەشپۇللاھ قېرىندىشىمىزنىڭ ئاۋازىدا ئىشلەنگەن ئىدى. قېرىندىشىمىز مۇخلىس تەرىپىدىن قايتىدىن ئىشلەنگەن « ھەج رىسالىسى » ئەپكىتابىنىڭ 3 – نەشىرى، يەنى ئاۋازلىق ئەپكىتاب شەكلى قايتىدىن ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.

كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى كۈتۈش بىلەن بىرگە، ئۇشبۇ ئاۋازلىق ئەپكىتاپنىڭ ئاۋازلىق ئالما نۇسخىسىنى ياساپ بېرىشنى خالايدىغان خالىسانە ياردەم قىلغۇچى قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىنى كۈتىمىز.

« ھەج رىسالىسى » ئاۋازلىق ئەپكىتابىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى:

 

http://bilimilim.org/kaznak/haj3.0.apk
ھۆرمەت بىلەن

ھايات كىتابىم تورى

2 – ئاۋغۇست 2015