wpid-2015-04-10-21.57.21.png.png

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ھايات كىتابىم تورى ئوقۇرمەنلىرى!

2015 – يىلى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا « كىتاپ ئوقۇش يىلى » قىلىپ بېكىتىلىپ، تەرەپ – تەرەپتە كىتاپ، كىتاپ ئوقۇش ھەققىدە مۇنازىرىلەر ۋە كىتاپقا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل پائالىيەتلەر باشلاندى. دۇنيادىكى بارلىق كىتاپلار ئەشۇ ئىچىدە ھېچقانداق شەك – شۈبھە بولمىغان ئاللاھنىڭ كالامى بولغان « ئەلكىتاپ قۇرئانى كەرىم » ئۈچۈن يېزىلىدىغان بولۇپ، بىزمۇ ئۇستاز مۇستافا ئىسلامئوغلى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان ۋە ۋەخپە ئەسەرى ( كىرىم خەيرى –ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان )، ھايات كىتابىمىز قۇرئانى كەرىمنى قىسقىچە تونۇشتۇرىدىغان « قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى » ناملىق ئەسەرنى كۈنلۈك تەرجىمىلەر قاتارىدا ھايات كىتابىم تورىدا ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنغان ئىدىق. مەزكۇر ئەسەرنى ئوقۇپ چىققۇچىلار، ئەسەرنىڭ ساھەسىدە ئاز ئۇچرايدىغان ۋەياكى يوق دېيەرلىك، ھەتتا تۇنجىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھايات كىتابىمىز قۇرئانغا تونۇشىدا ئۆزگۈرۈش ھاسىل بولغانلىقىنى ئېيتماقتا. يېقىندا مەزكۇر ئەسەرنىڭ قايتا تەھرىردىن ئۆتكەن نۇسخىسىنى 3 خىل ئېلكىتاپ شەكلىدە ۋە 1 ۋورد نۇسخىسى ھالىتىدە ئېلان قىلدۇق. تېخنىكىلىق خاتالىقلاردىن خالىي بولىشى ناتايىن، بۇ سەۋەپتىن ئوقۇرمەنلىرىمىزدىن كەچۈرۈرم سوراش بىلەن بىرگە، ھېس قىلغان خاتالىقلارنى بىزگە يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مانا بۈگۈن، كىتاپ ئوقۇش يىلىمىزنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن تور بېتىمىزدە كۈنلۈك تەرجىمىلەر قاتارىدا ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تور دۇنياسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغاش بىلەنلا قالماي، ئەنئەنىۋى دىن چۈشەنچىمىزدىكى خاتا بولغان « تەقدىرچىلىك »، « شور پىشانە »، « تەقدىرگە تەن بەرمەي بولمىدى »، « تەقدىرنىڭ قولى »، « پىشانەمگە نېمە يېزىلسا شۇ »، « تەقدىر توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشقا بولمايدۇ » ۋە « قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرمىگەن كاپىر » دېگەندەك باتىل سەپسەتە ۋە جاھىلىيەت ئىدىيىلىرىنىڭ قىسمىقى ئاستىدا قالغان زېھىنلەرگە، ھاياتقا، بەندىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا قارىتا يېڭىدىن « نەزەر » ئېلىپ كەلگەن، ئۇستاز مۇستافا ئىسلامئوغلى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان « ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ قەدەر رىسالىسى ۋە ئۇنىڭ شەرھى » ناملىق قۇرئان مەركەزلىك تەنقىدى ئەسىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنغان ئىدۇق. مانا بۈگۈن ئۇنىڭ قايتا تەھرىرلەنگەن ئېلكىتابىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇپ تۇرۇپتىمىز.

تەقدىر مەسىلىسىنى قۇرئانىي چۈشەنمەي تۇرۇپ، تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلىشىمىزدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى قۇتقۇزماي تۇرۇپ، باشقىلارنى قۇتقۇزۇش مۇمكىن ئەمەس. قۇرئاننى ياخشى چۈشەنمەي تۇرۇپ، زېھنىمىزدىكى تاشلارنى ئېرىتىپ چۈشۈرۈشىمىز مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى تونۇپ يەتمەكتىمىز. ھەر نەرسىگە قەدەر، يەنى ئۆلچەم – قانۇنىيەت بېكىتكەن ئاللاھ، ئىنسان بالىسىغا ئىرادە، يەنى تاللاش ئىختىيارلىقىنى بېرىپ، تاللىشىنىڭ تەقدىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، قۇرئان ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلغاندىلا، ئىنسانلارنىڭ قەدرى – قىممىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېمەككى تەقدىرىمىز قۇرئان بولىشى كېرەك. قۇرئاننى ھەقىقى يۇسۇندا چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنغاندىلا، ئۇنىڭغا 100% ئىشەنگەندىلا، قۇرئان بىزنى نىجاتلىق يولىغا باشلايدۇ. ھازىرقى دەۋىردىمۇ سائادەت ئەسرىنىڭ تەمىنى تېتىيالىشىمىز مۇمكىن.

ھۆرمەتلىك كىتاپخان « تەقدىرىمىز قۇرئان بولسۇن » دېسىڭىز، قولىڭىزغا ئۇشبۇ كىتاپنى ئېلىپ ئوقۇڭ.

شۇندىلا ئاللاھ، رەسۇلۇللاھ ۋە ئەسرى سائادەتتىكىلەر زېھنىدە شەكىللەندۈرگەن تەقدىر تەسەۋۋۇرىنى توغرا چۈشەنگەن بولىمىز.

كىتاپنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى:

PDF نۇسخىسى: Keder Risalisi we sherhi

https://yuzlen.net/wp-content/uploads/2015/08/Keder-Risalisi-we-sherhi.pdf

WORD نۇسخىسى: Keder Risalisi we sherhi

https://yuzlen.net/wp-content/uploads/2015/08/Keder-Risalisi-we-sherhi.doc

ھۆرمەت بىلەن

ھايات كىتابىم تورى

2 – ئاۋغۇست 2015