Fetih1453

تۈركىيە ۋىسال سىتۇدىيىسى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەپ كۆڭۈل سوۋغىسىنى كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە سۇنىدۇ.
دۇنيا كىنوچىلىقىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن «ئىسلامبۇلنىڭ پەتىھ قىلىنىشى» ناملىق فىلىمىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قېلىپ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ھوزۇرلىنىشغا سۇندى.

ھايات كىتابىم تورىدىن چۈشۈرۈش: http://bilimilim.org/kaznak/Fetih1453-Uyghur.wmv

http://bilimilim.org/kaznak/Fetih1453-Uyghur.wmv

ۋىسال سىتودىيىسىدىن چۈشۈرۈش: http://www.wisalstudio.net/uy/video/filim/Fetih1453-Uyghur.wmv
فىلىمنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات
1) فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد كونىستانتىپۇلنى پەتىھ قىلغاندىن كېيىن شەھەرنىڭ ئىسمىنى ئىسلامبۇل «ئىسلام شەھىرى» دەپ قويغان ئىدى. يېقىنقى دەۋىردىكى بەزى سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىستانبۇل دەپ ئۆزگەرتىلگەن . بىز سۇلتان مۇھەممەدنىڭ ئەسلى ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ ، فىلىمدە ئۇنىڭ ئۆز قولى بىلەن قويغان ئىسلامبۇل نامىنى ئۆز ئەينى قوللاندۇق .

2) رەسۇل اللەنىڭ خۇش خەۋەرچىسى ، ئىسلامبۇلنىڭ فاتىھى بۇ بۈيۈك ئىسلام قۇماندانىنىڭ شانىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغان فىلىمدىكى بەزى ئىسلام ئەخلاقىغا ، مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزگە زىت كۆرىنىشلەرنى كېسىپ ئېلىۋەتتۇق . فىلىمنىڭ ئۇمۇمىي مەزمۇنىغا تەسىر يەتمەسلىك ئۈچۈن قوللىنىشقا مەجبۇر قالغان كۆرىنىشلەرنى بولسا پەردىلىدۇق . شۇنداقتىمۇ ھەممىسىنى پەردىلەشكە ئىمكانىيىتىمىز يەتمىدى . بىز كۈچىمىز يەتكەننى قىلدۇق ، كۈچىمىز يەتمىگىنىگە جانابىي اللە مۇيەسسەر قىلسۇن . ئامين!

3) فىلىمنى تەرجىمە قىلىشتا ياۋرۇپا تىل فونىتىكلىرىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان ھازىرقى زامان تۈرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر ئەدىبىي تىلىنىڭ ئىپادىلەش شەكلىدە پەرقلىقلەر بولغانلىقى ئۈچۈن سۆزمۇ – سۆز تەرجىمىنىڭ ئورنىغا مەزمۇن تەرجىمىسى ئاسان قېلىندى . ئەگەر يەنىلا كۆزدىن قاچقان تەرەپلىرى بولسا تەپسىلىي تۈزىتىش بەرسىڭىز، تۈزىتىش كىرگۈزۈپ تەكرار نەشىر قىلساق بولىدۇ .
جانابىي اللە ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا تۇتقان زوزىلىرىنى قوبۇل، دۇئا ۋە ئىبادەتلىرىنى مەقبۇل قىلسۇن. امين!
دۇئا ۋە ئېھتىرام بىلەن:
تۈركىيە ۋىسال سىتۇدىيسى

مەنبە: فېيسبۇك يوللانمىلىرى (23 – ئاۋغۇست 2012 ئۈرۈمچى قىزى )

http://www.wisalstudio.com/uy/watch.php?id=244

http://bilimilim.org/kaznak/Fetih1453-Uyghur.wmv

http://bilimilim.org/kaznak/Fetih1453-Uyghur.wmv