ئىمام ئەبۇ ھەنىفىنىڭ شاھادىتى

                 مېنى تارتىۋېلىنمىغان بىرەر زېمىنغا كۆمۈڭلار!

ئىمام ئەزەم

 

ھاكىمىيەتنىڭ ئۆچمەنلىكىنى ئىمامنىڭ ئۈستىگە تارتقان ۋەقەلەر ھەققىدە يۇقىرىدا توختالدۇق. ئۇنىڭ قېيىن – قىستاققا ئېلىنىپ كۆزدىن يوق قىلىنىشىدا بەزى كىچىك سەۋەپلەرمۇ رول ئوينىغانىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇنداق ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

  1. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋەقەلەر. بۇلارنىڭ باشلانغۇچى ئابباسى زۇلۇمىنىڭ ئەھلى بەيتكىچە يېتىپ كېلىشى بولۇپ، ئەبۇ ھەنىفە ئۇستازى ئىمام زەيدنىڭ ھىجرى 120 – يىلدىكى قوزغىلىڭىغا ياردەم بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇستازى ۋە ھەزرىتى ھەسەننىڭ نەۋرىسى بولغان ئابدۇللاھ بىن ھەسەننىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ قوزغىلاڭلىرىغىمۇ ئالدىنقىسىدىن قېلىشمىغىدەك دەرىجىدە، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بەرگەن ئىدى. ئۇ خەلقنى ئۇلارغا بەيئەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان، ھەتتا ئۆزىمۇ ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يادەم قىلغانىدى. ھاكىمىيەت ھەدىيەلەر بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىماقچى بولغاندا، ئىمام بۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلغان. مانا بۇلار، خەلىپىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئاخىرى ئىمام شېھىت قىلىنغان.
  2. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ھاكىمىيەت قازىسى ئىبن ئەبى لەيلا ئارىسىدا چوڭ زىددىيەت پەيدا بولغان. قازىي، ئىمامنىڭ ئىجتىھادلىرىغا رازى بولمايدۇ. ئۇنىڭ توغرا بولمىغان پەتىۋالىرىنىڭ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە تەرىپىدىن تۈزىتىلىشى ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدۇ. بۇ ھالەتتىن تويۇپ كەتكەن ئىبىن ئەبى لەيلا ئىمامنى مەنسۇرغا چاقىدۇ، مەنسۇرمۇ بۇنى بىر ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىدۇ. ئىمامنى مەنسۇرغا چېقىشتۇرغان يەنە باشقىلارمۇ بار ئىدى. ئەبۇ ھەنىفىنىڭ قىلغان ئىجتىھادلىرى بىلەن مەنپەئەتلىرى زەخمە يېگەنلەر دەرد ئېيتىپ خەلىپىنىڭ يېنىغا باراتتى.
  3. مەنسۇر ئىمامنىڭ ئىلمىگە قايىل ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھاجىبى رەبئ ۋە يېقىنلىرىدىن ئەبۇ ئابباس ئەتتۇسى ئۇنى ئىمامغا قارشى كۈشكۈرتەتتى.

مانا بۇ سەۋەپلەرنىڭ تەسىرىدە مەنسۇر بىر چارە تاپتى: ئىمامغا قوبۇل قىلمايدىغان بىر ۋەزىپىنى تەكلىپ قىلىش، يەنى باش قازى بولۇش.

ئىمام بۇ تەكلىپنى مۇناسىپ بىر ئۇسۇلدا رەت قىلدى. مەنسۇر بۇ تەكلىۋىدە چىڭ تۇرىۋالغاندا، ئىمام ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

« ئەگەر مېنى ۋەزىپە ئۈچۈن بۇ يەرگە چاقىرغان بولساڭ، شۇنى بىلگىنكى مەن بۇ ئىشنى قىلالمايمەن. بۇ ئىشنى قىلىدىغان كىشى قابىلىيەتلىك بولىشى كېرەك. ساڭا، سەركەردىلىرىڭگە، ئەمەلدارلىرىڭغا گەپ ئاڭلاتقۇدەك قۇدرەتكە ئىگە بولىشى كېرەك. سىلەرنىڭ، بالاڭلارنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا ھۆكۈم بېرەلەيدىغان بولىشى كېرەك. بۇنداق قىلىشقا مېنىڭ كۈچۈم يەتمەيدۇ »[1].

مەنسۇر ئىمامنى بۇ شەكىلدە ئۆز مەيلىگە قويىۋەتمەسلىك نىيىتىگە كەلگەن ئىدى. ئۇ، ئىمام ۋەزىپىنى قوبۇل قىلسا مەسىلە ئۆزلىكىدىن ھەل بولۇپ، ئۆكتىچىلىكتىن ھاكىمىيەتنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئەگەر قوبۇل قىلمايدىغان بولسا مەسىلە يەنىلا ئۆزلىكىدىنلا يېشىلىپ، ئىمامنى كۆزدىن يوقۇتۇشنىڭ بىر باھانىسى بولۇپ بېرەتتى، كېيىنكىسى ئالدىنقىسىغا قارىغاندا بىرئاز قان ھىدى ۋە قېيىن قىستاق بىلەن ھەل بولاتتى. نەتىجى ئېتىبارى بىلەن، ھەر ئىككى ئەھۋالدا ھاكىمىيەت پايدا ئالاتتى.

ئۇلار چىڭ تۇرۇۋالغانسىرى ئىمامنىڭ كۆرسىتىدىغان سەۋەپلىرىمۇ داۋام قىلىدۇ. بۇ  جەرياندا مەنسۇر بىلەن ئىمامنىڭ ئارىسىدا ئاجايىپ دىيالوگلار بولۇپ ئۆتىدۇ. بۇ دىيالوگدا مەغلۇپ بولغان تەرەپ ھەمىشە مەنسۇر بولاتتى. ئىمام بۇ قېتىم تېخىمۇ كەسكىن سۆزلەر بىلەن تەكلىپنى رەت قىلىپ قەسەم ئىچىدۇ:

– ئاللاھتىن قورققىن. بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە ياخشى بولۇشۇم مۇمكىن ئەمەس. سىلەرنىڭ زىتىڭلارغا تېگىدىغان بىر ھۆكۈم چىقىرىشىم مۇمكىن. بۇ ھالدا غەزىپىڭدىن خاتىرجەم بولىشىم مۇمكىن ئەمەس. مېنى فىرات دەرياسىدا بوغۇپ ئۆلتۈرىمەن دەپ تەھدىت قىلىسەن. بوغۇلۇپ ئۆلۈشكە رازىمەنكى، ئەمما قارارىمنى ئۆزگەرتمەيمەن. سېنىڭ ئەتراپىڭدىكى كىشىلەر ئۆز ئارزۇ ۋە ھاۋايى ھەۋەسلىرىگە بىنائەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان بىرىنى خالايدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بۇنىڭغا مەن يېقىنمۇ كەلمەيمەن. شۇڭا بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلالمايمەن.

مەنسۇر غەزەپكە كەلگەن ھالدا:

–  يالغان ئېيتىۋاتىسەن، سەن ئۆزگىرىپ قېلىشىڭ مۇمكىن.

ئىمام ئۇنىڭ بۇ غەپلىتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمىدى:

  • بۇ سۆزۈڭ ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى ھۆكمىڭنى بەرگەن بولدۇڭ. بىر يالغانچىنىڭ سېنىڭ مۈلكىڭگە باش قازى بولىشى قانداقمۇ جائىز بولسۇن؟[2].

شۇنىڭ بىلەن مەنسۇرمۇ تەكلىپىنى مەجبۇرى قوبۇل قىلدۇرىدىغانلىقىغا قەسەم ئىچىپ، ئىمامنى زىندانغا تاشلاپ دەررە ئۇرۇشقا بۇيرىدى. ھەر كۈنى ئون دەررە ئۇرۇلاتتى. بۇ سان كۈندىن كۈنگە قاتلىنىپ، ئاخىرى كۈنلىك دەررە سانى يۈز ئونغا يەتكەندە، ئىمام ئېغىر يارا ئىچىدە روھىنى تەسلىم قىلدى.

گەرچە ئىمامنىڭ شاھادىتىنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە بەزى پەرقلىق مەلۇماتلار بولسىمۇ، ئۇنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقى ئېنىق ئىدى.

تالىپى ۋە ئەگەشكۈچىسى ئىمام زۇفەردىن كەلگەن رىۋايەت مۇنداق:

« مەنسۇرنىڭ ئەبۇ ھەنىفىنى تۇتۇپ يالاپ ئېلىپ كېلىش ھەققىدىكى يارلىقى كۇفە ۋالىسى ئەيسا بىن مۇساغا يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ، ئۇ ئىمامنى باغداتقا ئېلىپ كەلدى. ئۇ زىنداندا زەھەرلىنىش نەتىجىسىدە ۋاپات قىلدى »[3].

ئىمامنىڭ، مەنسۇرنىڭ ئۆزىنى زەھەرلەش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى تۇيۇپ قالغانلىقىنى تۆۋەندىكى رىۋايەتتىن بىلەلەيمىز:

« ئىمامنى زىنداندىن سارىيىغا كەلتۈرگەن مەنسۇر ئۇنىڭغا قاۋۇت ( تالقان ) تەڭلەپ ئىچىشكە بۇيرىدى. ئىمام ئىچكىلى ئۇنىمىدى. مەنسۇر « چوقۇم ئىچىسەن » دېدى. ئىمام يەنە ئىچمىدى. خەلىپە ئۇنى زورلاۋەرگەنلىكتىن، ئىمام قارشىلىق كۆرسىتەلمەي ئاخىرى ئىچىتى. ئاندىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ھالدا ئورنىدىن تۇردى. مەنسۇر « قەيەرگە؟ » دەپ سورىدى. ئىمام « سەن مېنى ئەۋەتكەن يەرگە » دەپ زىندانغا كەتتى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولدى »[4].

« مەنسۇر ھەر كۈنى ئىمامغا ئون دەررە ئۇرۇشنى ۋە تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانغا قەدەر ھەر كۈنى ئون دەررە ئىلاۋە قىلىپ ئۇرۇشقا بۇيرىدى. قېيىن – قىستاقنىڭ داۋام قىلىشىغا قارىماستىن ئىمام ئىبادەتتىن قالمىدى، زىكىر قىلاتتى ۋە يىغلايتتى. شېھىت قىلىنغىچە مۇرەسسە قىلمىدى. جەسىتى زىنداندىن ئېلىپ چىقىلغاندا كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆز يېشى قىلدى. جىنازە نامىزىنى ئوقۇپ، ھەيزەران مازارلىقىغا دەپنە قىلدى. جىنازە نامىزىغا قاتناشقا كىشىلەرنىڭ سانى 50 مىڭدىن كۆپ ئىدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھىجرى 150 – يىلى رەجەپ ئېيىدا، 70 يېشىدا شېھىت بولدى »[5].

يەتمىش ياشتىكى بىر ئىنسان ئۈچۈن قاتتىق ئېغىر بولغان بۇ قېيىن – قىستاق ئاستىدا، « ئاللاھىم مېنى قۇدرىتىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ زۇلمى ۋە فىسقى – فۇجۇرلىرىدىن ئۇزاق قىل » دېگەچ جان ئۈزگەن بۈيۈك ئىمام، ۋاپاتىدىن بۇرۇن مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرغانىدى:

« مېنى تارتىۋېلىنمىغان بىرەر زېمىنغا كۆمۈڭلار! ».

ئىمامنىڭ بۇ ۋەسىيتىنى ئاڭلىغان ھۆكۈمدار، « ساق ۋاقتىدا قېينىغاندەك ئۆلگەندىمۇ مېنى قېين ئەھۋالدا قالدۇردى. ئەمدى كىم مېنى ئۇنىڭ نەزرىدە بىگۇناھ قىلىپ كۆرسىتىدۇ؟ » دېدى.

بۇ، ئاللاھقا بېغىشلانغان شەرەپلىك بىر ھاياتنىڭ شەرەپلىك ئۆلۈمى ئىدى. ئۇ زالىملار بىلەن مەزلۇملارنىڭ توختىماس كۆرىشىدە ئېزىلگەنلەرنىڭ سېپىدە تۇرغان ئىدى. زۇلۇمنى قوللاپ ئالقىشلىماسلىق بىلەن بىرگە، بىر بۇلۇڭدا ئىلىم ۋە كىتاپلارنىڭ كۆلەڭگىسىگە سىغىنىپ ياشىمىدى. بىر پەيغەمبەر ۋارىسى سۈپىتىدە ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى ھېچ ئۇنۇتمىدى: « مۇئمىنلەردىن شۇنداق جەسۇر كىشىلەر باركى ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرىدۇ. بەزىلىرى نۆۋىتىنى ساقلاۋاتىدۇ، ئۇلار ئەھدىسىنى بۇزغىنى يوق » ( ئەھزاب، 23- ئايەت ). ئىزىنى بويلاپ ماڭىدىغانلارغا قان بىلەن قول قويۇلغان شەرەپلىك بىر سەھىپە قالدۇرۇپ كەتتى.

ئىلمىنى تىجارەتكە ئايلاندۇرۇشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمىدى. ئەگەر زالىملارنىڭ زۇلمىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرغان بولسا ئىدى، ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ھەر دائىم ھۆرمەت ۋە ئىززەت كۆرگەن، ھەر دەۋردە ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولاتتى. « بوينىمىزغا دار ئارغامچىسى سېلىنغان تەقدىردىمۇ ۋەدىمىزدىن قايتمايمىز » دەيتتى. ئاللاھقا ھەر قانداق شەرت – شارائىتتا ھەقنى جاكارلايدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىنى ئۇنۇتمىغان ئىدى.

ھاياتىنىڭ ھېچبىر مەزگىلىدە سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتمىدى ۋە مۇرەسسەچى بولمىدى. ئەڭ قېيىن مەزگىللەردىمۇ باشقىلارنىڭ ئەيىپلىشىدىن قورقماستىن، ھەقنى جاكارلاشتىن يالتايمىدى. ئەمەۋى ۋالىيسى ئىبن خۇبەيرەنىڭ زۇلۇمى ئالدىدىمۇ « مەن ئۈچۈن بۇ دۇنيادا دەررە يېيىش، ئاخىرەتتە جازاغا دۇچار بولۇشتىن خەيىرلىكتۇر » دېگەنىدى.

تەكلىپ قىلىنغان ۋەزىپىلەر ئۇ ھۆددىسىدىن چىقالمىغۇدەك ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇ زۇلۇمغا يانتاياق بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتتى. زالىملارنىڭ زۇلمىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشنى خالىمايتتى. مەمۇرلىققا نىسبەتەن بىرەر سەلبىي قارىشىمۇ يوق ئىدى. باغدات بىنا قىلىنىشقا باشلىغاندا، بىر مۇددەت پەخرى بوغالتېر بولۇپ ھېساپ تۇتقان ئىدى. ئەمما ئۇ، بۇ خىزمەتنى باش قازىلىق بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويمايتتى[6]. بۇ كۆز قارىشىدا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن تارىخقا بىر كۆز يۈگۈرتىشىمىز كۇپايە قىلىدۇ. زالىم سەلتەنەت تۈزۈملىرى، ئىلمى بىلەن تونۇلغان كىشىلەرنى ھەر خىل ئۈنۋان بىلەن ۋەزىپىگە تەيىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىلمى ۋە تەجرىبىسىدىن پايدىلانغان، ھەم ئۇلارنىڭ ئۆكتىچىلىكىدىن كېلىدىغان زىيانلاردىن ساقلانغان، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ھەقسىز مەۋجۇتلىقىنى ئۇلارنىڭ سايىسىدە يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىپ كەلگەنىدى. بۇنى ياخشى بىلگەن ئىمام، ئىبن خۇبەيرە ئۈچۈن « ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ماڭا ۋاست مەسجىتىنىڭ ئىشىكلىرىنى سانا دېسىمۇ سانىمايمەن » دەپ ھاراملارغا ۋاستە بولۇپ قالماسلىقتەك ھۇشيارلىقىنى نامايەن قىلغان ئىدى.

سىياسەتنىڭ ۋە فىقىھنىڭ كاتتا ئىمامى، ھاكىمىيەتنىڭ « ھەدىيە » نىقابى بىلەن پەدازلانغان سېتىۋېلىش ھىلىسىنىڭ دامىغىمۇ چۈشمىگەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى ئىسلامنىڭ پايدىسىغا ئەڭ ياخشى شەكىلدە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنى ھاكىمىيەت قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويىدىغان ئىشلارغا يېقىن يۇلۇمىدى. ئۆزى يېقىنلاشماسلىق بىلەن بىرگە، باشقا ئالىملارنىمۇ بۇ خەتەردىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بەردى. ئۇ، زالىمنىڭ نېنىنى يېيىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بىر خارلىققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.

غەلىبە قىلىش ئېھتىمالى تۆۋەن بولسىمۇ، زۇلۇمغا قارشى جەسۇرلۇق بىلەن كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭلارنى چىن دىلىدىن قوللاپ، مېلى، ئىجتىھادى ۋە تالىپلىرى بىلەن بۇ قوزغىلاڭلارغا ياردەم قىلغانىدى.

قوزغىلاڭلارغا قارىتا قۇلىقىنى يوپۇرۋېلىپ يۈرسىمۇ بولاتتى. ھەم دۇمباققا، ھەم قاسقىنىغا ئۇرۇشتەك بىر مۇئامىلىدە بولۇشتا ۋە ئۇنىڭغا يەتكۈدەك ئۆزۈر – باھانە تېپىشتا قېينىلىپمۇ كەتمەيتتى.

قوزغىلاڭلارغا ياردەم بەرمەسلىك ئۈچۈن يەتكۈدەك باھانىسىنىڭ بارلىقىنى ھەر كىم بىلەتتى. ئەمما ئۇ قەيەردە بىر زۇلۇمغا قارشى قوزغالغانلار بولسا ئالدى بىلەن ئۆزى ئۇلارغا ئەگىشكەن، ئاندىن خەلقنىمۇ ئۇنىڭغا چاقىرغان ئىدى. ئىمام زەيدنىڭ ئەلچىسىگە 10 مىڭ دەرھەم بېرىپ ئۆزرىنى قوبۇل قىلىشىنى ئۆتۈنگەن، ئۇنىڭ قوزغىلىڭىنى رەسۇلۇللاھنىڭ بەدىردىكى ھەرىكىتىگە ئوخشاتقان ئىدى. يەنە ئوخشاش شەكىلدە ئىمام مۇھەممەد ۋە ئىبراھىمنىڭ قوزغىلاڭلىرىدىمۇ، ھاكىمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئوچۇق – ئاشكارە شەكىلدە مەيدانىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، ئىماملارنىڭ شاھادەت خەۋرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، نەچچە كۈنگىچە ئۆيىدىن تالاغا چىقماي كۆز يېشى تۆككەن ئىدى. قەتئىي ئۇلارنى گۇناھكار چاغلايدىغان مۇئامىلىدە بولماي، ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ھەقلىق تەنقىت قىلىشقىمۇ يۈزلەنمىگەن ئىدى.

ئىبىن مەسئۇد، سەئىد بىن جۇبەير، ئىبراھىم ئەننەھائىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۆكتىچى فىقھىنى « تەدۋىن ( توپلام ) » قىلىپ، دوستلۇقتىمۇ ۋە دۈشمەنلىكتىمۇ ئادالەتنى قولدىن بەرمەي، سۈننەت ئەھلىنىڭ مۆتىدىل بولغان ئوتتۇرا يولىنى سىستېمىلاشتۇرۇپ چىقىدۇ. بۇنى قىلغاندا نە خارىجى باشباشتاقلىقىغا يول قويىدۇ، نە مۇرجىئە پۇرسەتپەرەسلىكىگە كۆز يۇمىدۇ. يېرىم ئەسىر ئىچىدە سۇلتانلار قولىدا ۋەيران قىلىنغان رەسۇلۇللاھ ۋە ئەسھابىنىڭ قۇتلۇق مىراسىنى، ئۆزىگە خاس فىقھ ئۇسۇلى بىلەن مۇۋاپىق بىر شەكىلدە توپلاپ چىقىدۇ.

ئىمام « سىياسىتى ئىبادەت، ئىبادىتى سىياسەت » بولغان بىر دىننىڭ مەنسۇبى ئىكەنلىكى چۈشەنچىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن زالىملار ئالدىدىكى خارلىقىغا باھانە بايان قىلغۇچىلارغا، بۇ ھەقتىكى ئەڭ ئۆتكۈر سۆزىنى ھاياتى بىلەن ئېيىتقانىدى. ئىمام ھاياتى ئارقىلىق مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق بولمىغان بىر دىن چۈشەنچىسىنىڭ، ئىسلام بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلغان ئىدى.

ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىدا « مېنى تارتىۋېلىنمىغان بىر زېمىنغا كۆمۈڭلار! » دېگەن ئېسىل ئىمام، ھايات ۋاقتىدا يېقىن يۇلۇمىغان زۇلۇمغا، جەستىنىمۇ يېقىن كەلتۈرۈشنى خالىمىغان ئىدى. پەقەت فىقىھتىلا ئەمەس، ئۆزىگە ئەگەشكۈچىلەرگە سىياسەتتىمۇ ئىمامى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق شەكىلدە ئىسپاتلاپ بەرگەنىدى.

ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغان زالىملار تارىختىكى باشقا زومىگەر ھۆكۈمدارلارغا ئوخشاش ئۇنتۇلۇپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭ تۇپراقنى سۇغارغان قېنى ھەر زامان جانلىق، ھەر دائىم يېڭى مېۋىلىرىنى بېرىشكە داۋام قىلدى ۋە قىلماقتا.

ئىمامنى زەھەرلەپ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغان ئەبۇ جافەر مەنسۇر،  ھىجرى 150 ( مىلادى 767 ) – يىلى، يەنى ئىمامنى قەتلى قىلغان يىلى، خىرىستىيان تىۋىپى تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ[7].

********************

[1]  مەككى، « مەناقىبۇ ئۇبى ھەنىفە»، 191 – بەت

[2]  مەككى، « مەناقىبۇ ئۇبى ھەنىفە»، 428 – بەت

[3]  مەككى، « مەناقىبۇ ئۇبى ھەنىفە»، 428 – بەت

[4]  مەككى، « مەناقىبۇ ئۇبى ھەنىفە»، 429 – بەت

[5]  مەككى، « مەناقىبۇ ئۇبى ھەنىفە»، 429 – 430 – بەت

[6]  ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئابباسىلار دەۋرىدە، باغدات شەھرى بىنا قىلىنىشقا باشلانغاندا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا ئائىت ھېساپ – كىتاپ ئىشلىرىنى ( جەسساس › سامان › ئىشى دەيتتى ) پەخرى بولۇپ ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. بۇ بىر مەمۇرى خىزمەت ئەمەس ئىدى ۋە ئىمامنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى بىلەنمۇ زىت ئەمەس ئىدى. ھەتتا جەسساس، بۇ ۋەزىپىنىمۇ قۇبۇل قىلمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

[7]  تابارى، تارىخ، III /  422 – 423