ئەمەۋىلەر دەۋرى

ئەبۇ ھەنىفە ھاياتىنى تالىپلىرىغا سۆزلەپ بەرگەندە، كىچىكىدىن تارتىپ قۇرئان، قىرائەت، ھەدىس، گىرامماتىكا، ئەدەبىيات، شېئىر، كالام … قاتارلىق ئۇ دەۋرنىڭ مودا ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

بۇ ئىلىملار ئۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىلىملىرى ئىدى. ئىمام ئەزەم، ئۇ كۈنلەرنىڭ مودىسى بولغان كالامدا، ئىلمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، مەككىنىڭ ئىپادىسى بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلار ئەبۇ ھەنىفىنى بارماقلىرى بىلەن ئىشارەت قىلىپ كۆرسىتىدىغان ھالغا كەلگەن. مۇتەزىلەنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ۋاقتىمىزدا تىلغا ئالغان سەۋەپلەر تۈپەيلى، گۈللەنگەن كالام ئىلمى بەسىرەدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە ئۇلاشقان ئىدى. بۇ شەھەر پىرقىلەر ئارىسىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ مەركىزى ھالىغا كەلگەن بولۇپ، ئەبۇ ھەنىفە، بۇ سەۋەپتىن بەسىرەگە يىگىرمە قېتىم بېرىپ – كەلگەنلىكىنى، ھەتتا ئۇ يەردە ئالتە ئاي تۇرۇپ مۇتەزىلە، خارىجىلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پىرقىلەر بىلەنمۇ يۈز تۇرانە مۇنازىرىلەشكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئىمامدىكى يۈكسەك تالانت بۇ مەزگىلدە بايقىلىپ، مۇنارىزەلەردىكى ئۆزگىچە ئەقىل يۈرگۈزۈش ۋە مەنتىق ئۇسۇلى بىلەن ئاممىنىڭ دىققىتنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان ئىدى. ئەبۇ ھەنىفە، ياش ۋاقتىدىلا قىززىق مۇنازىرە سورۇنلىرىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۆگىنىشكە بىر قانچە يىل كېتىدىغان ئىلىملەرنى ھاياتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۈگىنىۋالغان ئىدى. كېيىنچە، بۇ تالاش – تالاشلار ئەسناسىدا قولغا كەلتۈرگەن ھايات تەجرىبىسى، ئۇنىڭ فىقھىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تەرىپى بولۇپ ئۆزىنى نامايەن قىلغان. بۇ ئالاھىدىلىك، ئەبۇ ھەنىفە مەزھىپىنىڭ « كىتابى » ئەمەس، « ھاياتى » ( يەنى، كىتاپلارنىڭ ئارىسىدىن ئەمەس، ھاياتنىڭ ئىچىدىن سۈزۈپ چىقىلغان؛ شەخسى ۋە ئاممىۋى مەسىلىلەر، مىجەز – خاراكتېرى، قۇرۇلمىسى، مايىللىقى، ئاجىزلىقلىرى كۆزدە تۇتۇلغان ئاساستا قولغا كەلتۈرۈلگەن ) بولىشى ئىدى.

دېمىسىمۇ ناھايىتى ئەقىللىق بولغان ئەبۇ ھەنىفە، قاتناشقان كالامى مۇنازىرىلەردە مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى، مەنتىق ئويۇنلىرىنى، زېھىن سىناشلارنى بۇ ساھەدىكى تالانتى بىلەن چۈشۈنۈپ ھەل قىلغان. بۇنىڭ ئۇنىڭدا بىر قابىلىيەت بولۇپ شەكىللىنىپ، ئۇنى باشقىلاردىن تېخىمۇ پەرقلىق قىلغانلىقىنى كېيىنكى ۋەقەلەردىن بىلىۋالالايمىز.

كالامى مۇنازىرىنىڭ ئاخىرىنىڭ چىقمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ئەبۇ ھەنىفە، بەزى دەل كېلىپ قالغان ھادىسىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن فىقھ ( ئىسلام قانۇن ) ئىلمى ئۈستىدە توختىلىشقا قارار بېرىدۇ. كۇفە، رەي ئېقىمىنىڭ مەركىزى ئىدى. ھەزرىتى ئەلى ۋە ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد بۇ ئېقىمنىڭ قەدىمى ئۇستازلىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدۇ. بۇ زەنجىر مەسرۇق، ئىبن مەسئۇدنىڭ تالىپى شۇرەيھ، ئەلقامە، ئىبراھىم ئەننەھائىي ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئىمامنىڭ ئۇستازى ھاممادقىچە يېتىپ بارىدۇ.

ئەبۇ ھەنىفە ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق فاقىھى ( فىقھى ئالىمى ) شابىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ھاممادنىڭ دەرس ھالقىسىدا فىقىھ ئوقۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇستازىنىڭ ۋاپاتىغا قەدەر 20 يىلغا يېقىن ئۇنىڭ تالىپى بولۇپ ئۆتىدۇ. ھەتتا بۇ ئەسنادا پىشىپ يېتىلگەنلىكىگە قانائەت ھاسىل قىلىپ، ئايرىم بىر دەرس ھالقىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئويلاپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇستازى ئورنىنى ئۇنىڭغا ۋاقىتلىق ئۆتۈنۈپ بېرىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئىشنىڭ مۇشەققەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ، ھەمدە بۇ مەسىلە ھەققىدە تېخى تولۇق پىشىپ يەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ ۋە ئۇستازىنىڭ ۋاپاتىغىچە ئۇنىڭدىن ئايرىلماسلىققا قارارىغا كېلىدۇ. ئۇستازى ۋاپات بولغاندا ئەبۇ ھەنىفە 40 ياشتا ئىدى. ھاممادتىن قالغان ئۇستازلىق مۇنبىرىگە ئۆتۈپ، 30 يىل ئەشۇ ماقامدا بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن ئىجتىھادلىرىنى قىلىدۇ. ئىمام ئەزەم، رەسۇلۇللاھتىن ئۆزىگىچە يېتىپ كەلگەن ئىلىم ئەنئەنىسىنى، ئۆزىدىن قالسا ئەڭ يېتىلگەن تالىپى ۋە دوستى ئىمام زۇفەرگە قويۇپ كېتىدۇ. بۈگۈن « ھەنەفىلىك » دەپ ئاتالغان فىقىھ ئېقىمنىڭ ئۇلى ئەنە شۇ 30 يىل ئىچىدە سېلىنغانىدى.

ئىمام ئەزەم بۇ مۇددەت ئاتمىش مىڭ ( سەكسەن ئۈچ مىڭ دېگەنلەرمۇ بار ) شەرئى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان، سەككىز يۈزگە يېقىن تالىپنى تەربىيلىگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇجتەھىد بولغۇدەك لاياقەتكە ئىگە كىشىلەر يېتىشىپ چىققان ۋە بۇلاردىن كۆپىنچىسى ئىسلام جۇغراپىيىسىنىڭ ھەر تەرىپىدىكى شەرئى مەھكىمىلىرىدە خىزمەت قىلىپ، ھەنەفى فىقىھ ئېقىمىنىڭ تارقىلىشىغا ۋەسىلە بولغان.

ئىمامنىڭ ھاياتىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلغان تالىپلىق دەۋرىدە ئۇنىڭ سىياسى كىشىلىكى ( خاراكتېر )مۇ ئاستا – ئاستا شەكىللىنىشكە باشلىغان. بىر كىشىلىكنىڭ يېتىلىشىدە تەلىم – تەربىيە ۋە ئۇستازلارنىڭ كىشىلىكىنىڭ ھەسسىسىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ئىمامنىڭ كىشىلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىككى ئوخشىمىغان ئىلىم زەنجىرى بار ئىدى. بىرىنى يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق. بىز تىلغا ئالغان بۇ زەنجىرنىڭ رەسۇلۇللاھقا تۇتاشقان باشقا ئىلىم زەنجىرى ئىچىدىمۇ ئۆزگىچە ئورنى بار ئىدى. بۇ ئۆزگىچىلىك، مەزكۇر شەخىسلەر تۇتۇپ ماڭغان فىقھى ئۇسۇلىدىن بەكرەك، ھاياتىدا نامايەن قىلغان سىياسى مەيدانىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

رەسۇلۇللاھتىن باشلىنىپ ئىمامى ئەزەمگە تۇتاشقان زەنجىردىكى كىشىلەر، پەقەت جەرھ ( ئۆكتىچى ) ۋە تەئدىلدىن سىقا ( ئىشەنچىلىك ) بولۇپلا قالماستىن، يەنە سىياسى بىر جەرھ ۋە تەئدىل ( ھەدىس ئۇسۇلى ئاتالغۇلىرى بولۇپ، رىۋايەت زەنجىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر بىلىم تارمىقىدۇر ) نوقتىسىدىن قارالغاندىمۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ سىياسەت فىقھىدىمۇ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بولۇپمۇ ئىمام ئەزەمنىڭ، ئۇمۇمىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ھەنەفى فىقھىنىڭ بۇ تۇنجى يېتەكچىلىرىنىڭ سىياسى دەپتەرلىرىنى ۋاراقلىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر پوزىتسىيە ۋە ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان بىر زەنجىر ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

ئەبۇ ھەنىفىنىڭ كىشىلىكىنىڭ شەكىللىنىشىدە تەسىر كۆرسەتكەن ئىككىنجى زەنجىر بولسا، زەيد بىن ئەلى، ئابدۇللاھ بىن ھەسەن، مۇھەممەد باقىر قاتارلىق ئەھلى بەيت ئىماملىرىدۇر. ئەبۇ ھەنىفە بۇلاردىن دەرس ئېلىپ، ھەدىس نەقىل قىلغان، ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدە بولغان ئىدى. بۇ ئىماملاردىن بولۇپمۇ ئىمام زەيد، ئەبۇ ھەنىفىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان. ئىمام ئەزەم بۇ ئۇستازىنىڭ قوزغىلىڭىنى رەسۇلۇللاھنىڭ بەدىردىكى ھەرىكىتىگە ئوخشاتقان ۋە ئۇنى ئۆز دەۋرىنىڭ « ھەقىقى ئىمامى / يېتەكچىسى » دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىمامنىڭ مۇشۇنداق بىر ئىلىم ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇشى، ئۇنىڭ سىياسى مەيدانىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر.

ئىمامنىڭ سىياسىتى « ئۆكتىچى » بىر سىياسەتتۇر. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئابباسىيلاردىن بىر ئاز ئۈمۈتلەنگەن بولۇپ، كېيىن ئۈمىدى يەردە قالغان قىسقا مەزگىلدىن باشقا ۋاقىتتا، ئۆمرىنى ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئۆكتىچىلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن. چۈنكى، ياش ۋاقتىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز دەۋرىدىن باشقا، ئەمەۋىلەر ۋە ئابباسىيلار ئىستىبدات ۋە زۇلۇم بىلەن سەلتەنەت سۈرگەن ئىدى.

ئىمامنىڭ خېلى ھاللىق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كېلىشى ۋە ئۆزىنىڭمۇ تىجارەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ئىقتىسادىي قېيىنىلىقلارغا ئۇچرىماسلىقى، ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ تايانچلىرىدىن بىرى بولغان ئىدى.

بوۋا كەسپى بولغان « ھاز » ( بىر خىل توقۇلما رەخت ) توقۇش ئىشىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. تىجارەتتىكى قابىلىيىتىنى قىسقا ۋاقىتتىلا ئىسپاتلىغان ئەبۇ ھەنىفە، تاۋارلىرىنى يىراق ئەللەرگىچە ئېكىسپورت قىلىدىغان بىر كارخانا قۇرۇپ چىققان ئىدى.

ئىمام ئەزەم، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن بىر تىجارەتچى بولۇپ، كۇفەنىڭ ئامانەت ساندۇقى ئىدى. ئۇنىڭ تىللارغا داستان تەقۋالىقى ۋە ئىشەنچىلىك ئەخلاقى، دوست – دۈشمەن ھەر كىمنىڭ كۆزىدە ئۇنى « ئەمىن » قىلغان ئىدى. بۇنىڭ ئۆرنىكى، شاھادىتىدە ساندۇقىدىن ئۇ زاماننىڭ دۆلەت غەزىنىسىگە تەڭ قىممەتكە ئىگە بولغان ئەللىك مىليۇن دەرھەم قىممىتىدە مال ۋە نەخ پۇل چىققان ئىدى.

ئىمام ئەزەمنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن باشقىلارغا بېقىندى بولۇپ قالماسلىقى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نوقتىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە:

  1. تارىخ بويىنچە ئالىملار ھاياتىنى ئىلىمگە ۋەقپە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، تۇرمۇشىنى باشقىلارغا تايانماستىن قامداشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان ئىدى. بۇ ئەھۋال ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق سەۋەبى بولۇپ، ھاكىمىيەتمۇ دائىم ئالىملارغا بۇ تەرەپتىن يېقىنلاشماقچى بولغان، يېقىنلاشقان ئىدى. ئالىملار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا زالىملارغا قارىتا قەددى تىك ھالدا تۇرالماي قالغان، بەزى ۋاقىتلاردا ئىلمىدە مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان. بۇ بەزىدە شۇنداق سەلبىي نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئالىمنىڭ ئىلمىنى پۇل بىلەن سېتىۋېلىشنى ئويلىغان ھۆكۈمدارلار، بۇ ئارقىلىق ئالىملارنى كېرەكسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقچى بولغان، ئەگەر قىلالىسىلا ئۇلارنىڭ ئىلىملىرىنى ئۆز سەلتەنەتى ئۈچۈن پىشاڭ قىلىپ ئىشلەتكەن ئىدى.

ئەبۇ ھەنىفەنى بۇ خەتەرگە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلاپ قالغان ئامىل، پەقەت ئىقتىسادىي بېقىندىلىقتىن خالىي بولىشى ئەمەس، ئەلۋەتتە. قول ئىلكىدە بولمىغان تەقدىردىمۇ، ھەممىگە مەلۇم بولغان تەقۋا ۋە سالاپىتى سەۋەبىدىن بۇنىڭدىن باشقا بىر مۇئامىلىدە بولالمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئىلمىدە چىڭ تۇرىشىدا ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقنىڭ رولىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. كېيىنكى مەزگىللەردە بىر « نان سۇپرىسى »غا ئايلىنىپ قالغان ئىلىم، ئىگىسىنىڭ قارنىنى تويغۇزىدىغان، لېكىن ئىززەت تاپالمايدىغان بىر « كەسپ »كە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بۇ سەۋەپتىن ئالىملارنىڭ ھۆكۈمدارلار ئۈستىدىكى تەپ تارتقۇزىدىغان كۈچى يوقۇلۇپ، ئۇلارغا  ئېلىپ ساتقىلى بولىدىغان  بىر « ماتا » نەزرى بىلەن قاراش شەكىللىنىشكە باشلىغانىدى.

  1. ئەبۇ ھەنىفە، بىساتىنى پەقەت ئۆز ئىلمىدە چىڭ تۇرۇش ئىرادىسىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈنلا سەرپ قىلمىغان بولۇپ، زاماندىشى بولغان ئالىملارنىڭ ۋە تالىپلىرىنىڭمۇ ئىھتىياجىنى قامداپ، ئۇلارنى ھاكىمىيەتكە بېقىنىپ قېلىشتىن ساقلاپ قالغانىدى.

بىر قېتىم داڭلىق مۇھەددىس ئىبراھىم بىن ئۇيەينە تۆت مىڭ دەرھەم قەرزىنى قايتۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغان ئىدى. دوستلىرى ئۇنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن پۇل يىغىشقا چىقىپ، ئەبۇ ھەنىفىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ. ھالبۇكى ئىبراھىم بىن ئۇيەينە ئەبۇ ھەنىفىگە قارشى ئىدى. ئۇنى ۋە مەجلىسىنى يامان كۆرەتتى. ئىمام ئۆزىنى كەلسە – كەلمەس ئەيىپلىگەن بۇ زاتنىڭ قەرزىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز يېنىدىن تۆلەپ، باشقىلادىن يىغقان پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۋەتكەنىدى[1].

بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئىبراھىمنىڭ قېرىندىشى سۇبيان بىن ئۇيەينە، « كۆزلىرىم ئەبۇ ھەنىفەدەك بىرىنى كۆرمىدى » دېگەنىدى.

ئۇ، زاماندىشى بولغان ئىبن ئەبى لەيلا، ئىبىن شۇبرۇمە ۋە ئۇستازلىرى ھامماد ۋە شابىگە دائىم ئىقتىسادىي ياردەم قىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇھتاج بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى نەزەرگە ئالغان ھالدا ئېھتىياجلىرىنى قامدايتتى. يەنە ئۆرنەك سۈپىتىدە، ئوغلى ھاممادقا فاتىھەنى ئۈگىتىپ قويۇش شەرتى بىلەن، بىر ئالىمغا مىڭ دىنار بەرگەنلىكىنى مەككى نەقىل قىلىدۇ.

تالىپلىرىنىڭ ھەم قەلبى ھەم روھى ھەمدە جىسمانى ئېھتىياجلىرىنى قامدىغان ئىمام، يوقسۇل بولغان داڭلىق شاگىرتى ئەبۇ يۈسۈپنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداپلا قالماستىن، ئائىلىسىنىڭمۇ ئېھتىياجىنى قامدىغان ئىدى.

  1. ئىمام ئەزەم فىقھىنى باشقا فىقىھ ئېقىملىرىدىن ئۆزگىچە قىلغان ئالاھىدىلىكلەردىن بىرسى، ئىقتىسادىي مۇئامىلىگە ئالاقىدار ھۆكۈملەردىكى توغرا جاۋاپ ۋە ھاياتقا ئۇيغۇن بولىشى ئىدى. ھەممىگە مەلۇمكى، بۇ خىل مەسىلىلەرنى بۇ كەسپنى ئوبدان بىلىدىغانلار ياخشى ھەل قىلالايدۇ. ئىمامنىڭ كەسپىنىڭ تىجارەت بولىشى، ئىسلام تىجارەت قانۇنى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت بولغان ۋە ئىسلام تىجارەت قانۇنى بۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن نەرسىگە ئېرىشكەن ئىدى.

ئىمام ئەزەم، بەنى ئۇمەييە ھاكىمىيىتنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىگە كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ شاھىت بولۇپ كەلگەن بولۇپ، پۇرسەت تاپسىلا ئۇلارنى تەنقىت قىلىشتىن يالتىيىپ قالمىغانىدى. ھەدىس ئۈگەنگەن ئۇستازى ئىمام زەيدنىڭ قوزغىلىڭى، ئەبۇ ھەنىفە ئۈچۈنمۇ مۇشەققەتلىك يىللارنىڭ باشلانغۇچى بولغانىدى.

كەربالا قەتلىئامىدىن ساق قالغان ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ بىردىنبىر ئەۋلادى ئەلى زەينەل ئابىدىننىڭ ئوغلى ئىمام زەيد، ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن بىر ئېقىم ( زەيدىييە )نىڭ قۇرغۇچىسىدۇر. پەقەت ئىلىم بىلەن مەشغۇل بولغان ئىمام زەيد، شۇ دەۋرنىڭ خەلىپىسى ھىشام بىن ئابدۇلمەلىكنىڭ كۇپۇرلۇق قىلىشى ۋە بۇزغۇنچىلىقلىرىغا كۆز يۇمالماي، بوۋىسى يېرىم قويۇپ كەتكەن ئىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

كۇفەدە ئۆزىگە ئون مىڭلىغان كىشى بەيئەت قىلغان بولسىمۇ، بوۋىسىغا قىلىنغان خائىنلىق ئۇنىڭغىمۇ قىلىنىدۇ. قوزغىلاڭ قارار قىلىنغان كۈن يېتىپ كېلىپ، قۇلاقتىن قۇلاققا پىسىلدالغان « يا مەنسۇر » پارولىغا ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشى ساداقەت كۆرسەتتى.

خىيانەتنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن قورقۇنۇشلۇق جىنايەتلەر، ئىمام زەيدنىڭ ئالدى بىلەن دارغا ئېسىلىپ ئاندىن جەسىتىنىڭ كۆيدۈرۈلىشى ۋە ئوغلى يەھيانىڭ يېتەكچىلىكىدە خۇراساندا، نەۋرىسى ئابدۇللاھ يېتەكچىلىكىدە يەمەندە، تۆكۈلگەن ھەددى – ھېساپسىز قان ۋە قىرغىنچىلىق بىلەن ئاياقلاشقان ئىسيانلار يۈز بەردى.

ئىمام ئەزەم ئۇمەييە جەمەتىنى خىلاپەتكە لايىق دەپ قارىمايتتى. ئۇلارغا خەلىپىلىكنى تارتىۋالغۇچى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئىمام زەيدنىڭ كۇفەدە ئەمەۋىلەرگە قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلىڭىغا قارىتا مۇنداق دېگەن ئىدى:

« ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى رەسۇلۇللاھنىڭ بەدىردىكى ھەرىكىتىگە ئوخشايدۇ ».

بۇ قەدەر قوللىغا قوزغىلاڭغا نېمىشقا قېتىلمىغانلىقى سورالغاندا مۇنداق دېگەن:

« يېنىمدا ئىنسانلارنىڭ ئامانىتى بار ئىدى. ئۇلارنى ئىبن ئەبى لەيلاغا ئۆتكۈزۈۋېتىشنى ئىستىدىم، قوبۇل قىلمىدى. مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلمىغان ھالەتتە ئۆلۈشتىن قورقىمەن… »[2].

مەككىنىڭ رىۋايىتىدە، ئىمامى زەيدنىڭ ئەلچىسى ئۇنى زەيدنىڭ قوزغىلىڭىغا چاقىرىپ كەلگەندە، ئەلچىگە مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ:

« ئەگەر ئىنسانلارنىڭ، بوۋىسى ھۈسەيىننى تەرك قىلغىنىدەك ئۇنىمۇ يېرىم يولدا تاشلاپ قويمايدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولغان بولسام ئۇنىڭغا قوشۇلغان، ئۇنىڭ ئارقىسىدا جىھاد قىلغان بولاتتىم. چۈنكى ھەقىقى ئىمام ئۇ ئىدى. لېكىن مەن ئۇنىڭغا مېلىم بىلەن ياردەم قىلىمەنكى، ئۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنى قوغدىسۇن ». ئاندىن ئەلچىگە بۇرۇلۇپ ئېيتتىكى: « ئۆزرەمنى ئىمامغا يەتكۈزگىن! » دېدى ۋە ئۇ ئەلچىدىن ئىمام زەيدكە ئون مىڭ دەرھەم ئەۋەتتى. باشقا بىر رىۋايەتتە كېسەللىكى سەۋەبىدىن ئۆزۈر ئېيتقان ئىدى[3].

[1]  مەككى، « مەناقىبۇ ئۇبى ھەنىفە»، 240 – بەت

[2]  قەردەرى، « مەناقىبۇل ئىمامىل ئازام »، 267 – بەت

[3]  مەككى، « مەناقىبۇ ئۇبى ھەنىفە»، 239 – بەت