ئاشقۇنلۇق ۋە بىپەرۋالىق ئارىسىدا

مەزھەپ ھەققىدىكى ئاشقۇن پوزىتسىيىنىڭ ئايرىمچى ئالاھىدىلىكى، مەزھەپداشلىقنى دىنداشلىقنىڭ ئالدىغا قويۇۋېلىش، مەزھەپ مەستانىلىقىنى دىنغا بولغان مەنسۇبىيەتتىن ئۈستۈن تۇتۇشتۇر. كىشىلەرنىڭ مەزھەپ مەستانىلىقىنىڭ شەرئى چەك – چېگرالاردىن ھالقىپ « مەن ھەق تەرەپتە » دېيىشنىڭ ئورنىغا، « ھەق مەندە » دېيىشكە جۈرئەت قىلىشىدۇر. بۇ ئاشقۇن پوزىتسىيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى – ياقتۇرمىساقمۇ « مەزھەپچىلىك » قىلىش بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا مەزھەپ، ئەگىشىپ ماڭىدىغان بىر فىقھى ئېقىمى بولۇشتىن چىقىپ تەزگاھ ( يايما تاختىسى )تا بازارغا سېلىنىدىغان، ئىستىمالغا قولاي بىر تاۋارغا ئايلىنىدۇ. كىشىنىڭ مەنسۇپ بولغان مەزھىپىگە بۇنىڭدىنمۇ چوڭراق بىر ھاقارەت قىلالايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيمەن. بىر نان ساتقۇچىنىڭ تەزگاھىغا بولغان قارىشى بىلەن مۇنداق بىرىنىڭ مەزھىپىگە بولغان تونۇشىنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق.

بۇ نوقتىدا ( ئاللاھ كەمچىلىكلىرىنى ئەپۇ قىلسۇن ) دەۋرىمىزگە ئۇستازلىق قىلغانلارنىڭ سەلبى پوزىتسىيىسىنىڭ ئۈلۈشىنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەك.

كۆپىنچىسى، زامانىمىزدا ياشاۋاتقان ئىسلام ئالىملىرىمىزغا بولمىغۇر ئىسىملارنى قويۇپ، ئۇلارغا يوق نەرسىلەر بىلەن تۆھمەت چاپلاپ، ياشلارغا نىشان تاختىسى قىلىپ كۆرسىتىپ، خەلقىگە ئەجرى سىڭگەن، ئىسلامنىڭ ئىلىم ۋە كۈلتۈر مىراسلىرىغا ئۇنتۇلماس تۆھپىلەرنى قاتقان بۇ ئىنسانلارنى بىر بۇزغۇنچى، مەزھەپسىز، ھەتتا مەزھەپ دۈشمىنى دەپ تەسۋىرلەش ۋە سۈپەتلەش، بۇ مۆھتىرەم ئۇستازلاردىن بىزگە قېپقالغان تېتىقسىز مىراس بولۇپ قالدى. بۇنىڭ قالدۇرغان ئەڭ بۈيۈك يارىسى، ئىلىمگە ۋە كەسىپكە ھۆرمەتنىڭ يوقۇلىشىدۇر.

بىر نەرسىلەرنى « مۇھاپىزەت » قىلىمەن دەپ يولغا چىققان بۇ ئىنسانلار، بىلىپ – بىلمەي ئۆزى دەسسىگەن شاخقا پالتا چاپقان بولۇپ، « ئىلىمگە ۋە كەسىپكە ھۆرمەت » مانا بۇ شاخنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. بىر نەسىلگە نەسىھەت قىلىش ماقامىغا ئىگە بولغانلار بۇ يامان چىغىر يوللارنى ئېچىش بىلەن تەڭ، ئۆزلىرى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغان پوزىتسىيىگە قايتىدىن يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن بولدى. شۇنىڭ بىلەن سۈپۈرۈپ تاشلىماقچى بولغان ھەر كىم ئۇ يوچۇقتىن كىرىشكە باشلىدى. ھەددىن ئېشىش پەقەت ئۇستازلارغىلا خاس ئەمەس ئىدى. بۇ مەسىلىدە شاگىرىتلار ئۇستازلاردىن بەكرەك جەسۇرلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى ۋە ئۇستازلىرىمۇ نېسىۋىسىنى ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ چىغىر يولنى ئاچقانلارمۇ نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى. ئۆزلىرى باش بولۇپ ئاچقان بۇ يامان يولنى ئوڭشاشقا ياناشماستىن، بەزىلەر بۇ دۇنيادىن كۆچتى. ئوتتۇرىدا ھېچنېمە قالمىغانىدى. ھەركىم خالىغىنىنى « تەنقىتلەش » نامى بىلەن سۈپۈرۈپ تاشلىيالايتتى.

ھەر ئاشقۇنلۇق، بىر بىپەرۋالىقنىڭ ھارامدىن تاپقان بالىسىدۇر. بۇ مەزھەپ مەسىلىسىدىمۇ مۇشۇنداق بولدى. ئۆزلىرىنى مەزھەپنى قوغدىغۇچى ماقامىدا كۆرگەن ئىنسانلار، ئىسلام كۈلتۈر مىراسىغا مۇھىم تۆھپىلىرى سىڭگەن بەزى كونا – يېڭى ئۆلىمالارنى سەۋىيەسىزلەرچە ۋە بىپەرۋالىق بىلەن « مەزھەپسىزلىك » گۇناھىغا نىشان قىلغان ۋاقتىدا، بۇنىڭغا قارىتا بېرىلگەن ئىنكاسلارمۇ ئوخشاش تۈردىن بولدى.

ئاللىبۇرۇن ھەددىدىن ئېشىپ، چېگرالار يېمىرىلىپ تاشلانغانىدى. كەسىپنىڭ سىرتىدىكى مەسلىلەر ھەققىدە سۆز قىلىش ئاجايىپ مودا بولغان بولۇپ، « لاياقەت » دەيدىغان بىر ئۆلچەم ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلغان ئىدى. ئاۋام تەتۈر تەشۋىقاتقا ئىشىنىشكە تېخىمۇ يېقىن ھالغان كەلتۈرۈلگەن، بۇ ھەقتىكى سەزگۈرلىكى قارىغۇلارچە مەستانىلىقنىڭ قۇربانى قىلىنغان ئىدى. بۇ ھالەتنى بىر كەلىمە ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپ بېرىدۇ: « سۈپۈرۈپ تاشلاش ».

ئۇستازلارنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى شاگىرىتلىرىغا ئۆتكەندە ئەھۋال تېخىمۇ ۋەھىمىلىك بولدى. تۇغۇپ قويغان ئاشقۇن مۇئامىلىنىڭ قولىغا، سۈپۈرۈپ تاشلاشتىن ئىبارەت بىر قىلىچنى تۇتقۇزغان « بىپەرۋا مۇئامىلە »، نەتىجىنىڭ بۇ قەدەر قورقۇنۇچلۇق نوقتىلارغا بارىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۆزلىرىنى « ياشلارنىڭ مېمارلىرى » ئورنىدا كۆرگەنلەر، پۈتۈن گۇناھنى سىرىتتىن كەلگەن ئەڭ كىچىك تەسىرگە دەرھاللا ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئۇلسىز بىنادىن ئىزدىمەي، بۇ چۈرۈپ كەتكەن بىنانى لىڭشىتقان شاماللاردىن ئىزدىدى. بۇ سەۋەپتىن تەرجىمە ئەسەرلەرگە قارشى مەناسىز بىر جەڭ ئېلان قىلغاندەك، يەرلىك بولمىغان ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلارغا ياخشى كۆزدە قارىمىدى.

قۇياشنىڭ زىيانلىق نۇرلىرىنى سۈزۈپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ ئورنىغا قۇياشنى ئەيىپلەشكە، توسۇشقا ئۇرۇنغان بۇ پوزىتسىيە ئەبەدىي داۋام قىلالمايتتى، ئەلۋەتتە. مۇسۇلمان ئامما بىلەن ئىسلامنىڭ ئالەمشۇمۇل كۈلتۈر مىراسى ئارىسىغا سېلىنغان سۈنئىي تاملار بارلىق تىرىشچانلىقلارغا قارىماي، پۇت دەسسەپ تۇرالماي بىر يەرلەردىن يېقىلىشقا باشلىدى. بۇ بىر ئىلگىرىلەش ئىدى. ئەمما ئانچە ساغلام دەپمۇ كەتكىلى بولمايتتى. بۇ قېتىم تەييارلىقسىز ئۇچرىغان بۇ زەربىنى سىڭدۈرەلمەسلىك باش كۆتۈرۈپ چىقتى. تەڭپۇڭسىزلىق، قارشى قۇتۇپتا ئۆزىگە بىر دۈشمەن قېرىنداش تېپىۋالغانىدى.

بارلىق بۇ « مۇتەسسىپ » مۇئامىلىلەر يېڭى بىر دولقۇنغا سەۋەپ بولغان ئىدى. بۇ دولقۇننىڭ ياش مەنسۇپلىرى « دىن » ئىسىملىك بۇ قىيىن ۋە مۇشەققەتلىك يولنىڭ، قولىدا چوغ تۇتقان يولۇچىسى بولۇش لاياقىتى ئىچىدە، ئالدىدىكىلەرگە يېتىشىۋېلىشنىڭ نەقەدەر جاپالىق ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن، تېخىمۇ ئەرزان ۋە ئاسان بىر يولنى كەشىپ قىلغان ئىدى: لاياقىتى بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن يولدىكى مەۋجۇدىيىتىنى، جىنايىتى بىلەن ئىسپاتلاش… يەنى تىلىنىڭ ئۆتكۈر بىسى بىلەن ئۆزىدىن بۇرۇن يولغا ئاتلانغانلارنى تەلتۆكۈس سۈپۈرۈپ تاشلاش. قەھرىمانىمىزنىڭ تۇنجى قۇربانلىرى ئەڭ ئاخىرقى ئالىملىرىمىز بولۇپ، ئارقىدىن چېكىنىش ۋە تۇرغۇنلۇققا يۈز تۇتقان دەۋرلەرنىڭ بارلىق مىراسلار سۈپۈرۈپ تاشلىنىپ، نۆۋەت مۇجتەھىد ئالىملارغا كېلەتتى. ئۇلارمۇ تازىلانغاندىن كېيىن، سەدرى ئىسلامدىكى ئۈچ ئەۋلات ئالدىغا چىقاتتى. يەرلىك ۋە چەتئەللىك مۇستەشرىقلارنىڭ ( شەرقشۇناسلارنىڭ ) ياردىمى بىلەن ئۇلارمۇ سۈپۈرۈپ تاشلانغاندىن كېيىن، يولدا پەقەت رەسۇلۇللاھ ( سۈننەت ) ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قەھرىمانىمىز قالغان ئىدى. ئەگەر جۈرئىتى ئۇنىمۇ تولدىن تازىلاشقا يەتكۈدەك دەرىجىدە تولۇپ – تاشقان بولسا، مۇرادىغا يېتىشنىڭ بەرگەن تەسىرى بىلەن ئەمدى قىلالايدىغان ئىش ئېنىق ئىدى: يا يولنى تەرك ئېتىپ، ئۆزىگە تازلايدىغان باشقا يوللار تېپىش، ياكى بولمىسا جىنايەت قۇرالىنى ئۆزىگە توغرۇلاپ بىر مەنىۋى ئۆلىۋېلىش بىلەن بۇ جەرياننى ئاخىرىلاشتۇرۇش.