خۇلاسە

مۇكەممەل ۋە تاماملانغان بىر پۈتۈننىڭ ئىسمى بولغان « ئىسلام »، خىلاپەتنىڭ سەلتەنەتكە ئايلىنىپ كېتىشى بىلەن پارچىلانغاندىن كېيىن، ئوتتۇرىغا مانا مۇشۇنداق كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان مەنزىرە ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئۆزئارا بىر – بىرى بىلەن جېدەللەشكەن، بىر – بىرىنى كاپىر دېگەن، قانلىق غەۋغالارغا كىرىشكەن، ئۈزلۈكسىز بۆلۈنۈشلەر بىلەن ئېغىر ئېمتىھانغا كىرگەن ئۈممەتنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى، يا بۇ جىدەللەردىن بىخەۋەر ياكى شەرت – شارائىتى سەۋەبىدىن راشىد خەلىپىلەر سىزىپ بەرگەن يول بىلەن ئېتىقاد قىلىپ مېڭىۋەرگەن. ئەمما بۇلار مۇتلەق كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلىش بىلەن بىرگە، جەمىئىيەتنىڭ ئادەتتىكى كىشىلىرى ئىدى. بارلىق توپلۇمدا مەيدانغا كەلگەن ئەمەلى، پىكرى ۋە ئەقىدىۋى بوران – چاپقۇنلاردا بۇ گۇرۇپپا دائىما ئوتتۇردا تۇرۇپ كەلگەن. بارلىق ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ مەركىزىدە غوللۇق كىشىلەر يەر ئالغان بولۇپ، بۇ غول ئېقىم جەمىئىيەتنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلغان مۇتلەق كۆپ سانلىققا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلىگەن بولسا، شۇنچىلىك نىسبەتتە مەقسىتىگە يەتكەن ئىدى. مەزكۇر ئىختىلاپلاردىمۇ بۇ قانۇنىيەت ئۆزىنى نامايەن قىلغانىدى. مەزكۇر تالاش – تارتىشلار مەدىنە، كۇفە، شام، بەسىرەگە ئوخشاش ئىلىم مەركەزلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، كۆز قاراشلار ۋە رەددىيەلەر، ئىنقىلاپلار ۋە ئۇنىڭ مۇخالىپلىرى ھەممىسى دېگۈدەك مۇشۇنداق مەركەزلەردە تۇغۇلغان ئىدى.

مۇشۇنداق بىر قالايمىغانچىلىق ئىچىدە ھەر شەيئى خۇددى ئاتومغا ئوخشاش ئىچىدىن پارچىلىنىشقا تەييار ئىدى. ئاخشام ئوخشاش چۈشەنچىدە بولغان، بىر سەپتە كۆرەش قىلغان ئىنسانلار، بىر قارىسىڭىز كىچىككىنە بىر ئىختىلاپ تۈپەيلى ئەتىسى پارچىلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەستىن بۇ كىچىك ئىختىلاپلار چوڭايغان ۋە رەسمىي رەقىپ بولۇپ شەكىللەنگەن؛ تۈنۈگۈن كىملەرگىدۇ قارشى بىر سەپتە كۆرەش قىلغان ئىنسانلار، بۈگۈن بىر – بىرىگە قارشى كۆرەش قىلىدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى.

سىففىندە نەيزىلەرنىڭ ئۇچىغا قادالغان قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ قانداق كارغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرگەن قارىمۇ – قارشى گۇرۇپپىلار، بىر – بىرىگە قارشى ئوخشاش ئۇسلۇبنى قوللىنىپ غالىپلاردىن بولۇشقا تىرىشقان، تىلىغا ئايەتنى ئېلىۋالغانلار « سەللى سەيف ( تىغ ئۇزتۇش ) » ئورنىدا ئىشىلەتكەنىدى. بەزىلىرى ئايەت بىلەن كۇپايىلەنمەي، ئۇنىڭغا قوشۇپ قانۇنلاردىنمۇ ياردەم ئېلىشقا تىرىشقان.

ئەسلىدە كۆپىنچىسى ياخشى نىيەتلەر بىلەن يولغا چىققان پىرقىلەر، قارىغۇلارچە ئەگىشىشنىڭ تەسىرى بىلەن قىسقا مۇددەت ئىچىدە بىر – بىرىگە دۈشمەن قۇتۇپلارغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى. پىرقىلەرنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قارالغان كىشىلەرمۇ، ئۆزلىرى قۇردۇم دەپ ئويلىغان ھىزىپلىرىنى تونۇيالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان، ياخشى نىيەت بىلەن ئاتلانغان ھەرىكەتنىڭ قانداق قىلىپ ئەسلى مەقسەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىمۇ گاڭگىراپ قالغانىدى، بەلكىم. ئوخشاش ئېقىمدىكى كىشىلەر بىر – بىرىنى، ھەتتا ئېقىمنىڭ قۇرغۇچىسىنى كاپىر دېيىشتىن تەپ تارتمىغانىدى.

تارىخنىڭ بۇ تىلىمىغا قارىغان ۋاقتىمىزدا، ھەر دائىم كۆرۈلگەن خاتالىقنى سادىر قىلىشنى خالىمايمىز. ھىزىپلەرنى بىرەر تارىخى ھادىسە دەپ قاراپ ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش ۋە ئىسلامى ھەرىكەتنىڭ تەجرىبە غەزىنىسىگە قوشۇشنىڭ ئورنىغا، تولىسى ئۆتۈپ كەتكەن، مەنسۇپلىرى قالمىغان ھىزىپلەر ۋە ئىنسانلارغا تا نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن تاش ئېتىش؛ بۇنى قىلغاندىمۇ ئۈممەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئەمەس، مەشرىپىنىڭ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىش توغرا بىر ئۇسلۇب بولمىسا كېرەك. ئەگەر تەنقىد قىلىنىدىغان بولسا، بۈگۈن ئۈممەت ئۈچۈن خەۋپ تەشكىل قىلىدىغان چۈشەنچىلەر ۋە ئېقىملار تەنقىد قىلىنىشى، تەنقىد قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنىڭ تەتۇرسىنى قىلىشتەك ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئىسلامى ھەرىكەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇشىمىز، تەنقىد قىلغاندا ئادىل ۋە ھېسسىياتتىن يىراق ھالدا ئېغىر بېسىق بولۇشقا دىققەت قىلىشىمىز لازىم.

بۇ دەۋرلەردە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ئېقىملارنىڭ ھېچقانداق ياخشى تەرىپى يوقمىدى زادى؟ بۇنىڭغا « يوقتى » دېيىش، باشتا ۋەقەلەر يۈز بەرگەن دەۋر ۋە ئۇ دەۋردە ياشىغان نەسىلنىڭ ئىسلامنىڭ دۇنياغا كېلىش تارىخىدىكى ئۆزگىچە ئورنىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقتۇر.

مەيلى شىئە، مەيلى مۇرجىئە، مۇتەزىلە ۋە خارىجىيە بولسۇن، بۇلارنىڭ دەسلەپكى ئانا ئېقىملىرى زامان ئېتىبارى بىلەن ھىجرى بىرىنچى ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغان ۋەقەلەر، باشقا بىر رايۇندا مەيدانغا كېلىپ، كېيىن ئىسلام جەمئىيىتىگە ئېلىپ كىرىلمىگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر – كۆپتۇر ئەسرى سائادەتنىڭ بىرىنچى، ئىككىنجى ۋە ئۈچىنچى ئەۋلات ( ساھابە، تابىئىن، تەبەئۇتتابىئىن ) كىشىلىرى تەبىئىي ھالدا بار ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە چۈشۈنشمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئەلۋەتتە بۇ « ئىنسانلار »مۇ بارلىق ئىنسانلار توپىغا ئوخشاش « ئىنسانلىق »ىنى قىلغان ئىدى.

ئىسلامنىڭ مۇكەممەل بىر پۈتۈنلىكى پارچىلانغاندىن كېيىن، ھەر ھىزىپ ھەقىقەتنىڭ بىر پارچىسىنى قوللىرىغا ئالغان ئىدى. مەسىلەن، شىئە تەۋرەپ قالغان ئادالەتنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسا، مۇرجىئە يوقاپ كەتكەن مېھرى – مۇھەببەت مۇھىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن « ئىمان سۆيگۈدۇر » دەپ ئاشۇرۇۋەتكەن ئىدى. خارىجىلەر مۇرجىئەنىڭ باتىنيلىكىگە جاۋابەن غايىپ بولغان « ئەمەل » نى ئۇلۇغلايمەن دەپ ئۇنى ئىلاھلاشتۇرىۋالغان، مۇتەزىلە بولسا « ناس » تىجارىتى بىلەن يانچۇقىنى توملىغان ۋە ئەمرى بىلمەئرۇف نەھيى ئەنىلمۇنكەرنى پىتنە سانايدىغان مەجرۇھ چۈشەنچىگە قارشى، ئەقىلنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ زىندىقلارغا قارشى تەۋھىدنى، زالىم ھاكىمىيەتكە قارشى ئەمرى بىلمەئرۇف نەھيى ئەنىلمۇنكەرنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ئىدى.

« جەھەننەمگە بارىدىغان يوللار ياخشى نىيەت تاشلىرى بىلەن بېزەلگەن » دېگۈچى ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئېيتقان ئىكەن. بۇ ھەقىقەت پارچىلىرى بەزى ھىزىپلارنىڭ ئاشقۇنلىقىنى توسىيالمىغان، پارچىلانغان ھەقىقەت ھەقىقەت بولۇشتىن چىقىپ، ساھىبىنىڭ قولىدا ھەقىقەتنى قەتىل قىلىدىغان بىر ۋاستىگە ئايلانغان ئىدى. مەسىلەن، مېھرى – مۇھەببەت ھەقىقىتىنى تىلىدىن چۈشۈرمەيدىغان مۇرجىئە، ۋىزانتىيەنىڭ دۆلەتنىڭ دىنغا ئارلىشىۋېلىش ئەنئەنىسىنى تۇنجى بولۇپ ئىسلامغا سۆرەپ كىرگەن ھىزىپ ئىدى. مۇرجىئە، نەچچە ئەسىردىن بۇيان تالاش – تارتىش قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە پىداكار ئىنسانلارنىڭ ئۆمۈرلۈك غەيرىتى بىلەن ئەسلى سۈزۈكلىكىگە قايتۇرۇلۇشقا ئىنتىلىۋاتقان ھەدىس ئېقىنىنى بۇلغاش بىلەن، بۈگۈن يىلتىزى قۇرۇپ كەتكەن خارىجىلەردىنمۇ بەكرەك ئېغىر ۋە ئىزى ئۆچمەس زىيان يەتكۈزگەن ئىدى. ھەر دەۋر ۋە ھەر توپلۇمدا بۇ ئېقىملار بىلەن ئوخشاش چۈشەنچىگە ئىگەن ئىنسانلار چىقىشى تەبىئى بىر ئەھۋال. بۇ ئەسرى سائادەتتىمۇ بولغان. خارىجى رەئىسى ئابدۇللاھ بىن زىلھۇۋەيسىرا بۇنىڭغا بىر ئۆرنەكتۇر. بۇ قىسمەن ۋە يالغۇز ئۆرنەكلەردىن يولغا چىقىپ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىسەك توغرا بولماس. لېكىن، بۇ ئەقىدە شەكىللىرى تەشكىللىك ۋە گۇرۇپپىلاشقان ئەھۋال ئاستىدا ئىش ئۆزگەرمەكتە، بولۇپمۇ قولىدا دۆلەت كۈچىمۇ مەۋجۇت بولىدىغان بولسا، بۇ ئۇمۇمىيۈزلۈك بىر ئېزىش دېگەنلىكتۇر. زامانىۋى مۇرجىئەنىڭ بۈگۈنكى ھالىتى بۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

شۇنداق، ھىجرى بىرىنجى ئەسىرنىڭ سىياسى، ئېتىقادى ۋە فىقھى مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىمىزغا قويغان ۋاقتىمىزدا، ئىچىدىن چىقالمايدىغان بۇ مالىمانچىلىقتا، بىرسىنىڭ چىقىپ پارچىلانغان ھەقىقەتنى پۈتۈنلەشتۈرىشى ۋە مۇۋازىنىتىنى يوقاتمىغان تۇنجى ئۆرنەككە ئۇيغۇن بىر ئېقىم شەكىللەندۈرىشى كېرەك ئىدى.

بۇ شۇنداق بىر مۇئامىلە بولىشى كېرەككى، ئېزىلگەن مەزلۇملارنى ھىمايە قىلغاندا ئۆزى ئەمەل، سۆز ۋە پىكرى جەھەتتىن بىر زۇلۇم سادىر قىلىپ قالماسلىقى، باشباشتاقلىق ۋەيا ئادىل ھاكىمىيەتسىزلىكنى رەت قىلغان ۋاقىتتا، مەۋجۇت ھاكىمىيەت ۋە تۈزۈمنى ھىمايە قىلغۇچىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى، نە ئەقلىنى مۇرجىئەگە ئوخشاش قەلبىگە، نە قەلبىنى مۇتەزىلە كەبى ئەقلىگە، نە خارىجىلەر كەبى ھەر ئىككىسىنى سۆز ۋە بىلەككە قۇربان قىلىۋەتمەسلىكى كېرەك ئىدى.

بۇ پوزىتسىيىنى سېستىمىلاشتۇرۇش بىلەنلا قالماي، ئۇنى ھاياتىدا نامايەن قىلغانلاردىن  بىرى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەدۇر.

ئۇ، ئىختىلاپلارنىڭ باشلانغۇچىدىن ئۆزى ياشىغان دەۋرگىچە بولغان زاماندا، ئۇسلۇبى ئۆرنەك ئېلىنىپ، ھاياتى ئۆرنەك ئېلىنمىغان « جۇمھۇر ئۆلىما »نىڭ چۈشەنچىسىنى توپلاپ رەتلىدى ۋە ھاياتى بىلەن ئۆرنەك بولدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئەلۋەتتە بۇ ھەقتە ئويلانغان، يازغان، ياشىغان كىشىلەر بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. لېكىن بۇلار يالغۇز قالغان ۋە بۇ ئوتتۇراھال يول بىر خىل ئۇسلۇب بىلەن ئۆرنەكلىك ھالغا كەلتۈرۈلمىگەن ئىدى. ھەم سىياسەتتە، ھەم فىقىھتا ئىمام بولغان ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ھاياتى ۋە كۆز قاراشلىرى، ئۆزىنى ئۇنىڭغا نىسبەت قىلغان زامانىمىزدىكى ئالىملارنىڭ تەسلىمىيەتچى پوزىتسىيەلىرى ئالدىدا تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇيەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈشنىڭ پايدىسى بار دەپ قارايمەن. ئىسلام تارىخىدا ھەر خىل چۈشەنچىلەرگە كۆپلىگەن ئۆرنەكلەر تېپىش مۇمكىن. تارىختىن ئۇنىڭ ئۆرنىكىنى تاپقانلىق، ئۇنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە سەۋەپ بولالمايدۇ. ئەسلى مۇھىم بولغىنى ئۇلار ئىچىدىن يوللۇق بولغانلىرىنى ئېلىشتۇر. تارىخمىز پەقەت خائىنلاردىن، ئەخمەقلەردىن، نادانلاردىن، زالىملاردىن ۋە خارلاردىنلا تەشكىل تاپقىنى يوق. بۇ تارىخنىڭ نەبەۋى يولىنى تەمسىل قىلغان سادىقلار، شېھىتلەر، مۇجاھىد ۋە مۇتتەقى ئالىملىرى، ئىززەت بىلەن ئۆلۈشنى خارلىق ئىچىدە ياشاشتىن ئەلا بىلگەن ئېسىل ئىنسانلىرىمۇ بار.