بەنى ئۇمەييەنىڭ زۇلمىنى ئاقلىغان، ئىمان – ئەمەل ئارىسىنى ئايرىش ئىشىنى ھاكىمىيەتنىڭ پايدىسىغا ئىشلەتكەن مۇرجىئەلەر بىلەن « قىيامچى / قوزغىلاڭچى مۇرجىئە » نىڭ « ئىرجا » ئېتىقادى بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. قىيامچى مۇرجىئە ئىككى يۈزلىمىچى مۇرجىئەدىن خېلى كېيىن، ئىراقنىڭ شەرقىدىكى يېڭى فەتىھ قىلىنغان رايۇنلاردا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلار زالىم ھاكىمىيەتنى ئەمەس، زۇلۇمغا ئۇچرىغان مەزلۇملارنى ھىمايە قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولغاندەك ئەمەۋىلەر، ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز خەلىپىلىك ماقامىغا ئولتۇرغىچە بولغان ئارلىقتا، يېڭى فەتىھ قىلىنغان رايۇنلارنىڭ مۇسۇلمان بولغان ئاھالىلىرىدىن مەجبۇرىي ھالدا جىزىيە ئالاتتى. ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز، « ئاللاھ مۇھەممەدنى غەللە – پاراقچى قىلىپ ئەۋەتمىدى! » دەپ بۇ زۇلۇمغا خاتىمە بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، بولۇپمۇ خۇراسان ۋە ئەتراپىدىكى تۈركلەر ۋە باشقا قەۋملەر مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن، جىزىيە كىرىملىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن قاخشىغان غەللە – پاراقچىلار بۇ ئىشقا بىر چارە تېپىشنى تەلەپ قىلاتتى. كىشىلەرنىڭ ۋە يېڭى فەتىھ قىلىنغان جايلاردىكى خەلقنىڭ توپ – توپ بولۇپ ئاللاھ نىڭ دىنى ئىسلامغا كىرىشىنى، جىزىيەدىن قېچىش دەپ چۈشۈنەتتى. بۇنىڭغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى مۇسۇلمان بولغان بۇ خەلقلەرنى ئازغۇن قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشاتتى، بوغۇزى قوللىرىدا تۇتۇلغان بەزى ساراي موللىلىرىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق، بۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقى ھەققىدە يالغان – ياۋداق نەرسىلەرنى تارقىتاتتى.

بۇ سەۋەپتىن، بۇ دەۋردە ياشىغان، بولۇپمۇ ئەرەپ بولمىغان مەشھۇر زاتلاردىن « زىندىق » لىق تامغىسى ئۇرۇلغانلارغا، ئۇلار ھەققىدە بىر ئۇۋالچىلىققا سەۋەپ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.

ئەمەۋى ھاكىمىيىتى ھىجرى 110 – يىلدا جىزىيە كىرىملىرىدىن مەھرۇم قالغان غەزىنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، دىنغا توپ – توپ كىرىشنى قېيىنلاشتۇرىدىغان بەزى تەدبىرلەرنى ئالدى. بۇ تەدبىرلەردىن بىرسى، بىر ئەجەم ( ئەرەپ بولمىغان )نىڭ مۇسۇلمان ھېساپلىنىشى ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان يېڭى شەرتلەر ئىدى. بۇلاردىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1. سۈننەت بولۇش: بۇ شەرت ئۇ كۈننىڭ شەرتلىرىدە تەھلىل قىلىنىشى كېرەك. يېڭى مۇسۇلمان بولغانلار نە بوۋاق نە بالا ئىدى. ھەممىسى دېگۈدەك بالاغەتكە يەتكەنلەر بولۇپ، ئەشۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي شەرتلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلگەن ۋاقتىمىزدا، سۈننەت بولۇش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس ئىدى.
  2. پەرىزلەرنىڭ تۇرغۇزۇلىشى: ئىشنى « فەتىھ » نامى ئاستىدا غەنىمەتچلىككە ئايلاندۇرۇۋالغان ھاكىمىيەت، مۇسۇلمان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشە بىلەن ئىسلامى تەبلىغ ۋە دىنىي تەلىم – تەربىيەلەردىن قەستەن مەھرۇم قالدۇرغان خەلقتىن، ئادەتتىكى باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى بىلىملەرگىمۇ ئىگە بولمىغان كىشىلەردىن، دىنىنى ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدە ياشىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلاتتى.
  3. ھۇسنۇ ئىسلام: بۇ شەرت، ئۆلچەيدىغان تارازىسى بولمىغان بىر خۇسۇس ئىدى. ۋالىي ياكى غەللە – پاراقچى ئۆزى خالىغان كىشى ۋەيا كىشىلەر ھەققىدە ئۆز مەيلىچە ھۆكۈم چىقىرالايتتى.
  4. قۇرئاندىن بىر سۈرە ئوقۇش: بىراقلام مىڭلىغان ھالەتتە ئىسلامغا كىرگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئەرەپ ئەمەسلىكىنى، شۇڭا قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەرەپچىدىن ۋاقىپ بولۇپ، قۇرئاننى ئۈگۈنۈپ بولالمايدىغانلىقىدىن ھاكىمىيەتنىڭمۇ خەۋرى بار ئىدى.

خۇراساندىن جىزىيە يىغىشقا مەسئۇل ۋالىي ئەشرەسكە: « كىشىلەر ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مەسجىت سالدى، قانداق قىلايلى؟ » دەپ سورىغان ۋاقتىدا ۋالىيدىن مۇنداق جاۋاپنى ئالىدۇ:

« باج ۋە جىزىيەنى بۇرۇن كىمدىن ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىڭىز، ھازىرمۇ شۇنىڭدىن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ ».

قىيامچى مۇرجىئەنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئۇچقۇننىڭ سەۋەبى، ھاكىمىيەتنىڭ مانا بۇ مۇشۇنداق ناھەق ئىشلىرى ئىدى. سەمەرقەنتنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر رايۇندا يېڭى مۇسۇلمان بولغان 7000 كىشى بۇ ناھەق ئىش ئۈچۈن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئىدى. يەتتە پەرساخ كەڭلىكتىكى بىر يەرگە چېدىر تىككەن ئىسلامنىڭ يېڭى ئەزالىرىنىڭ يالغۇز شۇئارى « لا ئىلاھە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ » ئىدى.

مانا بۇ نوقتىدا يېڭى بىر ئېقىم تۇغۇلدى. بۇ تۈر نەھەقچىلىككە ئۇچرىغان مەزلۇم ئىنسانلارنىڭ ھەققىنى قوغداش ئۈچۈن بىر تۈركۈم قارى ( ئالىم ) ۋە فىقھى ئالىملارمۇ ئۇلارغا قېتىلدى. بۇ فاقىھلار، ھاكىمىيەتنىڭ بۇ بۇيرۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرىشى ۋە شەرىئەتكە خىلاپ دەپ ئېلان قىلىش ئۈچۈن بىر يۈرۈش دەلىللەرنى كەلتۈردى. تەبىئىي ھالدا مۇنازىرە قىلىنغان نەرسە، ئىمان – ئەمەل مۇناسىۋەتلىرى ئىدى. يېڭى مۇسۇلمان بولغان مىڭلارچە كىشىنىڭ ئەمەللىرىدىكى نوقساننى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەن ھاكىمىيەت، گەرچە ئۇلار مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنى يەنىلام « كاپىر » ھېساپلاپ جىزىيە ئېلىۋېرەتتى. ھېلىقى ئالىم ۋە فاقىھلەر، ھاكىمىيەتنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغان بۇ ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن « ئىرجا  ( ھاۋالە قىلىش ، قارار ئورنى ) » پىكرىگە باش قاتۇرغان ئىدى.

ئۇ ئالىملار مۇنداق دېگەن ئىدى: توپ – توپ بولۇپ مۇسۇلمان بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ، مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ كەلىمەئى شاھادەت ئېيتىشى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك. بۇ ھالەتتىكى بىرىنىڭ ئېتىقادىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىناتتى. بۇنداق بىر كىشىگە « ياق، سەن مۇسۇلمان ئەمەس تۇرۇپ، شۇنداق كۆرۈنىۋاتىسەن » دېگىلى بولمايتتى. بولۇپمۇ بۇلارنى كاپىر ھېساپلاپ جىزىيە ئېلىش جائىز ئەمەس ئىدى. جىزىيە بېرىشكە قارشى چىققانلار، ئەمەۋى ۋالىيلىرى تەرىپىدىن قېنى ۋە مېلى ھالال ھېساپلىنىپ ئۆلتۈرۈلەتتى. بۇ زۇلۇم توپ – توپ ھالدا قىرغىنچىلىق قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەنىدى. ئالىملار بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھاكىمىيەتكە ئىقرارلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە قەلپلىرىنى ئاللاھ قا ھاۋالە قىلىشقا ( ئىرجاغا ) چاقىرىق قىلدى. بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلغانلار، « ئىرجا » پىكرىنى قوبۇل قىلغان كىشى مەنىسىدە « مۇرجىئە » دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن باشاقنى ساماندىن پەرق قىلىپ ئايرىيالمىغان بەزىلەر، بۇ قىيامچى مۇرجىئە بىلەن مەنپەئەتپەرەس مۇرجىئەنى بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋەتتى.

بۇ قىيامچى مۇرجىئە بىلەن مەنپەئەتپەرەس مۇرجىئەلەرنى بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك. قىيامچى مۇرجىئە ئاللاھ قا ھاۋالە قىلغان نەرسىلىرىنى، مەنپەئەتپەرەس مۇرجىئەلەر سۇلتانلىرىغا ۋە ھاكىمىيەتتىكىلەرگە ھاۋالە قىلاتتىكى، بۇ ئاللاھ بىلەن سۇلتان ئوتتۇرىسىدىكى پەرق قەدەر بىر – بىرىدىن پەرقىلىق ۋە ئۇ بىر – بىرىدىن يىراق شەيئىلەر ئىدى. « مەنپەئەتپەرەسلەر ئىنساننى ئىسانغا قۇل قىلىشقا چاقىرسا ( سۇلتانغا ئىرجا )»، « قىيامچىلار » ئىنسانلارنىڭ پەقەت ئاللاھ قا قۇل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ( ئاللاھ قا ئىرجا قىلىپ )، سۇلتانلارغا قارشى ئۇلارنىڭ ھەققىنى قوغدايتتى. ئالدىنقىلىرى سەلتەنەتنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان « ئىرجا » پىكرىنى، كېيىنكىلىرى مەزلۇملارنى قوغداش ئۈچۈن قوللاندى.

بۇ قىيامغا قاتناشقان ئالىملار ئىچىدە تۆۋەندە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان زاتلار يەر ئالغان ئىدى:

ئەبۇ سەيدا سالىھ بىن تارىف، رەبى بىن ئىمران ئەتتەمىمى، قاسىم ئەششەيبانى، ئەبۇ فاتىما ئەل ئەزدى، بىسر بىن جۇرمۇز ئەلدابى، خالىد بىن ئابدۇللاھ ئەننەھۋى، بىشر بىن زەنبۇر ئەلئەزدى، ئامىر بىن بەشىر ئەلھاجنەدى، بەيان ئەلئەنبەرى، ئىسمائىل بىن ئاقابە ۋە سابىت بىن قاتانە.

قىيامچى مۇرجىئە، مۇسۇلمان بولغان ئەجنەبىلەر سېغىنىدىغان پاناگاھقا ئايلانغان ئىدى. بۇ ئېقىمنىڭ مەنسۇپلىرى ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە تۇتقان ناھەق مۇئامىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىر قېتىم بۇخارادا قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. ئۇلار شەھەرنىڭ چوڭ جامىئىلىرىگە لىق تولۇپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا شاھادەت ئېيتىشقا باشلىغان ئىدى. لېكىن شەھەرنىڭ ۋالىيسى بۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى قوبۇل قىلمىدى ۋە ئىچىدىن 400 كىشىنى دارغا ئاستى.

ئەمەۋىلەر ئىرىقچىلىقنى بىر دۆلەت سىياسىتىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. بۇ دەۋردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قوزغىلاڭ بەسىرەدە بولدى. ۋالى كەنتتە ئولتۇراقلاشقان مەۋالى ( ئەرەپ بولمىغان ) مۇسۇلمانلارنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشىنى بۇيرۇق قىلغاندىن كېيىن، مەزلۇم خەلق كەڭ بىر تۈزلەڭلىككە توپلىنىپ « ۋاي مۇھەممەد! ۋاي مۇھەممەد! » دەپ توۋلاپ يىغلاشتى. بەسىرەنىڭ ۋىجدانىنى سۇلتانلارغا ساتمىغان ئالىملىرىمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ بىرلىكتە يىغلىدى ۋە ئۇلارنىڭ زەپىرى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

قىيامچى مۇرجىئەنىڭ بۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلاشقان قوزغىلىڭى كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ داۋاملاشتى. بۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى، ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇملىرىغا ۋە ئىرىقچى سىياسەتلىرىگە قارشى بىر پارتىلاشقا ئايلانغان ھارىس بىن سۈرەيجىنىڭ، ھىشام بىن ئابدۇلمەلىككە قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلىڭى ئىدى. بۇ قوزغىلاڭنىڭ ئىككىنجى يېتەكچىسى، ئىسلام پىكىر تارىخىدە « جەبر ۋە ئىرجا مۇتەپەككۇرى » دەپ تىلغا ئېلىنىدىغان جەھم بىن سافۋاندۇر[1].

قىيامچى مۇرجىئەنىڭ بۇ قىسقىغىنە تەرجىھالىدىن مەلۇم بولغاندەك، ئىمامى ئەزەممۇ بىر ئەجەم بولۇپ، ئۇنى ئىمان – ئەمەل مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى مەشھۇر ئىجتىھادىغا يۈزلەندۈرگەن سەۋەپلەردىن بىرسى، بەلكىم ئەڭ باشتا كەلگەنلىرى بۇ ۋەقەلەر ئىدى. زۇلۇمنىڭ ئەڭ كىچىكى، ھەتتا يۇقىنىمۇ ئۆزىگە يۇقتۇرمىغان ئىمام ئەزەمدىن ئۇ كۈنكى شەرتلەرگە بىنائەن بۇنىڭدىن باشقىسىنى كۈتۈش بىمەنىلىك ئىدى. ئەمما ئىمامنىڭ بەزى ئىجدىھادلىرىغا دەۋرنىڭ ۋە ۋەقەلەرنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن مۇتەئەسسىپ نەقىلچى مەنتىق، يا يېرى ياكى زامانى دېمەستىن بۇلارغا بىر « ناس (  دىنى ھۆججەت ) »قا ئوخشاش چىڭ ئېسىلىۋالغان ياكى بەزىلەرگە ئوخشاش بىراقلا ئۇنىڭغا « مۇرجىئە » تامغىسىنى ئۇرغان. نەتىجىدە ھەر ئىككىسى ئوخشاش نوقتىدا ئۇچراشقان.

زالىم ۋە پاسىق ھاكىمىيەتنىڭ تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىشى بىلەن يېڭى مۇرجىئەنىڭ كېڭەيتىلىشىگە كۈچەۋاتقان بۈگۈنكى كۈنىمىزدە، دەۋرىمىز مۇرجىئەسىنىڭ تارىخى رولىنى بىلىش تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە:

  1. ئەمەلنى ھېچبىر ۋاقىت ئىمانغا داخىل قىلماستىن، دىننى ۋىجدانلارغا تاشلاپ قويۇش. بۇ مەنىدە ئىپتىدائىي بىر لائىسىزىم ( دىنسىز ھايات )نى ئۆزىدە يوشۇرغان مۇرجىئەنىڭ مەقسىدى، ئىماننى پەقەتلا « ئىقرار » دەپلا ھېساپلاپ، بىر ھايات نىزامى بولغان ئىسلامغا ئەڭ نازۇك بولغان يېرىدىن ھۇجۇم قىلىش.
  2. سىياسى مەزھەپلىشىش: ۋىزانتىيەدە ئىجرا قىلىنغان دۆلەتنىڭ دىنغا ئارلىشىۋېلىش ئەنئەنىسىنىڭ، ئىسلامدىمۇ باشلىنىشغا سەۋەپ بولىدىغان بىر « دۆلەت دىنى » نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا باشلامچىلىق قىلىش.
  3. ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەلمۇنكەردىن ئىبارەت بىر پەرىزنى « پىتنە » دەپ تەرىپلەپ، دىننىڭ ئاساسلىرىنى تەۋرىتىش ۋە جامائەت پىكرى ئارقىلىق ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ باشقۇرۇلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان بۇ قۇرۇلمىنى بىكار قىلىۋېتىش.
  4. بولۇپمۇ ھەج، جىھاد، زاكات، ناماز ( جۈمە ۋە ھېيىت نامازلىرى ) قاتارلىق ئىبادەتلەرنى، ئەسرى سائادەتتىكى رولىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، ئىسلامنى سياسىتى ئىبادەت، ئىبادىتى سىياسەت بولغان بىر دىن بولۇشتىن، يالغۇز « ئىبادى » دىن شەكىلگە كىرگۈزۈش.
  5. پىتنە، غەيۋەت، سەبىر، زۇلۇم، نىفاق، شۈكۈرگە ئوخشاش ئۇقۇملارنى، قۇرئانىي مەنالىرىدىن بۇرمىلاپ تەئۋىل ۋە تەھرىپ قىلىش. بۇ ئۇقۇملارنى ئەسلى مەقسىتىنىڭ سىرتىدا، بەزەن دەلمۇ دەل ئەكسىچە قوللىنىپ، دىنىي چۈشەنچىنى يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىۋېتىش ۋە ئوتتۇرىغا پۈتۈنلەي سۇسلاشتۇرۇلغان ۋە تىزگىنلەنگەن بىر دىن چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش.

[1]   ئاممارا، ئەلئىسلام ۋەسسەۋرا، س.226