ھەزرىتى ئوسمان ( رەزىيەللاھۇئەنھۇ ) شىئەسى ( تەرەپتارلىرى ) ۋە مۇرجىئەگە ئايلىنىشى 2

  1. شۇرا بىكار قىلىنىپ، ئورنىغا ۋارىسلىق تۈزۈمى ئورنىتىلدى

ئۈممەتنىڭ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىشى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان شۇرا ( كېڭەش )، رەسۇلۇللاھ ۋە خەلىپىلىرى تەرىپىدىن ئىسلامى سىياسەتنىڭ ئۇل تۈرىكى ھالىغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى، بەنى ئۇمەييەدىن باشلاپ بۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە ئورنىغا قەيسەر ۋە كىسرالارنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى بولغان دادىدىن ئوغلىغا مىراس ( سەلتەنەت ) سىستېمىسى دەسسىتىلدى. بۇ سىستېمىدا دۆلەت بىر شەخسى ئېكىنزارلىققا ئايلانغانىدى. ئىسلامى خەلىپىلىكتە « ھاكىمىيەت » يالغۇز ئاللاھ قا ئائىت بولۇپ، مۇلك ئاللاھ نىڭ ئىدى. سەلتەنەتتە بەندىلەر بۇ ئورۇندا ئىدى. راشىد خەلىپىلەر ئۆزلىرىنى « رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىپىسى » دەپ ئاتىغان بولسا، بەنى ئۇمەييە خانىدانى ئۆزلىرىنى « ئاللاھنىڭ خەلىپىسى » دەپ تەقدىم قىلغان ئىدى. بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى ماھىيەت ۋە مەنتىقنى پەرقلەندۈرگەن ۋاقىتتا، بۇنىڭ ئىسلامى سىياسەتتە نېمە مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىسىز.

  1. جىھادنىڭ ئاپپاراتلىشىشى

بۇ مۇنتىزىم قوشۇن تەشكىللىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ئىلگىرىكىلەر جىھادنى بىر ئىبادەت دەپ قىلغان بولسا، مۇنتىزىم قوشۇن بىلەن « جىھاد » بىر كەسىپكە ئايلانغان ۋە جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرگەن نەپەرلەردىكى دىنامىزىمنىڭ ( ھەرىكەتنىڭ ) بۇ كۈچلۈك مەنبەسى، ئاپپاراتلاشتۇرۇلۇپ قۇرتۇپ تاشلانغان ئىدى. خانىدان بۇنىڭدىن بىر قانچە پايدىنى تەڭلا ئالغان ئىدى. يەنى، نەبەۋى خىلاپەت مەزگىلىدە قوشۇننىڭ تەبىئىي بىر ئەزاسى بولغان مۇسۇلمان خەلق، ئىجرائىي كۈچنىڭمۇ ( ھۆكۈمەتنىڭمۇ ) بىردىنبىر تايانچ كۈچى ئىدى. بۇ باشقۇرغۇچى ۋە باشقۇرۇلغۇچى بىر – بىرىنى ئۆزئارا نازارەت قىلىدىغان مۇكەممەل بىر ئىدارى سىستېما بولۇپ، بۇنى ئىسلامدىن باشقا ھېچقانداق بىر تۈزۈم بۇ قەدەر مۇۋاپىق بىر شەكىلدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان ئىدى. ئارمىيەنىڭ دۆلەت ئاپپاراتىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، نازارەت مېخاينىزمى رولىنى ئوينايدىغان باشقۇرۇلغۇچىلارنىڭ قولىدىكى بۇ ھوقۇق، باشقۇرغۇچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى. بۇنداق بولغاندا، بارلىق كۈچلەر بىر مەركەزگە توپلىنىدۇ ۋە باشقۇرغۇچى – باشقۇرۇلغۇچى ئارىسىدىكى مۇۋازىنەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، تەڭپۇڭلىق بۇزۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھاكىمىيەت ئاستىدىكى خەلقنىڭ قولىدا ھاكىمىيەتنىڭ زۇلمىغا قارشىلىق بىلدۈرىدىغان ھېچقانداق بىر كۈچ قالمايدۇ. ھاكىمىيەتتىكىلەر ھەر قانداق ئىشنى قول ئاستىدىكى ھەربىي كۈچ سايىسىدە ھەققە ۋە خەلققە پەرۋا قىلماستىن، ئۆز خاھىشى بىلەن قىلىۋېرىدۇ.

قوراللىق كۈچنىڭ ئاپپاراتلىشىشى بىلەن يېتىپ كەلگەن يەنە بىر پالاكەت مۇنداق ئىدى: بولۇپمۇ بەنى ئۈمەييە خانىدانلىقى مەزگىلىدە قولغا كىرگۈزۈلگەن ئافرىقا تۇپراقلىرىدىن توپلانغان نادان ۋە ۋەھشى بەربەرى، نەباتى ۋە قىپتى ياشلار خىلاپەت مەركىزىگە ئەۋەتىلىپ ئەسكەرلىككە ئېلىناتتى. بىر مۇسۇلمان ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەقلى – ھۇشى جايىدا بولغان بىر ئىنسانمۇ قىلمايدىغان قورقۇنۇچلۇق جىنايەتلەر ۋە قەتلىئاملارنى، ھۆكۈمدارلار مۇشۇ ئەسكەرلەرنىڭ قولى ئارقىلىق سادىر قىلغان ئىدى. كەبىنى مەنچاناقتا تاش يامغۇرىغا تۇتقان، ھاررە كۈنىدە مەدىنىدە ساھابىلەرنىڭ قىز ۋە خانىملىرىنىڭ نۇمۇسىغا تەگكەن، ئوپچى قىرغىنچىلىق قىلغان، بوۋاق ۋە ئاياللارنى ئۆلتۈرگەن، رەسۇلۇللاھنىڭ قەۋرىسىنى كىرلەتكەن سەلتەنەت قوشۇنى مەخسۇس مۇشۇنداق ئەسكەرلەردىن تەشكىللەنگەن ئىدى. بولمىسا، مىلتىق تېخى ئىجاد قىلىنمىغان، گىيوتىنمۇ تېخى بىلىنمىگەن بىر زاماندا دۆلەتنىڭ پەقەت بىر ۋالىيسىنىڭ 120 مىڭ كىشىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟

  1. رەسمى مەزھەپ

خۇلافەئىي راشىدىنلاردىن كېيىن، نەبەۋى سىياسەتنىڭ دىنامىكلىرىنىڭ مۇشۇنداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىلىشىغا قارىماستىن، فىقىھ ( بۇنىڭغا ئەقىدىمۇ كىرىپ كېتىدۇ، دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بۇنداق ئايرىشمۇ يوقتى. ئەقىدە فىقھى ئەكبەر ئىدى ) تېخى ئەھلىلەشتۈرۈلمىگەن ئىدى. فىقھنىڭ ( ئەقىدىنىڭ ) ئەھلىلەشتۈرۈلىشىنىڭ مۇنداق ئىككى يولى بار ئىدى: يا ئۆلىمانى سېتىۋېلىش، ياكى ساراي ئۆلىماسى تەربىيىلەپ چىقىش. بۇ دەۋردە ھەر ئىككى ئۇسلۇب سىناق قىلىندى. سېتىلمىغانلاردىن ئاغزىنى يۇمۇشى تەلەپ قىلىندى. شۇنداقتىمۇ جىم تۇرمىغانلار ھىجر بىن ئادىي، سائىد بىن جۇبەير، ئىمام ئەزەم، ئىمام مالىكقا ئوخشاش شېھىت قىلىندى ياكى قېيىن – قىستاققا ئېلىندى. ئەمما بۇ ھاكىمىيەت نوقتىسىدىن تولىمۇ خەتەرلىك بىر ئىش ئىدى. خەلق سۆيگەن ۋە ئىشەنگەن ئالىملىرىنىڭ بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىشىغا ئىنكاس قايتۇراتتى. ھاكىمىيەت، بۇ مەسىلىلەرنى ئېتىقادنى قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق يىلتىزىدىن تەلتۆكۈس ھەل قىلىشنى ئويلايتتى.

سەۋەبى پەقەت بۇلار بىلەنلا چەكلىك ئەمەس ئىدى. سۇلتانىي خەلىپىلىكنىڭ باشلىنىشى بىلەن قىلىنغان نۇرغۇنلىغان زۇلۇم ۋە فىسقى – فۇجۇرلارنىڭ ئارقىسىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر توپ مەسىلىلەرگە جاۋاپ تېپىشقا توغرا كېلەتتى. مەسىلەن ئەيتايلۇق، بۇرس بىن ئەرتاد يەمەنگە ۋالىي بولغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ ھەزرىتى ئەلىنىڭ ۋالىيسى ئابدۇللاھ بىن ئابباسنىڭ ئىككى كىچىك بالىسىنى ئانىسىنىڭ كۆز ئالدىدا قەتلى قىلىدۇ، بۇنى كۆرگەن ئانا ئەس – يادىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. مەدىنىگە كىرگەن خىلاپەت قوشۇنى كۆپىنچىسى ساھەبىلەرنىڭ يېقىنلىرى بولغان مەدىنە ئاياللىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىدۇ. كەبە مەنچاناق بىلەن تاشقا تۇتۇلىدۇ، ئوت قويۇلىدۇ، ئۆلتۈرۈلگەن ئىنسانلارنىڭ جەسەتلىرىگە ئىنسان ئەقلى قوبۇل قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە زۇلۇم قىلىنىدۇ. بۇلار ئىجتىمائىي جىنايەتلەر ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا خەلىپىلەرنىڭ شەخسىي پارىخورلۇقى، چەكتىن ئېشىشلىرى ۋە قىلغان بەزى ساختىپەزلىكى دېگەندەك ھاراملار بار ئىدى.