دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكى، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن دىن، جان، ئەقىل، نەسىل ۋە مالنىڭ ھىمايە قىلىنىشى بارلىق ساماۋىي دىنلارنىڭ بولمىسا بولمايدىغان شەرتى. بۇ نوقتىنى چىقىش قىلغان ھالدا، دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنىڭ تارىخىنىڭ ھەر قايسى دەۋرلىرىدە شەخس، ئاۋام ۋە مىللىي پۈتۈنلۈك نوقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.

دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئامىللىرى ئىمان ئېيتىش، ئۆزى مەنسۇپ بولغان دىن ئاساسلىرىغا قارىتا ئەمەل قىلىش، ئۇنى ئۆگىنىش، ئۆگىتىش، تەبلىغ قىلىش، ئەمرى ۋە ھارام قىلغانلىرىدىن يىراق تۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ۋىجدان ياخشىنى ياماندىن، خەيىرنى – شەردىن ئايرىشقا ياردەم قىلىدىغان ۋە ئىنسانغا ياخشىلىق قىلغان ۋاقتىدا خوشاللىق ھېس قىلىدۇرىدىغان، يامانلىق قىلغاندا پۇشايمانلىق ۋە بىئاراملىق ھېس قىلىدۇرۇپ، ئەلەم تارتقۇزىدىغان بىر ئەخلاقىي تۇيغۇدۇر.

جانابى ئاللاھ، ئىنسانغا ۋىجدان ۋە ئەقىل بەرگەن، بۇنىڭ بىلەن كۇپايىلىنىپ قالماي ئۆرنەك ۋە ئۈلگە بولىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر، يېتەكچى بولىشى ئۈچۈن كىتاپلار بەرگەن. لېكىن، ئىنساننى، پەيغەمبەر ۋە كىتاپلار بىلەن ئەۋەتكەن دىنىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ئىبادەتكە مەجبۇرلىمىغان. چۈنكى، ئىنساننى ئۆلۈم ۋە ھايات ( مۈلك، 2 )؛ مال – مۈلۈك ۋە ئەۋلاد ( ئەنفال، 28 )؛ خەيىر ۋە شەر ( ئەنبىيا، 35 )؛ ياخشىلىق ۋە يامانلىق ( ئەئراف، 168 )، راست ۋە يالغان ( ئەنكەبۇت، 3 )، ئاللاھ يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ياكى كۆرسەتمەسلىك ( مۇھەممەد، 3 ) ۋە بېرىلگەن نېمەتلەر ( بەقەرە، 155 ) بىلەن سىنىماقتا. ئېمتىھان مەيدانىدا بولغان ئىنسان ئىشىنىش – ئىشەنمەسلىك، ئىبادەت قىلىش – قىلماسلىقتا ئەركىن بولىشى كېرەك. جانابى ئاللاھ: « ( ئى مۇھەممەد! ) ئېيتقىنكى، » ( بۇ ) ھەق رەببىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولغان، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم ئىنكار قىلسۇن » » ( كەھف، 29 ) دېگەن.

ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئىمان ۋە ئىبادەتكە مەجبۇرلىغان بولسا ئىدى، يەر يۈزىدە ئىمان ئېيتىپ ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلمايدىغان  بىر كىشىمۇ قالمايتتى. « ( ئى پەيغەمبەر! ) ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟ » ( يۇنۇس، 99 ).

پەيغەمبەر ئىنسانلارنى دىنغا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئەمەس، ۋەز – نەسىھەت قىلىش، دىننى ئۆگىتىش، تەبلىغ قىلىش ۋە دىننىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنى نەزەرىيىۋىي ۋە ئەمەلىي شەكىلدە ئوچۇق يەتكۈزۈش ۋە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن:« ( ئى پەيغەمبەر! ) سەن ئۇلارغا  ۋەز – نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت ( ئۇلارغا ) ۋەز – نەسىھەت قىلغۇچىسەن. سەن ئۇلارغا مۇسەللەت ( يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى ) ئەمەسسەن » ( غاشىيە، 21 – 22 )؛ « … سەن ئۇلارنى ( دىنغا ) زورلىغۇچى ئەمەسسەن، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورقىدىغانلارغا ( قۇرئان بىلەن ) ۋەز – نەسىھەت قىلغىن » ( قاف، 45 ).

پەيغەمبەر ئىنسانلارنى، دىنغا مەجبۇرلىمايدۇ. چۈنكى، دىندا مەجبۇرلاش يوق ( بەقەرە، 256 ). مەجبۇرلاش بىلەن ئىمان ۋە ئىبادەت بولمايدۇ. ئىمانغا مەجبۇرلانغان ئىنسان « مۇئمىن » ئەمەس، « مۇناپىق »؛ ئىبادەتكە مەجبۇرلانغان ئىنسان « مۇخلىس » ئەمەس، « مۇرائى ( كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلغان، ئىخلاس بولمىغان كىشى ) » بولۇپ قالىدۇ. ئىمان ۋە ئىخلاس قەلىپنىڭ ئىشى. قەلىبكە ئاللاھ تىن ھېچكىم ھاكىم بولالمايدۇ ۋە بېسىم ئىشلىتەلمەيدۇ. ئاللاھ مۇ دىن مەسىلىسىدە ئىنسانلارغا بېسىم ئىشلەتمەيدۇ. ئەگەر بېسىم قىلغان بولسا ئىدى، ئىنسانلار پەرىشتىلەردەك بولاتتى، ئاللاھ قا ھەرگىزمۇ ئاسىي بولمايتتى.

« مەجبۇرلاش » – بېراۋغا ئۆزى ياقتۇرمىغان بىر نەرسىنى تەھدىد بىلەن مەجبۇرىي قىلغۇزۇش بولۇپ، بىر ئىش – ھەرىكەتنى مەجبۇرىي ۋە ئالۋاڭ ھېسابىدا ئادا قىلغان ئىنساننىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئىخلاستىن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن، ساۋاپقا لايىق بولمىغاندەك، جازاغىمۇ لايىق ئەمەس. ھەتتا كۇپۇرغا مەجبۇرلانغان بىر ئىنسان، قەلبىنى كۇپۇرغا ئاچمىغىچە، تىلى بىلەن ئىنكار خاراكتېرلىق بىر سۆز قىلسا، بۇ ئۇنىڭ ئىمانىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ ( ئەنئام. 106 ). پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ، ئۈممىتىمنىڭ مەجبۇرىي قىلدۇرۇلغان ئىشلار بىلەن، قەلىبى ئۆزىگە ۋەسۋەسە قىلغان ئىشلاردىن، بۇلار بىلەن ئەمەل قىلمىغان بولسا ياكى بۇلارنى ( باشقىلارغا ) ئېيتمىغان بولسا، ( ئۇلارنى جازالاشتىن )   ۋازكەچتى » ( ئىبن ماجە، تالاق، 16، 2044 – نۇمۇر ). « ئاللاھ مەن ئۈچۈن ئۈممىتىمنى خاتا، ئۇنتۇش ۋە مەجبۇرلانغان ھالدا قىلىنغان ئىشلاردىن جاۋاپكارلىققا تارتىپ جازالاشتىن ۋازكەچتى » ( مۇناۋى، فەيزۇل قادىر، 2، 219، 1705 – نۇمۇر ).

مەجبۇرلاش، ئىنساندىكى زوق ۋە ياخشى نىيەتنى يوق قىلىپ تاشلايدۇ. ئىختىيارلىق ۋە ياخشى نىيەت بولمىسا، ھېچقانداق ئەمەل ئىبادەت بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. دىندا ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى نىيەت ۋە رازىلىق ئاساسىدا ئادا قىلىنىشى كېرەك. مەجبۇرلاش بىلەن ئېتىقاد مۇمكىن ئەمەس؛ مەجبۇرلاش بىلەن ئېيتىلغان ئىمان ھەقىقىي ئىمان ئەمەس؛ مەجبۇرىي ھالدا ئادا قىلىنغان ناماز، ھەقىقىي ناماز ئەمەس؛ مەجبۇرىي ھالدا تۇتۇلغان روزا، ھەقىقىي مەنىدىكى روزا ئەمەس؛ مەجبۇرىي ھالدا ئادا قىلىنغان ھەج، ھەقىقىي مەنىدىكى ھەج ئەمەس. باشقا ئىبادەتلەر ئۈچۈنمۇ شۇنداق بولىدۇ.

ئادا قىلىنغان بىر ئىشتا مەجبۇرلاش بولغان بولسا، ئۇ ئىختىيارىيلىقىنى يوقۇتۇپ تاشلايدۇ. بىر خىزمەت / ئىش ئىخلاستىن يىراق ھالدا ئادا قىلىنسا، بۇ ھەرىكەت ئادا قىلغۇچىغا پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ ۋە بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئىجابىي ۋە سەلبىي ئاقىۋىتى، بۇ ئىشنى ئادا قىلغۇچىغا ئەمەس، قىلدۇرغۇچىغا ئائىت بولىدۇ. ئىرادىنىڭ سىرتىدا ۋە مەجبۇرىي شەكىلدە قىلىنغان ئىشتىن مەسئۇل بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، « خاتا » قىلىپ سالغان ئىشتىنمۇ ئىنسان جاۋاپكارلىققا تارتىلمايدۇ ( ئەھزاپ، 5 ).

ئىسلامدا ھەقىقىي بىر ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار. خالىغان كىشى مۇسۇلمان بولىدۇ، خالىغان كىشى مۇشرىك، كاپىر، خىرىستىيان، يەھۇدىي ۋەياكى مەجۇسى ( ئاتەشپەرەست ) بولۇپ ياشايدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋرىدىمۇ مۇشۇنداق بولغانىدى. ئىسلامدىكى « جى***ھاد » نىڭ مەقسىتى، ئىنسانلارنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قوغداش، بېسىمنى قوبۇل قىلمىغان ھەق دىننى ھاكىم قىلىش ئارقىلىق ئىلاھىي كەلىمەتۇللاھ  ( ئاللاھ نىڭ مۇبارەك كەلىمىسىنى – تەۋھىد ئېتىقادى )نى ئۈستۈن قىلىش، ھەق دىننى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلىشنى خالىغانلارغا، دىننىڭ يەتكۈزۈلىشى ۋە رىئال تۇرمۇشقا تەدبىق قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلغۇچىلارغا، مەجبۇرلىغانلارنى بۇ قىلمىشىدىن ياندۇرۇش ۋە توغرا يولنى ئىنسانلارغا كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. بۇ سەۋەپتىن ئىسلامدا ئۇرۇش، ئىنتىقام، ئۆلتۈرۈش ۋە دىنىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن قىلىنمايدۇ.

پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن تەۋھىد دىنى بەش نەرسىنى ( دىن، مال، جان، ئەقىل ۋە نەسىلنى ) ھىمايە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ بەش نەرسە، ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھەقلەر بولۇپ، ئىجتىمائىي جەمىئىيەتنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى ۋە ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھەق – ھوقوقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى مەقسىتىدە، بۇ بەش پرىنسىپنى دەپسەندە قىلىغۇچىلارغا دۇنيادا جازا بېرىش بەلگىلەنگەن. بۇ جىنايەتلەرگە دۇنيادا جازا بېرىلىشى « دىندا مەجبۇرلاش بار » دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى، بىر جىنايەتنىڭ جازاغا لايىق بولىشى ئۈچۈن، كىشى ھۆر ئىرادىسى بىلەن بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغان بولىشى كېرەك. ھۆر ئىرادە بولغان يەردە، بېسىم ۋە مەجبۇرلاش بولمايدۇ. بېسىم بولغان بولسا، كىشى بۇ جىنايەتنى مەجبۇرلاش سەۋەبىدىن قىلغان بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، بۇ جىنايەت سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا جازا بەرگىلى بولمايدۇ.

دىندا مەجبۇرلاش ئەمەس، چۈشەندۈرۈش ۋە يەتكۈزۈش بار. پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە دىننى تەبلىغ ۋە تەبيىن ( يەتكۈزۈش ) قىلىش ۋەزىپىسى بېرىلگەن. پەيغەمبەرلەر بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغاندا، ھېچكىمنى مەجبۇرلىماستىن، قايىل قىلىش ئۇسلۇبىنى قوللانغان. مۇئمىنلەرنىڭمۇ ۋەزىپىسى، ئىنسانلارغا پەقەت ئىسلامنى چۈشەندۈرۈش، تونۇشتۇرۇش.

دىننى قوبۇل قىلىش ۋە دىنىي بەلگىلىمىلەرگە رىئايەت قىلىشتا مەجبۇرلاش بولمىغاندەك، دىننى قوبۇل قىلىش ۋە دىننىڭ بەلگىلىمىلىرىنى تەدبىقلىماقچى بولغۇچىلارغا توسقۇنلۇق قىلىشقىمۇ رۇخسەت يوق. دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكى، دىن تاللاش ۋە دىن بەلگىلىمىلىرىنى جارى قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

قۇرئاندا ئىنسانلارنى ئاللاھ كۆرسەتكەن يولدىن توسۇش شىددەت بىلەن ئەيىپلەنمەكتە: « كاپىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار بۇ دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرىدۇ، ( كىشىلەرنى ) ئاللاھ نىڭ يولىدىن ( يەنى ئىسلام دىنىدىن ) توسىدۇ، ئاللاھ نىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولىشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار ( ھەقتىن ) يىراق بولغان گۇمراھلىقتىدۇر » ( ئىبراھىم، 2 – 3 ). ئاللاھ، ئىنسانلارنى دىنىلىرىغا مۇۋاپىق ياشىشىنى توسىدىغانلارنى پىتنە – پاسات ( بۇزغۇنچىلىق ) قىلغۇچىلار دەپ ئاتىماقتا ( نەھىل، 88 ).

دىنى ئاتالغۇلار لوغىتى

تۈرك دىيانەت ئىشلىرى نەشرىياتى