III. پارچىلانغان ئۈممەت – سوئاللار ۋە ھىزىپلەشكەن جاۋاپلار

بۇ يەرگە كەلگىچە چۈشەندۈرگەنلىرىمىز، تەسىرىنى پەقەت ئۆز دەۋرىدىلا كۆرسىتىپ، تاتلىقى ۋە ئاچچىقى بىلەن ئۈممەتنىڭ تارىخ دەپتىرىگە يېزىپ قالدۇرۇلغان بىرەر « ئەسلىمە »دىنلا ئىبارەت ئەمەس. گەرچە سەمىمىي قەلىبلەر بەزى ئەھۋاللارنىڭ ئەنە شۇنداق بولىشىنى خالىسىمۇ، ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپتىن قىلىنغان قوش يۆنىلىشلىك بۇزغۇنچىلىقلار، بولۇپمۇ ئىسلام سىياسى تارىخىدىكى جاراھەتلەرنىڭ پات – پات قاناپ تۇرۇشىغا سەۋەپ بولماقتا. تارىخ بويىنچە داۋاملىشىپ كەلگەن، كېلىپ چىقىشى ئېتىقادىي بولماستىن، سىياسىي بولغان ئىختىلاپلارنى تەفرىقىگە ئايلاندۇرۇپ، بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىپ كەلگەن يامان نىيەتلىك كۈچلەر، دائىم بېقىنىدا ئېلىپ يۈرگەن خىيانەتنىڭ، جاھالەتنىڭ، ھاماقەتلىكنىڭ ۋە نادانلىقنىڭ قۇربانلىرى ئارقىلىق سۈيقەستكە تولغان ئويۇنلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

بۇ نوقتىدا، جاھىللىق بىلەن بۇ مەسىلىلەرنى كۆرمەسكە سالغان، ئۈممەتنىڭ سىياسىي تارىخىدىكى جەمەل، سىففىنغا ئوخشاش چوڭ ۋەقەلەرنى ياخشى نىيەتلىرى سەۋەپلىك دائىما سۈكۈت بىلەن ئۆتكۈزىۋەتكەن، ھەمدە بىتەرەپ تۇرۇش ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ پاك ساھابىلىرىنىڭ مۇبارەك ئىسىملىرىنى ئۇپراتماسلىق دېگەنگە ئوخشاش ھەقلىق سەۋەپلەرگە تايانغان بۇ مۇئامىلە، يا شەر كۈچلىرىنىڭ ھېچ تىنماس بۇزغۇنچىلىقلىرى ئالدىدا ھۆكۈمسىز قالغان ياكى ئۈممەتنىڭ بىرلىكىنىڭ زىيىنىغا بىر پوزىتسىيىگە ئايلىنىپ، بۇ تۈگىمەس نىزانىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالغان.

بەزىلەر مۇتەئەسسىپلىك بىلەن ئەقىدىۋى مەسىلە سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان، ئىسلام تارىخ ئىلمىدە ئىسىملىرى مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىگەن ئۇزۇن بىر تىزىملىك قالدۇرۇپ كەتكەن خاتا ئەنئەنىگە قارىماستىن، ئۈممەتنىڭ باغرىدا ئەسىرلەردىن بۇيان قانىغان بۇ جاراھەتلەرنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنى داۋالاشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ جەرياننى بىلمىگەن كىشىلەر، بىلىپ – بىلمەي بۇ يارىغا تۇز سەپمەكتە. ئۈممەتنىڭ ئورتاق مىراسى بولغان مالىمانچىلىق قاپلىغان بەزى دەۋرلەرنى تارىخنىڭ ئوبېكتىپ كۆزى بىلەن يەتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا، قارىغۇلارچە ئەگىشىش پىسخىكىسى بىلەن « تەنتەكلىك بىلەن » ۋەيا « جەسۇرلۇق » بىلەن بورمىلاپ يەتكۈزۈشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. بولۇپمۇ بۇ ئىىشنى ئەقىدە ۋە ئەھلى سۈننەت كۈنلىكىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتىۋېلىپ يەتكۈزۈش پۈت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى سۈننەت ئەھلىنىڭ سىياسى مەيدانىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىمامى ئەزەمنىڭ كۆز قارىشى ۋە مۇئامىلىسى بۇنداق باھانىلەردىن يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايدۇ.

ئىمام ئەزەمنىڭ شەخسىيىتىدە سىمۋوللاشقا پوزىتسىيە، ھەقىقىي سۈننەت ئەھلىنىڭ پوزىتسىيىسىدۇر. ئەسلى سۈننەت قالقىنىنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈنۈپ، سەلتەنەت مەدداھلىقى ۋە تارىخ تۇججارلىقى ( سودا ) قىلغانلارنىڭ پوزىتسىيىسى ئەھلى سۈننەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

ئىمامنىڭ شەخسىيىتىدە نامايەن بولغان بۇ پوزىتسىيىسى ياخشى چۈشۈنۈش ئۈچۈن، سەلتەنەت ۋە خىلاپەت تارىخىغا قوشۇپ يەنە بىر نەرسىنى ياخشى بىلىش كېرەك: سىياسى ۋە ئېتىقادىي مەزھەپلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان سەۋەپلەر…

ئەلۋەتتە مەزھەپلەر تارىخى يازماقچى ئەمەسمىز. ئەسلىدە بىز بىلىشكە تېگىشلىك بولغان نەرسىمۇ بۇ ئەمەس، ئۇنىڭ ئەكسىچە مەزھەپلەرنى پەيدا قىلغان سەۋەپلەردۇر. ئۇ سەۋەپلەرنى ياخشى تەھلىل قىلماستىن نە سىياسى، نە ئېتىقادىي ۋە ھەتتا فىقھى ئېقىملارنى توغرا شەكىلدە تەھلىل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئەسلىدە ئېتىقادى مەسىلىدەك كۆرۈنگەن جەبرىييە، قادىرىيە، مۇرجىئە، شىئە، مۇتەزىلە… قاتارلىق ئېقىملارنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەپلىرىنىڭ، بىزگە ئېيتىلغاندەك ھەقىقەتەن ئەقىدىۋىي بولۇپ – بولمىغانلىقىنى ۋە بولۇپمۇ بۈگۈن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بېشىغا يېڭىدىن بالا قىلىشقا تىرىشىۋاتقان « مۇرجىئە » پۇرسەتپەرەسلىرىنىڭ تارىخىي رولىنى بىلىشىمىز كېرەك.

ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە بىرىنجى مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا يەتكۈزمەكچى بولغىنىمىز، ھەزرىتى ئوسماننىڭ شاھادىتى بىلەن نەتىجىلەنگەن ۋەقەلەرگىچە بولغان تارىختا مەلۇم بىر ھىزىپ ( گۇرۇھ / مەزھەپ )نىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق. لېكىن بۇ ئېھتىماللىق ئىنسان بار بولغان ھەر جايدا مەۋجۇت بولغاندەك نەبى دەۋرىدىمۇ بار ئىدى. دەرۋەقە، كېيىنكى باپلاردا تىلغا ئېلىنغان سەھىھ رىۋايەتلەر بۇنى توغرىلايدۇ.

ئەلۋەتتە ھىزىپلىشىشنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلغان نەپەرلەر ئاسماندىن چۈشمىگەندەك، بۇلارنىڭ چۈشەنچىسىمۇ ئۇنداق سەۋەپسىزلا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ئەمەس. مەسىلەن شىئەنىڭ مەنبەسى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ تەرەپتارلىرىدا ئۇنىڭغا قارىتا پەيدا بولغان مۇھەببەت، دوستلۇق ۋە مەپتۇنلۇق تۇيغۇسى ئىدى. بۇ تا نەبى ھايات ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىپ، كېيىن ھەممىمزگە مەلۇم بولغان ۋەقەلەرگە يۈزلەنگەن ئېقىمغا ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، راشت خەلىپىلەرنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ ئاز ۋەيا كۆپ شىئەسى ( تەرەپتارى ) بولغانىدى. روشەن ئالاھىدىلىكى سۆيگۈ ۋە دوستلۇق بولغان بۇ تەرەپۋازلىق، ئالدىنقى ئىككى خەلىپىدە ھەزرىتى ئوسمانغا بولغاندەك ئۇنچىلىك ئېنىق ئەمەس ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر، ۋەزىپىگە قويغان ئىنسانلاردىن شىئە يەنى تەرەپتار بولۇش ئالاھىدىلىكىنى شەرت قىلمىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ شەرتى « لاياقەت / ئىشنىڭ ئەھلى بولۇش » ئىدى. ھەتتا بۇنىڭ ئەكسىچە، ھەزرىتى ئۆمەرگە ئىخلاس قىلىدىغان ۋە كۆز قاراشلىرىغا ئېتىبار بەرگەن دوستلىرىنى ۋالىيلىق، قۇماندانلىق ۋەزىپىسىگە قويماستىن، لازىم بولغاندا مەسلىھەت قىلىش ئۈچۈن، مەدىنىدە بوش ھالەتتە تۇتۇپ تۇرغانلىقى مەشھۇردۇر. خەلىپىلىك ۋاقتىدا، ھەزرىتى ئوسماننىڭ سىلەئى – رەھىمگە بەك ئېتىبار بېرىۋېتىشى بىلەن تۇققان ۋە قەبىلە مەنسۇپلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىشى، بۇ ۋەزىپىگە قويۇلغانلارنىڭ سىيرەت ۋە ئىجرائاتتا بەك ياقتۇرۇلمايدىغان كىشىلەردىن بولىشى، بولۇپمۇ بۇلارنىڭ تەيىنلىنىشى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلارنىڭ ھەقىقەتەن ھەزرىتى ئۆمەر تاللاپ ۋەزىپىگە قويغان لاياقەتلىك ۋە ئىلغار كىشىلەردىن بولىشى، « شىئە » ئۇقۇمىنى نوقۇل مەنىۋى ئۇقۇم بولۇشتىن چىقىرىپ سىياسى بىر ئۇقۇمغا ئايلاندۇردى. ئىلگىرى پالانىنىڭ شىئەسى دېيىلگەندە « ئالاھىدە بىر دوستلۇق ۋە مېھرى – مۇھەببەت گۇرۇپپىسى » ئەقىلگە كەلگەن بولسا، كېيىنكى دەۋرلەردە « شىئە » دېيىلگەندە بۈگۈنكى مەنىسى بىلەن « سىياسى تەرەپۋازلىق » ( پارتىيە ) ئەقىلگە كېلىشكە باشلىدى. تىپىك ئالاھىدىلىكى « سىياسى تەرەپۋازلىق » بولغان شىئەلەر، ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆلۈمى بىلەن « ھىزىپلىشىش »كە قاراپ يۈزلەندى. بۇ شۇنداق ھالغا كەلگەن ئىدىكى، ھەزرىتى ئوسماننىڭ جىنازىسىنى كۆتەرگەنلەردىن بىرى، ئۆزلىرىنى « ئوسمانىييۇن  ( ئوسمانچىلار ) » ( ئىبىن سائاد، تاباقات، III/79, IV/341, VII/126-261 ) دەپ ئاتاشتىن ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغانىدى. دەسلەپكى تارىخى مەنبەلەر، بەزى راۋىيلەرنى « ئوسمانىي » ( ئوسمانچى ) دەپ تونۇشتۇرىدۇ. بۇ تەرەپۋازلىق بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئەقىدىدە پەرقلىق يۆنىلىشلىرى بولغان بىر مەزھەپكە ئايلىنىدۇ. ھەتتا مەزكۇر تەرەپتارلارنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈشى بىلەن ئىسلام سىياسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم « رەسمىي مەزھەپ » مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئەلۋەتتە ھەر ئېقىمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبى بۇ قەدەر بىغۇبار ئەمەس. مەسىلەن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان « خارىجىلەر » ئىسمى بىلەن ئاتالغان پىرقە، يىلتىزى تا ئەسرى سائادەتكە تايانسىمۇ، ئۇلار ناھايىتى سەلبى بىر ئۆرنەك ئىدى. سەھىھۇل بۇخارىدە نەقىل قىلىنغان بىر خەۋەردىن بىلىشىمىزچە، كېيىنچە « خارىجىلەر » دەپ ئاتالغان « قۇررا »نىڭ رەئىسى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا بولغان، ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ جەڭ قىلغان بىر كىشى ئىدى. مەشھۇر ساھابە ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى مۇنداق دەيدۇ:

« رەسۇلۇللاھ غەنىمەت تەقسىم قىلىۋاتقاندا، ئابدۇللاھ بىن زىل خۇۋەيسىرا ئەتتەمىمى كەلدى ۋە دېدىكى:

– ئادىل بولغىن ئەي رەسۇلۇللاھ!

– ئىسىت ساڭا! مەن ئادىل بولمىسام،  كىم ئادىل بولالايدۇ؟

ئۆمەر ئالدىغا ئېتىلدى:

–  ئىجازەت قىل، كاللىسىنى ئالاي.

– ئونى قويۇۋەت! ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بار ئىكەن. سىلەردىن بىرىڭلار نامىزىنى ۋە روزىسىنى، ئۇلارنىڭ نامىزى ۋە روزىسى ئالدىدا تۆۋەن كۆرىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، ئوق يايدىن چىققاندەك دىندىن چىقىپ كېتىدۇ ». ئۇنىڭدىن كېيىن ئەبۇ سەئىد مۇنۇ شاھادەتنى ئېيتىدۇ: بۇنى ئاللاھ نەبىسىدىن ئاڭلىغانلىقىمغا شاھادەت ئېيتىمەن ۋە يەنە شاھادەت ئېيتىمەنكى ئەلى ( نەۋھاراندا ) ئۇلار بىلەن ئۇرۇشتى، مەنمۇ ئۇنىڭ سېپىدە ئىدىم. بۇ ئايەت ئۇنىڭ ھەققىدە نازىل بولدى:

« ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى سېنىڭ سەدىقە ( ۋە غەنىمەت )لەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىپلەيدۇ…» ( تەۋبە سۈرىسى، 58 ) ( ئىبنى ھاجەر، فەتھۇلبارى، كىتابۇل ئىستىتابە، 7. ھ. نۇمۇرى، 6933،  XII/303).

ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا توپلانغان كىشىلەر ھەر قانداق بىر شەخىسنىڭ « شىئە »سى ئەمەس بولۇپ، مەۋجۇت ۋەزىيەتتىن بىئارام بولغانلىقىنى ئېيتقان كىشىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرگە ئوخشاش ساھابىلەرنىڭ ئوغۇللىرىمۇ بار بولۇپ، ئوتتۇرىدا جىددى بۆلۈنۈپ كېتىش، پارچىلىنىش دېگەننىڭ شەپىسى يوق ئىدى. بىزگە يېتىپ كەلگەن تۇنجى مەنبەلەردە، بۇ كىشىلەرنىڭ مەلۇم بىر ھىزىپقا تەۋە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق يىپ ئۇچى يوق. بۇنىڭ بىر سىستېمىلىق ئىسيان ئەمەسلىكىنى، ھېچقانداق بىر گۇرۇپپىغا تەۋە بولمىغانلىقىدىن كۆرۋالغىلى بولىدۇ.

مالىمانچىلىقلار ھەزرىتى ئوسماننىڭ شېھىت قىلىنىشى بىلەن تەڭ باشلاندى. ئۇ كۈنگىچە ئوتتۇرىغا چىقمىغان تەرەپۋازلىقلار ( شىئەلەر ) شەكىللىنىشكە باشلىدى. ئىسلامنىڭ كېلىشى بىلەن كۈلگە ئايلانغان قەبىلىۋازلىققا، بۇ تەرەپتارلارنىڭ قولى بىلەن قايتىدىن ئوت تۇتۇشۇشقا باشلىدى. ھەر نەرسىنىڭ قانۇنىيلىقى يەنى شەرىئەتكە چۈشۈپ – چۈشمەيدىغانلىقى مۇنازىرە تېمىسىگە ئايلانغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئەجىر سىڭدۈرۈپ بەرپا قىلىپ چىققان، راشىد ۋە مۇرشىد خەلىپىلەر كۆز قارچۇغىدەك ئاسراپ كەلگەن نەبەۋۋى قۇرۇلما توپقا تۇتۇلۇشقا باشلانغان ئىدى. مەنىۋى قىممەتلەر تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئۇ ئەسرى سائادەت ساھابىلىرى، ناھايىتى ئېغىر بىر ئېمھتىھاندىن ئۆتۈۋاتاتتى. بەئەينى بىر كىچىك بىر قىيامەت ئىدى.

نەبەۋى خەلىپىلىكنى ئەڭ ئېغىر زاماندا ئۆز ئۈستىگە ئالغان تۆتىنجى خەلىپە، جەمەل، سىففىن، تەھكىم، نەھراۋان دېگەندەك ئارقىمۇ ئارقا كەلگەن خېيىم – خەتەردىن ئۆتۈش ئۈچۈن، ئۇ يەردىن بۇيەرگە چېپىپ يۈرگەن ئىدى. « قانداق بولساڭلار شۇنداق باشقۇرۇلسىلەر » دېگەن ھەقىقەتنى كەينىگە سۆرىيەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، كۆڭلى غەش ھالدا مۇنداق دۇئا قىلغان ئىدى:

« مەن ئۇلاردىن، ئۇلارمۇ مەندىن تويدى. مېنى ئۇلاردىن قۇتقۇزغىن، ئۇلارنىمۇ مەندىن » ( ئىبنى سائاد، تاباقات،  III/34).

« كىم ھەق، كىم باتىل ئىدى؟ نېمىشقا بۇ يولنى تاللىغان؟ پالانىچىلار نېمىشقا پوكۇنىچىلار بىلەن بىرگە ئىدى؟ پالانىچىلار نېمىشقا پوكۇنىچىلار بىلەن بىرگە بولمىغان؟ ھەقتە بولغاننىڭ دەلىلى نېمە؟ باتىل دەپ قارالغاننىڭ دەلىلى نېمە؟ قايسى تەرەپنى تاللىشى كېرەك ئىدى؟ ياكى تەرەپتارلاردىن بىرىگە باغلانسا بولامتى؟ باغلانسا مەسئۇل بولامتى؟ ھېچقانداق تەرەپنى تۇتمىسا قانداق بولاتتى؟

ئۆلگەنلەر ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەق ھوزۇرىدىكى ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ ئاخىرەتتە قانداق مۇئامىلە كۆرىدۇ؟ ئۆلگەن ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا، جەننەت بىلەن خوشخەۋەر بېرىلگەنلەر، بەدىر ئەھلىگە ئوخشاش قۇرئان خوشخەۋەر بەرگەنلەر بار ئىدى. ياكى بولمىسا ئىنسان تەقدىرگە مەھكۇممۇ؟ بارلىق بۇ بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەردە ئىنساننىڭ ئىرادىسى قانچىلىق بولغان؟ ياكى بولمىسا پۈتۈن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئىنسان ئۆزى پەيدا قىلغان ئىشلارمىدى؟ ئۆلتۈرگەن دىندىن چىقتى دەپ قارىلامدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس بولسا، ئەمىلى بىلەن ئىمانى ئارىسىدا قانداق بىر مۇناسىۋەت قۇرۇش مۇمكىن؟ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ زۇلمىغا قانداق بىر ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك؟

تەبىئىيكى، بۇ سوئاللارنىڭ كۆپىنچىسى ۋەقەلەرگە ئەقىدە – ئىمان نوقتىسىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ سورىغان سوئاللار ئىدى.

ئەمما ۋەقەلەرنىڭ يىلتىزى سىياسىغا تۇتاشقان ئىدى. ۋەقەلەرنى ئىمان نوقتىسىغا كۆتۈرۈپ، بۇ نوقتىدىن قاراشقا ۋە جاۋاپ ئىزدەشكە باشلىنىشى بىلەن تەڭ، ۋەقەلەرگە بۇ نوقتىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش مودىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. كېيىنكىلەرمۇ ئالدىنقىلارنىڭ بۇ مودىسىغا ئەگەشكەن پېتى، مەزكۇر دەۋرنى « مەخسۇس ھىمايە ئاستى »غا ئېلىپ كەلدى. ئۆزىنىڭ گۇمانلىرىنى ئەقىدە سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە باشلىدى، ئۆلچەم قويۇشتى. ئۇنىڭغا چۈشمىگەنلەرنى قولىدىكى سېھىرلىك تاياق بىلەن « شۇچى »، « بۇچى » دەپ ئېلان قىلىپ ھۆكۈم كېسىكە باشلىدى. بۇنداق پوزىتسىيە بىر – بىرىگە زىت بولغان قۇتۇپلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولدى.

باشقا قايتىدىغان بولساق، سورالغان بۇ سوئاللارغا كىتاپ ۋە سۈننەتتىن دەلىل ئىزدەشكە، جاۋاپلار تېپىلىشقا باشلاندى. ئەمدى قۇرئان نەيزىنىڭ ئۇچىدا ئىدى. غەلىبە قىلىشنى ئويلىغان كىشى نەيزىسىنىڭ ئۇچىغا قۇرئاننى تاقىۋالدىمۇ كۇپايە قىلاتتى. تەرەپۋازلىقلار سىياسى شەكىلدە باشلاندى، ئەقىدىۋى تۈستە تەرەققىي قىلدى، ئابباسىلار دەۋرىدە قان داۋاسىغا ئايلاندۇرۇلدى. بۇ ئەزەلى قان داۋاسى، داۋام قىلىشنى خالىغانلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن بۈگۈنكى كۈنگىچە سۆرەپ كېلىندى.

ئىختىلاپلار ئۇ قەدەر ئىچكىرىلەپ كەتتىكى، كىشىلەر ئۆز ھىزىبىنىڭ غالىپ كېلىشى ئۈچۈن، ھەرنەرسىسىنى، زۆرۈر تېپىلسا دىنىنىمۇ پىدا قىلىشاتتى. قارىغۇلارچە ئەگىشىش ئۆچمەنلىككە، ئۆچمەنلىك ئىنتىقامغا، ئىنتىقام قانغا ئايلانغان بولۇپ، ئەمەۋىلەر بۇ ئىنتىقام ئۈچۈن 80 يىلدا مىڭلىغان كاللىنى ئالغان ئىدى. ھاكىمىيەت ئالماشقاندىن كېيىن، ئاللاھ كونا زالىملارغا يېڭى زالىملارنى مۇسەللەت قىلغان ئىدى. بۇ مۇشۇنداق داۋام قىلپ كېتىۋەردى. ئەمما ھەممىسى قىلغان – ئەتكەنلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرالمىدى.

پىرقىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە كەلسەك… بۇ تېما ئۈستىدە توختالغاندا، داڭلىق تارىخچى ئىبن سادنىڭ « ئەلى ئەسھابى » ۋە « ئوسمان شىئەسى » شەكلىدىكى ئۇسلۇبىنى تاللىدۇق.

ئىمام ئەزەمنىڭ سىياسى مەيدانىنى ياخشى چۈشۈنۈش ئۈچۈن تۆت مەزھەپنى بىلىش كېرەك ئىدى. بۇلاردىن شىئە ۋە مۇرجىئە بەلگىلىك تەسىر بىلەن، مۇتەزىلە ۋە خاۋارىجلار مۇئەييەن ئىشقا قارىتا قايتۇرغان ئىنكاس بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ھەرىكەتلەر ئىدى. ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىپىگە بىنائەت قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمىز.

بۇلاردىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئېقىملار پەيدا بولغان بولسىمۇ، ۋەقەلەرنى تەھلىل قىلغان ۋاقتىمىزدا سىياسى تەرىپىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىمىز ئۈچۈن، سىياسى ساھەدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغانلار ئۈستىدە توختالمايمىز. مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ تۆت ئانا ھىزىپ ئىچىدىن كېلىپ چىققان ئىدى. بىز ئالدى بىلەن پىرقىلەرنىڭ سىياسى كىملىكىنى تەھلىل قىلىشقا كىرىشىمىز. بەرگەن باھالىرىمىزمۇ بۇ تەرەپكە قارىتىلغان بولىدۇ. ئىشنىڭ كالامى تەرىپى بىز بىلەن بىرىنجى دەرىجىدە مۇناسىۋەتسىز. مەقسىتىمىز پىرقىلەرنى، ئادەتلەنگەن ئۇسلۇب بولغان ھەق – باتىل / ھەق – ناھەق تەكشىلىكىدە باھالاپ قازىلىق قىلىش ئەمەس، قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئەندىزە ۋە شەكىللەرنىڭ تۇزىقىغا چۈشمەستىن، ئۇ دەۋرنىڭ ئىنسانلىرىنى ۋە ۋەقەلىكلىرىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشىشتۇر. چوقۇم بىر ئۆلچەم قويۇشقا توغرا كەلسە، بەلكى « زۇلۇم – ئادالەت » تارازىسىغا قويىمىز. سىياسى كىملىكىنى چىقىرىشقا تىرىشىمىز.