ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز

 

ئى ئىنسانلار! ئاللاھ قا ئىتائەت قىلغۇچىغا ئىتائەت قىلىش شەرتتۇر. ئاللاھ قا ئىتائەت قىلمىغانلارغا سىلەرمۇ ئىتائەت قىلماڭلار. مەن بۇ پرىنسىقا ئەمەل قىلغان مۇددەتچە سىلەرمۇ ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر مەن ئەمەل قىلمىسام، سىلەرمۇ ماڭا ئىتائەت قىلماڭلار. چۈنكى مەن ئاللاھ قا ئىتائەت قىلمىغان ۋاقتىمدا، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بىر مەسئۇلىيەت قالمايدۇ.

ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز

 

ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز ھىجرى 99 – يىلى سۇلايمان بىن ئابدۇلمەلىكنىڭ مەخپىي ۋەسىيىتى بىلەن ئۇنىڭغا ئورنىغا ۋارىسلىق قىلدى. ھۆكۈمدار بولغاندىن كېيىن، سەلتەنەتنىڭ بارلىق تۈزۈملىرىنى رەت قىلدى. ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرگە ئوخشاش، ئۆزىنىڭ خەلىپىلىكىنىمۇ شەرئى ئەمەس دەپ قارايتتى. چۈنكى ئۇ خەلىپىلىك ماقامىغا شۇرا ۋە ھۆر بەيئەت بىلەن كەلمىگەن بولۇپ، ۋارىسلىق يولى بىلەن بۇ ماقامدا ئولتۇرغانىدى.

راشىد بىر خەلىپە بولۇش ئۈچۈن ئىشنى ئالدى بىلەن خەلىپىلىك ئورنىنى مۇنازىرىگە ئېچىش بىلەن باشلىدى. ۋارىسلىقنىڭ ئېنىق ھالدا سەلتەنەت ئىكەنلىكىنى ئۇ ياخشى بىلەتتى. بۇ بەيئەت ۋە شۇرادىن ئىبارەت ئىككى ئاساستىن يوقسۇن ئىدى. ئۇ خەلقنىڭ ھوزۇرىغا چىقىپ مۇنداق دېدى:

« بۇرۇن مۇنداق بىر ماقامغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىمدىن خەۋرىم يوق ئىدى. خەلىپىلىك ماڭا تاپشۇرۇلغاندا، ھېچكىم مېنىڭ پىكرىمنى ئېلىپ باقمىدى. ھەقىقىي بىر خەلىپە بولالىشىم ئۈچۈن، مېنىڭ بۇ ئىشقا تالىپ بولىشىم ۋە مۇسۇلمانلارنىڭمۇ شۇرا ئارقىلىق بۇ ھەقتە قارار بېرىشى كېرەك. بۇ سەۋەپتىن ئىلگىرى ماڭا قىلغان بەيئىتىڭلاردىن ۋاز كەچتىم. سىلەر خالىغان كىشىنى خەلىپە قىلىپ سايلىساڭلار بولىدۇ ».

ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ بۇ سۆزلىرىنى چۈشىنەلىشىمىز ئۈچۈن، بىر قانچە نوقتىنى ياخشى بىلىشىمىز كېرەك.

سەلتەنەتنىڭ ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزدىن بۇرۇنقى ھۆكۈمدارى سۇلايمان بىن ئابدۇلمەلىك، ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارغا ئوخشاش ئۆزىدىن كېيىنكى تەخت ۋارىسى ھەققىدە بىر ۋەسىيەت قالدۇرماقچى ئىدى. ئۇ ئورنىغا ئىنىسىنى ۋارىس قىلىپ بېكىتمەكچى بولغاندا، ئامانلىق ئىشىغا مەسئۇل بولغان رەجانىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنىسى يەزىدنى ۋارىس قىلىپ ۋەسىيەتنامىگە يازغاندىن كېيىن، ئاغزى ئېتىلگەن لىتاپقا ھەممە كىشىنى بەيئەت قىلىشقا چاقىردى. ۋەسىيەتنامىگە كىملەرنىڭ ئىسمى يېزىلغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى، ھەتتا ئىسمى يېزىلغان كىشىلەرمۇ بۇنىڭدىن بىخەۋەر ئىدى. سۇلايماننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ۋەسىيەتنامە ئېچىلدى. يەزىد بۇنىڭغا ئېتىراز قىلغان بولسىمۇ، رەجا « كاللاڭنى ئالىمەن! » دەپ قورقۇتۇپ، ئۇنى بېسىقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ خەلىپىلىك دەۋرى باشلاندى.

سەلتەنەتنىڭ بەيئەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى مۇشۇنداق ئىدى. ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز بۇنىڭ بەيئەت ئەمەس، بىر كۆز بويامچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، خەلقنىڭ ھوزۇرىغا چىقىپ ئۇلاردىن ھەقىقىي بىر بەيئەت تەلەپ قىلغانىدى. بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ ھۆر ئىرادىسى بىلەن ئۆزىنى تاللىغانلىقىنى، خەلقنىڭ باشقا بىرسىگە رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇ ۋالىي بولغان مەزگىللىرىدە ئادىل يۇرت سورىشى بىلەن خەلقنىڭ تىلىدا بىر ئەپسانىگە ئايلانغانىدى.

خەلقنىڭ ھۆر بەيئىتى بىلەن خەلىپىلىكنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز ئۇلارنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرغانىدى:

« بۇ ئۈممەتنىڭ شەخسلىرى ئارىسىدا رەببى، نەبىسى ۋە كىتاب ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئىختىلاپ يوق. ئىختىلاپلارنىڭ ھەممىسى دىنار ۋە دەرھەم سەۋەبىدىندۇر. ۋاللاھى، شەرىئەتسىز ۋە ھەقسىز ھالدا ھېچكىمگە بىر يارماقمۇ بەرمەيمەن، بىر يارماقمۇ ئالمايمەن. ھەققى بولسا ئۇنى رەت قىلمايمەن ».

« ئى ئىنسانلار! ئاللاھ قا ئىتائەت قىلغۇچىغا ئىتائەت قىلىش شەرتتۇر. ئاللاھ قا ئىتائەت قىلمىغانلارغا سىلەرمۇ ئىتائەت قىلماڭلار. مەن بۇ پرىنسىقا ئەمەل قىلغان مۇددەتچە سىلەرمۇ ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر مەن ئەمەل قىلمىسام، سىلەرمۇ ماڭا ئىتائەت قىلماڭلار. چۈنكى مەن ئاللاھ قا ئىتائەت قىلمىغان ۋاقتىمدا، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بىر مەسئۇلىيەت قالمايدۇ » ( ئىبنى كەسىر، ئەلبىدايە، IX/221 ).

مۇنزىر بىن ئۇبەيد مۇنداق دەيدۇ: « ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز جۈمە نامىزىدىن كېيىن خەلىپىلىككە سايلاندى. قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولغان بولۇپ، شۇ كۈنى ئەسىر نامىزىغا كەلگەندە، ئۇنى تونىيالماي قالدىم » ( ئىبنى ساد، تاباقات، V/341 ).

بالىلىق ۋاقتى سارايدا، ياشلىق ۋاقتى ۋالىيلىق بىلەن ئۆتكەن بىر ئەمەۋى شاھزادىسى بولغان ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز، ئۈممەتنىڭ ئاسمىنىنى قاپلىغان زۇلمەتلىك بىر كېچىگە ئوخشايدىغان، 90 يىللىق ئەمەۋى زۇلمىتىنىڭ ئوتتۇرىدا چاقنىغان بىر يۇلتۇزغا ئوخشايتتى. ئەمەلگە ئاشۇرغان ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئىتىبارى بىلەن  بىرىنچىسى ئىدى، بەلكىم. مۇشۇنداق ھاياتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر كىشى، قانداق بولۇپ ئىسلام تارىخىدا كەڭ كۆلەملىك بىر ئىسلاھات ئېلىپ بارالىغانىدى؟

ئەلبىدايە مۇئەللىپى ئۇنىڭ ۋىجدانىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان بىر ۋەقە ھەققىدە توختالغان:

ۋەلىد بىن ئابدۇلمەلىكنىڭ سەلتەنەت دەۋرى ئىدى. ئۇ مەزگىلدە ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز مەدىنە ۋالىيسى بولۇپ، خەلىپە ۋالىينى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، بىر پەرمان بىلەن ئابدۇللاھ بىن زۇبەيرنىڭ ئوغلى خۇبەيبنى ئەللىك قامچا ئۇرغۇزغانىدى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، قىش مەزگىلىدە ئۇنى مەسجىدى نەبەۋۋىنىڭ بىر ئىشىكىدە سازايى قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۈستىگە توختىماي سوغاق سۇ چاچقۇزغان. خۇبەيب بۇ قىيىن – قىستاققا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆلگەن.

قەدەرنىڭ جىلۋىسىگە قاراڭ، بۇ خۇبەيب ئىنىسى ھەمزە بىلەن بىرگە، ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە دادىسى ئابدۇللاھ بىن زۇبەيرنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ۋە ئاللاھ نىڭ دۈشمىنى بولغان ھەججاجدىن پاناھلىق تىلىگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى شېھىت بولۇش ئالدىدىكى دادىسىغا بەكمۇ ئېغىر كەلگەنىدى. شۇنداقتىمۇ ئاقىۋەتتە ئۇلار ئەمەۋى زۇلۇمىدىن يەنىلا قېچىپ قۇتۇلالمىدى. قورققان ئىش ئەڭ دەھشەتلىك شەكىلدە بېشىغا كەلگەنىدى.

ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاستىدىكى بىر جايدا، بۇنداق ئىنسان قىلىپىدىن چىققان جىنايەتنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ھەزىم قىلالمىغان ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغانىدى. كېيىنكى مەزگىللەردە تەيىنلەنگەن باشقا ۋەزىپىلەردە ئادىل بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ھەممە ياخشى كۆرىدىغان بىر كىشىگە ئايلانغان.

ئۇنىڭغا تارىخچىلار « ئۆمەرى سانى ( ئىككىنجى ئۆمەر ) » دەپ نام بەرگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇنى ئادالەتنىڭ سىمۋولى بولغان راشىد خەلىپە ئۆمەر بىن خەتتابقا ئوخشاتقانىدى. ھەرگىزمۇ مۇبالىغە بولمىغان بۇ ئوخشىتىشنىڭ يەنە بىر ئىرسىي رىئاللىقىمۇ بار بولۇپ، ئۇ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ نەۋرىسى ئىدى. ئەمەۋى خانىدانى ھەقسىز شەكىلدە ئېلىۋالغان بارلىق مال – مۈلكىنىڭ غەزىنىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋاقتىدا، ئەمەۋى شاھزادىسى ئۆمەر بىن ۋەلىد مۇنداق دېگەن ئىدى:

« ئۆمەر بىن خەتتابنىڭ نەسەبىدىن بىر كىشىنى ھۆكۈمدار قىلدىڭلار، ئۇ سىلەر مۇشۇنداق قىلدى ».

ئۇ، زۇلۇم يولى بىلەن ئىگە بولىۋالغان ماللارنى غەزىنىگە تاپشۇرۇشنى ئالدى بىلەن ئۆزىدىن باشلىدى. « بۇ مەن ھەقلىق رەۋىشتە ئىگە بولغان مال – مۈلكىم » دېگەن ئاز مىقداردىكى مۈلكتىن باشقا بارلىق مۈلكىنى غەزىنىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. غەزىنىگە قايتۇرپ بەرگەن مۈلكنىڭ ئىچىدە رەپىقىسىنىڭ ئۈنچە – مەرۋايىتلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇ غەزىنىگە قايتۇرغان مۈلكنى سانلىق مەلۇمات بىلەن ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە، ئىلگىرى يىللىق كىرىمى 40 مىڭ دىنارغا توغرا كېلىدىغان زېمىنى بولغان بولسا، مۈلكىنى غەزىنىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن يىللىق كىرىمى 400 دىنارغا چۈشۈپ قالغان. ( ئىبنى كەسىر، ئەلبىدايە، IX/221-227؛ ئىبنۇلئەسىر، ئەلكامىكل، IV/327-331 ).

ھەقسىز رەۋىشتە ئىگە بولىۋالغان مال – مۈلكنى غەزىنىگە قايتۇرۇش ئىشى خانىدانلىقتىكىلەرنى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، قانۇن / شەرىئەتنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن بولىشىغا رازى بولمىغان بارلىق ھاكىمىيەتلەردىكىگە ئوخشاش، خەلقنىڭ قان – تەرىنى شوراپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ قالغان بۇ « ئاقسۆڭەك » تەبىقە، ئىلكىدىكى مال – مۈلكتىن ئايرىلىپ قېلىش ئالدىدا ئىدى. خانىدانلىقتىكىلەر خەلىپىنى بۇ قارارىدىن ۋازكەچكۈزۈش ئۈچۈن ھاممىسى پاتىمە بىنتى مەرۋاننى ئارىغا سالدى. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى:

« ئائىلە ئەزالىرى، سېنىڭ بۇ ئىشىڭنىڭ ياخشى نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئېغىر بەدەل تۆلەپ قالىدىغانلىقىڭنى ئەسكەرتىۋاتىدۇ ».

ئوپئوچۇق تەھدى بولغان بۇ سۆزلەر « ئوتلاقچى تەبىقە »نىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى ئىدى. مۇئاۋىيە بىن يەزىد تېمىسىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، سۇلتان سەلتەنەتتىن ۋازكەچكەن، ئەمما خانىدان ۋازكەچمىگەنىدى.

ھاممىسى يەتكۈزگەن بۇ تەھدىدكە قارىتا ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن:

« ھېساپ بېرىدىغان قىيامەت كۈنىدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقۇپ قالمايمەن! ».

جىيەنىنى قايىل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ھامما، خانىدانىغا بىلىپ – بىلمەي سەلتەنەت بىلەن نۇبۇۋۋەتنىڭ ئىرسىيىتىنى ئىپادىلىگەن مۇنداق سۆزلەرنى قىلغانىدى:

« سىلەر بۇ كىشىدىن نېمىنى كۈتىۋاتىسىلەر؟ ئۆمەر بىن خەتتابنىڭ ئائىلىسىدىن بىر قىزنى ئالدىڭلار. بۇمۇ ئەلۋەتتە ئانا تەرەپنى تارتىپتۇ ».

ئىبنى ئەسىرنىڭ ئەلكامىلىدا، بۇ سۆھبەتلەر ئارىسىدا ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ ھاممىسىغا مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنغان:

« – ئاللاھ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى غەزەپ ئەمەس، رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتى. ئاندىن كېيىن ئۇنى دەرگاھىغا ئالدى. ئاللاھ رەسۇلى ئىنسانلارغا بىر دەريا قالدۇرۇپ كەتتى. ئىنسانلار ئۇنىڭدىن ئوخشاش مىقداردا ئىچتى. ئاندىن كېيىن ئەبۇ بەكىر كەلدى ۋە ئۇ دەريانى شۇ پېتى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەر خەلىپە بولۇپ سايلاندى ۋە ئۇمۇ دوستىغا ئوخشاش ئىش قىلدى. ئوسمان خەلىپە بولغاندىن كېيىن بۇ دەريادىن بىر ئېقىن ئايرىلىپ چىقتى. مۇئاۋىيەگە كەلگەندە بۇ دەريادىن بىر ئەمەس، بىر قانچە ئېقىن ئايرىلىپ چىقتى. ئۇ دەريا يەزىد، مەرۋان، ئابدۇلمەلىك، ۋەلىد ۋە سۇلايمان تەرىپىدىن  داۋاملىق پارچىلاندى ۋە قۇرتۇلدى. ئەمىرلىك ماڭا يېتىپ كەلگىچە ئاللاھ رەسۇلى قالدۇرۇپ كەتكەن چوڭ دەريا قۇرىدى. بۇ دەريانى بۇرۇنقى ھالىغا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئايرىلغان ئېقىنلارنى قايتىدىن بىرلەشتۈرۈلگىچە ھېچكىم ئۇ دەريادىن خالىغانچە پايدىلىنالمايدۇ ».

ئايالى پاتىمە، ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:

« ھوجرىسىغا كىرگىنىمدە، كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۇنى سەجدىدە يىغلاۋاتقان ھالدا كۆرەتتىم. بىر قېتىم نېمە ئۈچۈن يىغلاۋاتقانلىقىنى سورىدۇم، ئۇ مۇنداق دېدى:

مەن مۇھەممەد ئۈممىتىنىڭ خەلىپىسى بولۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتى ئېغىر بىر ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئالدىم. بۇ ئۈممەتنىڭ ئىچىدە ئاچ، يوقسۇل، بىتاپ، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار بار. ھەقلىق ياكى ناھەق زىنداندا ياتقانلار بار. ئاجىزلار، ياشىنىپ قالغانلار بار. ئاللاھ ھېساپ كۈنىدە مەندىن بۇلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلىمەن. رەسۇلۇللاھ ئۈممەتنىڭ ئىشلىرىنى قانداق باشقۇرغانلىقىمنى سورايدۇ. مەن بۇ داۋانىڭ زىيىنىمغا نەتىجىلىنىشىدىن قورقىمەن. بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ يىغلاۋاتىمەن » ( ئىبنۇلئەسىر، ئەلكامىل، IV/330؛ ئىبنى كەسىر، ئەلبىدايە، IX/209 ).

ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز دەۋرىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇھىم ئىسلاھاتلاردىن بىرسى، ئۈممەتنىڭ بىرلىكى نوقتىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن، سەلتەنەتنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن تىرىلغان تەپرىقە ئۇرۇقنى قۇرۇتۇپ تاشلاشقا تىرىشتى. بۇ تىرىشچانلىقى قاتارىدا، ئۈممەت ئىچىدە پىرقىلەر ئارىسىدا خۇن داۋاسىغا ئايلانغان ئۆمۈرلىك جەڭگى – جىدەللەرگە بىر مەزگىل بولسىمۇ خاتىمە بېرىلدى. يۇقىرىدىكى بايانىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىدەك، ئاللاھ رەسۇلىنىڭ پارچىلىنىپ كەتكەن دەرياسىنى بۇرۇنقى ھالىغا قايتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئەپسۇسكى، بۇ تىرىشچانلىقىنىڭ مېۋىسىنى كۆرەلمەي بۇ ئالەمدىن ئايرىلدى.

ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ سەلەپ ئىچىدىكى پىرقىلىشىشكە بولغان قارشى ناھايىتى ئېنىق ۋە تەمكىن كىشى ئىدى. خىلاپەتتىكى پىشىپ – يېتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بۇ ئېسىل زات، ئۈممەتنىڭ ۋەھدەتى / بىرلىكى ئۈچۈن ئاللاھ، نەبى ۋە كىتاپنى يېتەرلىك دەپ قارايتتى. بۇنىڭدىن باشقىسىنى « دىنار ۋە دەرھەم ئۈچۈن » ئوتتۇرىغا چىققان تەپرىقىچىلىق دەپ قارايتتى، تەكتىدە دۇنياۋى مەنپەئەت، مەنسەپ ۋە ھوقوق تاماسى ياتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ۋەھدەت ئۈچۈن بېسىلغان تۇنجى قەدەم، مۇئاۋىيە ئوتتۇرىغا چىقارغان ساھابىلەرگە ھاقارەت قىلىش ئەنئەنىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا ياخشى بىر ئەنئەنىنى تىكلەش بولدى. ئۇ تىكلىگەن بۇ ياخشى ئەنئەنە، ئۈممەتنىڭ بىرلىكى ھەققىدىكى بۇ سەمىمىيىتىنىڭ بىر ئىسپاتى سۈپتىدە بۈگۈنمۇ داۋاملاشماقتا.

ئەھلى بەيت ۋە ئۇلارنىڭ تەرەپتارلىرىغا قىلىنغان ھەقسىزلىقلارغا خاتىمە بەردى. شىئەدىن لاياقەتلىك دەپ قارىغان كىشىلەرگە ھاكىمىيەت قاتلىمىدىن ئورۇن بەردى. ئەمەۋى خانىدانى ئىچىدە تالان – تاراج قىلىنغان رەسۇلۇللاھقا ئائىت خۇسۇسىي زېمىن فەدەكنى ئەھلى بەيتكە قايتۇرۇپ بەردى.

ئەھلى بەيت ۋە شىئە ( تەرەپتارلىرى )، ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ بۇ ئىجرائاتلىرىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغان بولۇپ، ئۇنى كېلىشىنى كۈتىۋاتقان مەھدى دەپ قارىغانىدى. بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەردىن بىرسى مۇنداق:

« مۇھەممەد بىن ئەلىدىن ئاڭلىدىم. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: رەسۇل بىزدىن، مەھدى ئابدۇشەمىس ئوغۇللىرىدىن كەلدى. بىز ( ئەھلى بەيت ۋە شىئە ) ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزنى مۇشۇنداق قارايمىز ».

ھەزرىتى ئەلىنىڭ قىزى پاتىمەمۇ ئۇنىڭ ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى:

« ئۆمەر مەدىنە ۋالىيسى بولغان كۈنلەردىن بىرى ئىدى. ئىجازەت ئېلىپ يېنىغا كىردىم. مۇھاپىزلاردىن تارتىپ ھەممىسىنى چىقىرىۋەتتى. پەقەت مەن ۋە ئۇ قالغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن:

ئى ئەلىنىڭ قىزى! يەر يۈزىدە ئۆزەمنىڭ ئەھلىمنى سېنىڭ ئەھلى بەيتىڭنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرمەيمەن » دېدى. ( ئىبن ساد، تاباقات، V/333, 334 ).

ئۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە زۇلۇمدىن قۇتۇلغان ۋە رازى قىلىنغانلار پەقەت ئەھلى بەيت ۋە ئۇلارنىڭ شىئەسى ئەمەس ئىدى.

مۇتەزىلە ۋە خارىجىلەرمۇ ئۇنىڭ ئادىل ھاكىمىيىتىدىن ئۆزىگە چۇشلۇق نېسىۋىنى ئالغانىدى. مۇتەزىلەنىڭ ئىماملىرىدىن غەيلان ئەد – دەمەشقى، ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلغانىدى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن ۋە غەيلان ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلغان. غەيلان: « مېنى، ئۇمەييە ئوغۇللىرى ئېلىۋالغان ۋە سەن غەزىنىگە قايتۇرىۋالغان غەزىنىگە ئائىت زېمىنلارنى سېتىش خىزمىتىنى ماڭ بەرگىن » دېگەن. خەلىپە ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلغان. غەيلان بۇ ماللارنى پايتەختنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدا ساتقاندا مۇنداق دەپ ۋاقىرايتتى:« كېلىڭلار! خائىنلار، زالىملار بۇلىۋالغان ماللارنى سېتىۋېلىڭلار! كېلىڭلار! ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ئۈممىتىگە ۋارىس بولغان، لېكىن ئۇنىڭ سىرەت ( ھاياتى ) ۋە سۈننىتىگە ۋارىس بولمىغانلارنىڭ ماللىرىنى سېتىۋېلىڭلار! كىم بۇلارنىڭ ھىدايەت يېتەكچىلىرى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلالايدۇ؟ ئۇلار بۇلارنى يەۋاتقاندا كىشىلەر ئاچلىقتىن ئۆلىۋاتقانىدى ».

ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنى قوللىغان بارلىق تەۋھىد ۋە ئادالەت ئەھلى ( مۇتەزىلە ) ئۆلتۈرۈلدى ياكى زىندانلارغا تاشلاندى. غەيلان ئەد – دەمەشقىنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى پاجىئەلىك بولدى. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تىلىنى كەستى، ئاندىن ئەزالىرىنى بىرمۇ – بىر كېسىپ تاشلىدى ۋە شۇ ھالىتىدە ئۆلۈمگە تەرك ئەتتى.

خارىجىلارغا كەلسەك… ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز، ئۆزىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن خارىجىلارنى باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن قوشۇن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى سۈلھى قىلىشقا دەۋەت قىلىپ:

« نېمە ئۈچۈن مالىمانچىلىق پەيدا قىلىسىلەر؟ ئەگەر دېيىشىدىغان سۆزۈڭلار بولسا كېلىڭلار، سۆھبەتلىشەيلى، مۇنازىرلىشەيلى. ھەقىقەت سىلەر تەرەپتە بولسا، پىكرىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن. ياق، ئەگەر ھەقىقەت مەن تەرەپتە بولسا، بۇ مۇئامىلەڭلاردىن ۋازكېچىشىڭلار كېرەك » دېگەنىدى.

سەلەف دەۋرىنىڭ ئەڭ مۇستەبىت چۈشەنچىسىدىكى بۇ كىشىلەر، ئۇنىڭ بۇ مۇئامىلىسى ئالدىدا يۇمشىدى. ئۇنىڭ بۇرۇنقىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆردى. ھەتتا ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارنىڭ قىلمىشلىرىنى  « زۇلۇم » دەپ قارىغانلىقىغا شاھىت بولدى. دېگىدەك باشقا سۆزى قالماي، نېمە ئۈچۈن ئەمەۋى سۇلتانلىرىغا لەنەت ئوقۇمىغانلىقىنى سورىدى. ئۇ بۇ سوئالغا:

« ئۇلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن قىلمىشلىرىنى زۇلۇم دېيىشىمىز يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭغا قوشۇپ لەنەت ئوقۇشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ سىلەر پىرئەۋىنگە قانچە قېتىم لەنەت ئوقۇدۇڭلار؟ » دەپ جاۋاپ بەردى.

خارىجىلار ئەڭ ئاخىرىدا بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى، خىلاپەتتە ۋارىسلىق مەسىلىسى… ئۆزىدىن كېيىن ۋارىس بولىدىغان يەزىد بىن ئابدۇلمەلىكنىڭ زالىم ۋە پاسىق ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم تۇرۇپ، بۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سورىدى. ئۇ ئۇلارغا بۇنى ئۆزى ئەمەس، ئەكسىچە سۇلايمان بىن ئابدۇلمەلىكنىڭ ۋەسىيەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن، ئۇلار مۇنداق دېدى:

« يەزىدنى سەندىن كېيىن خەلىپە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭغا بەيئەت ئالغان سۇلايمان بىن ئابدۇلمەلىكنىڭ توغرا بىر ئىش قىلغانلىقىغا ئىشىنەمسەن؟ ».

بۇ سوئالغا جاۋاپ تاپالمىغان ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز سورۇننى تەرك قىلىغاچ، قايغۇرغان ھالدا مۇنداق دېگەن ئىدى:

« يەزىد مەسىلىسى مېنى خېلى ئويغا سالدى. بۇ كىشىلەرنىڭ توغرا سۆزلىرىگە جاۋاپ تاپالمىدىم. ئاللاھ مېنى بۇ مەسىلىدە ئەپۇ قىلغاي ».

ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز خارىجىلار بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ سۆھبىتىدىن كېيىن، ئېھتىمالەن قەتئىيلىك بىلەن سىستېمىنىڭ ئاساسى ئۇلىنى نەبەۋى خىلاپەتكە قايتۇرماقچى بولغان ئىدى. خانىدان، بولۇپمۇ ئۆزىدىن كېيىن مىراس يولى بىلەن خەلىپىلىك ماقامىغا كېلىشى بەلگىلەنگەن يەزىد ئەنسىرەشكە باشلىغانىدى.

بۇ سۆھبەت بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى.

ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز سەكراتتىكى ۋاقتىدا يېنىدا تۇرغان خىزمەتچىسى مۇنداق دېگەن:

« مېنى چىقىپ كېتىشكە بۇيرىدى. مەن چىقىپ كېتىۋاتقاندا ئۇ بۇ ئايەتنى ئوقۇغانىدى: » ئەنە شۇ ئاخىرەت يۇرتىنى يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلىشنى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەيدىغانلارغا خاس قىلدۇق! ». قايتىپ كىرگەن ۋاقتىمدا قىبلىگە يۈزلەنگەن ھالدا روھنى تەسلىم قىلغانىدى » ( تابارى، تارىخ، VI/573 ).