زەيد بىن ئەلى

 

ئىمام ئۈستىگە تون كىيىشىنى بىلگەن كىشى ئەمەس، قىلىچ ئوينىتىشنى بىلگەن كىشىدۇر.

زەيد بىن ئەلى

 

ئىمام ئەزەمنىڭ ئۇستازلىرىدىن بولغان زەيد بىن ئەلى، ھەزرىتى ھۈسەيننىڭ نەۋرىسى ۋە ئىمام مۇھەممەد باقىرنىڭ ئىنىسى ئىدى.

ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار فىقھى ئالىملىرىدىن بىرى بولغان زەيد بىن ئەلى بۈگۈنمۇ داۋام قىلىۋاتقان زەييىدىيە پىرقىسىنىڭ ئىمامى ئىدى.

ھىجرى 120 – يىلىدا، ھىشام بىن ئابدۇلمەلىكنىڭ ئىراق ۋالىيسى ھەققىدە ئاچقۇزغان سوتىغا شاھىت بولۇش باھانىسى بىلەن زەيىد بىن ئەلى مەدىنىدىن كۇفەگە چاقىرتىلىدۇ. خائىنلىقنىڭ ئۆرنەك شەھرى بولغان كۇفە ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقى خەۋرى بىلەن تەۋرەپ كەتكەنىدى. ئۇزۇن بىر مۇددەتتىن كېيىن ئەھلى بەيتنىڭ ھۆرمەتلىك ئىسىملىرىدىن بىرى، ئەھلى بەيتنىڭ ئەشەددى خائىنلىرى ۋە سادىق دوستلىرىمۇ بار بولغان كۇفە شەھرىگە كەلگەن ئىدى. ئۇ تۇرۇۋاتقان ئۆي زىيارەتچىلەر بىلەن تولۇپ – تاشقان بولۇپ، بىر مۇنچە كىشىلەر ھەر دائىمقىدەك تەييارلىققا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. سەلتەنەتكە پايدىلىق بولمىغان بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان ھىشام، كۇفە ۋالىيسىگە ئىمام زەئىدنى مەدىنىگە ئەۋەتىشىنى ئەمىر قىلدى. ئۇ قادىسىيەگە يېتىپ كەلگەندە كۇفەلىكلەر ئارقىسىدىن يېتىشىۋېلىپ، ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە كۇفەگە قايتىپ كېتىشىگە قايىل قىلىپ، « بىز مانچىلىك ئادەم. قەسەم قىلدۇق، ھېچكىم ساڭا خائىنلىك قىلمايدۇ » دېگەنىدى. شۇنداقتىمۇ ئىمام زەيدنىڭ گۇمانى تېخى تۈگىمىگەن بولۇپ، ئۇلارغا:

« ئەجدادىمىغا قىلغانلىرىڭلارنى ماڭىمۇ قىلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

كۇفەلىكلەرنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشغا قاراپ، داۋۇد بىن ئەلى ئىمام زەيدنى مۇنداق ئاگاھلاندۇردى:

« جىيەنىم! بۇلار سېنى ئالداۋاتىدۇ. بۇلار سەندىن تېخىمۇ ئەزىز بولغانلارغا خائىنلىق قىلمىدىمۇ؟ چوڭ داداڭ ئەلى بىن ئەبى تالىب بۇلارنىڭ خائىنلىقى تۈپەيلى ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەسەننى چاقىردى ۋە بەيئەت قىلدى، مەدھىيەلەر ئوقۇپ قەسەم ئىچتى. ئاخىرىدا ئۇنىمۇ يالغۇز تاشلاپ قويدى. ھۈسەيىنگىمۇ ئوخشاش شەكىلدە خائىنلىق قىلدى ».

بۇ ئوپئوچۇق ھەقىقەتلەر تۇرسىمۇ، بۇ كىشىلەر ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىشىغا قارىماستىن بۇ يولدا مېڭىشقا مەجبۇردەك، خۇددى شېھىت بولۇشقا مەھكۇم قىلىنغاندەك ئىدى. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە، ئۇلارنىڭ خىيانەت قىلىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان دىيىش خاتا بولغان بولاتتى.

بارچە خەتەرلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، كۇفەلىكلەرگە « ماقۇل » دېگەن زەئىد بىن ئەلى، ئەمدى ھېچ قايتار يولى بولمىغان بىر يولدا ئىدى.

تەييارلىقلار باشلانغان بولۇپ، سۆزىدە تۇرۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە ئەلچىلەر يوللىغان ئىدى. ئىمام ئەزەممۇ قىيامغا دەۋەت قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى. ئەبۇ ھەنىفە ئىمام زەيدنىڭ ئەلچىسىنى ھۆرمەت بىلەن قارشى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن ئىدى:

« ئەگەر بۇ كىشىلەرنىڭ ئەجدادى ھۈسەيىننى تەرك قىلغاندەك، ئۇنىمۇ يېرىم يولدا تاشلاپ كەتمەيدىغانلىقىڭلىدىن خاتىرجەم بولغان بولسام، ئۇنىڭغا قوشۇلاتتىم، ئۇنىڭ ئارقىسىدا جىھاد قىلغان بولاتتىم. چۈنكى ھەقىقىي ئىمام ئۇ ئىدى. لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆزىگە قوشۇلغانلارنى قوغدىسۇن ۋە قوللىسۇن دەپ مېلىم بىلەن ياردەم قىلدىم ».

ئەبۇ ھەنىفە بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن ئەلچىگە تاپىلاپ:

« ئۆزرەمنى ئىمامغا يەتكۈز! » دېدى.

ئۇ مانا بۇ ئەلچى ئارقىلىق ئىمام زەيدىكە ئون مىڭ دەرھەم ئەۋەتكەن ئىدى. ئىمام زەيد قىيامنى باشلىغاندىن كېيىن ئىمام ئەزەم مۇنداق دەيدۇ:

« ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاللاھ رەسۇلىنىڭ بەدىردىكى سۆزى بىلەن ئوخشاش ئىدى. يېنىمدا كىشىلەرنىڭ ئامانىتى بولمىغان بولسا ئۇنىڭغا قاتناشقا بولاتتىم. بۇ ئامانەتلەرنى ئىبنى ئەبى لەيلاغا بېرىشنى ئويلىدىم، قوبۇل قىلمىدى. مەسئۇلىيەت بىلەن ئۆلۈشنى خالىمايمەن » ( 71. قەردەرى، مەناقىبۇل ئىمامۇل ئەزەم يەنى ئىمام ئەزەم مەنقىبىسى، بەت. 267؛ مەككى، مەناقىبۇ ئەبۇ ھەنىفە. يەنى ئەبۇ ھەنىفە مەنقىبىسى، بەت. 239 ).

ئىمام زەيد، كىشىلەرنى بەيئەت بىلەن ئاستىغا ئىمزا قويۇشى ئۈچۈن ھازىرلىغان قىيام باياناتى مۇنداق ئىدى:

« مەن سىلەرنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا، نەبىنىڭ سۈننىتىگە، زالىملار بىلەن جىھادقا، ئاجىزلارنىڭ ھەققىنى قوغداشقا، يوقسۇللارنى ھىمايە قىلىشقا، فەي (غەنىمەت) نى ئادىل بىر شەكىلدە بۆلۈشۈشكە، ھەققى تارتىۋېلىنغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ھەققىنى قايتۇرۋېلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلىمەن ».

بۇ ئەھدىگە « ماقۇل » دېگەنلەرنىڭ قولىنىڭ ئۈستىگە قولىنى قويۇپ مۇنداق دېدى:

« ئاللاھنىڭ ئەھدى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەھدى ۋە زىممىتى سېنىڭ ئۈستۈڭدىدۇر » ( 72. تابەرى، تارىخ، VI/170  ).

ئىمام زەيد، قوزغىلىڭىغا قارىتا بىپەرۋالىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان ۋە بۇنىڭغا ئۆزرە سۈپىتىدە كۇفەلىكلەرنىڭ خىيانىتىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن جافەر سادىققا مۇنۇ سۆزلەر بىلەن جاۋاپ بېرىدۇ:

« ھېچكىم بىز بىلەن كەلمىگەن تەقدىردىمۇ، مەن ۋە ئوغلۇم ئىككىمىز يەنىلا قوزغىلاڭ كۆتۈرەتتۇق. ئىمام ئۈستىگە تون كىيىشىنى بىلگەن كىشى ئەمەس، قىلىچ ئوينىتىشنى بىلگەن كىشىدۇر ».

بىر چاقىرىق ئىپادىسى بولغان بۇ سۆزلەر ئىمام جافەرنىڭ ئۇنىڭ قىيامىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يەتمەيتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: « تاغلار ئۇلارنىڭ ( ئەمەۋىلەرنىڭ ) ئالدىنى توسقان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ كۈچى تاغلارغىمۇ يېتىدۇ ». كۆزى ئەمەۋى زۇلمىدىن مۇشۇنداق قورققان ئىمام جافەرنىڭ بۇ مۇئامىلىسىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن بىر گۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ « ئىسمائىلىييە » پىرقىسىنى تەشكىل قىلغان ئىدى. ھازىرقى كۈنىمىزدىمۇ، ئىمامىييە شىئەسىمۇ « غۇلات » دەپ قارىغان بۇ گۇرۇھنىڭ سىيونىستلارنىڭ ۋە جاھانگىرلارنىڭ خىزمىتىدىكى سىياسى ئېغىشى، ئۈممەتكە ئەقىدىۋى ئېزىشتىنمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن ئىدى.

ئىمام زەيد بىلەن جافەر سادىق ئارىسىدىكى سوغۇقلۇق بۇ نوقتىلاردىلا قالماستىن، بۇ ھالەتنى ئۆز پايدىسىغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلىغان ھىشامنىڭ ھىيلە – مىكرى بىلەن، ئىمام زەيدكە بەيئەت قىلغان بىر گۇرۇپ، « ئىماملىق، مۇھەممەد باقىردىن كېيىن زەيدنىڭ ئەمەس جافەر سادىقنىڭدۇر » دېيىشى بىلەن بەيئەتلىرىنى بۇزۇپ خائىنلىق قىلغانلار سېپىغا قوشۇلدى. بۇ ئىش قاتتىق كۆڭلىگە كەلگەن ئىمام زەيد مۇنداق دېگەن ئىدى:

« رافىزىلەرنىڭ بىزگە قىلغىنىنى، خارىجىلەرمۇ، قېنىمىزنى تۆككەن ئەمەۋىيلەرمۇ قىلمىغان ئىدى ».

ئىمام زەيد تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، ھاكىمىيەتمۇ بوش تۇرمىدى. ئۇنى ئۆيىدە ساقلىغان كىشىنى تۇتقۇن قىلغان كۇفە ۋالىيسى يۈسۈپ، زەيدنى تەسلىم قىلمىسا ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەسلىدە ھاكىمىيەتنىڭ تاكتىكىسى، شەرت – شارائىتنىڭ تېخىمۇ ياخشى پىشىپ يېتىلىشىگە پۇرسەت بەرمەستىن، ئىمام زەيدنى بالدۇرراق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە مەجبۇرلاش ئىدى. ئىش ئۇلار ئارزۇ قىلغاندەك بولدى. ئىمام زەيد تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئەنسىرەپ، بەيئەت قىلغانلارنى قىيامغا تەييار بولۇشقا چاقىرغان مۇشۇنداق نازۇك بىر پەيىتتە، كۇفەلىكلەردىن باشقا بىر گۇرۇھنىڭ ۋەكىللىرى كېلىپ خىيانەتلىرىگە باھانە ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇنداق مۇنازىرە بولۇپ ئۆتتى:

–  ئاللاھ سېنى كەچۈرسۇن، ئۆمەر ۋە ئەبۇ بەكىر ھەققىدە نېمە دەيسەن؟

– ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن ۋە ئۇلارنى كەچۈرسۇن. ئەھلى بەيتىمدىن ئۇلار ھەققىدە ياخشى سۆز قىلىمىغان ۋە ئۆزىنى ئۇلاردىن ئۇزاق تۇتقان ھېچكىمنى كۆرمىدىم.

– ئۇنداقتا، ئەھلى بەيتنىڭ قېنىنى كىمدىن ۋە نېمىشقا تىلەيسەن؟ ھەققىڭلارنى قولۇڭلاردىن ئۇلار تارتىپ ئالمىدىمۇ؟

– مېنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىم مۇنداق: ئاللاھ رەسۇلىدىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنى يېتەكچىسى بولۇشقا ئۇنىڭ ئەھلى بەيتى تېخىمۇ لايىق ئىدى. بىراق قەۋم بۇ ھەقنى بىزگە بەرمىدى. بىزنى ئۇنىڭدىن يېراق تۇتتى. ئەمما بۇ ئۇلارغا تىل تەككۈزۈشنى تەقەززا قىلمايدۇ. ئەبۇ بەكىر ۋە ئۆمەر باشقۇرغان ۋاقىتلاردا خەلق ئارىسىدا ئادالەتنى يولغا قويدى. قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن ئەمەل قىلدى.

– ئۇلار سىلەرگە زۇلۇم قىلمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار ئۇنداق قىلمىغان بولسا، سەن نېمىشقا ساڭا زۇلۇم قىلمىغان بىر قەۋمگە قارشى ئۇرۇش قىلىسەن؟

– بۇلار ئۇلاردەك ئەمەس. چۈنكى بۇلار ماڭا، سىلەرگە ۋە ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. بىز پەقەتلا سىلەرنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا، رەسۇلىنىڭ سۈننىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا، بىدئەتلەرنى يۇقۇتۇشقا چاقىرىق قىلىمىز. ئەگەر بىزنى قوبۇل قىلساڭلار بەخىتلىك بولىسىلەر. ياق، دەپ يۈز ئۆرىسەڭلار، مەن ۋەكىلىڭلار ئەمەس.

كۇفەلىكلەر، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئويلىمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئەسھابىغا ھاقارەت قىلغۇزالمىغاندىن كېيىن بەيئەتلىرىنى بوزدى ۋە ئۇنى تەر ئەتتى ( تابارى، تارىخ VII/180,181 ).

ئارقىمۇ – ئارقا قىلىنغان بۇ خائىنلىقلار ۋە كېلىشمەسلىكلەرنىڭ پېشىدىن كېيىن، قوزغىلاڭ ئىشارىتىنى بەرگەن ئىمام زەيد ھېچ كۈتمىگەن بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلدى: بەيئەت قىلغان يۈز مىڭغا يېقىن كىشىلەردىن سەھەردە پەقەت 218 كىشى قېلىپ قالغان ئىدى. بۇ قەدەر بولار دەپ ئۆزىمۇ ھېچ ئويلاپ باقمىغان بولسا كېرەك، « سۇبھانەللاھ! بۇ كىشىلەر نەردە؟ » دەپ سورىدى. كۇفە ۋالىسىنىڭ بىر چاقىرىق بىلەن بارلىق خەلقنى مەسچىتكە يىغىۋالغاندىن كېيىن، ئىشىك – دەرۋازىلىرىنى تاقىۋالغانلىقى خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، « ياق! ۋەللاھى بۇ، بىزگە بەيئەت قىلغانلار ئۈچۈن بىر باھانە بولالمايدۇ » دەيدۇ.

ئىمام زەيد بىلەن بىرگە كەلگەنلەر مەسجىدكە يۈزلىنىدۇ. ئۇلار تېخى ئۇ يەرگە يېتىپ بارماستىن، شامدىن ئەۋەتىلگەن قوشۇن بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالىدۇ. بۇ بىر ئۇچۇم ئىنسان چوڭ قوشۇن بىلەن ئاخشامغىچە ئېلىشىدۇ. ئەمما ئىمام زەيد بىر ئوق بىلەن يارىلىنىدۇ ۋە بۇ جاراھەت سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتىنى، ھاقارەت قىلىنمىسۇن دەپ خۇپىيانە ھالدا بىر يەرگە كۆمىۋېتىدۇ ۋە ئۈستىدىن سۇ ئاققۇزىدۇ. ئايلار ئۆتكەدىن كېيىن جەسەتنىڭ يېرىدىن خەۋەر تاپقان ھاكىمىيەت، ئۇنى مازاردىن چىقىرىپ قىپ – يالىڭاچ ھالدا ئاسىدۇ. كېسىلگەن بېشى شەھەرمۇ – شەھەر سازايى قىلىنىدۇ. ھىشام ئۆلۈپ ئورنىغا ۋەلىد خەلىپىلىك ماقامىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىمامنىڭ قۇرۇپ كەتكەن جەسىتىگە ئوت قويۇۋېتىدۇ ( تابارى، تارىخ، VII/186-189 ).

سەلتەنەتكە ئۆتەر – ئۆتمەس نەپرىتىنى باستۇرالماستىن، قىلغان تۇنجى ئىشى ئىمام زەيدنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈش بولغان ۋەلىدنىڭ، ئەمەۋى خانىدانلىقى ئىچىدە ئۆزگىچە بىر ئورنى بار. خەلق ئۇنىڭغا « جەببارى ئاند » دەپ لەقەم قويغان ئىدى. بۇ لەقەمنىڭ تىللاردا ئېقىپ يۈرگەن باشقا ھېكايىسىمۇ بار: ۋەلىد بىر كۈنى قۇرئان ئوقۇۋېتىپ ئىبراھىم سۈرىسىدىكى « ۋەھابە كۇللۇ جەببارىن ئانىد  ( … ۋە ئاخىرىدا بارلىق ئۇچىغا چىققان تەرسا نادانلار ھالاك بولدى ) » ئايىتىگە كەلگەندە، « ۋاي! سەنمۇ ماڭغا جەببارىن ئانىد، دەۋاتىسەن ھە؟ » دەپ قۇرئاننى نىشان تاختىسى قىلىپ، ئۇ پارام – پارچە بولغۇچە ياچاق بىلەن ئوققا تۇتىدۇ. بۇ ئىشنى قىلغاچ تۆۋەندىكى مەنادا شېئىر ئوقۇيدۇ:

ۋەدە قىلغان ئۇ كۈنۈڭ ئاللاھقا دېگىنكى،

ۋەلىد مېنى مۇشۇنداق ئوقتا پارچىلىدى دەپ.

مانا بۇ ئادەمنىڭ زامانىدا خۇراساندا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئىمام زەيدنىڭ ئوغلى يەھيا، سەلتەنەت قوشۇنى بىلەن بولغان جەڭدە يېڭىلىپ شېھىت قىلىنىدۇ ۋە جەسىتى جۇرجاندا قوزۇققا قېقىلىدۇ. بۇ جەسەت ئەمەۋىلەر ئاغدۇرۇلغانغا قەدەر ئۇ يەردە تۇرىدۇ. كېيىن خۇراسانلىق ئەبۇ مۇسلىم ئۇنى ئۇ يەردىن چۈشۈرۈپ، جىنازە نامىزىنى ئوقۇپ يەرلىككە قويغۇزىۋەتكەن.

قىيام يەنى زۇلۇمغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئەنئەنىسى، ئىمام يەھيادىن كېيىنمۇ ئۈزۈلۈپ قالماستىن داۋام قىلىدۇ. بۇ ئەنئەنىنىڭ ئۆلمەس ئىسىملىرىدىن بىر قانچىسى ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتەيلى:

جافەر بىن ئەبى تالىبنىڭ نەۋرىسى ئابدۇللاھ، ھىجرىيە 127 – يىلى كۇفەدە سەلتەنەتكە قارشى باش كۆتۈرۈپ چىقتى. مەرۋاننىڭ كۇفە ۋالىسى ئەڭ ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن بۇ قوزغىلاڭنى باستۇردى.

ھارىس بىن سەرىھ ( ۋاپاتى 127 ھىجرىيە ) ھىشام بىن ئابدۇلمەلىككە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. بۇ قوزغىلاڭ بارلىق ئېقىملارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ھەتتا سەلتەنەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈممەتنىڭ مەنپەئەتىدىن ئەۋزەل بىلگەن ئەييامجى مۇرجىلەردىن ئەمەس، سەلتەنەتنىڭ جىزىيە كىرىمىنىڭ ئازلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇسۇلمانلىقى قوبۇل قىلىنمىغان « ئىسيانكار مۇرجىئە »دىن بەزىلەرمۇ بۇ قىيامغا قاتنىشىدۇ. ھارىسمۇ ئاخىرىدا مەرۋان تەرىپىدىن دارغا ئېسىلىپ، شېھىتلەر كارۋىنىغا قېتىلىدۇ.

مەنسۇر بىن جۇمھۇر ( ۋاپاتى ھىجرىيە 134 )، مەزلۇملارنى ئەتراپىدا توپلاپ مەرۋان بىن مۇھەممەدكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. ئۇنىڭ قوزغىلىڭى ئۇسۇل جەھەتتىن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ ھاكىمىيەتكە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ قىيامى خېلى ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ. مەنسۇر خەلق ئارىسىدا بىر داستان بولغان ئىدى. قەيەردە زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىرەر كىشى بولسا، ئۇنىڭغا ياردەمگە يېتىشىكەن ۋە زۇلۇم قىلغان كىشىنى ئۆزگىچە ئۇسۇلى بىلەن جازالاندۇرغانىدى. ئەمەۋى سەلتەنىتى يېقىلىپ، ئابباسى سەلتەنەتى باشلانغاندا بۇ قېتىم ئابباسى زالىملىرىغا قارشى كۆرەش قىلغان. كۈچى تۈگىگەندىن كېيىن، خارلىق ئىچىدە ياشىغاندىن ئىززىتى بىلەن ئۆلۈشنى تاللاپ، چېكىنگەن ھىندىستان چۆللىكىدە يوقسۇللۇق ئىچىدە ۋاپات بولغان.

بۇ ئارلىقتا ئەمەۋى سەلتەنەتىدە، ئاقار يۇلتۇز كەبى پارلاپ ئۆچكەن بىر ئەھۋال بولغان. قۇرئاننى ئوققا تۇتقان، كەبىنىڭ تېمىدا شاراپ ئىچىپ چۈش كۆرگەن، ۋالىيلىق ماقامنى كىم ئاشتىغا ساتماقچى بولغان ۋەلىد بىن يەزىدنىڭ زۇلمىغا، زىندىقلىقىمۇ قوشۇلۇشى بىلەن شام خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۇنى تەخىتتىن چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دۇرۇس ۋە ئادىل بىر ئىنسان بولغان يەزىد بىن ۋەلىدنى چىقىرىدۇ. ئۇمۇ II. مۇئاۋىيە ۋە ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزگە ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ. يەزىد بىن ۋەلىد ئالتە ئاي خەلىپە بولۇپ ( ھىجرىيە 126 ) ئۆلگەندىن كېيىن، ھەر ئىش يەنە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىدۇ.