ئابدۇللاھ بىن زۇبەيىر

 

ئى بالام، سېنى ھەق ئۈستىدە دەپ بىلىمەن. ئەگەر سەنمۇ ھەق ئۈستىدە دەپ ئويلىساڭ، توختىما، يولۇڭغا داۋام قىلىۋەر. سېنىڭ سادىق دوستلىرىڭ بۇ يولدا ئۆلدى. بوينۇڭدىن خاتىرجەم بولۇپ، ئۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئويلىمىغىنكى، ئۇمەۋىييە ئوغۇللىرى ئۇنىڭ بىلەن ئويناشمىسۇن. ئەگەر دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى سەلتەنىتىنى ئارزۇ قىلغان بولساڭ، ئۇنداقتا سەن ناھايىتى ناچار بىر بەندە بولغان بولىسەن. بۇ ئۆزەڭنى ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەرگە بىھۇدە قۇربان قىلغانلىقتۇر.

ئەسما بىنتى ئەبى بەكىر

 

يەزىدنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ماغدۇرسىزلانغان ھاكىمىيەتنىڭ بۇ يوچۇقىدىن پايدىلانغان ئابدۇللاھ بىن زۇبەيىر، خىلاپەت ماقامىغا ئۇمەييە ئوغۇللىرىدىنمۇ بەكرەك لايىق دەپ قارىلىپ، مەككە ۋە مەدىنە خەلقى تەرىپىدىن خەلىپىلىككە سايلاندى.

يەزىدنىڭ قوشۇنلىرى كەبىنى چىقىپ تاشلىغاندا، كەبىنى باشتىن – ئاياغ يېڭىدىن سالدى، بۇ ئەسنادا ئۆزىمۇ بىر قوللۇق ئىشلىدى. قەتلىئام ئاچقان جاراھەتلەرنى تېڭىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە ئۆز ئار ياردەملىشىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ ئىجابى خىزمەتلىرى خەلقنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. شەھەلەر بىر – بىرلەپ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەمەۋىي ۋالىيلىرى ئورنىنى ئابدۇللاھ بىن زۇبەيىرنىڭ ۋالىيلىرىغا تەرك ئېتىشكە باشلىغانىدى. شامنىڭ بىر قىسمىدىن باشقا، مىسىر قاتارلىق جايلاردا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئابدۇللاھ بىن زۇبەيىرگە بەيئەت قىلغان ئىدى.

مەرۋان بىن ھەكەم خەلىپىلىك دەردى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى بىلەن ئىسيان كۆتۈرۈپ، شامدىن مىسىرغىچە بولغان جايلارنى ئىشغال قىلدى. مەرۋان ئۆلگەندىن كېيىن، ھىجرى 67 – يىلى ئابدۇلمەلىك بىن مەرۋان ئۇنىڭغا ئورنىغا ۋارىس بولدى. ئۆزىگە سەلتەنەتنىڭ يېڭى ساھىپى بولغانلىق خەۋرى كەلگەندىن كېيىن، ئوقۇپ ئولتۇرغان قۇرئانغا « بۇ سەن بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىشىمىز » دېگەن ئابدۇلمەلىك، ئابدۇللاھ بىن زۇبەيرنىڭ كۇفە ۋالىيسى ۋە قېرىندىشى مۇسئاب بىن زۇبەيىرنى قەتلى قىلىپ كۇفەگە كىردى. بۇ مەغلۇبىيەت، ئىبنى زۇبەيىر خەلىپىلىكىنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى.

سەلتەنەتنىڭ ئاخىرقى ساھىپى ئابدۇلمەلىك، ئۇ دەۋرنىڭ بارماق بىلەن سانالغۇدەك فىقىھ ئالىملىرىدىن بىرى بولۇپ، سەلتەنەت تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ دەۋرنىڭ ساناقلىق زالىملىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. ياش ۋاقتىدا يەزىدنىڭ كەبىنى مەنچاناق تاش يامغۇرىغا تۇتىشىغا قارشى سۆز قىلغان بۇ ئادەم، تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇ ئىشنى ئۆزى قىلىپ، مەشھۇر زالىم ھەججاجنى مەككىنىڭ ئۈستىگە مۇسەللەت قىلدى.

ھەججاج مەككىگە ھەج مەۋسۈمىدە ھۇجۇم قىلدى. ئابدۇللاھ بىن زۇبەيىرنىڭ مۇداپىئەسى ئالتە ئاي ئون يەتتە كۈن داۋاملاشتى. خارىجى چۈشەنچىنى ياقتۇرغان مەككىلىكلەر بىر ۋاقىتلاردا ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ھەزرىتى ئوسمان ھەققىدە ئىجابى قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇنى تەرك ئېتىشتى.

بۇ نوقتىدا، ئۇمەييە ئوغۇللىرىنىڭ ھەزرىتى ئوسماننىڭ شاھادىتىنى بازارغا سېلىپ تۇرۇپ، سەلتەنەتلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشىشى ئۈچۈن بىر ئالدامچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇمەييە سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلغانلار ھەزرىتى ئوسماننىڭ ھەقىقى دوستلىرى ئىدى.

ئابدۇللاھ بىن زۇبەير، ھەججاجنىڭ ھېچقانداق ئۇلۇغلۇق ۋە مۇقەددەسلىك تونۇمايدىغان ھۇجۇملىرىغا ئاداققىچە قارشى تۇردى. ئەتراپىدىكى ئادەملەر ئۇنىڭ يېڭىلىدىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، قەسەملىرىنى بۇزۇپ، ئون مىڭغا يېقىن كىشى ھەججاجقا تەسلىم بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئامانلىق تىلىگەنىدى. بۇ ۋاقىتتا ئىبنى زۇبەيىرنىڭ كۆڭلىنى ھەممىدىن بەك يېرىم قىلغان مۇنداق ئىش بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە ئايالىمۇ ئۆلۈمدىن قورقۇپ، ھەججاجنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن ئامانلىق تەلەپ قىلغان ئىدى…

ئىماملار ۋە سۇلتانلار كۆرىشىدە زۇلۇمغا قارشى سەپ تۇتقان بۇ ئېسىل ئادەم، ھەم دادا ھەم ئانا تەرەپتىن نەسەپلىك بىر ئائىلىنىڭ ئوغلى ئىدى. دادىسى جەننەت بىلەن خوشخەۋەر بېرىلگەنلەردىن زۇبەيىر بىن ئاۋۋام، ئانىسى بولسا ئىسلامى ھەرىكەت تارىخىنىڭ ئەڭ جەسۇر خانىملىرىدىن ھەزرىتى ئەسما ئىدى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ قىزى بولغان ھەزرىتى ئەسماغا ئاللاھ رەسۇلى زاتۇننىقاتەين ( قوش نەسەپلىك ) دېگەنىكەن، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىسىم بىلەن چاقىرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئابدۇللاھ بىن زۇبەيىرنىڭ سەلتەنەتكە قارشى ئېلىپ بارغان ئۆمۈرلۈك كۆرەشلىرىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، ئەسلىدە بۇ قەھرىمان ئىسلام ئايالى ئىدى. يېشىنىڭ چوڭيىپ قېلىشىغا قارىماستىن، ئوغلىنىڭ بۇ كۆرىشىنى ئاداققىچە قوللاپلا قالماي، تەرغىپ قىلغان، ئۈندىگەن ئىدى.

ھاياتتىكى ئەڭ كاتتا بايلىقى بولغان ئوغلىنى ئاللاھقا ئاتىغان بۇ قەھرىمان ئانا بىلەن، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ماقامىدا، ئۇنىڭ رولىنى كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى ئاللاھقا ئاتىغان ۋە ئۇ يولدا ئۆلگەن ئوغلى ئارىسىدا ئۆتكەن ئەڭ ئاخىرقى كېچە، ئەڭ ئىشەنچىلىك رىۋايەتلەر بىلەن تارىخقا يېزىلغان ئىدى.

بۇخارىمۇ شۇنىڭغا ئوخشىغان بىر ئىپادە بىلەن نەقىل قىلغان، ھەتتا ئۆز ئەۋلادىمۇ تاشلاپ كەتكەن دادا بىلەن، ئوغلىنى ئۆلۈمگە ئەۋەتكەن بىر ئانىنىڭ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئاخىرقى كېچىسى مۇنداق بايان قىلىنغان:

« ئىبن زۇبەيىر، كىشىلەرنىڭ ئۇنى يالغۇز تاشلاپ كېتىپ قالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئانىسى ئەسمانىڭ يېنىغا بارىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇنداق بىر دىئالوگ بولۇپ ئۆتىدۇ:

– ئى ئانا، ئوغلۇم ۋە ئائىلەم مېنى يالغۇز تاشلاپ كەتتى. ھازىرغىچە مېنى تاشلاپ كەتمىگەنلەر بىر سائەتتىن كېيىن، ئۆزىنى قوغدىيالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ماڭا قارشى ئۇرۇشقان بۇ قەۋم، ( خەلىپىلىكتىن ۋاز كەچكەن ۋاقتىمدا ) مەن خالىغان دۇنيالىق نەرسىنى ماڭا بېرىشكە ۋەدە قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا سېنىڭ كۆز قارىشىڭ قانداق؟

– ئى بالام، سېنى ھەق ئۈستىدە دەپ بىلىمەن. ئەگەر سەنمۇ ھەق ئۈستىدە دەپ ئويلىساڭ، توختىما، يولۇڭغا داۋام قىلىۋەر. سېنىڭ سادىق دوستلىرىڭ بۇ يولدا ئۆلدى. بوينۇڭدىن خاتىرجەم بولۇپ، ئۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئويلىمىغىنكى، ئۇمەۋىييە ئوغۇللىرى ئۇنىڭ بىلەن ئويناشمىسۇن. ئەگەر دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى سەلتەنىتىنى ئارزۇ قىلغان بولساڭ، ئۇنداقتا سەن ناھايىتى ناچار بىر بەندە بولغان بولىسەن. بۇ ئۆزەڭنى ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەرگە بىھۇدە قۇربان قىلغانلىقتۇر. ئەگەر « مەن ھەق ئۈستىدە، ئەمما دوستلىرىم بوشىشىپ مېنى تەرك قىلسا ئاجىزلاپ قالىمەن » دېسەڭ، بىلگىنكى بۇ ھۆر ئىنسانلار ۋە ئاللاھ يولىنىڭ يولۇچىلىرى سېغنىدىغان بىر باھانە ئەمەس. بۇ دۇنيادا ياشىساڭ، يەنە قانچلىك ئۇزۇن ياشايدىغانسەن؟ زىللەت ( خالىق ) بىلەن ياشىغاندىن، ئىززەت بىلەن ئۆلگەن ئەۋزەل ».

ئىبنى زۇبەيىر ئانىسىغا يېقىنلىشىپ ئۇنى قۇچاقلىدى ۋە پېشانىسىگە سۆيۈپ مۇنداق دېدى:

– ۋەللاھى بۇ كۆز قارىشىڭ دەل مېنىڭ كۆز قارىشىمدۇر. بۈگۈنگىچە بولغان دەۋىتىمدە دۇنياغا ھېچ مايىل بولمىدىم، ئۇنىڭدىكى ھاياتنى ياخشى كۆرمىدىم. مېنى بۇ ئادەملەرگە قارشى كۆرەشكە ئاتلاندۇرغان ھاراملارنىڭ ھالال قىلىنىشى تۈپەيلى ئاللاھ ئۈچۈن ئۇلارغا غەزەپ قىلىشىم بولدى. ئەمما مەن سېنىڭمۇ كۆز قارىشىڭنى ئاڭلاپ باقاي دېدىم. كۆزۈمگە كۆز نۇرى قاتتىڭ.

– ئى ئانا، ماڭا قارا! مەن ئەمدى بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئۆلۈك، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلۈڭنى بەك يېرىم قىلمىغىن. ئىشلارنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلغىن. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ ئەۋلادىڭ بىلىپ تۇرۇپ بىرەر يامان ئىش قىلمىدى. ئوچۇق گۇناھ بولغان ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىغا قارشى بىر ئىش قىلمىدى. ۋەدىسىنى بۇزمىدى، مۇسۇلمانلارغا ياكى مۇئاھىدلارغا ( سۈلھى تۈزۈشكەن غەيرى مۇسۇلمانلار ) بىلىپ تۇرۇپ زۇلۇم قىلمىدى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ قول ئاستىدا بولغان ۋالىيلار ۋە مەمۇرلارغىمۇ زۇلۇم قىلمىدى. ئەگەر زۇلۇم قىلغان بولسا، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتتى.

ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقا ھېچقانداق بىر نەرسە تەلەپ قىلمىدىم. ئەي ئاللاھىم، بۇنى نەفسىمنى پاكلاش ئۈچۈن سۆزلىمەيۋاتىمەن. سەن مېنى مەندىن تېخىمۇ ئوبدان بىلىسەن. بۇلارنى پەقەت ئانامنىڭ تەسەللىسى تېپىشى ۋە مۇسىبەتكە بەرداشلىق بېرىشى ئۈچۈن ئېيتىۋاتىمەن.

ئانىسى مۇنداق دېدى:

– ئەگەر سەن، مەندىن بۇرۇن ئاللاھقا كېتىپ قالساڭ، سەن توغرۇلۇق سەبرىمنىڭ گۈزەل بولىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئۇنداق بولماي، ئەگەر مەن سەندىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتسەم، ھەسرەت مەن بىلەن كېتىدۇ. ئەمدى چىققىن، قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭغا بىر قاراپ باقاي.

-ئاللاھ سېنى خەيىر بىلەن مۇكاپاتلىسۇن. مەن ئۈچۈن دۇئا قىلىشتىن توختاپ قالما!…

– سەن باتىل ئەمەس، ھەق ئۈستىدە ئۆلتۈرۈلىۋاتىسەن… ئاللاھىم! بۇ ئۇزۇن قىيام كېچىسى بويىنچە رەھمەت ياغدۇرغىن. بۇ قىيام مەككە ۋە مەدىنە خەلقىنىڭ ئۇسسۇزلىقى ۋە پەريادىدۇر. ئەي ئاللاھىم! ئۇنىڭغا دادىسى ۋە مەن ئارقىلىق ئىھساندا بولغايسەن. ئاللاھىم! ئۇنى، سېنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدىكى ئەمرىڭگە تەسلىم قىلدىم ۋە سېنىڭ ھۆكمىڭگە رازى بولدۇم. ئابدۇللاھ ئۈچۈن مېنى سەبىر قىلغانلارنىڭ، شۈكۈر قىلغانلارنىڭ ساۋابى بىلەن ساۋاپقا ئېرىشتۈرگىن » ( تابارى، تارىخ، VI/188 ).

ئابدۇللاھ بىن زۇبەيىر ئانىسىنىڭ يېنىدىن چىققاندىن كېيىن، ھەرەم مەسچىتىدە بىر قانچە سادىق ئادەملىرى بىلەن بامدات نامىزىنى ئوقۇدى. بىردەمدىن كېيىن ھەممىسى شەھىت قىلىنىدىغان بۇ جانلىق شېھىتلەر يۈزلىرىنى ئېچىپ ئۆز ئارا تەكرار – تەكرار بېقىشتى. كەبىگە تەخمىنەن 500 مېتىرلىق ئۇزاقلىقتىكى ھاجۇن مەۋقىسىدىكى مەنچاناق بىلەن ئېتىلغان تاش ئۇلارغا تېگىپ شېھىت قىلىندى. ( ھىجرى 73 ) ھەججاجنىڭ سەركەردىسى تارىق، ئۇنىڭ بۇ تىللارغا داستان بولغۇدەك جەسۇرلىقى ئالدىدا، « ئانىلار مۇنداق بىر يىگىتنى تېخى تۇغمىغان ئىدى » دەپ سېلىشتىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى.

قۇماندانلاردىن ئابدۇللاھ بىن سافۋان ۋە ئامارەت ئىبنى ھازىم بىلەن بىرلىكتە ھەزرىتى ئابدۇللاھنىڭمۇ كاللىسى كېسىلىپ ئابدۇلمەلىككە ئەۋەتىلدى. ھەججاج كۆمۈلىشىگىمۇ رۇخسەت قىلمىغان يالىڭاچلانغان جەسەتلىرى، ھاقارەت بولسۇن دەپ قۇللارغا سۆرىتىلىپ سەل تېغىدىكى يەھۇدى مازارلىقىغا تاشلىۋېتىلدى.

ھەزرىتى ئەسما، ئوغلىنىڭ باشسىز جەسىتىنى يىراقتىن كۆرگەندىن كېيىن، مەككىگە مۇزەپپەر بىر قۇماندان سۈپىتىدە كىرگەن ھەججاجنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ مۇنداق ۋارقىرىدى:

« سەن ئۇنىڭ بۇ دۇنياسىنى ۋەيران قىلدىڭ؛ ئەمما ئۇمۇ سېنىڭ ئاخىرىتىڭنى ۋەيران قىلدى! ».